بۇگۇن كەچ بىزنىڭ ئۆي بەكلا قىزىپ كەتكەندى ، ھەممىسىنىڭ ئېغىزدا مىنى تەبىرىكلەش سۆزلىرى چۇشمەتتى ، چۇنكى مەن ئازۇيۇمدىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىم ، شۇنىڭغا بىزنىڭ قوشنىلار مېنى تەبىرىكلەپ كىرگەندى ، ئۆيىمىز شەھەرنىڭ سىرتىدا دىگىلى بولمىسىمۇ ئەمما قوشنىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دېھقان بولۇپ ئۆيىمىزنىڭ ئۇستۇن قىسمىدا ئۇلارنىڭ تېرىيدىغان يىرى بار ئىدى ، مۇنداقلا قىلىپ ئېتقاندا بۇ مەھەللىدە بىزنىڭ ئائىلە بىردىن-بىر خىزمەتچىلەر بار ئائىلە ئىدى ،بۇ مەھەللىدە مەن تۇنجى بولۇپ ئالىي مەكتەپكە يەنە كىلىپ ئىچكىردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەچكە بىزنىڭ ئائىلىلا ئەمەس پۇتۇن مەھەللە خۇشال ئىدى .
_ ھەي دارازا سەن سەن مۇشۇ ھالىڭغا ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۇڭما ؟-چۇچۇك بۇ ئاۋاز مىنى چۇچۇتۇپ كەينىمگە قاراتتى،كەينىمدە قوشنىمىزنىڭ 14ياشلىق قىزى زۇلخۇمار ماڭا ئۇماق كۆلۇپ قاراپ تۇراتتى، ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا چۇڭ بولغان شوخ ئوماق قىز ئىدى ، ئۇ بۇرۇندىن ماڭا ئۆز سىڭلىمدەك كۆرۇنەتتى .
_ ئاكاڭنى بۇش چاغلىغانما ، قانداق ئاكاڭ يامانمىكەن ،-دىدىم مەن مەيدەمگە مۇشلاپ قويۇپ
_ ئۆزىنى ماختاشلىرىنى نىمە دەي ، قاراپ تۇر مەن سەندىن يۇقىرى نۇمۇر ئېلىپ سىنى يېڭىۋالمىسام ،_دىدى ئۇ خۇمار كۆزلىرىنى ئوينىتىپ
_ماڭا سەن مېنى يېڭىۋالمسەن تېخى ،_دىدىم مەن ئۇنى مەڭسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراپ
_ سېنىما سېنى يېڭىۋاللالمىسالمىسام ئىشمىمنى يېتكىۋاتىمەن ،_دىدى ئۇ قەتتىي قىياپەتتە ، دىمىسىمۇ ئۇ بەك تىرىشچان ئىدى ، قەلبىمدە ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇتتىم
_ ھە بوپتۇ سەن مېنى يېڭىۋالساڭ سەن نېمە دىسەڭ شۇنى ئېلىپ بىرىمەن ،-دىدىم مەن كۆلۇپ تۇرۇپ
_ راسما ،ماقۇل شۇنداق بولسۇن ، كىلە قول باغلىشايلى ... ئۇ بۇدۇرۇق قوللىرىنى ماڭا سۇندى ،مەنمۇ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇم بىز قول باغلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ يەنە سۆز باشلىدى .
_ ھەي ئىسىت.. قەلبىنۇر ئاچام سېنى سېغىنىپ كىتىدىغان بولدىدە ،_ دىدى ئۇ ماڭا كۆز قىسىپ ، مەن ئۇنىڭغا كۆزلىرىمنى چەكچەيتىپ قارىدىم ، قەلبىنۇر دىمىسىمۇ مېنىڭ مۇھەببىتىم ئىدى ، ئۇنىڭ ئۆيى تۆۋەنلى مەھەللىدە بولۇپ مەن بىلەن باشلانغۇچتىن باشلاپ بىرگە ئوقۇغان بىزنى بىلىمگە بولغان ئىشتىياق بىريەرگە ئەكىلىپ رىسقىمىزنى چاتقان ئىدى
_ نىمە دەيسەن ئۇ نېمىشقا مېنى ئەسلەپ قالغۇدەك ،-دىدىم مەن ئۇنىڭغا سوئال نەزىرسىدە قاراپ ، « ھىي ھىي .....» ئۇ بىردەم كۇلگەندىن كىيىن كۇلكىدىن توختاپ
_ مەن بىلىمەن ئۇ سىزنىڭ مابىتىڭىز ... دىگىنىچە قاچتى ، مەن ئۇنى قوغلاپ تۇتىۋېلىپ
_ يەنەقېچىپ باقە ،_دەپ ئۇنى ئەركىلەتتىم ،- سەن نەدىن بىلىسەن ئۇ مېنىڭ مۇھەببىتىم ئەمەس ،-دىدىم
_ كىم بىلمەيدۇ ، مەن سىلەرنىڭ ئۆستەڭ بويىدا قول تۇتۇشۇپ ماڭغىنىلارنى كۆرۇپ قالغان ،_دىدى ئۇ ئوماق كۆلۇپ
_ ما شۇمنى ، قاچان ماراپ يۇرگەنتىڭ بىزنى ئۇنداق ماڭغىنىمنى ،-دىدىم مەن سەل ئەجەپلىنىپ
_ كۇپكۇندۇزدە ، ھەممە ئادەم بارىدىغان يەردە شۇنداق ماڭسا كىم كۆرمەيدۇ ،-دىدى ئۇ قاقاقلاپ كۇلۇپ تۇرۇپ ، شۇ ۋاقىتتا ئاندىن ئۆزۇمنىڭ شۇ ۋاقىتتا سەل خاتا قىلغانلىقىمنى ئويلاپ قالدىم « تۇۋا بىز ھايانى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمىز شۇ ۋاقىتتا »دىدىم مەن ئىچىمدە ھەمدە ئۇنىڭغا بىز مۇھەببەتلەشمىگەن دەپ چۇشەندۇرەي دەپ ئويلىدىمدە سۆز ئاچتىم
_ قول تۇتۇشۇپ ماڭغاننىڭ ھەممىسى مۇھەببەتلەشكەن بولمايدۇ ، بىز ساۋاقداش شۇ ،_دىدىم سەل خىجىلىىق ئارلاش
_ ۋاي قىزىرىپ كەتكىنىنى ، كىم بىلمەيدۇ ، سىز ئۇنىڭ بىلەن مابەتلەشكەن ،_دىدى ئۇ مېنى زاڭلى قىقىپ تۇتۇپ
_ ماڭە شۇم سەن مۇھەببەتنى چۇشىنەمتىڭ ، مۇشتۇمدەك تۇرۇپ دەپ يۇرگەن گەپلىرىنى ،_دىدىم مەن ئۇنى ئەركىلىتىپ تۇرۇپ
_ ئەلۋەتتە بىلىمەن، مەن ئوقۇغان «كاككۇك قايتا سايرىغاندا »دىگەن كىتاپتا شۇنداق ماڭغانلارنى مابەت دەپ ئاتايدىكەن شۇنىڭدىن كۆرگەن ، ھەم بىزنىڭ سېنىپتىمۇ بىر ئىككىسى مابەتلىشىپ قول تۇتۇشۇپ يۇرۇپتىكەن ،ئوقۇتقۇچىمىز تەنقىتلىگەن ،_دىدى ئۇ تەمكىنلىك بىلەن ،مەن ئۇنى جىلە قىلىش ئۈچۈن بىلسەممۇ قەستەن قىلىپ
_ سىنىڭمۇ مۇھەببىتىڭ بار ئوخشىمامدۇ ،_دىدىم كۇلۇپ تۇرۇپ
_ با نېمىشقا بولمىغۇدەك سەندىن ئۆگەنمىسەم بولامدۇ مەن ،_دىدى ئۇ ئۇماق كۆلۇپ ، مەن ئېچىمدە بالدۇر بوپ قاپتۇ سىڭلىم دەپ ئۇيلىساممۇ يەنە چاندۇرماي
