مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » ھىكايە ۋە چۆچەك » بەخىتكە يۇشـــۇرۇنغان قايغۇ-
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
سەردار
~ قەلبىمدە سۇنغان ئەتىرگۇل~
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


تىزىم نۇمرى : 1733
نادىر تېما : 27
يازما سانى : 2091
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2091دانە
شۆھرىتى: 1943 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 709 سوم
ياخشى باھا: 4247 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:10 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:582 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

68 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-15
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 بەخىتكە يۇشـــۇرۇنغان قايغۇ-

5
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
تېما باشقۇرغۇچى Misran تەرپىدىن نادىرلاندى. (2008-11-17)
مەن ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرىگەن پېتى كىتىپ باراتتىم ، مانا مېنىڭ مەنزىلىم ، مەن ئۆز مەنزىلىمگە يېقىنلىشىپمۇ قالغاندىم ، مېنى تۇتۇش ئۈچۈن كىرىپ چىقىۋاتقان ساقچى ماشىنىلىرى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئىشىكىدىن ئىنتايىن ئالدىراش چىقىپ كىرىپ  تۇراتتى ، مەن ج خ ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدىم ، «كىرەيمۇ كىرمەيمۇ ؟» بۇ سوئال مېنى قىينىماقتا ئىدى ،  مەن يول چېتىدىكى تاشقا  كىلىپ ئولتۇردۇم ، بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ قاتتىق -قاتتىق شورىۋەتكەندىن كېيىن ،«مەن كىرسەم مەڭگۇ تۇرمىدا يېتىشىم ياكى ئادەم ئايىقى باسمىغان سايلارغا ئاچىقىپ بىر پاي ئوققا  نىسىپ قىلىنىشىم مۇمكىن ، كىرمىسەم  مەڭگۇ قېچىپ يۇرۇشۇم ، بېشىمنى مەڭگۇ كۆتۇرەلمەسلىكىم مۇمكىن ، قاچالىسامغۇ  شۇنداق بولار قاچالماي تۇتۇلۇپ قالسامچۇ ؟ ئۇ چاغدىكى ئەھۋالىمنى ھازىر مۆلچەرلىيەلمەيمەندە، تەۋەككەل كىرەي ، چاشقاندەك مۇكۇپ يۇرگۇچە ، ئوغۇل بالىدەك ئۆلگىم ياخشى ئەمەسمۇ ؟»دىگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۇزدۇم ھەمدە سىتنىڭ ئەركىن دۇنيانىڭ ساپ ھاۋاسىدىن قانغۇچە نەپەسلىنىۋېلىش ئۈچۈن بىردەم ئولتۇرۇپ ئەتراپقا نەزەر سالدىم ، ئىدارە ئىچىدىن ماشىنىلار كىرىپ چىقىپ بەكمۇ ئالدىراش ئىدى ،« يولدا كېتىۋاتقان ئادەملەر تېلىۋىزۇرلاردا چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرىقلىرىدا مېنى كۆرگەن ئەمما كۆز ئالدىدا ئولتۇرساممۇ ماڭا پىسەنىتمۇ قىلىشماي ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ، قىزىق بولغىنى ئاۋۇ ساقچىلار مېنى تۇتۇش ئۈچۈن شۇنچە ئالدىراش ئىشلەۋېتىپتۇ ئەمما كۆز ئالدىدا ئولتۇرسام بىرسىمۇ ماڭا قاراپمۇ قويمايدۇ » بۇ ئويلار خىيالىمدىن ئۆتكەندە كۆلۇپ قويدۇم ۋە ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ نەچچە كۇندىن بىرى كىچە _كۇندۇز قېچىپ دەرمانى قالمىغان پۇتلىرىمنى سۆرەپ ج خ ئىدارىسىنىڭ ئىچىگە كىردىم .
_ كىمنى ئىزدەيسىز ؟_دىگەن ئاۋاز مېنىڭ دىقىتىمنى تاتتى ، مەن تىزلا ئۇ  تەرەپكە قارىدىن ئۇ  قوغداش خادىمى ئىدى .مەن ئۇنىڭغا ئۆزۇمنى مەلۇم قىلغىلى كەلدىم  دىمەي ئىچىگە كىرىپ بىر ئايلىنىپ بۇ قانداقراق جاي بىر كۆرۇپ بېقىشنى ئويلۇدۇمدە
_ مەن ئەنزە مەلۇم قىلغىلى كەلگەن ، جىددى ئىدى ،_دىدىم
_ بوپتۇ ئەمىسە كىرىڭ ،- دىدى ئۇ  ماڭا پەرۋا قىلماي ، مەن كىرىپ بۇ ئىدارىنىڭ ھەممە جايلىرىنى بىر قۇر ئايلاندىم ، ئىچىدىكى خىزمەتچىلەر بىر-بىردىن ئادىراش يۇرىشەتتى ، ھەممىسىنىڭ ئېغىزىدا مېنىڭ دىيلۇرۇم ،ئەمما ئۆزلىرى تۇتىمەن دەپ پايپېتەك بولىۋاتقان ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىدا چۆگىلەپ يۇرگەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرمىگەندە توۋا ......، مەن چۆرگىلەپ بىر  يەرگە بارغاندا ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئىشخانىسى دىگەن خەتكە كۆزۇم چۇشتى ، مېنىڭ كىرمەكچى بولغۇنۇم دەل مۇشۇ ئىشخانا ئىدى ، مەن ئىككىلەنمەيلا كىردىم ، ئىچىدە ساقچى فورمىسىنى ياراشتۇرۇپ كىيگەن ئىككى ئۈچ ساقچى ئادىراش تىلىغۇن قۇبۇل قىلىپ نىمىلەرنىدۇر يېزىپ ئولتۇراتتى ، ماڭا ئۇلار قارايدىغاندەك ئەمەس ئىدى .
_مەن ئەنزە مەلۇم قىلاي دىگەن ...
_ ھە بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ ، بىز بۇ ئىشنى بىرتەرەپ قىلىۋېتىپ ئاندىن گىپىڭىزنى ئاڭلايلى ،_دىدى ئارىدىن بىرسى ماڭا پەرۋا قىلمايلا ، مەن يانغا قويۇلغان كىرىسلۇغا كىلىپ ئولتۇردۇم ، ئۇلارمۇ يەنىلا شۇ مېنىڭ دىلۇرۇم  توغۇرسىدىكى خەۋەرلەرنى قوبۇل قىلىپ يېزىپ قالدۇرۇپ دىگەندەك ئىشلار بىلەن مەشخۇل ئىدى .
_ ساقچى ئەپەندىم ،مەن ئادەم ئۆتۇردۇم ،-دىدىم مەن قەتتىي تەلەپپۇزدا ،  شۇ  چاغدا ئۇ مېنىڭ بېشىمدىن تاپىمىغىچە بىر قۇر قارىۋېتىپ .
