مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » كۆڭۈلدىكى سۆز » توردىن ئالغان تەسراتىم (جاللات خېنىم )
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
jallat~henim
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


تىزىم نۇمرى : 5246
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 45
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
شۆھرىتى: 83 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 387 سوم
ياخشى باھا: 87 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:38 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

12 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-11-21
يېقىندا كىرگەن:2008-12-31

 توردىن ئالغان تەسراتىم (جاللات خېنىم )

1
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
تېما باشقۇرغۇچى Misran تەرپىدىن نادىرلاندى. (2008-11-22)
تورداشلىرىڭىزنى ئەسلىيەلەمسىز ؟!
توردىن ئىبارەت بۇ غايىۋى دۇنياغا قەدەم باسقىنىمغىمۇ سەككىز يىلدىن ئېشىپ قاپتۇ . بۇ جەرياندىكى شېرىن ئەسلىمىلەر مېنى بەزىدە تاتلىق كۈلدۈرسە ، بەزىدە ئىچىمنى ئاچچىق قىلىدۇ .
تۇنجى توردىشىمنى ئەسلەش مەن ئۈچۈن ئەڭ خۇشاللىنارلىق بىر ئىش. ئىككىمىز تەڭ دېمەتلىك بۇلۇپ، ئۇ باشقا بىر شەھەردىن ئىدى. ئىككىمىزنىڭ قىسمىتىدىكى ئوخشاشلىقتىنمۇ ئىشقىلىپ، پىكىر بىرلىكىمىز بارئىدى . ئىككىمىز ساق بەش يىل خەت-ئالاقە قىلىشتۇق . ھەر يىلى ھېيت -بايرام بولغاندا، ئۇ ماڭا تېلفۇن قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى . تۇغۇلغان كۈنۈم ۋە يېڭى يىل كۈنى كەچ سائەت 12 بولغاندا مەن
ھەرقېتىم تۇنجى بۇلۇپ ئۇنىڭ تەبرىكىنى تاپشۇرىۋالاتتىم . ئۇنىڭ ماڭا يازغان ئۈچىنچى پارچە خېتى يۈرىكىمنى ھازىرغىچە ئاجايىپ بىر شېرىن ھېسلارغا سالىدۇ . گەرچە خېتىمىزنىڭ مەزمۇنى مۇھەببەت تېمىسىدىن خالىي بولسىمۇ ، ئەمما ،ئۇنىڭ ئۈچىنچى پارچە خېتىدە بىللە ئەۋەتكەن بىر تال قىپقىزىل قۇرۇتۇلغان ئەتىرگۈل مېنى بەكلا خۇش قىلىۋەتكەنىدى . ئەمما مېنىڭ پۇشايمان قىلىدىغىنىم ، مەن ئۇنىڭغا بىرەر قېتىم تېلفۇنمۇ قىلىپ باقمىغانىدىم .
ئىككىنچى توردىشىم : ئۇمۇ باشقا شەھەردىن بۇلۇپ مەندىن نەچچە ياش چوڭ ئىدى. خىزمىتى شۇنداق ئالدىراش بولسىمۇ تورغا چىقىپ مەن بىلەن پاراڭلىشىشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش مەن ئۈچۈن ئەڭ كۆڭۈللۈك بىر ئىش ئىدى. ئۇنىڭ يۇمۇرىستىك گەپلىرى مېنى كۈلدۈرۈپ، بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇلدۇراتتى. ئۇ پەقەت توردىلا شۇنداق يۇمۇرىستىك ئىدى ، تېلفۇندا دۇدۇقلاپ قەتئىي گەپ قىلالمايتتى. ئۇ ھەركۈنى كەچتە چاقىرغۇمغا سۆز قالدۇراتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ قالدۇرغان سۆزىنى كۆرگەندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇخلاپ قالاتتىم . لېكىن بىر يىلدىن كېيىن مەن
ئۇنى تور دۇنياسىدا يۈتتۈرۈپ قويدۇم .
ئۈچۈنچى توردىشىم : ئۇ ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ، باشقا شەھەردىن . مەن ھازىر ئىشلىتىۋاتقان QQ رىمنى ئۇ ماڭا بەرگەن . ھازىرغىچە بىر-بىرسىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ ،ئىزدىشىپ ئۆتىۋاتىمىز .
تۆتىنچى توردىشىم : ئۇ مەن بىلەن بىر يۇرتلۇق بۇلۇپ، لېكىن ئىچكىرىدە تىجارەت قىلاتتى. ئىككىمىز تۇنۇشقان چاغلار مېنىڭ تازا ئۇيقۇم بۇزۇلغان ۋاقىتلار بولغاچقا ، كۆپىنچە تورغا كېچىلىرى چىقاتتىم . ئەمما ئۇ مېنىڭ كېچىسى تورغا چىقىشىمغا قارشى ئىدى .شۇڭىمۇ ھەركۈنى كەچتە ئۇ ياتىقىمغا تېلفۇن قىلىپ تېلفۇندا ناخشا ئېيتىپ بېرەتتى. بەزىدە يېرىم كېچىلەردە ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغاچ تېلفۇننى تۇتقان پېتى ئۇخلاپ قالاتتىم ،بەزىدە ناخشا ئاڭلاپ تاڭمۇ ئېتىپ كېتەتتى، ئۇ زېرىكمەيتتى. ئۇ پەقەت بىرلا جۇملىنى تەكرارلايتتى< مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم، سىزنىڭ كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرىشىڭىزنى توسۇش ئۈچۈن، بۇ سالامەتلىككە زىيانلىق. ئۇيقۇڭىز كەلمىگەندە مەن ناخشا ئېيتىپ بېرەي ، سىز خۇش بولسىڭىزلا مەنمۇ خۇش > . كېيىن كىچىككىنە بىر خاتالىقىم تۈپەيلى ئىككىمىزنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى .
بەشىنچى توردىشىم : مەن ئۇنى تورداشلىرىمنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئامراق ۋە ئەڭ يېقىن ئادىمىم ھېساپلايمەن .ئۇنى خۇددى ئۆزەمنىڭ ئاكىسىدەك ،بىرەر يېقىن تۇققىنىمدەك ھېس قىلىمەن . ئۇ باشقا شەھەردىن بولغاچقا بىزنىڭ كۆرۈشۈش پۇرسىتىمىز يوق ئىدى. بىر يىلى تۇغۇلغان كۈنۈم بولدى . مەن خۇددى بۇ دۇنيادا ھەممە ئادەمنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندەك ، دوستلىرىم بۇ كۈننى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى .كۆڭلۈم ناھايىتى يېرىم ، ئۆزۈم يالغۇز تورخانىغا كەلدىم . QQ نى ئەمدىلا ئېچىشىمغا ،ئۇ ماڭا خەت يازدى ۋە مەندىن بۇ تورخانىنىڭ ئېنىق ئادرىسىنى سورىدى .
- نىمە بولدى ئادرىسىمنى سوراپ قالدىڭغۇ؟-ئۇنىڭدىن سۇغاقلا قىلىپ سورىدىم.
- قارىسام IP رىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىچۇ ،شۇ سېنى نەدىن تورغا چىقىۋاتىدىكىن دەپ ئەنسىرەپ سوراپ باقتىم .
ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، تېلفۇنۇم سايراپ قالدى .
- كىم ؟
- ھە .. مەن***گۈلخانىسىدىن . مەن ھازىر سىز تۇرۋاتقان تورخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا . بىر ئەپەندىم سىزگە گۈل ئەۋەتكەنىدى.
تېلفۇننى قۇيۇپلا ئىشىك ئالدىغا چىقتىم . يۇغان بىر دەستە ئەتىرگۈل تۇتقان قىزچاق ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى .
- تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن !
ئۇ قىزغا بىرمۇنچە رەھمەتلەرنى ئېيتىپ، گۈلنى ئالدىم . گۈلنىڭ ئارىسىدا بىر تەبرىك ئاتكىرتكىسى تۇراتتى .ئاتكىرتكىنى ئېچىۋېدىم ، يۈز سوم پۇل سېيرىلىپ چۈشتى. تورخانىغا قايتىپ كىرىپ ئۇنىڭغا خەت يازدىم .
-ساڭا نىمە دېيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن . رەھمەت . مەن پەقەت مۇشۇ سۆزنىلا دېيەلەيدىكەنمەن .
- ھا ھا ھا ... سەن خۇش بولدىڭمۇ، ئەگەر خۇش بولساڭلا شۇ كۇپايە. سەن كۈلسەڭ مەن كۈلگەنگە ئوخشاش. سەن باشقىلارنىڭ سېنى تۇيۇقسىز خۇشال قىلىشىنى ياقتۇراتتىڭغۇ . گەرچە ، بۇ گۈلنى مەن ئۆز قۇلۇم بىلەن بېرەلمىگەن بولساممۇ، ئەمما بۇ مېنىڭ كىچىككىنە كۆڭلۈم .
ئۇنىڭ بۇ سۆزىلا مەن ئۈچۈن ھەرقانداق قىممەت سوۋغىدىن ئەۋزەل ئىدى .
ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتۈپ ، مەن ئانچە-مۇنچە مۇنبەر ئارىلايدىغان بولدۇم . كېيىن مۇنبەردە بىرىنى ئۇچراتتىم. ئۇنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى تور دۇنياسىدا تۇنجى بۇلۇپ دىققىتىمنى تارتتى. بەزىدە ئۇنىڭ كىچىك بالىلارغا ئوخشاش ئىنكاسلىرى ئامراقلىقىمنى كەلتۈرسە، بەزىدە پىشقان ئادەملەرنىڭكىدەك تەپەككۇرى ،تەھلىللىرى مېنى قايىل قىلاتتى. مېنىڭ ھەرقانداق بىر سۇئالىم ئۇنىڭ ئالدىدا جاۋاپسىز قالغان ئەمەس ئىدى. مەن ئۇنى ھەرخىل ئوبرازلاردا تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. شۇڭىمۇ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشنى ياقتۇراتتىم. شۇنداق قىلىپ،مەن تور ئۇيۇنلىرىدىن، تۇگىمەس دوستلار يىغىلىشلىرىدىن ئاستا-ئاستا ئۆزۈمنى تارتىپ، مۇنبەرگە باغلاندىم . باشقا دوستلارنىڭ يازمىلىرىغا قاراپ ، مېنىڭمۇ بىر نەرسىلەرنى يېزىپ باققۇم كەلدى. ئانچە-مۇنچە بىرنىمىلەرنى جىجىلاپ ئەسلىمىلىرىمنى يېزىپ قويدۇم . مۇنبەر ھاياتىم مېنى كىشىلىك قەدىر-قىممەت، ھايات توغرىسىدا قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى. ئۆزۈمدىكى ئۆزلۈك ئاڭنى ئىزدەشكە باشلىدىم .
خەير ! ئەگەر ھايات < گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك ، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق، پاكلىق بىلەن چىرىكلىك>بىر-بىرىگە كەسكىن سېلىشتۇرۇلغان ھالدا مەۋجۇت بولسىدى، ياشاش بەكمۇ ئاسانغا توختىغان بۇلاتتى . ئەپسۇسكى ھايات كۆپ ھاللاردا ئۆزىنىڭ ھادىسە بىلەن ماھىيەت ئوخشاش بولماسلىقتەك مۇرەككەپ ، ئارلاشما ھالىتى بىلەن بىزنى ئاچچىق ساۋاقلارغا مۇپتىلا قىلىدۇ . ھاياتتا بىز گۈزەل دەپ قارىغان نەرسىلەر رەزىل ، چىن دېگەن نەرسىلەر ساختا بۇلۇپ قالىدىكەن.

