كـــــىم ئىيتارمىنى، سىنى چۈشەنمەيدۇ دەپ،
ئازابىڭنى كۆرمىدى ھــــــەم بىلمەيدۇ دەپ.
شۇ سەۋەپ ھەممىنىڭ تىلىدا بولدۇم بىۋاپـــا.
مىنىڭ ئازابىمنى كـــىم بىلەر،ھىجرانىم بىلەن.
ۋاپادارلىقنى تىلغا ئالدىڭ ھـــــەم يازدىڭ
ۋاپادارلىق تەختىدە سەن سەردار كەبى ئاشتىڭ
ئەمما مەنچۇ ،سۇلغان گۈل كـــــەبى بولدۇم
ياش تۆكتۈم ھىچكىم بىلمىدى.سۈكۈتتە يۈردۈم
ئاھ __ ئۇرما مەن ۋە ئۆزۈڭنى ئويـــلاپ
كۆيــــگەن قەلبىڭدىن يۈرەكىمنى تاتلاپ
بەزىلەرگە بوپ بەردىم ئوبىكتىپ مــازاق
چىدارسەنمۇ ئازاردا يۈرەك بولغاندا ۋەيران
ئىيتــــقۇم كىلەر ئاشـــــۇ جۆيلىگەنلەرگە
مۇھەببەتنى چۈشەنمەي چالا سۆزلىگەنلەرگە
بەزىدە پىشىۋا بولوپ نۇتـــــــۇق سۆزلىسە
كۈلگۈم كىلەر تۆككەن پۇشايمان،ئازاپلىرىگە
مۇھەببەتتە ھەممە شۇنداق ئوخشاش ئەمەس
ئازار ئوخشىسىمۇ لىكىن يۈرەك ئوخشاش ئەمەس
لىكىن تەسەللىيدۇر بىر جۈملە توغــــرا سۆزۈڭ
بىرىگە تەسەللىي بىرىگە ئــازاپ بولسا كىرەك
مەنمۇ ئەسلى ۋاپادار ئىدىم ،يــار ئىدىم
چىن مۇھەببەت ئەلچىسى سەردارى ئىدىم
ئىشەنگەچكە مەنمۇ سەندەك سەردار يىگىتكە
ئۇمۇت باغلىغان مەڭگۈلۈك چىن يۈرەككە
مۇھەببەتتە ئىزىتقۇلار كۆپ ئىكەن ھامان
ئاشــىقلار كۆيگەنلەرنىڭ تارتىدىغىنى زار
شۇندىمۇ ئۆرتەنمەي كۈتكەنتىم يـــــار
نەچچە كۈن ،نەچچە ئاي،نەچچە يىل زار
كەلــــــدى ئۇ يار ئاخىر يىلنىڭ ئاخـىرى
قولىدا گۈل يىنىدا چىرايلىق ،گـۈزەل نىگارى
تەمشەلدىم،لىكىن ئۇنىڭ يىنىغا بارالمىدىم
ماتـــەم بولدى ئۇ كۈنى ۋىــسال دەقىقەم
نەچچە يىل ئەقىدە باغلاپ يۈرگەن يايرىم
ۋاپانى ئۇنتۇپ شەيتانغا بولوپتۇ ئاشــنا
كۈلۈپ كەتتىم مۇھەببەت نەتىجىسى شۇمۇ
يۈرۈگـــۈم توختار سۆيــگۈدە ئاســـــتا
مەن باھارنى ياخشى كۆرىمەن
مــــەن باھارنى ياخــــشى كۆرەتتىم
چۈنكى يۈرۈگۈم قاتتىق توڭلىغان ئىدى
باھارمۇ كەلدى ئەمما شۇنچە تىز كەتتى
ئۇمۇد خازاڭلىرىمنىمۇ ئۇچۇرۇپ كەتتى
سـەن ئاشۇ باھارغا ئوخشايتـــتىڭ
مەن تەلمۈرگەن ئاشۇ مىھرىڭ بىلەن
ئەمما سـەن سەۋىرسىز ھەم بىتاقەت
ئازاپ ئۈستىگە ئازار قوشوپ كەتتىڭ
كەتسەڭ بەخىت تىلەرمەن ئەبەت ساڭا
چۈنـكى يۈرۈكۈمدە ئازاپنىڭ جاراھىتى
