ماشىنا يولدا ئۇچقاندەك كىتىپ باراتتى ، بۇ يول مەن ئۈچۈن ناھايتى تۇنۇشلىق بۇلۇپ كېچىكىمدىنلا شەھەرگە نەرسە كىرەك سېتىۋېۋالغىلى ، ئوينىغىلى ، شەھەردىكى تۇغقانلارنى يوقلىغىلى مېڭىپ تۇراتتىم ،ئەمما بۇگۇن مەن بۇ ئىشلار ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ئوخلىساممۇ چۇشەيدىغان ئالىي مەكتەوكە كىرىش ئۈچۈن ماڭغاندىم ، شۇنىڭغىمۇ كۆڭلۇم بىر خىل خۇشال ئىدىم ئۇ مەكتەپ مېنىڭ كۆڭلۇمدىكى مەكتەپ بولمىسىمۇ ھامان ئۇنىڭ ئىسمى ئالىي مەكتەپقۇ مەن ئوقۇش پۇتۇرسەم تېۋىپ بولىدىكەنمەن بۇمۇ بۇپتۇ ئۇمۇ بىر ياخشى كەسىپ ،ماشىنا شەھەرگە كىرىپ توختىغاندىن كېيىن مەن ماشىنىدىن چۇشۇپلا يەنە بىر تاكسىينى تۇسۇپ يۇك -تاقلىرىمنى ماشىنىغا سېلىپ مەكتەپكىمۇ چىقىۋالدىم ،مەكتەپكە چىقىپ ئوقۇش پۇلى تاپشۇرۇش قاتارلىق بىرقاتار ئاۋارىچىلىق ئىشلار بىلەن مەشخۇل بولدۇم ، مەكتەپ ئىچىدە ئادەم كۆپ ئىدى ،ئەمما مەن ئۈچۈن بۇ چىرايلار نىڭ ھەممىسى ناتۇشۇش ئىدى ، مەن يېزىدىن كەلگەنلىكىم ئۈچۈنمۇ سەل ئەيمىنىپ ھېچ كىمگە گەپ سۆز قىلمىدىم ، ھەممەرەسمىيەتلەرنى تۇگەتكەندىن كېيىن «ئۇھ » دىگىنىمچە قۇلۇمدىكى ھۆججەتلەرگە كۆز يۇگۇتتۇم،كۆزۇمگە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ھۆججەتكە كۆزۇم چۇشتى ،203-ياتاق دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرۇپ «ھە مېنىڭ ياتىقىم 203-ياتاقكەندە »دىگەننى ئويلىدىمدە ، يۇك-تاقلىرىمنى كۆتۇرۇپ ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ ماڭدىم ، ياتاق بىناسىغا كىرىپ ئالدىمدا ئۇزۇم بىر كارىدۇر تۇراتتى ، مەن ئۆز ياتىقىمنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم ، مەن ئەتراپقا بىر قۇر نەزەر سالدىم ، كۆزۇمگە «قوغداش بۆلىمى »دىگەن خەت چاپلانغان ئۆيگە كۆزۇم چۇشۇپ شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدىم ، ئىشىكنى ئاستا چەكتىم ،ئىشىكتىن 35~40ياشلاردىكى بىر ئادەم چىقتى ،مەن ئۇنىڭدىن سەل ئەيمىنىپ تۇرۇپ قالدىم .
_ ھە ئۇكام بىر ئىش بارمىدى ؟
_ مەن ياتىقىمنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى سوراي دىگەن ....
_ھە سەن يېڭى ئوقۇغۇچىكەنسەندە ،_دىگىنىچە قۇلۇمدىكى قەغەزنى قولىغا ئىلىپ بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن يەنە سۆز باشلىدى
_ سېنىڭ ياتىقىڭ 203-ياتاقكەن ، بۇ ياتاق 2- قەۋەتتە ....
