مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 69603 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/64     Go
تېما: قىز كەلتۈرۈش كىلىشىمى (تولۇق قىسمى)
sada0903
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 8417
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 1
ئومومىي يازما: 182
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە182دانە
ياخشى باھا: 92 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3347 سوم
تۆھپىسى: 151 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1469(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-29
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-23 03:05 AM

0 قىز كەلتۈرۈش كىلىشىمى (تولۇق قىسمى)

ئەسكەرتىش: تېما باشقۇرغۇچى سەھرا ئوغلى تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-12-14)
1- بۆلەكنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ


قىزلارنىڭ دوستى بارمۇ؟

        ھىكايە            

مەنبە: ئۈزۈم (غەيرەت)  
  
                                                                   1                                  
قاتتىق زەربە تەسىرىدىن ئېغىر بىتاپ بولۇپ يېتىپ قالدىم.قايسى كۈنكى زوكام -ھازىرقى چۈشكۈن روھى ھالىتىمنى چىرماپ ئېلىپ ،كارۋاتتتىن چۇشەلمەس قىلىپ قويدى.
    خىياللىرىم قاناتلىنىپ ئۇچۇپلام يۇرەتتى،بىراق مەن بۇ خىياللارنى قىلىشتىن بەكمۇ بىزار،ئەپسۇس مەن بىزار بولغان بىلەن خىيال ماڭا بوي بىرەي دەيتتىمۇ ؟يەنىلام قاناتلانغان خىياللار ئىچرە قالايمىقانلاشقان نىرۋىللىرىمنى تېخىمۇ قالايمىقانلىققا باشلايتتىم خالاس.ئاتا -ئانام،دوختۇر سىستىرالار سوزلەيتتى،-"ئوزۇڭنى روھلۇق تۇت،بۇنداق مەيۇس،چېچىلاڭغۇ،ئوزۇڭىزنى تاشلىۋەتسىەڭ- كىسەلگە ئوزەڭنى ئالدۇرۇپ قويىسەن يەنە ۋەھاكازالار..."،-بىراق ئۇلارنىڭ نەسىھەتلىرى قولۇغۇمغا كىرەتتىمۇ ؟،بولسا مۇشۇ زەئىپلىكىمدە ئولۇپلام توگەشسەم ،بارلىق نومۇسسىزلىغىم مەن بىلەن كەتسە ،شەمسىيەنى كورۇشرۇشتىن،ئۇنىڭ سەن نىمانچە نومۇسسىز دىگىنىدەك قاراشلىرىدىن بىراقلا قۇتۇلسام،ئاھ خۇدا مەن سېنى تونىمىغاندا ئوزۇمنى بۇنچىلىك زەئىپ،بۇنچىلىك نومۇسسىز  بىلمەس ئىدىم،ھالا بۇگۇنكى كۇندە سېنى تونۇپ ،ساڭا چىن ئىخلاسىم بىلەن ئىمان كەلتۇرتگۇنۇمدە-نومۇس ،ھايانىڭ بۇنچىلىك قۇدىرىتى بارلىغىنى بىلىپ يەتمەكتىمەن.
   ۋاقىت مىنۇت ،سىكونىتلاپ ناھايىتى ئاستا ئوتمەكتە ،سۇلغۇن چىرايىم ،ئولتۇرۇشقان ،خىرە كوزلۇرۇم بىر نوختىغا تىكىلەتتى.بىرسىنى ئىزلەيتتى،ئۇ تۇيۇقسىزلام ئىشىكتىن كىرىپ كىلىدىغاندەك،ئىشىك تەرەپكىلام قاراپ ياتىمەن،مەن ئىزلىگەن تەن ماڭا شۇنچە يېقىن جايدا ،مۇشۇ يېتىۋاتقان دوختۇرخانىدا بولسىمۇ ،ئۇنىڭ مەن تەرەپلەرگە ئوتۇشى،ھەتتاكى مېنى ئەسلەپ قويىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.مەن بولسام بىر جىنايەتكارمەن،"ئاللاھ"ئالدىدا-شەمسىيەدەك پاك ،غۇبارسىز،پۇتۇن ۋۇجۇدى ئىسلام،ئەخلاق،ھايا ،نومۇس بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر ناتىۋاننى ھايانى قايرىپ قويۇپ ،گۇناھقا سورەپ ئەكىرگەن مەن جىنايەتكار بولماي كىم جىنايەتكار ھىساپلىنار ؟
   ئۇزۇمنى -ئوزۇم جازالاپ ئوتكەن بولساممۇ ئاتا - ئانامنىڭ زورى بىلەن تاماق يىمەسكە ئامال قىلالامىدىم،ئۇلارنىڭ مولدۇرلەپ قاراپ تۇرغان كوزلىرىگە بەرداشلىق بىرەلمەي ئاز-ئازدىن تاماققا كىرىشكىنىم ئۇچۇن ،ئاستا ئاستا ياخشى بولاپ كىتىۋاتاتتىم.دوختۇرلارنىڭ تىرىشچانلىغىمۇ ئوز كۇچۇنى كورسىتىۋاتسا كىرەك.
   قوپۇپ ئولتۇرالىغۇدەك بولۇپ قالدىم.ئەمما پۇتۇن بەدىنىم يەنىلام ئوزۇمنىڭ ئەمەستىكىدەك.خىياللىرىم يەنىلام قانات قاقىدۇ.
   بىر كۇنى خىيال ئىچرە ئىشىككە بېقىپ ياتاتتىم، تۇيۇقسىز ئايگۇل دادىسىنى باشلاپ كىرىپ كەلدى .غەزەپ ،نەپرىتىم شۇنچە تېشىپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭ دادىسىنىڭ يۇزىدىن چاندۇرماسلىققا مەجبۇر بولدۇم.نىمە دىگەن ئۇستا قاقۋاشسەن ئايگۇل؟ داداڭنى باشلاپ كەلمىسەڭ يۇزىڭگە تۇكۇرىشىمنى بىلىسەنغۇ دەيمەن. شەھەر باشلىغى كىرىپلام قولۇمنى سىقىپ،-
  -نىما بولدى ھوي شاكىرجان بالام ،نىمانداق جۇدەپ كەتكىنىڭ بۇ ،بىزنىڭ جىنتەك خەۋەر بەرمىگەن بولسا سېنىڭ بۇنچە بولۇپ كەتكىنىڭدىن خەبەرسىز يۇرىدىكەنمەن،-ئۇ قىزىغا قاراپ قويدى.ئايگۇل دادىسىنىڭ قارىشىدىن ئەمدى سوزلەش ساڭا كەلدى دىگەننى سەزگەندەك قىلىپ،-
  -مەنمۇ شۇ تونىگۇنلام ئۇختۇم ،بولمىسا بۇرۇندىلا يوقلاپ كىلېپ ،خەررىنىسا ئاپاملارنى جاپاغا قويۇپ يۇرمەي ئوزۇملام خەبەر ئالاتتىم ،-ئادەم دىگەننىڭ يۇزى شۇنچىمۇ قېلىن بولامدىغاندۇ ؟.ئۇنىڭ قىلچىمۇ خىيالىغا كىرىپ چىقمىغاندەك قىلاتتى.
  -رەخمەت سىلىگە شەھەر باشلىغى.خىزمەتلىرىنىڭ شۇنچە ئالدىراشچىلىغىدىمۇ  بالىمىزنى يوقلاپ كېلىپ بىزنى بەكمۇ خوش ئەتتىلە !،-ئاپامنىڭ تەكەللۇپ قايتۇرىشىغا ئۇلاپلام ،-
  -شۇنداق سىلەرنى كورگۇنۇمدىن ئىنتايىن مەمنۇنمەن ،-يالغان بولسىمۇ سوزلەشكە مەجبۇر بولدۇم.
  -ئۇنداق دىمە ئوغلۇم ،سەن مېنىڭ ئوز بالام بىلەن ئوخشاشسەن،سېنىڭ ئاغرىپ قالغىنىڭنى ئۇققان ئايگۇلمۇ ئاغرىپ يېنىڭغا كېلىۋالمىسۇن يەنە ،-باشلىق مەنىلىك قىلىپ ئاپاملارغا قاراپ قويدى .ئاپاممۇ شۇنداق دىگەندەك باشلىققا باش لىڭشىتىپ ئۇنىڭ سوزىنى قۇۋەتلىدى .
    بۇ نومۇسسىز گەپلەرنى ئاڭلاپ نومۇستىن يۇزۇم شەلپەردەك قىزاردى بولغاي ،باشلىق ،-
  -بەك نومۇسچاندە سەن شاكىر ،ئىسىت قىز بالا بوپ قالساڭچۇ مۇشۇ ھالىتىڭدە ،بىزنىڭ ماۋۇ جىن ئوزى قىز بالا تۇرۇپ سېنىڭ پوقۇڭنى دورىسىچۇ كاشكى...
