مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » ھىكايە ۋە چۆچەك » يۇرەككە يۇشۇرۇنغان ھەسرەت
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سەردار
~ قەلبىمدە سۇنغان ئەتىرگۇل~
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


تىزىم نۇمرى : 1733
نادىر تېما : 27
يازما سانى : 2091
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2091دانە
شۆھرىتى: 1943 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 709 سوم
ياخشى باھا: 4247 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:10 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:582 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

68 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-15
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 يۇرەككە يۇشۇرۇنغان ھەسرەت

4
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
تېما باشقۇرغۇچى BUMARYAM تەرپىدىن نادىرلاندى. (2008-11-18)
ئۇننىڭ كۇنىراپ كەتكەن شاپاق دوپپىسى ئىچىدىن قارا چاچلىرى كۇرۇنۇپ تۇراتتى ، چىرايلىرى تۇپا باسقان بولۇپ ، چىكىسىدە بىرنەچچە تال تەر تامچىسى سۇرۇلۇپ چۇشكەندى ، چىرايلىرىغا چۇشكەن قورۇقلار ئۇنىڭ نۇرغۇن جاپالارنى تاتقانلىقىنى كۆرسۇتۇپلا تۇراتتى ، « بۇرۇن ياخشى ئوقۇمىغانلىق ياكى بولمىسا ئاتا -ئاناڭنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىغانلىق سەۋەبىدىن مۇشۇ كۇنگە قانغانسەن ھەقىچان »دەپ ئويلاتتىم ،ئۇنىڭغا ھېسداشلىقىم بولسىمۇ ئۇ ھامان ئىشلەمچىدە ،ئۇنى كۆزگە ئىلماسلىق ،ئۇنى پەس كۆرۇش ئىدىيىسى مەندە بولغاچقا ئۇنىڭغا چىرايىمنىمۇ  بەك ئېچىپمۇ كەتمەتتىم ،پەقەت بىرەر ئىش بولسا «ئاكا ئۇنى قىلىڭ ،بۇنى قىلىڭ »دەپ بۇيرۇق سوقاتتىم ، مەن ئۇنىڭغا پات- قاراپ قوياتتىم ،  مېنىڭ «سەن بىر ئىشلەمچىغۇ ، بۇگۇن بىزنىڭ ئۆيدىكى ئىشلارنى قىلىپ كەچتە ھەققىڭىنى ئېلىپ قايتىپ كەتسەڭ ئەتىدىن باشلاپ كىم تۇنۇيدۇ  سېنى »دىگەن مەنە كۆلىرىمدىنلا چىقىپلا تۇراتتى ، ئۇ بۇ خىياللىرىمىنى بىلگەندەك ماڭا تىكىلىپمۇ قارىماتتى ، ئەگەر كۆزلىرىمىز بىر نوقتىدا ئۇچۇرشۇپ قالسا ئۇ ئوياتچان كۆزلىرىنى تىزلا مەندىن ئېلىپ قاچاتتى، « بولدى ، ئەمدى تاماق يەپ قالغان ئىشلارنى چۇشتىن كىيىن قىلىڭلار »دىگەن گىپى بىلەن ھەمىمىز قولۇمىزدىكى ئىشلارنى قويۇپ قوللىرىمىزنى يۇيۇشقا كەلدۇق
_ئوغلۇم ماڭ كىرىپ چۆگۇندە  سۇ ئېلىپ چىق ،ئاكاڭ قۇلۇڭنى يۇۋالسۇن
_مەنما............
_ھە  سەن  ئەمىسە مەن ئاچىقامدىن ،_دادام ماڭا  پەرۋاسىزلا شۇنداق  دىدى ، مەن «مۇشۇ ئىشلەمچىگە مەن سۇ ئاچىقىپ قولىغا قويۇپ بىرەمدىم »دەپ غۇدۇڭسغاچ ئۆيگە كىرىپ بىر چۆگۇن سۇ ئېلىپ چىقىپ ئۇنىغا قاپىقىمنى تۇرۇپ؛
_ كىلىپ قولىڭىزنى يۇيۋېلىڭ ،_دىدىم سوغۇق ئاۋازدا
_ ئەكىلىڭ ئۆزۇم قۇيۇپ بىرەي ، سىزنى ئۆزۇمگە سۇ قۇيدۇرۇپ يۇرسەم بولماس ،-دىدى ئۇ خىجىللىق ئارلاش ، «ساڭا سۇ قويۇپ بەرگىلى كىمنىڭ رايى باركىن ،مېنىڭ سۇ قۇيۇپ بىرەي دىگىنىمگە خۇش بۇلساڭ بولىدۇ ، دادام دەپ قالدى بولمىسا ساڭا ھەرگىز سۇ قويۇپ بەرمەتتىم »دەتتىم ئىچىمدە بىراق چىرايىمغا زورىغا كۆلكە يۇگۇرتۇپ ؛
_ ياقەي ھېچقەسى يۇق ،مەن قۇيۇپ بىرەي ،-دىدىم ، ئۇ قولىنى ماڭا تەڭلىدى ، مەن قەستەن سۇنى ئاز-جېق قۇيۇپ ئۇنى قىيناتتىم ،ئۇ قولىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ،قولىنى ئىككى قولتىقىغا قىسىپ سۇرۇتتى ،
_نىمانچە مەدەنىيەتسىز ئادەم ئاۋۇ ،_دىدىم مەن دادامغا پەس ئاۋازدا
_جېق گەپ قىلما ،_دادامنىڭ زەردە بىلەن دىگەن بۇ گىپى مېنى تىنجىتىپلا قويدى ، بىز ئۆيگە كىردۇق ، ئانام بىر سائەتتىن بىرى كايىپ بىزگە پولۇ ئەتكەندى ، «ما ئانامنى مۇشۇ ئادەمگىمۇ پولۇ ئىتىپ چوڭ مېھمانلارنى كۆتكەندەك كۆتۇپ كىتىشلىرىنى »دىگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۇزۇپ بىر چەتتكە كىلىپ ئولتۇردۇم ، ئالىدىمىزغا تاماق كەلدى ، بىز جىمجىتلا ئولتۇرۇپ تامىقىمىزنى يىيىشكە باشلىدۇق ، تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن
_ ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتتى ، بىز ھازىر بىرەر سائەت دەم ئېلىپ چۇشتىن كىيىن ئىش باشلايلى ،دىدى دادام سۇنايلىپ يېتىپ تۇرۇپ
_ ئۇنداق قىلساق ئىش تۇگىمەسمىكىن ، ئەتىگە قالسا ياخشى بولماس ،_دىدى ھېلىقى ئادەم
_ھېچقىسى يوق تۇگىتىمىز تۇگۇمەي قالسا سىز بولغاندىكىن ئەتە يەنە بىر كۇن ئىشلەپ بىرەرسىز ، ئەتە يەنە ئىشلەپ بەرسىڭىز بىراقلا رازى قىلمامدىم ، _دىدى دادام ، «مۇشۇ ئادەمگىمۇ ئىچ ئازىرتىپ ئارام ئېلىڭ دەپ يۇرگىنىنى ما دادامنىڭ ، بۇنداق ئادەمنىڭ دېمىنى ئالغىلى قويماي ئىشقا سالماي »دىگەنلەرنى ئويلاپ دادامغا مەنىلىك قاراتتىم .
_ ھە ئوغلۇم قارايسەنغۇ ؟ چۇشتىن كېيىن بىر يەرگە بارامتىڭ ، -دادام ماڭا سۇئال نەزىرسىدە قاراپ
_ ياق چۇشتىن كىيىن بارمايمەن ، ئەتە باراتتىم ئىش بۇگۇندىن قالسا ئەتە بارالماي قېلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن .
_ ئەتىدىن غەم يىدىم  دىگىنە كۆرمىدىڭمۇ ماۋۇ تەمبەل ئاكاڭنى بۇگۇن تۇگىتىدۇ تۇگىمىسە ئەتە سېنى ئاۋارە قىلماي ئۆزىلا قىلىدۇ سېنىڭ ئىشلىرىڭغا تەسىر يەتمەيدۇ ،-دىدى دادام ھېلىقى ئادەمگە قاراپ ، ئۇ شۇنداق دىگەندەك بوشلا بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى ،مەن گەپ قىلمىدىم ،ئەمما ئەتىدىكى ئىشىمنىڭ سوغا چىلاشمىغانلىقىغا كۆڭلۇمدە خۇشاللىقىم بار ئىدى ،بىز بىردەم تېنىچ ئولتۇرغاندىن كېيىن دادام سۆز باشلىدى
_ ئۇكام سىز بۇ شەھەرلىك ئەمەستەك قىلىسىز -ھە
ئۇ خىيالچان كۆزلىرىنى دەرھال دادامغا تىكتى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بۇنى نىمىشقا سورايسىز دىگەندەك مەنە چىقىپ تۇراتتى
_ ھە  شۇنداق مەن خوتەنلىك ئەمەس قەشقەرلىق ،_دىدى ئۇ يەرگە قاراپ ، مانا دىمىدىممۇ ئۇ باشقا ياقلاردىن ئېقىپ كىلىپ قالغان ئاقۇندى چۇپىرەندىكەن دىگەنلارنى ئويلىدىم
_ ئەمىسە نىمە بولۇپ ،بۇ جايلارغا كىلىپ قالدىڭىز ؟ _دادام ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرىغا قىزىققاندەك قىلاتتى ، ئۇ باشقا گەپ قىلماي مۇخۇرلىسىنى ئوراشقا باشلىدى ،ھەمدە ئوت تۇتاشتۇرۇپ قاتتىق بىر ئىككىنى شورىۋېتىپ جىملا ئولتۇردى ،
_ ئۇكام قارىسام دەتنى كۆپ تاتقاندەك قىلىسىز ، ھېكايىڭىزنى بىر سۆزلەپ بىرەمسىز ، مېنىڭ بالامدەك ئۆزىنى بىلەلمىگەن ئالا قاناتلار بىر ئاڭلاپ باقسۇن ،-دىدى دادام ماڭا قاراپ مەنىلىك كۆلۇپ قويۇپ ، «دادامنىڭ نىمە دىگىنى بۇ ، بۇ ئادەمنىڭ قانچىلىك ھېكايىسى بولماقچىدى ،شۇ دادىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىغاچقا ئۆيىدىن قوغلاندى بولغاندۇ » دىگەنلارنى ئويلاتتىم مەن ، ئۇ تاماكىسى چىكىۋېتىپ خىيالچان كۆزلىرىگە كەلگەن ئىسسىق يېشىنى سۇرىتىۋەتكەچ گەپ باشلىدى .
    مەن قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى بىر يەككە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ، ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىزادى ئەھۋالىمۇ ھەر ھالدا ياخشى ئىدى ، مەنمۇ كىچىكىمدىن ھېچ نەرسىنىڭ خاپىلىقىنى كۆپ تاتماي چوڭ بولغان ،ئەمما كىچىكىمدە دادام ھاراق ئىچىۋېلىپ مېھرىبان ئانامنى ئۇرغانلىقىنى كۆپ كۆرەتتىم ،ئۇ چاغلاردا مەن بۇ ئىشلارنى بەك چۇشۇنۇپمۇ كەتمىگەچكە پىسەن قىلماپتىمەن ، ئۇ چاغدا مەندىن بەختىلىك بىرسى يوق دەپ ئويلاتتىم ، مەن باشلانغۇچنى پۇتۇرۇپ ئۇتتۇرا مەكتەپكە چىققانلاردا ئاندىن ھېس قىلىشقا باشلىدىم ئەسلى بىزنىڭ ئائىلە بەكمۇ بەخىتسىز ھېساپلىنىدىغان ئائىلە ئىكەن ، مەن دادامغا نەپرەتلىنىشكە باشلىدىم ، شۇڭىمۇ ئۆيگە قاتقۇم كەلمەتتى ، مەكتەپتىن يېنىپ ئوقۇمايدىغان باللا بىلەن يەرمۇ يەر ئايلىنىپ يۇرەتتىم ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇلاردىن تاماكا