مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » ھىكايە ۋە چۆچەك » ئىس -تۇتەك ئاستىدا قالغان ۋىجدان  
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سەردار
~ قەلبىمدە سۇنغان ئەتىرگۇل~
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


تىزىم نۇمرى : 1733
نادىر تېما : 27
يازما سانى : 2091
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2091دانە
شۆھرىتى: 1943 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 709 سوم
ياخشى باھا: 4247 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:10 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:582 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

68 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-15
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 ئىس -تۇتەك ئاستىدا قالغان ۋىجدان  

1
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
تېما باشقۇرغۇچى تەنھا تەرپىدىن نادىرلاندى. (2008-11-21)


مانا مەن جىددى قوتقۇزۇش كارۋېتىدا يېتىپتىمەن ، كۆزلىرىم خىرەلىشىپ كىتىپ بارماقتا ،  بەدەنلىرىم مۇزلىماقتا ئىدى ، ئۆلۇم ئادەمگە بىر كەلسىمۇ ئۆلۇمنىڭ بۇنچىلىك قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانكەنمەن ، مەن چىقىش يولى تاپالماي كوچىلاردا يېقىلىپ قالغاندا ، مەن ئۈچۈن ئەڭ سۆيۇملۇك مۇھەببىتىم ئەقىدەم ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغاندا مەنمۇ نەچچە رەت ئۆلىۋىلىشنى ئويلىغانتىمغۇ ئەمدى ئەجەل ئۆزى كەلگەندە ......  ھەي مەن بۇرۇن قانداق بالا ئىدىم ،مەن ئاتا-ئانامنىڭ بىردىن بىر جىگەر پارسى ئىدىم ، شۇ كۇنلەردە ئۇلار مەن نىمە دىسەم شۇنى قىلىپ بەرسە ئۇلارنى مەن ئۈچۈن مالايدەك بىلىنەتتى ، مەن شۇنداق ئەزىزلىنىش ئىچىدە چوڭ بولغاچقا مەن ھېچكىمنى كۆزگە ئىلماتتىم ، يەنە تېخى ئاتا-ئانامدىن داۋاملىق مېنى چۇشەنمەيدۇ ، مېنىڭ كۆڭلۇمدىكىنى بىلمەيدۇ دەپ ئولاردىن ئاغىرنىپلا يۇرەتتىم ،مەنچە بولسا مەن ئۆيدىن چىقىپ كەتسەم ياكى كىرسەم ئۇلارنىڭ كارى بولمىسا مېنى باشقۇرمىسا دىگەننى ئويلاتتىم ، مانا شۇ تەرىققىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىمۇ بىرىپ بولۇپ ئالىي مەكتەپ چاقىرقىنى قولۇمغا ئالغان ۋاقىتتىكى خۇشاللىقىمنى ئىپادىلەپ بىرەلمەتتىم ، ئىشقىلىپ قەۋەتلا خوشال بولغاندىم ، ئالىي مەكتەپكە ماڭىدىغان ۋاقىتتا ئانامنىڭ ماڭا « ئوغلۇم ئەمدى سەن سەن كىچىك بالا ئەمەس، بۇ يەردىكى تەنتەكلىكىڭنى ، ئەركىلىكىڭنى تاشلا ، ئۇ جايدا سىنىڭ ئەركەڭنى ھېچ كىشى كۆتۇرمەيدۇ ، دوستنى ئاز تۇت ،سەن بەك ساددا باشقىلار سەندىن پايدىلىنىپ كەتمىسۇن ، باشقىلارغا بەك ئېشىنىپ كەتمە ، باشقىلارنىڭ سىنى پۇلەپ ئۇچۇرسا ھە دەپ نىمە ئىش بولسا قىلىپ يۇرمە .....» ئانامنىڭ گىپىنى دىگۇزمەي  «بولدى قىلە ئانا ،مەن بىلىمەن ،بۇ گەپلىرىنىڭنى تۇلا ئاڭلاپ يادا بوپ كەتتى ماڭا »دەپتىكەنمەن ، ئەمدى ئويلىسام ئۇلار مېنى بەش قولدەك چۇشىنىدىكەن ، مەن شۇ چاغدىمۇ «مېنى قىلچە چۇشەنمىگەندىكىن مۇشۇنداق دەيدۇ . مېنى چۇشەنسە مەندىن پەخىرلىنەتتى ، مەن ئۇ ئىشلارنى دوستلىرى ئۈچۈن