مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » نەسىرى ئەسەرلەر » قان ئـىچىدىكى پاكــلىق - ئـــۈزۈمچى
« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
uzumqi
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


تىزىم نۇمرى : 4630
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
شۆھرىتى: 47 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 314 سوم
ياخشى باھا: 46 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:1 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:12 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

8 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-11-08
يېقىندا كىرگەن:2008-12-30

 قان ئـىچىدىكى پاكــلىق - ئـــۈزۈمچى

6
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
تېما باشقۇرغۇچى Misran تەرپىدىن نادىرلاندى. (2008-11-15)
  ئۇلارمۇ نۇرغۇنلىغان رىۋايەت - چۆچەكلەردىكى شاھزادە بىلەن مەلىكىدەك ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ شېرىن لەززىتىدىن پاك قەلبىگە ئۆچمەس ھەم كۆچمەس مۆھۈرلەرنى باسقانىدى.
  شۇ كېچە ئىككى ياشنىڭ بىرىنىڭ ھاياتىنى پاك تېنى بىلەن ئاللانىڭ دەرگاھىغا ئۇزىتىپ قويدى، يەنە بىرىنى قانداق قىلغانلىقىنى بىز پەرەز قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمما ئاللادىن باشقىلىرىمىز بىلىشكە ئاجىزمىز!
  تىتمتاس كېچە. پەقەت چېكەتكىلەرنىڭ ئاۋازىلا ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان، چوڭ  يولدىن يۈز قەدەمچە نېرىسىدىكى ئېتىزلىق. تولۇنئاي بىر جۈپ گىرەلەشكەن بەدەننىڭ شېرىن پىچىرلاشلىرىغا تويماي كۈلۈمسىرىگەچ بارلىق نۇرىنى باشقا كۈنلەردىكىدىنمۇ بەكرەك سېخىيلىق بىلەن چاچماقتا ئىدى. يۇلتۇزلار بىر - بىرىگە كۆز قىسىشىپ بەزىلىرى بۇ بىر جۈپنى مازاق قىلىشاتتى، بەزىلىرى ھەۋەس بىلەن كۆزىنى چىمچىقلىتىپمۇ قويماي ئۇلارنىڭ ئوتلۇق سۆيۈشۈشلىرىگە، خۇددى شامدەك ئېرىپ بىر - بىرىگە سىڭىپ كېتىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ مۇڭلۇق خىيالغا چۈشۈپ كەتكەنىدى. بوش شىۋىرلاۋاتقان سالقىن ياز شامىلى قىزنىڭ قاپقارا سۇمبۇل چاچلىرىنى يېنىك تەۋرىتىپ قىزنىڭ سۆيگۈ ئاتا قىلغان لەززەتتىن مەستخۇش يۇمۇلغان كۆزلىرىگە يۈزىنى يېقىپ ئۇلارغا بەخت تىلەيتتى. يىگىت قىزنىڭ خۇشبۇي تىنىقلىرىدىن ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتقان ئىدى. ئۇنى باغرىغا كىرگۈزىۋالماقچى بولغاندەك بارغانسېرى چىڭ قۇچاقلايتتى. يېنىك - يېنىك تىنىشلەر، تېزلىشىۋاتقان نەپەسلەر ئۇلارنىڭ ئەس - ھوشىنى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇرۇپ كەتكەنىدى.
توساتتىن ئۇلارغا ھەۋەسلىنىپ قارىشىپ تۇرغان چاشقانلار قۇلاقلىرىنى دىڭ قىلىشىپ ئەتراپقا تېز - تېز كۆز يۈگۈرتتى. بىر جۈپلەردىن يىگىرمە - ئوتتۇز قەدەم نېرىسىدىكى سوقما تامدا بىر نەچچە قارا كۆلەڭگە پەيدا بولدى. ئايمۇ نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى سەزگەندەك ھازىرلا يۈز بېرىدىغان بىر مەيدان پاجىئەنى كۆرۈشنى خالىماي بۇلۇت كەينىگە مۆكتى. يۇلتۇزلار ئارقا - ئارقىدىن كۆزلىرىنى يۇمۇۋېلىشتى. قارا كۆلەڭگىلەر بىر جۈپلەر بىلەن ئون قەدەمچە ئارىلىق قالغاندا چىپپىدە توختىشىپ باشلىرىنى بىر يەرگە ئەكېلىپ بىر نېمىلەرنى سۇكۇلداشتى. تۈن قاراڭغۇسىدا بىر نەچچە باشنىڭ بىر يەرگە كېلىپ سۇكۇلداشقىنى شامالنىڭمۇ كەيپىنى ئۇچۇردى. شامال بۇ پاجىئەنى توسۇپ قالماقچى بولغاندەك قوناق شاخلىرىغا، ئېتىز قىرلىرىغا ئېغىر ئۇرۇلاتتى. قىزنىڭ چاچلىرىنى كۈچەپ تارتىپ ئۇلارنى بۇ يەردىن كېتىشكە ئۈندەيتتى. لېكىن بىر جۈپلەر تېخىچە مەستخۇش.
