مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » ھىكايە ۋە چۆچەك » مــاسكــا تـاقـىـغـان ئـىـتـلار...
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
uighur_ay
سەن مېنىڭ بەختىم
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2211
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 732
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە732دانە
شۆھرىتى: 727 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 3275 سوم
ياخشى باھا: 3055 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:7 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:318 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

32 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-26
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 مــاسكــا تـاقـىـغـان ئـىـتـلار...

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى دىليارا بۇ تېمىنى نەسىرى ئەسەرلەر دىن بۇيەرگە يۆتكىدى.(2008-11-12)


ماسكا تاقىغان ئىتلار.....
رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ
مەنبە:قەلەم





تـــۆۋە.تــــۆۋە
ما جاھان نىمە بولۇپ كىتۋاتىدۇ دەيمەن! ئاۋۇ خوشنىمىزنىڭ قىزى گۈلنارغا ،ئاپىڭىزنى چاقىرۋىتىڭە قىزىم دىسەم:
_ ئارزىگۈل ،سېنى خوشنىمىز رازىيە چاقىرۋاتىدۇ دەيدۇ. ئارزىگۈل چىقىۋىدى،
- قىزىڭ ،ئىسمىڭنى ئاتاپ يۈرۈيدىغۇ دىسەم، ۋاي خوشنام مەن ئەمدى 40 نىڭ قارىسىنى ئالدىم ،قىزىم 20 دىن ئاشتى ئىككىمىز تەڭلا تۇرمىزكەن. شۇڭا چەتئەللىكلەردەك ئىسمىمنىلا ئاتا دىدىم، بوپتىما؟
_ۋاي بولمامدىغان، تازا كەپتۇ،ئەمدى سىلىمۇ بىرىپ ئاپاڭلىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىڭلا ،ماقما؟ دەپ قويۇپ ئاچچىقىمدا يىنىپ چىقتىم.
بۇ ئادەملەر نىمە بولۇپ كىتۋاتىدىكىن، ئاۋۇ كۆڭۈلدىكى سۆز پىروگىرامىسىدا چىقىدىغان بىر چىرايلىق دوپپا كەيگەن قىز يوقاپ ،ئورنىغا بۇلۇڭدا تىكلەگلىك تۇرغان توبادەكلا بىر قىز چىقىپتۇ. گەپ قىلسا ئىغىزلىرنى ئۈچ بۇرجەك قىلىپ،ئۇيغۇرچىنى خۇددى يېڭى ئۈگەنگەندەك.

ئىشقا شۇنچە ئالدىرغىنىمغا قارماي ئاپام،شۇنداق ئاستا ھەركەت قىلىپ قاقشىغاچ ماڭا چاي تەييارلاپ بىرۋاتاتتى.
-ئاپا ،مەن ۋاق قالدىغان بولدۇم، چاينى يالغۇز ئولتۇرۇپ ئىچىدىغان بولدۇڭ مانا .....
-كەچتە بالدۇراق قايتىپ كەل ئەمسە،ئوخشۇتۇپ مانتا ئىتىپ تۇراي
-ماقۇل ئاپا.

