ئەمدىلا ئىشتىن چۈشەي دەپ تۇرۇشۇمغا كەلگەن تېلېفون مېنى يەنە تۈگىمەس خىياللارغا باشلاپ كەتتى. تېلېفون نۇربىيە ئىسىملىك بىر خېرىدارىمىزدىن كەلگەنىدى. ھەرقېتىم مۇشۇ نومۇرنى تېلېفونۇمدا كۆرسەملا پۇشايمان ئازابىدىن چوغقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ كېتىمەن.
خېرىدارلار شىركىتىمىزدىن كومپىيۇتېر سېتىۋالغاندىن كېيىن بىر يىلغىچە ئۆيىگىچە ھەقسىز مۇلازىمەت قىلاتتۇق. بۇ جەرياندا ھەرخىل كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، پاراڭلىشىپ نۇرغۇن خېرىدارلار بىلەن سىرداش ھەم كۆڭلىمىز يېقىن بۇرادەرلەردىن بوپ قالغانىدىم. ئەمما بۇندىن ئىككى ئاي بۇرۇن نۇربىيە ئىسىملىك خېرىدارىمىزنىڭ ئۆيىگە تۇنجى قېتىم بارغاندىن باشلاپ تۈگىمەس غەم - ئەندىشە كاللامنى چىرمىۋالىدىغان بولۇپ قالدى.
نۇربىيە ھەدە 30 ياشلار ئەتراپىدىكى يۈزى يۇمىلاق، قاشلىرى قويۇق كەلگەن، بەدىنى تولغان، چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان ئوچۇق مىجەز، خۇشخۇي ئايال ئىكەن. تۇنجى قېتىم ئۆيىگە بارغاندا ئاشۇ ئۆزۈمچە پەخىرلىنىدىغان گەپدانلىقىم ئۇنىڭدا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويۇپتىكەن. ئۇنىڭ مەندىن گەپ سورىغاچ مۈرىلىرىمنى ئۇۋىلاپ، كۆكرەكلىرىمنى سىيلاشلىرىنى، يۈزلىرىمنى يۈزلىرىگە يېقىپ بەزىبىر گەپلەرنى پىچىرلىغانلىرىنى ئويلىسام كەينىمگە بۇرۇلۇپلا قايتىپ كەتكۈم كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆيىگە بارمىسام دەيمەن.
بۈگۈن نۇربىيە ھەدىنىڭ ئۆيىگە كېلىپلا خىيالىمنى توختىتىپ ئىشىك قوڭغىرىقىنى باستىم. ئۇ ئاۋۋالقىدەكلا ئۇخلاش كىيىمى كەيگەن ھالەتتە قىزغىن مۇئامىلە بىلەن مېنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى. بېشىمنى سۇس لىڭشىتىپلا ئۇدۇل كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا كەلدىم. كومپىيۇتېرنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا سىستېمىنى قايتا قاچىلاپ، ۋىرۇسخورنىڭ ۋىرۇس ئامبىرىنى يېڭىلاشقا توغرا كېلەتتى. يەنە ئادەتتە كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاش، سىستېما ياماقلىرىنى ياماش. . . قاتارلىقلار ئۈچۈن بىرەر سائەتتەك ۋاقىت كېتىدىغاندەك قىلاتتى. ھەرقېتىم كەلگىنىمدە شۇ بىر سائەت ۋاقىت نۇربىيە ھەدەمنىڭ توختىماي مۈرىلىرىمنى ئۇۋىلاپ، كۆكرەكلىرىمنى سىيلاپ، ئۇنى - بۇنى سورىغان بولۇپ ماڭا يېقىن كېلىپ سۈركىلىپ ئولتۇرۇشى ئاستىدا ماڭا بىر يىلدەك تۇيۇلۇپ كېتەتتى. بۇ قېتىممۇ دەرۋەقە شۇنداق بولدى. نۇربىيە ھەدەم چاي ئەكىلىپ يېنىمدا كېلىپلا ماڭا چاپلىشىپ ئولتۇردى ۋە:
_ يەنە سىستېما قاچىلامسىز؟ _ دەپ سورىدى.