قىلدى ، دوستقا بەك سادىق بالام دەتتى، مېنى چۇشەنمىگەنىلى ئۈچۈن شۇنداق دەيدۇ »دەپ ئويلاتتىم ، مەن ئالىي مەكتەپكىمۇ كەلدىم ، كىلىپ باشتا سەل كۆنەلمىسەممۇ كېيىن كۇنۇپلا كەتتىم ، دوست دىگەننى تۇتۇپ ياشاپ يۇردۇم ، مېنىڭ بۇرۇندىن تىكلىگەن مىزانىم «ئوينايمەن يولىدا ئوينايمەن ،ھاراق تاماكا مېنىڭ خاتىرەمدە يوق »ئىدى ، بۇ يەردىمۇ شۇ تەرىققىدە ئويناپ يۇردۇم ، ئالىي مەكتەپتە مۇھەببەت دىگەن بولىسىمۇ بولمايدىكەن ، سېنىپىمىزدا ئابىدە ئىسىملىك بىر قىزغا كۆڭلۇم چۇشۇپ قالغاندى ، ئۇنىڭ چىرايىدىن كۇلكە چۇشمەتتى ، باشقىلارغا ياردەم قىلىشقا بەك ئامراق ئىدى ، تەلىيىم كىلىپ ئۇنىڭ بىلەن يۇرۇپ قالدىم ، بىز شۇنداق بەخىتلىك ئىدىق ، مەكتەپتە ھەممىسى بىزگە ھەۋەس قىلىشاتتى ، بىر كۇنى ھەممە ساۋاقداشلار بىر تۇغۇلغان كۇن سورۇنىغا بېرىپ قالدۇق ، باشتا شۇنداق چىرايلىق ئولتۇرۇشتۇق ، بىر چاغدا سىنىپىمىدىكى مەن ئەڭ ئۆچ كۇرىدىغان قىلىقلىرى شۇنداق ياڭزىلىق ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۇردىغان ئەكبەر قېشىمغا كىلىپ
_ ھە بالاڭزا سەن يا ئىچمەيسە ، يا چەكمەيسە ، نىمىگە كەلگەن  بۇ يەرگە ،-دىدى بىر يوكا ھاراقنى كۆتۇرۇپ ماڭا تەڭلەپ تۇرۇپ ،-بۇنى ئىچىسە بۇگۇن ...
_ ياق ...ئەكبەر مېنى يەتۇر قىينىما مەن بۇنى ئىچەلمەيمەن ،-دىدىم مەن رەت قىلىپ ، باياتىن بىرى جىممىدىلا ئولتۇرغان مەن خىلى يېقىن دەپ قارايدىغان دوستۇم ئادىل ئۇرنىدىن تۇرۇپ
_ كىلە ئادەش بىز بىر سوقۇشتۇرۇپ ئىچەيلى ،-دىدى رۇمكىسىنى ماڭا تەڭلەپ ، مەن ئۇنىڭغا مەن ئىچمەيدىغان تۇرسام دىگەنمەنىدە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتىم
_ مۇراتجان ،يەڭگىمىزدى قورقىۋاتامسىلە يا ، قوقماڭلا كەشتە سىلىنى ئۇرۇپ يۇرمەيدۇ ، بىز تەربىيە قىلىپ قويىمىز .... سۇرۇندىكى قايسى بىر سۇرۇندىن ئەبجەش كۇلكە كۆتۇرۇلدى ،بىرسى بىنى دەپ يەنە بىرسى ئۇنى دەپ ئاخىرى ماڭا بۇ نىجسنى ئىچۇردى ، شۇ ئولتۇرۇشتىن كىيىن ھاراق -تاماكا مېنىڭ ئايرىلماس ھەمراھىم بولۇپ قالدى ، كۇندە ئىچىپ كۇندە مەس ، ئەقىدەممۇ ماڭا نەسىيەت قىلىپ ھاردى ، شۇ ھاراق دىگەن بىر نىمە ئادەمنىڭ ئەتراپىغا دوسلارنى شۇنداق يىغىدىكەن دىسە مانا ئەتراپىمدا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولسۇن ، جەمىيەت ئوينايدىغان بولسۇن دوستلىرىم يىغىلىغقا باشلىدى ، بۇنىڭ ئىچىدە مەكتىپىمىز ئەتراپىدا خېلى داڭقى بار ئېزىز توڭكاي مېنىڭ ياخشى دوستۇمغا ئايلانغاندى ، مەكتەپ ئىچىدىكىنى دىمەيلا قوياي سىتقا چىقىپ ئۇنىڭ گىپىنى چىقارسام ھەممىسى قورقاتتى ، ئۇنىڭ بىلەن نىمىشقىكىن بەكلا يېقىن بوپ كەتتىم ،بىر كۇنى ئۇ مېنى ئىزدەپ كەپتۇ
_ سېنىڭ يۇزلۇك باللا بىلەن بىر تۇنۇشقۇك بار ئىدىغۇ ، بۇگۇن بىر سورۇن بار ، ئاق -قارا يولدىكى ھەممىسى بارىدۇ سەنمۇ مۇھەببىتىڭنى ئېلىپ چۇقۇم بار
_ شۇنداقما بەك ياخشى بولدى ، مەن چۇقۇم بارىمەن ،_دىدىم مەن ئۇنىڭ گىپىدىن خوشال بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن خۇشلىشىپ ئەقىدەمنى ئىزدەپ باردىم ،ئۇنىڭ بىلەن كۇرۇشۇپ كەشتىكى ئىشنى ئۇنىڭغا دىدىم
_ جېنىم مۇرات سىز ئۇ جەمىيەتتىكى باللا بىلەن ئاز ئارلىشىڭ ، بىز بارمايلى ،_دىدى ئۇ ماڭا يالۋۇرۇپ تۇرۇپ