  -دادا ..نىمانداق ئادەمنى چۇشۇرۇپ يۇرىسەن باشقىلارنىڭ ئالدىدا ،-ئايگۇل دادىسىغا سۇركۇلۇپ سەت ئەركىلىدى،ئۇنىڭ قىلىقلىرى زەئىپ يۇرىگىمنى نەپرەتلەرگە تېخىمۇ سالدى.
  -بولدى ،يېغىنىم بار ئىدى مەن قايتاي ،خەررىنىسا سىلۇمۇ شاكىرغا قارايمەن دەپ  كوپ چارچىغانسىز ،بۇگۇن ئايگۇلگە  بىر پۇرسەت بەرسىلە ،شاكىرغا ئۇ ھەمرا بولسا قانداق ؟،-باشلىق ئانامغا مەنىلىك قاراپ قويۇپ ،-
  -خوش شاكىر كېيىن يەنە يوقلاپ كىلىمەن،ئوزۇڭنى ئاسرا،-دەپ بولۇپ،-
  -ئايگۇل قىزىم ئەمىسە شاكىر ساڭا قالدى ،خەيرىنىسا ئاپاڭنى مەن ئويىگە ئاپىرىپ قويىمەن ،-دىگىنىچە ئاپامنى باشلاپ چىقىپ كەتتى.قانداق قىلالايتتىم ،مېنى مۇشۇنداق رەسۋا قىلىپ كىسەل بولىشىمغا سەۋەپچى بولغان سىزنىڭ مۇشۇ قىزىڭىز،ئۇنى كورۇشكە كوزۇم يوق  دەيمۇ ئەمىسە .
   ئاپامنىڭمۇ نىمە قىلغىنى بۇ .ماڭا خوشمۇ دىمەي ،ھالىمدىن خەۋەر ئالىدىغانغا مەن ئەڭ ئوچ ئادەمنى تاشلاپ قويۇپ كىتىپ بارىدا .ھەي ھوقۇق ،سېنىڭ ئالدىڭدا ھەممىمىز چاكىنا  ئىنسانلارغا ئايلىنىمىزدە !
   ئايگۇل يالغۇز قالغاننى پۇرسەت بىلىپ قېشىمغا كېلىپ قولۇمنى تۇتتى . سەت سىلكىشلىدىم.
  -نىمە قىلغىنىڭ بۇ .سەندە نومۇس دىگەن نەرسە بارمۇ زادى. 
  -نومۇس دەپقاپسەن شاكىر .سەن ئۇچۇن پۇتكۇل خەلقى ئالەم ئالدىدا يالىڭاچلىنىشقىمۇ رازىمەن ،ئوزىنى ئىپپەتلىك چاغلىغانلارمۇ ،باشقىلارنىڭ كوزىچە سويۇشۇپ يۇرسە نومۇس بولمايدىكەنغۇ ئەنە ؟
  -شۇ نومۇسسىزلىقلارنى تىلىڭغا ئېلىشتىن ئويالغىن .مېنىڭ مۇشۇ ھالەتكە كېلىپ قېلىشىممۇ ،سېنىڭ شۇ پەسلىگىڭدىن بولغان ئايگۇل،-ئۇنۇم ئۇنلۇك چىقمىسىمۇ بارچە ئاۋازىم بىلەن توۋلىدىم.
  -ۋاقىرا شاكىر ،ئوبدان ۋاقىرا ،بولسا ۋاقىرىشىڭنى شەمسىيە ئاڭلاپ  سېنىڭ ئازاۋىڭنى بىلسە -مەن ۋاقىرالمايدىغان دۇشمىنىمگە  ۋاقىراپ ئوچۇمنى ئېلىپ بىرىۋاتىدۇ دەپ بىلىپ، سېنى كەچۇرىۋەتسە ئەجەپ ئەمەس.
    نومۇسنى بىلمەيدىغان ئادەمگە نىمىمۇ دىگەن بىلەن بىكار بولسا كىرەك .سوزلەشلىرىگە سۇكۇت قىلىش بىلەن جاۋاپ قايتۇردۇم.
  -گەپ قىلمايسەنغۇ شاكىر ،قىيامەتلىك دۇشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا نومۇسنى قايرىپ قويۇپ ،سېنى سويگەن ھېلىقى گۇزىلىڭ قېنى ؟ مەن تېخى سېنىڭ ھالىڭدىن ئۇ خەبەر ئېلىۋاتقان چېغى دەپ سېنى يوقلاپ كېلىشتىن يالتايغىلى تاس قالغان ئىدىم ،- ئۇ بويۇنداپ ئادەم ئىزلەۋاتقاننى دوراپ ئەتىراپقا قاراپ قويدى.
  -يۇرۇگۇمنى زىدە قىلغان ،قەلبىمدىكى ئوچمەنلىگىمنى تېخىمۇ يۇقىرى كوتۇرگەن ئۇ نازىنىننى كورمەيمەنغۇ شاكىر.
  -شاكىر ...
  -...
   ئۇنىڭ سوزلىرى توگەيدىغاندەك ئەمەس.بولۇپمۇ شەمسىيەنى تىللاپ ،ھاقارەتلىگىنىدە  يۇرۇگۇم پىچاقتا تىلغاندەك ئېچىشماقتا ،تاقىتىم چەكلىك بولسا كىرەك ،سوكۇت قىلىشقىمۇ بەرداشلىق بىرەلمەي ئۇنىڭ زىتىغا تىگىش ئۇچۇن،-
  -بولدى قىل ئايگۇل ،شەمسىيەنىڭمۇ كىلىدىغان ۋاختى بولدى ،ئۇ كۇندە قېشىمدا يۇرۇپ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ .بىكار قىلغان گەپلىرىڭ ئۇنىڭ قولىغىغا كىرىپ قالسا ،ئوزۇڭگە سەت بولمىسۇن ھېلى.
  -تۇفى رەسۋالار ،قىلىۋاتقان گېپىڭنى قارا ،مەن سېنى خېلى غۇرورى بار ئوغۇل بالا دىسەم ،نومۇس قىلماي يالغاننى توقۇيسىنا .نەدىكى شەمسىيەكەن ئۇ .ئۇ ئاللا بۇرۇن بۇ  جايدىن كىتىپ قالغان تۇرسا ،  نەلەردە يۇرۇپ سېنىڭ ھالىڭدىن خەۋەر ئالىدۇ . 
   شەمسىيەنىڭ بۇ شەھەردىن كەتكىنىنى ئاڭلاپ ئۇچۇپلام چۇشتۇم.
     قاچانلاردا ھۇشۇمغا كەلگىنىمنى بىلمەيمەن ،كوزۇمنى ئاچسام ئانام ،دادام،يەنە ئايگۇللەر بېشىمدا قاراپ تۇرىدۇ،ئايگۇلنى كورۇپ جۇدۇنۇم تۇتتى ،ئەمما چاندۇرماي كوزۇمنى يۇمىۋالدىم.ئازاپلىرىم يومۇلغان كوزۇم بىلەن بىرگە كوز يۇمغان بولسىدى كاشكى...
  - ئوغلۇم نىمە ئازاۋىڭ بار بىزگە دىسەڭچۇ ؟ ،- ئانام يىغلاپ تۇرۇپ سورىدى.
  -ئانىسى بولدى سورىما ،ئۇنى بىر ئاز ئارامىدا قويايلى،ئوزى ماقۇل كورگەندە ئەيتىپ بەرسۇن ،يۇر قىزىم بىز چىقىپ تۇرايلى،-دادام قەلىپ يارامنى چۇشەنسە كىرەك ،كورسەملا قۇسقۇم كىلىدىغان بۇ ناكەس شەيتاننى يېنىمدىن ئېلىپ چىكىتىپ ،مېنى بىر ئاز بولسىمۇ تىنجىتتى .ئانامنىڭ مىشىلداپ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرساممۇ  ئوزۇمنىڭ تىنىچ خىياللىرىمنى دەپ ئۇنىڭغا تەسەللى قىلىشقا ئاجىزلىق كورسەتتىم.ئادەم دىگەن ئاجايىپتە.ئوزىمىزنىڭ بىر ئاز مەنپەئەتىنى دەپلام ،ئاتا -ئانىمىزنىڭ خاتىجەملىكىنى ئويلاپمۇ قويمايمىز.