_ ھەئە، _ دېدىم مەن يەنە بۇرۇنقىدەكلا سەل قىمىرلاپ قويۇپ، _ سىستېمىدىن بەك تولا چاتاق چىقىدۇ مۇشۇ كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ.
_ ۋىيەي، چىقسۇن! _ دېدى ئۇ ماڭا تېخىمۇ يېقىن كېلىپ، _ كومپىيۇتېر بۇزۇلمىسا كېلەي دېمىسىڭىز يە؟
_ شۇ خىزمەت ئالدىراش، توغرا چۈشىنىڭ!
_ بىلىمەن، مەنمۇ ئانچىكى ئىشلارنى خاتا چۈشىنىپ قالىدىغان ئايال ئەمەسقۇ؟!
ھەرقېتىم مۇشۇنداق يالغان سۆزلەيمەن. بەلكىم بۇ دەرىجىدە قېيلىنىپ يۈرۈشۈمنىڭ سەۋەبىمۇ مەندە بولسا كېرەك. تۇنجى قېتىم «ۋاقتىڭىز يەتكەندە كېلىڭ!» دېگەن چاغدىلا كەسكىن قىلىپ «كومپىيۇتېردىن چاتاق چىقسا تېلېفون قىلىڭ، شۇ ھامان كېلىمەن» دېگەن بولسام ياكى بايىقىدەك سوئالىغا «مەن كومپىيۇتېر رېمونتچىسى، كومپىيۇتېرىڭىز بۇزۇلمىسا كېلىپ يۈرسەم بولمايدۇ» دەپ ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدە دېمەكچى بولغىنىمنى ئىپادىلەپ بەرگەن بولسام بەلكىم ئۆزۈممۇ بۇنچە قىينىلىپ يۈرمىگەن بولاتتىم. مۇشۇ گەپدانلىقىمغا مۇناسىپ كەلگەن كىشىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشنى خالىمايدىغان مىجەزىم ئۆزۈمنىڭ بېشىغا چىقماقچى بولىۋاتىدۇ مانا.
نۇربىيە ھەدەم يەنىلا ئاۋۋالقىدەك چاچلىرىمنى ئوينىغاچ ئاللىقانداق بىر ناخشىغا غىڭشىپ ئولتۇراتتى.
_ ئۇۋىلاپ قويايمۇ؟
نۇربىيە ھەدە شۇنداق دېگەچ جاۋابىمنىمۇ كۈتمەستىن كەينىمگە ئۆتۈپ مۈرىلىرىمنى ئۇۋىلاشقا باشلىدى. ئۆزۈمنى خۇددى بارغانسېرى كىچىكلەپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ ئەركىنرەك بولۇشقا تىرىشىپ باقتىم. لېكىن يەنىلا ئاۋۋالقى قېتىملارغا ئوخشاش يۈرەكلىرىم سېلىپ، نەپەسلىرىممۇ تېزلىشىپ كەتتى. ئەلۋەتتە ماڭا ئوخشاش بەش ئەزاسى، ھېسسىياتى نورمال بىر يىگىتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا يېنىدا بىر گۈزەل يېتىلگەن ئايال ئولتۇرۇپ ئۆز رازىلىقى بىلەن ئۇۋىلاپ، نازۇك يەرلىرىنى بەدىنىگە سۈركىسە ئاللىقانداق ھېسسىيات دەرياسىغا باشلاپ ئاپىرىدىغانلىقى تۇرغانلا گەپ. لېكىن بۇ دەريادا ئۈزۈشكە بولمايدۇ!
بۈگۈن نېمىلا بولمىسۇن گەپنى ئوچۇق دەۋېتىمەن. مېنىڭ بۇنداق دەككە - دۈككە، پۇشايمان ئىچىدە ياشىغۇم بولۇپمۇ بىلىپ تۇرۇپ ۋىجدانىمغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلىپ قويغۇم يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مېنىڭ ھەدەم ئورنىدىكى ئايال تۇرسا!
ئۇنىڭ قولى كۆكرىكىمدىن ئەمدى پەس تەرەپكە قاراپ سىيرىلىشقا باشلىۋىدى، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ نەپىسىمنى تەسلىكتە تۇراقلاشتۇرۇپ:
_ ھەدە، قورسىقىم ئېچىپ كەتتى، ئۆيدە يېگۈدەك نەرسە بارمۇ؟ _ دېدىم.