_ سىز ئادەم ئۆلتۇرەلەمسىز ،چاقچاق قىلماي ،بىردەم جىم ئولتۇرۇڭ قولۇمدىكى ئىشنى بىرتەرەپ قىلىۋالاي ،_دىدە يەنە ئۆز ئىشىنى قىلىۋەردى ، مەن ئامالسىز يەنە ئورنۇمغا كىلىپ ئولتۇردۇم ، ئىچىمدە ماۋۇ خەقنى مەن كۆز ئالدىدا تۇرسام نىمىگە بۇنچە قىلىشىدىغاندۇ ، راسلا ئەخمەق  خەقكەن بۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ كۇلگۇم كىلەتتى ، ئارىدىن ئالاھەزەل بىر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن مېنىڭ تاقىتىم توشتى ، بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ قاتتىق -قاتتىق شوراپ  چىكىۋەتكەندىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ
_ ساقچى مەن ئادەم ئادەم ئۆلتۇردۇم  بىلەمسىز ؟ باياتىن بىرى سىز مېنىڭ خەۋەرلىرىمنى قۇبۇل قىلىۋاتىسىز ، ئاشۇ  دىيلۇنىڭ جىنايەتچىسى مەن بولىمەن ،-دىدىم ، شۇ  چاغدا ھەممىسىنىڭ كۆزى ماڭا تىكىلدى ، مەن ئۇ  ساقچىنىڭ كۆزىگە قاراپ يەنە ئىشەنمەيۋاتقاندەك سىزمىنى سەزدىم ،
_راس مەن يالغان ئېتمىدىم ، ئۇ ئايال بىلەن ئەرنى مەن ئۆلتۇرگەن ، مەن ئۆزۇمنى مەلۇم قىلماقچى ، - دىدىم قەتتىي يەلەپپۇزدا .ئۇ تېلىفۇننى  قولىغا ئالدىدە خەنزۇچە قىلىپ بىرسى بىلەن قىسقىغىنە سۆزلەشتى ، ئارىدىن نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئارقا _ئارقىدىن كىيگەن ئادەم بىلەن بۇ ئىشخانا لىق تولدى قانداق قىلىپ قولۇمغا كۆمۇشرەڭ كويزىنىڭ چۇشۇپ بولغانلىقىنى ئۆزۇممۇ بىلمەي قالدىم ، مېنى ئىككى تەمبەل كەلگەن ساقچى يالاپ ئېلىپ چىقىپ كىتىشتى ،مەن شۇ ۋاقىتتىلا ئۆزۇمنىڭ ھەقىقىي قولغا ئېلىنغانلىقىمنى ھېس قىلغاندىم ، بىز بىردەم  ماڭغاندىن كېيىن ئوتتۇرسىدىن رىشاتكىدا توسۇلغان بىر ئۆيگە ئەكىرىپ قاماپ قويۇشتى ، مەن شۇ  ۋاقىتتىلا ئۆزۇمنى مەلۇم قىلغانلىقىمغا سەل پۇشايمان قىلىۋاتاتتىم ، ئەمما ھازىر ھەممىگە كىچىكەندىم ، مەن بۇ كامىرنىڭ ئوتتۇرسىغا قويۇلغان ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردۇم ھەمدە يانچۇقۇمغا تاماكا ئېلىپ چىكىش ئۈچۈن قولۇمغا سالدىم نەمدىن بىلەي مەنمۇ بىلمەي قاپتىمەن ئۇلار مېنىڭ يانچۇقلىرىمنى قۇرۇقداپ قويۇپتۇ ،«ھەي سىتتا بولسام بىر تال تاماكا ماڭا نېمە ئىدى ، بەزىدە تاماكىنىڭ يېرىمىنى چىكىپلا تاشلاتتىم ،ھازىرچۇ شۇ تاماكىنىڭ ئەڭ ئاخىردىكى كىچىكلا كۇيەندىسى بولغان بولسىچۇ »دىگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۇزدۇم ، بۇ خىيالىمنى تاراقلاپ ئېچىلغان ئىشىك بۇزدى ، سىتتىن بەش ئالتە ساقچى كىرىپ رىشاتكىنىڭ ئو تەرىپىگە قويۇلغان جۇزا -ئۇرۇندۇقلارغا كىلىپ ئولتۇرۇشتى ،ئارىدىن بىردەملىك جىملىقتىن كېيىن ئوتتۇرسىدا ئولتۇرغان بىرسى سۆز باشلىدى .
_ ئىسمىڭ نىمە ؟
_ ياسىنجان ساۋۇر
_ نەچچە ياشقا كىردىڭ ؟
_ 29ياشقا
_ راسلا  ،سەن ئۆز خۇتۇنىڭنى ۋە ھېلىقى ئەرنى ئۆلتۇردۇڭمۇ ؟
_ ھە  شۇنداق  مەن ئۆلتۇردۇم
_ نىمە سەۋەپتىن ئۆلتۇردۇڭ ؟
مەن شۇ ۋاقىتتا تۇختاپ قالدىم ھەمدە ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرمەيلا «بىر تال تاماكا بەرسىڭىز بولامدۇ ؟»دىدىم ، ئۇ گەپ قىلمايلا يېنىدا ئولتۇرغان بىرسىگە باش ئىشارىتى قىلدى، ئارىدىن بىرسى ماڭا بىر تال تاماكا ئەكىلىپ تۇتاشتۇرۇپ ماڭا تەڭلىدى ، مەن تاماكىنى ئېلىپ قاتتىق -قاتتىق شۇرىغاچ خىيالغا پاتتىم گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەيۋاتاتتىم ، بولدىلا مۇشۇلارغا ھېكايەمنى باشتىن سۆلەپ بىرەي ، بۇ ئۇلار ئۈچۈن دىيلۇنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىۋېلىش بولسا مەن ئۈچۈن ئىچىمدىكى دەردىمنى سۆزلەش بولۇپ قالغۇدەك دەپ ئويلۇدىمدە بىر يۆتىلىۋېتىپ
_ مەن باشتىن سۆزلىسەم بولامدۇ ،_دىدىم
_ ھە بولىدۇ ،  باشتىن ھەممىنى سۆزلە . دىدى ئوتتۇرسىدا ئۇلتۇرغان بىرسى ، مەن تاماكىنى قاتتىق -قاتتىق شۆراپ تاشلىۋەتكەندىن كېيىن تاماكىدىن يەنە بىرنى سوراپ  چىكىپ تۇرۇپ سۆز باشلىدىم ،
مەن ئالىي مەكتەپكەبارغىنىمدا بىر تىرىشچان ئوقۇغۇچى ئىدىم ، نەچچە يىل دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىپ ئوقۇغان ، مەكتەپ  پۇتتۇرگەندىن كېيىن مەكتەپ  رەھپەرلىكى مېنى مۇشۇ مەكتەپتە قېلىپ خىزمەت قىلىشنى ئېتتى ، ئەمما دادام قايتىپ كەل سەن بىزنىڭ بىردىن-بىر ئوغلىمىز دىگەن بىزنىڭ قېشىمىزدا تۇرمىساڭ بولمايدۇ دىگەنلىكى ئۈچۈن مەن يېزىمىزغا قايتىپ كەلدىم ، يېزىمىزغا كىلىپ يېزىمىزدا خىزمەتكە چۇشتۇم ، مەن خىزمەتنى شۇنداق جۇشقۇن ، تىتىڭ ئىشلەتتىم . مەن يېزىمىزنىڭ شۇجىيسىگە يېقىپ قالدىم بولغاي ئۇ مېنى ئۆزىگە كاتىپ قىلىۋالدى ، مەن كۇن بويى شۇ شۇجىي بىلەن ئايرىلماي يۇرەتتىم ، ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ مېنىڭ دادام بىلەن سەپداشكەن ، شۇڭا ماڭا شۇنداق غەمخۇرلۇق قىلىپ يۇرۇپتىكەن ، مەن بىر ئوغۇل بالىغۇ ؟ دادامنىڭ يۇزى بىلەن ئەمەس ئۆزۇمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئىرىشىنى ئويلاتتىىم بۇ گەپنى بىلگەندە ئاچچىقىم كەلدى ،ئەمما دادامنىڭ سۆزلەشلىرى بىلەن يەنىلا خىزمىتىمنى ياخىشى قىلىۋەردىم، مەنمۇ بۇ چاغلاردا خىزمەتنى ياخشى قىلغاچ مۇھەببەت يولىغىمۇ قەدەم قويغاندىم ، قوشنىمىزنىڭ ئايجامال ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى ، باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇ مەن بىلەن ئوقۇغان ،ئۇ  شۇنداق تىرىشچان ئىدى ،ئەمما يېزىنىڭ قىز بالا ئوزۇن ئوقىمىسىمۇ بولىدۇ دىگەن قالاق ئىدىيىنىڭ قۇربانى بولۇپ مەكتەپتە ئوقۇشتىن قۇرۇق قالدى ، شۇ  چاغدا ئۇنىڭ يىغلاپ  يۇرگەنلىكىنى كۆرگەندىم ، كېيىن ئۇنى يېزىمىزدا باي ھېساپلىنىدىغان بىرسىنىڭ ئوغلى بىلەن توي قىلغاندى ، مەن ئۇقۇش پۇتۇرۇپ كەلسەم ئۇ ئېرىدىن ئاجىرشىپ كېتىپتۇ ، بىز بىرنەچچە قېتىم قىسقىغىنە سۆھپەتتە بولدۇق ، ئۇ يەنە بۇرۇنقىدەكلا  شۇنداق  شۇخ شۇنداق تىتىك ئىدى ، ئەگەرسىتتىن كەلگەن ئادەم ئۇنى كۆرسە ھەرگىزمۇ بىر قېتىم توي قىلىپ ئاجىرشىپ كەتكىنىگە ئىشەنمەتتى ، مەن باشتا سەل ئىككىلەنگەن بولساممۇ نىمە بوپتۇ ، بىر قېتىم توي قىلسا نېمە بوپتۇ دەپ ئۇنىڭغا تەلەپ قويدۇم ، ئۇ ماڭا مەن سىزگە ماس كەلمەيمەن دەپ  تۇرىۋالدى ، ئەمما  مەن چوڭ شەھەردە ئوقۇغاندە بۇنداق سەبىي سەھرا قىزلىرىنى گەپتە قايىل قىلماق شۇنچە تەسمىدى ، مەن ئۇنى قايىل قىلىپ بىز يۇردۇق ، شۇ  چاغلار مېنىڭ ئەڭ خۇشال ئۆتكەن كۇنلىرىم ئىدى ، بۇ خۇشاللىق ئۇزۇنغا بارمىدى ، بىزنىڭ يېزا شۇجىيسىنىڭ ئۆيى شەھەردە ئىدى ، ئۇ بىر كۇنى دادام بىلەن پارڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ بىز بىلەن قۇدا بولۇپ قالغىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ ،داداممۇ ئىككىلەنمەيلا ماقۇل بوپتۇ ، كەشتە كىرسەم دادام شۇنداق خۇشال ئالدىمغا كەلدى .
_ دادا نېمە بولدى بەك خۇشال كۆرىنىسەنغۇ  سەن ؟
_ سېنىڭ بەختىڭگە كۆلىۋاتىمەن ،-دىدى دادام كۇلۇپ تۇرۇپ ،مەن چۇشىنەلمەي
_ نىمە دېدىڭ دادا ، مېنىڭ نىمە بەختىمكەن ئۇ  ،_دىدىم مەن دادامغا سۇئال نەزىرسىدە قاراپ ، دادام ھېلىقى شۇجىي بىلەن بۇلغان گەپلەرنى ماڭا دەپ  بەردى ، بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قاتتىق چۇچۇپ كەتتىم
_ ياق  دادا .....
_ نىمىگە ياق  بىر ئۆمۇر بويتاق ئۆتەي دەۋاتامسەن ، بۇ يېزىدا ساڭا ماس كەلگۇدەك قىز نەدە ؟ بۇ دىگەن سەن ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت ،_دەپ  دادام ئاغىزنىمنى تۇۋاقلىماقچى بولدى
_ كىم دەيدۇ ، بۇ يېزىمدا بىر قىز بار ماڭا  شۇنداق ماس كىلىدۇ ،_دىدىم مەن ئۆزۇمنى تۇتىۋالالماي
_ نىمە دىدىڭ ،كىم ئۇ .........،؟
   مانا ئەمدى نىمە  دەي ،ئەسلى مەن ئالدىرماي مېنى ياخشى چۇشىنىدىغان ئانامغا ئۇ ئىشنى دەپ ئۇنى قايىل قىلغاندىن كېيىن دادامغا دەي  دەپ ئويلىغان ئەمما ھازىر چاتاق  ۋاقىتتا ئوتتۇرغا چىقىپ قالغىنىغا ئاچچىقىم كىلەتتى، دادام تاقەت قىلىپ بولالمىدى بولغاي
_ ھە گەپ قىلمايسەنغۇ ؟ كىمۇ ئۇ  دىگىنى مەن بىر ئاڭلاپ  باقاي ؟
_ ئۇ.............
_ تىلڭنى چاينايسەنغۇ ؟ تىز دە ئۇ كىمۇ ؟_دادام قەتتىي تەلەپپۇزدا سورىدى ، مەن بۇپتۇ بېشىمغا كەلگىنىنى كۆرەي دەپ ئويلىدىمدە
_ ئۇ قوشنىمىزنىڭ قىزى ئايجامال ..
گىپىمنىڭ ئايىغى چىقمايلا
_ ئالجىپسەن، ساراڭ بوپسەن ئۇنىڭ جېق ئوقۇمىغان ،قارا قۇرساقلىقىنىغۇ دىمەيلا قۇياي ، ئۇ بىر تۇي قىلىپ بولغان چوكان تۇرسا ،_دەپ   دادام كايىشقا باشلىدى
_ دادا ئۇنداق  دىمەڭ ، ئۇ بىر قېتىم تۇي قىلسا  نىمە بوپتۇ ، بىر قېتىم تۇي قىلىپ بولغان ئادەم ياشىمامدۇ ،-دىدىم مەن دادامغا رەدىيە بىرىپ
_ ياشىمىسۇن  دىدىمىم ، ئۇمۇ ئۆزىگە ماس كىلىدىغاننى تاپسۇن ، سەنمۇ شۇ ، ئۇيلىنىپ باقە ، ئۇ  دىگەن بىر قېتىم تۇي قىلغان ئادەم  سەن  تېخى توي قىلمىغان يىگىت بۇ قانداقمۇ  مۇمكىن بولسۇن، سەن خام خىيال قىلما ،-دىدى دادام قەتتىي قىلىپ
_  سىزمۇ بىلىپ قويۇڭ ،مەن ئۇنىڭدىن باشقىسى بىلەن توي قىلمايمەن،-دىدىمدە ياتاق ئۆيۇمگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالدىم ، دادامكىرمەكچى بۇلدى ئەمما كىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدى بولغاي ئىشىڭ بىلەن ھەپىلەشمەيلا ئۇنلۇك قىلىپ سۆزلەشكە باشلىدى
_ ساڭا دەپ  قوياي ، مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن دىسەڭ ،  بوپتۇ توي قىل ، ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن سەندەك ئوغلۇم يوق ،  سېنى باققانغا رازى ئەمەسمەن ،_دىدى ئۇ
مەن گەپ  قىلالمىدىم ، گىچماچ خىياللار مېنى قىيماقتا ئىدى  ، « ئۇ  مېنى كىچىكىمدىن بېقىپ چوڭ قىلغان  دادام ئەمەسمۇ ، مەن بۇرۇندىن ئاتا_ئانامغا ۋاپادار بولىمەن دىگەنلىرىم قەنىي ، ھازىر نىمە قىلىۋاتىمەن ، بۇ ھايات قانچىلىك ئىدى ، ئاتا_ئانامنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن ئۆزۇم ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم بىلەن بىرگە ئۆتمىسەم  نىمە بوپتۇ »دىگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۇزدۇم ،يەنە بىر جەھەتتە ئايجامالنى ئويلاتتىم «بولدىلا ئۇمۇ  مېنى چۇشىنەر »دىگەننى دىدىم مەن ئۆزۇمگە ھەمدە سىتقا  چىقىپ دادامنىڭ ئادىغا بېرىپ
_ دادا مېنى كەچۇرگىن ، مەن  سېنى خاپا قىلمايمەن ،  سەن  نىمە دىسەڭ شۇ ،_دىدىم مەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ ، دادام مېنى باغرىغا باستى ،ۋە بېشىمنى  سىلاپ تۇرۇپ ،
_ئوغلۇم بىزدىن خاپا بولما ، باشقا قىز بىلەن بولغان بولسا بىز ئويلاشساق بۇلاتتى ، ئەمما  بىز قاراپ تۇرۇپ سېنى بىر توي قىلىپ باقمىغان بىرسى بىلەن توي قىلىشىڭغا قانداق قوشىلالايمىز ، بىزمۇ سېنىڭ بەختىڭنى كۆزلەيمىز ،-دىدى