                                                                    2
      غەرىپچە داۋالاش مەنپەئەت قىلماي، ئويۇمدىكىلەر يۇرتىمىزنىڭ داڭلىق تىۋىپىنى تەكلىپ قىلىپ كىسىلىمنى كورسەتتى. يەنىلام ئوزىمىزنىڭ تىبابىتى ئەۋزەلكەن ،تىۋىپ تومۇرۇمنى  تۇتۇپ كورۇپ،-بالىدا ئېغىر كىسەل يوقكەن،ئاچچىق يۇتىۋېلىپ ئوزىنى ئالدۇرۇپ قويۇپتۇ ،ئوبدان كۇتۇنۇپ،خاتىرجەم دەم ئالسىلا ياخشى بوپ كىتىدۇ ،دوختۇردا يېتىشنىڭ ھاجىتى يوق،ئويدىلام كۇتۇنسۇن،بولسا ھاۋالىق ،مەنزىرسى گۇزەل جايلارغا ئاپىرىپ سەيلى -ساياھەت قىلدۇرىڭلار .ئازراق قۇۋەت دورىللىرى يېزىپ بىرەي شۇلام كۇپايە،-دەپ بىر قانچە خىل مىللى تىبابەت دورىللىرىنى يېزىپ بىرىپ كىتىپ قالدى.ئويدىكىلەر ۋە مەن ئۇنىڭ رىتسىبىنى قوبۇل كورۇپ ،دوختۇرلارنىڭ توسىشىغا قارىماي بالنىستىن چىقتىم ۋە تىۋىپ يېزىپ بەرگەن دورىلارنى يەپ تىزلام ئەسلىمگە كىلىۋالدىم .بۇ جەرياندا ئايگۇل مېنى ئاز ئاۋارە قىلمىدى.بىر كۇنى كىلىدۇ ،بىر يەرلەرگە ئاپىرىپ ھاۋالاندۇرۇپ ئەكىلەي دەپ ،يەنە بىر كۇنى كىلىدۇ  مۇنۇ تاماق بەك ئوخشاپتۇ تېتىپ بېقىڭ دەپ ،يەنە كىلىدۇ ئىچكىرى ئولكىلەرگە بېرىپ بېشىمىزنى سەگىتىپ كەلسەك دەپ ،ئۇنىڭ كەلمەيدىغان كۇنى يوق.مەن ئۇنىڭدىن قانچە بىزار بولسام  ئۇ ماڭا شۇنچە يېقىن.
   بۇلارغا چىدىماي دادامغا ئېغىز ئاچتىم.
   -دادا يېقىنكى كۇنلەردە سىلەرنى كوپ جاپاغا قويدۇم .ئالدىڭلاردا بەكمۇ خىجىلمەن.ئوزۇمنىڭ سالامەتلىكى ۋە كەلگۇسۇمنى ئويلاپ بىر مەزگىل ئوقۇپ كىلەيمىكىن دەيمەن.بولسا سىلەردىن خەۋەر ئېلىپ يېنىڭلاردا تۇرسام ياخشىتتى ،مۇشۇ پۇرسەتتە ئوقۇشنى دەپ ،دەم ئېلىۋېلىشىممۇ مۇمكىن .
  -ياخشى ئويلاپسەن ئوغلۇم ،ياشلىغىڭدا بىلىم ئال ،ئاپاڭ بىلەن مەندىن خاتىرجەم بول ،بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزمۇ ياخشى،ئۇنىڭ ئۇستىگە ئوز يۇرت بولغاچقا ئۇرۇق-تۇققانلار  بار ئەمەمسمۇ.
  -رەخمەت دادا ،ئالدىڭلاردا ھەقىقەتەن  ئوزۇمنىڭ بىچچارىلىگىگە ،شەخسىيەتچى ،نادانلىغىمغا ئېچىنىۋاتىمەن،-كوزلۇرۇمدىن تاراملام ياش قۇيۇلماڭتا .دادام بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ ،-
  -يىغلىما ئوغلۇم ،ئەركەك زادە دىگەن ئالدىراپ قىيىنچىلىق ئالدىدا ياش توكمەيدۇ.سېنىڭ تاللىغان يولۇڭ تامامەن توغرا. جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولماس.تارىخنى ۋاراقلاپ كورسەڭ مىسىلداپ ياش توككەن ھېچ بىر جان ئىگىسى چوڭ ئىش تەۋرىتەلىگەن ئەمەس.بىر قولىدا ئوت بىر قولىدا سۇ بولغاندىلام مۇراتقا يەتكىلى بولىدۇ.سېنىڭ ھازىرقىدەك ئوزگۇرىشىڭنى چۇشۇمدىمۇ خىيال قىلغان ئەمەسمەن .ئۇلۇغ كەرەملىك "ئاللاھ"ئىگەم يولۇڭنى يۇرۇق قىلسۇن.مەن سەندىن مەڭگۇ رازى بالام .قەيەردە ئوقۇغۇڭ بولسا ئەيت مەن يول ماڭاي.،-ئۇ پىشانەمدىن تۇتۇپ سويدى .مەڭزىمگە ئىسسىق بىر ياش تامچىلىدى بولغاي يۇرىگىم ناھايىتى شىرىن تەۋرىدى.چۇنكى بۇ ياش- باش ئىگىش ،ئاجىزلىق يېشى بولماستىن ، بەلكىم ئاتىنىڭ ئوز ئوغلىدىكى ئىشەنچىنى كورگەندە تەسىرلىنىش ،بەخىت تىلەش يېشى ئىدى.
    داداملارنىڭ يول مېڭىشى بىلەن ئوقۇش ئىشىممۇ ناھايىتى تىز ھەل بولدى،ئوز ئارزۇيۇم بويىچە شاڭخەي تۇڭجى داشودە بىر يىل نىمىس تىلى ئوگۇنىدىغان، كېيىنچە چەتئەلدە ئوقۇيدىغان بولدۇم .ئانام  ئوقۇشۇمغا كوپ قارشىلىق كورسەتتى،ئۇنىڭچە بولغاندا مەن ئۇلارنىڭ قېشىدا تۇرۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىم كىرەككەن.توي قىلىپ بالىلىق بولۇشۇم ،نەۋرىلەر ئارقىلىق ئۇلارنى خوش ئېتىشىم .بۇلار بولسا پەرزەنىتنىڭ ئوتەشكە تىگىشلىك  مەجبۇرىيىتىم ئىكەن.ياخشىمۇ دادام ئۇقۇمۇشلۇق كىشى بولغاچقا مېنى باشتىن - ئاخىرى قوللىدى،ئانامنىڭ قاخشاشلىرىمۇ كار قىلمىدى،بولمىغاندا ئايگۇللەرنىڭ دامىغا چۇشكەن ئانامنىڭ ئاھىغا چىدىمىغان بولاتتىم.چۇنكى ئانام مەندەك ئارزۇلۇق ئوغلىنىڭ باشلىققا كىيئوغۇل بولۇشىنى بەكمۇ خالىسا كىرەك.ئۇ بىر چاغلاردا پىشانىسىگە سويۇپ كېلىن قىلىۋېلىشنى ئارزۇ قىلغان شەمسىيەنى پۇتۇنلەي ئۇنتىدىمۇ ياكى مېنىڭ  شۇنچە كىسەل تارتىشىمنى ئۇنىڭدىن كوردىمۇ،شەمسىيەنىڭ گېپىنى پەقەتلام قىلماس بولغان ئىدى.
