[
تەنھا قالغانمەن

بىلەلمىدىم چىرمىۋالدى نىمە تولا غەم،
كېچىلىرى زىمىستاندەك شۈركەنمەكتە تەن.
ئارزۇ قىلدىم يېتەلمىدىم بولالمىدۇق جەم،
ئارلىق يېقىن ئىزدەلمىدىم ئىزدەلمەيمەن ھەم،
شۇ سەۋەپلىك ھازىرغىچە تەنھا قالغانمەن.
بۇنداق دېسەم خاپا بولما ئويلانمىغىن يار،
راستىنى ئېيتسام بىر سۆيۈپ قېنىۋالغۇم بار .
ۋىسال ئىزدەپ تاپالمىغاچ چەكتىم ئاھۇ-زار،
بولۇپ كەلدىم ئەزەلدىنلا مۇھاببەتتە خار،
سۆيگۈ ئىزلەپ خار بولغاچقا تەنھا قالغانمەن.
قۇلاق سالغىن گۈزەل قىزچاق سۆيگۈ مۇقەددەس،
ئۇزاق يۈردۈم سۆيگۈ ئۈچۈن تارتىپ مۇشەققەت.
سۆيگۈ نىمە سەن سەۋەپلىك بىلدىم مۇقەددەم،
يۈرەك سۆزۈم شېئىرىمدا بولدى مۇجەسسەم.
سۆزلىرىمنى ئېيتالمىغاچ تەنھا قالغانمەن.
تۇنجى سۆيگۈ قىلدى مېنى ئازاپقا مەھكۇم،
شۇندىن باشلاپ ئويلاپتىمەن مۇھاببەت مەرھۇم.
ئەسلى ئۇنداق ئەمەس ئىكەن ئۇنچىلىك مەۋھۇم،
ئىمكانىيەت يارىتىپتۇ ماڭا شۇ مەۋقۇم،
تۇنجى سۆيگۈ پەس قىلغاچقا تەنھا قالغانمەن.
داۋا تاپقان تۇنجىسىدىن قالغان جاراھەت،
ھەيران بولغان ئىدىم دەسلەپ نىمە كارامەت.
بەلكىم باردۇر باشقىلاردا سەندەك لاتاپەت،
ياققان ئىدىڭ لىكىن بىر سەن ماڭا ئالامەت،
يانلىرىمدا سەن بولمىغاچ تەنھا قالغانمەن.
كۆزلۈرۈڭنى ئوخشىتىمەن تېگى يوق بۇلاق،
بۇ بۇلاقتىن تارقىتىپسەن خۇشبۇي بىر پۇراق.
سەزمىدىڭمۇ كەتكىنىڭگە بولدى بەك ئۇزاق،
ئەگەر كەلسەڭ يېنىمغا بىر ئاچارمەن قۇچاق،
كەتكىنىڭنى سەزمىگەچكە تەنھا قالغانمەن.
بىر سېنىلا دائىما خىيالىمدىن كەتكۈزمەي،
پارچە-پۇرات گەپلەرنى يۈرۈگۈمگە تەككۈزمەي.
دەرتكە تولغان قەلبىمنى باشقا گۈلگە چەككۈزمەي،
پىنھان تۇزۇپ كېتەمدۇ ۋىسالىڭغا يەتكۇزمەي،
ۋىسالىڭغا يىتەلمىگەچ تەنھا قالغانمەن.
سەن ئۇياقتا مەن بۇياقتا ئۆتەمدۇق زادى،
سېنى كۈيلاپ شېئىر يازسام بولامسەن رازى.
يا كەممىدۇ ئارىمىزدا سازچىنىڭ سازى،
ئۈزۈلمەيدۇ ساڭا بولغان مۇھاببەت تارى،
رىشتىم ساڭا باغلانغاچقا تەنھا قالغانمەن.
ئەزەلدىنلا سەندە ئەمەسمۇ كىمنى تاللاش،
مېغىزىنى ئېلىپ قېلىپ شاكىلىنى شاللاش.