_ نىمىدا ئۇششاق گىپىڭ كۆپ سېنىڭ بولدى جېق گەپ قىلما ، كەشتە بارىمىز تەييارلىق قىلىپ ئولتۇر دىدىمدە ئۇنىڭ گىپىنى كۆتمەيلا كىتىپ قالدىم ،كەچمۇ كىرىپ بىز شۇ سورۇنغا باردۇق ، ئۇ سورۇندا راسلا ئادەم كۆپ ئىدى ، مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئاران دىگەندە ئىزىز توڭكاينى تاپتىم
_ ئاران تاپتىم سېنى ئاداش ، راسلا ئادەم كۆپكەن جۇمۇ بۇ يەردە ،_دىدىم مەن خۇشال قىياپاتتە
_ ھە  شۇ ئادەم كۆپ ئەمما بۇ يەردە بىر ئادەم بار شۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇپ قوي ، باشقىلىرى قۇم ،-دىدى ھەمدە مېنى باشلاپ ماڭدى ، بىز پۇزۇر كىيىنگەن بىرسىنىڭ قېشىغا كەلدۇق ، ئىزىز ئۇنىڭ قېشىغا كىلىپ
_ ھەسەن ئاكا مەن سىزگە دىگەن مۇرات دىگەن مۇشۇ شۇ ، خېى بولىغان بالا بۇ ،_دەپ قىسقىغىنە مېنى تۇنۇشتۇردى ، ئۇ ماڭا بىر قارىۋېتىپ
_ ھە بولىدىغان بالىدەك قىلىدۇ ، كىلە ،_دەپ مېنى يېنىغا كىلىپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى مەن ۋە ئەقىدەم كىلىپ ئولتۇردۇق
_ بۇ .... بۇ ..سىنىڭ مۇھەببىتىڭما ،-دىدى ھېلىقى ئادەم سەل دۇدۇقلاپ
_ ھە شۇنداق ئاكا بۇ مېنىڭ مۇھەببىتىم،- ئۇ گەپ قىلمايلا كىلىپ ئولتۇردى ، ئۇ ئادەمنىڭ ئۇرۇمچىدە خىلى يۇزى بارلىقىنى ئۇرۇمچىكىدى ھەممە كۇكچەك ئۇغۇر يانچۇقچى ،قاتارلىق جەمىيەت داشقاللىرى شۇنىغا بويسۇنىدىغانلىقىنى شۇ چاغدا بىلدىم ، « بۇنداق ئادەم بىلەن تۇنۇشقىنىم بەك ياخشى بولدى »دەپ ئويلاتتىم ئىچىمدە ،بۇ سورۇن تۇگەپ بىز تىنىچ ئامان مەكتەپكە كىلىۋالدۇق ، شۇ كۇندىن كىيىن ھېلىقى ئادەم مېنى پات- پات مېھمان قىلىدىغان ، مېنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىمغا ياردەم قىلىدىغان بولدى ، «دۇنيادا نەدىمۇ بۇنداق ياخشى ئىش بولسۇن »دىگەننى بىلىپ يۇرساممۇ يەنە شۇنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىدىم ، بىر كۇنى بىز ئىچىپ مەس بولغان چىغىمىزدا ئىزىز توڭكاي  يېنىدىن بىر تال ئىشپىرىسىنى چىقىرىپ ماڭا تەڭلەپ تۇتۇپ
_ بۇ بىلىكىڭنى ئېچىپ ئۇرە ئاداش ،ئاسماندا ئۇچىسەن ،-دىدى ، مەن مەسلىكتلىكتە ئېغىرلىشىپ كەتكەن بېشىمنى تەس كۆتۇرۇپ ئۇنىڭ قولىدىكى ئىشپىرىسقا  قاراپ
_ ياق ... ئۇنى ئۇرماي ، ھاراق ئىچسەممۇ بۇ ئىشنى قىلماي ،-دىدىم مەن ئىرىنچەكلىك بىلەن ، ئۇ سەل ئاچىقلاپ
_ سەن بىلەن ھەممە ئىشنى تەڭ كۆرىمەن دىگىنىڭ مۇشۇما ؟ مەن قىلىمەن بۇ ئىشنى سەنمۇ قىل .... مەن ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بىردەم خىيالغا چۆمدىم ، «بۇداق ئىشنى ئۇغۇل بالا قىلسا بولماتتى ، ئاللا ئۇرغان بەندىسى قىلىدىغان ئىشتى بۇ ، بوپتۇلا  بىر قېتىم قىلغانغا ھىچنىمە بولماس دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويماي دەپ »ئۇيلىدىمدە ئاخىرقى كۇچلىرىمنى يىغىپ ئۇنىڭ قولىدىكى ئىشپىرسنى ئېلىپ بىلىكىمگە ئۇردۇم ، كىيىنكى ئىشلار ئىسىمدە يوق ئەتىسى شۇ بىز ھاراق ئىچكەن ئۆيدىن تۇردۇم ،  ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئىشپىرىسلارغا كۆزۇم چۇشتى ، مەن بىر مۇدىھشنى ھىس قىلىپ دەرھال بىلىكىمگە قارىدىم ،ئۆز كۆزۇمگە ئىشەنمەيۋاتاتتىم، قولۇمنىڭ بىر نەچچە يىرىدە يىڭنە ئىزى تۇراتتى ، « تۇگۇشۇپتىمەن ...........» دىگەننى خىيالىمدىن ئۆتكۇمدۇمدە ھېچ كىشىنىمۇ ئىزدىمەي مەكتەپكە قايتىپ كەلدىم ، نەدىن بىلەن ئەتىسىلا مېنى بۇ ئىپلاس نىجىسنىڭ خۇمارى قىياشقا باشلىدى ، مەن شۇ ۋاقىتتا ئېزىزنى ئىزدەپ باردىم ئۇ مېنى چىكىملىك بىلەن 15كۇن ئەتراپىدا ياخشى تەمىللىدى كىيىن مەندە قالمىدى سەن ئال دەپ مېنىڭ پۇلۇمغا چەكتۇق ، مەن بىر ئوقۇغۇچى ، ماڭا كىلىدىغان پۇل بونىڭغا قانچىلىك ئىدى ، مەن ئامالسىز قالغىنىمدا ھەسەن ئاكا دىگەننى ئىزدىدىم ،
_ ھەي بۇنىڭغا يېقىن يولاپ ياخشى قىلماپسەن ئۇكا ، بولىدىغان ئىش بوپتۇ ، مەن بىرەي ساڭا دەپ ئۇمۇ بىر مەزگىل تەمىللەپ توختىتىپ قويدى ،مەن ئاتا -ئانامغا ھەر 5كۇندە بىر پۇل سالغۇزۇپ ئۇلارنىمۇ ئەنسىزلىككە قويىۋاتاتتىم ، ھەر ئاماللار بىلەن ئەقىدەمنىڭ ئاتا-ئانىسى سالغان پۇللارنىمۇ ئېلىۋېلىپ چىكەتتىم ، بىر كۇنى خۇمارىم قاتتىق تۇتۇپ كەتكەچكە ئامالسىز ئەقىدەمنى چاقىرتىپ ئۆزۇمگە ئاق تاماكا ئەكەلدۇرمەكچى بولدۇم ، ئۇ باشتا ئۇنىمىغان بولسىمۇ كېيىن مېنىڭ ئېچىنىشلىق نالەمگە چىدىماي ئەكىلىپ بىرىشكە قوشۇلدى ، مەن ئۇنىڭغا ھەسەن ئاكىنىڭ ئۆيىنىڭ ئادىرسىنى دەپ بەردىم ، ئۇ چىقىپ كەتتى ، تەنلىرىم خۇددى پىچاقتا تىلغاندەك ئاغىرىپ مېنى قىينىماقتا ئىدى ، ئەقىدەم ھەسەن ئاكىنىڭ قېشىغا بارغاندا ئىنتايىن ياخشى كۆتۇۋاپتۇ ، ھەمدە ئۇنىڭغا ئاق تاماكا بىرىپ يولغا ساپتۇ ، بۇ ئەھۋال بىر نەچچە قېتىم تەكرارلاندى ، بىر قېتىم ئۇنىڭ قېشىدىمۇ مېنىڭ قېشىمدىمۇ پۇل يوق ساۋاقداشلىرىممۇ مەندىن ئەنسىرەپ پۇللىرىنى بەكمۇ مەزمۇت ساقلايدىغان بولۇپ كەتكەندى ،مەن ئامالسىز ئەقىدەمنى پۇلسىزلا ھەسەن ئاكىنىڭ قېشىغا ئەۋەتتىم،ئۇ ئوزۇن ئۆتمەيلا قايتىپ كىردى .
_ تىز چىقىرىڭ بەك خۇمارىم تۇتتى ،-مەن شۇنداق دىگەچ  نېرىراققا بېرىپ ئولتۇردى
_ مېنىشقا يوق ، ئۇ بەرمىدىما ،؟_دەپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدىم ، ئۇنىڭ بىر جۇپ كۆزىدىن خۇرلۇق چىقىپ تۇراتتى .
_ ھە  شۇنداق بەرمىدى ، ئۇنىڭ دىيىشىچە بىزدە پۇل بولمىسا ، مەن پۇلنىڭ ئۇرنىغا ئۆز تىنىمنى بىرىدىكەنمەن ، مەن پاك بىر قىز قانداقمۇ ماقۇل بولالايمەن ،_دىدى ئۇ يىغلاپ يۇتۇپ ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۇرۇكۇمگە پىچاق تىلغاندەك بولۇپ كەتتى ، بۇ ئازاپتىن ئۆزۇمنى ئۆلتۇرۋالغۇم كىلەتتى ، بۇ كۇنمۇ  شۇنداق قىينىلىشتا ئۆتتى ، ئىككىنچى كۇنى مەن قەتتى چىدىمىدىم
_ ئەقىدەم ،  سىز نىمە قىلسىڭىز مەيلى مەن كىيىن سۇرۇشتە قىلمايمەن ، تىز ماڭا ئاق تېپىپ بىرىڭ ....،-دىدىم مەن ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ ،
_ ياق ، مەن ئۆز تىمىنى بولغىمايمەن ، خاپا بولماڭ ، -دىدى ئۇ مېنى يۇلەپ تۇرۇپ .-سىزدىن ئۆتۇنۇپ قالاي ،-دەپ قايتا قايتا يالۋۇرۇشلىرىم باشلىدىم ، ئۇ يالۋۇرۇشلىرىمغا چىداپ تۇرالمىدى بولغاي