چىكىشنى ،ھاراق ئىچىشىنى ئۆگەندىم ، مەكتەپكىمۇ بىرىش خوش ياقمايتتى ، شۇنداق يۇرۇپ ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ پۇتتۇردۇم ، مەن شۇ ۋاقىتلاردا ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىپ قويساملا چاقىرىق كىلىدىغاندەك بىلىنەتتى ، مەن ئالىي مەكتەپكە كەتسەم بۇ ئائىلىدىن قوتۇلىمەن دەپ شىرىن خىياللارنى سۇرەتتىم ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بىرىپ نەتىجىسى چىقتى مەن مەكتەپ بويىچە ئەڭ تۆۋەن نۇمۇر ئاپتىمەن ، ماڭا چاقىرىق كەلمىدى ، شۇ كۇندىن باشلاپ مەن ھەقىقىي تۇردە مەكتەپتىن قوتۇلۇپ جەمىيەتكە قوشۇلدىم ، جەمىيەتتە كۇنى ئويناپ يۇرۇش نىمانچە كۆڭۇللۇك ئىش -ھە ، مەن ئەركىن قۇش بولدۇم نەگە ئۇچۇپ بارغۇم كەلسە شۇ يەرگە ئۇچاتتىم ، ئاتا-ئانامنىڭ بەرگەن ئىككى تۆت تال پۇلىسى نىمە ئىدى ،مەن پۇل تاپقان كۇنلىرى پادىشاھ پۇل يۇق كۆنلىرى بولسا ئۆيدىن تالا چىقماي يۇۋاش بالا بولۇپ قالاتتىم ، باللا نەچچە قېتىم ماڭا ئوقەت قىلايلى دىگەن ئۇلارنىڭ ئوقەت دىگىنى ئەمەلىيەتتە ئوغۇرلۇق بولغاچقا مەن قىلىشنى خالىمىدىم ، مەن ھەرقانچە ئويۇنچى بولۇپ كەتسەممۇ تېخى ۋىجدانىمنى ،ئوغۇل بالىدەك غۇرۇرۇمنى ئىتقا تاشلاپ بەرمىگەندىم ، بىر كۇنى پۇل يۇق ئۆيگە جىلە بولۇپ ئولتۇرسام دادام بىر ئادەمنى باشلاپ كىرىدى .
_ بالام ، ماۋۇ سىدىق تاغاڭ بولىدۇ ، سەن بۇندى كېيىن بۇ تاغاڭ بىلەن ئىچكىردە ئاشخانا ئاچىسەن ،-دىدى ، مەن باللادىن ئىچكىردە پۇل تاپماق ئاسان دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ، بۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەت دەپ ئويلاتتىم ئەلۋەتتە مېنىڭمۇ ئايرىم ئىگىلىك تىكلىگۇم باردە ،مەن چىرايمغا كۆلكە يۇگۇرتۇپ تۇرۇپ
_ ھا بەك ياخشى بوپتۇ ، -دىدىم
بىز تىزلىكتىلا تەييارلىقىمىزنى پۇتۇرۇپ ئىككى كۇندىن كىيىن يولغا چىقتۇق ، ماشىنىدا بىر كۇن يول يۇرۇپ ئۇرۇمچىگە چۇشتۇق ئاندىن پۇيىزغا چىقىپ بىر نەچچە كۇن ماڭغاندىن كېيىن ماڭا تامامەن ناتۇنۇش بولغان بىر شەھەرگە كىلىپ توختىدۇق ، بۇ ئارلىقتا سېدىق دىگەن بۇ ئادەم ماڭا بىزنىڭ بارماقچى بولغان جايىمىزنىڭ بەك ياخشىلىقىنى ماختاپ بىزنىڭ بارىغان جاينىڭ جەننەتتەك جاي ئىكەنلىكىنى سۆزلەتتى، مەن دۆتمۇ بۇ گەپلەرگە ئىشىنىپ شىرىن چۇشلەرنى كۆرۇپ يۇرۇپتىمەن ، بىز بۇ شەھەرگە كەلگەندىن كېيىن ئۇ مېنى بىر ئۆيگە باشلاپ كەلدى، بۇ ئۆي  شۇنداق چىرايلىق ئىدى
_ كۆردۇڭمۇ تۇرسۇن بىز بۇندىن كېيىن مۇشۇ ئۆيدە ياشايمىز نىمە يەي نىمە ئىچەي ھەممىسى تەييار ، سەن بىردەم ئولتۇرۇپ تۇر مەن سىتتا بىجىردىغان ئىش بار ئىدى ،-دەپ ئۇ  سىتقا چىقىپ كەتتى ، مەن تىلىۋىزۇرنى ئېزىپ قاناللارنى ئالماشتۇرۇپ ئۇيغۇرچە قانالدىن بىرنىمۇ تاپالماي ئولتۇرسام سىتتىن تەمبەل كەلگەن ئۈ ئادەم كىرىپ كەلدى ،
_ بىرەر ئىشىڭلار بارمىدى ، سېدىق ئاكام سىتقا چىقىپ كەتكەن بىردەمدىن كېيىن كىلىدۇ ، بىردەم ساقلاپ ئولتۇرۇڭلار ،-دىدىم مەن ئۇلارنى ئۇلتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ ، ئۇلار بىر-بىرسىگە قاراپ مەنىلىك كۆلۇپ قويۇپ كىلىشىپ ئولتۇرشتى ، بىردەملىك جىملىقتىن كېيىن ئارىسىدىن پوزۇر كىيىنگەن بورۇتلۇق بىرسى سۆز باشلىدى
_ھە ئۇكام ، بۇندىن كېيىن بىز بىرگە تۇرۇمىز ، ياخشى كۇنلەر ئالدىمىزدا تېخى ،سەن گەپ ئاڭلاپ بىزگە ماسلاشساڭلا سەنڭىمۇ ياخشى بىزگىمۇ ياخشى ،-دىدى
_ نىمە دەۋاتىسىز ئاكا ، مەن سېدىق ئاكام بىلەن ئاشخانا ئاچىقىلى كەلگەن ،سىنى مەن تۇنىمايمەن بۇ گەپلەرنى سېدىق ئاكام بىلەن دىيىشىڭ ،-دىدىم مەن ھەيرانلىق ئىلكىدە «ھاھاھاھاھ......»ھەممىسى كۆلۇشتى ،ھېلىقى ساقالىق ئادەم يەنە سۆز باشلاپ
_ھە شۇنداق بىز ئاشخانا ئاچىمىز ، يەنە باشقا تىجارەتمۇ قىلىمىز ،_دىدى ئۇ ماڭا سەت ھېجىيىپ ، مەن شۇ ۋاقىتتىلا ئالدانغىنىمنى بىلدىم ،ھەم ئۆزۇمنى تۇتىۋېلىپ تۇتۇپ