_ مەن بىلىمەن ، بوپتۇ سىلەر كىمنى ئال  دىسەڭلار شۇنى ئالاي ،ئەمما ھازىر ماڭا ۋاقىت بىرىۇلار سىتقا  چىقىپ كىرەي ،_دىدىم مەن ئۇھسىنىپ تۇرۇپ
_ سەن  يەنە شۇ قىزنىڭ قېشىغا بارماقچى -ھە ، بۇپتۇ  بارغىن ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئالالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويغىن ،_دىدى دادام
  مەن سىتقا قاراپ ماڭدىم ، ئەمما پۇتلىرىم ئۆزۇمگە بويسۇنماتتى ، يازنىڭ مەيىن شامىلى كۆچۇيۇپ مېنى تۇسىۋاتاتتى، مەن كۇچەپ مېنىپ ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلدىم ، بىردەم ئۇياق بۇ ياقلارغا ماڭدىم ، ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇنى چاقىرىپ چىققىم كەلدى ، ئەمما ئۇنداق قىلسام نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقنىڭ چىقىدىغانلىقىنى سەزدىمدە يەنە تۇختىۋالدىم ،ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىقىشنى كۇتمەكتىن باشقا ئامال يوقلىقىنى بىلىپ ساقلاپ تۇردۇم ، بىردەمدىن كېيىن ئۇ ئۆيىدىن چىقتى ،مەن ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ
_ ساڭا گىپىم بارئىدى ،_دىدىم ، ئۇ ماڭا سىنجىلاپ  قاراپ چىققاندىن كىيىن پەس ئاۋازدا
_مېنى بىز داۋاملىق كۆرۇشۇدىغانلىقىنى جايدا ساقلاڭ،-دىدى ھەمدە ئەتراپقا بىر قارىۋېتىپ
مەن مىڭ خىيال سۆرۇپ بىزنىڭ كونا جايغا كىلىپ ساقلاپ ئولتۇردۇم ، بۇ جايدا مېنىڭ خۇشال كۇنلىرىم كۆتكەن ئەمەسمۇ ، ئەمدى بۇ ماڭا ئەسلىمە بولۇپ قالارمۇ دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ ئولتۇردۇم ئايجامال ئاستا  قېشىمغا كىلىپ ئولتۇردى
-كەلدىڭمۇ ؟_دىدىم مەن غەمكىن ئاۋازدا
_ ھە كەلدىم ،-دىدى ئۇ يىراققا قاراپ
مەن سۆزىنى نەدىن باشلاشنى بىلمەي ئۇنىڭغا قارىدىم ، مەن سۆز باشلاشتىن بۇرۇن ئۇ سۆز باشلىدى
_ سىز گەپ قىلماڭ ، بۇگۇن مەن گەپ قىلاي ، ھازىر نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى مەن بىلىمەن ، سىز ماڭا مەن باشقا بىر قىز بىلەن توي قىلماقچى دىمەكچىغۇ ،-دىدى ئۇ غەمكىن ئاھاڭدا ، مەن ھېچنەرسە دىمەي يەرگە قاراپ ئولتۇراتتىم ،  ئۇنىڭ مەن دەپ بولغۇچە ئۆزىنىڭ بىلىۋالغانلىقىدىن خۇشال بولاتتىم ،ئارىدىن بىردەملىك جىمجىتلىق ھۆكۇم سۇرگەندىن كېيىن ئۇ يەنە سۆز باشلىدى
_ سىز مېنى ياخشى كۆرىسىز ،  سىزنىڭ ماڭا چىن كۆڭلىڭىزنى بەرگەنلىكىڭىزگە بەك خۇشالمەن، مەن ئۆمۇرۇمدە كۆزمىگەن بەخىتنى سىزدىن كۆردۇم ، بۇ بەخىت ئۇزۇنغا بارمىسىمۇ مېنىڭ بىر ئۆمۇر ئەسلىشىمگە يىتىدۇ ، مەن مۇشۇ كۇننىڭ كىلىشنى بۇرۇنلا بىلەتتىم ،  مەن بىلسەممۇ  سىزنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ماقۇل بولدۇم ،  سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ گىپىنى يىرالمايدىغانلىقىڭىزنى بىلگەچكە بۇ قۇن بىزگە كىلەتتى ، مەن سىزدىن ھەرگىز خاپا بولمايمەن ،سىزگە بەخىت تىلەيمەن ، سىزگە يەنە بىر خۇش خەۋەرنى دەي مېنىڭ تۇيۇم كىلەر ھەپتە بولماقچى ،سىزنىڭ كىلىشڭىزنى ئۆمۇت قىلىمەن ،-دەپلا ئۇ كىتىپ قالدى ، «تويۇم » خىيال ئىلكىدە ئۇنىڭغا قارىدىم ، ئۇ  سالماق قەدەمدە كىتىپ باراتتىم، مەن شۇ ئۇرنۇمدا قانچىلىك ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيلا قالدىم ، كەچ كىرىپ جاھاننى قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندىن كېيىن ئىسىمنى يىغىپ ئۆيگە قايتىپ  كەتتىم ، راسلا  دىگەندەك 10كۇندىن كېيىن ئۇنىڭ تۇيى بولدى ، ئۇنىڭ تۇيى يېزىمىزدىكى خېلى ئوڭلۇق سانىلىنىدىغان ، ئەمما خۇتۇندىن تەلىي چىقمىغان ئاسىم ئىسىملىك دېھقان يېگىت بىلەن بۇلغاندى ، بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلۇم  تىندى چۇنكى ئۇ  يېگىت  ئايجامالنى خارلىماتتى ئىككىسى چۇقۇم بەخىتلىك بولالاتتى ،ئەمدى مېنىڭ تۇيۇمنىڭ تەييارلىقى باشلىنىپ كەتتى ، بىر كۇنى دادام  مېنى يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ
_ ئوغلۇم توينىڭ تەييارلىقى بىر  يەرگە باردى ،ئەمدىكى گەپ  قىز بىلەن بىر كۆرۇشسەڭ بولاتتى ،
_ كۇرۇشمىسەممۇ بۇلار ئۇنىڭ بىلەن ،ھامىنى توي بۇلغاندا كۆرىمەن ئەمەسمۇ ؟-دىدىم مەن بىپەرۋالا
_ بۇ نىمە دېگىنىڭ ئەتە بىزنى ئۇلار ئۆيىگە چاقىتتى ،سەن كىرىپ ئۇ قىز بىلەن كۆرىشىسەن بىز چوڭلار بىلەن توينى توختىتىمىز ،-دىدى ئۇكۇلۇمسىرەپ ، مەن ھېچقانداق ئىپادە بىلدۇرمەيلا ياتاق ئۆيۇمگە كىرىپ كىتاپلارنى ۋاراقلاپ ئوقۇشقا باشلىدىم ، كۆزم كىتاپتا بولسىمۇ خىيالىم يەنىلا شۇ ئايجامالدا ئىدى ، ئازاپلانمىدىم دىسەم  يالغانچىلىق بولۇپ قالاتتى ، بىز ئەتىسى تۇغقانلارنى يېغىپ شەھەرگە كىردۇق ، ئۇلارنىڭ ئۆيى شەھەرنىڭ شەھەردىكى ھەممە  چېتىگىرەك جايلاشقان خاسلا باشلىقلارنىڭ ئۆيى خىلۋەت جايدا ئىدى ، بىز ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندىن كېيىن ئۇلار بىزنى خۇشال كۆتىۋالدى ، بىردەم ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن پاراڭلاسقاندىن كېيىن دادام سۆز باشلىدى
_شۇچىي ئەمدى رەسمىي گەپكە كىلەيلى ، قەنى كىلىن بالىمىزنى بىر كۆرسەك بوپتىكەن ،_دىدى بۇنىڭدىن مەن دادامنىڭمۇ تېخى ئۇ قىزنى كۆرۇپ باقمىغانلىقىنى بىلدىم ،«ئۆزىمۇ كۆرۇپ باقمىغان بىر قىزنى ماڭا ئاي  دىگىنىنى »دەپ  غۇدۇڭشىپ قويدۇم
_ ۋاي بولىدۇ ، گۇلنۇر قىزىقم بۇياققا چىقە قىزىقم ،_دەپ شۇجىي ئىچكىردىكى ئۆيىگە قايرىپ تۇرۇپ ۋاقىردى بىردەمدىن كېيىن
_مانا مەن دادا ،_دەپ  بىر قىز يۇگۇرۇپ چىقتى ،ھەمدە دادىسىنىڭ قېشىغا كىلىپ ئولتۇردى ، بۇنداق قىزلارنى ئالىي مەكتەپتە كۆپ كۆرگەندىم ئەمما  يېزىمىزدا ئايلاپ يىللاپمۇ ئۇچراتقىلى بولماتتى ، ئۇ چېچىنى بۇدىرە قىلىۋالغان ، كۆزلىرى چوڭ ، ھازىرقى زاماندا مۇدا بولىۋاتقان ئەبجەش كىيىملەردە كىيىنگەن ئىدى ، ئۇنى كۆرگەن ئادەم چۇقۇم چىرايلىقكەن دەپ  ماختىشى ئىنىق ئىدى
_  نىمانداق  چىرايلىق قىز بۇ بىزنىڭ بەختىمىز كەپتۇ جۇمۇ ،_دەپ دادام قاقاقلاپ كۇلدى
_ بۇ نىمە دىگەنلىرى ، ئادەمنى خىجىل قىلمىسىلا ،قارىسىلا ياسىنجان بالاممۇ شۇنداق كىلىشكەنغۇ ، بۇ ئىككىسى بەك ماسلىشىدۇ ،_دىدى شۇجي تەكەللۇپ بىلەن
_  شۇنى دىمەملا ، بۇ ئىككىسىنى يالغۇز قالدۇرۇپ بىز چوڭلار ئۆز گىپىمىزنى قىلىشايلى ئۇلارمۇ ئۆز گىپىنى قىلىشسۇن  ،_دىدى دادام كۇلۇمسىرەپ ، قاسىم شۇجىي گەپ قىلماي ئىككىمىزنى باشلاپ بىر ئۆيگە ئەكىردى ، مەن ئۇ  ئۆيگە سىنجىلاپ قارىدىم ، ئىشىكتىن كىرىشكىلا يۇشاق  كارۋات ، ئوڭ تەرەپتە كومپىيۇتىر ، سول تەرەپتە كىتاپ جازىسى بولۇپ يانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىزىل نۇرلۇق چىراق ئۇينى خۇۋا يۇرۇتۇپ تۇراتتى ، مەن بىر قاراپلا ئۇنىڭ گۇلنۇرنىڭ ھۇجىرا ئۆيى ئىكەنلىكىنى بىلدىم ،  قاسىم شۇجىي بىزنى يالغۇز قويۇپ چىقىپ كەتتى ،
_ ئولتۇرۇڭ ،-دىدى گۇلنۇر سوغۇق تەلەپپۇزدا ، مەن گەپ قىلمايلا يانغا قويۇلغان ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردۇم ، ئۇ بېرىپ كۇمپىيۇتىرنى قوزغاتىدە كۇت-كۇتىنى ئاچتى ،كىملەر بىلەنكىن پاراڭلىشىپ كايىدا كۇلۇپ گاھىدا قاپىقىنى تۇرەتتى ، مەن ئۇنىڭغا قاراپ  خىيال سۇرۇپ ئولتۇراتتىم ، كۆزۇم ئۇنىدا بولسىمۇ خىيالىم يەنە ئايجانالدا ئىدى ، مەن ئۇنى ئايجامال بىلەن سېلىشتۇرۋاتاتتىم .
_ نىمىگە قارايسىز ئادەم كۆرمىگەنمۇ سىز ؟-دىدى ئۇ قاپىقىنى تۇرۇپ ، مەن  سەل قىمىرلاپ قۇيۇپ
_ياقەي سىزگە قارىمىدىم ،خىزمەتتە بىر ئىشقا يۇلۇققان شۇنى ئويلىنىپ قاپتىمەن ، _دىدىم مەن قىزىرىپ .
_ ھە مۇنداق  دەڭ ،  سىز پارتىيەگە سادىق ، قىزىلكەنسىزدە ،ھە راس  سىزنىڭ كۇت-كۇتىڭىز بارمۇ ؟  دەپ بىرىڭ  قاچىلاپ قوياي زىرىككىندە گەپكە سالغىلى لازىم بۇلار ،-دىدى ئۇ كومپىيۇتىردىن نىمىلەرنىدۇر  قىلىپ
_كەچۇرۇك . ئالىي مەكتەپتە  چاغدا نار ئىدى ، كېيىن باشقىلارغا بىرىۋەتكەن ، -دىدىم مەن خىجىللىق ئارلاش
  _ ھە  سىزنىڭ يېزىلىق ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ  قاپتىمەن ،سىزدەك يېزىلىققا نىمە كەپتۇ راس كۇت-كۇت ئويناپ ، _دىدى ئۇ بىپەرۋالا ، بۇ گەپ ماڭا ئېغىر كەلدى ،ئەمما  گەپ قىلمىدىم ،بىردەمدىن كېيىن مەن ئۇ ئۆيدىن قايتىپ  چىقتىم ، ئۇرۇق -تۇغقانلار كۆلۇشۇپ شۇنداق خۇشال پاراڭلىشىۋاتاتتى ،مەن گەپ قىلمايلا بىر چەتكە كىلىپ ئولتۇردۇم ،
_ ھە ئوغلۇم ، قانداق كۆڭۇللۇك پاراڭلاشتىڭلارمۇ ؟-دىدى ماڭا قاسىم  شۇجىي سۇئال  نەزىرسىدە
_ ھە .....  شۇنداق خۇشال پاراڭلاشتۇق ،-دىدىم مەن  سەل  دۇدۇقلاپ ،ئەمما  نەدىمۇ ئۇنداق بولسۇن مەن ئۇنىڭدىن قىلچىلىك رازى بولمىغاندىم ، ھازىر  رازى بولمىدىم دىيىشكە كىچىككەندىم
_ ھەي بۇ بالىنى قىز بالا بىلەن  تۇنجى قېتىم قىزلار بىلەن يالغۇز كۇرۇشكەچكە خىجىل بولۇپ قاپتۇ  بۇ ،_دىدى دادام قاقاقلاپ  كۇلۇپ ، سورۇندىن كۇلكە ئاۋازى كۆتۇرۇلدى ، ئۇلار تۇينى كىيىكى ھەپتىنىڭ شەنبە كۇنگە ئۇرۇنلاشتۇرۇپتۇ ، مانا تويمۇ بولدى ،مەھەلىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مېنى بەختىنى تاپتى دەپ ئويلىشاتتى ،توي ئۆتۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي گۇلنۇر شەھەردە ئۆي ئالىمىز دەپ  غەلۋە قىلىۋەرگەچكە بوينۇمنى سۇرىگەندەك شەھەردىن ئۆي ئېلىپ كۇچۇپ كىردۇق ، شۇ كۇندىن باشلاپ گۇلنۇرنىڭ  ساراڭلىقى باشلاندى ،
_ مەن سىزگە دەي  مەن يېزىلىق ئەمەس ، ھەم ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپلا ئۆتىدىغان ئائىلە ئايالىمۇ ئەمەس ،شۇڭا بۇگۇندىن باشلاپ ئۆيدە تاماق ئەتمەيمەن ، يەنە بالا غەلۋىسىنى ئاز قىلىسىز ، مەن تېخى تۇغۇشنى ئويلىنىپ باقمىدىم ، ماڭا ئاز گەپ قىلىسىز ،سىزنىڭ سەھرالىق پۇراپ  تۇرىدىغان ئاۋازىڭىزدىن مەن بەك بىزار ،-دىدى ئۇ
مەن نىمە دەي ،گەپ سۆز قىلماي خىيالغا پاتتىم بۇمۇ ئائىلىمۇ ، بۇ قانداق قىز دەپ ئويلىنىپ تۇراتتىم ،
_ گەپ  قىلمايسىزغۇ  ھە بوپتۇ سىز گىپىمنى تۇگۇتۇپ  بولۇپ ئاندىن جاۋابىڭىزنى ئاڭلاي ، ماڭا سىزنىڭ جاۋابىڭىزغۇ  بەرىبىر ، مەن كەچتە قايتىپ كەلمىسەم نەگە بارسىڭىز دىمەيسىز ، ھەم  مېنىڭ دوستلىرىم كۆپ كۇنلەپ يۇرسىڭىز  ئەدىبىڭىزنى يەيسىز ..........
  مەن ئۇنىڭ بۇ گەپ ئاڭلاپ ئولتۇرۇشقا تاقىتىم قالمىغاندى