_ ئۇ مەن سىتقا چىقىپ بىر ئامالىنى قىلىپ باقاي ،_دەپلا  سىتقا چىقىپ كەتتى ، ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن چىرايلىرىدا قان  دىدارى قالمىغان خۇددى ھازىرلا گۇردىن چىققاندەكلا قايتىپ كىرىپ ماڭا چىكىملىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپلا سىتقا چىقىپ كەتتى ، مەن بۇ نىجىس چىكىملىكىنى چىكىپ سەل ھوشۇمنى يىغقاندىن كېيىن ئۆز مۇھەببىتىمنىڭ بولغانغانلىقىنى ئاڭلاپ بەكمۇ ئېچىنىپ ئۆكسۇپ ئۆكسۇپ يىغلىدىم ، بىز شۇ تەرىقىدە ئۆتتۇق ، ئايىلىدىن پۇل كەلگەندە شۇ پۇلغا ئېلىپ چىكتىم ئوپ قالمىسا ئۇيەر بۇيەردىن قەزىر ئېلىپ چەكتىم ، ئۇمۇ قاملاشمىسا ئەقىدەمنىڭ پاك ، بىغۇبار تېنىنى سېتىش بولغاش  ئاساسىداكەلگەن پۇلغا  چەكتىم مانا كۇندە چىكىمەن ، شۇ چىكىش ئاساسىدا مەكتىپىمدىن ئايرىلدىم ، مەنغۇ مەيلى ، سۆيۇملىك مۇھەببىتىم ئەقىدەمنىڭ قايتا -قايتا تەربىيە بەرسىمۇ تۇزەلمىگەن ئوغۇرى دىگەن نام بىلەن مەكتەپتىن قوغلانغانلىقى ئۇنىلا ئەمەس مېنىمۇ قاتتىق ئازاپلىغاندى شۇ كۇندىن باشلاپ تېنىنى سېتىش ئۇنىڭغا كەسىپ بولۇپ قالدى ، مەن ئۆزۇمنىڭ نىجس كەيىپىمنى چىقىرىش ئۈچۈن ئۇنى قوللايتىم ، بىز ئەنە شۇ تەرەققىدە قورسىقىمىز كۇنلەپ ئاچ قالسىمۇ چىداپ ئاق ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەيدىغان بولۇپ كەتتۇق ، بىر كۇنى مەن بىر نەچچەيلەن بىلەن چىكىپ ئاشماندا ئۇچۇپ ئۆيگە كىرسەم ئەقىدەم مىجەزىم يوق دەپ يېتىپتۇ ، مەن ئۇنى ئۇنىمىسىمۇ قويماي دوختۇرخانىغا ئىلىپ كەلدىم ، بىر قاتار تەكشۇرۇشلەر ئېلىپ بېرىلدى ، تەكشۇرۇش نەتىجىسى چىققاندا كۆزۇمگە «ئەيدىز »دىگەن خەت چېلىقتى «ياق ........» مەن قانداق قىلىپ شۇنداق توۋلاپ سالغانلىقىمنى بىلمەيمەن ، ئەقىدەم يۇگۇرۇپ كىلىپ قولۇمدىكى تەكشۇرۇش قەغەزلىرىنى كۆرۇپ كەينىگە ئۆرىلىپ چۇشتى ، دوختۇرلار ئۇنى كۆتۇرۇپ جىددى قۇتقۇزۇپ ھۇشغا كەلتۇردى ، مەن ئۇنىڭغا تەسەللىي بىرەتتىم ، نەدىن بىلەي ئەتىسى مەن ئۆيدە يوقلىقىمدىن پايدىلىنىپ ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۇرۋاپتۇ ، مەن قاتتىق ئېچىندىم ، يىغلىدىم قاخشىدىم ئەمما ئۇ تىرىلمىدى ، مەن شۇ ئارلىقتا ئاتا-ئانامنىڭ يېنىغا يېنىپ كەلدىم ، ئۇلارنىڭ ماڭا قاتتىق ئاچىقى بولسىمۇ ماڭا چاندۇرماتتى ، مەن خوتەنگە كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە شۇ ئىپلاس خومارىم تۇتۇشقا باشلىدى ، مەن ئانامدىن پۇل ئالدىمدە سىرتقا چىقىپ نۇرغۇن دوسلاردىن سۇرۇشتۇرۇپ ئاران دىگەندە ئالۋاستى ئاقنى تېپىپ يەنە چەكتىم ، كىيىن كىيىن ئۆيدىكىلەرمۇ مەندىن گۇمانلىنىپ ماڭا جېق پۇل بەرمەس بولدى ، بەرمىسە مەن ئالالمامدىم نەق پۇل ئوغۇرلىدىم ، كېيىنغا كەلگەندە ئۆيدە نىمە قولۇمغا چىقسا شۇنى ئوغۇرلاپ ئۆينى قورۇقداپلا قويدۇم ، چەكتىم ، چەكتىم ، كۇندە چىكەتتىم ،مانا شۇ چىكىش مېنى مۇشۇ ھالغا ئەكەلدى ، مەن مۇشۇ قىسقىغىنە ھاياتىمدا ئەسلىدە پاك ، بىغۇنار بۇ دۇنيانى تەبىيەتنى بولغاپ قويدۇم ، مەندىن ھەممە نەپرەتلەندى ، مەن ئۆلسەم بۇ يەرمۇ مېنى ئۆز قوينىغا ئالمايدۇ ھەقىچان ، ئاللا مەن نىمىشقا بۇنداق ھالغا چۇشۇپ قالىمەن ، مەندىكى ئېسىل ئارزۇ ئارمانلار قەنى ، مەن تىكلىگەن ئۇغۇل بالىلىق غورۇر قېنى ، ھەممىسىنى مەن ئىسقا تىگىشىپ بولدۇمغۇ ، شۇ ۋاقىتتا كۆز ئالدىمغا سۆيۇملۇك يارىم ئەقىدەم كۆلۇپ قوللىرىنى ئۇزاتقان سىما كەلدى ، مەن ئاستا -ئاستا ئۇنىڭغا يېقىلىشىپ بارماقتا ئىدىم ...........