قارا كۆلەڭگىلەر سوقما تامنىڭ يېنىدىن چىقتى. بىر نەچچە ياققا بۆلۈنۈپ بىر جۈپنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چوڭ - چوڭ قەدەملەر بىلەن ئوت - چۆپلەرنى دەسسەپ كېلىشتى. يىگىت ئاياغ تىۋىشلىرىدىن ئۆزىگە بىر شۇملۇقنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى سېزىپ كۆزىنى ئاچتى. قىزمۇ دەررۇ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ يىگىتنىڭ كۆكرىكى ئاستىغا يوشۇرۇندى. يىگىت تەمكىن قىياپەتتە ئۇلارغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتىۋېتىپ قىزنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ تۇرغۇزدى - دە، ئارقىغا بۇرۇلدى.
_ يەنە بىردەم سۆيۈشۈڭلار!
ئەمما ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئۇلارغا قاراپ تۇرغان قولىدا پىۋا بوتۇلكىسى تۇتۇۋالغان بىر قارا كۆلەڭگىنىڭ خىرقىراق چىققان ئاۋازى ئۇلارنىڭ قەدىمىنى توختىتىپ قويدى. يىگىت ئۇنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمەي ئۇنىڭدىن سورىدى:
_ سىلەر كىم؟
_ جېنىڭدا تۇرامسەن، مۇھەببىتىڭدىمۇ؟
قارا كۆلەڭگىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ يىگىتنىڭ يۈرىكى كۆكرەكلىرىگە ئۇرۇلۇپ - ئۇرۇلۇپ سوقۇشقا باشلىدى. ئۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى سەزگۈسىنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلىپ قىزغا قاراپ:
_ سەن كېتىپ تۇر. بۇلار مېنىڭ ئاغىنىلىرىمتى، ئازراق دېيىشىدىغان گەپ بار! _ دېدى.
ئەمما ئەقىللىق قىز ئۇنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى.
_ سىزنى تاشلاپ كەتمەيمەن، بىللە كېتىمىز! _ دېدى قىز يىگىتنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ قەتئىيلىك بىلەن.
ئاڭغىچە يەنە بىر قارا كۆلەڭگە كېلىپ يىگىتنىڭ قولىدىن تارتىپ:
_ يې سولتەك، سەن كىمىڭنى كۆزگە ئىلمايسەن ھە؟ سوئالىمغا جاۋاب بەرمەيسىنا؟ _ دېدى.
يىگىت ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدىنى ئالىقانغا ئېلىپ قويۇپ قارا كۆلەڭگىدىن سورىدى:
_ جېنىمدا تۇرسام قانداق بولىدۇ، مۇھەببىتىمدە تۇرسامچۇ؟
قارا كۆلەڭگىلەردىن بىرى زورىغا كۈلىۋېتىپ جاۋاب بەردى:
_ جېنىڭدا تۇرساڭ ماۋۇ بۇزۇق قالىدۇ، سەن كېتىسەن. . .
ئۇنىڭغا ئۇلاپ يەنە بىر قارا كۆلەڭگە:
_ بۈگۈنكى گۈزەل ئاخشامنى بىز بىلەن ئۆتكۈزىدۇ، _ دەپ سۆز قىسۇردى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ مەنالىق سۆزىدىن سۆيۈنۈپ باشقا ھەمراھلىرى بىلەن قاقاقلىشىپ سەت كۈلۈشۈپ كەتتى.
يىگىتنىڭ مۇشتلىرى تۈگۈلدى، كۆزلىرى چەكچەيدى، چىشلىرى غۇچۇرلاپ كەتتى.
قىز قورقۇپ كەتكەنلىكتىن دۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقان يۈرىكىنى يىگىتنىڭ يۈرىكىگە چىڭ چاپلىدى. شامال ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ باشقا ياقلارغا، گۈزەل يايلاقلارغا، سۇلىرى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان، ئەتراپى گۈل - چېچەكلەر بىلەن تولغان دەريا بويلىرىغا ئەكەتمەكچى بولغاندەك بىر جۈپنىڭ بەدىنىگە بايىقىدىنمۇ بەكرەك ئۇرۇلۇۋاتاتتى. يىگىت چىشىنى چىڭ چىشلەپ قايتا سورىدى:
_ مۇھەببىتىمدە تۇرسامچۇ؟
قارا كۆلەڭگە ئىككىلەنمەستىنلا جاۋاب بەردى:
_ تاياقنى بولۇشىغا يەيسەن، بەلكىم مەڭگۈلۈك مېيىپ بوپ قېلىشىڭ ياكى ئۆلۈشۈڭ مۇمكىن. لېكىن ماۋۇ بۇزۇق ئوخشاشلا بىزگە ھەمراھ بولىدۇ.
قىز ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ھاقارەت ئاڭلىغىنىدىن سەسكىنىپ قاتتىق ئاۋازدا:
_ ئاغزىڭنى بۇزۇشما! بىز سىلەرگە نېمە يامانلىق قىلدۇق؟ بىز يا تونۇشمىساق، يولۇڭلارغا ماڭساڭلار بولمامدۇ؟ بىز مۇھەببەتلەشسەكمۇ بولمامدىكەن؟ سىلەرمۇ ئادەمما؟. . . _ دەپ ۋارقىرىدى.
_ ۋارقىرىما بۇزۇق!
«چاڭ!»
قارا كۆلەڭگە قىزنىڭ يەنە دېمەكچى بولغان گەپلىرىنىڭ نىيىتىدىن ياندۇرۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ نۇرغۇن قېتىم بۇلغانغان قولىنى قىزنىڭ يۇمران، پارقىراپ تۇرىدىغان، ھەرۋاقىت كۈلكە كەتمەيدىغان يۈزىگە تەگكۈزدى. تەگكۈزدىيۇ تۇيۇقسىز كەلگەن پەشۋادىن كەينىگە تىك موللاق چۈشتى. يىگىت قىزغا قاراپ كەسكىنلىك بىلەن:
_ سەن قاچ! _ دېدى - دە، ئوڭ تەرىپىدىكى قارا كۆلەڭگىگىمۇ بىر پەشۋا ئاتتى. قارا كۆلەڭگىنىڭ قولىدىكى پىۋا بوتۇلكىسى يەرگە چۈشۈپ ئۇمۇ كەينىگە موللاق ئاتتى. قىز «ياق!» دەپ بولغۇچە باشقا قارا كۆلەڭگىلەر غەزەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرغان قارا كۆلەڭگە بىلەن بىرلىشىپ يىگىتنىڭ قۇندۇز چاچلىرىدىن تۇتۇپ قارا - قويۇق تەپتى. يىگىت كۈچەپ يۇلقۇنۇپ باقتى. مۇشت - پەشۋالار ئارىسىدىن قىزنىڭ «ئۇرماڭلار!» دېگىنىچە قارا كۆلەڭگىلەرنىڭ دۈمبىسىگە شاپىلاقلاپ ئۇرغاچ يىغلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ ئاجىز كېلىپ قالغانلىقىدىن ئۆكۈندى. قايتىدىن غەيرەتكە كېلىپ بىر كۈچەپلا يۇلقۇنۇپ چىقتى - دە، بازغاندەك مۇشتلىرى بىلەن قارا كۆلەڭگىلەرنىڭ ئېڭەك، پېشانە، كۆز، ئاغزىلىرىغا بارلىق كۈچىنى يىغىپ ئۇردى. لېكىن يىقىلىپ كەتكەن قارا كۆلەڭگىلەر ئۇنىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىپ، كەينىدىكىلىرى بېلىدىن قۇچاقلاپ ئۇنى يەرگە يىقىتتى. يىگىت يەرگە «گۈپپىدە» يىقىلغاندا قىزنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتىشكە ئاز قالدى. يىگىتنىڭ بۇنداق ئاسان بوشىشىپ قالمايدىغانلىقىنى سەزگەن قارا كۆلەڭگىلەر ئۇنىڭدىن يېگەن مۇشت - پەشۋالارنىڭ ئەنىتىنى ئالماقچى بولۇپ تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ يەردىكى تاش، داڭگاللار بىلەن يېنىدىكى توقماقلار بىلەن يىگىتنىڭ يۈز - كۆزلىرىگە، كۆكرەك، بىلەك ھەتتا پاچاقلىرىغا ئۇردى. يىگىت يەنىلا بوشاشمىدى. تىركىشىپ يۈرۈپ بىر قارا كۆلەڭگىنىڭ چېچىدىن سىقىمداپ يەردە ياتقىنىچە ئۇنىڭ چىرايىغا تېپىۋەردى. قىز بىردەم ماۋۇ قارا كۆلەڭگىنىڭ دۈمبىسىگە شاپىلاقلاپ ئۇرسا بىردەم ئاۋۇ قارا كۆلەڭگىنىڭ بويۇنلىرىنى تاتىلايتتى. قىزنىڭ ئەنسىز چىرقىراپ يىغلاۋاتقان ئاۋازى يىگىتنى بەل قويۇۋەتمەسلىككە ئۈندەيتتى. لېكىن قارا كۆلەڭگىلەر قىزنى بىر شاپىلاق بىلەنلا دومىلىتىۋېتىشتى. قىز ئورنىدىن قوپۇپ يەنە ئۇلارنى شاپىلاقلاپ، تىللىدى. بىر قارا كۆلەڭگىنىڭ كۆزىگە قولىنى تىقىۋىدى قارا كۆلەڭگە قاتتىق ۋارقىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ قىزنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ بىر نەچچىنى تېپىپ يەردىكى تاشنى ئېلىپ قىزنىڭ كەينى مېڭىسىگە بىرنى قويدى، قىزنىڭ ئاۋازى بېسىقتى. يىگىت كۆرەلمىگەن بولسىمۇ قىزنىڭ ئاۋازىنىڭ بېسىقىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئالدىدىكى قارا كۆلەڭگىنى تېخىمۇ كۈچەپ تەپتى. غەزەپتىن چىشلىرى تېخىمۇ كىرىشىپ كەتتى. يىگىتنىڭ سىرتمىقىغا كىرىپ قالغان قارا كۆلەڭگە تىلىغا بىر نەچچە قاتتىق تاشتەك نەرسە ئۇرۇلغانلىقىدىن بىر نەچچە تال چىشى چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدى - دە، ياندىكى غىلىپىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ يىگىتنىڭ يوتىسىغا ئاچچىقتا بىرنى ئۇردى. يىگىت پىچاقنى سەزمىدى، پەقەت قاتتىق بىر نەرسىنىڭ يوتىسىغان كىرگەنلىكىنى بىلەلىدى. قارا كۆلەڭگە پىچاقنى بىر تولغىۋىدى يىگىت زەئىپ ئاۋازدا «ئا!» دەۋەتتى. قارا كۆلەڭگە پىچاقنى «شارتتىدە» سۇغۇرۇۋالدى. يىگىتنىڭ قولى بوشاشتى، پۇتلىرىمۇ تىترەپ كەتتى. قارا كۆلەڭگە تۈز قاراڭغۇسىدا يىگىتنىڭ يوتىسىدىن پىچاقنى تارتىۋالغاندا ئوقتەك ئېتىلىپ چىققان قاننى كۆرمىدىمۇ ياكى چۈشۈپ كەتكەن چىشىنىڭ ئەنىتىگە چىدىمىدىمۇ پىچاقنى كۆتۈرۈپ يىگىتنىڭ يەنە بىر يوتىسىغا ئۇردى. يىگىت ئاغرىق ئازابىدىن ئەمەس ئۆزىنىڭ ئاجىز كېلىپ قالغانلىقىدىن ئۆكۈنۈپ تولغىنىپ كەتتى. ئاڭغىچە ئوڭ يېنىدىكى قارا كۆلەڭگە كاللىدەك تاشنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يىگىتنىڭ سول مۈرىسىگە كۈچەپ ئۇردى. «قارس» قىلغان ئاۋاز بىلەن يىگىتنىڭ سول يېنىدىكى يەنە بىر قارا كۆلەڭگە تېخىمۇ ئەسەبىيلەشتى. باشقىلاردىن قالماسلىق ئۈچۈن بايا قولىدىن چۈشۈپ كەتكەن پىۋا بوتۇلكىسىنى قولىغا ئالدى - دە، يىگىتنىڭ بېشىغا كۈچەپ ئۇردى. «پارس!» قىلغان ئاۋاز بىلەن بوتۇلكىنىڭ ئاغزى تەرىپىدىن ئالىقانچىلىك يېرى قارا