        ئوقۇشقا مېڭىش ۋاختىمنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ شەمسىيەنى كوپ خىيال قىلىدىغان بولۇپ كەتتىم.يالغۇز قالدىممۇ ئۇ مېنىڭ ھەمرايىم ئىدى،ئەپسۇس ئۇنىڭ ھازىر نەلەردە نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىغىدىن خەۋەرسىز ئىدىم."كوكلەم "ئاشخانىسىدىكى مەن ئۇنى تۇنجى  تۇنجى كورگەن ئۇرۇن مېنىڭ دائىملىق تۇرار جايىم بولۇپ قالغانتى.ئۇ مۇرات بىلەن ئولتۇغان ئورۇنغا ،ئاشخانا ئىشىگىگە تويماي باقاتتىم ،بىر خىل تاماقنى بۇيرۇتۇپ قويۇپ ،ئۇنى يىمەستە يەنە بىر خىل تائام بۇيرۇتاتتىم ،ئەپسۇس كۇتكۇنۇم كورۇنمەيتتى.كۇنلۇرۇم كۇتۇش ،تەقەززالىق ،ھىجران ئىچىدە ناھايىتى تىز ئوتۇپ كېتىپ ئوقۇشقا مېڭىش ۋاختىممۇ يېقىنلاپ قېلىۋاتاتتى.مېڭىشتىن بۇرۇن شەمسىيەنى يىراقتىن بولسىمۇ بىر كورىۋالسام،  باشقىلارنى كويدىرىمەن دەپ ئوزى كويۇپ قالغان يۇرىگىم ئازراق بولسىمۇ  تەسكىن تاپارمۇ ؟
        ئايگۇلنىڭ شەمسىيەنى بۇ يەردىن كەتتى دىگەن گېپىگە ئاساسەن ئۇنى بۇ شەھەردە يوق دەپ  بىلدىم،بىراق ئايگۇل دىگەن تۇغما يالغانچى تۇرسا ،ئۇنىڭ سوزىگە ئىشەنچە قىلغىلى بولامدۇ ؟ ئۇنى كورۇش ئىستىگىدە ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا بىر قانچە قېتىم تىلىفۇن ئۇرغان بولساممۇ ئۇ يوق بولۇپ چىقتى،خىزمەتداشلىرى ئۇنى يوتكۇلۇپ كەتتى دەپ يۇرۇگۇمگە پىچاق ئۇردى،يوتكەلگەن ئورنىنى ئۇلارمۇ بىلمەيدىكەن.ئويلاپ كورۇپ روشەنگۇلنىڭ ئۇنىڭ خەۋىرىنى بىلسە ماڭا ئەيتىپ بىرەمدىكىن دىگەن ئۇمۇت بىلەن ئۇنى ئىزلەپ ئويىگە باردىم .ئەپسۇس ئۇ ئويىدە يوق بولۇپ دادىسى ئالدىمغا چىقتى.
   -شاكىرجان ئوغلۇممۇ سەن ،قەدەملىرىڭ بۇياققا يىتىپ قاپتىغۇ ؟ بىتاپ بولۇپ يېتىپ قاپتۇ دەپ ئاڭلاپ يوقلاپ بارالمىغان ئىدىم .كەچۇرەرسەن .سېنىمۇ بىر ئىزلەي دەپ تۇرغان ئىدىم .ئوزۇڭ كېلىپ قاپسەن .جۇر ئويگە كىرەيلى، ساڭا دەيدىغان سوزۇم بار.،- تەكەللۇپ قىلىشىمنىڭ ئورنى قالمىغان ئىدى،ئەگىشىپ ياسىداق ياسالغان ياسىن باينىڭ مېھمانخانا ئويىگە كىردىم.ئوينىڭ ھەشەملىگىنى سوزلىمىسەممۇ بولىدۇ.چۇنكى بۇنىڭدىن تەل ئويلەر ئۇيغۇر جەمىيىتىدە بولمىسا كىرەك.
  -شاكىرجان ئوغلۇم نىمە بولدى سىلەرگە ،-ياسىن باي چاي قۇيغاچ سۇئال بىلەن كوزۇمگە تىكىلدى.مەن ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى چۇشەنمەي قاراپلام ئولتۇردۇم.
  -روشەنگۇللەر بىلەن بىر ئوبدان ئوتۇپ كىتىپ باراتتىڭلار .مېنىڭچە بولغاندا ئىككىڭلارنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويىدىغان ۋاختىمۇ بولغان ئىدى،-باي ئاكام بىزنىڭ يېقىنلىغىمىزنى چوقۇم خاتا چۇشۇنۇپ قالغان بولسا كىرەك،بۇنداق چاغدا مەن نىمىمۇ دىيەلەيمەن بېشىمنى ئىگىپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم.
  -قىزىمدىن سورىسام دىگىلى ئۇنىمىدى،ئىككى ئايدەك بولدى،تولىمۇ سۇلغۇن جىمىپلام كەتتى  سىلەرگە بىر نىمە بولمىغاندۇ؟
  -بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھېچ ئىش بولمىدى  ئاكا ،ئەمدى شۇ ئۇقۇشماسلىق تۇپەيلى...،-باي سوزۇمنى بولدى،-
  -ئۇقۇشماسلىق بولسا بولۇپتۇ ،ئۇمۇ ئوتۇپ كىتىدۇ ،مېنىڭ دۇنيالىقتا شۇ بىرلام قىزىم بار ،تاپقان - تەرگىنىم شۇ قىزىمغا مەنسۇپ ئوغلۇم ،سەنمۇ بىر ئوبدان بالا بولدۇڭ ،سەندىن خاتىرجەم دىسەم بولىدۇ،ئەمما شۇ ئەركە قىزىم مېنى خاتىرجەم قىلارمۇ ؟،-باي تەر چۇشىۋاتقان چىرايىنى قولى بىلەنلام سۇرتۇپ قويۇپ يەنە سوزلىدى،-
  -شاكىرجان بالام پۇرسەت بولسا قىزىم قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ بىلەن ياخشىراق سوزلىشەرسىلە ،بولسا تويۇڭلارنى چاپسانراق قىلىۋاتارسىلە،-دادىنىڭ قىزىغا ئەلچى بولىشى شۇنچە تەس بولسا كىرەك .باي تېخىمۇ تەرلەپ كېتىۋاتاتتى .مەن بۇ  باينىڭمۇ مېنى خاتا چۇشۇنىشىدىن ھەيرانلىق ھىس قىلمىدىم ،چۇنكى مەن بۇرۇنقى چاغلىرىمدا  شوخلۇق قىلىپ باينىڭ ئويىنى ئوز ئويۇمدەك كورۇپ كىرىپ - چىقىپ يۇرەتتىم ئەمەسمۇ.ئۇنىڭدىن قىزىنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىگىنى سوراشتىن خىجىل بولۇپ ،گېپىگە ماقۇل بولۇپ قايتىپ چىقتىم.ياق ئۇنداق قىلالمايمەن دىگەن گەپتىن ئوقۇش ئۇچۇن يۇرتتىن يوقالساملا بولدى ئەمەسمۇ.
  كۇتكەن چاغلارمۇ يىتىپ كەلدى ،ھەيرانمەن ئايگۇلدەك بىر قىزنىڭ ۋاي دەپ يۇرۇپ ماڭىدىغانغا ئاز قالغاندا يوقاپ كەتكىنىگە ،بىر تۇرۇپ خوش بولۇپمۇ قالدىم.چۇنكى ئۇ يوق بېشىم ساق ئەمەسمۇ مېنىڭ.
                                              *   *   *   *    *
    يۇرتتىن ئايروپىلان بىلەن ئۇرۇمچىگە كېلىپ ئىككى كۇن تۇرۇپ قالدىم .بىجىرىدىغان ئىشلىرىمنى توگۇتۇپ ئايدىرومغا كىچىكىپ كەلدىم ،ناھايىتى قىسقا ۋاقىتتا ئايرۇپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىمنى بىجىرىپ ئۇچقىلى قوپقان ئايروپىلانغىمۇ چىقىۋالدىم.جىددىچىلىكتە ئورنۇمنى تېپىپ يوكلەرنى ئورۇنلاشتۇردۇم ۋە ئورنۇمدا ئولتۇرۇپ يان بىلىمغا قارىدىم .مېنىڭ ئورنۇم  ب ئورۇن بولۇپ دەرىزە تەرەپتە بىرى ئولتۇراتتى ، س ئورۇندا ئادەم يوق بوش ئىدى.ئا ئورۇندا ئولتۇرغان قىز سىرتقا قاراپلام ئولتۇغاچقا باشتا ئانچىمۇ زەن سالمىغان ئىكەنمەن بىراق ھازىر ئۇنى كورگۇنۇمدە ئوزۇمنى يوقۇتۇپ قويۇپ ئورنۇمغا ئوزۇمنى تاشلىدىم. ئۇمۇ مېنى كورۇپ نىمە قىلارىنى بىلەلمەي داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى.كوزلىرىمدە ياش ،ئەركەكلىگىمنى ئۇنتۇپ يىغلىماقتىمەن ،ئۇنىڭمۇ كوزلىرىدىن ياش قۇيۇلماقتا ،ئۇنىڭ مەڭا نەپرەت يېشى ئاققۇزغىنىنى ياكى ھىجران يېشى ئاققۇزغىنىنى بىلەلمەيتتىم.قانچىلىك قاراپ تۇرۇپ قالدۇق بىر چاغدا بىرى بېقىنىمغا نوقىدى. قارىسام س ئۇرۇندا ئۇلتۇغان قىزچاقكەن .ئۇنى كورۇپ پارتلاپ كەتكىلى تاسلام قالدىم...  