مەنبە ؛ئۆز قەلىمىم
تېما تەستىقلىغۇچى : سەردار
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-11-21
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئىس -تۇتەك ئاستىدا قالغان ۋىجدان  ,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
زىمىستاننى باھار دىگۇڭ بار ،
گۇلۇستاننى خازان دىگۇڭ بار ،
ساڭا بەرسەم بىر  دەريا سۆيگۇ ،
باشقىلارنى ئوكيان دىگۇڭ بار،
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-21 02:28 PM |
xamal
دەرىجىسى : جانلىق ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2195
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 295
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە295دانە
شۆھرىتى: 491 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 1494 سوم
ياخشى باھا: 970 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:1 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:9 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

11 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-26
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ھەقىقەتەن تەسىرلىككەن.يارايسىز جۇمۇ
ئەھلى سۈرەتنىڭ ئەسلى دىلدارى بولماس،
ۋاپاسىز كىشىنىڭ ۋاپالىق يارى بولماس.

چ چ 452240993
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 02:37 PM |
katran
مىسرانىم، مەنىۋىيەت ئىزدەش نىشانىم.....!!!
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


تىزىم نۇمرى : 1190
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 1914
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1914دانە
شۆھرىتى: 535 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 7146 سوم
ياخشى باھا: 4122 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:11 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:759 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