نۇربىيە ھەدەم ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويۇپلا نېرىقى ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
«ھەدە، مەن سىزنى ئۆز ئاچامدەك كۆرىدىغان تۇرسام ئۇنداق قىلسىڭىز قانداق بولىدۇ؟» دەيتتىم ئىچىمدە. تۇرۇپلا يەنە ئۆزۈمگە ئاچچىقىم كېلىدۇ. ئۇنىڭغا خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويغانمۇ ئۆزۈم.
_ سىز بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، _ دېدى ئۇ. شۇنداق بۇرۇلۇپ قارىسام كىيىملىرىنىڭ تۈگمىلىرىنى ئوڭشاۋېتىپتۇ.
_ نەگە بارىسىز؟
_ پەسكە چۈشۈپ سىزگە يەيدىغان نەرسە ئېلىپ چىقاي، توڭلاتقۇدا يېگۈدەك نەرسە قالماپتۇ. ھە راست، نېمە يەيسىز؟
_ نېمە بولسا بولىۋېرىدۇ.
_ ۋۇي، تارتىنماي دەڭا، نېمە تاماققا ئامراق؟
_ لەغمەن.
_ ھە ماقۇل، تازا بىر كۈچلىنەي دەپسىز دە؟ ھې ھې. . .
ئۇ شۇنداق دەپلا چىقىپ كەتتى.
«بۈگۈن نېمىلا بولمىسۇن ئۇنىڭغا ئوچۇق دېيىشىم كېرەك. بۇنداق بىر-بىرىمىزنى خاتا چۈشىنىپ كېتىۋەرسەك بولمايدۇ. »شۇلارنى ئويلاپ كومپىيۇتېر ئۈستىلىنىڭ تارتمىسىدىن دەپتەر، قەلەمنى ئالدىم. بۇنداق گەپنى ئەلۋەتتە ئاغزىمدىن چىقىرالمايمەن. ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويغۇممۇ يوق. ئەڭ ياخشىسى خەت ئارقىلىق ئىزھار قىلىشىم كېرەك!
قەلەمنى قولۇمغا ئېلىپلا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. شۇنداقتىمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، ئەڭ ئاۋۋال بىز تونۇشقان ۋاقىتتىن باشلىماقچى بولدۇم.
«نۇربىيە ھەدە، تۇنجى قېتىم ئۆيىڭىزگە كەلگەندە سىز ماڭا ئىككى يىل بۇرۇن يولدىشىڭىزدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەندە، سىزگە ھېسسىداشلىق قىلغانىدىم. تۆت ياشلىق ئوغلىڭىزنى يولدىشىڭىز ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، سىزنىڭ ئوغلىڭىزغا بەك ئامراقلىقىڭىزنى، بالا دەردىدە نەچچە ئاي ساراڭدەكلا بوپ قالغانلىقىڭىزنى دېگەندە ئىختىيارسىز كۆز ئالدىمغا ئاپامنىڭ سىماسى كېلىپ سىزگە نىسبەتەن ھۆرمەت تۇيغۇسى شەكىللەنگەن ئىدى. چوڭلارنىڭ «بالىنى ئېلىپ قالالمىدىڭ»دەپ سىزدىن رەنجىپ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلمايۋاتقانلىقىنى دېگىنىڭىزدە مەن كۆز ياشلىرىڭىزغا چىدىيالماي سىزنى قەلبىمدە ئۆز ئاچامدەك كۆرۈش ئىستىكى پەيدا بولغان. . .»
بولمىدى! دېمەكچى بولغانلىرىمنى چوقۇم قىسقا، مەزمۇنلۇق، كۆڭلىگە كەلمىگۈدەك قىلىپ يېزىشىم كېرەك. قايتا يازاي:
«نۇربىيە ھەدە، سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ياخشى، ئوچۇق - يورۇق، كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى، كۆيۈنۈشنى بىلىسىز ھەم ئىشچان. سىزنىڭ مۇشۇ ياشقا كىرىپمۇ يەنە توردىن تىل ئۆگىنىدىغانلىقىڭىز مېنى بەك قايىل قىلىدۇ. سىز چوقۇم تىرىشچانلىقىڭىزنىڭ مېۋىسىنى كۆرەلەيسىز. . .»