_ كىم ئۇ سېنىڭ ئاتالمىش مۇھەببىتىڭ ، بۇ ماڭقا شۇملار نىمە قىلىپ يۇرۇيدىغاندۇ ،_دىدىم مەن سوئال نەزىرسى بىلەن قاراپ
_ سىزگە دەپ بەرمەيمەن تازا ،-دىدى ئۇ كۇلگەنچ مەندىن قېچىپ ، مەن ئۇنى قوغلاپ تۇتىۋېلىپ
_ دەپ بەرمىسەڭ سېنى قۇيۇپ بەرمەيمەن،-دىدىمدە ئۇنى قىچىقلاشقا باشلىدىم
_ ھە بولدى ، مەن دەي مەن دەي..... ئۇ كۇلكىسىنى تەس توختىتىپ ،- مېنىڭ مابىتىم بارغۇ كىتاپ ، كىتاپ مېنىڭ مۇڭدىشىم مابىتىم ، بىلدىڭىزمۇ ،- دىدى ئۇ ، «ھە مۇنداقكەندە ئۇنىڭدىن بىكالا ئاچىقلىنىپ يۇرۇپتىمەن » دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا قايىل بولدۇم ھەمدە ئۇنىڭغا قاراپ يەنە سۆز باشلىدىم ، بۇ قېتىم مەن ئۇنىڭغا چاقچاق ياكى مۇنداقلا دىمەي ھەقىقىي قىلىپ سۆزلەتتىم
_ سېنىڭ مۇھەببەتلىشىدىغان ۋاقتىڭ ئەمەس ھازىر ، ياخشى ئوقىساڭ بولدىدۇ ،_دىدىم
_ نېمىشقا بىر كىتاپتا بىر ئاشىق -مەشۇق كىچىكىدىن يۇرۇپ چوڭ بولغاندا تۇي قىلىدىكەن شۇنداق پەيزى بولىدىكەن شۇنداق بولسا ،_دىدى ئاسمانغا قاراپ خىيال سۆرۇپ ،«مانا كۆردۇڭمۇ ، بۇنداق كىچىك باللارغا مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن كىتاپلارنى ئوقۇغىلى قويغاننىڭ پايدىسى بو دەپ » دەتتىم ئۆزۇمگە
_ قويە ئۇنداق گىىپىڭنى ، ئۇ دىگەن كىتاپ ئۇ تۇرمۇشسنىڭ كارتىنىسى بولسىمۇ ھەرگىز رىئاللىققا ۋەكىل بولالمايدۇ ، شۇ كىتاپلاردا دىگەندەك مۇھەببەت بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى ، ئىسىڭدە بولسۇن ئۇنى ئۇقۇپ ئۆزىڭنى چېنىقتۇرساڭ بولىدۇ ھەرگىزمۇ رىئاللىقتا سىناپ باقما ، ھەممە ئىش ۋاقتى كەلگەندە بولىدۇ ، سە كىچىك چوڭ بولغاندا بىلىسەن ،-دىدىم ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ ،ئۇ مەنمۇن بولغاندەك بېشىنى يىنىك يىڭشىتىپ قويدى .بىزنىڭ پارىڭىزمىز مۇش يەردە ئۆزۇلدى ، مەن ئەتىسى ئالىي بىلىم يۇرتىغا ئوقۇش ئۈچۈن كەتتىم ، شۇ كەتكىنىمچە ئىككى يىل شۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشىمنى ئويلاپ باقمىغانكەنمەن ، ئوقۇش جىددىيچىلىكىدە مەن ئىككى يىلغىچە يۇرتقا قايتالمىدىم ، كەچلىكى يۇرتۇمنى سېغىنىپ تۇلغۇنۇپ كىتەتتىم ، مانا ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن يازلىق تەتىلدە ئۆيۇمگە بارىدىغان بىر ئايلىق ياخشى پۇرسەتكە ئىگە بولۇپ قايتىپ كەلدىم ، مەن يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم ماشىنىدىن چۇشۇپلا كۇگىنىم بىز كىچىكىمىزدە