مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » ھىكايە ۋە چۆچەك » چىغىر يولدىكى مۇھەببەت_تەسىرلىك-ھېكايە
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سەردار
~ قەلبىمدە سۇنغان ئەتىرگۇل~
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


تىزىم نۇمرى : 1733
نادىر تېما : 27
يازما سانى : 2091
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2091دانە
شۆھرىتى: 1943 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 709 سوم
ياخشى باھا: 4247 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:10 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:582 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

68 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-15
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 چىغىر يولدىكى مۇھەببەت_تەسىرلىك-ھېكايە

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما NIJAD تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-10-28)



  يەنە شۇ يول ئابىدە بۇ يولدىن ئالەمچە خۇشاللىق ھەم چەكسىز ئازاپ_ئوقۇبەت تاپقان ،كۆز پەسلى يۇپۇرماقلارنى ياشلىق باھارىدىن ئايرىپ خازان قىلىپ يەرگە تۆكۇپ ،يىلاندەك سوزۇلۇپ ياتقان بىپايان چەكسىز يولنى خۇددى كەڭرى كەتكەن سارغىيىپ پىشقان باشاقلىرىنى كۆز-كۆز قىلىشۋاتقان بۇغداغلىققا ئوخشۇتۇپ قويغاندى ،ئابىدەنىڭ خىيالىمۇ بۇلار بىلەن بىرلىشىپ تۇلىمۇ چەكسىز ۋە چىگىش ئىدى ،توساتتىن يېنىكىنە چىكىش ئۇنى چەكسىز خىيال دېڭىزىدىن يولۇپ چىقتى ،ئۇ يېنىدىن ئۆتۇپ كىتىۋاتقان بىر جۇپلەرگە قاراپ قاققان قۇزۇقتەكلا تۇرۇپ قالدى .
_نىمە ئۈچۈن؟...،_ئۇنىڭ بولاقتەك بىر جۇپ كۆزىدىن شەپنەمدەك سۇرۇلگەن بىر تامچە ياش ئاناردەك قىپقىزىل ماڭزىگە چۇشتى ،ئۇ ياغلىقىنىڭ بۇرچىكى بىلەن يېشىنى سۇرتۇۋەتتى ،ئەينى چاغدا ئۇمۇ مۇشۇ يولدا مانا مۇشۇ بىر جۇپلەرگە ئوخشاش مۇھەببەتتىن مەسخۇش بولغان ھالدا قوللىرىنى چىڭ تۇتۇشۇپ خۇشالماڭغان ئىدىغۇ ،ئۇ دائىم ئىرشات بىلەن مۇشۇ يولدا قول تۇتۇشۇپ ماڭغاچ ،ئايىغى چىقماس پاراڭلارغا چۇشۇپ كىتتەتىغۇ ،ئابىدە ئىرشاتنىڭ ئۆزىگە كۇلۇمسىرەپ تۇرغان ھالىتىنى ئەسلىدى ،بىراق نىمىشقىدۇر ئۆز خىيالىنى قەستەن بۇيرىۋەتتى ،ئۇ ئەنە  شۇنداق ئايىغى چىقماس خىيال ئىلىكىدە ئۆيىگە قاراپ كىتىۋاتاتتى ،تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئالدىدا گۇلنار ئاچا پەيدا بولدى ،
_ ئانا ،نىمە بولدى ؟ئۆيدە يېتىپ ئارام ئالماي بۇ يەردە يۇرىسىزغۇ ؟ بۇنداق قىلسىڭىز سالامەتلىكىنىڭز تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتمەمدۇ ؟
  گۇلنار ئاچا گەپ سۆز قىلمايلا  يېنىدىن بىر پارچە كۆك تاشلىق كۇنۋىرىتنى ئابىدىگە ئۇزاتتى ،ئابىدە ئەنسىزلىك ئىچىدە كونۋىتنى قۇللىغا ئالدى-دە ،كونۋىتنىڭ سىرتىغا كۆز يۇگۇتتى ،«خۇتەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ؛ئىرشات » ئابىدىنىڭ يۇرىكى قاتتىدە قىلدى ،ئۇ بۇ خەتنىڭ ئۆزىگە شۇملىق ئېلىپ كىلىشىدىن قۇقتىمۇ ياكى ئېچىپ كۇرۇشكە جۇرئەت قىلالمىدىمۇ ،خەتنى ئانىسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپلا چىغىر يولغا قاراپ يۇگۇرگەن پېتى يۇرۇپ كەتتى ،بىچارە ئانا نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمىدى ،شۇندىلا ئۇ يولدىشىنىڭ كونا سەپدېشى ھەم يېقىن دوستى ھامۇت مۇئەللىمنى ئىزدەپ خەتنى ئوقۇتۇپ كۇرۇش ئىسىگە كەلدى -دە ،ھامۇت مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى .
ھامۇت مۇئەللىم ھويلىسىدىكى گۇللەرنى سۇغۇرۋاتقاندى ،ئۇ گۇلغار ئاچىنىڭ كىرىۋاتقانلىقىنى كۇرۇپ قولىدىكى ئىشنى قويۇپ ،گۇلنار ئاچىنى ھويلىسىدىكى كىچىكىنە سوپىغا باشلىدى ،_ئامىن ئاللاھۇ ئەكبەر ،_ دەپ قول كۇتۇرۇپ ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن خۇلنار ئاچا تۇزلا قىلىپ خەتنى ئوقۇتۇشقا كەلگەنلىكىنى ئېتتى ،ھامۇت مۇئەللىم خەتنى قولىغا ئالدىدە سىرتىدىكى «ئابىدەگە تىگىدۇ »دىگەن خەتنى كۆرۇپ گۇلنار ئاچىغا ؛
_بۇ قىزىڭىز ئابىدەگە كەلگەن خەتكەن ،ئۇ ئۆزى كەلگەندە ئوقۇسۇن ،_دەپ خەتنى گۇلنار ئاچىغا قايتۇرۇپ بەردى گۇلنار ئاچا خەتكە قاراپ بىر ھازا ئويلۇنۇپ ئولتۇرغاندىن كىيىن ؛
_كىمدىن كەپتۇ ؟
_ئىرشاتتىن
_ئىرشات،_گۇلنار ئاچا ئاۋازىنىڭ يۇقىرى چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەي قالدى ،گۇلنار ئاچىنىڭ كۆزلىردىكى ئۇمۇت ئۇچقۇنلىرىمۇ ياكى غەزەپ ئۇچقۇنلىرىمۇ بۇنى بىلگىلى بولماتتى ،گۇلنار ئاچا بىر  نوقتىغا تىكىلىپلا قالدى ، بىر ھازادىن كىيىن ئۇ ئىسىنى يىغىپ ؛
_ ھامۇت مۇئەللىم نىمىلا بولمىسۇن بۇ خەتنى ماڭا بىر ئوقۇپ بەرگەن بولسىڭىز ،مۇشۇ ساۋاتسىزلىق تۇپەيلى مىنىڭ يېشىم بىر ئۆمۇر قۇرىمىدى ،دادىسى رەھمەتلىك بار چاغدا ساۋادىڭنى چىقىرۋال دىسە پەقەت كۇچىمەپتىمەن ،_دەپ چوڭقۇر ئۇھ تاتتى ،ھامۇت مۇئەللىم كونۋىتنى قولىغا ئالدىدە ئېغىزىنى ئاۋايلاپ ئاچتى ، ئالدى بىلەن ئىچىدىن بىر پارچە رەسىم چىقتى ،گۇلنار ئاچا بۇنى كۆرۇپ ئۆز كۇزىگە ئىشەنمەيلا قالدى بۇ ئىرشاتنىڭ ساقچى كىيىمى كىيىپ چۇشكەن رەسىمى ئىدى ،ئۇ رەسىمگە سىنجىلاپ قارىدى ،بۇ ساقچى كىيىم ئىرشاتنىڭ بەستىلىك قامىتىگە شۇنچە ياراشقان ئىدى ؛
_ قاراڭ بۇ بالىنىڭ شۇنچە ئۇزلىشىپ كەتكىنىنى ،تېخى ساقچى كىيىم كىيىۋاپتۇ ،_دىدى ھامۇت مۇئەللىم گۇلنار ئاچىنىڭ خىيالىرىنى بوزۇپ ،گۇلنار ئاچىنىڭ كۆزلىرىدسىن خوشاللىق  ياشلىرى جىمىرلىدى ، ھامۇت مۇئەللىم خەتنى ئۇقۇشقا كىرىشمەكچى بولدىمۇ قانداق ،يىنىك يۆتىلىپ قويۇپ خەتنى ئاچتى :

  ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ،مىنىڭ بارلىق ئۆمۇتلىرىمنى ،سېغىنىشلىرىمنى ،كۆڭلۇمنى ئانا يۇتتا ئېلىپ قالغان سۇيۇملۇك سىڭلىم ئابىدە ؛
قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ياخشى تۇرىۋاتامسىز ؟ بەلكىم سىز  بۇ خەتنى كەلمەيدىغۇ دەپ ئاللا بۇرۇن ئۆمىدىڭىزنى ئۇزگەنسىز -ھە! كەچۇرۇڭ مەن موقۇم بىر ئورۇنغا ئىگە بولۇپ ئاندىن قېشىڭىشغا بارىمەن دەپ قەسەم قىلغان ئىدىمغۇ ، مانا مان ھازىر جەمىيەتتە مۇقۇم ئورۇمغا ئىگە بولدۇم ،سىزنى ھەم ئاپىمىزنى ھەقىقى ياخشى تۇرمۇشقا ئىرىشتۇرەلەيدىغان بولدۇم .
  ئابىدە ئىسىڭىزدىمۇ ؟ سىز  چىغىر يول بويىدىكى چوڭ دەرەخ ئاستىدا كۆزلىرىڭىزگە ياش ئدلغان ھالدا مىنى ئۇزاتقان ئىدىڭىز  سىز ماڭا ،_«ئىرشات ئامان بولۇڭ ،مەن ئۈچۈن بولسىمۇ ئامان بولۇڭ ،سىز قايتىپ كەلگەن ۋاتىڭىزدا يەنە مۇشۇ دەرەخ ئاستىدا كۇتىۋالىمەن ،ياخشى ئۇقۇڭ »،_دىگەن ئىدىڭىز ،سىز شۇ چاغدا ماڭا بەرگەن گۇل كەشتىلەنگەن قول ياغلىق ھازىرمۇ يېنىمدىن ئايرىمايدىغان ئەڭ مۇھىم بەرسەم بولۇپ كەلدى ،سىز مەن ئۈچۈن ھەم ئاپا ھەم مەڭگۇ ئايرىلمايدىغان گۇزەل يار ،مەن سىز بىلەن بىرگە بولغان چاغلىرىمدا خۇددى ئاپام يېنىمدا باردەكلا ھېس قىلاتتىم ،يېتىملىكنى ماڭا پەقەت بىلدۇرمەتىڭىز ، مەن رەھمەتلىلك ئاپامۋە دادام روھى مىنى يۆلەۋاتىدۇ ،دەپ قاراتتىم ، مەن دادىڭىزنىڭ تۇگەپ كەتكەن خەۋىرىنى ئاڭلاپ بەكمۇ ئېچىندىم ،گۇلنار ئاپىمىزغىمۇ تازا تەس كەلگەندۇ -ھە ، سىز ئالتە ئاي بورۇن ئەچەتكەن خېتىڭىزنى ئىككى ھەپتە بورۇن تاپشۇرۇپ ئالدىم ، سىزنىڭ يىغلامسىرىپ تۇرغان ھالىتىڭىز كۆز ئالدىمغا كىلىپ بەكمۇ ئازاپلاندىم ،رەخمەتلىك ماخمۇت ئاكام بەكمۇ ئاقكۆڭۇل ئادەم ئىدى ،ئۇ يېزىمىز ئۈچۈن بىر ئۆمۇر يۇرەك قېنىنى سىڭدۇرگەن مەن ئۈچۈنمۇ ئاز كۇچ چىقارمىغان ، بولدى قايغۇرماڭ ،مەنمۇ قارا يىتىم، مەنمۇ مۇشۇ كەڭرى دۇنيادا ئەركىن نەپەس ئېلىپ يۇرىمەنغۇ ، گۇلنار ئانىمىزغا كۆپرەك كۆڭۇل بۆلۇڭ ،سالامەتلىكىنى ئاسىرسۇن ،خۇدايىم بۇيرىسا سىلەرنى خۇتەن شەھرىگە ئەكىلىۋالىمەن .
ئابىدە مىنى سېغىندىڭىزمۇ ؟ سىزنىڭ سىرلىق قاراشلىرىڭىز ،چۇشىنىكسىز سوئاللارنى سوراپ مىنى گاڭگىرتىپ قويۇشلىرىڭىزنى تولۇمۇ سېغىندىم .بىلەمسىز ،مەن سىزنىڭ خېتىڭىزنى قايتا _قايتا ئوقۇپ كىتىمەن ،شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خېتىڭىز ماڭا يادا بولۇپ كەتتى ،ئابىدە مەن ئەمدى سىزنى كۆرمىسەم ساراڭ بولۇپ قالىمەن ،يەنە بىر ئايدىن كىيىن مەن ئانا يۇرتۇمنى ،ئاتا _ئانامنىڭ قەبرىسىنى ،يەنە سۆيۇملۇك سىڭلىم ئابىدەنى كۆرگىلى بارىمەن ،سىز مىنىڭ ھاياتىمنىڭ بىر قىسمى  ،مىنىڭ ھاياتىم سىز بولغانلىقى ئۈچۈنلا مەنىلىك ھەم گۇزەل قەلەم قوۋىتىمنىڭ سىزگە يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن ،
كەچۇرۇڭ ،سۆزلىرىمنى قانداق ئاخىرلاشتۇرۇشنى بىلمەيۋاتىمەن ھەم ئاخىرلاشتۇرغۇم كەلمەيۋاتىدۇ ،مىنى كۆتۇڭ ئۆزىڭىزنىڭ ھەم گۇلنار ئانىمىزنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراڭ .
        سىزنى سېغىنىپ ،كۆرۇشۇشكە ئىنتىزار بولغان ئاكىڭىز ؛
                                                                                ئىرشات
  گۇلنار ئاچىنىڭ خۇشاللىق ۋە ئازاپلىق ياشلىرى بىر بىرگە يول بەرمەي يىپى ئۆزۇلگەن مارجاندەك چۇشىۋاتاتتى ،ھامۇت مۇئەللىممۇ كۆز ياشلىرىنى سۇرۇتكان ھالدا ؛
_گۇلنار مۇبارەك بولسۇن ،ئابىدە ئاخىرى بەختىنى تاپتى ،ئەمدىغۇ مەھەلىدىكى كوت_كوتلارنىڭ ئاغىزى بېسىقار ،ئۇلار نىمىلەرنى دىيىشمىدى ،ئابىدە شۇلارنىڭ گىپىگىمۇ ئىشىنىپ يۇردىغۇ ،-دىدى .