ئىككى قەدەمدە بىر پۇتلۇشۇپ ئارانلا ئاپتۇبۇس بىكىتىگە كىلىۋالدىم. ئاياق مايلىغاننىڭ ئەتۋارى يوق بۇ يەردە،غۇدۇڭشىغىنىمچە بىردەمدىلا  ئىسكەتىنى يوقاتقان ئاياققا چاپلىشىۋالغان ئەخلەتلەرنى پۇتلىرىمنى سىلكىپ يىراقلارغا ئاتماقچى بولاتتىم.
-قىزىم،بىكەتتە ئۇسۇل ئوينىسىڭىز سەت تۇردۇ،ئۆيىڭىزگە بىرىپ ئويناڭ جۇما!
-كىم ئۇسۇل ئويناپتۇ،ئەخلەت تازلاۋاتىمەن مەن،ھۈرپەيگىنىمچە بىشىمنى كۆتۈردۈم
ما ئىشنى كۆرۈڭ ،خوشنىمىز ئەيساكامغۇ بۇ. سەل خىجىل بوپ قالدىم. نىمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرغاندا ئاپتۇبۇس كىلىپ قالدى. ھەر ھالدا تەلەيلىككەنمەن.
ئاپتۇبۇستا ئولتۇرغىدەك ئورۇن يوق،قارسام ساپلا چوڭلار ئۆرە تۇرغان،بىر-بىرىنىڭ قۇچىقىغا چىقىۋىلىشقا ئازلا قالغان بىر نەچچە قىز-يىگىتلەر چوڭلارنى كۆرمىگەندەك ئورۇندۇقلارنى ئىگەللەپ ئولتۇرۇپ  ھاياسىزلارچە چاقچاقلارنى قىلاتتى.
ئۇلارغا قارماسلىققا ،گەپلىرىگە قۇلاق سالماسلىققا تىرىشقان بولساممۇ ،بەزى كورىيەچە مۇھەببەت پۇراپ تۇردىغان گەپلىرى قۇلىقىمغا گۈپ-گۈپ ئۇرۇلۇپ تۇردى. شۇ ئارىدا ئاپتۇبۇس بىر بىكەتتە توختاپ يىنىمدىكىلا ئورۇندا ئولتۇرغان قىز-ئوغۇلنىڭ بىرى ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ قالدىغانغا ماڭدى
_ساراڭـــىـــــيۇ..............قىز ئۈنلۈك ئاۋازدا ئاپتۇبۇس دىرىزىسىدىن يىگىتكە ۋارقىرىدى.
_I love you يىگىت قوللىرى بىلەن ھاۋاغا يۈرەكتىن بىرنى سىزىپ ،ئوتتۇرغا بىر چىكىت ئۇرىۋەتكەندىن كىيىن ،كەينىگە بۇرۇلۇپ كىتىپ قالدى

قىز مەغرۇرلانغانچە ئۇياق-بۇياقلىرىغا،مېنىڭ يىگىتىمنى كۆردۈڭمۇ دىگەندەك قارايىتتى. شۇ ئاردا ئۇ قىزنىڭ تىلىفۇنى جىرىڭلاپ قالدى
-تاتلىق ئاپا،مەن كىتاپخانىدا...........خوش!
پاھ، ئەتىراپىمدىغۇ ھىچقانداق كىتاپ جاۋىنى كۆرمىگەنتىم. ئەجەپ ئۇستىكەن. دوختۇرخانىغا بارغۇچە قىزىق ئىشلارنى ئۇچىرتىپ تۇرىدىكەن ئادەم.
شۇنداق قىلىپ دوختۇرخانىغا ئاران كىلىۋالدىم

-ھەي قىزىم! قانداق يەردە ئوقۇغان سىز؟ مال دوختۇرلۇقنى ئوقۇمىغان بولغىيىتتىڭىز  ھە؟ بوشىراق تىقىڭ ما يېڭنىنى! مەن كالا ئەمەس.....

بىسمىللىسىغىلا بىرىنچى بىماردىن زەھەردەك گەپ ئاڭلىۋالدىم. ئۆزۈمگە ئاز ئاچچىقىمنى يېڭنىدىن چىقارغاندىن كىيىن.