تېما تەستىقلىغۇچى : ARkiN
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-11-21
-سىز كۆرۋاتقان تىما توردىن ئالغان تەسراتىم (جاللات خېنىم ),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
يۈركىم ئۇنتۇپ كەت ئۇ ئازاپلارنى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-21 06:17 PM |
خوتەنخان
*بەخىت*
دەرىجىسى : ئالاھىدە ئەزا


تىزىم نۇمرى : 1627
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 926
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە926دانە
شۆھرىتى: 370 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 3573 سوم
ياخشى باھا: 2477 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:9 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:453 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

87 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-12
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

رەسىم :
ھاياتتا بىز گۈزەل دەپ قارىغان نەرسىلەر رەزىل ، چىن دېگەن نەرسىلەر ساختا بۇلۇپ قالىدىكەن.
  بۇ سۆزىڭىز بەك توغرا ئىيتلغان ....بەك ياخشى يىزىپسىز   ئوقوپ ئىچىگە چۆكۈپ كىتەي دىدىم   بۇنداق ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن دوستۇم.
*ئازاپقا كۈلۈپ باق،سەۋر قىل...سەن ئاجىز ئەمەسسەن!`
ئەگەر ھايات ئالدىسا سېنى،
ھەسرەت چەكمە ،بولما پەرىشان.
تىنىچلانماق لازىم قايغۇدا،
قۇۋناق كۈنلەر كىلىدۇ ھامان.



چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 06:50 PM |
GuZal爱你
مەن ئاي ،  سەن لاي .
دەرىجىسى : مەستانە ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2831
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 737
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە737دانە
شۆھرىتى: 324 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 2476 سوم
ياخشى باھا: 962 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:166 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

34 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-09-14
يېقىندا كىرگەن:2009-01-03

 

سىز  بۇرۇن چ چ  غا  بەك  قىزىقىپ قاپتىكەنسىز ئەمدى مۇنبەرگە بۇتەرپىمىز  ئوخشىشىدىكەن.............مەنمۇ بۇرۇن دائىم تۇردا ئۇيۇن ئوينايتىم ياكى چ چ دا پاراڭلىشاتتىم........مۇنبەرگە باغلىنىپ قالغانلارنى بولسا زاڭلىق قىلاتتىم بىراق بىر كۈنى دۇستۇم مۇنبەرگە كىرەيلى دەپ مىنى مىسىرانىمغا  قىزىقتۇرۇپ قۇيدى........شۇندىن بىرى مىسىرانىمغا باغلىنىپ قالدىم مۇنبەردىكى ھەرخىل قىزىقارلىق ۋە يېڭى نەرسىلەر مىنى رام قىلىۋالدى..........
    يايرىمنىڭ ئېتى لەيلى ،
   ماڭا باردۇر بەك مەيلى .
   ساڭا كۆڭلۈم يوق دىسەم ،
   بىر كۈن سۈردى جەمەتى .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 07:03 PM |
ARkiN
◆ دىـل ئـازار، خـۇدا بىـزار◆
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


تىزىم نۇمرى : 2006
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1874
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1874دانە
شۆھرىتى: 1134 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 7192 سوم
ياخشى باھا: 3342 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:8 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:418 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

22 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-21
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

QQ  دىگەنگە بۇرۇن سەت قىززىقاتتىم بۇرۇن، يى تىيەن يى گې ... دىگەندەك كۈندە بىرى بىلەن تۇنۇشۇپ ئاخىرى يالغۇز قالدىمغۇ مانا ... قىززىق مەنمۇ بۈگۈنگە كەلگەندە مۇشۇ مۇنبەرگە باغلىنىپتىمەن ئويلاپ باقسام ......
__________________________________________________
سىنـى سـۈيـۈشـكە چىـدىـغان يـۈرەك ، سەندىـن ئـايـرىلىشـقىمۇ چـىدايـدۇ !__________________________________________________
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 07:04 PM |
takdirim
مەڭگۈ سەن زادى قانچىلىك يىراقلىقتا؟
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئون بېشى


تىزىم نۇمرى : 115
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1814
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1814دانە
شۆھرىتى: 788 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 6822 سوم
ياخشى باھا: 2498 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:168 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

32 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

ھەممىمىز  ئوخشاشمۇ نىمە ؟    مەنمۇ  شۇ   ئىلگىرى  چ چ  دا  نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپ ، ۋاي  تىلفۇنلىشىپ .......ئەجەپ ئەخمەقكەنمەن        
   ھازىر   چ چ نى ئاچساممۇ گەپ قىلىش خۇش ياقماسلا بوپ قالدى ماڭا .....
  ماڭا  پەقەت  مۇنبەر بولسىلا  بولدى
ئەل سورىسا سىنىڭدىن،
سەن تانمىساڭ مىنىڭدىن.
سويۈپ سىنى بىر ئۆمۈر،
مەڭگۈ  ھەمرايىڭ بولاي.
لىكىن..........................
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 07:10 PM |
سەردار
~ قەلبىمدە سۇنغان ئەتىرگۇل~
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


تىزىم نۇمرى : 1733
نادىر تېما : 27
يازما سانى : 2091
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2091دانە
شۆھرىتى: 1943 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 709 سوم
ياخشى باھا: 4247 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:10 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:582 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