_بىتەلەي قىزىم ،داداڭ رەھمەتلىك بار چاغدا ھېچكىم ئۇنداق دىمەتتى ،رەھمەتلىك كېتىشى بىلەنلا سۆز-چۆچەك باشلاندى ،سەن ئىرشاتتىن بەك ئۆمۇتسىزلەنگەن ئىدىڭ ، مانا ئەمدى مۇرادىڭغا يەتتىڭ،_دەپ ئۇن سېلىپ يىغلاپ كەتتى ،ھامۇت مۇئەللىم گۇلنار ئاچىغا نىمە  دەپ تەسەللىي بىرىشى بىلمىدى ،پەقەت ئۇنىڭغا لۇڭگىلا سۇنۇپ بىرەلىدى ، گۇلنار ئاچا تۇيۇقسىلا بىر نەرسە ئىسىگە ئالغاندەك ھامۇت مۇئەللىم بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى ،گۇلنار ئاچىنىڭ باشلىرى ئېسىلىپ پۇت قوللىرى تىتىرەتتى ، سىتلارغا چىقىمىغىلى ئوزۇم بولغاچىقىمۇ بۇگۇن كۆپ ھەرىكەت ئونىڭغا ئېغىر كىلىۋاتاتتى ،ئەمما گۇلغار ئاچا ئابىدەنى تىزراق خوشال قىلىش ئۈچۈن بۇ ئازاپلارنى ئۇنتۇپ تىز-تىز ماڭماقتا ئىدى ،گۇلنار ئاچا ئابىدىنى ھېلىقى چوڭ دەرەخ تۇرىدە دەپ ئويلاپ شۇ تەرەپكە قەرەپ ماڭدى ،دەل دىگەندەك ئابىدە شۇ دەرەخ تۇۋىدە يىراقلارغا قاراپ بۇ دۇنيادىن تەپرەتلەنگەندەك قىياپەتتە تۇراتتى ،گۇلنار ئاچا ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلۇش ئۈچۈن قاتتىق بىر قېقىلىپ يۇتۇلۇپ قويدى ؛
_ قىزىم بۇ خەتنى ئوقۇپ باق ئوقۇپ بۇلۇپ نىمە  دىسەڭ ئىختىيار ،_دىدى
ئابىدە ئاچچىق كۇلكە ئارلاش قىلىپ ؛
_ ئاپا بولدى قىلىڭە ئۇنىڭ خېتىنى كۇرسەم نىمە دىمەكچى شۇ تۇي قىلغان قىزىنىڭ ئىسمىنى ،ھارىز قانداق تۇرمۇش كەچۇرۋاتقانلىقىنى دىگەندۇ،بەك ئاخماق ئىكەنسەن ئانا ...،_دىگىنىچە ئانىسىنىڭ بوينىغا ئىسىلىپ يىغلاشقا باشلىدى .گۇلنار ئاچا ئابىدەنى بەزلەپ تۇرۇپ ؛
_ كىم شۇنداق دەيدۇ ؟ئالدى بىلەن خەتنى ئوقۇپ كۇرۇپ ئاندىن بۇنداق دىسەڭمۇ ئۇكگۇرىسەن ،_ دىدى ،گۇلنار كۆزىدىكى ياش يۇقلىرنى سۇرتىۋېتىپ خەتنى قولىغا ئالدى ،ئۇنىڭ قولىغا دەسلەپتە ئىرشاتنىڭ رەسىمى چىقتى ،ئىرشاتنىڭ رەسىمىگە قاراپ ئابىدىنىڭ كۆزى نۇرلىنىپ كەتتىيۇ ئەمما يەنىلا  غەزەپ بىلەن ئۇ رەسىمنى كونۋىتنىڭ ئىچىگە سېلىۋەتتى ، ئۇ خەتنى ئېچىپ بىر قۇرئوقۇشقا باشلىدى ئوقۇغاچ ئۇنىڭ كۆزى نۇرلىنىپ كەتتى ،ئۇ خەتنى ئوقۇپ بولۇپلا ئىرشاتنىڭ رەسىمىنى قايتا قولىغائىلىپ سىنجىلاپ قارىدى ،ئۇنىڭ كۆز جىيىكىدە مەرۋايىتتەك پاقىراپ لىغىلداپ تۇراتتى ،ئۇ نىمىلەرنىدۇر  دىگۇسى باردە ئېغىزلىرىنى لۆمىلدىتەتتى ،ئابىدە خۇددى ئىرشات يېنىغا كەلگەندەك قەۋەتلا خوش بولۇپ كەتتى . دەششەتلىك بوران بېسىققاندەك ئانا _بالا ئىككەيلەن خاتىرجەم ھالدا ئۆيىگە قاتتى ،ئابىدە ئۆيىگە بارغۇچە ھەم ئۆيىگە بارغاندىن كىيىنمۇ بىر ئېغىز سۆز قىلمىدى ،ئۇ ئۆزنى شېرىن خىياللار ئىلكىدە ئەللەيلىتىۋاتاتتى ،ئۇ ئىرشات بىلەن تۇنجى تۇنۇشقان ۋاقىتتىن باشلاپ ئەسلەشكە باشلىدى ،ئىرشاتنىڭ ئاتا _ئانىسى بىراقلا قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۇپ كەتكەندىن كىيىن ئۇ دەرىسلەردە چىكىنىپ كەتكەن ئىدى ماخمۇت مۇئەللىم ئۇنىڭغا كۆڭلىگە تەسەللى بىرىش ھەم ئۇنىڭغا تەكرار قىلىپ بىرىش ئۈچۈن ئۇنى ئۆيىگە ئەكىلىۋالدى ،ئابىدە ئىرشات بىلەن ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ سەمىيمى دوسلۇق ئۇرناتتى ،ئىرشات مەخمۇت مۇئەللىم ئائىلىسىنى ئۆز ئائىلىسىدەك كۇرەتتى ،ئىرشاتنىڭ ھاممىسىنىڭ ئۆيى ئابىدەلەرنىڭكىگە يېقىن ئىدى ،ئىرشات ئاتا _ئانىسىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن شۇ ھامىسىنىڭكىدە تۇرىدىغان بولدى ،ئۇ ئىككىسى ھەر كۇنى بىرگە مەكتەپكە باراتتى ،بىرگە دەرىس تەكرارلاتتى ،ۋاقىت ئۇلارنى ئايرىلماس دوسلۇق رىشتىسىدە چىڭ باغلىدى ،مانا ھەش پەش دىگۇچە ئىرشاتمۇ چوپچوڭ يىگىت بولۇپ قالدى ،ئابىدىمۇ يۇزلىرى ئاناردەك قىزارغان بىر جۇپ ئۆرۇمە چېچى يەلكىسىدىن ئاشقان چىرايلىق قىز بولۇپ قالدى ،شۇ كۇنلەردە ئابىدە تۇرۇپ_تۇرۇپ يالغۇزسىرايدىغان ،ئىرشاتنى سېغىنىدىغان بولۇپ قالدى ،ئىرشاتمۇ ئالىبۇرۇن ئابىدىنى ياخشى كۇرۇپ قالغاندى ، يېزىدا تولۇق ئوتتۇرا بولمىغاچىقا ئۇلار ناھىيەگە بېرىپ ياتاقلىشىپ ئوقۇۋاتاتتى ،ھەر شەنبە كۇنى ۋېلىسپ بىلەن قايتىپ كىلەتتى ،ئىرشات دەل مۇشۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمىدى ،بىر شەنبە كۇنى ئۇ ئابىدىنى مىندۇرۇپ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى ،بىر قەرىلمىدە ئابىدە ئۇنىڭ بىلىنى مەھكەم تۇتىۋالدى ،بۇ ۋاقىتتا ئىرشات پۇتۇن بەدىنىنىڭ ئېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلدى ،شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئاغىزى گەپكە كەلمەيۋاتاتتى،ئىرشات قەرىلمىدىن ئۆتۇپ بولۇپ ۋېلىسپىتنى توختاتتى ؛