_سېدىق ئاكام كەلسۇن ، ئۇ كەلگەندىن كېيىن دىيىشەيلى ،-دىدىم ، يەنە بىر قېتىم سەت كۆلكە كۆتۇرۇلدى ، ئارىدىن ئۇرۇقراق كەلگەن خۇنۇك چىراي بىرسى قېشىمغا كىلىپ ؛
_ھەي شۇم ئۇ ئاكاڭ بايام شىنجاڭغا قايتىپ كەتتى ، ئەمدى سەن بىز بىلەن تۇرىسەن گەپ ئاڭلىمىساڭ كۆرگۇلىكىڭ بار ، گەپ ئاڭلىساڭ مېنىڭ ياخشى ئىنىم بولۇپ قالىسەن ،-دىدى تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ ئىسىنى چىرايىمغا پۇلەپ
_ ياق....................  ئاۋازىمنىڭ بۇنچىلىك ئۇنلۇك چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزۇممۇ بىلمەيلا قالدىم ، ئۇلار بىر-بىرسى بىلەن بىردەم كۇسۇلداشقاندىن كېيىن ھېلىقى خۇنۇك چىراي يەنە قېشىمغا كىلىپ
_ قانداق ئۇكا بىز بىلەن ئوقەت قىلامسەن يا ؟-دىدى ھېجىيىپ تۇرۇپ ، مەن كاللامنى قۇچاقلاپ يەرگە قاراپ ئولتۇرۇپ بىردەم خىيال سۇرگەندىن كېيىن
_ ئاكىلا مەن ئاشخانلاردا ئىشلەمچىلىك قىلىپ بىرەي مېنى ، مېنى يامان ئىشقا سالماڭلار ،-دىدىم مەن ئۇلارغا يالۋۇرۇپ
_ يامان ئىش ھەي شۇم سېنى 10مىڭ كويغا سېتىۋېلىپ سېنى بىكارغا باقامدۇق ،-دىدى زەردە بىلەن شۇ ۋاقىتتا ئۆزۇمنىڭ سېتىلغانلىقنى ھېس قىلدىم ، ئۇلار ماڭا جېق گەپ قىلمىدى ،مېنى يەر ئاستى ئۆيىگە سۇلاپ قويۇشتى ، ئالا ھەزەل ئىككى كۇن ھېچ نەرسە بەرمەي سولاپ قويۇشتى ، بىر كۇنى ئىشىك ئېچىلىپ ھىلىقى ئۇچى مېنى ئىلىپ چىقىشتى ، ئۇستەل ئۇستىدە توخۇ گۆشى ، كالا گۇشى قاتارلىق نازۇ نىممەتلار بار ئىدى ، قۇرسۇقۇم بەك ئېچىپ كەتكەچكە ھېچكىمگە قارمايلا شۇ تەرەپكە سۇرۇلدۇم ،ئالدىمنى تەمبەل كەلگەن بىرسى توسىۋالدى .
_ ھە بالاڭزا قورسۇقۇڭ ئاچقان ئۇخشىمامدۇ ؟ قانداق بىز دىگەن ئىشنى ئويلاشتىڭمۇ ؟-دىدى مېنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرۇپ ،
_ ئۇخلاپ چۇشۇڭ،مەن ئۇ ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن ،-دىدىم زەردە بىلەن ، تاسىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن كەينىمگە ئۆرۇلۇپ چۇشتۇم « ئۇرۇڭلار بۇ ھارىمىنى » دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ باشلىرىمدا تىپىك مۇش يېغىشقا باشلىدى ، مەن بېشىمنى قوغداپ تۇگۇلۇپ ياتاتتىم ئۇلار مېنى بىر ھازا ئۇرغاندىن كېيىن توختاپ قېلىشتى ،« بۇلاردىن قۇتىلالمىغۇدەكمەن ، مەن نىمىشقا بۇ يەرگە كىلىپ قالدىم ، دادام مېنى قاراپ تۇرۇپ ئوتقا ئىتتىرمەس، چۇقۇم دادامنى ھېلىقى سېدىق دىگەن ئالدىغان گەپ بۇلاردىن سوراپ بىلىۋېلىپ ھازىرچە ئۇلارغا بويسۇنغاندەك قىياپەتكا كىرىۋېلىپ ئاندىن پۇرسەت تېپىپ قاچمايمەنمۇ »دىگەننى خىيالىمدىن ئۆتكۇزۇپ ، ئاخىرقى كۇچۇمنى يىغىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ
_ بۇپتۇ ، مەن سىلەرگە بۇيسۇناي، ئەمما ماڭا بىر گەپنى دەپ بىرىڭلار ماقۇلمۇ ؟-دىدىم مەن ئۇلارغا قاراپ ، ئۇلار بىر-بىرگە قارىۋېتىپ ،
_ بولدىغۇ مانا شۇنداق قىلساڭ سەنمۇ تاياق يەپ يۇرمەيسەن ،مەنمۇ ئورىمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ يۇرمەيمەن ئەمەسمۇ ؟-دەپ ھېلىقى خۇنۇك چىراي بىرنىمە مېنى ئۇلتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى ، مەن كىلىپ ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ رازىلىقسىز تائاملارنى يىيىشكە باشلىدىم
_ ھە نېمىنى بىلمەكچى ئىدىڭ ، ھە مەن بىلىمەن ،بۇ يەرگە قانداق كىلىپ قالغانلىقىڭنى سورىماقچىغۇ ؟ بۇپتۇ سەن بۇ يەرگە كەلدىڭمۇ كىتەلىشىڭ مۇمكىن ئەمەس ، ھېلىقى سېدىق دىگەن ئادەم بىدىكى شىنجاڭدىكى بالىلارنى سېتىۋىلىپ بۇلامدۇ ،ئالداپ بۇلامدۇ بۇ يەرگە ئاچىقىپ بىزگە سېتىپ بىرىدۇ ، سېنىمۇ داداڭ قىماردا ئۇتۇرۋېتىپ 5مىڭ يۇۋەنگە سېنى ئۇنىڭغا بىرىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن سەن بۇ يەرگە كىلىپ قالدىڭ ،ئەمدى بۇرۇنقى ئىشلىرىڭنى ئۇنتۇپ كەت بۇ يەردە بىزگە ياخشى ئىشلىسەڭ ساڭا ياخشى ،-دىدى ئۇ تاماكا تۇتاشتۇرۇپ ، مەن گەپ قىلالمىدىم مېنىڭ ئەس يادىمدا «داداڭ سېنى 5مىڭ يۇۋەنگە ھېساپلاپ بىرىۋېتىپتۇ »دىگەن گەپ جاراڭلاتتى ، مۇشلىرىم تۇرۇلدى ،«خەپ »دىدىم مەن ئىچىمدە ، شۇ كۇندىن باشلاپ ئۇلار بىلەن بازارغا چىقىم باشتا سەل قورقۇپ جېق پۇل تاپالمىدىم ، ئەمما كېيىن بۇ ئىشلارغۇمۇ كۆنۇپ كەتتىم .