يۇگۇرشۇپ قوغلىشىپ يۇرگەن كۇچىمىز ، يولنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى بۇلۇق ئۆسكەن دەل دەرەخ بولدى بۇلارنى كۆرۇپ كۆڭلۇم باشقىچىلا سۆيۇندى ، ئۆيۇمگە كىلىپ بولغۇچە ئۇچراشقانلىكى ئادەم مەندىن ئەھۋال سۇراپ دىگەندەك ئاران دىگەندە ئۆيۇمگە كىلىۋالدىم ، ئاتا _ئانام بىلەن كۆرۇشۇپ ئايىغى چىقماس چاقىرۋېلىشلار بىلەن بىردەمدە بىر ھەپتە ئۆتۇپ كەتتى ، مەنمۇ ئىچكىردە كۆرگەن بىلگەنلىرمنى ، مەكتىپىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ھەر بىر ئادەمگە سۆزلەپ زىرىكتىم ، خۇداغا شۆكۇرى ئاخىرى بۇ چاقىرىشلارنىڭمۇ ئايىغى ئۆزۇلدى ، بىر كۆنى قوشنىلارنىڭ ھەممىسى مېنى يوقلاپ كىرىپتۇ ، مەن شۇنداق خوشال بولدۇم چۇنكى مەن بۇ قوشنىلارنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم ، ئەممابىرسىنى كۆرۇپ ئۆز كۆزۇمگە ئىشەنمەيۋاتاتتىم ،زۇلخۇمار پۇتۇنلەي ئۆزگۇرۇپ كەتكەندى ، ئۇنىڭ قولىدا زاكىلانغان بالا بار ئىدى ، بۇرۇنقى كۆلكە چۇشمەيدىغان كۆزلىرى ھازىر چەكسىز خورلۇقتىن نۇرسىزلانغاندى ، ئۆزى بولسا يېشىغا ماس كەلمەيدىغان ئۇزۇم كۆڭلەك كىيىپ قېرى ئاياللاردەك ياسىنىۋالغاندى ، مەن ئۇنىڭغا سىنجىلاپ قاراپ خىيالغا چۆكۇپ قالدىم ،
_ ئوغلۇم قوشنىلارنى ئۆيگە باشلا ،_ئانامنىڭ بۇ گىپى مېنى خىياللىرىمدىن ئويغاتتى
_ ھە ... ئۆيگە كىرىڭلار ... مەن قۇشنىلارنى ئۆيگە باشلىدىم ، مېنىڭ پۇتۇن ئەس يادىم سۆيۇملۇك سىڭلىم زۇلخۇماردا ئىدى ، قوشنىلارنىڭ مەندىن خۇددى چۇجەلاردەڭ چۇقۇرشۇپ سوراشقان سوئاللار ماڭا خوش ياقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، مەن پات -پات زۇلخۇمارغا قاراپ قوياتتىم ، ئۇ ماڭا قارىماستىن يەردىن بېشىنى ئۆزمەي بالىنى ئەللەيلىتىپ ئولتۇراتتى ، مەن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئانىسىدىن سورىماقچى بولۇپ؛
_ تاجىنسا ھەدە ، زۇلخۇمارنىڭ تويى بولدىما .... بۇگىپىمدىن پۇتۇن ئۆي جىملىققا چۆمدى ، مەنمۇ گەپ قىلماي بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن زۇلخۇمارنىڭ ئانىسى چىرايىغا زورىغا كۇلكە يۇگۇرتۇپ