_ رەخمەت سىزگە ،-دىدىمدە يۇك تاقلىرىمنى كۆتۇرۇپ 2- قەۋەتكە چىقتىم ،201.....202مەن شۇنداق سانىغاچ ماڭدىم 203.... ھەمۇشۇ مېنىڭ ياتىقىمكەندە دەپ جەزىملەشتۇردۇمدە ، ئىشىكنى ئېچىپلا كىردىم ، ياتاق ئىچىدە 3~4بالا ياتاقلىرىنى تۇزەشتۇرمەكتە ئىدى ،
_ ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ،-دىدىم مەن پەس ئاۋازدا
_ۋەئەلەيكۇم ئەسىلام ،-دىگەن قۇلىدىكى ئىشنى قۇيۇپ مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۇرۇشۇپ باشقا گەپ سۆز قىلمايلا ئۆز ئىشى بىلەن مەشخۇل بولىۋەردى ،مەنمۇ ئارتۇقچە گەپ سۆز قىلمايلا ئۆز ئىشىمنى قىلىۋەردىم ، مانا ھەربى مەشىق تۇگەپ دەرىسمۇ باشلاندى بۇ ئارلىقتا ياتاقداشلىرىم بىلەن يېقىن بولۇپ كەتتۇق ، مېنىڭ بىر ياتاقدېشىم بار ئىدى ،ئۇنىڭ ئىسمى ئېزىز ئىدى ، ئۇ سىمىزكەلگەن كېلىشكەن بودەك ئىدى ، مېنىشقىكىن ئۆزۇممۇ بىلمەي ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ كەتتۇق ، بىرسىمىز بولمىساق تاماقمۇ گېلىمىزدىن تاماق ئۆتمەس ھالەتكە كىلىپ قالغاندۇق ، بىر كۇنى ئۇ ماڭا ؛
_ بۇ شەنبە ئۆيناپ كىلەمدۇق ؟-دىدى
مەن بۇ شەھەرگە كىلىپ ئويناپ باقمىغاندىم ، سىتقاچىقساممۇ كۇچا ئايلىنىش ، نەرسەكىرەك سېتىۋىلىش بىلەنلا چەكلىنەتتى ،شۇڭا ئۇنىڭ بۇ گىپى ماڭا بەك ياقتى
_ مېھمان قىلامسەن ،_دىدىم مەن كۇلۇپ تۇتۇپ
_چاتاق يوق ،دەپ قاپسەن .... ئىككىلىمىز كۆلۇشتۇق ، شۇنداق قىلىپ دىيىشىپ گەپنى ئۇزدۇق شەنبىمۇ ھەش پەس دىگۇچە كىلىپ قالدى ،بىز ئەتىگەندە چىرايلىق كىيىملىرىمىزنى كىيىپ سىرقا چىقتۇق .
_ نەگە بارىمىز ،-دىدىم مەن سۇئال نەزىرسىدە ئۇنىڭغا قاراپ
_ نەگە بارىدىغانلىقىمىزنى ھېلى بىلىپ قالىسەن بۇگۇن مەن مېھمان قىلغاندىكىن گەپ قىلماي كەينىمدىن ماڭ ...
بىز بىر تاكسىغا ئولتۇرۇپ بىردەم ماڭغاندىن كېيىن بىر يەرگە توختىدۇق مەن ماشىنىدىن چۇشۇپلا ئەتراپقا نەزەر سالدىم كۆزۇمگە « كۆك ئاسمان ئىچىملىكخانىسى » دىگەن ۋىۋسدا چېلىقتى ، مەن بۇ يەرنىڭ ئىسمىنى كۆپ ئاڭلىغاندىم مەكتىپىمىزدىكى زابويلارنىڭ ئامراق جايى ئىدى .
_ بۇگۇن تازا بىر ئىچەي دەپسەندە ،_دىدىم مەن سۇئال نەزىرسىدە ئۇنىڭغا قاراپ، ئۇ دۇكان تەرەپكە قاراپ ماڭغاچ
_ سەنمۇ ئىچەرسەن ، بۇگۇن ئىچمىسەك بولمايدۇ ،-دىدى
_ مېنى بىلىسەنغۇ ، مەن بۇنداق ئىشلاردا يوق ،دىدىم مەن ئۇنىڭ كەينىگە ئەگىشىپ ، ئىككىمىز دۇكانغا كىردۇق ، ئۇ نېرىراقتا تۇرغان كۇنتۇچى بىلەن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن قېشىمغا كىلىپ «بىز ئاۋۇ ئايرىم خانىدە ئولتۇردىغان بولدۇق »دەپ شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدى ،مەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن كىردىم ، بۇ ئايرىم خانىنىڭ ئوتتۇرسىغا بىر جۇزا ۋە بىرنەچچە ئورۇندۇق قويۇلغاندى ، ئىچىدىن گۇپۇلدەپ ھاراق پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى ، مەن بىئارام بولۇپ ئاران دىگەندە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۋالدىم،بىردەمدىن كىيىن كۇتكۇچى كىرىپ كەلدى ،دۇستۇم 4پوتۇلكا پىۋىنى بۇيۋىتىۋىتىپ .