ھەر كۇنى ياتقاندا قانغۇچە يىغلىۋالاتتىم ، نەچچە رەت قاچتىم ، ئەمما تۇتىۋېلىشىپ كىچە ئىسىپ قويۇشتى ياكى بولمىسا بىر نەچچە كۇن تاماق بەرمەتتى ، شۇنداق بولغاچقا قېچىشتىنمۇ قورقۇدىغان بولۇپ قالدىم ، شۇنداق قىلىپ ئۇ جايدا نەچچە يىل تۇرۇپ قالدىم ، بىر كۇنى سودا تازا كاسات قۇرقۇنسىراپ ئۆيگە كەلسەم ئۆينىڭ ئالدىنى ساقچىلار قاپلاپ كىتىپتۇ ، مەن ئۇ جايغا بارسام چۇقۇم مېنىمۇ تۇتۇپ كىتىشەتتى شۇڭىمۇ بارماي دەرھاللا كەينىمگە قاچتىم ، شۇ چاغدا قاچىدىغان ياخشى پۇرسەت دەپ ئويلىدىمدە پۇيىز ئىستانسىسىغا قاراپ يۇگۇردۇم ، پۇيىز بىلىتى ئالدىمدە شىنجاڭغا كىلىۋېلىپ قەشقەرگە كەلدىم ، «ھەي ......»نەدىن بىلەي بۇرۇنقى ئۆيىمىزنىڭ ئۇرنىدا شۇنداق ھەشەمەت ئىمارەت قەت كۆتۇرۇپتۇ ، مەن ئالدىغا باردىم ، شۇ چاغدىلا دادامنىڭ مېنى 2مىڭ يۇۋەنگە سېتىۋەتكەنلىكى ئىسىمگە كىلىپ ئۆيگە كىرمەي كەيمىگە ياندىم ئىچكىردىكى خارلىق يۇرتۇمغا بولغان سېغىنىش دادامنىڭ مېنى سېتىۋەتكەنلىكىنى ئۇنتۇپلا كىتىپتىكەنمەن ، ئۇ ئىشلار مانا ھازىر ئىسىمگە كەلدى ، مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مۇكىمۇكىلەڭ ئۇينايدىغان خارانە ئۆيلەرگە كەلدىم بۇ جاي قىلچىلىك ئۆزگەرمىگەندى مەن شۇ جاينىڭ خىلۋەت بىر جايىغا كىلىپ ياتتىم ، يۇرتۇم ئاسمىنىڭ يۇلتۇزلىرى ماڭا شۇنداق نۇرلۇق كۆرۇنۇپ كەتتى ، مەن خىيالغا پاتتىم « دادام مېنى سېتىۋەتتى ، مېنى شۇنداق يامان كۇنگە قويدى ،دىگەننى ئويلىغىنىمدا شۇنداق ئاچچىقىم كىلەتتى ، ئانامنى ئويلىغىنىمدا ئۆزۇمدىن ياشلار سىرىلىپ چۇشتى ، شۇ چاغدىلا ئۇ مېنىڭ دادام ئەمەسمۇ ، مېنى سېتىۋەتسۇن ، ياكى نىمە قىلسۇن ھامان مېنىڭ دادام ئەمەسمۇ ، ئاتا-ئانىنى رازى قىلىش بالىنىڭ مەجبۇرىيتى ئەمەسمۇ ؟ بۇلدى قايتىپ كەلدىمغۇ مانا بولدىلا دادامنى كەچۇرەي بۇندىن كېيىن ئۇنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلاي »دەپ ئويلاپ بىر چاغدا ئوخلاپ قاپتىمەن ،ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپلا يەنە شۇ چوڭ ئىمارەتنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئىككىلەنمەيلا ئۆينىڭ ئىچىگە كىردىم ، توۋا چوڭ ھويلىدىكى ئوتتۇرسىدا شەھىرىمىزدە چوڭ باي دەپ قارىلىدىغان تاھىر ھاجىم گۇللەرنى سۇغۇرۇپ تۇراتتى ، ئۇ مېنى كۆرۇپ چىرايى سەل ئۆزگۇرۇپ
_ ھە نىمىگە كەلدىڭ ، ماڭ يۇقال ،_دىدى ئۇ سەت توۋلاپ، مەن قاراپلا چۇشۇنۇپ تىزلا ھويلىدىن چىقىپ كەتتىم  ، يولدائەتراپقا قاراپ كىتىپ باراتتىم ، مەھەلىمىزدە بىزنىڭ ئۆيلا ئۆزگەرگەندى ، ئەمما قىزىق يىرى بىزنىڭ قوشنىلارنىڭ كىملا مېنى كۆرسە ۋابادىن قاچقاندەك قاچاتتى ، مەن ھەيرانلىق ئىلكىدە كىتىپ باراتتىم ،بىر يەرگە بارغاندا كۆزۇمگە بىرگە ئويناپ چۇڭ بولغان ئادىل كۆزۇمگە چېلىقتى ، مەن ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇ ماڭا ھەيرانلىق ئىلكىدە قاراپتۇراتتى ، مەن قولۇمنى ئۇزارتىپ
_ ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ئاداش قانداق ئەھۋالىك ،-دىدىم
_ ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام ، قاچان قايتىپ چىققانتىڭ ، -دىدى ئۇ سۇئال نەزىرىدە
_تۇنۇگۇن چىققان ئاداش نىمە بولدى بۇ مەھەلىگە ، مېنىڭ ئاتا_ئانامچۇ ؟ ئۇلار ھازىر نەدە ؟-دىدىم مەن جىددى قىياپاتتە ، ئۇ بىردەم سۇكۇتتە تۇرغاندىن كېيىن
_ جۇرە ئاداش بىر يەرگە كىرىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلى ،-دىدى ، بىز بىرگە ماڭدۇق ، مىنىڭ كاللامدا ھەر خىل خىياللار ھۆكۇم  سۇرەتتى ، بىز بۇرۇن سۇ چۆمۇلۇپ ئوينايدىغان ئۆستەڭ بويىغا كەلدۇق بىز خىلۋەت بىر جاينى تاللاپ ئولتۇردۇق ،ئۇ ماڭا بىر تاماكىنى ئۇزاتقاچ سۆز باشلىدى