داۋاسى چىقار بىر كۈنى باھارغا ئوخشاش
شۇ چاغدا ئۇنتۇپ،كۈلەرمەن يەنە باھارغا
كۆڭلۈڭنى ئاغرىتتىم ساڭا كۆيەلمەي
كۆيسىكەن دەيتتىم ساڭـــــا قەلبىم
ۋە لىكىن سەنمۇ ئازاپتا كۆيۈپ باققان
بىلســەڭ ئۇنتۇش ئاسان ئەمەسكەن
ئۈمۈدۈم شۇ ئىدى ئۇنتۇپ كەتــسەم
ئازاپتىن قۇتۇلوپ باھارغا يەتـــسەم
ساڭا بىر سىرنى دەي ئويلىنىپ قالـما
كۆزۈڭنى يايرىمغا ئوخشايدۇ دىسەم
ھەر قىتىم ئىيتاتـــتىڭ كۆزۈمگە قـــارا
قورىناتتىم ئاشۇ بىر جــــۈپ كۆزۈڭدىن
قىينالدىم ئاشۇ بىر جۈپ كۆزۈڭگە قاراپ
شـــور پىشانەم كــۆرۈپ ئۆز ئۆزۈمدىم
سىنىڭ كۆيگەن قەلبىڭنى سىزىپ تۇرارمـەن
قولۇمنى تۇتـــساڭ ئىلـــــىپ قاچارمـەن
گاڭگىرايمەن كۆيدۈممۇ كۆيمۈدۈمــمۇ دەپ
چۈنكى ئوت بىلەن ئازاپتا تەڭلاقالدىممەن
نەقىلاي جانىم باھاردەك كىتىپ قالساڭ
راســــلا گاڭگىرايمەن نەقىلاي بىلمەي
سەنمۇ تەشـنا ئىدىڭ قەلىپ باھارىمغا
سۈكۈتــتە قالارمەن ئــــۆزۇم يالغۇزلا
ئـەي ___بەخىت سەردارى بەخىت يۇلتۇزۇم
نەدە بــول نـەدە يۈر بولـــــغىن ئامـــان
مەن يەنە دەرەختىن تۆكۈلگەن خازانغا قاراپ
قالارمــەن سۈكــۈتــتە ئۈنــسىز تامـــــام
خەيىر ئەي بەخىت سەردارى بەخىت قۇشـۇم
مـــەن سىنىڭ ئازاپلانماسلىقىــــڭنى
ئۈمۈت قىلىمەن، توغرا مەن ســــىنى
خاتا ئەيىپلىدىم سۆيگۈڭ ئۈچۈن مەن
ھەممە خاتالىقلارنى ئىتىراپ قىلــىمەن
چۈنكى بىرسىنى چىن ياخشى كۆرمەك
ئۇنچىۋىلا ئاسان ئەمــــەس بەلكىم
مىنى ئەيىپلىگىن ،ســــەن ھەقلقسەن
قەرزىم ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئازاپتا ئۆتەي
پەقەت سەنلا مىنى ئەيىپلەشكە ھەقلىق
باشقىلارنىڭ نىـمە دىيىشىنى ئويلىماسمەن
چۈنكى باشقىلار مىنى قانداقمۇ چۈشەنسۇن
چۈنكى ئۇلاردا قانــــــــــــــــداقمۇ
سەندە ھەم مەندە بولغان يۈرەك بولـسۇن
پەقەت سەنلا مىنى ئەيىپلەشكە ھەقلىـــق
سىنىڭ مەن ئۈچۈن تاراتقان ھەر بىر ئازابىڭ ئۈچـۈن
ئاشۇ ســـــوغوق كەچلەردە خىيالدا سەرگەردانـمەن
سىنىڭ مەندىنمۇ بەك بەخىتلىك بولىشىڭنى تىلەيمەن
ماڭـا سوۋغا قىلغان قونچاققا قاراپ سىنى ئەسلەيمەن
ئامان بول
مەنبە:ئۆز قەلىمىم.2008-10-28 يىزىلدى.