_ ئاداش بۇگۇن ئىچمىسەڭ بولمايدۇ جۇمۇ ، بۇگۇن مەن يەنە بىر نەچچە دوستۇمنىمۇ چاقىرىپ قويدۇم ،ئۇلانىڭ ئالدىدا مېنىڭ يۇزۇمنى قىلمىساڭ بولمايدۇ ،_دىدى.
- ياق ئاداش مەن بۇ نەرسىنى ئىچمەي ،ئەزەلدىن ئىچىپ باقمىغان ، بۇندىن كىيىنمۇ ئىچىكۇم يوق ، - دىدىم مەن رەت قىلىش تەلەپپۇزىدا .
ئارىدىن ئوزۇن ئۆتمەي كۇتكىچى پىۋىلارنى كۆتۇرۇپ كىردى ، ئۇ ئىككى ئىستىكانغا پىۋىلارنى قۇيۇپ بىرنى ماڭا تەڭلەپ تۇرۇپ ؛
_ ئىچە ئاداش ھېچ نەرسە بولمايدۇ ، ھازىر بۇ نەرسىنى قىزلامۇ ئىچىدىغان تۇرسا سەن ئىچمىسەڭ سەت تۇرمامدۇ ،_ دىدى ھەم بىر روكىنى ئۆزى ئىچىپ قۇرۇقدىۋېتىپ . مەن گەپ قىلالمىدىم،ئەمما بۇ نەرسىنى قەتتىي ئىچكىم يوق ئىدى ،ئۇ يەنە گەپ باشلاپ ؛
_ ھە ماقۇل ھازىر ئىچمە ھېلى بۇ يەرگە بىر نەچچە قىزلارمۇ كىلىدۇ ، شۇ ۋاقىتتا سەتلىشىپ قالساڭ مەندىن خاپا بولما ،-دىدى مەن بۇنىڭغىمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم ئاردىن ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەر ئۆتكەندە بىر نەچچە قىز ئوغۇل كىرىپ بىز بىلەن قىسقىغىنە سالاملاشقاندىن كېيىن تارتىنمايلا كىلىپ ئولتۇردى ، پىۋىلار قۇيۇلۇپ بىر قېتىم چۇگىلەتكەندىن كېيىن گازىر كۆز ،ئوتتۇرا بوي بىرسى گەپ باشلاپ؛
_ ئېزىز قائىدىنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ ؟ بۇ دۇستۇمىزنى تۇنۇشتۇرۇپ قويمامسەن ،-دىدى
_ خاپا بولماڭلار بۇ دۇستۇمنى تۇنۇشتۇرۇپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالتىمەن ، بۇنىڭ ئىسمى ھەسەنجان ، مەن بىلەن ساۋاقداش ، بولۇپ قويىدىغان گۇي بۇ ،- دەپ گىپىنى ئاخىرلاشتۇردى ،ئاردىن قايسىدۇر بىرى چاقچاق ئارلاش قىلىپ ؛
_ ھە بوپ قويىدىغانلىقى قىز بالىدەك نازلىنىپ ئولتۇرشىدىن چىقىپ تۇرمامدۇ ،_دەپ قاقاقلاپ كۇلدى ، سورۇندا سەت ھېجىيىش ئەۋىج ئالدى ، مېنىڭ ئاچىقىمدىن قاپاقلىرىمنىڭ تۇرۇلگەنلىكىنى كۇرۇپھەممىسى جىمىپ قېلىشتى ھەمدە ئۆز گەپلىرىگە چۇشۇپ كېتىشتى ، مەن ئەزەلدىن بۇنداق سورۇندى كۇرۇپ باقماپتىكەنمەن، تۇۋا بۇنداق سورۇنلاردا ئۆز گىپىگە ئۆزى كۇلىشىدىكەن ، ھەتتا كۇلمەيدىغان ئادەتتىكى گەپلەرگىمۇ كۇلۇشۇپ ئالتۇن تېپىۋالغاندەك بولۇشۇپ كېتىدىكەن ئارىدىن چىرايلىق زىلۋا كەلگەن بىر قىز بىر رومكا پىۋىنى كۆتۇرۇپ كىلىپ ؛
_ بۇ مېنىڭ كۆڭلۇم ، بۇ بىر رومكىنى ئىچىۋېتىڭ ،-دىدى كۆلۇمسىرەپ