11 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-07-29
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ئاھ تەتۈر قىسمەت............بۇ ھېكايەڭگە نېمە دەي ئەمدى ھە............ئاق ئالۋاستىنىڭ قوينىدىكى راھەتتىن قانغىچە ھوزۇرلانغان يىگىت ئاخىرى ئۆز ئەقىدىسى، ھاياتىنى ۋاقىتسىز تۈتەكتەك تارىتىۋېتىپتۇ ئەمەسمۇ..........   
بۇ تېمىنى ئوقۇپ تۈتۈنگە ئايلانغان مۇھەببەت دىگەن كىنو فىلىمى يادىمدىن كەچتى مېنىڭ...........مەن ئۇ كىنونى كۆرگىنىمدە يىغلاپ تاشلىغانتىم، يۇلتۇزغا بەكمۇ ئىچىم ئاغرىغانتى............ئەمدى بۇنىڭدىكى قىزغا..................ھەي كاج پەلەك..............   
مۇنبىرىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارغا شۇنداقلا ھەممەيلەنگە ياخشى تەربىيە بوپتۇ...........رەھمەت ساڭا. ھارمىغايسەن.....!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 02:50 PM |
BUMARYAM
مېنىڭ خۇشاللىقىم-پەقەتلا مىسرانىم.
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


تىزىم نۇمرى : 111
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1774
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1774دانە
شۆھرىتى: 775 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 5735 سوم
ياخشى باھا: 3102 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:12 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:812 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

88 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

راس ...........ھەقىقەتەن بەك تەسىرلىككەن..................... بۇ ئۇيغۇرلارغا نەدىن يۇقتىكى بۇ ئىللەت............. ھەي!!!!!!!!!!     
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 02:59 PM |
sawda617
دەرىجىسى : يېڭى ئەز


تىزىم نۇمرى : 5234
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
شۆھرىتى: 20 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 228 سوم
ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:1 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:0 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

20 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-11-21
يېقىندا كىرگەن:2008-11-21

 

مەنمۇ بەك ئازاپلاندىم .بىزنىڭ مىللىتىمىز ھەققى ئۇيغۇرلارغا موھتاج،       [s:8
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 03:34 PM |
خوتەنخان
*بەخىت*
دەرىجىسى : ئالاھىدە ئەزا


تىزىم نۇمرى : 1627
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 926
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە926دانە
شۆھرىتى: 370 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 3573 سوم
ياخشى باھا: 2477 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:9 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:453 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

87 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-12
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

شۇنداقمۇ يازامسەن ....راسلا تەربىيۋى ئەھمىيتى باكەن يىغلىغىنىمنى ھىساپقا ئالمىغاندا....خورازدىكى خو.
*ئازاپقا كۈلۈپ باق،سەۋر قىل...سەن ئاجىز ئەمەسسەن!`
ئەگەر ھايات ئالدىسا سېنى،
ھەسرەت چەكمە ،بولما پەرىشان.
تىنىچلانماق لازىم قايغۇدا،
قۇۋناق كۈنلەر كىلىدۇ ھامان.



چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 04:29 PM |
musilina
سىز نېمە ئۈچۈن ياشايسىز ؟
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2838
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 826
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە826دانە
شۆھرىتى: 356 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 2909 سوم
ياخشى باھا: 1054 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:7 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:333 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

17 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-09-14
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ئاق چېكىپ ھاياتىنى نابۇت قىلىۋاتقانلارنىڭ ئەھۋالى ئەينەن تەسۋىرلىنىپتۇ ، بۇنداق ئەھۋاللار ناھايتى كۆپىيىپ كەتتى ھازىر ، ناھايتى ياخشى يېزىپسىز .
اللا كأڭلىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسذن.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 04:40 PM |
FaraBi828
@مەن سىزگە ئاشىق@
تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


تىزىم نۇمرى : 1278
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 658
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە658دانە
شۆھرىتى: 372 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 1293 سوم
ياخشى باھا: 2424 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:157 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

43 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-02
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

با قىلغۇلۇقنى بۇ لاتا گۇي قىلسا نىمە ئۇچۇن تارتقۇلۇقنى بۇقىز تارتىدۇ؟ ھەي ئىھ ئاللا ھ شۇنداق ئەقىدىلىك ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن . ياخشى يېزىپسىز   ......  
@مەن بىر ۋىجدانلىق ئۇيغۇر @
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 07:30 PM |
meskenyultuz
دەرىجىسى : يېڭى ئەز


تىزىم نۇمرى : 5125
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 73
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە73دانە
شۆھرىتى: 47 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 462 سوم
ياخشى باھا: 94 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:30 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

20 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-11-19
يېقىندا كىرگەن:2008-11-24

 

بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ تەربىيىۋى ئەھميتى بەكمۇ چوڭقۇركەن.مەنچە بولسابۇنى ياشلىق باھارنى ،ئۇزىنى زەھەرللىك چىكملىك ئارسىغا ئتىۋاتقان ياشلىرىمىز ئۇقۇپ ئۇزنى ئويغاتسا ھەم بۇيولدىن يانسابەكمۇ ياخشى بولارئىدى.
كوڭلى بولمىساھەتتاپادشاھنىمۇرەت قىلىپ،ئشقى باغلانسائەڭ نامىراتىنىڭ ئايغىغاباش قۇيالايدىغان قىز-ھەقىقى ئىپپەتلىك قىز.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 08:17 PM |
gugumdikiqux
دەرىجىسى : رەسمىي ئەزا