_ ۋاي بولدى قىلە ،نىمە  قىلساڭ قىل ، مېنىڭ كارىم يوق ،-دىدىم مەن ئاچچىق ئارلاش بۇ ئۆيدىن بۇرۇنلا كۆڭلۇم  قالغاندى ،شۇندىن كېيىن بۇ ئۆيگە قاتقۇم  كەلمەيدىغان بولدۇم ،ئۇنىڭ نىمە قىلىشىمى بىلەن كارىم بولمىدى ، ئۇ  ئايالىمدەكلا ئەمەس تۇنۇشمايدىغان بىرسىدەك بىلىنەتتى ، باشقىلار ئۇنىڭ قىلغان بۇزۇقچىلىقىنى ماڭا دەپ  كىلەتتى ، ئىشلەيدىغان ئورنۇمدا بۇرۇن خېلى ئىناۋەتلىك ئىدىم ، ئەمما  شۇ كۇنلەردە باشقىلارنىڭ كەينىمدىن ھەتتا يۇزۇمگە سېلىپ تۇرۇپ «يۇمۇشاق باش »دىگەندەك گەپلىرگىمۇ كۇنۇپ كەتكەندىم ،شۇ كۇنلەردە ھاراق -تاماكا مېنىڭ بىردىن بىر مۇڭدىشىم ئىدى، بۇرۇن تاماكا ھاراق  دىگەن نەرسىدىن شۇنداق يىرگىنەتتىم ھازىرچۇ؟ ئۇ مېنىڭ بىردىن بىر مۇڭدىشىم بولۇپ قالغاندى ، بىكار بولساملا ئىچەتتىم بۇرۇن دوستلىرىم بىلەن ئىچەتتىم ، ئەمما كىيىنلەردە گەپ ئەۋجىگە چىقىپ ماڭا قارىتىلىپ  قالاتتىدە گۇلنۇرنىڭ قىلغان بۇزۇق ئىشلىرى تۇغۇرسدا بولۇپ قالاتتى شۇنىڭغىمۇ مەن ئۇلاردىنمۇ بىزار بولۇپ ھازىر يالغۇزلا ئولتۇرۇپ ئىچەتتىم ، مەن مەجبۇرى ئۇ ئۆيگە بارمىسام ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن يېزىدىكى ئۆيىمىزدە قۇنۇپ  قالاتتىم ، بىر كۇنى كىچىدە تىلىغۇن چىرىڭلىدى ، مەن ئويقۇمنى تەستە ئېچىپ تىلىغۇننى ئالدىم .
_ ۋەي ..ياخشىمۇسىز ؟
_ ياخشى ،ئەتە ئەتىگەندە چوڭ بىر  تەكشۇرۇش باركەن ،سىز ئالدىنقى كۇنكى ماتىرياللارنى ئىلىپ ئەتە ئەتىگەن ئىشخانىغا كىلىڭ ،_دىدى
_ ھە ماقۇل ،_دىدىم مەن كىملىكىنىمۇ سورىماي ، مەن تىلىغۇننى قويۇپ سائەتكە قارىدىن سائەت ئەتىگەن بەش بولغاندى ، يەنە ئۈچ _تۇت سائەتتىن كىيىن ئىشقا بارىدىغان ۋاقىت بولاتتى ، مەن ئۇ  ماتىرياللارنى شەھەردىكى ئۆيگە قويۇپ قويغاندىم ، مەن ئىرىچەكلىك بىلەن كىيىملىرىمنى كەيدىم ھەمدە مۇتۇ سىكىلتىمنى قوزغۇتۇپ  شەھەرگە قاراپ  ماڭدىم ،ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ گۇلنۇرنى ئويغاتماي دەپ يېنىمدىكى ئاچقۇچنى چىقىرىپ ئىشىكنى ئاستا ئاشتىم ۋە ئۇدۇللا ياتاق ئۆيگە كىرىپ كۆز كۆزۇمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ، گۇلنۇر بىر تاتۇنۇش ئەر بىلەن ئىرماش چىرماش بۇلۇپ كارۋاتتا ياتاتتى ، مەن ئاچىقىمدا توۋلىدىم
_ قۇپۇش ئۇرنىڭدىن پاسكىنىلار ...._دىدىم مەن زەردە بىلەن
_ ھە  كىمۇ ؟_دىدى ھېلىقى ئەر ئىرىچەكلىك بىلەن بېشىنى كۆتۇرمەي
_ قۇپە ئورنىڭدىن  لاتا ،-دىدىم مەن زەردە بىلەن ئۇنى بىرنى تىپىپ ، ئۇ  سەل  سەگۇدىدى بولغاي ئۆزىنى يۇغان ئەچىپ ئۇرنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرنى كىيگەچ
_ بۇ كەچ بولغاندا ساڭا نىمە بار بۇ يەردە ، -دىدى ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك ، مەن ئاچچىقتا گەپمۇ قىلالمايۋاتاتتى،
_  بۇ ئىشنى بىلگىنىڭمۇ بەك ياخشى بولدى ،  بۇ سېنىڭ خۇتۇنۇڭ بولغان بىلەن مېنىڭ مۇھەببىتىم ، سەن ئۇنىڭدىن ئاجىرشىپ كەت سېنىڭدەڭ سەھرالىق تومپاي ئۇنىڭغا ماس كەلمەيسەن ،-دىدى ئۇ ماڭا قاراپ گۇلنۇر جىملا بىزنىڭ گىپىمىزنى تىڭشاپ ياتاتتى ، مېنىڭ ئاچىقىم چىداپ تۇرغۇسىز دەرىجىگە باردى ، مەن ئۇنىڭغا ئېتىلدىم ، نەدىن بىلەن  تۇيۇقسىز تىپىلگەن بىر تېپىك مېنى يېقىلدۇردى ،مەن يەنە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئىتىلدىم بىز پۇمىداقلىشىپ كەتتۇق ، بىز چاغدا قولۇمغا پىچاق چىقىپ قالغانلىقىنى سەزمەيلا قاپتىمەن ، بار كۆچۇم بىلەن ئۇنىڭغا تىقتىم ، ئاچچىقىم بەكلا كەلگەنلىكتىنمۇ ، بىر يىرىگە ئەمەس بىر نەچچە يىرىگە ھەتتا مەن ھېرىپ تۇختىغۇچە تىقتىم بىر چاغدا ھېرىپ ئەتراپىمغا قارىسام گۇلنۇر چىقىراپ - ۋاقىراۋېتىپتۇ   تۇرۇپ،»ئاغزىڭنى يۇم پاسكىنا » مېنىڭ زىردە بىلەن قىلىنغان بۇ گىپىم بىلەن ئۇ سەل بوشاپ قالدى، مېنىڭ كۆزلىرىمگە قان كۆرىنەتتى ، مەن بېرىپ ئۇنى ئۇرۇشقا باشلىدىم ، بۇ ئارلىقتا ئۇنىڭ ماڭا قىلغانلىرى كۆزئالدىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتتى ، مەن ئاچىقىمغا چىدىماي «بىرنى ئۆلتۇرسەممۇ ئۆلۇم »دەپ ئۇنىڭغىمۇ پىچاق تىقتىم ،ھەمدە ئۇنىڭ جەسىتىنىمۇ پارە -پارە قىلىۋەتتىم ، ئۇندىن كېيىن مەن يۇيۇنۇپ كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ قاچتىم ، قېچىپ ئۆزۇمنىڭ بىر ئۆمۇر مۇكۇپ يۇرگۇم كەلمەي ئۆزۇمنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن كەلدىم ،ئەمدى ھۆكىمەت مېنى قانداق جازالىسا مەن رازى......
  ئۆينىڭ ئىچىنى بىردەملىك جىمجىتلىق قاپلىدى ، ئارىدىن قانچىلىك ئۆتىكىن ئوتتۇردا ئولتۇرغان ساقچى گەپ باشلىدى
_ بۇ گەپلىرىڭ راستمۇ ؟ ھەممىگە سەن قول قۇيالامسەن ؟
_ ئەلۋەتتە راست ، قۇلمۇ قۇيالايمەن ، _دىدىم مەن تەمكىنلىك بىلەن بىر ساقچى بىر نەچچە قەغەزنى كۆتۇرۇپ مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كىردى ،مەن ئۇنىڭ ھەممىسىگە قولۇمنى بېسىپ بەردىم ، ئوتتۇردا ئولتۇرغان ساقچى ياقىدىكى بىرسىگە ئىشارەت قىلدى ئۇ  سىتقا چىقىپ ئوزۇن ئۆتمەي چىتە قاتارلىق نەرسىلەرنى كۆتۇرۇپ كىرىپ مېنىڭ پۇت قولۇمنى چىتەلىۋەتتى ،ھەمدە يالاپ سىتقا ئىلىپ ماڭدى ، مەن شۇ چاغدا پارلاپ چىققان  قۇياشقا قارىدىم ، ئېغىر پۇتلىرىم چىتەنىڭ ئېغىرلىقىدا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كىتىپ باراتتى ...