   -ۋاھ دىيىشىۋالغان بولماڭلار يەنە ،شۇنداقمۇ ئۇدۇل كەلگەن بارمۇ ؟سىلەرنىڭ شاڭخەيدە سورىشىپ يۇرۇشىڭلەرگە قاراپ تۇرامدىمەن دەپ مەنمۇ سىلەرگە ھەمراھ بولغىلى ماڭدىم،قايسى كۇنكى سويۇشنىڭ داۋامىنى ئەمدى مەن شاڭخەيدە كورسىتىمەن ،سەن قىز كەلتۇرۇش كىلىشىمى تۇزۇپ قىز كەلتۇرسەڭ ،مەن سېنى كەلتۇرۇش قەسىمى قىلىپ سىنى كەلتۇرىمەن شاكىر ،-سوزلەۋاتقىنى ئايگۇل ئىدى .دەرىزە تەرەپتە كورگەن قىز بولسا شەمسىيە بولۇپ ،يىغلاشتىن توختاپ بىزلەرگە ھەيرانلىق بىلەن باقماقتا ئىدى،
  -شاكىرنى خىيالىڭغا ئەكەلگۇچى بولما شەمسىيە ،ئۇنى مېنىڭ ئالدىمدا سويگىنىڭمۇ ماڭا قىلغانلىرىڭغا يىتىپ ئاشىدۇ.بۇرۇنقى ئاداۋىتىمىزنى چورۇپ تاشلىساممۇ شاكىرنى سويگۇنىڭ ئۇچۇن چوقۇم بەدەل تولەيسەن.
  -بولدى قىل ئايگۇل ،قايسى چاغدىكى رەسۋالىقلارمۇ يىتىپ ئاشىدۇ ،-غەزەپ كۇچىدىن ئۇنى قىز  بالا كورمەي تەستىگىگە سېلىش ئۇچۇن كوتۇرگەن قوللۇرۇم شەمسىيەنىڭ تۇتىۋېلىشىغا ئۇچرىدى،ئۇنىڭ كوزىگە قارىدىم،ئۇ ياق دىگەندەك بېشىنى چايقاپ تۇراتتى.
  -ئەركەك بولغاندىكىن سالمامسەن،جاناننىڭنىڭ ھاقارەتكە ئۇچرىشىغا چىدىمىغان بولساڭ ئۇرىۋەر،ئەمما بىلىپ قويغىنكى سېنىڭ ھەر بىر تايىغىڭ ئوز يولىڭغا قويغان توساق بولۇپ ،ئوزۇڭگە يانمىسا ، سەن شەمسىيەنى سويگىنىڭدەك  مەنمۇ بىر ئىشەكنى سويۇپ بىرىمەن ساڭا،-ئۇنىڭ بۇنچە ھازازۇل ئىكەنلىگىنى بىلمىگەن ئىكەنمەن .ئۇنىڭدىن قورقۇشقا باشلىدىم.
    -مۇشۇ ئايروپىلاندا ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىپ، مۇشۇ ئورۇنغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن قانچىلىك كۇچۇگۇنۇمنى بىلسەڭلار مېنىمۇ بوش چاغلىماستىڭلارغۇ دەيمەن.بىلىپ قويۇڭلار  كېيىنچە تېخى ئۇچىمىز بىر سىنىپتا ئوقۇيمىز ،شەمسىيە بىلەن مەن بىر ياتاقتا ياتىمەن ،نوچى بولساڭلار مۇشۇنى بىر بۇزۇپ بېقىڭلار ،شۇ چاغدا سىلەرنى نوچىكەن دەپ يول قويىمەنمۇ تېخى  ھى ھى ھى ،-ئۇنىڭ كۇلكىسى ئايروپىلاننى بىر ئالدى.
   -ئايگۇل سەن نىمىلا دىمە شاكىر بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدا ياخشىلىنىش بولىدۇ دەپ ئويلىما ،سۇنغان  شاخنى ھېچ بىر كىشى ئۇلىيالىغان ئەمەس ،سەن بىلەن بىر ياتاقتا يېتىپ بىر سىنىپتا ئوقۇش خىيالىمغا كىرىپ چىقمايدۇ،چۇنكى مەن بارلىغىمنى "ئاللاھقا"تاپشۇرغانمەن،ئاللاھنىڭ خالىغىنىدىن باشقا قولىڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ .خالىغىنىڭنى قىلىۋەر،-شەمسىيەنىڭ ئاۋازى بوغۇلاپ چىقىۋاتاتتى..
  -ئاللاھنىڭ خالىغىنىدىن باشقا قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ دەيسەنۇ،شاكىر بىلەن ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرسىدا ياخشىلىنىش بولمايدىغانلىغىغا ئىشىنىدىكەنسەن شەمسىيە،سېنىڭچە ئاللاھ شاكىر بىلەن ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاشقا ياكى مەن بىلەن شاكىرنىڭ بېشىمىزنى ئوڭلاشقا قۇربى يەتمەمدىغاندۇ .قەنى ئەيتمامسەن ،مۇشۇ سۇئالىمغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بەرسەڭ ،شاكىر بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى پۇتتۇرۇپ بىرەلىگەن ئۇ ھەق ئىگىسىگە مەنمۇ ئىمان ئەيتىپ ،ناماز باشلىغان بولاتتىم،-بۇ جىنتەكنىڭ بۇنچىلىك گەپكە ئۇستىلىغىنى ،شەمسىيەدەك بىر قىزنى ئوزى چۇشەنمەيدىغان دىن ئىشىدىمۇ تۇتىۋالىدىغىنىنى بىلمەمپتىكەنمەن.
  -مەن خاتا سوزلەپ قويۇپتىمەن ،كەچۇر ئايگۇل  دىگىنىڭدەك ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ .ئۇ خالىسىلا ئىككىڭلارنىڭ ئىشى پۇتىدۇ ،خالىمىسا مەڭگۇ مەخسىدىڭگە يىتەلمەيسەن،-شەمسىيە ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى قەستەن يۇشۇرۇپ ئاتلاپ ئوتۇپ كەتتى،ئايگۇلمۇ بىلىپ تۇرسىمۇ ئوزى ئۇچۇن ئاڭلاشنى خالىمىغان گەپلەرنى ئاڭلاشنى خالىمىدى بولغاي سۇرۇشتۇرۇپ يۇرمىدى.شەمسىيەنىڭ بۇ سوزى مېنى قەۋەتلام خوش قىلدى ،شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭغا باقتىم ،ئۇنىڭ يۇزى بىلەكچە قىزارغان ئىدى.
   يۇرۇگۇمنىڭ سېلىشى ئوزۇمگە بىلىنمەكتە ،شەمسىيەنىڭ بەدىنىمگە تىگىۋاتقان تەرەپلىرىدىن ئوت بولۇپ يانسام ،ئايگۇل تەرەپتىن توڭلىماقتا ئىدىم.كوزلۇرۇمنى يۇمۇپ ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قولاق سالماي ئوزۇمنىڭ ھوزۇرى ۋە ئازاۋىنى تارتىشقا تۇتۇش قىلدىم...
                                                             3
   مەكتەپكىمۇ كېلىپ ئورۇنلىشىۋالدۇق،ئايگۇلنىڭ دىگىنىدەك مەن يالغۇز ،شەمسىيە بىلەن ئايگۇل بىر ياتاققا ئورۇنلاشتى.ئۇلارنى ئايرىم ياتسۇن دىسەك مەكتەپ خوجۇلۇق بولىمىدىن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ،بۇمۇ سىلەرگە  كوڭۇل بولگەنلىك ،ئايرىم ياتىمىز دىسەڭلار سىرىتتىن ياتاق ئىزلەپ بېقىڭلار دىگەن جاۋاپقا ئىرىشىپ قولايسىز بولىشىدىن ئەنسىرەپ ئىككى رەقىپ بىر ياتاققا چۇشتى.
  كۇنلىرىمىز  زىركىش ئىچىدە ئوتمەكتە.مەن شەمسىيەنى قوغلايمەن ،ئايگۇل مېنى،مەن ئايگۇلدىن بىزار ،شەمسىيە مەندىن بىزار،ئايگۇل بولسا شەمسىيەدىن بىزار.رەقىپلەر تار يولدا ئۇچرۇشۇپتۇ دىگەندەك ئۇچىمىز  بىر مەكتەپ ،بىر سىنىپ يەنە كېلىپ ياتىغىمىزمۇ يېقىنلام ،تامىغىمىز بىر ئاشخانىدا .ئادەم  بۇنداق ياشىسىمۇ بەك قىززىق بولىدىكەن. ئالىيىش ،تويماي بېقىش ،يۇشۇرۇن قاراشلار ئىچىدە كۇنلىرىمىز مەنىسىز.