كاللامدا لىق خىيال، تىخى تۈنۈگۈنلا يۈز بەرگەن ھۆسىن تۈزۈتۈش ۋەقەسى ھىلىدىن-ھىلىغا كۆز ئالدىمغا كىلىۋالاتتى.
ساۋاقدىشىم سۈبىھنۇر مەن بىلەن بىر بۆلۈمدە ئىشلەيدىغان چاققانغىنە، ئوماق بىر قىز. كىلەر ئايدا توي قىلدىغانغا تەييارلىق قىلىۋاتقاچقىمىكىن تۇيۇقسىزلا ئۇزۇن چاچلىرىنى،چىرايلىق قىزىرىپ تۇردىغان يۈزلىرىنى بىر ئۆزگەرتىپ باققۇسى كەلدى. بىر نەچچىمىزنىڭ <تەربىيەلىرىگە > قارماي ،شەھەردىكى <بىر قىتىمدىلا پەرىزاتقا ئايلىنىسىز> ھۆسىن تۈزەش شەھەرچىسىگە باردىغانغا تىلىفۇندا كىلىشىپ قويدى. ئۇنىڭ بىلەن يىقىن ئۆتكەچكە بۇ قىتىمقى تويىدا سەل ئاكتىپىراق بولۇپ ياردەم قىلمىسام بولمايىتتى. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن ھىلىقى <بىر نىمىگە ئايلىنىسىز> ھۆسىن تۈزەش ئورنىغا باردىم.
-بۇ يەردە بىرمۇ ئۇيغۇر ئىشلىمەيدىكەنغۇ؟ -دېدىم دوستۇمغا ھەيرانلىق بىلەن
-ھەي كالۋا! ھازىر نەدە بىر خىزمەت ئورۇنلىرى ئۇيغۇرغا ئىشىۋاتىدۇ؟ دوختۇرلۇقىمىزنى تارتىۋالمىغانغا خوش بولۇپ ياشايلى جۇما...
ئاجايىپ ھەشەمەتلىك ياسالغان بۇ ئورۇندا كىشى ئويلاشتىنمۇ قورقىدىغان ئىشلار ئادەمگە چىلىقىدىكەن.
نىمىنى كۆردۈڭ دىمەمسىز؟ چوقۇم بىلگۈڭىز بار شۇنداقمۇ؟
ماسقا تاقىغان ئىتلار..........قانچە دەمسىز؟
8 نى كۆردۈم
ئۈستىگە چىرايلىق رەخىتلەردىن كىيىم تىكىپ كىيگۈزۈپ قويۇلغان تۇمشۇقىغا ماسكا تارتىپ قويۇلغان پىستىلەر ھۆسىن تۈزەش ئورۇندۇقى ئۈستىدە كىرىلگىنىچە ئولتۇراتتى. ئاھ خۇدا ،قولىدا بىر ئىستاكاندا ئىچىملىك تۇرامدۇ نىمە ئاۋۇ ئىتنىڭ.
ئىتقا قارايمەن دەپ ،ئالدىمدىكى تۈرۈككە جاققىدە ئۈسىۋالدىم. ئۆزەمگە ئاز. ئىتلارنىڭ ئۇۋىسىغا كەلگەندىن كىيىن.