_ سەن كەتكەندىن كېيىن داداڭ قىمار ئويناپ ھەممە نەرسەڭلارنى ئۇتتۇرۇپ ئۆزلىرى سىتتا قالدى ، ھەم شۇ يەردە بىز  بىر كەپە تىكلەپ ئولتۇرۇشتى ، كىيىن داداڭ قانداق قىلدى ، نەچچە ئايدىلا بېيىپ ھازىر سىلەرنىڭ ئۆيۇڭلارنىڭ ئورنىدىكى ئىمارەتنى سالدى ، ئاڭلىسام داداڭ سېنى ئىزدەپ تاپالماپتۇ ، ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە ساقچىلار داداڭنى تۇتۇپ كەتتى ، ئەسلى داداڭ ئاق سودىسى قىلىپ شۇنداق بېيىغانكەن ، ئۇنىڭغا ئۆمۇرلۇك قاماق جازاسى بىرىلىپتۇ ، بۇ ئۆينىمۇ دۆلەت مۇسادىر قىلىپ كىم ئارتۇق قىلىپ ساتتى ،سەنمۇ كۆزگەنسەن ھازىر ئۇ ئۆيدە تاھىر ھاجىم ئولتۇرىدۇ ، ئاناڭ يەنە سىتتا قالدى باشتا مەھەلىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېغىر يىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ جان باققان ، داداڭ تۇرمىگە كىرىپ كىتىشنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن كىشىلەردىن مال ئەكىلىپ بىرىمەن دەپ پۇل ئالغانكەن ، شۇ ئادەملەر پۇلنى بەر دەپ ئاناڭنى قىستاپ تۇرىۋالغاچقا ئاناڭ دەت ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتتى ،ئۇنى مەھەلىمىزنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى مازالىققا يەنى دادىسىنىڭ يېنىغا قويۇلدى ، داداڭ بولسا تۇرمىدا ھازىر ......
  ئۇنىڭ گىپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تاقىتىم قالمىغاندى ، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپلا شۇ مازالىققا قاراپ يۇگۇردۇم ، مازالىققا كىلىپلا ئانامنىڭ قەبرىسىگە يېقىلىپ ئۇنۇمنى قويۇۋېتىپ يېغلىدىم ، يىغلاپ ھارغاندا توختاپ ، ئۇنىڭغا مۇشۇ نەچچە يىل ئىچىدە كۆرگەن خورلۇقلىرىمنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ ئىچىمنى بوشىتىۋالدىم ، ئاندىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ مەھەلىمىزدە تۇرالمايدىغانلىقىمنى بىلىپ باشقا بىر جايغا بېرىپ بىر ئاشخانىدا ئىشلىدىم ، كۆنۇم خاتىجەم كىتىپ باراتتى ، بىر كۇنى ئاشخانا خۇجايىنى مېنى چاقىتتى ،مەن ئۇنىڭ قېشىغا چىقتىم ئۇ ماڭا ھېسداشلىق ئىلكىدە قاراپ
_ ئوغلۇم سەن بۇ جايدىن دەرھال كەت ھېچ كىم بىلمەيدىغان يەرگە كەت ،_دىدى
_نىمىشقا ئۇستام ،مەن ياخشى ئىشلىمىدىممۇ ؟
_ ئۇنداق ئەمەس ، باياتتىن ئىككى ئادەم سېنى سۇرۇشتۇرۇپ كەپتۇ ، ئۇلار سەندىن داداڭغا بەرگەن پۇلنى سورايدىكەن ، بۇ يەردە تۇساڭ ئۇلاردىن قۇتىلالمايسەن ، بۇ شەھەردىن كەت ، تۇتە مۇۋۇ پۇلنى دەپ قولۇمغا بىر تۇتام پۇلنى تۇتقۇزۇپ قويدى
_رەخمەت سىزگە ،سىزنىڭ بۇ ياخشىلىقىڭىزنى ئۆمۇر بويى ئۇنتىمايمەن ،-دىدىمدە ئۇ يەردىن چىقىپ ، نەگە بېرىشنى ئويلىدىم چوڭ شەھەرگە بارسەم ئۇ جايدا قارا نىيەتلەر بەك كۆپلىكىنى ئويلاپ خۇتەنگە كىلىشنى ئويلاپ بۇ شەھەرگە كەلدىم ، باشتا ئاشخانىلاردا ئىشلىدىم ئەمما ئاشخانا خۇجايىنلىرى بىلەن چىقىشالماي ئۇ جايلاردىمۇ ئىشلىيەلمىدىم ، نىمە ئامال مەن تاماق يىمىسەم بولمايدۇدە ، بىز كۇنى چۆگىلەپ مەدىكار بازىرىغا كىلىپ قاپتىمەن ، شۇ چاغدا مەنمۇ مۇشۇ جايدا ئىشلىسەم ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدىمدە ئەتىسىدىن باشلاپ شۇ جايغا كىلىپ ئىشلىدىم باشتا بۇنداق ئېغىر ئىشلار ماڭا بەك ئېغىر كەلدى ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇنىڭغىمۇ كۆنۇپ كەتتىم ، مانا ھازىر كۆنۇم غۇربەتچىلىكتە ئۆتسىمۇ ھەر ھالدا خاتىرجەم كىتىپ بارىدۇ
  ئۆي ئىچىنى جىمجىتلىق قاپلىغاندى ،مەن ئانامغا نەزەر سالدىم ئۇنىڭ مەڭزىدىن ئىسسىق ياش سۇرۇلۇپ چۇشكەندى ، بۇ جىمجىتلىقنى ھېلىقى ئادەم بۇزۇپ بولدى «ئەمدى ئىشنى باشلايلى »دىدە ئايىقىنى كىيىپ سىتقا قاراپ ماڭدى ، مەنمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چىقتىم ، بىز ئىشقا چۇشتۇق ، مەن پات-پات قاراپ قوياتتىم ،بۇ قاراشىم بۇرۇنقىغا قەتتىي ئوخشىماتتى .