68 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-15
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ئادەمنى چۇشۇنۇش ئۈچۈن بىر ئۆمۇر ۋاقتىمىز ئاز كىلىپ قېلىشى مۇمكىن ~~بىز بۇگۇن قارىساق ئەتىسى باشقىچە تۇرىشىدىكى سەۋەپ ئادەمنىڭ ئۆزگۇرۇشچانلىقىدا شۇنداق ئۆزگۇرۇشچانلىقى نۇرغۇن ئاچارىچىلىقلارنى تۇغدۇرىدۇ ~~ئادەمنى ئازاپقا ئېلىپ بارىدۇ ~~ئەلۋەتتە ئۆزگۇرۇشنىڭ ھەممىسىنى ناچار دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ ~~ھازىر چ چ دا تۇنۇشۇپ  مۇھەببەتلىشىدىغانلار كۆپىيىۋاتىدۇ ~~ئەمما ئىككىسى بىر  يۇتتا بولسا كۆرۇشۇشكە پۇرسەت بولسا بۇ ياخشى ئىش ئەمما كۆرۇشەلمەيدىغان يىراق جايدا تۇرۇپ مۇھەببەتلاشسە بۇ مۇھەببەتكە ھاقارەت كەلتۇرگەنلىك ~~
زىمىستاننى باھار دىگۇڭ بار ،
گۇلۇستاننى خازان دىگۇڭ بار ،
ساڭا بەرسەم بىر  دەريا سۆيگۇ ،
باشقىلارنى ئوكيان دىگۇڭ بار،
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 07:12 PM |
AxIk~UyGuR
دەرىجىسى : قوللىغۇچى ئەزا


تىزىم نۇمرى : 1775
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 170
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە170دانە
شۆھرىتى: 66 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 998 سوم
ياخشى باھا: 794 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:3 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:55 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

35 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-16
يېقىندا كىرگەن:2008-12-31

 

رەخمەت سزگە  بەك ياخشى يېزىپسىز ..............!! سىزنىڭ چ چ دىكى ئىسمىڭىزمۇ جالات خېنىم مۇ ياكى؟؟ ..........................!! مەن مۇشۇنداق ئىسمى بار بىرسىنى كورگەن .......!!!
ئىسىت .......!!سۇيۋالسام بوپتىكەن
بۇشۇكتىكى بوۋاق چىغىدىلا
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 07:13 PM |
HAP死你
دەرىجىسى : قوللىغۇچى ئەزا


تىزىم نۇمرى : 4022
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 235
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە235دانە
شۆھرىتى: 66 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 966 سوم
ياخشى باھا: 275 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:4 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:103 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

37 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-10-24
يېقىندا كىرگەن:2008-12-20

 

جاللات خېنىم سىز نىمانداق چاققان . مەن مۇنبەرنى بىر قېتتىملا ئاتىشىمغا ئەزا بوپ تېخى تېما چىقىرىپمۇ بوپسىز قالتىس جۇمۇ سىز.يەنە بىر مۇنبەردە ئوينايدىغان بولدۇق ھە.
كۈزىگە باقماي .قەلبىگە باق
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 07:15 PM |
ALXIR
مىسرانىم مەستانىسى
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2550
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1083
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1083دانە
شۆھرىتى: 339 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 2590 سوم
ياخشى باھا: 1362 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:7 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:310 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

40 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-09-04
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

  بۇرۇن مەنمۇ چ چ غا شۇنداق قىزقىپ قالغان......  مۇشۇ مۇنبەرگە كىرگەندىن كىيىن چ چ گە ئانچە قىزقىپ كەتمىدىم.....  مۇشۇ مۇنبەر مىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلۋالدى..... بۇنىڭغا كىرىپ دوسلار بىلەن پاراڭلاشسام، كۆڭلۇم شۇنداق ئېچىلىپ قالىدۇ...  دوسلارنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ نەزەر دائىرەممۇ خېلى كېگەيدى.....  جاللات خېنىم ... ئەسەرلىرىڭىز مىسرانىمدىن ئۈزۈلمىسۇن.....  
« ئەسلىمە مۇنبىرى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!!»
~~http://aslima.net/bbs~~
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 07:36 PM |
FaraBi828
@مەن سىزگە ئاشىق@
تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


تىزىم نۇمرى : 1278
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 658
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە658دانە
شۆھرىتى: 372 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 1293 سوم
ياخشى باھا: 2424 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:157 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

43 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-02
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

توغرا دەيسىز  مەنمۇ تورغا ئالامەت قىزىقىمەن ، مۇشۇنداق بىر دەۋىردە ياشاۋاتقانلىقىمدىن  تور ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن دوستۇتۇپ ئۆزەمنى ناھايىتى بەخىتلىك ھېس قىلىمەن
@مەن بىر ۋىجدانلىق ئۇيغۇر @
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 07:51 PM |
MiSKiNMaN
دەرىجىسى : رەسمىي ئەزا


تىزىم نۇمرى : 4589
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 145
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە145دانە
شۆھرىتى: 71 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 680 سوم
ياخشى باھا: 185 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:41 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