-ياردىمىم كىرەكمۇ؟
-تۇرۇپ-تۇرۇپ قار بىسىپ قالغاندا پەيدا بولىدىغان جىندىن ئازراقلا پەرىقلىنىدىغان بىر توڭكەي چىش ئالدىمىزدا ھىجاراپ تۇراتتى.
-شۇنداق،توختاپ تۇرىڭە ئاۋال بىر سوئالىم بارتى. دوستۇمغا بىردەم جىم تۇر دىگەندەك قارۋالدىم
-ھە سوراڭ
-سىلەر بۇ ئورۇنغا<بىر قىتىمدىلا پەرىزاتقا ئايلىنىسىز> دەپ نام قويۇپسىلەر. ئەجەپ سىز ....
-10 تىيىنلىق پۇلنىڭ پارچىسىدەك گەپ قىلما ئاداش. سۈبھىنۇر بىقىنىمنى چىمدىدى
-جىم تۇر. مەن مۇلازىمەتچىنىڭ ئۆڭۈپ دەسمالدەك بولۇپ كەتكەن چىرايىغا كۆزۈمنىڭ قىرىدا قاراپ سوئالىمنى داۋاملاشتۇردۇم
-بۇ يەردە پەقەت ئادەملەرنىڭ ھۆسنىنى تۈزەمسىلەر ياكى ئىتلارنىڭكىنىمۇ تۈزەمسلەر؟
-بىز قوش مۇلازىمەت قىلىمىز. ئەگەر پۇلىڭىز بولسا ئۆيىڭىزدىكى ئىشەكنى ئەكىلىپ ھۆسنىنى تۈزەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.  ئاۋۇ ئورۇندۇقلاردا ماسكا تارتىپ ئولتۇرغان ئىتلار شەھەردىكى باي خىنىملارنىڭ ئىتلىرى. ئاۋۇ بوينىنى تىك تۇتۇپ ئولتۇرغىنى سىلەرنىڭ داڭلىق ناخشىچىڭلار نىياز ئەمەتنىڭ خانىمىنىڭ پىستىسى، يىقىندا گىرمانىيەدىن كەلتۈرۈلدى. خانىمنىڭ تەلىۋى بويچە پىستىنىڭ چاچ پاسۇنى،يۈزلىرنى خانىمنىڭكىگە ئوخشاش قىلىپ بىرىشىمىز كىرەك
-توۋا. بۇنىڭغا قانچە پۇل كىتىدۇ
-جىق ئەمەس 350 مىڭ
-ئەجەپ ئازكەن، ئۇنداق بولسا شۇنچە يوغان ئىشىكىمنى پارچە پۇللىرىمغا ياسىتىۋالسام بولغىدەك
-گەپنى ئاز قىل ئاداش،،سۈبھىنۇر خاپا بولغاندەك قىلاتتى
-ۋاي ماقۇل، ھە راس. ئىتلارنىڭ ھۆسنى تۈزىتىلىپ بولغاندىن كىيىن ماسكىسىنى ئىلىۋىتەمدا؟
-ياق ،ئىگىسى خالىغان ۋاقىتتا ئىلىۋىتىدۇ. چۈنكى ھاۋادىكى مىكروبلار بۇ نازۇك پىستىلەرنىڭ تىرىسىگە زەخىم يەتكۈزىدۇ
-نىمىدىگەن ئەتۋارلىق ھە بۇ ئىتلار، بىزنىڭ تىرىمىز بۇزۇلۇپ كەتكەن ھاۋاغا 365 كۈن چىلىشىپ تۇرىدۇ بولمىسا. بىزمۇ ماسكا تاقىۋالامدۇق يە؟
سۈبھىنۇر مېنى بىللە ئىلىپ كەلگەنلىكىگە پۇشايمان قىلغاندەك قىلاتتى.
ئۇنى ھۆسىن تۈزەش ئۆيىگە كىرگۈزۋەتكەندىن كىيىن، ئورۇندۇقلاردا راھەت بىلەن كىرىلىپ ياتقان ئىتلارنىڭ يىنىغا باردىم. ھەر بىر ئورۇندۇقنىڭ ئىككى تەرپىدە ئىككىدىن مۇلازىمەتچى قىز ،ئىتلارنىڭ يۈزىدىكى ماسكىلارنى ئىلىپ ئۇلارنى ياساشقا چۈشكەن ئىدى.  قىزىل گۈللۈك كىروسلۇدا ياتقان ئىت ،تۇيۇقسىزلا ۋاقراپ كەتتى.
-ئاستىراق دىدىمغۇ!
ۋاي ئاپام،لا ھەۋلە،ۋەلە قۇۋۋەتە،،،،،،،،،،،،،،،،،،،توختىماي بۇ ئايەتنى ئوقۇپ كىتىپتىمەن. لىكىن ئىتنىڭ قولىدا ئاپتۇماتىك باشقۇرۇلىدىغان بىر كۇنۇپكا تاختىسى بولۇپ ،ھەددىدىن زىيادە ئەقىللىق بولغاچقا شۇ تاختىنى ئاپتۇماتىك سۆزلىتىپ مەقسىتىنى ئىپادىلەيمىش..
مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ئالايغانلىرىغا قارماي ھەر بىر ئىتنىڭ بىشىدا بىر نەچچە مىنۇتتىن زىيارەتتە بولدۇم. كۆزلىرىگە يالغان كىرپىكلەر قويۇلغان، كالپۈكلىرىگە لەۋ سۇرۇقلار سۈرۈلگەن ھىلىقى ناخشىچىنىڭ خوتۇنىنىڭ ئىتى بەك ئاقسالىق بىلەن ياتاتتى. 350 مىڭغا ئىتىنى ياسايدىغان پۇلى باركەن ،لىكىن بىزنىڭ ئارقىمىزدىكىلا كوچىدا ئولتۇردىغان ئاتا -ئانىسى ئولتۇرۋاتقان ئۆيدىن چاشقان يامانلاپ چىقىپ كەتكۈدەك ئەسكى.
ئەبلەخ! ئاتا-ئانام دەپ ناخشا ئىيتىپ شۇنداق جىق پۇل تاپتى. ناخشىسىدىلا كۆيۈمچان ھازىرقى غىتمەكلەر!