مەنبە : ئۆز قەلىمىم
[ بۇ يازماسەردارتەرپىدىن2008-11-19 12:25 PMدە قايتا ]
تېما تەستىقلىغۇچى : سەردار
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-11-18
-سىز كۆرۋاتقان تىما يۇرەككە يۇشۇرۇنغان ھەسرەت,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرىتى:+10(AZAT1010)
  • زىمىستاننى باھار دىگۇڭ بار ،
    گۇلۇستاننى خازان دىگۇڭ بار ،
    ساڭا بەرسەم بىر  دەريا سۆيگۇ ،
    باشقىلارنى ئوكيان دىگۇڭ بار،
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-18 02:27 PM |
    xamal
    دەرىجىسى : جانلىق ئەزا


    تىزىم نۇمرى : 2195
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 295
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە295دانە
    شۆھرىتى: 491 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1494 سوم
    ياخشى باھا: 970 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:1 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:9 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

11 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-08-26
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

     

    ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز،تېخىمۇ تىرشىپ بىرەر تال كىتاپ نەشىر قىلدۇرشىڭىزغا تىلەكداشمەن
    ئەھلى سۈرەتنىڭ ئەسلى دىلدارى بولماس،
    ۋاپاسىز كىشىنىڭ ۋاپالىق يارى بولماس.

    چ چ 452240993
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-18 02:56 PM |
    AZAP
    بىلمەيدۇ ھېچكىم ،ئۆتتۈم ئازاپتا
    دەرىجىسى : مەستانە ئەزا


    تىزىم نۇمرى : 421
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 686
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە686دانە
    شۆھرىتى: 350 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2443 سوم
    ياخشى باھا: 850 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:4 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:93 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

47 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

     

    ئوخو سەردار قارى ھېكاينى ئالامەت ياخشى يىزىپلا ، بىزمۇ قاچانلىققا سىزدەك ھېكايە يازغىدەك بۇلارمىز ھە.
    [ بۇ يازماسەردارتەرپىدىن2008-11-18 05:43 PMدە قايتا ]
    كىملەرنى ئازاپتا قالدۇردى دۇنيا ،
    كىملەرنى يىغلىتىپ زارقىلدى دۇنيا .
    ھەسرەتلىك ياشلارنى قايغۇغا سېلىپ ،
    كۆڭۈللەرنى خوش ئىتەرمۇ دۇنيا .
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-18 03:07 PM |
    BUMARYAM
    مېنىڭ خۇشاللىقىم-پەقەتلا مىسرانىم.
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    تىزىم نۇمرى : 111
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1774
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1774دانە
    شۆھرىتى: 775 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 5735 سوم
    ياخشى باھا: 3102 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:12 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:812 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

88 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

     

    ھەقىقەتەن بەك تەسىرلىككەن.............. !!!              قەلىمىڭ كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ بېرىپتۇ.........تېخىمۇ تىرىشقىن ...........
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-18 03:17 PM |
    ARkiN
    ◆ دىـل ئـازار، خـۇدا بىـزار◆
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    تىزىم نۇمرى : 2006
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1874
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1874دانە
    شۆھرىتى: 1134 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 7192 سوم
    ياخشى باھا: 3342 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:8 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:418 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

22 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-08-21
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

     

    ئاشۇنداق مەسئۇلىيەتسىز ئاتىلارنى قانداق قىلۋەتسە بۇلار قىلدىغاننى قىلىپ بۇلۇپ پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كىلەمتى ، شۇڭلاشقا مۇشۇ قىمارغا يىقىن كىلدىغان نەرسە ئەمەس ... قىما  قىمما دەيدىكەن ئەمەسمۇ ........
    __________________________________________________
    سىنـى سـۈيـۈشـكە چىـدىـغان يـۈرەك ، سەندىـن ئـايـرىلىشـقىمۇ چـىدايـدۇ !__________________________________________________
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-18 03:58 PM |
    okyan520
    ھايات تۇلىمۇ قىسقا ئۇنى قەدىرلەش كىرەك.
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : سەپەرۋەر


    تىزىم نۇمرى : 2639
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2138
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2138دانە
    شۆھرىتى: 2090 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 8084 سوم
    ياخشى باھا: 3678 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:10 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:562 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

88 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-09-06
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

     

    بەك تەسىرلىك ئىكەن          رەخمەت ساڭا  دوستۇم
    مەن بىلەن دۇسىت بۇلۇشنى خالىسىڭىز : مەرھەممەت
    img: http://blog.retim.cn/364315
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-18 04:02 PM |
    guzalim
    دەرىجىسى : قوللىغۇچى ئەزا


    تىزىم نۇمرى : 4203
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 209
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە209دانە
    شۆھرىتى: 143 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 919 سوم
    ياخشى باھا: 306 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:196 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

4 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-10-28
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

     

    ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز،تېخىمۇ تىرشىپ بىرەر تال كىتاپ نەشىر قىلدۇرشىڭىزغا تىلەكداشمەن.........يارايسىز.......
    ھەقىقەتەن بەك تەسىرلىككەن..............