كۆلەڭگىنىڭ قولىدا قالدى، باشقا بوتۇلكا پارچىلىرى يىگىتنىڭ بېشىدىكى قارامتۇل، بۇلدۇقلاپ ئېقىۋاتقان قانلارنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن ئېتىز قىرلىرىغا كىرىپ كېتىشتى. يىگىتنىڭ قايتا ئاۋازى چىقمىدى. شامال بۇ بىر مەيدان ئېلىشىشتىن قاتتىق غەزەپلىنىپ قىزنى بولسىمۇ ئۇچۇرۇپ باشقا يەرلەرگە ئېلىپ كېتىش بار كۈچى بىلەن ئازابلىق ھوۋۇلدايتتى. قارا كۆلەڭگىلەر يەنە بىر مۇنچە ئۇرۇپ - تېپىپ ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىشقاندىن كېيىن بىردەم دېمىنى ئېلىۋېلىشتى. تاش، توقماق، داڭگال، پىچاق، بوتۇلكا بولمىغان بولسا ئۆزلىرىنىڭ يىگىتنى بويسۇندۇرالمايدىغانلىقىغا ئىچىدە ئىقرار بولۇپ بىر - بىرىگە ئەندىكىش ئىچىدە بېقىشتى. چىشى چۈشۈپ كەتكەن قارا كۆلەڭگە ئېرىقتىكى شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇدا يۈز - كۆزلىرىنى يۇيغاچ يىگىتنى توختىماي تىللىدى. باشقىلارمۇ كېلىپ يۈزلىرىنى يۇيغاچ قىزنى قانداق قىلىش توغرىلىق مەسلىھەتلەشتى.
_ ئېتىزلىقنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرىگە كىرىپ قىلايلى! _ دېدى بوتۇلكا بىلەن يىگىتنى ئۇرغان قارا كۆلەڭگە ئەتراپقا بىر قۇر قارىۋېتىپ، _ ئاۋۇ سولتەك تېخى ھايات، سەل تۇرۇپ ھوشىغا كېلىپ قالسا يەنە بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىق.
ئۇنىڭ پىكرىگە ھەممەيلەن قوشۇلدى. باياتىن بېرى بوش شىلدىرلاپ قارا كۆلەڭگىلەرنىڭ قىزغا بولسىمۇ چېقىلماسلىقنى تىلەۋاتقان ئېرىق سۈيى زەردە بىلەن چايقىلىپ كەتتى. شامال تولا كۈچەپ ھالىدىن كەتتى بولغاي ئەمدى تەلپۈنۈشلىرىنى، ئارزۇلىرىنى، مەدھىيەلىرىنى، قايغۇلىرىنى... يېشى بىلەن ئىپادىلىدى...
يامغۇر ئاسماندىن ھەدەپ كۈچەپ چۈشۈپ يىگىتنىڭ پېشانىلىرىگە، كۆزلىرىگە، يۈزلىرىگە، ئېغىز - بۇرۇنلىرىغا ئۇرۇلۇپ ئۇنىڭ قارامتۇل قانغا بويالغان چىرايىنى يۇيۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ يۈزلىرىنى، پېشانىلىرىنى سىيلاپ، كۆزلىرىگە سۆيۈپ ئۇنى ھوشىغا كېلىشكە دەۋەت قىلاتتى. بىر پاك قىزنىڭ ئىپپىتىنىڭ ئاشۇ نىجىس قارا كۆلەڭگىلەرنىڭ قولىدا ۋەيران بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىپ يىگىتنىڭ قۇلاق تۈۋىلىرىدە سىرغىغاچ نالە قىلاتتى...
قارا كۆلەڭگىلەر قىزنى يەردىن موككىدە كۆتۈرۈپ ئېلىپ مېڭىشىغا قىز ھوشىغا كېلىپ خۇما كۆزلىرىنى تەستە ئاچتى. بېشىنىڭ پارتىلاپ كېتىدىغاندەك ئاغرىشلىرىدىن ئاران ئېسىگە كېلىپ ئۆزىنىڭ بىرىنىڭ قۇچىقىدا كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدى - دە، يەنە يىگىتنىڭ ئىسمىنى ئەنسىز توۋلاپ كۈچەپ تىپىرلىدى. قارا كۆلەڭگىلەر قايتىدىن غەزەپكە كېلىپ قىزنى يەرگە تاشلىدى - دە، ئۆزىمۇ تەڭلا قىزنىڭ ئۈستىگە تاشلاندى...
يىگىت يامغۇرنىڭ نىدالىرىنى گويا چۈش كۆرۈۋاتقاندەك تۇيغۇدا ھېس قىلدى. يامغۇر سۈيى ئۇنىڭ بارماقلىرىنى سىلكىپ، سۇغا ئايلىنىپ دۈمبىلىرىگە سوغۇق ئۆتكۈزۈپ ئۇنى كۆتۈرۈشكە، ئورنىدىن دەس تۇرغۇزۇشقا كۈچەيتتى...
يىگىت ئەڭ ئاۋۋال بارماقلىرىنى بوش مىدىرلىتىپ، ئاندىن كۆزىنى غۇۋا ئاچتى. كالپۇكلىرىغا چۈشىۋاتقان يامغۇر تامچىلىرىنىڭ قاتتىق شارقىراشلىرىدىن ئېسىگە كېلىپ بايىقى ئىشلارنى دەقىقە ئىچىدە كاللىسىدا پەيدا قىلدى. قىزنىڭ ئەنسىز چىرقىراشلىرى، كىملەرنىدۇ تىللاشلىرى ئاۋۋال يىراقتىن كېلىۋاتقاندەك بىلىندى. بىراق نەچچە سېكۇنتتىن كېيىنلا غايەت زور كۈچنىڭ تەسىرىدە ئېسىگە كەلدى. قاتتىق تاشتەك قېتىپ ئاغرىۋاتقان بېشىنى ئاۋاز چىقىۋاتقان تەرەپكە بۇراپ قىزنىڭ قارا كۆلەڭگىلەرنىڭ ئاستىدا توختىماي تىپىرلاۋاتقانلىقىنى، قارا كۆلەڭگىلەرنىڭ يۈز - كۆزلىرىنى تاتىلاۋاتقانلىقىنى، قارا كۆلەڭگىلەرنىڭ قاتتىق سەت چىقىرىشىپ كۈلۈشۈپ، قىزنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى كۆردى...