ھەر بىر ئىتنىڭ يىنىغا كىلىپ مۇلاھىزە قىلاتتىم. خۇددى ئادەمنىڭكىگە ئوخشايدىغان مەغرۇر كۆزلىرىگە ئۆچمەنلىك بىلەن تىكىلىپ ،مۇلازىمەتچىلەر كۆرمىگەندە تىخى بىر-ئىككىنى نوقىۋالدىم

ئالاھەزەل ئىككى سائەتلەر ئۆتكەندىن كىيىن ئارقا تەرپىمدىن جېنىم ئاداش، مەن تەييار بولدۇم دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. سۈبھىنۇر چىقىپتىدە دەپ كەينىمگە بۇرۇلدۇميۇ سىكۇنتىغا نەچچە يۈز مىتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئارقامغا ئۇچۇپ كەتتىم.
كۆز ئالدىمدا چېچىنىڭ ئالدى قىزىل ،ئىككى يىنى سىرىق،كەينى قانداقكىن بىلمەيمەن. قىشى رومبا شەكىلدە تىرىلغان، بۇرنىنىڭ بىر يىنىغا ئەتەي يوغان مەڭدىن بىرسى قويۇلغان، چىرايلىق لەۋلىرىنى سەل كۆتۈرۈپ تۇردىغان ھىڭگاڭ چىشتىن بىرسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەششەت سەت بىر قىز تۇراتتى.
ئۇ يۈگرەپ كىلىپ مېنى يۆلىگەن ئىدى، قولىنى ئىتتىرۋەتتىم
-بۇ مەن ئاداش،مېنى تونۇمدىڭما؟ قانداق چىرايلىق بولۇپ كىتىپتىمەنمۇ؟
-ئاۋۇ ئورۇندۇقلاردىكى پىستىلەردىن پەرقىڭ قالماپتۇ. سۈبھنۇرنىڭ شۇنچە ۋايساشلىرىغا قارماي ئۇنى يالغۇز تاشلاپ قايتىپ كەلدىم
ئۆيگە كىلىپ بولغان ئىشلارنى ئاپامغا سۆزلەپ بەرمىدىم، بىر ئىشلارغا ئاسانلا ھاياجانلىنىدىغان ئاپام ،بۇ ۋەقەنى كۆرگەن-بىلگەن ھەممىلا ئادەمگە يىيۋىتىشتىن يانمايىتتى.
مانا بۈگۈن ئىشقا كەلسەم سۈبھنۇر يوق. تىلىفۇن قىلىپ بىقىشنى ئويلىساممۇ تۈنۈگۈنكى ئاچچىقىم تىخى بىسىلمىغان ئىدى.
ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئاپام تاماقنى تەييار قىلىپ ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ
-بىر خەۋەرنى ئاڭلىدىڭمۇ قىزىم؟
-قانداق خەۋەركەن ئۇ؟
-سۈبھىنۇرنىڭ تويى بۇزۇلۇپتۇ. ئۇنى ئالىدىغان بالا تۈنۈگۈن كەچ قىزنى كۆرۈپلا قورقۇپ ھوشىدىن كىتىپتىمىش. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز ئەتىگەن ھۆسنىنى تۈزەتكەن ئورۇنغا بارسا ،دۇكان سىرتىغا <بۇ دۇكان قايتا ئىچىلمايدۇ> دىگەن ۋىۋىسكا ئىسىپ قويلۇپتۇ. ۋاي ئىسىت بىر چىرايلىق قىز بىكاردىن يۈزىنى بۇزۋىلىپ،يەنە يالغان چىش قويدۇرۋاپتىكەن، ئۇنى باشقا ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرى ئىلىۋىتىشتىن قورقۇپتۇ. چىرايىڭنى قايتا تۈزەتسەڭ بۇزىۋالىسەن دەپ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز بالا شەھەردىن ماسكا تارتىپ قايتىپ چىقىپتۇ.  قايتا ھۆسىن تۈزەتكىچە ماسكا تارتىپ يۈرەمىش
كۆز ئالدىمغا بايا قايتىش يولىدا ئاپتۇبۇستا ماسكا تارتىپ ئولتۇرغان بىر نەچچە قىزلار بىلەن دوستۇم سۈبھنۇر كەلدى
ھە ئەسلى ماسكا تاقىغان ئىتلار..........................................
تېما تەستىقلىغۇچى : BUMARYAM
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-11-12
-سىز كۆرۋاتقان تىما مــاسكــا تـاقـىـغـان ئـىـتـلار...,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
قىزىق....
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-12 11:06 AM |
okyan520
ھايات تۇلىمۇ قىسقا ئۇنى قەدىرلەش كىرەك.
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : سەپەرۋەر