_ نىمىشقا ماڭمايسەن ؟_دەپ ئابىدە ئىرشاتنى قوقىدى .ئىرشات ۋېلىسپىتنى قايتا قوزغاتقاچ گەپ باشلىدى ؛
_ ئابىدە مىنى ياخشى كۇرەمسىز ؟ ئابىدىنىڭ ئۇنى چىقمايۋاتاتتى،-مەن  سىزنى ياخشى كۆرىمەن ئابىدە ،_دىدى ئىرشات
ئابىدەنىڭ يۇرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكەندەكلا بولۇپ قالدى ،ئۇنىڭ تىلى گەپكىمۇ كەلمەيۋاتاتتى، ئىرشاتمۇ ئۇندىن باشقا گەپ قىلمىدى ،ئىككى كۇندىن كىيىن ئۇلار يەنە مەكتەپكە قايتىپ كەلدى ،بىراق يەنە ئادەتتىكىچىلا كۆرۇشۇپ ئۆتۇپ كىتىشتى ،ئابىدە ئىرشاتقا خەت يازىپ ئۆزىنىڭمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بۇنىڭدىن كىيىن ئايرىلماس بىر جۇپلاردىن بولۇشنى ئېتتى ،شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلار ئىناق _ئىجىل ھەمراھلارغا ئايلاندى ،ساقچى مەكتىپىگە ئىمتىھانسىز كىرىش چاقىرقىنى يېزىدىن ئابىدىگە بەردى ،ئابىدە كۆپ ئويلىنىش ھەم ئاتا_ئانىسىنىڭ ماقۇلىقى بىلەن بۇ پۇرسەتنى ئىرشاتقا ئۆتۇنۇپ بىرىپ ئۆز كۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە ئۆتتى ، ئىرشاتنى باشقا بىر شەھەردىكى ساقچى مەكتىپىگە ،ئابىدىنى باشقا بىر شەھەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق مەكتىپىگە يولغا سالدى ،شۇندىن كىيىن ئۇ ئىككىسى خەت ئارقىلىقلا ئالاقىلاشتى ،ئابىدە ئرشاتقا خەت يېزىپ زىرىكمەتتى ،ئۇلار ئوقۇش پۇتۇرگەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ مۇھەببىتنىڭ شايىدى بولغان چوڭ دەرەخ تۇۋىدە ئۇچراشتى ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بىر بىر بىلەن ئۇچراشقاندا ئېغىزلىرى گەپتىن توختىدى ،ئۇلار بىر ھازا كۆزى ئارقىلىق مۇھەببىتىنى ئىپادىلەشتى ،ئىرشات ئابىدىنى باغرىغا باستى ،ئۇلارنىڭ شېرىن پاراڭلىرغا مەمنۇن بولغان دەرەخ ئۇلارنى تەبىرىكلىگەندەك يىنىڭ شىۋىرلاتتى ،ئىرشات بىلەن ئابىدىنىڭ لەۋلىرى مانا مۇشۇ دەرەخ تۇۋىدە ئۇچراشتى ،ئابىدە دائىم بۇنى ئۇيلىغىنىدا تىنىدىن ئىسسىق بىر سىزىم پەيدا بۇلاتتى .
ئابىدىنىڭ كۆزى ئەمدى ئويقۇغا بېرىشىغا گۇلنار ئاچىنىڭ ئىڭىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى ئابىدە چاققان ئورنىدىن تۇرۇپ قوشنىلارنىڭ ياردىمىدە ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى بەك چارچاپ كەتكەنلىكى ھەم زىيادە ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن گۇلنار ئاچىمۇ قۇتقۇزۇش ئۇنۇم بارمەي يالغۇز قىزى ئابىدىنى تاشلاپ ئۆمۇرلۇك ھەمراھى ماخمۇت ئاكىنىڭ يېنىغا كەتتى ،يىتىمنىڭ ئاغىزى ئاشقا تەككۇچە ،بۇرنى تاشقا تىگىپتۇ دىگەندەك ،ئابىدە ئەمدى خۇشاللىققا ئىرىشكەندە ئەڭ چوڭ خۇشالىقىدىن ئايرىلدى ،ئابىدىنىڭ ھازىرقى ئازابىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولماتتى ،شۇنداق قىلىپ ئابىدە ئانىسىنىڭ مىيىتىنى تۇققانلىرى ۋە قوشنىلىرنىڭ ياردىمىدە ئۇزاتتى ،شۇنچە چوڭ ھويلىدا ئابىدە ئۆزى يالغۇز قالغاچقائۇنىڭغا بەكمۇ ئېغىر كىلىۋاتاتتى ،بىر ئايدىن كىيىن ئىرشات ئۇنىڭ ئالدىدا ئاسماندىن چۇشكەندەكلا پەيدا بولدى ،ئۇ ۋاقىتتا ئابىدە ھويلىسىنى سۇپىرۋاتاتتى ،كىيا ئېچىلغان ئىشىكتىن ئىرشات كىرىپ كەلدى ،ئابىدە ئىرشاتنى كۇرۇپلا قولىدىكى سۇپۇرگىنى تاشلاپ ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئېتىپ يىغلاشقا باشلىدى ،ئۇلار بىر بىرگە ئېسىلىپ تازا يىغلىۋالدى ،ئىرشات ئابىدە بىلەن گۇلنار ئاچىنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقىپ بولغاندىن كىيىن ئەتىسى چوڭ دەرەخ تۇۋىدە ئۇچىرشىدىغانغا كىلىشىپ خوشلاشتى ،ئابىدە بۇگۇن ئۆزىنى خېلى يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى ،ئابىدە رەخمەتلىك ئاتا _ئانام بولغان بولسا قانچە خوش بۇلار ئىدى دەپ ئويلاپ كۆز يېشى قىلدى ،بۇگۇن ئىرشاتمۇ ئابىدىمۇ ئەتىنىڭ تىزراق كىلىشىنى ئۇمۇت قىلىپ بورۇنلا ئۇخلاپ قالدى ،قىش پەسلى بولسىمۇ كۇن بۇ ئىككى ياشنى قارشى ئالغاندەك كۇچەپ ئۆز نۇرىنى جاھانغا چاچتى بۇ ئىككى ياش چوڭ دەرەخ تۇۋىدە ئۇچراشتى ،بۇگۇن تەبىيەتمۇ باشقىچىلا گۇزەللىشىپ كەتكەندى ،ئىرشات شەھەردە كۆرگەنلىرىنى سۆزلەشكە باشلىدى ،ئابىدە ئۇنىڭ گەپ سۆزلىرنىڭ بىرخىل سۇنئەيلىك بارلىقىنى سەزدى ،ئۇ بۇنداق سۇنئىي گەپ سۆزلەرگە بەكلا ئۆچ ئىدى شۇنىڭ ئۈچۈن بىردەمدىلا زىرىكتى ،ئىرشات ئۆزگەرگەن ئىدى ،بۇرۇن ئابىدىنى «سىز » دەتتى ،ھازىر بىراقلا «سەن»گە ئۆزگەردى ئۇنىڭ كالىسىنى شەھەردىكى رەڭگارەڭ تۇرمۇش چىرمىۋالغاندى .ئابىدە بۇرۇن ئىرشاتنىڭ ئۆزىگە دىگەنلىرىنى ئىسىگە ئالدى «مەن ئۇقۇپ كىلىپ چۇقۇم يېزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىمەن »دىگەندى ،ئەمما ھازىر ئىرشات سۆز ئارلىقىدا «بۇ توپا باسقان يېزىدا نىمە بار ،بۇ نەس جايدىن كىتىپ شەھەرگە كىرىپ  شۇ يەردە خاتىرجەن ياشايمىز » دىگەنلەرنى قىستۇرۇپ قوياتتى ،ئابىدىنىڭ كالىسىنى گىچماچ خىياللار چىرمىۋالدى ، ئۇ مىجەزىم يوق دەپ باھانە كۆرسىتىپ ئىرشات بىلەن بۇرۇنلا خوشلاشتى ،خۇشلىشىش ئالدىدا ئىرشات ئابىدىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تورۇپ «ئابىدە غەم قىلما ،مەن سىنى شەھەرگە ئېلىپ كىتىمەن ،ئەمدى بۇ لەنەتتەككۇر يېزىدىن قۇتىلىسەن ،ئىدىيىڭدە تەييارلىق بۇلسۇن .ئەتە مەن سىنى مۇشۇ يەردە كۇتىمەن «دەپ خۇشلاشتى ،ئابىدە ئېغىر قەدەملىرى بىلەن چەكسىز ئۈمۇتسىزلىنىش ئىلكىدە ئۆيىگە كەلدى ،ئۇنىڭ ئىرشاتقا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرى بار ئىدى ،ئەمما ھازىر بۇ گەپلەر ئۇنىڭغا دىگەننىڭ قىلچىلىك پايدىسى يوقتەك ھېس قىلدى ، ئۇ ئۆيىگە كىلىپلا ھۆكىرەپ يىغلاشقا باشلىدى ،ھازىر ئۇنى بەزلەيدىغان بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى ،ئۇ دۇنيادا يالغۇزلا قالغاندەك ھېس قىلاتتى ،ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا دادىسى بىلەن ئانىسى كۆرۇنۇشكە باشلىدى ،ئەنە ئابىدە ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا بېشىنى قويىۋېلىپ چەكسىز بەختىيارلىق ئىلىكىدە ياتقان كارۋات ،ئەنە دادىسىنىڭ مۇكچىيىپ ئولتۇرۇپ دەرىس تەييارلايدىغان ،تاپشۇرۇق تەكسۇردىغان ئۇستىلى ،ئابىدە بونى ئويلىغاندا تېخىمۇ ئازاپلىناتتى ،ئۇ بىردەم ئانىسى ياتقان ياستۇقنى قۇچاقلاپ« ئانا مىنى تاشلاپ كەتمە »دىسە بىردەم دادىسى ئولتۇرۇپ دەرىس تەييارلايدىغان ئۇرۇندۇقنى قۇچاقلاپ «دادا مىنى تاشلاپ كەتمە »دەتتى ،بىر ھازادىن كىيىن ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەي ياستۇقنى قۇچاقلاپ ئۇخلاپ قالدى ئۇ بۇ كىچى دادىسى بىلەن ئانىسىنى چۇشىدى ،ئاتا _ئانىسى ئۇنىڭغا كۇلۇمسىرەپ قاراپ تۇرۇپ «قىزىم يېزىمىزنىڭ مائارىپى ئۈچۈن ئۆزىڭنى بېغىشلىغىن دىگۇدەكمىش »،ئابىدە تېخى ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ قانمايلا «دادا..،ئانا !»دىگىنىچە جۆيلۇپ ئويغۇنۇپ كەتتى ، بۇگۇن كەچ ئابىدە ئۈچۈن بارلىق ئازاپلىرى مۇجەسسەملەشكەن كىچە بولدى ،بىراق ئىرشات ئۈچۈن بارلىق خۇشاللىقلىرى مۇجەسسەملەشكەن كىچە ئىدى ،ئىرشات بىر ئۇخلاپ قوپسىلا بارلىق باخىت ئۇنىڭغا قۇچاق ئاچىدىغاندەك ھېس قىلاتتى ،ئابىدىنىڭ كالىسى قوپقۇرۇق ئىدى ،پەقەت چۇشىدە ئاتا _ئانىسىنىڭ دىگەن ھېلىقى سۆزىلا جاراڭلاتتى ،توغرا ،ئابىدە بۇ يېزىدىن ئايرىلالمايدۇ ،بىراق شۇنچە يىل زارىقىپ كۇتكەن ئاسىقىدىن ئايرىلامدۇ ؟ بۇ كىچنى ئىرشات تىزراق تۇگىسە ئەتە ئابىدىگە توي قىلىش تەكلىپى قويۇپ شەھەرگە ئىلىپ كەتسەم دەپ ئۈمۇت قىلاتتى ،ئەمما ئابىدە بۇ كىچىنىڭ مەڭگۇ تۇگىمەسلىكىنى ،بۇ رىئاللىقنىڭ مەۋجۇت بولماسلىقىنى ئۈمۇت قىلاتتى ،بۇ كىچىمۇ ئاخىرلاشتى ، بۇگۇن ئالەم سوغۇق بولۇپ قىشنىڭ ئاچچىق سوغۇقى ئەتراپنى قاپلىغان ئىدى ،ئىرشات كىيىملىرنى ياراشتۇرۇپ كىيىپ ،ئەينەككە قاراپ ئۆزىنى تۇزەشتۇرۇپ ئابىدىنى ساقلاش ئۈچۈن چىغىر يولنى بۇيلاپ چوڭ دەرەخ تۇۋىگە قاراپ ماڭدى ،ئىرشات چوڭ دەرەخ تۇۋىگە كىلىپ ئۆز كۇزىگە ئىشەنمەيلا قالدى ، چۇنكى ئابىدە ئۇنىڭدىن بۇرۇن كىلىپ بولغاندى ،ئرشات كىلىپ ئەمدى سۆز باشلاي دەپ تۇرىشىغا ،ئابىدە سۆزىنى باشلىدى ،ئۇ ئىرشاتنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ؛«ئىرشات مەن بۇ يەردە قېلىشنى قارار قىلدىم ،سىز كىتىۋىرىڭ ،مەن يېزىمىزدا قېلىپ دادامنىڭ مىراسى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنى قىلىپ يېزىمىزدىلى سەبىلەرنى ئۈچۈن بىر ئۆمۇر كۇچ چىقىرىمەن مانا بۇ مىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش نىشانىم » ،_دەپلا ئىرشاتقا گەپ قىلىش پۇرسىتى بەرمەستىن كەينىگە ئۆرۇلۇپلا كىتىپ قالدى ،چۇنكى ئىرشاتنىڭ شەھەرنىڭ رەڭگارەڭ تۇرنۇشقا ۆۇنۇپ قالغاچقا بۇ يەردە قېلىشى مۇمكۇن ئەمەسلىكىنى ئۇ ئوبدان بىلەتتى ، ئۇ سالماق قەدەم بىلەن ماڭسىمۇ كۆزلىرىدىن ياشلىرى تاراملاپ ئاقماقتا ئىدى ،تۇيۇقسىز يۇز بەرگەن بۇ ئىشتىن گاڭگىراپ قالغان ئىرشات پەقەت ئابىدىنىڭ كەينىدىن «ئابىدە توختاڭ....!»دەپلا توۋلىيالىدى ،ئۇنىڭ پۇتى گاچىلىشىپ ئالدىغا بىر قەدەممۇ ئالالمىدى ،ئۇ شۇ دەرەخنىڭ تۇۋىدە ئۇلتۇرۇپ ئۇزۇن ئۇيلاندى ،ئاخىرى ئۆزىنىڭ بۇ يېزىدا تۇرالمايدىغانلىقىنى جەزىملەشتۇرۇپ خىيالىنى تۇگۇتۇپ ئورنىدىن تۇردى ،بۇ ۋاقىتتا قىشنىڭ ئاچچىق شامىلى خۇددى ئۇنى ئەيىپلەپ ئۇرۋاتقاندەك ئۇنىڭ يۇزلىرىگە نەشتەرلىرىنى سانجىتتى .
  ئەتىسى ئىرشات كىتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ سومكىسىنى كۇتۇرگىنىچە بىكەتكە كەلدى ،سومكىسىنى ئاپتۇبۇسقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ ،ئۆزنىڭ ئانا مەكتىۋىنى بىر كۆرۇپ كىلىش ئۈچۈن ،مەكتەپ ئالدىغا كەلىپلا ئىرشاتنىڭ كۆزىگە ئەينى ۋاقىتتىكى ئابىدە بىلەن بىرگە مەكتەپتىن چىقىۋاتقانلىقكى كۇرۇندى ،دەرۋازا تۇۋىدە ئەينى ۋاقىتتىكى دەرۋازىۋەن بوۋاي بار ئىدى ، بۇرۇنقىدىن خېلىلا ياشىنىپ قالغاندى ،ئۇ ئىرشاتنى تۇنىمىدى ،ئىرشات بوۋايدىن ئابىدىنى سورىدى .بۇۋاي،_«ئابىدە خانىم 3-يىللىققا دەرىس ئۆتىۋاتىدۇ »دەپ ئۇ سىنىپنى كۆرسىتىپ قويدى ،ئىرشات ئۇ سىنىپنىڭ ئالدىغا كەلدى ،سىنىپ ئىچىدىن ئابىدىنىڭ چاراڭلىق ئاچاز بىلەن دەرىس ئۆتەۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئىرشات دەرىزىدىن ئابىدىنىڭ دەرىس ئۆتەۋاتقانلىقىغا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كىيىن ئىشىكىنى چەكمەكچى بۇلدىيۇ ،ئەمما يەنىلا قولىنى تارتىپ ،ئىغىر قەدەملىرى بىلەن مەكتەپ سىرتىغا قاراپ ماڭدى ،ئابىدە ئۇنى كۆرگەن ئىدى ،ئۇ سىنىپنىڭ سىرتىغا چىقىپ ئۇنىڭغا قارىدى ،ئۇنىڭ كەينىگە قارىشىنى مەن كەتمەيدىغان بولدۇم ،مەڭگۇ مۇشۇ يېزىدا قېلىپ يېزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىمەن دىيىشىنى بەكمۇ ئۈمۇت قىلدى ،ئەپسۇس ،ئىرشات كەينىگە قاراپمۇ قويمىدى ،ئۇ  شۇنچىلىك ئېغىر قەدەملىرى بىلەن مېڭىپ ئۇزاپ كەتتى ،ئاپتۇبۇس ئىرشاتقىلا قاراپ قالغاندى ،يولۇچىلار تىت -تىت بولۇپ ئۇنى كۇتمەكتە ئىدى ،ئارىدىن بىر يولۇچى «قاراڭلار ئۇ كەلدى ئۇستام ئەمدى ماشىنىنى ھەيدەڭ»دىدى ،ئىرشات ماشىنىغا چىققان ھامانلا ماشىنا قوزغالدى ،ئاپتۇبۇس بىكەتتىن چىققان ھامانلا ئىرشاتنىڭ كۆزىگە ئابىدە چېلىقىتى ،ئابىدە چېغىر يول بويىدا ئاپتۇبۇسقا قاراپ تۇراتتى ،ئىرشات دەرىزىنى ئېچىپ بېشىنى چىقاردىيۇ ،ئەمما گەپ قىلالمىدى ئابىدە ئىرشاتنى كۆردى ،كۆزدە لىق ياش تۇرسىمۇ ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن قولىنى پۇلاڭلىتىپ ئىرشاتنى ئاددىغىنە ئۇزۇتۇپ قويدى ،ئىرشاتمۇ قولىنى پۇلاڭلاتتى ۋە ئىچىدە «خەيرى-خۇش ئابىدە ، خەيرى-خۇش چىغىر يول ،مەن سىلەرنى مەڭگۇ ئۇنتۇپ قالمايمەن ،ئابىدە سىز مىنىڭ مەڭگۇلۇك ئابىدەم »دىدى ،ئاپتۇبۇس چاڭ چىقىرىپ چىغىر يولنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تىزلا چوڭ يولغا چىقىۋالدى-دە ،ئۇچقاندە شەھەر تەرەپكە قاراپ يۇرۇپ كەتتى .