مەنبە :ئۆز قەلىمىم
تېما تەستىقلىغۇچى : سەردار
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-11-17
-سىز كۆرۋاتقان تىما بەخىتكە يۇشـــۇرۇنغان قايغۇ-,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
زىمىستاننى باھار دىگۇڭ بار ،
گۇلۇستاننى خازان دىگۇڭ بار ،
ساڭا بەرسەم بىر  دەريا سۆيگۇ ،
باشقىلارنى ئوكيان دىگۇڭ بار،
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-17 04:21 PM |
Misran
مىسرانىم باش لاھىيلىگۈچىسى
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى رەسىم يوللاش ئۇستىسى مۇھەببەت سەۋداسى مىسرانىم شېئىرىيەتچىسى ئالاھىدە غوللۇق ئەزا
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


تىزىم نۇمرى : 82
نادىر تېما : 44
يازما سانى : 1286
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1286دانە
شۆھرىتى: 631175 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 6178440 سوم
ياخشى باھا: 4448 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:13 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:951 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

89 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
يېقىندا كىرگەن:2009-01-03

 

بۇ ئەسىرىڭ شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ، داۋاملىق تېرىشقىن، ئەسكەرتىدىغىنىم شۇكى تىما ماۋزۇ كەينىگە ئارتۇقچە بەلگىلەرنى قويۇپ قويمىساڭ     
بارا بارا يازغانلىرىڭ شۇنداق ياخشى چىقىۋاتىدۇ ،شېئىردىن قول ئۈزۈپ لىرىكىغا،ئۇنىڭدىن نەسىرگە ،ئۇنىڭدىن ھېكايىگە،ئۇنىڭدىن چۆچەككە....... ئىشقىلىپ يازغۇچىلىقتا ئىلگىرلەش چوڭ سەندە
مىسرانىمدىكى ئەزالىق مەخپى نۇمرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز ياكى سېستىمىدىن چاتاق چىققانلىقىنى بايقىسىڭىز،
قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز
QQ:364103  Tel:13899164687 ئارقىلىق بىۋاستە ئالاقىلشىڭ،سىزگە ياردەمدە بولىمەن!
مىسرانىمنى ھەممىمىز بىرلىكتە گۈللەندۈرەيلى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 04:30 PM |
arkam125
دەرىجىسى : يېڭى ئەز


تىزىم نۇمرى : 5073
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
شۆھرىتى: 20 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 227 سوم
ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:1 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:0 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

20 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-11-17
يېقىندا كىرگەن:2008-11-17

 

ياخشى چىقىپتۇ............
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 04:33 PM |
okyan520
ھايات تۇلىمۇ قىسقا ئۇنى قەدىرلەش كىرەك.
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : سەپەرۋەر


تىزىم نۇمرى : 2639
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2138
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2138دانە
شۆھرىتى: 2090 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 8084 سوم
ياخشى باھا: 3678 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:10 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:562 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

88 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-09-06
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