تىزىم نۇمرى : 2639
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2138
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2138دانە
شۆھرىتى: 2090 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 8084 سوم
ياخشى باھا: 3678 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:10 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:562 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

88 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-09-06
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

ھازىر جەمىيتىمىزدا  چەتئەللىكلەرنى دورايدىغان ،ئۈزىنىڭ ئەسلى يۇقاتقان ئادەملەر كۈپۈيىپ كەتتى ،مەن بۇنداق ئادەملەركە ئېچىنىمەن ،ئۈزىمىزنىڭ مىللى ئۆرىپ ئادەتلىرىنى ساقلاپ قالساق بۇلاتتىدە .ياخشى ئوخشىتىپسىز شۇنداق ئادىملەر كۈچىدىكى لالما ئىتتىن نىمە پەرقى بولسۇن .
مەن بىلەن دۇسىت بۇلۇشنى خالىسىڭىز : مەرھەممەت
img: http://blog.retim.cn/364315
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 12:25 PM |
GuZal爱你
مەن ئاي ،  سەن لاي .
دەرىجىسى : مەستانە ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2831
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 737
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە737دانە
شۆھرىتى: 324 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 2476 سوم
ياخشى باھا: 962 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:166 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

34 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-09-14
يېقىندا كىرگەن:2009-01-03

 

man mu  muxundak larga  eqiniman...................ham bularga  napiratliniman..........qunki  bular mllitimiznig yuzini quxuridu
    يايرىمنىڭ ئېتى لەيلى ،
   ماڭا باردۇر بەك مەيلى .
   ساڭا كۆڭلۈم يوق دىسەم ،
   بىر كۈن سۈردى جەمەتى .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 02:02 PM |
takdirim
مەڭگۈ سەن زادى قانچىلىك يىراقلىقتا؟
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئون بېشى


تىزىم نۇمرى : 115
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1814
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1814دانە
شۆھرىتى: 788 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 6822 سوم
ياخشى باھا: 2498 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:168 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

32 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

ھازىر بۇنداق نىمىلەر  ھەقىقەتەن بار  جەمئىيتىمىزدە ...........شۇنداقلارنى  ئىت بىلەن سىلىشتۇرۇپ تولىمۇ   ياخشى  ئوخشىتىپسىز ........ئۇنىڭدىن باشقا  نەرسە بىلەنمۇ  سىلىشتۇرۇش   توغرا  كەلمەستى ،  ئۇ  نىمىلەرگە
ئەل سورىسا سىنىڭدىن،
سەن تانمىساڭ مىنىڭدىن.
سويۈپ سىنى بىر ئۆمۈر،
مەڭگۈ  ھەمرايىڭ بولاي.
لىكىن..........................
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 02:28 PM |
خوتەنخان
*بەخىت*
دەرىجىسى : ئالاھىدە ئەزا


تىزىم نۇمرى : 1627
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 926
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە926دانە
شۆھرىتى: 370 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 3573 سوم
ياخشى باھا: 2477 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:9 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:453 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

87 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-12
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

بەك ياخشى  سىلىشتۇرۇپسىز ...رەخمەت ھارمىغايسىز
*ئازاپقا كۈلۈپ باق،سەۋر قىل...سەن ئاجىز ئەمەسسەن!`
ئەگەر ھايات ئالدىسا سېنى،
ھەسرەت چەكمە ،بولما پەرىشان.
تىنىچلانماق لازىم قايغۇدا،
قۇۋناق كۈنلەر كىلىدۇ ھامان.



چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 05:11 PM |
tughrul
تۇغرۇل _ بۈركۈت سەردارى !
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


تىزىم نۇمرى : 4610
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 265
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە265دانە
شۆھرىتى: 137 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 609 سوم
ياخشى باھا: 345 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:8 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:358 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

82 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-11-07
يېقىندا كىرگەن:2009-01-03

 

بىزنىڭ بەزى ئادەملەرگە چەتئەللىكلەرنىڭ پۇقىمۇ دورىغۇ دەيمەن ! مەدىنيەت ئۈگەنسەك بۇلىدۇ ، لىكىن شاكىلىنى  ئايرىپ  ، مېغىزىنى ئۈگۈنۈشىمىز كىرەك ئىدى !!!
قۇياش يىيىشكە بولمايدىغان نان ،
ۋەتەن بىرىشكە بولمايدىغان جان .
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 05:15 PM |
musilina
سىز نېمە ئۈچۈن ياشايسىز ؟
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2838
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 826
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە826دانە
شۆھرىتى: 356 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 2909 سوم
ياخشى باھا: 1054 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:7 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:333 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

17 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-09-14
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ھازىر جەمىيىتىمىزدە بۇنداق ماسكا تاقىۋالىدىغان ئىتلارغا ئوخشاش قىز -ئاياللىرىمىز كۆپىيىپ كەتتى .
اللا كأڭلىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسذن.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 10:55 PM |
XaYDA124
دەرىجىسى : قوللىغۇچى ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2046
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 262
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە262دانە
شۆھرىتى: 83 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 1115 سوم
ياخشى باھا: 460 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:4 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:121 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

19 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-22
يېقىندا كىرگەن:2008-12-25

 

يازغۇچى بولسىڭىز بولغۇدەك !    ھارمىغايسىز !   مۇنبىرىمىزدە شائىر ،پەيلاسوپ ،مۇتەپەككۇرلار خېلى كۆپكەن جۇمۇ !؟
مەيلى CS ئويناي،ياكى QQ音速 ۋە ياكى 穿越火线مېنىڭ ئىزدەپ سوراپ ئاچىدىغىنىم يەنىلام  مىسرانىم !!www.misranim.com
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 03:20 PM |
bulmak
دەرىجىسى : يېڭى ئەز


تىزىم نۇمرى : 4217
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 82
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە82دانە
شۆھرىتى: 24 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 432 سوم
ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:3 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:88 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

2 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-10-29
يېقىندا كىرگەن:2009-01-03

 

رەھمەت سىزگە .بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئالتۇن چىشلىق ئىت دىگەن ئەسىرى يادىمغا كېلىپ قالدى ،دىسە...
    بۇ دۇنيا گوياكى بىر پىيالە چاي،
بۇ چاينى ئىچىدۇ كەمبىغەل ھەم باي.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-14 01:04 AM |
TunJiKaR
دەرىجىسى : جانلىق ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2355
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 274
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە274دانە
شۆھرىتى: 171 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 1355 سوم
ياخشى باھا: 1091 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:3 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:56 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

34 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-29
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

Quote:
قەۋەت بويلاپ7قەۋەتyasin203كە2008-11-13 13:28ئەۋەتىلدى  :
مەن ئانچە ھەيران قالمىدىم

نىمىشقا ئەمدى سىلەر تۇرغان بۇنداق ئىشلار كۆپ ئوخشىمامدۇ نىمە
كۆزلىرىڭدىن كەتكۈم يوق مىنىڭ،
قارچۇقۇڭداقالىمەن قېتىپ.
تۇمۇرۇڭداتۇنۇش يول بارمۇ؟
يۈرۈكىڭگە بارىمەن ئېقىپ.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-14 04:38 PM |
TunJiKaR
دەرىجىسى : جانلىق ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2355
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 274
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە274دانە
شۆھرىتى: 171 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 1355 سوم
ياخشى باھا: 1091 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:3 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:56 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