ئەستا! گەپلىرىم ھېچ قولاشمايۋاتىدىغۇ ئەمدى؟ بۇ ياشتىكى ئاياللارنى ياشكەنسىز دېسە خۇش بولىدۇ، مەن قاراپ تۇرۇپ ئۇنى قېرى خوتۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويدۇمغۇ ئەمدى. قايتا يازاي:
«نۇربىيە ھەدە، سىز بەك چىرايلىق. راست دەۋاتىمەن! يېنىڭىزدىن ئۆتكەن ھەرقانداق ئەركەك زاتى كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىغۇدەك چىرايلىقسىز. گەرچە سىز بۇرۇنقى يولدىشىڭىزدىن كۆڭلىڭىز قاتتىق سوۋۇپ ئەر زاتىغا چىش - تىرنىقىڭىزدىن ئۆچ بولۇپ كەتكەن بولسىڭىزمۇ ئەمما ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈك جۈپتى بولىدۇ، سىزگە چوقۇم. . .»
ھەي، يەنە بولمىدى. ھەممە ئەر كىشىنى سۇيۇق مىجەز كىلىدۇ دېگىنىم بوپ قالدىغۇ بۇ؟ يەنە تېخى ئۆزۈمدىن چوڭ ئايالغا مۇھەببەتتىن دەرس بېرىۋاتامدىم مەن؟ بولدىلا، گەپنىڭ ئوچۇقىنىلا دەي:
«نۇربىيە ھەدە، سىز ھەرقېتىم كۈلۈپ ئالدىمغا چىقسىڭىز شۇنداق خۇش بولىمەن. دائىم سىزنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان چېھرىڭىزنى كۆرسەم دەيمەن. ھەر قېتىم سىزگە كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى دەپ سىزنىڭ مۇلايىم تەسەللىرىڭىزگە ئېرىشكۈم كېلىدۇ. بىراق. . .»
ۋۇي، يەنە بولمىدىغۇ؟ بەك تومتاق چىقىپ قالدىمۇ؟ يېزىپ بولغانلىرىمنى قايتا - قايتا ئوقۇۋېتىپ ئۆزۈمگە يەنە يارىمىدى. ھەجەپ ئەزمىلىك قىپ كەتتىما بۈگۈن. ئوغۇلبالىدەك گەپنى گاچچىدە ئۈزۈپ يازاي:
«نۇربىيە ھەدە، سىزنى ئۆز ھەدەمدەك كۆرىمەن، ئۆينىڭ چوڭى بولغاچقىمۇ ئاپام ھەرقېتىم تاماچ ئېتىپ ھېرىپ كەتكەندە بىرەر ھەدەم بولغان بولسا ئاپامنىڭ يۈكىنى ئازراق بولسىمۇ يېنىكلىتىپ بەرگەن بولاتتى، دەپ ئويلايتتىم. سىز ھەرقېتىم مېنى <ئىنىم> دەپ چاقىرغاندا كۆڭلۈم باشقىچە ئېچىلىپ قالىدۇ، باشقىلار مېنى ئىنىم دېسە ئاچچىقىم كېلەتتى. لېكىن سىز دېسىڭىز ئۇنداق بولمايدۇ، چۈنكى سىزنى مەن ئۆز ھەدەمدەك كۆرىمەن. . .»
مۇشۇ گەپلەر بوپ قالدىمۇ نېمە؟ ئەمما دېمەكچى بولغىنىم يەنىلا تولۇق ئىپادىلەنمەپتۇ، خېتىمنىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ قويدۇم:
«ھەدە، ماڭا يېقىنلاشسىڭىز ئۆزۈمنى ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەندەك ھېس قىلىپ بەك سىقىلىپ كېتىدىكەنمەن، نەدە ھەدىسى ئىنىسىغا ئۇنچىۋالا يېقىنچىلىق قىلىدىغان ئىش باركەن؟ مېنىڭچە سىز مېنى خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىز، مەن ... مەن سىز ئويلىغاندەك شاللاق يىگىت ئەمەس!»