تىزىم نۇمرى : 1942
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 152
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە152دانە
شۆھرىتى: 117 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 717 سوم
ياخشى باھا: 243 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:6 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:214 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

56 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-20
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

بەك تەسىرلىك يېزىۋېتىپسىز جۇمۇ
ئاللا بەندىلىرىڭنى مۇشۇ نىجىس نەرسىدىن يىراق قىلغايسەن
تاڭدىكى شەبنەمدەك پاك بولسۇن سۆيگۈ،
شۇندىلا سۆيگۈنىڭ ئاشار قىممىتى.
بۇلۇڭلار بىر ئۆمۈر ئىزگۈ بەخىتلىك،
سىلەرگە پېقىرنىڭ شۇدۇر ھىممىتى.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 11:32 AM |
okyan520
ھايات تۇلىمۇ قىسقا ئۇنى قەدىرلەش كىرەك.
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : سەپەرۋەر


تىزىم نۇمرى : 2639
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2138
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2138دانە
شۆھرىتى: 2090 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 8084 سوم
ياخشى باھا: 3678 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:10 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:562 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

88 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-09-06
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

نىمە دىگەن تەسىرلىك ھە .ھاياتىنى قەدىرلىسە بولمامدىغاندۇ ؟ بۇلارنىڭ مۇشۇ قىلغانلىرى ئادامنى سەسكەندۈرىدۇ دىسە، ئۇيغانسا بۇلاتتى مۇشۇنداقلار.
مەن بىلەن دۇسىت بۇلۇشنى خالىسىڭىز : مەرھەممەت
img: http://blog.retim.cn/364315
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 01:41 PM |
xamal007
دەرىجىسى : رەسمىي ئەزا


تىزىم نۇمرى : 3640
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 116
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە116دانە
شۆھرىتى: 216 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 713 سوم
ياخشى باھا: 286 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:30 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

20 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-10-14
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

بەك ئوبدان يزىپسىز جۇمۇ
ئادىلجان
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 07:58 PM |
IMRAN
دەرىجىسى : رەسمىي ئەزا


تىزىم نۇمرى : 3559
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 198
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە198دانە
شۆھرىتى: 26 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 837 سوم
ياخشى باھا: 206 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:1 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:17 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

3 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-10-12
يېقىندا كىرگەن:2008-12-28

 

ھەقىقەتەن تەسىرلىككەن مەنمۇ تاسلاقالدىم     بولغىلى
دۇنياداتىرىك ئىكىننىڭ ھەممىسى ھايات ئەمەس،
بىللەيۈرگەننىڭ ھەممىسى مۇھاببەت ئەمەس.
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-25 05:25 PM |
yadro
دەرىجىسى : يېڭى ئەز


تىزىم نۇمرى : 5509
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
شۆھرىتى: 20 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 238 سوم
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:1 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:0 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

20 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-11-28
يېقىندا كىرگەن:2008-11-28

 

ھەقىقەتەن تەسىرلىك بوپتۇ،   قايىلمەن ،  قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-28 12:40 AM |
توغراق
دەرىجىسى : يېڭى ئەز


تىزىم نۇمرى : 5518
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
شۆھرىتى: 21 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 277 سوم
ياخشى باھا: 18 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:22 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

28 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-11-28
يېقىندا كىرگەن:2008-12-27

 

<<بىر مىللەتنى توپ زەمبىرەكلا ئەمەس ، ئىچىملىك رومكىسى بىلەن چېكىملىك نەيچىسىمۇ خار زەبۇن قىلىۋېتەلەيدۇ . >>
جالالىدىن بەھرامنىڭ <<ئامەت ۋە ئاپەت >> رومانىدىن .

زەھەر بار بولسا تۈزەپ زەھەرسىز مۇھىت يارىتايلى .
زەھەر يۇق بولسا ئالدىنى ئېلىپ ساپ مۇھىتنى قوغدايلى .


ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيتى بار
ھەممىسى خۇدانىڭ تەقدىرى بىلەنمۇ ؟
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-30 12:05 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » ھىكايە ۋە چۆچەك
مىسرانىم تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ،مىسرانىم تور بېكىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .
مىسرانىم تورى مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلفونى : 13899164687 تور چاقىرغۇ:QQ:364103

Total 0.361410(s) query 8, Time now is:01-03 01:14, Gzip disabled 新ICP备08000436
Powered by Misran V6.3.2Certificate Code ©Beta 5 2008-12 Misran Corporation