كىمنى تاللا مەندە يوقتۇر قىلچىلىك قاقشاش،
چۈنكى بولغاچ قارار سەندە قانداق ئىش باشلاش،
قارارىڭنى بىلمىگەچكە تەنھا قالغانمەن.
بىر مەن سەۋەپلىك ھىجراندا تولغاندىڭ ئەجەپ،
چۈشەندۈرسەم كۆڭلۈمنى ياغمىسىكەن لەنەت.
پۇرسەتلا بولسا ناۋادا يەنە بىر پەقەت ،
ئۆتەر ئىدىم سەن بىلەن مەڭگۈگە ئەبەد،
پۇرسەت قايتا كەلمىگەچكە تەنھا قالغانمەن.
بۇرۇنقىدەك ھوزۇرلۇنۇپ كۈلگىنە تاتلىق،
بولمىساممۇ باشقىلاردەك ئۇز ھەم سۇباتلىق.
ھەسرەت چەكتىم ھىجرانلىقنىڭ ئازابى ئاچچىق،
يىتەر ئەمدى كەچۈرمېنى تەگمىگىن قاتتىق،
قىلغىنىمنى كەچۈرمىگەچ تەنھا قالغانمەن.
گەر سورىساڭ مېنىڭدىن ھەققانىيەت تارازا،
ئېيتىپ بېرەي ئۇمۇغۇم مەنلا لايىق جازاغا.
رايىڭ بارمۇ قايتىلاپ كۆزلۈرۈمگە قاراغا،
قول تۇتۇشۇپ مەن بىلەن يىراقلارغا بارارغا،
لايىق بولغاچ جازاغىلا تەنھا قالغانمەن.
《بولسا پەرھاتنىڭ شېرىن مەجنۇننىڭ لەيلاسى،
نىسىپ بولۇپتۇ ماڭا گۈلەرنىڭ رەناسى.》
كۈتكۈنۈم بىر شۇ ئەمەسمۇ ۋىسال تەماسى،
ساڭا ئېيتىپ شۇ سۆزۈمنى ئۆلسەم مەن رازى،
ئارزۇيۇمغا يېتەلمىگەچ تەنھا قالغانمەن.
گۈللەر بىلەن پۇركەنگەن باھار پەسلى ياپ-يېشىل،
گۈللۈرۈمنى ئۆزگىگە بېرەلمەيمەن مەن بېخىل.
مۇھاببەتتىڭ ئىچىدە بوپ تۇراركەن تاش-شېغىل،
كەلمىگىچە ئايرىلىش سەزدۈرمىگەن ئەڭ ئېسىل،
شۇنداق بېخىل بولغاچقلا تەنھا قالغانمەن.
بۇرۇندىنلا رىشتىمىز ئايرىلماسقا باغلانغان،
زەم-زەم سۈيى ئىچكەندەك ئىللىق نەپەس تارالغان.
شۇ چاغلاردا ئاۋازىڭ شۇنداق مۇڭلۇق ئاڭلانغان،
ئىتراپ قىلغىن گۈزەلسەن مەن ئۈچۈنلا يارالغان،
مېنى ئىتراپ قىلمىغاچقا تەنھا قالغانمەن.
تەقدىرىممۇ بىر نۆۋەت ماڭا يولنى قويسىكەن،
ئىككى تەشنا يۈرەكنى بىر-بىرىگە قوشسىكەن.
زەرداپ بولغان يۈرەكلەر خوشاللىققا تولسىكەن،
مەڭگۈلۈككە ھەمرايىم رەنارىملا بولسىكەن،
تەلەي ئوڭدىن كەلمىگەچكە تەنھا قالغانمەن.
بۇلاپ كەتسە گۈلۈمنى قانداق چىداپ تۇرارمەن،
سەن بولمىساڭ يېنىمدا قانداق ئەركىن ئۇچارمەن.
پۇرسەت بەرسەڭ ئەگەردە ئۇنى مەھكەم تۇتارمەن،
لازىم بولسا يۈرۈگۈم ئىككىلەنمەي يۇلارمەن،
پۇرسەت كەلسە چىڭ تۇتمىغاچ تەنھا قالغانمەن.
مەنبە:ئۆز قەلىمىم(قاھارقۇربان)