   بۇرۇختۇملۇقتا ياشىغاچقىمۇ دەرىس دىگەن نەرسە كاللىمىزغا چۇشمەيدىكەن.بىزنىڭ تىلىمىز يولداشلارغا باققاندا چەتئەل تىلىغا ياخشى كەلسىمۇ  ھېچ ئۇلاردىن ئېشىپ كىتەلمەيۋاتاتتۇق.بىر كۇنى ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ دەشنامىنى ئىشتىپ چىقىپ بىر سىنىپتا ئوقۇۋاتقاندىن بويانقى تۇنجى باش قوشۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇق.تۇنجى بولۇپ ئايگۇل سوز ئالدى،-
  -ئوزۇمدىن نومۇس قىلىۋاتىمەن،ھەرقانچە بولسىمۇ زىدىيىتىمىزنى سىنىپقا سورەپ كىرسەك بولمايتتى،-ئۇ شەمسىيەگە دارىتمىلىدى.
  -شۇنداق نومۇس دىگەننى بىلمەيدىغانلارغا ھەمرا بولۇپ ،مەنمۇ دوراپ قالدىمغۇ دەيمەن،-شەمسىيە ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرىۋەتتى.
  -بولدى قىلىشىڭلار،نىمانچە توگىمەيدىغان ئاداۋەت بۇ،ئوتتۇراڭلاردا زادى توگىمەيدىغان نىمىمۇ بار بولغۇيدى ؟
  -سىز ،بىلمەمسىز شاكىر ؟،-ئىككىلىسى تەڭلام سوراپ كوزۇمگە مىختەك قادالدى،يۇزلۇرۇم ئوتتەك قىزىرىپ گەپمۇ قىلالمىدىم.
  -مەسئۇلىيەت سۇرۇشتۇرۇشمەي،زىدىيىتىمىزنى ھازىرچە بولسىمۇ بىر چەتكە قايرىپ قويساق بولماسمۇ ؟،-ئايگۇل ئوزىدىكى ئەيىپنى يوگەش ئۇچۇن ئالدىن يول قويغان بولماقتا ئىدى.
  -بولىدۇ ،بىلىم ئېلىش ئۇچۇن كەلگەن ئىكەنمىز ھازىرچە ئاداۋەتنى قويۇپ تۇرايلى،ئەمما سېنىڭ ماڭا قىلغانلىرىڭنى كەچۇرىۋەتتى دەپ قالما ئايگۇل،-شەمسىيە ئايگۇلگە يول قويىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
  -ئىككىڭلارنىڭ ئەپلىشىپ قالغىنىڭلارنى كورۇپ بەك خوش بولدۇم ،بوگۇن سىلەرنى مەن مېھمان قىلاي،-خوشامەت سوزۇم ئۇلارغا ياقمىدى بولغاي،-
  -ئىشىڭىزنى قىلىڭ،بىزنى مېھمان قىلماي،-بۇ ئىككىسىنىڭ ئېغزىدىن ئىككى قېتىم تەڭلام ئوخشاش سوزنىڭ چىقىشى ھەيرانلىغىمنى ئاشۇرماقتا ئىدى.
   كوپ ئويلاشنىڭ ھاجىتى يوق ،خاپىلىقتا ئۇلارغا ھومۇيۇپ قويۇپ ياتاق تەرەپكە ماڭدىم،-
  -نەگە،-ئايگۇل چاقىرىدى.
  -ياتاققا ،سىلەرنىڭ سېسىق گەپلىرىڭلارنى ئاڭلىغۇچە ئىشىمنى قىلاي،-يولۇمنى داۋاملاشتۇرماقچى ئىدىم،-
  -مېھمان قىلماقچى ئىدىلىغۇ چىرايلىق غۇجام،-شەمسىيەنىڭ رەسۋالىغىمدىن كېيىنكى ماڭا قىلغان تۇنجى سوزىنى ئاڭلاپ،قولىغۇمدىن چاتاق چىققان بولمىسۇن دەپ قولىغۇمنى كوچۇلىدىم.
  -قولاقلىرىدا چاتاق يوق،دىللىرى مايماق،ئىككىمىزدە چاتاق يوق،ئوزلىرى نايناق،-ئايگۇلمۇ شەمسىيەنىڭ ماڭا گەپ قىلىۋاتقانلىغىدىن ھەيران بولدىمۇ،غىلجىڭلاپ يۇرۇپ ،قوشاق قاتتى.
   قىزلارنىڭ كوڭلىنى چۇشەنمەك نىمە دىگەن تەس،شەمسىيەنىڭ كۇنلىكى كىلىۋاتسا كىرەك،ئاداۋەتنى قايرىپ قويۇپ ،-
  -ئەمىسە ئوزلىرى دىگەن بولغاندىن كېيىن بوگۇنكى تامىغىمىز ئەپەندى رىستۇرانى بولسۇن ،تاكسى پولىمۇ ئوزلىرىدىن ،تىز بولسىلا تاماق يەپ بولۇپ ئوگۇنىش قىلمىساق بولمايدۇ،ئەتىدىن باشلاپ ئوگۇنىشتە رىقابەتلەشمىسەك بولمايدۇ،كىمنىڭ نوچىلىغىنى ئوگۇنىش بەلگۇلىسۇن،-دىدى.
  -بولىدۇ، بىر مەزگىل بېشىڭ ساق بولىدىغان بولدى شاكىر.ئەمما دىققەت قىل. مەن خاپا بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولارسەن ،بولمايدىكەن ئوگۇنىش دىگىنى قۇرىسۇن،-ئايگۇل بارماقلىرى بىلەن ئىڭىگىمنى ئىلىپ قويدى ۋە،-
  -شەمسىيە سەن ئوزۇڭنى بەك ئەقىللىق چاغلىغاندىكىن ئوگۇنىشتە بەسلىشىپ شاكىرنى بىر تالاشمامدۇق،سەن يېڭىۋالساڭ شاكىرنى ساڭا قوش قوللاپ ئوتۇنەي،-ئۇنىڭ يەنە ساراڭلىغى تۇتۇپ مېنى قىماردىكى بىر پىشكا كورەۋاتاتتى،غەزىۋىم تۇتتى.
  -سەن مېنى نىمە كورىۋاتىسەن ،ھىسسىيات دىگەن نەرسە يوق بۇت كورىۋاتامسەن.ئۇتىۋالساملا  مېنى كەچۇرىدۇ دىمىگىن.زىدە بولغان يۇرىگىمدىكى يارا ساڭا مەڭگۇ نەپرەتلام  قوزغايدۇ ،خىيالىڭدىن تىزراق يانساڭ بولارمىكى،-ئاچچىق يۇتىۋېلىپ سوزلىيەلمەي قالدىم.
  -ھازىرلا زىدىيەتلەرنى چورۇپ تاشلاپ ئوگۇنىشكە ئاتلىنايلى دىيىشمىگەنمىدۇق،بولدىلا بۇنداق قۇرۇق گەپلەرنى قىلىشماي تاماققا بارايلى،بۇندىن كېيىن تىكىشىش دىگەننى ئېغزىغا ئالغاننى كورسەم ،مەندىن رەنجىمەڭلار،-شەمسىيە تەددى بىلەن خىتاپ قىلغاچقىمۇ ئىككىمىز ئېغزىمىزنى يۇمۇشقا مەجبۇر بولدۇق.
        كۇنلىرىمىز ئۇگۇنىش يەنە ئۇگۇنىش بىلەن ئوتمەكتە،بىر بىرىمىز بىلەن رىقابەت ۋە تولۇقلاش ئاساسىدا،چىقىشىپ قالدۇق دىسەكمۇ بولىدۇ.ھېچ بولمىسا بىرە سوزلۇك سوراش بانىسىدا شەمسىيە بىلەن سوزلىشىۋالىمەن.ئۇمۇ  بۇنداق چاغدا ئارىمىزدا ھېچقانداق ئاداۋەت بولۇپ باقمىغاندەك ماڭا قېتىقىنىپ چۇشەندۇرىدۇ.ئايگۇلمۇ مەندىن بىلمىگەنگە سېلىپ بىلگىنىنىمۇ سورايدۇ .مەنمۇ چاندۇرماي چۇشەندۇرگەن بولىمەن.بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ماڭا بولغان سۇركىلىشلىرى تېخىمۇ كوپەيمەكتە.بىزار بولساممۇ چىداشقا مەجبۇرمەن .چۇنكى ئۇ دىگەن بىر يىلان،دىققەت قىلمىدىممۇ چاقماي قويمايدۇ،ئۇ چاقتىمۇ ھازىرقى شەمسىيە بىلەن بولغان يېقىنلىغىمنى نەگە ئاپىرىپ تاشلايدۇ ئۇ ماڭا قاراڭغۇ ،شەمسىيەنىڭ كوڭلىنى تا بۇگۇنگىچە بىلەلمىدىم.