34 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-29
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

تىما ئىگىسىگە رەخمەت ياخشى يېزىپسىز  جۇمۇ
كۆزلىرىڭدىن كەتكۈم يوق مىنىڭ،
قارچۇقۇڭداقالىمەن قېتىپ.
تۇمۇرۇڭداتۇنۇش يول بارمۇ؟
يۈرۈكىڭگە بارىمەن ئېقىپ.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-14 04:39 PM |
katran
مىسرانىم، مەنىۋىيەت ئىزدەش نىشانىم.....!!!
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


تىزىم نۇمرى : 1190
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 1914
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1914دانە
شۆھرىتى: 535 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 7146 سوم
ياخشى باھا: 4122 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:11 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:759 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

11 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-07-29
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ئاۋۇ ياسىن203 ھەيران قالماپتۇ بۇ ئۆزىنىڭ ئىشى. گۈلناز خانقىز خوتەندە ئاساسەن ياغلىق چىگىدىغانلار %90 نى ئىگەللەيدۇ جۇمۇ.........
راستىنلا بەك ياخشى ئوخشۇتۇش بوپتۇ، ماسكا تاقىغان ئىتلار بۇ يەرلەرگە كۆپلەپ كېلىۋالدى.............ھەي......   
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 03:45 PM |
BIRYAT24
دەرىجىسى : جانلىق ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2079
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 327
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە327دانە
شۆھرىتى: 110 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 1296 سوم
ياخشى باھا: 693 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:3 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:59 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

31 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-23
يېقىندا كىرگەن:2009-01-03

 

Quote:
قەۋەت بويلاپ1قەۋەتokyan520كە2008-11-12 12:25ئەۋەتىلدى  :
ھازىر جەمىيتىمىزدا  چەتئەللىكلەرنى دورايدىغان ،ئۈزىنىڭ ئەسلى يۇقاتقان ئادەملەر كۈپۈيىپ كەتتى ،مەن بۇنداق ئادەملەركە ئېچىنىمەن ،ئۈزىمىزنىڭ مىللى ئۆرىپ ئادەتلىرىنى ساقلاپ قالساق بۇلاتتىدە .ياخشى ئوخشىتىپسىز شۇنداق ئادىملەر كۈچىدىكى لالما ئىتتىن نىمە پەرقى بولسۇن .

مەن قوشىلىمەن
بىر ئاشىق بىر قىزغا مەپتۇن ...گۈزەلىم...
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 04:26 PM |
korgan
دەرىجىسى : رەسمىي ئەزا


تىزىم نۇمرى : 4555
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 140
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە140دانە
شۆھرىتى: 16 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 647 سوم
ياخشى باھا: 141 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:3 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:67 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

23 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-11-06
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ھاھاھاھاھاھا .............خۇدا يىم  تۇۋا ،،،،،،توۋا دىمەكتىن باشقا ئامال يوق !!!!!!!!!!!!!1
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 06:20 PM |
uyghur01
دەرىجىسى : يېڭى ئەز


تىزىم نۇمرى : 3174
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 62
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
شۆھرىتى: 53 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 452 سوم
ياخشى باھا: 107 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:22 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

28 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-10-04
يېقىندا كىرگەن:2008-12-04

 

ھازىر جەمىيىتىمىزدە بۇنداق ماسكا تاقىۋالىدىغان ئىتلارغا ئوخشاش قىز -ئاياللىرىمىز كۆپىيىپ كەتتى
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-18 11:44 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » ھىكايە ۋە چۆچەك
مىسرانىم تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ،مىسرانىم تور بېكىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .
مىسرانىم تورى مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلفونى : 13899164687 تور چاقىرغۇ:QQ:364103

Total 0.152962(s) query 8, Time now is:01-03 06:20, Gzip disabled 新ICP备08000436
Powered by Misran V6.3.2Certificate Code ©Beta 5 2008-12 Misran Corporation