يىگىتنىڭ كۆز چاناقلىرىدىكى يامغۇر سۈيى ياكى كۆز يېشى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان تامچىلار ئۇنىڭ ئالدىدا بىر قەۋەت تۇمان پەيدا قىلىپ قويدى. يىگىت كۆزلىرىنى قايتىدىن يوغان ئېچىپ قىزنىڭ قېشىغا بارماقچى بولدى. لېكىن ئىككىلا پۇتىنى باشقۇرالمايدىغانلىقىنى، سول قولىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەستەكلا بوپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ تاش، كالتەكلەر بىلەن ئۇرۇلۇپ ھۇررەك - ھۇررەك ئىشىپ كەتكەن ئوڭ قولى بىلەن يېنىدا تۇرغان پىۋا بوتۇلكىسىنىڭ سۇنۇقىنى ئالدى - دە، قىز تەرەپكە بىر قولى بىلەن سىلجىدى. چاقماقمۇ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ كۈچەپ چېقىپ ئۇنىڭ يولىنى يورۇتۇپ بېرىۋاتاتتى، گۈلدۈرماما ئۇنىڭغا بوغۇق ئاۋازدا مەدەت بېرىۋاتاتتى. يىگىت چاقماق ھەربىر چاققاندا قىزنى ھەم قىزنىڭ ئەتراپىدىكى قارا كۆلەڭگىلەرنى ئېنىق كۆردى. قارا كۆلەڭگىلەر قىزنىڭ ئۈستىدىكى كىيىملىرىنى يىرتىۋەتتى. يىگىتنىڭ چىشلىرى توختىماي چىكىلدايتتى. سەللا بوشىشىپ كەتسە ئاۋازى چىقىپ كېتەتتى. شۇنداقتىمۇ بارلىق كۈچىنى يىغىپ توختىماي سىلجىدى. قارا كۆلەڭگىلەر سەت كۈلۈشكىنىچە قىزنىڭ يوپكىسىنىمۇ پىچاق بىلەن كېسىپ تاشلىدى. ئەمدى قىز پەقەت ئىچ كىيىمى بىلەنلا تىپىرلايتتى. توختىماي ئاللاغا نىدا قىلاتتى، يىگىتنىڭ ئىسمىنى چاقىراتتى...
يىگىت بارلىق كۈچىنى يىغىپ سىلجىغىنىچە قىزغا تۆت - بەش قەدەم قالغاندا ئاغرىق ئازابىدىن بوش ئىڭرىۋەتتى. قارا كۆلەڭگىلەرنىڭ ئاڭلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن گۈلدۈرماما يىگىتنىڭ ئىڭرىغان ئاۋازىنى ئۆزىنىڭ بوم ئاۋازى ئارىسىغا ئېلىۋالدى. يىگىت قان، يامغۇر، ياش ئارىلاش كۆزلىرىنى يېرىم يۇمغىنىچە قىز بىلەن ئۆتكەن شېرىن مىنۇتلارنى ئەسلەپ بوتۇلكا سونۇقىنى تېخىمۇ چىڭ سىقتى...
قارا كۆلەڭگىلەر قىزنىڭ ئۈستۈنكى ئىچ كىيىمىنى پىچاق بىلەن كېسىۋەتتى. يىگىت چاقماق يورۇقىدا قارا كۆلەڭگىنىڭ بارماقلىرىنى ئۆز سۆيگۈنىنىڭ يۇمران، دىڭگىيىپ تۇرغان كۆكسىگە ئۇزاتقانلىقىنى ئېنىق كۆردى...
شۇ چاغدا قىزمۇ بېشىنى ئۇيان - بۇيان ئېلىپ قېچىپ تۇيۇقسىز يىگىتنى كۆرۈپ قالدى. قىز بىلەن يىگىتنىڭ كۆزى ئۇچراشتى. لېكىن ئەزەلدىن بۇنداق ئۇچرىشىپ باقمىغاچ يىگىت قولىدىكى بوتۇلكا سۇنۇقىغا قاراپ قويۇپ كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ پېشانىسىنى يەرگە ئۇردى. قىز يىگىتنىڭ قولىدىكى بوتۇلكا سۇنۇقىنى كۆرۈپ كۆڭلى بىر نەرسىنى سەزدى. ئاندىن قەتئىيلىك بىلەن:
_ مەن سىزدىن رازى! _ دەپ توۋلىدى.
يىگىت قايتىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ كۆزلىرىدىن قەتئىيلىك نۇرىنى چېچىپ بوتۇلكا سۇنۇقىنى ئاخىرقى قېتىم چىڭ سىقىمدى -دە، ئەڭ زور غەيرەتكە كېلىپ غايەت زور كۈچنىڭ تەسىرىدە ئورنىدا تىزلىنىپ تۇردى، ئاغرىقتىن پۇتلىرى قاتتىق تىترەپ كەتتى. باشقا قارا كۆلەڭگىلەر «ماڭا رازىكەن» دېسە «ماڭا رازىلىق بەردى!» دېيىشىپ ئەمدى يىگىتكە بۇرۇلۇپ قارىشىغا يىگىت بارلىق كۈچىنى يىغىپ سول پۇتى بىلەن يەرنى بىر تەپتى - دە، ئېتىلىپ بېرىپ بوتۇلكا سۇنۇقىنى قىزنىڭ سول چېكىسىگە ئۇردى.
شۇھامان قىزنىڭ چېكىسىدىن قىپقىزىل ئوقتەك قان ئېتىلىپ چىقىپ يىگىتنىڭ يۈز - كۆزلىرىگە ئۇرۇلدى. قىزنىڭ كۆكسى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ ئاستا - ئاستا پەسلىدى، بېشى يىگىت تەرەپكە قىسيايدى. يىگىت قاتتىق ئاغرىق ئازابىدىن سۇ ئاستىغا شۇڭغۇغاندەك بولۇپ كۆزلىرىنىڭ يۇمۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئەتراپنىڭ بارغانسېرى قاراڭغۇلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالىدى. قىزنىڭ كۆزى يۇمۇلمىدى...
يىگىتنىڭ قولى بوشاشتى. ئۇنىڭ قىزنىڭ قېنى بىلەن بويالغان چىرايىدىن بىلىنەر - بىلىنمەس خاتىرجەملىك، رەھىمسىز دۇنياغا بولغان ئۆكۈنۈش چىقىپ تۇراتتى. يامغۇر سۈيى يەردىكى قانلار بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى...
قارا كۆلەڭگىلەر ھودۇقۇشتى. ئالمان - تالمان كىيىملىرىنى قولىدا كۆتۈرۈشۈپ ئېتىزلىقنىڭ ئىچىگە قاراپ يۈگۈرۈپ كىرىپ كېتىشتى...