   كۇنلىرىمىز خېلى ياخشى مەنىلەرگە تولۇپ ئوتىۋاقان بۇنداق چاغلارمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالدى.چۇنكى يېرىم مەۋسۇملۇق ئوقۇش توشۇپ قىشلىق تەتىل باشلىناي دەۋاتاتتى.بىر كۇنى پۇرسەت چىقىرىپ شەمسىيەدىن سورۇدۇم،-
  -مېنى كەچۇرەرسەنمۇ شەمسىيە،-ئۇ كوزلۇرۇمگە تازا سەپ -سېلىپ قاراپ،-
  -سېنىڭچىچۇ شاكىر،-دەپ سۇئالغا سۇئال بىلەن جاۋاپ بەردى.
  -ئاللاھمۇ توۋۋە قىلغان بەندىسىنى كەچىرۇدىكەن،سەن كەچۇرەلمەسسەنمۇ ؟.
  -شۇنداقمۇ ؟ئەمما ئاللاھ ئوزىگە شىرىك كەلتۇرگەننى مەڭگۇ كوچۇرمەيدۇ،مەنمۇ شىرىك مۇھاببەتتىن بىزار شاكىر.
  -مەن ساڭا بولغان مۇھاببىتىمنى شىرىكتىن ساقلىيالماسمەنمۇ ؟،- دىدىم مەن.
  -بۇنى ئوزۇڭدىن،ئايگۇلدىن ،ئاخىرىدا ئاللاھتىن سورا نىمە دەيدىكىن قەنى؟،- شەمسىيە ئەمدى گېپىم توگىدى دىگەندەك قېشىمدىن ئايرىلىش ئۇچۇن مېڭىشقا تەمشەلدى.
  -بولىدۇ ،ئالدى بىلەن ئوزۇمدىن سوراي،سەن ئايگۇلنى سويەمسەن ؟ياق،ياق ياق...،-ئۇنلۇك توۋلىدىم مەن.
  -سەن شاكىرنى سويەمسەن؟شۇنداق ،شۇنداق ،شۇنداق...،-نەلەردە ماراپ يۇرۇپ پەيدا بولدى بۇ جىن گېپىمىزنىڭ بىلىگە تەپتى.
  -ھى ھى ھى،-شەمسىيە كۇلگەن پېتى قانداق دىگەندەك ماڭا مەنىلىك قاراپ قويۇپ قېشىمىزدىن ئايرىلدى،مەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشمەك بولۇپ قوزغۇلىۋىدىم،ئايگۇل يولۇمنى تورىدى.
  -نەگە،مېنىڭمۇ سىزدىن سورايدىغانلىرىم بار،-ئۇ بارماقلىرى بىلەن يۇرۇمگۇم ئۇستىگە نوقۇپ مېنى توختۇتۇپ قويدى.شەمسىيەگە قارىدىم،ئۇ كەينىگە قاراپمۇ قويماي كىتىپ باراتتى.
  -تىز سورا ،نىمە گېپىڭ بار ئىدى،-دىدىم مەن.
  -نىمە گەپ بولاتتى،قايسى كۇنكى شەمسىيە بىلەن ئۇگۇنىشتە تىكىشەيلى دىگىنىم يادىڭدىمۇ،-ئۇ يەنە كوڭلىگە نىمە رەزىللىكلەرنى يۇشۇردى يەنە شۇ تىكىشىش دىگەن رەسۋالىقتىن سوز ئېچىۋاتاتتى.
  -يەنە نىمە قىلاي دەيسەن ؟،-دىدىم مەن .
  -نىمە قىلاتتىم،شۇ سوزۇم كۇچكە ئىگە بولسىكەن دىگەن ئۇمۇتتىمەن.سەن ياكى شەمسىيەدىن بىرىڭلار مەندىن ياخشىراق نەتىجىگە ئىرىشسەڭلار،مەن ئوقۇشۇمنى تاشلاپ كىتەي ،كوزۇڭگە ئىككىنجى كورۇنگىچى بولماي،ئەمما مەن ئۇتسام سەنمۇ تەن بەر،-بۇ گەپلەرغۇ ماڭا تازا ياقتى،بۇ جىندىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاسانلام چارىسى ئىدى.بىراق ئۇتۇشقا كوزۇم ئېلەمدۇ،ئۇتقان تەغدىردىمۇ  شەمسىيە ئىلگىركى تىكىشىش جىدىلىنى ئۇنتۇپ كىتەلمىگىنىدە،مۇھابباتنى يەنە دوغا تىككىنىمنى بىلسە ئاخىرىنى ئويلاشقا پېتىنالمىدىم.
  -ئومۇدىڭنى ئۇز ئايگۇل،مېنىڭ سېنى ياخشى كورىشىم ئەسلا مۇمكىن ئەمەس،بىر قېتىم تىكىشىپ بۇرنۇمغا يىگىنىم تېخى يادىمدىن كوتۇرۇلگىنى يوق.ئىشەك جېنىدا بىر قېتىم سېپىلغان كورۇكتىن ئىككىنجى ئوتمەيدۇ.
  -ئاسان يولنى دىسەم كونمىدىڭ ،ئىلگىرى دىگىنىم يادىڭدىن كوتۇرۇلمىسۇن.مېنىڭ قولۇمدىن ھەر بالا كېلىدۇ،بوگۇنكىدەك ئىككىڭنى يالغۇز ئۇچۇۇرتۇپ يۇرمەي،قالدى گەپنى يۇرتقا بارغاندا دىيىشەرمىز .مېنىڭ سېنى قولغا كەلتۇرەلمەسلىگىمگە پەقەت ئىشەنمەيمەن،يولىمىزدا نۇرغۇن پۇرسەتلەر بار تېخى،-ئۇ ئىڭىگىمنى ئوبدان بىر چىمدىپ قويۇپ كىتىپ قالدى.ئويلۇنۇپ قالدىم،بۇ جىننىڭ قولىدىن دىگىنىدەك ھەر  بالالار كىلەتتى.ماڭا ئورا كولىسا مەيلىغۇ،شەمسىيەگە قەست قىلىپ يۇرمىسە بولاتتىغۇ ئاخىر.
  ئايگۇلنىڭ بۇنچە يۇقۇر نومۇر ئالغىنىنى كورۇپ ھەيران قالدىم.مەندىن سوراپ يۇرگەنلىرى پەقەتلام ماڭا سۇۋۇنۇش ئۇچۇن ئوينىغان ئويۇنلىرىكەندە.مەكتەپ بويىچە بىرىنجى بولغان ئىدى.شەمسىيە ئىككىنجى بولغان بولسىمۇ مەن خېلى كەينىدە قالغان ئىدىم.ياخشىمۇ جىنتەكنىڭ قىلتىغىغا چۇشۇپ كەتمەپتىمەن.ئاللاھنىڭ يامان يەردە مېنى قوغدىغىنىغا مىڭ شۇكرە..
                                                                   4
   يەنىلا ئۇچۇلىمىز بىر ئايروپىلاندا ئۇرۇمچىگە قايتىشقا مەجبۇر بولدۇق.ئايگۇلنىڭ مەكتەپتە بىشەڭلىك قىلمىغىنىغا قاراپ خېلى تۇزۇلۇپ قالغان بولسا كىرەك دەپ ئويلاپتىكەنمەن،مانا ئۇنىڭ رەزىللىكى يەنە نامايەن بولۇشقا باشلىدى.
  -شەمسىيە مەكتەپتە يۇۋاشلىق قىلىپ گەپ قىلمىغىنىمغا قاراپ مېنى شاكىردىن ۋاز كەچتىمىكىن دەپ قالما،قەنى قانداق قىلىشاركىن دەپ كورۇپ باققان ئىدىم ،مەندىن راسلام ئېھتىيات قىلدىڭ.شۇنى دەپ قويايكى مۇشۇ ئېھتىيات ئۇستىدە بىر ئومۇر تۇرمايسىكەن ئىلگىركى قىلغانلىرىمنى ئۇنتۇپ قالما،-ئۇ گېپىنىڭ مۇشۇ بولىگىگە كەلگىنىدە مېنى ئاڭلاۋاتامسەن دىگەندەك ماڭا قاراپ قويدى.