ئەمدى بەك قوپال بوپ قالدىمۇ نېمە؟ گۇناھ ئۆزۈمدىمۇ بولغاندىكىن ئۇنىمۇ يازاي، خەتنىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ قويدۇم:
«مەندىنمۇ ئۆتتى ھەدە، مەن دەسلەپتىلا سىزگە ھەدەمدەك مۇئامىلە قىلماي گەپدانلىق قىلىمەن، دەپ سىزدە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويدۇم. قىز دوستىڭىز بارمۇ، دېگەن چېغىڭىزدا نېمە قىلىدۇ قىز دوست دېگەننى بويتاقلىق ئەلا، دېمەي، قىز دوستۇم بار، دېگەن بولسام بەلكى بۇ گېپىم يالغان بولسىمۇ سىز ماڭا ھازىرقىدەك خاتا چۈشەنچىدە بولمايتتىڭىز. خاتالىق مەندە ھەدە. . .»
تۇيۇقسىز كەينىمدىن «شىرت» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىسام نۇربىيە ھەدەم مەن يازغان خەتكە قاراپ تۇرۇپتۇ. دەررۇ خەتنى سىقىمداپ زورىغا كۈلۈمسىرىدىم، ئەمما ئۇنىڭ قولىدىكى بايا مەن يېرىمىنى يېزىپ تاشلىۋەتكەن خەتلەرنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم. دېمەك ئۇ ھەممە خەتنى كۆرۈپ بوپتۇ. نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي سىرتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم. . .
پەلەمپەيدىن جېنىمنىڭ بارىچە يۈگۈرۈپ چۈشۈۋاتىمەن. شۇ تاپتا ئۇ ماڭا مېنى قاتتىق تىللىۋېتىدىغاندەكلا بىلىنىپ كەتتى. يۈگۈرۈپ ئولتۇراق رايون قورۇسىنىڭ دەرۋازىسىغا كېلىشىمگە نۇربىيە ھەدەم بوغۇق، يىغا ئارىلاش ئاۋازدا مېنى چاقىردى. سەل دېمىمنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئىدىيەمدە ھەرقانداق تىلغا تەييارلىق قىلىپ كەينىمگە بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ بالكونىغا قارىدىم. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ «رەھمەت» دېدى - دە، كەينىگە ئۆرۈلۈپلا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئۆزۈممۇ خۇددى ۋۇكۇڭ پارتلاپ كەتكەن تاغ ئاستىدىن چىققاندەك ئاجايىپ يېنىك بوپ قالدىم. يامغۇرمۇ خۇددى مېنى تەبرىكلەپ چاۋاك چېلىۋاتقاندەك بارغانسېرى شارىلداپ ياغماقتا ئىدى.
تۇنجى قېتىم نۇربىيە ھەدەمنىڭ ئۆيىدىن ناخشا ئېيتقاچ قايتتىم. . .
ئەتىسى ئىشتىن چۈشىدىغان چاغدا نۇربىيە ھەدەم يەنە تېلېفون قىپتۇ. تېلېفوننى ئەمدى ئېلىشىمغىلا ئۇ سۆز باشلىدى:
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوبدان ئىنىم، قانداق ئەھۋالىڭىز؟
_ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، خۇداغا شۈكرى، ئۆزىڭىزچۇ؟
_ مەنمۇ ياخشى، ئۆز قولۇم بىلەن ئوخشىتىپ لەغمەن ئەتكەنتىم، سىزنى تېتىپ باقامىكىن دېگەن. كېلەلەمسىز؟
_ ھە بولىدۇ، مەن ھازىرلا باراي! چوقۇم قالتىس ئوخشىتىۋەتتىڭىز.
_ يەپ بولۇپ باھا بېرىڭ!
_ ھە ماقۇل، سەل تۇرۇپ كۆرۈشەيلى، خوش!
_ ماقۇل، خوش!
دىلىم سۆيۈنگەن، تېنىم تېرەمگە پاتمىغان، خۇشلۇقتىن ئاغزىم يۇمۇلمايلا قالغان ھالدا ئىشتىن چۈشۈپ ئۇدۇل ماگزىنغا كىردىم. چۈنكى نۇربىيە ھەدەم گازىر چېقىشقا بەك ئامراق ئىدى. . .
[ بۇ يازماuzumqiتەرپىدىن2008-11-13 19:31دە قايتا ئۆز ]