يامغۇر تېخىمۇ شارقىراپ ياغماقتا ئىدى. يامغۇرنىڭ بۇنچە كۈچەپ يېغىشىنىڭ قىزنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ قالغان يىگىتنى تەبرىكلەۋاتقانلىقىنى ياكى بۇ بىر جۈپنىڭ پاك، سەمىمىي مۇھەببىتىنىڭ ئەزىمەس <كۆلەڭگىلەر> تەرىپىدىن نابۇت بولغانلىقىغا ئېچىنىپ، ئۇلارنىڭ تراگېدىيىسىگە قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى...

ئاپتورى : ئۈزۈمچى
تېما تەستىقلىغۇچى : ARkiN
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-11-15
-سىز كۆرۋاتقان تىما قان ئـىچىدىكى پاكــلىق - ئـــۈزۈمچى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرىتى:+1(axik3624019) تىمىڭىز نادى ..
  • مۇنبەر پۇلى:+20(Misran) ياخشى
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-15 07:55 PM |
    tughrul
    تۇغرۇل _ بۈركۈت سەردارى !
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    تىزىم نۇمرى : 4610
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 264
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە264دانە
    شۆھرىتى: 137 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 606 سوم
    ياخشى باھا: 344 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:8 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:356 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

84 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-11-07
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-03

     

    يەنە بىر نادىر ھىكايە !!!!! ئۈزۈمچى مۇبارەك بولغاي ، قەدەملىرى توختاپ قالمىغاي قېرىندىشىم !!!!
    قۇياش يىيىشكە بولمايدىغان نان ،
    ۋەتەن بىرىشكە بولمايدىغان جان .
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 08:08 PM |
    xamal
    دەرىجىسى : جانلىق ئەزا


    تىزىم نۇمرى : 2195
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 295
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە295دانە
    شۆھرىتى: 491 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1494 سوم
    ياخشى باھا: 970 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:1 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:9 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

11 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-08-26
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

     

    ھە يېزىڭە مۇشۇ مۇنبەر سورۇنى سىزگە قالدى ئەمسە
    ئەھلى سۈرەتنىڭ ئەسلى دىلدارى بولماس،
    ۋاپاسىز كىشىنىڭ ۋاپالىق يارى بولماس.