9 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-11-07
يېقىندا كىرگەن:2008-11-29

 

مەرھابا جاللات خېنىم مەرھابا.......
سىزنى بۇمۇنبەردە ئۇچرىتىپ سالامە دەپ ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن......
راس گەپنى قىلسام بۇرۇنقى مۇنبەردە  سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزھەقىقەتەن ئادەمنى قايىل قىلاتتى...
 ھەممە تېمىلىرىڭىز ئۆزگىچە ئىشقىلىپ پەقەتلا بىكا پاراڭ ياكى قۇرۇق سۆز دېگەنلەر يوق ئىدى.
سىزنىڭ تېمىلىرڭىزنى ئوقۇشقا ئامراق ئىدىم........
ئەمدى ياخشى بولدى
يەنە بىر مۇنبەردە ئويناش نىسىپ بولغان چېغى......
بولسا داۋاملىق ............
ىىىىى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 08:15 PM |
jazbidar
ئۆمۈرلۈك شەرەپ
دەرىجىسى : جانلىق ئەزا


تىزىم نۇمرى : 248
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 390
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە390دانە
شۆھرىتى: 373 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 1832 سوم
ياخشى باھا: 869 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:44 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

6 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
يېقىندا كىرگەن:2008-12-15

 

ھەي، ھەجەپ ئاخىرى باردەكلا بىر ئەسەركەنتۇق. مەن ئاخىرنى ئوقىيالمغاندەك يۈرۈگۈم بىر قىسىمىلا بولۇپ قالدى. بولسا داۋاملىق يېزىپ قويسىڭىز بوپتىكەن!!
سەن ھەرقاچان ئۆزۈڭ ئېرىشكەن مۇھاببەتنى قەدىرلە، چۈنكى ئۇ ساڭا قايتا نېسىپ بولماسلىقى مۇمكىن!
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 08:19 PM |
jallat~henim
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


تىزىم نۇمرى : 5246
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 45
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
شۆھرىتى: 83 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 387 سوم
ياخشى باھا: 87 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:38 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

12 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-11-21
يېقىندا كىرگەن:2008-12-31

 

نۇرغۇنلىغان تورداشلار مىنى تۇنۇيدىكەن ئەمما مەن بىرەرسىڭلارنىمۇ تۇنمدىمغۇ ئىزاھات بىرىپ قويساڭلار تۇنۋالسام بوپتىكەن
يۈركىم ئۇنتۇپ كەت ئۇ ئازاپلارنى
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 08:30 PM |
ARkiN
◆ دىـل ئـازار، خـۇدا بىـزار◆
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


تىزىم نۇمرى : 2006
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1874
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1874دانە
شۆھرىتى: 1134 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 7192 سوم
ياخشى باھا: 3342 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:8 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:418 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

22 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-21
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 12 - قەۋەتتىكى jallat~henimنىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

خـــى  تۇنىمىغان بۇلسىڭىز  خالسىڭىز  تۇنۇشۇپ قالساق بۇلىدۇ قانداق  ... تارتىنماڭ ھە ... كىيىنچە تۇنۇشپ قالىمىز تىخى خالسىڭىزلا قاندىغى ....
__________________________________________________
سىنـى سـۈيـۈشـكە چىـدىـغان يـۈرەك ، سەندىـن ئـايـرىلىشـقىمۇ چـىدايـدۇ !__________________________________________________
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 08:40 PM |
MiSKiNMaN
دەرىجىسى : رەسمىي ئەزا


تىزىم نۇمرى : 4589
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 145
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە145دانە
شۆھرىتى: 71 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 680 سوم
ياخشى باھا: 185 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:41 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

9 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-11-07
يېقىندا كىرگەن:2008-11-29

 

ھې ھې ھې  
   مېنى تونىمىدىڭىزما بۇرۇنقى مۇنبەردىكى !DARTMAN!    قالغان گەپنى ھېلى چچ رىڭىزغا..........
ىىىىى
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 08:46 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » كۆڭۈلدىكى سۆز
مىسرانىم تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ،مىسرانىم تور بېكىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .
مىسرانىم تورى مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلفونى : 13899164687 تور چاقىرغۇ:QQ:364103

Total 0.229305(s) query 8, Time now is:01-03 06:09, Gzip disabled 新ICP备08000436
Powered by Misran V6.3.2Certificate Code ©Beta 5 2008-12 Misran Corporation