_ خاپا بولماڭ ، مەن ئەزەلدىن ئىچىپ باقمىغان ،-دىدىم مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ،ئۇ چىرايىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇپ ؛
_ بىر رومكا ئادەم ئۆلتەرمەيدۇ ،مېنى تۇنىمايدىغان ئوخشىمامسىز ،سىزگە دەپ قويەي مەن ھازىرغىچە ھېچ كىمگە ھاراق تۇتۇپ باقمىغان بۇگۇن سىزگە تۇتۇم ، ئىچمىسىڭىزمۇ ئىچىسىز بولمىسا ئىسمىمنى ئاڭلاپ قويۇڭ ،جەمىيەت ئۇينايدىغان باللانىڭ قايسى بىرسىدىن «مەرھابا توكا» دەپ سوراپ بېقىڭ ،ئاندىن مېنىڭ كىملىكىمنى بىلىپ قالىسىز ،- دىدى ئۇ ماڭا زاردە بىلەن قاراپ ، مېنىڭ بەدىنىمنى سوغۇق تەر قاپلاپ كەتتى ، ھەمدە رومكىنى قولۇمغا ئىلىپ بىر كۆتۇرۇپلا ئېچىۋەتتىم ،سۇرۇندىكىلەر «ئوغۇل بالا» دەپ توۋلاشتى ، مەن شۇنداق قىلىپ بۇ سۇرۇنغىمۇ كۇنۇپ كەتتىم ، بىز مەكتەپكە قاتتۇق ، بۇنداق سۇرۇنلار ھەپتىسىگە بىر ئىككى قېتىم ئويۇشتۇرىلىدىغان بۇلدى ،مەنمۇ كۇنلەرنىڭ ئۆتۇشى بىلەن بۇنداق سورۇنلارغا ئامىراق بولۇپ قالدىم، بىر كۇنى بىر ساۋاقسېشىم مېنى بىرسىنىڭ ئىزدەپ كىلىپ پەستە ساقلاپ قالغانلىقىنى ئېتتى ، مېنى ھازىرغىچە مەكتەپكە ھېچكىم ئىزدەپ كىلىپ مەن ھەيرانلىق ئىچىدە پەسكە چۇشتۇم ، قارىسىام ئوقۇش بىناسى ئادىدا مەن باشتا سورۇنغا بارغاندىكى ھېلىقى قىز ماڭا كۆلۇمسىرەپ قاراپ تۇرۇپتۇ ، مەن بىر قەدەم ئىككى قەدەمدىن ئېلىپ ئۇنىڭ قېشىغا بادىم ،
- سىز مېنى ئىزدەپ كەلگەنمۇ ؟
_ ھە مەن سىزنى ئىزدەپ كەلگەن ، قانداق ئىزدىسەم بولمامتى ،-دىدى ئۇ كۇلۇمسىرەپ
_ مەن تېخى ئۇنداق دىمىدىمغۇ ؟ ئەمما سىزدەك داڭلىق خېنىملار مېنى ئىزدىگۇدەك بالا ئەمەسقۇ مەن ، بىرەرئىش بارمىدى ؟
_ شۇنداق بىر ئىش بار ئىدى ، سىزنىڭ قاچان ۋاقتىڭىز بار ، بىز ياخشىراق پاراڭلاشساق بولاتتى ،-دىدى
_ ماقۇل چاتاق يوق ،ئەمما ھازىر دەرىس ۋاقتى بىزگە چۇشتىن كىيىن دەرىس يوق شۇ ۋاقىتتا كۇرۇشسەك قانداق دەيسىز ؟-دىدىم ئۇنىڭغا سوئال نەزىرسىدە قاراپ
_ ھە ماقۇل ئەمىسە سىزنى چۇشتىن كېيىن سائەت 2دە «ئارام چايخانىسى»دا ساقلايمەن ، چۇقۇم بېرىڭ، دېدىدە مەڭتەپ سىرتىغا قاراپ چىقىپ كەتتى ، ئۇنىڭ نېمەئۈچۈن ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى مەن پەرەز قىلالمايۋاتاتتىم ،شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كاللامدا مىڭ خىيال ھۆكۇم سۇرىۋاتاتتى ، چۇشكىچە بۇلغان بۇ دەرىسلەر ماڭا پەقەت خۇش ياقمىدى ، ئاران دىگەندە چۇشتىن كىيىن سائەت بىر يېرىمنى قىلىپ چىرايلىق كىيىپ ئۇنىڭ قېشىغا ماڭدىم ، ئۇ جايغا بارغاندا چايخانا ئالدىدا بىر قىز مېنى كۇتىۋالدى ، مەن ئۇنىغا سىنجىلاپ قاراپ بىزنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق سورۇندا ئۇنىڭمۇ بارلىقىنى ئىسىمگە ئالدىم ،ئۇ مېنى ھېلىقى قىزنىڭ قېشىغا باشلاپ كىرىپلا چىقىپ كەتتى ،