    مەنبە :ئۆز قەلىمىم
-سىز كۆرۋاتقان تىما چىغىر يولدىكى مۇھەببەت_تەسىرلىك-ھېكايە,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
زىمىستاننى باھار دىگۇڭ بار ،
گۇلۇستاننى خازان دىگۇڭ بار ،
ساڭا بەرسەم بىر  دەريا سۆيگۇ ،
باشقىلارنى ئوكيان دىگۇڭ بار،
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-10-28 02:08 PM |
BUMARYAM
مېنىڭ خۇشاللىقىم-پەقەتلا مىسرانىم.
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


تىزىم نۇمرى : 111
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1774
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1774دانە
شۆھرىتى: 775 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 5735 سوم
ياخشى باھا: 3102 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:12 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:811 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

89 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 Re:چىغىر يول~~ ( ئوقۇپ قويۇڭ )

بەك تەسىرلىكەن ...............  تۇرمۇش مۇھىتى ئادەمنى شۇنداق ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن ..........شۇنداقتىمۇ ئۇ ئىرشات ئۇنداق قىلمىسا بولاتتى ھەي!!!!!!!!

بەكلا ياخشى يېزىپسەن.............. ئىھاملىرىڭ داۋاملىق شۇنداق كېلىپ تۇرغاي
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-28 02:22 PM |
GuZal爱你
مەن ئاي ،  سەن لاي .
دەرىجىسى : مەستانە ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2831
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 733
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە733دانە
شۆھرىتى: 324 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 2464 سوم
ياخشى باھا: 958 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:165 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

35 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-09-14
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 Re:چىغىر يول~~ ( ئوقۇپ قويۇڭ )

ياخشى يېزىپسىز.........مەنبەسى بولمىغان بولسا بىرەر ئەدىپ يازغان ئوخشايدۇ دەكەنمەن........
          سەردار سىز نىمە ئىش قىلىسىز.؟؟؟؟
    يايرىمنىڭ ئېتى لەيلى ،
   ماڭا باردۇر بەك مەيلى .
   ساڭا كۆڭلۈم يوق دىسەم ،
   بىر كۈن سۈردى جەمەتى .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-28 02:27 PM |
سەردار
~ قەلبىمدە سۇنغان ئەتىرگۇل~
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


تىزىم نۇمرى : 1733
نادىر تېما : 27
يازما سانى : 2091
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2091دانە
شۆھرىتى: 1943 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 709 سوم
ياخشى باھا: 4247 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:10 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:582 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

68 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-15
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 Re:Re:چىغىر يول~~ ( ئوقۇپ قويۇڭ )

Quote:
بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىGuZal爱你نىڭ2008-10-28 14:27دە يوللىغان يازمىسى Re:چىغىر يول~~ ( ئوقۇپ قويۇڭ ) :
ياخشى يېزىپسىز.........مەنبەسى بولمىغان بولسا بىرەر ئەدىپ يازغان ئوخشايدۇ دەكەنمەن........
          سەردار سىز نىمە ئىش قىلىسىز.؟؟؟؟



  مىنىڭ  نىمە  ئىش  قىلىدىغانلىقىمنى  سوراپ قاپسىز  مۇشۇ پۇرسەتتە مەن ئۆزۇمنى بىر تۇنۇشتۇراي

مەن شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابىتى ئالىي تېخنىكۇمى داۋالاش كەسپىنى پۇتۇرگەن مەن ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرى ( تىۋىپ )  ھازىر خىزمەت كۇتىۋاتىمەن ~~~  بۇرۇندىن مۇشۇنداق يېزىقچىلىققا ئىشتىياقىم بار  ~~~
زىمىستاننى باھار دىگۇڭ بار ،
گۇلۇستاننى خازان دىگۇڭ بار ،
ساڭا بەرسەم بىر  دەريا سۆيگۇ ،
باشقىلارنى ئوكيان دىگۇڭ بار،
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-28 02:33 PM |
xamal
دەرىجىسى : جانلىق ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2195
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 295
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە295دانە
شۆھرىتى: 491 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 1494 سوم
ياخشى باھا: 970 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:1 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:9 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

11 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-26
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ياخشى يېزىپسىز ،سىزنىڭ يېزىقچىلىق قابىليىتىڭىز بەك ياخشىكەندە ھە
ئەھلى سۈرەتنىڭ ئەسلى دىلدارى بولماس،
ۋاپاسىز كىشىنىڭ ۋاپالىق يارى بولماس.

چ چ 452240993
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-28 02:39 PM |
XiRiN123
دەرىجىسى : يېڭى ئەز


تىزىم نۇمرى : 3937
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
شۆھرىتى: 4 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 240 سوم
ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:1 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:0 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

20 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-10-21
يېقىندا كىرگەن:2008-10-29

 

بەكلا تەسىرلىك ياخشى يېزىپسىز ،باشقۇرغۇچىلار مۇشۇنداق تىمىنى نادىرلىمىدىڭلارما ،نادىرلىگۇدەك تىمىكەن بۇ .....
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-28 05:02 PM |
Aixa11
دەرىجىسى : يېڭى ئەز


تىزىم نۇمرى : 3829
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 61
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە61دانە
شۆھرىتى: 10 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 408 سوم
ياخشى باھا: 64 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:28 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

22 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-10-19
يېقىندا كىرگەن:2008-12-01

 

سەردار نمىشقا تملارغا ئەڭ ئالدىدا ئىنكاس يازدىغاندۇ ھەم يازغان تىمىللىرى نىمنداق ياخشىدۇ،
دەپ قاپتىمەن سىز ئەسلى .بىكار.ئولتۇرۇپ.يېزىۋىرپتىكەنسىز دە......