    چ چ 452240993
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 08:15 PM |
    karwan0997
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


    تىزىم نۇمرى : 1738
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 802
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە802دانە
    شۆھرىتى: 182 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 5509 سوم
    ياخشى باھا: 1525 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:148 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

52 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-08-15
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

     

    ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز،،قەلمىڭىز ئۆتكۈركەن،،ئۈزىڭىز يازدىڭىزمۇ؟مەنبە؟
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 08:16 PM |
    Misran
    مىسرانىم باش لاھىيلىگۈچىسى
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى رەسىم يوللاش ئۇستىسى مۇھەببەت سەۋداسى مىسرانىم شېئىرىيەتچىسى ئالاھىدە غوللۇق ئەزا
    دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


    تىزىم نۇمرى : 82
    نادىر تېما : 44
    يازما سانى : 1286
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1286دانە
    شۆھرىتى: 631175 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 6178440 سوم
    ياخشى باھا: 4448 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:13 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:951 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

89 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-03

     

    قەلىمىڭىز ئۈزۈلمىگەي،،سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇسا بىرخىل ھوزۇر،خۇددى شۇ تۇرمۇش كارتىنىسىنىڭ ئۆزىدەكلا
    مىسرانىمدىكى ئەزالىق مەخپى نۇمرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز ياكى سېستىمىدىن چاتاق چىققانلىقىنى بايقىسىڭىز،
    قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز
    QQ:364103  Tel:13899164687 ئارقىلىق بىۋاستە ئالاقىلشىڭ،سىزگە ياردەمدە بولىمەن!
    مىسرانىمنى ھەممىمىز بىرلىكتە گۈللەندۈرەيلى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 08:22 PM |
    takdirim
    مەڭگۈ سەن زادى قانچىلىك يىراقلىقتا؟
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئون بېشى


    تىزىم نۇمرى : 115
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1814
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1814دانە
    شۆھرىتى: 788 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 6822 سوم
    ياخشى باھا: 2498 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:168 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

32 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

     Re:قان ئىچىدىكى پاكلىق

    ئىسىت ~ھەقىقىي ئاشىق مەشۇق ئەسلى  شۇلاركەن ئەمەسمۇ ~~~ ئۇۋال بوپتۇ    
    ئەل سورىسا سىنىڭدىن،
    سەن تانمىساڭ مىنىڭدىن.
    سويۈپ سىنى بىر ئۆمۈر،
    مەڭگۈ  ھەمرايىڭ بولاي.
    لىكىن..........................
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 08:32 PM |
    سەردار
    ~ قەلبىمدە سۇنغان ئەتىرگۇل~
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    تىزىم نۇمرى : 1733
    نادىر تېما : 27
    يازما سانى : 2091
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2091دانە
    شۆھرىتى: 1943 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 709 سوم
    ياخشى باھا: 4247 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:10 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:582 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

68 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-08-15
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

     

    بەكلا   ياخشى يېزىلىپتۇ ~~  مەن  سىزگە ھەيران  قانداق  كىلىدىغاندۇ  بۇ گەپلەر  ~~~  تالانتقا ئامال يوق  ھە ~~~  سىزگە بەك  قايىلمەن ~~~  سىزنىڭ  ھەر بىر ئەسەرلىرىڭىزنى مەن ياقتۇرۇپ ئوقۇپ  كەلدىم ~~  ھەم  بۇندىن كىيىنمۇ شۇنداق  قىلىمەن ~~~  مەن  سىزنىڭ قولىغۇچىڭىز  ~~~~
    زىمىستاننى باھار دىگۇڭ بار ،
    گۇلۇستاننى خازان دىگۇڭ بار ،
    ساڭا بەرسەم بىر  دەريا سۆيگۇ ،
    باشقىلارنى ئوكيان دىگۇڭ بار،
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 08:33 PM |
    ARkiN
    ◆ دىـل ئـازار، خـۇدا بىـزار◆
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    تىزىم نۇمرى : 2006
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1874
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1874دانە
    شۆھرىتى: 1134 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 7192 سوم
    ياخشى باھا: 3342 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:8 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:418 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

22 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-08-21
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

     

    مانا  ھەقىقى مۇھەببەت، مۇھەببەت دىگەن مۇشۇنداق بۇلسا  ۋىجدانلىق يىگىت قىز كەن ئۇلار بىر بىرىگە سادىق ئاشىق - مەشۇقلار ئىكەن ... ئا  نىجىسلارنىڭ جاجىسىنى ئاللاھ بەرسۇن ... مۇشۇنداق ئەسەرلىرىڭىزنى ئايىماي يوللاپ تۇرسىڭىز ئۇقۇپ ھارمايتىم ....
    __________________________________________________
    سىنـى سـۈيـۈشـكە چىـدىـغان يـۈرەك ، سەندىـن ئـايـرىلىشـقىمۇ چـىدايـدۇ !__________________________________________________
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 08:54 PM |
    qinaxik
    دەرىجىسى : يېڭى ئەز


    تىزىم نۇمرى : 2384
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 45
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
    شۆھرىتى: 64 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 407 سوم
    ياخشى باھا: 132 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:21 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

29 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-08-30
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

     