_ ھە شۇنداق ، ئۇنىڭ تويىنى قىلىپ قويدۇق ، قىز بالا چۇڭ بولسا ياتلىق قىلمىساق بولمايدىكەن ،_دىدى ئۇ چىرايى كۆلۇپ تۇرسىمۇ ئەمما كۆزلىرى يىغلاتتى ، مەن يەنە بىر قېتىم زۇلخۇمارغا قارىدىم ، ئۇنىڭ ماڭزىگە ئىسسىق ياشلىرى سۇرۇلۇپ چۇشەتتى ،مېنىڭ باشقا سوئال سوراشقا تاقىتىم قالمىدى ھەمدە مىجەزىم يوقنى باھانە قىلىپ ياتاق ئۆيۇمگە كىرىۋالدىم ،«ئۇ شۇنداق بۇرۇن توي قىلغانمىدۇ ، بىلىشىمچە ئاتا _ئانىسى ئۇنى زورلىسىمۇ ئۇ ئۇنىماتتىغۇ ؟ ئۇنىڭ ئاتا -ئانىسى دېھقان بولسىمۇ خېلى ئىدىيىسى ئىلغار ئۇنداق مەجبۇرلىمايدۇ ، بۇ يەردە چوقۇم بىر ئىش بار ، توۋا ئۇنى مەجبۇرلاپ بەردى دىگەندىمۇ مەھەلىمىزدىكى ئەڭ نامرات ، نامراتلىقىدىن ئۆيلىنەلمىگەن ئەمراخۇنغا بەرمەس » شۇ خىياللار بىلەن ئۇخلاپ قالدىم ، ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرۇپ زۇلخۇمارنىڭ ئىشىنى بىلىش ئۈچۈن بىرگە ئويناپ چۇڭ بولغان ئۆزى دېھقان بالىسى بولسىمۇ غورۇرنى ،ۋىجداننى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان دوستۇم لىتىپنى ئىزدەپ باردىم ،بىز خۇشال كۆرۇشكەندىن كېيىن بىزنىڭ بۇرۇن داۋاملىق ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىدىغان سۆگەت سايىسىغا كىلىپ ئولتۇردۇق ، مەن سۆز باشلاپ بولغىچە ئۇ مېنىڭ كۆڭلۇمنى چۇشەنگەندەكلا سۆز باشلىدى
_ بولدى گەپ قىلما ئاداش ، سەن سىڭلىمىز زۇلخۇمار نىمىشقا بۇنچە بۇرۇن توي قىلىۋالدى دەپ سورىماقچىغۇ سەن ، ئۇنىڭغا بەك ئوۋال بولدى ، سەن كېتىپ كىيىنكى باھار كۇنلىرى ئۇ ئېتىزغا بىرىپ ئوت ئېلىۋېتىپتىكەن ، سەل كەچ قاپتۇ ، ئۇ ئىشنى تۇگۇتىۋېتىپ ئاندىن قايتاي دەپ ئويلاپ كەچ بولىشغا قارىماي ئىشلەۋىرىپتۇ ، بىر چاغدا ئۇنىڭ يالغۇزلىقىنى بىلگەن بىر نەچچە قارا نىيەت كەينىدىن كىلىپ بېشىغا خالتا كەيگۇزۇپ قويۇپ نۆۋەتلىشىپ ................ ئۇنىڭ گىپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىمايلا
_ كىملەركەن ئۇ خەپ ھەممىسىنى بۇغۇزلىۋەتمىسەم ،-مەن قانداق قىلىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتكىنىمنى ئۆزۇممۇ بىلمەي قالدىم ، ئاچچىقىمدىن مۇشلۇرۇم تۇرۇلۇپ كەتكەندى ، ئۇ مېنى مەجبۇرى ئولتۇرغۇزۇپ
_ گىپىمنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلا ئاداش ، ئۇلار زۇلخۇمارنىڭ بېشىغا خالتا كەيگۇزۇپ قويغاچقا بىلەلمەپتۇ ، ئۇنىڭ ئاتا _ئانىسى ئەرىز قىلدى ئەمما ساقچىلارمۇ تەكشۇرۇپ تاپالمىدى ، كەلگۇلۇك يەنە زۇلخۇمارغا قالدى ، ئارىدىن 5-6ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئاتا_ئانىسى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۇرتسە ئۇنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقى چىقىپتۇ ، بالىنى ئالدۇرۋېتەيلى دىسە دۇختۇرلار ۋاقتى ئۆتۇپ كىتىپتۇ ئالغىلى بولمايدۇ دەپتۇ ھەم نىمە دىدى مەنمۇ ئېنىق بىلمىدىم ئىشقىلىپ مەمەت ئابدۇللا ئاكامنىڭ غورۇرىغا تىگىدىغان گەپ قىلغان ئوخشايدۇ ئۇ دوختۇرخانىدىن ئاچىقلاپ يېنىپ چىقىپتۇ ، ئۇ بالىنى دادىسىز قالدۇرۇشقا بولاتتىمۇ ، نېمە ئامال؟ شۇ كىيىن ئۇنى ئەمراخۇنغا تويمۇ قىلماي كەچتىلا بىر نەچچە قوشنىلار بىلەن نىكاھ ئوقۇتۇپلا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى
_ ھەي ئاداش مەھەلىمىزدە بويتاق بالىلار شۇنچە كۆپقۇ ئۇنى ئۆز دادىسى دىمەتلىك ئۇ ئادەمگە بەرگۇچە بىرەرسىڭلار مەيدە كىرىپ ئۇنى ئالساڭلار بولماسمىدى ،_دىدىم مەن غەزەپلىك كۆزلىرىمنى يىراققا تىكىپ
_ بۇنى ئويلىمىدۇق دەمسەن ، مەن شۇ تۇغۇرلۇق ئۆيدىكىلەر بىلەن ئۆپ سۇقاشتىم ، باشقا مەمەت تۇرسۇنمۇ ، مەمەت ئېلىيمۇ شۇنداق قىلدى ئەمما چوڭلار قوشۇلمىسا نىمە ئامال دەيسەن ،-دىدى ئۇ قەتتىي قىلىپ ، «ھە شۇنداق ئۇ پاكلىقىنى يۇقىتىپلا تۇرغان بولسا بىرگەپ بولار ئىدى ،ئەمما يەنە بىر بالىمۇ بار ئەمەسمۇ ؟»مەن شۇنى ئويلىدىمدە
_ سېنىڭ قولىقىڭ خىلى ئوزۇن بۇ ئىشنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى ئاڭلىمىدىڭما ؟_دەپ سۇرىدىم ئۇنىڭغا سۇئال نەزىرىدە قاراپ
_ مەن كىم ئاڭلىماي قالارمەنمۇ ؟ 1ئاي ئالدىدا ئاڭلىشىمچە دۆڭ مەھەلىدىكى ھېلىقى ئەمەر پۇ دىگەن بىر نىمىلەر بىز قىلغان .....دىگەن گەپلەرنى قىلىپ يۇرۇپتۇ ، بۇنداق پەسكەش ئىشنى شۇلاردىن باشقا كىم قىلاتتى
_ ئەمەر پۇ ........... چىشلىرىم غۇچۇرلىشىپ ، مۇشلىرىم تۇرۇلمەكتە ئىدى
_ ئاداش مېنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئەدىپىنى بىر بېرىشمى ئويلاپ تۇراتتىم بۇگۇن كەچتە ئۇ ئېتىزلىقىنى سۇغارغىكى چىقىدىكەن بۇ بىر ياخىش پۇرسەن ،-دىدى ئۇ مۆرەمنى تۇرۇپ تۇرۇپ
_ بىزنى ئاللا يۇلەپتۇ ، كەچتە باللانى يېغىپ ئۇنىڭ ئەدىۋىنى بىرىپ قويايلى ،-بىزنىڭ سۆزىمىز سۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى
كەچ كىرىپ ئەتراپنى غۇۋا پەرىق ئەتكۇدەك ۋاقىتتا مەن قاتارلىق بىر نەچچە دوستلار «ئېلىش بېشى »دەپ ئاتىلىدىغان ،سۇ تەخسىملەش ئۇرنىنىڭ ئالدىدا يىغىلدۇق ، بىردەم كۇسۇرلىشىپ پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئەمەر پۇنىڭ ئېتىزلىقى تەرەپكە قاراپ سۇرۇلدۇق ، بىز ئۇنىڭغا يېقىنلاشقاندا ئۇ سەت ئاۋازىنى قويىۋېتىپ ماز ناىسىلارغا توۋلاپ ئۇلتۇراتتى ، بىز بۇرۇن تەييارلاپ قويغان خالتىنى قولىمىزغا ئىلىپ ئاۋازسىز بېرىپلا ئۇنى خالتىغا سۇلاپ تېپىپ مۇشلاپ ، قانغۇچە ئۇردۇق ، باشتا «كىم ؟ قانداق قاپ يۇرەك ھەرقايسىڭ دوپ تۇۋلىغان ئۇ نوچى بىزگە يالۋۇرۇشقا باشلىدى» ، ھېچ قايسىمىز ئۇنىڭ ئاھۇ -زارىغا قولاق سالغۇمىز يوق ئىدى ، بىز ئۇرۇپ دەسسەپ ھارغاندا مەن بۇرۇن ئۆيدىن ئېلىۋالغان پىچىقىمنى چىقاردىم ئۇنى ئۆلتۇرۋېتىش نىيىتىم بار ئىدى ، ئەمما مەن پىچاقنى چىقارغۇچە لېتىپ قولۇمنى تۇتىۋېلىپ بېشىنى چايقىدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن «بۇنداق نائەھلىنىڭ قېنى بىلەن قولۇڭنى بۇلغىساڭ ، سەنمۇ تۆگىشىسەن ، سەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ،شۇنى ئۇنتۇپ قالما زۇلخۇمارنىڭ بارلىق مەھەللىنىڭ ئۆمىدى سەندە »دىگەننى كۆرگەندەك بولۇپ پىچاقنى قەيەردىن ئالغان بولسام شۇ يەرگە تىقېۋىتىپ ئۇنى چوڭ بىر دەرەخكە ئېسىپ قويۇپ قايتىپ كىتىشتۇق ، ئەتىسى باشقىلار ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپتۇ ،ئۇنىڭ نەچچە يىرىدىن سۇنغانكەن ، بىز بۇ ئىشنى ئۇنىڭ ئىپلالىقى ئۈچۈن بىرىلگەن جازا ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇپ قويۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدۇق .
ھەش پەش دىگۇچە مېنىڭ تەتىل ۋاقتىم توشۇپ مېنىڭ ماڭىدىغان ۋاقتىممۇ كىلىپ قالدى ، مەن بۇرۇنقىدەك ئۆيدىكىلەر بىلەن خۇشلىشىپ ماشىنىغا چىقتىم ، ماشىنا يولدا ئۇچقاندەك كىتىپ باراتتى، مەن يەنە زۇلخۇمارنى خىيال قىلدىم ، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلىپ بىرەلمەيدىغانلىقىمغا كۆكۇنەتتىم ،مەن يۇرتىمىزغا يەنە بىر كۆز يۇگۇرتۇپ تۇرۇپ «زۇلخۇمار سىڭلىم سەن مېنىڭ قەلبىمدە يەنىلا بۇرۇنقى ئوماق، شوخ ، كۇلگۇنچەك قىز ، قەددىڭنى رۇسلا ،سېنىڭ تېنىڭ ناپاكلار تەرىپىدىن بولغاندىمۇ ،دىلىڭ بولغانمىدى ، ئىتىقادىڭ بولغانمىدى ، بىلىمگە بولغان قەلبىڭ بولغانمىدى ، سەن يەنە پاك بىر قىز »دىگەننى پىچىرلاتتىم ، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا مۇھەببەتتە بولسۇن ياكى بىلىم ئېلىشتا بولسۇن نىمە ئارزۇ _ئارمانلارنى تىكلىگەن ، قانداق شېرىن خىياللارنى سۆرمىگەن ھەممىسى تۇگەپتۇ دىگەنلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۇزۇپ ئىسسىق ياشلىرىمنى سۆرۇتۇم ......
مەنبە : ئۆز قەلىمىم
[ بۇ يازماسەردارتەرپىدىن2008-11-21 11:54 AMدە قايتا ]