راس بۇ بەكلا ياخشى چىقىپتۇ،تىرشىڭ دوستۇم كەلگۈسىدە ياخشى شائىر بۇلۇپ چىققۇدەكسەن. غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۇپ.
مەن بىلەن دۇسىت بۇلۇشنى خالىسىڭىز : مەرھەممەت
img: http://blog.retim.cn/364315
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 04:35 PM |
katran
مىسرانىم، مەنىۋىيەت ئىزدەش نىشانىم.....!!!
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


تىزىم نۇمرى : 1190
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 1914
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1914دانە
شۆھرىتى: 535 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 7146 سوم
ياخشى باھا: 4122 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:11 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:759 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

11 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-07-29
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ھەي ھەجەپ چىنلىقنى بىرلەشتۈرۈپ يېزىپسەن جۇمۇ..... غەيرەت قىل........ ساڭا ئۇتۇق تىلەيمەن..............!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 05:39 PM |
BUMARYAM
مېنىڭ خۇشاللىقىم-پەقەتلا مىسرانىم.
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


تىزىم نۇمرى : 111
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1774
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1774دانە
شۆھرىتى: 775 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 5735 سوم
ياخشى باھا: 3102 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:12 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:812 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

88 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

راس بەكلا ياخشى يېزىپىسەن................  ھەققى چىن ۋەقەلىك ئەكىس ئەتتۇرلۇپتۇ........... دۇنيادا راستىنلا ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ مۇرادىغا يېتىشى شۇنداق تەسمىدۇ؟؟؟؟
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 06:13 PM |
YALGUZ520
دەرىجىسى : مەستانە ئەزا


تىزىم نۇمرى : 3166
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 655
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە655دانە
شۆھرىتى: 332 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 2174 سوم
ياخشى باھا: 883 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:4 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:101 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

39 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-10-03
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ھەي سىنى بىرەر گىزىت خانا مۇخبىرلىككە تەلكىپ قىلسا بولغۇدەك جۇمۇ
有一种爱叫做放手,为爱放弃天长地久
    
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 08:12 PM |
musilina
سىز نېمە ئۈچۈن ياشايسىز ؟
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2838
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 826
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە826دانە
شۆھرىتى: 356 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 2909 سوم
ياخشى باھا: 1054 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:7 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:333 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

17 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-09-14
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ئۆلتۈرىۋەتكىچە ئاجرىشىپلا كەتسە بولمامدۇ ؟  ئۇنداق بۇزۇق خوتۇننىڭ ناپاك قېنىدا قولىنى بۇلغۇغىچە ، ھەي ئېسىت ، بەك ئۇۋال بوپتۇ ئۇ بىچارىگە .
اللا كأڭلىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسذن.
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 08:40 PM |
SuBi
دەرىجىسى : جانلىق ئەزا


تىزىم نۇمرى : 1389
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 308
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە308دانە
شۆھرىتى: 150 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 948 سوم
ياخشى باھا: 1401 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:150 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

50 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-05
يېقىندا كىرگەن:2008-12-16

 

بەك ياخشى يىزىپسىز،،،،سىزنىڭ يىزىقچىلىق قابىليىتىڭىزگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم،،،،،،، داۋاملىق تىرىشىڭ،،،،،،
قەدىردان مەردانىنىڭ دۇستى يارىمەن،
قەلبى پاك جانان ئۇچۇن پەرۋانىمەن،
بىۋاپانى يار تۇتۇپ تارتتىم جاپا ،
شۇ سەۋەپ ناپاكىلدىن بىزارىمەن.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 10:53 PM |
دىليارا
بەخىت .......يېنىمدىلا .......
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


تىزىم نۇمرى : 2081
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1437
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1437دانە
شۆھرىتى: 810 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 6728 سوم
ياخشى باھا: 4072 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:8 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:416 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

24 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-23
يېقىندا كىرگەن:2009-01-03

 

رەسىم :
بارىكاللا .............سەردار بۇ ئەسرىڭ شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ .........تېخىمۇ تىرىشقىن ....بۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى يازالايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن ...................
نۇرغۇنلىغان ئۇنۇتمايمان دېگەن نەرسىلەرنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنۇتماسلىق ئىچىدە ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىمىزنى بايقايمىز ...
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-18 12:21 AM |
9alma
دەرىجىسى : يېڭى ئەز


تىزىم نۇمرى : 1945
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
شۆھرىتى: 4 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 241 سوم
ياخشى باھا: 7 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:1 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:0 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

20 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-20
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

بىمەنە ئەسەركەن ساپلا توقولما ....
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-18 11:52 AM |
AZAT1010
دەرىجىسى : رەسمىي ئەزا


تىزىم نۇمرى : 4198
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 124
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە124دانە
شۆھرىتى: 29 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 560 سوم
ياخشى باھا: 144 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:6 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:202 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

68 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-10-28
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

ئەسىرىڭىز يامان ئەمەسكەن، ياخشى يېزىپسىز.
لىكىن ئىملاغا دىققەت قىلسىڭىز بولاپتىكەن،
ئىملايىڭىز نىمانداق خاتا سىزنىڭ،؟
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-18 01:11 PM |
ALXIR
مىسرانىم مەستانىسى
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2550
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1083
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1083دانە
شۆھرىتى: 339 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 2590 سوم
ياخشى باھا: 1362 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:7 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:310 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

40 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-09-04
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

  ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز، بىزنىڭ مۇنبىرمىزنىڭ شائىرى داۋاملىق تىرشىڭ.......  ھارمىغايسىز......
« ئەسلىمە مۇنبىرى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!!»
~~http://aslima.net/bbs~~
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-18 01:17 PM |
guzalim
دەرىجىسى : قوللىغۇچى ئەزا


تىزىم نۇمرى : 4203
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 209
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە209دانە
شۆھرىتى: 143 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 919 سوم
ياخشى باھا: 306 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:196 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

4 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-10-28
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

راس بۇ بەكلا ياخشى چىقىپتۇ،تىرشىڭ   كەلگۈسىدە ياخشى شائىر بۇلۇپ چىققۇدەكسىز........      غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۇپ.......   تېخىمۇ  تىرىشىڭ...ھە......ئالغا....          
تۇغۇلدۇم دۇنياغا قىز نامىم نىلەن،
ياشايمەن دۇنيادا ۋىژدانىم بىلەن.
گەرچە دوسلاردىن تۇرساممۇ تۆۋەن،
سۆيىمەن  مىسرانىمنى  پاك قەلبىم بىلەن.
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-18 01:39 PM |
guzalim
دەرىجىسى : قوللىغۇچى ئەزا


تىزىم نۇمرى : 4203
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 209
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە209دانە
شۆھرىتى: 143 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 919 سوم
ياخشى باھا: 306 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:196 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

4 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-10-28
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز، بىزنىڭ مۇنبىرمىزنىڭ شائىرى داۋاملىق تىرشىڭ.......  ھارمىغايسىز......سەردار بۇ ئەسرىڭ شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ......
رەخمەت .....داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.......ھە.....       
تۇغۇلدۇم دۇنياغا قىز نامىم نىلەن،
ياشايمەن دۇنيادا ۋىژدانىم بىلەن.
گەرچە دوسلاردىن تۇرساممۇ تۆۋەن،
سۆيىمەن  مىسرانىمنى  پاك قەلبىم بىلەن.
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-18 01:42 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » ھىكايە ۋە چۆچەك
مىسرانىم تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ،مىسرانىم تور بېكىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .
مىسرانىم تورى مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلفونى : 13899164687 تور چاقىرغۇ:QQ:364103

Total 0.244365(s) query 8, Time now is:01-03 02:59, Gzip disabled 新ICP备08000436
Powered by Misran V6.3.2Certificate Code ©Beta 5 2008-12 Misran Corporation