_ سىزنى كەلمەمدىكىن دەپتىمەن تېخى ،_دەپ كۇلۇمسىردى ئۇ
_ سىز چاقىرسىڭىز كەلمەسلىكە ھەددىممۇ مېنىڭ ، - دىدىم مەن يەرگە قاراپ ، بۇنىڭ تۇنجى قېتىم بىر قىز بىلەن ئايرىم ئولتۇرشۇم بۇلغانلىقى ئۈچۈنمۇ يۇرىكىم قېپىدىن چىقىپ كەتكۇدەك سوقىۋاتاتتى ، مەن ئۆزمۇنى قاتتىق تۇتىۋېلىپ ئولتۇردۇم ، ئۇ يەنە سۇز باشلىدى .
_ ئەمدى مەقسەتكە كىلەيلى ، مەن بۇ شەھەردە ياشاپ ھېچ قانداق بىر ئوغۇل بالىغا كۆز سالمىغان ئەمما سىزنى ئالدىنقى قېتىم كۆرۇپ سىزگە قىزىقىپ قالدىم ، مېنىڭ سىز بىلەن يۇرگۇم بار ، سىز ماقۇل دەڭ ياكى بۇلمايدۇ دەڭ بۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر چۇنكى مەن قولغا كەلتۇرمەن دىگەن نەرسەمنى قولغا كەلتۇرمەي قويمەيدىغىنىدىن ،- دىدى ئۇ ماڭا قاراپ ، مېنىڭ يۇرەكلىرىم قېپىدىن چىقىپ كېتەي دەپ قالغاندى ، مەن نەچچە قېتىم ئېزىزدىن بۇ قىزبالىنىڭ ناھايتى يامانلىقىنى بۇ شەھەردىكى خېلى مەن مەن دىگەن ئوغۇللارنىڭمۇ بۇ قىزدىن قۇرقىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ، بۇ قېتىم مەن ئۇنىڭغا «ياق »دىسەم مېنىڭ يامان كۇنگە تۇرغانلا گەپ ئىدى ، شۇڭا مەنئىككىلەنمەيلا ماقۇل دىدىم ، بىز شۇنداق قىلىپ يۇرۇپ قالدۇق ،ئۇ مېنى نۇرغۇن سورۇنلارغا بىرگە ئېلىپ باردى ھەمدە شەھەردە قانداق ياشاشنى ، جەمىيەتتە قانداق ئويناشنى بىر-بىركەپ ئۆگەتمەكتە ئىدى ، ئۇنىڭ بىلەن يۇرگەندىن كېيىن جەمىيەتتىكى نۇرغۇن بالىلار مەندىن تەپتارتىدىغان بولدى ،ھەتتا مەكتەپتىمۇ مېنىڭ ئىناۋىتىم ھەسىلە ئاشتى ، بۇنداق ياخشى كۇنلەر مېنى ئۆزىگە تارتىپ چۆكۇپلا كەتكەندىم ، يۇرىكىممۇ يۇغىنىدى ، كۆزۇمگە سىمىغانلارنىڭ ئەدىپىنى بىرىپ قوياتتىم ھەتتا مەندىن بىر ئىككى چىقىدىغان چوك كۇچتۇڭگۇرلەرمۇ ماڭا تىك قارىيالمايدىغان بولدى ، مەن ئەسلىمنى تامامەن ئۇنتىغان ئىدىم ،ئائىلەم دېھقان دادام ، سەھرايىم مېنىڭ نەزىرىمدە ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەتتى ، بىر كۇنى چۇشتە مەن دەرستىن چۇشۇپ سىتقا چىقسام بىر بوۋاي ئالدىمغا كەلدى ،مەن ئۇنى تىلەمچى ئوخشايدۇ دەپ ؛