    كۈندىن كۈنگە  تېخىمۇ تىرىشقىن ...........ھە.....     
    تۇغۇلدۇم دۇنياغا قىز نامىم نىلەن،
    ياشايمەن دۇنيادا ۋىژدانىم بىلەن.
    گەرچە دوسلاردىن تۇرساممۇ تۆۋەن،
    سۆيىمەن  مىسرانىمنى  پاك قەلبىم بىلەن.
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-18 04:18 PM |
    guzalim
    دەرىجىسى : قوللىغۇچى ئەزا


    تىزىم نۇمرى : 4203
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 209
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە209دانە
    شۆھرىتى: 143 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 919 سوم
    ياخشى باھا: 306 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:196 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

4 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-10-28
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

     

    سەردار سىز  ھېكايىنى ئالامەت ياخشى يىزىپسىز   ، مەنمۇ قاچانلىققا سىزدەك چۆچەك
    يازىغىدەك بۇلارمەن ھە..............
    رەخمەت ساڭا  دوستۇم......ياخشى تىمىڭىز ئۈزۈلمىسۇن........ئالغا .....تىرشىڭ....         
    [ بۇ يازماسەردارتەرپىدىن2008-11-18 05:43 PMدە قايتا ]
    تۇغۇلدۇم دۇنياغا قىز نامىم نىلەن،
    ياشايمەن دۇنيادا ۋىژدانىم بىلەن.
    گەرچە دوسلاردىن تۇرساممۇ تۆۋەن،
    سۆيىمەن  مىسرانىمنى  پاك قەلبىم بىلەن.
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-18 04:22 PM |
    freesun
    دەرىجىسى : يېڭى ئەز


    تىزىم نۇمرى : 5112
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
    شۆھرىتى: 20 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 233 سوم
    ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:1 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:0 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

20 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-11-18
    يېقىندا كىرگەن:2008-11-18

     

    بايا سەلكىندە كۆرگەن .....ئاخىرى قايتىپ كەپتۇ....مانا بۇنى ئۆز ئىگىسىنى تاپتتى دەمدۇق...
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-18 06:24 PM |
    katran
    مىسرانىم، مەنىۋىيەت ئىزدەش نىشانىم.....!!!
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    تىزىم نۇمرى : 1190
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 1914
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1914دانە
    شۆھرىتى: 535 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 7146 سوم
    ياخشى باھا: 4122 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:11 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:759 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

11 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-07-29
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

     

    شۇنداق ئوغۇرلانغان نەرسىنى قانۇنى يول ئارقىلىق قايتۇرىۋېلىش دەيمىز. ھازىر سەلكىندە ئۆچۈرۈلۈپ بوپتۇ بۇ تېما. ئۇلار ۋاقتىدا ئۆچۈرۈپ ياخشى قىپتۇ. غەيرەت قىل سەدار، تېخىمۇ ياخشىلىرىنى يېزىشىڭغا تىلەكداشمەن..............!
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-18 06:27 PM |
    musilina
    سىز نېمە ئۈچۈن ياشايسىز ؟
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


    تىزىم نۇمرى : 2838
    نادىر تېما : 9
    يازما سانى : 826
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە826دانە
    شۆھرىتى: 356 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2909 سوم
    ياخشى باھا: 1054 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:7 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:333 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

17 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-09-14
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

     

    ئۆز بالىسىنى پۇل ئۈچۈن سېتىۋېتىدىغان بۇنداق ئاتا- ئانىلار ھازىر كۆپىيىپ كەتتى ،ئۇلاردا ئاتا- ئانىلىق مېھرى -مۇھاببەت دېگەندىن ئەسەرمۇ يوق ،
      ياغان بۇ تېمىڭىز ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ ، ئاجايىپ ئېسىل تېمىلارنى يازىدىغان بولۇپ كەتتىڭىزغۇ .
    اللا كأڭلىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسذن.
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-18 06:34 PM |
    kutluk
    دەرىجىسى : يېڭى ئەز


    تىزىم نۇمرى : 4334
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 19
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
    شۆھرىتى: 4 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 286 سوم
    ياخشى باھا: 22 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:1 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:2 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

18 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-11-01
    يېقىندا كىرگەن:2008-12-18

     

    پەيزى  يېزىپسىز  جۇما !  
    **سۈكۈت قىلىشنى بىل ئەمما رەزىللىكنىڭ ئالدىدا ئەمەس **
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-18 06:46 PM |
    sahrakizi
    دەرىجىسى : يېڭى ئەز


    تىزىم نۇمرى : 4599
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 46
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە46دانە
    شۆھرىتى: 21 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 370 سوم
    ياخشى باھا: 57 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:26 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

24 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-11-07
    يېقىندا كىرگەن:2008-12-27

     

    سەردار بۇ تېمىڭىز بەكمۇ تەسىرلىك يېزىلىپتۇ ،تېخىمۇ تىرىشىپ مىسىرانىمىزنى گۈللەندۈرۈش
    ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشايلى .
    دوسىت ئىزدىسەڭ اللاھ يىتەر ،
    ئۈستۈنلۈك ئىزدىسەڭ قۇرئان يىتەر.
    دەلىل ئىزدىسەڭ رەسۇللاھ يىتەر،
    مەشخۇلىيەت ئىزدىسەڭ ئىبادەت يىتەر.
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-19 12:12 AM |
    uyghur01
    دەرىجىسى : يېڭى ئەز


    تىزىم نۇمرى : 3174
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 62
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
    شۆھرىتى: 53 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 452 سوم
    ياخشى باھا: 107 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:22 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

28 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-10-04
    يېقىندا كىرگەن:2008-12-04

     

    بەك  ياخشى  يېزىپسىز  تىرىشىپ  دوستەك
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-19 12:46 AM |
    meskenyultuz
    دەرىجىسى : يېڭى ئەز


    تىزىم نۇمرى : 5125
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 73
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە73دانە
    شۆھرىتى: 47 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 462 سوم
    ياخشى باھا: 94 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:30 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

20 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-11-19
    يېقىندا كىرگەن:2008-11-24

     

    تىلىڭىز بەكمۇ جانلىق بۇپتۇ.بۇندىن كىيېن تىخىمۇ تىرشىڭ؛
    كوڭلى بولمىساھەتتاپادشاھنىمۇرەت قىلىپ،ئشقى باغلانسائەڭ نامىراتىنىڭ ئايغىغاباش قۇيالايدىغان قىز-ھەقىقى ئىپپەتلىك قىز.
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-19 01:09 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » ھىكايە ۋە چۆچەك
    مىسرانىم تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ،مىسرانىم تور بېكىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .
    مىسرانىم تورى مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلفونى : 13899164687 تور چاقىرغۇ:QQ:364103

    Total 0.138484(s) query 8, Time now is:01-03 05:58, Gzip disabled 新ICP备08000436
    Powered by Misran V6.3.2Certificate Code ©Beta 5 2008-12 Misran Corporation