    بەكلا تەسىرلىك يېزىپسىز!----داۋاملىق تىرىشىڭ!  
    راستىنلا قايىلمەن!----
    سېغىنىش_مۇز تۇتماس قەلب دەرياسىدىكى ئەڭ ئالدىراش قېيىق.
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 08:56 PM |
    musilina
    سىز نېمە ئۈچۈن ياشايسىز ؟
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


    تىزىم نۇمرى : 2838
    نادىر تېما : 9
    يازما سانى : 826
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە826دانە
    شۆھرىتى: 356 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2909 سوم
    ياخشى باھا: 1054 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:7 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:333 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

17 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-09-14
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

     

    سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇسا ئادەم ئەسەردىكى ۋەقەلىك ئىچىگە كىرىپلا كەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ . تېمىلىرىڭىزدىكى ۋەقەلىك چىنلىقنى ئاساس قىلغان ، مەن سىزنىڭ يېزىش قابىيىتىڭىزگە بەك قايىل .
    اللا كأڭلىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسذن.
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 09:00 PM |
    AZAP
    بىلمەيدۇ ھېچكىم ،ئۆتتۈم ئازاپتا
    دەرىجىسى : مەستانە ئەزا


    تىزىم نۇمرى : 421
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 686
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە686دانە
    شۆھرىتى: 350 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2443 سوم
    ياخشى باھا: 850 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:4 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:93 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

47 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

     

    سىز بەك ياخشى تېمىلارنى يوللاپ مۇنبەرگە يىېڭىچە تۇس ئاتا قىلدىڭىز ، مەن  سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزنى بەك ياختۇرۇپ ئۇقۇيمەن، بۇنىڭدىن كېينمۇ ياخشى تېمىلارنى ھارماي  يوللاپ تۇرۇڭ . .......... رەخمەت سىزگە ،
    كىملەرنى ئازاپتا قالدۇردى دۇنيا ،
    كىملەرنى يىغلىتىپ زارقىلدى دۇنيا .
    ھەسرەتلىك ياشلارنى قايغۇغا سېلىپ ،
    كۆڭۈللەرنى خوش ئىتەرمۇ دۇنيا .
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 10:12 PM |
    ASLIMAG4
    دەرىجىسى : يېڭى ئەز


    تىزىم نۇمرى : 4848
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
    شۆھرىتى: 21 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 281 سوم
    ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:1 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:1 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

19 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-11-11
    يېقىندا كىرگەن:2008-12-19

     

    تالانتىڭىزغا قايىل بولماي تۇرالمىدىم. ھارمىغايسىز  ھەقىقى بولغان بولسا ،تارىخىمىزدىكى يەنە بىر جۈپ ئاشىخ-مەشۇخلار بېتىدىن ئورۇن ئالاركەن .
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 10:26 PM |
    izdan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەز


    تىزىم نۇمرى : 3145
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 90
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
    شۆھرىتى: 13 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 492 سوم
    ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:3 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:66 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

24 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-10-03
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

     

    نىمانداق ياخشى يېزىلغان يىكايە بۇ  داۋاملىق  يوللاپ تۇرۇڭ  ھە؟.............
    ياخشى كۈرۈش بىر خوشاللىق، سۈيۈش بەخىت
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 10:57 PM |
    kapitan
    ※بۇكۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كىتەر※
    تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : جان ئەزا


    تىزىم نۇمرى : 1821
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 933
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە933دانە
    شۆھرىتى: 735 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1601 سوم
    ياخشى باھا: 3808 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:6 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:222 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

48 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-08-17
    يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

     

    پاھ،.!  ھەجەپ ئىسىل ئەسەركەن،.،.
        ۋەقە شۇنچىلىك چىنلىق بىلەن ئەكىس ئىتىپتۇ،،.
    اللا قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!!!
    ※※※يۇرەكتىن چىققان سۆز، يۇرەكنى تىترىتىدۇ.※※※
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-16 12:33 AM |
    aMDi♂无所谓
    دەرىجىسى : يېڭى ئەز


    تىزىم نۇمرى : 4818
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 66
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە66دانە
    شۆھرىتى: 40 نومۇر
    مۇنبەر پۇلى: 440 سوم
    ياخشى باھا: 77 نۇمۇر
    تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:1 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:15 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

5 سائەت
    تىزىم ۋاقتى:2008-11-11
    يېقىندا كىرگەن:2008-11-26

     

    ۋۇييۇ سىز چۇقۇم يازغۇچى ئوخشايسىز  سىزنىڭ يازغان تېمىلىرىڭىزنىڭ ماڭا يارىمايدىقىنى يوق  .سىزنىڭ بۇ ئىلھامىڭىز نەدىن كىلىدىغاندۇ  . بەخىت ئامەت سىزگە مەڭگۈ يار بولسۇن دوستۇم
                       QQ:838381465 ....  啴裑→MoDa
    ھايۋاننى چۈشۈنىشكە جىق ۋاقىت كەتمەيدۇ ،ئادەمنى چۈشۈنىشكە بىر ئۆمۈر ۋاقىت يەتمەيدۇ.             
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-16 12:54 AM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 234» Pages: ( 1/4 total )
    مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » نەسىرى ئەسەرلەر
    مىسرانىم تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ،مىسرانىم تور بېكىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .
    مىسرانىم تورى مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلفونى : 13899164687 تور چاقىرغۇ:QQ:364103

    Total 0.146906(s) query 8, Time now is:01-03 02:53, Gzip disabled 新ICP备08000436
    Powered by Misran V6.3.2Certificate Code ©Beta 5 2008-12 Misran Corporation