_ھازىر يېنىمدا پارچە پۇل يوق كېيىن كىلىڭ ،_دىدىم ، ئۇ ماڭا ھەسرەتلىك كۆزلىرى بىلەن قاراپ
_ئوغلۇم مېنى تۇنىماس بولۇپ كەتتىڭمۇ ،- دىگەندىلا ئۇنىڭ دادام ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ،
_دادا نېمىشقا ماكتەپ ئالدىغا كەلدىڭ ، مەن ساڭا نەچچە رەت مەكتەپكە كەلمە دىگەن ئەمەسمۇ ،-دىدىم مەن دادامنى چەتكە تارتىپ ،
_ سىنى كۆرگۇم كىلىپ كەلدىم ئوغلۇم ،سەن نەچچە ئاي بولدى ئۆيگە بىر قېتىممۇ بېرىپ باقمىدىڭ ئاناڭ سېنى سېغىنىپ كۇندە يېغلاپ ئولتۇرىدۇ ،_دىدى ئۇ كۆز ياشلىرىنى تۆكۇپ
_ نېمىگە يىغشلايسەن بولدى قىل بىز بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرساق بولمايدۇ ، باشقا ساۋاقداشلىرىم كۆرۇپ قالسا مېنى سەھرالىق دەپ كۆزگە ئىلمايدۇ ، شۇڭا سەن ھازىرلا قايتىپ كەت ، بۇدىن كېيىن بۇ يەرگە كەلمە ،_دىدىم مەن قاتتىق تەلەپپۇزدا ، دادام بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي يېنىدىن 300يۇېەن پۇلنى ئېلىپ ماڭا تەڭلىدى ،مەن ئۇ پۇللارنى كۆرۇپ خۇشال بولۇپ كەتتىم ، ئۇ پۇللار مېنىڭ بىر ئايلىق تاماكا پۇلۇم بولالمىسىمۇ ، بىر كەچ باللا بىلەن ھاراق ئىچەلەتتىم، مەن پۇلنى كاپپىدە قىلىپ ئالدىمدە « بۇلدى سەن قايتىپ كەت »دىدىم ، دادام ماڭا يەنىلا قاراپ تۇراتتى ، « قارايسەنغۇ مىېنڭ بىر يەرلىرىمگە قارا يۇقۇپ قاپتىمۇ ؟ بۇلدى سەن قايتىپ كەت »دەپ ئوللۇك توۋلىدىم ، دادامنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار مارجاندەك تۆكۇلۇپ تۇراتتى ،«ھەسەنجان » دەپ چاقىرىلغان ئاۋاز مېنى چۇچۇتىۋەتتى ، مەن شۇنىڭدىن ئەنسىرەتتىم ، مەن مەرھابانىڭ دادامنى كۆرۇپ قېلىشىدىن ، مېنى سەھرالىق دېيىشىدىن ئەنسىرەتتىم ،مەن ئۇنىڭ قېشىغا باردىم ،
_ كىمۇ ئۇ؟ بەك قىزغىن پاراڭلىشىپ كېتىپسىزغۇ ، بۇ قېرى بىلەن ،-دىدى ئۇ ماڭا قاراپ
_ ھە بىزنىڭ بىر قوشنىمىز ، ئۇ كېتىشكە پۇلى يوق تۇرۇپ قاپتىكەن مەن ئۇنىڭغا ئازىراق پۇل بېرىپ كېتىشىنى ئېتىم شۇ باشقا ئىش يوق ،-دىدىم مەن
بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۇپ كەتتى،قاچانكى يېنىمدا پۇل قالمىسا ئاتا _ئانامنى ئېسىمگە ئالاتىمدە تىلىغۇن قىلاتتىم ، بولمىسا ئۇلارنى ئەسلەپمۇ قويماتتىم ، كۇنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى ، مەن بۇرۇنقىدىنمۇ ئەسەبىيلەشكەندىم ، مەكتەپكە ھەپتىدە ئۈچ كۇن بارسام تۆت كۇن بارماتتىم، «پاختەك كۇندە دۇمدا ئۇچۇرۋەرمەيدىكەن» بىر كۇنى ئوقۇتقۇچۇم مېنى چاقىرىپ