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-28 05:09 PM |
tum@ris
تۇتاش قەلىب بىزگە مەنسۇپ
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


تىزىم نۇمرى : 304
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 733
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە733دانە
شۆھرىتى: 234 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 2476 سوم
ياخشى باھا: 1128 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:6 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:212 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

58 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

شۇنى  دەيمەن~~ھازىر  تىمىلارنى  ھىچكىم نادىرلىمامدۇ~~~شۇنداق ياخشى  ئەسەرلەر  كۆزگە  كۆرۈنمەيۋاتىدۇ~~~يوللىغۇچىغا  رەھمەت~~~بۇلارنى  يازغىچىمۇ  خېلى  جىق  ۋاقىت  كەتكەندۇ~~
!!!!He  laughs    best    who    laughs    last~~~
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-28 05:18 PM |
NIJAD
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : مىڭ بېشى


تىزىم نۇمرى : 2209
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 1303
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1303دانە
شۆھرىتى: 1454 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 13918 سوم
ياخشى باھا: 3789 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:8 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:403 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

37 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-26
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ھى ھى ھى
سەردار ھاجىم بۇ ھېكايىنى نىل دەرياسىنىڭ دولقۇنلاۋاتقان سۇلىرىدەك ئىلھاملار ئارىسىدا يېزىپتۇ جۇما...
ھېسىياتنى بىر يەردىن سېتىۋالغاندەك كېلىدىكەن بۇ ئاداشقا........
رەھمەت............
ئاھۇ كىيىكلەر ئوينار قىيادا،
ئىپار ھىدى بار ھەربىر گىياھدا.
يىگىتلەر مەغرۇر،قىزلار ھايادا،
بۇنداق گۈزەل جاي بارمۇ دۇنيادا؟
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-28 05:28 PM |
ARkiN
◆ دىـل ئـازار، خـۇدا بىـزار◆
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


تىزىم نۇمرى : 2006
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1874
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1874دانە
شۆھرىتى: 1134 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 7192 سوم
ياخشى باھا: 3342 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:8 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:418 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

22 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-21
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ما نىجاد راس دەيدۇ جۇما  ...  داڭلىق  شائىېىر  بۇلاتتىكەنسەن ئەسلى مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى ئۈزۈپ قۇيمىغىن ... 
__________________________________________________
سىنـى سـۈيـۈشـكە چىـدىـغان يـۈرەك ، سەندىـن ئـايـرىلىشـقىمۇ چـىدايـدۇ !__________________________________________________
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-28 06:30 PM |
musilina
سىز نېمە ئۈچۈن ياشايسىز ؟
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2838
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 825
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە825دانە
شۆھرىتى: 355 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 2901 سوم
ياخشى باھا: 1053 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:7 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:331 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

19 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-09-14
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

بەك ياخشى يېزىپسىز ، بۇ ئەسىرىڭىزدە چىن ھېسيات ناھايتى ماھىرلىق بىلەن تەسۋىرلىنىپتۇ ، ھەقىقىي ، جانلىق چىقىپتۇ ، ساختا ، ياسالما سۆزلەر ئىشلىتىلمىگەن ، مەن بۇ تېمىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم .
اللا كأڭلىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسذن.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-28 09:15 PM |
karwan0997
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


تىزىم نۇمرى : 1738
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 802
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە802دانە
شۆھرىتى: 182 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 5509 سوم
ياخشى باھا: 1525 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:148 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

52 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-15
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

ياخشىكەن  رەخمەت،،،ئۇقۇپ بولغىچە كۈزۈم ئاغرىپ كەتتى،،،،،
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-28 11:39 PM |
katran
مىسرانىم، مەنىۋىيەت ئىزدەش نىشانىم.....!!!
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


تىزىم نۇمرى : 1190
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 1914
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1914دانە
شۆھرىتى: 535 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 7146 سوم
ياخشى باھا: 4122 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:11 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:759 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

11 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-07-29
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

بەكلا تەسىرلىك يېزىپسىز، دېمىسىمۇ تۇرمۇش شارائىتى ئادەمنىڭ ماڭىدىغان يولىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن....... شۇقداقتىمۇ ئېرشات قېپ قالسىمۇ شەھەردىكىدىن ياخشى كۈن كۆرەتتىكەن.............. بىچچارە ئابىدە،،،،،   ئەگەر بۇ ھېكايىنى كىنو قىلىپ ئىشلىسىمۇ بەكلا تەسىىرلىك چىققىدەك جۇمۇ...........................
ئىلھاملىرىڭىز بەرىكەت تاپسۇن دوستۇم........... بەكلا جانىلق ھەم ھېسياتلىق چىقىپتۇ.............  
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-29 12:42 PM |
okyan520
ھايات تۇلىمۇ قىسقا ئۇنى قەدىرلەش كىرەك.
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : سەپەرۋەر


تىزىم نۇمرى : 2639
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2138
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2138دانە
شۆھرىتى: 2089 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 8084 سوم
ياخشى باھا: 3678 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:10 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:562 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

88 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-09-06
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

ياخشى يېزىپسىز.........
مەن بىلەن دۇسىت بۇلۇشنى خالىسىڭىز : مەرھەممەت
img: http://blog.retim.cn/364315
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-29 01:54 PM |
takdirim
مەڭگۈ سەن زادى قانچىلىك يىراقلىقتا؟
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئون بېشى


تىزىم نۇمرى : 115
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1814
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1814دانە
شۆھرىتى: 788 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 6822 سوم
ياخشى باھا: 2498 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:168 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

32 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

ياخشى ھېكايىكەن .~~  ئابىدە  بىچچارە  شۇ يەردە  يەككە  يىگانا  قاپتۇدە ................ 
ئەل سورىسا سىنىڭدىن،
سەن تانمىساڭ مىنىڭدىن.
سويۈپ سىنى بىر ئۆمۈر،
مەڭگۈ  ھەمرايىڭ بولاي.
لىكىن..........................
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-30 03:15 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » ھىكايە ۋە چۆچەك
مىسرانىم تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ،مىسرانىم تور بېكىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .
مىسرانىم تورى مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلفونى : 13899164687 تور چاقىرغۇ:QQ:364103

Total 0.193419(s) query 7, Time now is:01-02 22:07, Gzip disabled 新ICP备08000436
Powered by Misran V6.3.2Certificate Code ©Beta 5 2008-12 Misran Corporation