_ ھەسەنجان مەن سىزگە كۆپ نەسىيەت قىلدىم ، ئەمما سىز ئاڭلىمىدىڭىز ؟بۇ قېتىم مەكتەپ ئويلىشىپ سىزنى مەكتەپتىن چىكىندۇرۇشنى قارار قىلدى ، سىز رەسمىيىتىڭىزنى ئۆتەپ قايتىپ كەتسىڭىز بولىدۇ ، _دىدى
بۇ گەپ ماڭا بىر مۇش يىگەندەكلا تۇيۇلۇپ كەتتى ، مەن ئوقۇتقۇچۇمغا شۇنچە يالۋۇرساممۇ ئۇ قۇلاق سالمىدى ، نېمە ئامال ؟ مەن مەكتەپتىن ئايرىلدىم ، شۇ كۇنى كەچتە مەن دوسلىرىمنى يىغىپ بولدى دىگۇچە ھاراق ئىچتۇق، مانا شۇ كۇندىن باشلاپ مەن سەرەرگەندارلىق تۇمۇشۇمنى باشلىدىم ، توۋا بۇ تۇرمۇشمۇ بولۇپ قويىدىكەن، بۇرۇنقىدەك زىركىشلىك دەرسلەر يوق ، ئوقۇتقۇچۇمنىڭ تەنە گەپلىرى يوق شۇنداق ئازادە ۋە ئەركىن بولۇپ قالغاندىم ، بىز بىر كۇنى كەچتە دىسكۇ خانىغا كىردۇق ، ئۇ يەردە خۇشال ئويناۋاتاتتىق بىرسى پۇتۇمغا قاتتىق دەسىۋېتىپ مەندىن ئەپۇ سورىدى ،مەنمۇ جېق گەپ قىلمىدىم ، مەن جايىمغا كىلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن بىر دۇستۇم ؛
_ بىزنى شۇنداق بۇزەك قىلسا بۇلامدۇ ؟ قاراپ تۇرۇپ پۇتىڭغا دەسىۋېتىپ خاپا بولما دىسىلا ئىش تۇگەمدۇ ؟ قۇپە ئۇنى بىر ئەدەپلەيلى ،- دىدى مەن مەسلىكىمدە ھېچ نەرسىنى بىلمەتتىم ، كىمدۇر بىر قولۇمغا بىر پىچاقنى تۇتقۇزۇپ قويدى ، مەن ھېلىقى مېنىڭ پۇتۇمغا دەسىگەن بالىنىڭ كەينىدىن كەپلا پىچاقنى تىقتىم ، ئۇ ماڭا بىر قارىۋېتىپلا يەرگە يېقىلدى ، نىمىسىنى دەي مەن بىلەن بىرگە كىرگەن دوسلىرىمنىڭ بىرسىمۇ يوق ھەممىسى تىكىۋېتىپتۇ ، مېنى ساقچىلار تۇتۇپ كەتتى ، ئەتسى ئاندىن نىمە بولغانلىقىنى بىلدىم مەن بىر ئادەمنى ئۆلتۇرۇپ قويۇپتىمەن ،باشتا ئۇنچە ئۇكۇنۇپ كەتمىدىم ، ئەمما سوتقا چىقىپ ماڭا 'ئۆمۇرلۇك قاماق جازاسى »بەرگەندىلا ئاندىن ھوشۇمنى يىغدىم بۇ ۋاقىتتا مەن كۆپ كىچىككەندىم ، مەن ئەتراپقا بىر نەزەر سالدىم ، ئاتامۋە ئانام يېغلاپ ئېقىپ كەتكەندى ، مېنىڭ جان -جىگەر دوستلىرىمنىڭ بىرسىمۇ يوق ئەمما كىچىكىمدە بىرگە ئويناپ چۇڭ بولغان يۇز كۆزلىرى توپا باسقان سەھرادىكى دوسلىرىمنىڭ ھەممىسى كەپتۇ ،ئولارنىڭ كۆزلىرىدىن ماڭا بۇلغان ھېسداشلىقى چىقىپ تۇراتتى ، مەن شۇ ۋاقىتتا ئاندىن « ئانا.........» دەپ قاتتىق توۋلىدىم ، نىمە ئامال بۇندىن كېيىن مېنى كۇتىدىغىنى پەقەت تۇرمە ئىدى ، ھازىر ئۆكۇنسەممۇ نىمە ئامال ، ئۆزۇمگە ئۆزۇم قىلغاندە........
مەنبە ؛ ئۆز قەلىمىم
[ بۇ يازماسەردارتەرپىدىن2008-11-15 20:41دە قايتا ئۆز ]