  -ياخشىمۇ ئۇرۇمچىدە قالىدىغان بولۇپسەن،ئەگەرچەندە يۇرتقا قايتىدىغان بولغان بولساڭ ئىلگىرى تىكىشىپ ئۇتالمىغىنىمنى سېنى رەسۋا قىلىپ بولسىمۇ ئۇتقان بولاتتىم.بىلىپ قوي شاكىرغا سېنى يولۇقتۇرغان مەندەك بىر ئەخمەقتىن دۇنيادا يەنە بىرى بولماس.ئەسلى ئۇنىڭ بىلەن تىكىشىمەن،نوچىلىغىنى يەرگە ئۇرىمەن دەپ يۇرمىگەن بولسام ئۇنىڭ ئاللا بۇرۇن مېنىڭ قوينۇمدا ياتقىنىنى ساڭا كورسەتكەن،سەندەك رەسۋالىغىدىن يۇرتقا پاتماي شەمۇ -شە  قېچىپ يۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان ،ئىلگىرى قىلغانلىرىنى  يۇشۇرۇش ئۇچۇن توت توقامنى ئۇشۇق ئارتىۋېلىپ مەن دىگەن ئىپپەتلىك قىز  دەپ باشقىلارنى ئازدۇرۇپ يۇرۇيدىغان زامان بۇزۇقلىرىنى قىلغىنىغا تويغۇزىمەن دىمىگەن بولسام ،ئوزۇم سويگەن يىگىتتىن دەشنام يىسەممۇ ،بەش نان يىگەندەك ھوزۇرلىنىپ يۇرمەس ئىدىم ،شەمسىيە...،-ئۇنىڭ زۇۋانى شەمسىيەنىڭ كىلىشتۇرۇپ سالغان بىر شاپىلىغى بىلەن ئوچتى.
  -ئايگۇل ئىلگىركى قىلغان رەسۋالىقلىرىڭنى يادىمغا سالغۇچى بولما،ئىنسان دىگەن رەزىل بولا سەنچىلىك بولماس ،ھېلىمۇ قىلغانلىرىڭغا سۇكۇت قىلىپ كەلدىم.بورۇنقى رەسۋالىقلىرىڭنى شاكىردەك ئاشىقىڭ ئۇقۇپ يۇرمىسۇن دىسەڭ ئېغزىڭنى يېغىپ يۇر.
كىمنىڭ قانچىلىك ئىنسانلىغىنى ئاللاھنىڭ بىلگۇچىلىگى بار.گەپ قىلماي يۇرسەم گاچا چاغلاپ يۇرمە.شاكىرنىڭ ئويغۇنىۋاتقان ئىمانىنى دىمەيدىغان بولسام ،ئۇنىڭ قىلغانلىرى ئۇچۇن سەندەك بىر تېپىلماس تالانىت ئىگىسىگە تازا ماس كېلىدىغان بىر جۇپلەردىنكەن دەپ سىلەرنى جۇپلەپ قويۇشقا بارچە ئامالنى قىلغان بولاتتىم.بىراق ئاللاھ چوكۇپ كېتىۋاتقان كېمىنى قۇتقۇزىۋالغانلارنى بارچە ئىنسانلاردىن ئارتۇق كورگىنى ئۇچۇن ،مەن شاكىردەك ئوز يولىنى ئىزلەۋاتقانلارغا يول كورسۇتۇشنى ئوز مەجبۇرىيىتىم دەپ قارايمەن خالاس،بىراق ئىسىڭدە بولسۇنكى شاكىرنى ھەرگىزمۇ ئوزۇمنىڭ مەڭگۇلۇك ھەمرايى بولالايدۇ دەپ قارىمايمەن،-ئۇلارنىڭ جىدىلىنىڭ تېخىمۇ ئۇلغۇيىشىنى،جىدەل ئارىسىدا مەن بىلمەكچى بولغان سىرلارنىڭ ئېچىلىشىنى ئومۇت قىلغىنىم ئۇچۇن سوكۇت قىلماقتا ئىدىم.
  -ئۇر شەمسىيە ئۇر ،ئوڭ  تەستىگىمگە سالدىڭ .مانا ماۋۇسى سول تەستىگىم ،ئەمما بىلگىنكى تەتىلدىن يېغىلغاندا تەستىگىڭنىڭ ئىزىدىن شاكىرنىڭ لەۋ ئىزىنى كورمەيدىغان بولسەڭ...،-ئۇ شۇنچىلىك چاققانلىق قىلدىكى مەن تۇيۇپ بولغىچە بوينۇمغا گىرە سېلىپ مېنى سويىۋالدى،يۇزۇمنى ئەپ قېچىشقىمۇ ئۇلگۇرمىدىم .پۇتۇن زېھنىم ئۇلارنىڭ جىدىلىدىن ئۇقماقچى بولغان ئۇچۇردا  قالغان ئىدى.
  قاتتىق سىلكىشلەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم .نومۇستىن يۇزۇم ئوت ئالدى.ئوزۇم سويگەن ،كىچە -كۇندۇز خىيال قىلىۋاتقان مەشۇغىنىڭ ئالدىدا باشقىلار تەرىپىدىن سويۇلىشتىن خىجالەت ئىش بولمىسا كىرەك.پۇت -قولۇم تۇرمۇزلاندى. تىلىم تۇتۇلدى.
  -كورگەنسەن مانا بۇ سېنىڭ سالغان تەستىگىڭ ئۇچۇن قايتۇرغان جاۋابىم.بۇندىن كېيىن قولۇڭنى يىغىپ يۇرۇشنى ئۇگۇتۇپ يۇرمىسەممۇ بولار،-ئارىمىزدا سۇكۇت.ئايروپىلان ئۇرۇمچى ئايرىپورتىغا چۇشۇپ ئۇلاردىن ئايرۇلغىچە شەمسىيەنىڭ چىرايىغا قاراشقىمۇ پېتىنالمىدىم ،شەمسىيە تەتىلنى ئۇرۇمچىدا ئاتا -ئانىسى بىلەن ئوتكۇزۇش ئۇچۇن ،ئايگۇل ئىككى-ئۇچ كۇن شەھەر كورىمەن دەپ ئۇرۇمچىدە قېلىپ قالدى.مەن يۇرتقا قايتىش ئۇچۇن ئايروپىلان ئالمىشىمەن دەپ ئايدىروم كۇتۇش زالىدا قالدىم .ئايرىلىش ئالدىدا ئايگۇل ئازراق ئەركىلىمەكچى بولغۇنىدا مېنىڭ ئەلپازىمنىڭ يامانلىغىدىن ئەنسىرىدىمۇ سۇغلام خوش دىدى.شەمسىيە بولسا مېنىڭچە- ماڭا قاراپمۇ قويمىدى بولغاي ئالدىغا چىققان كىملەردۇر بىلەن كىتىپ قالدى. بەلكىم ئاتا - ئانىسى  بولسا كىرەك. ئۇلارنى كورۇشكىمۇ يۇزۇم چىدىمىدى.شۇڭلاشقا قاراشقا پېتىنالمىدىم.
                                                       5
   يۇرتقا قايتىپ ئاتا -ئانا ،  ئۇرۇق -تۇققانلار بىلەن كورۇشكەن بولساممۇ كوڭلۇم پەقەت خوش ئەمەس.بىر نەرسىسىنى يوقۇتۇپ قويغان ئادەمدەكلام يۇرۇيمەن.
   سىرنىڭ يىشىلىشىنى بەكمۇ ئومۇت قىلىمەن .ئايگۇل كېلىپ بولغىچە روشەنگۇلدىن گەپ ئېلىش ئۇچۇن ئۇنىڭ ئويىگىلام باردىم،چۇنكى ئۇمۇ يېرىم يىل بورۇنقى ھېلىقى كۇنى كېلىشىمدە ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن تېلىفۇنىنى ئېتىۋېتىپ خىزمەتكىمۇ بارمىغان ئىدى.
   ئەپسۇس ئۇ ئويىدە يوق ئىدى.خىزمەتكار ئايال ئۇنىڭ قەيەردىكىلىگىنى دەپ بەرگىلى ئۇنىمىدى.مەيۇس ھالدا قايتىۋاتسام ئېسىل ماشىنىدىن بىرى قېشىمدا توختاپ باي ئاكام ماشىىنا دەرىزىسىدىن مېنى چاقىرىدى.
  -كەل شاكىر .سېنى كەپتۇ دەپ ئاڭلاپ ئويۇڭگە باراي دەپ تۇرغان ئىدىم.ئوزۇڭنى ئۇچۇرتۇپ قالغىنىممۇ ياخشى بولدى،-ماشىنىغا چىقىپ تىچ-ئامانلىق سورىشىپ كورۇشتۇم.
  -سىلەر ئوقۇشقا كىتىپ روشەنگۇلنىڭ خىزمەتكە رايى بارماي،تىل ئوگۇنىمەن دەپ چەتئەلگە چىقىۋالدى،-دىمىسىمۇ باي ئاكىمىز رايۇنىمىزغا مۇھاجىر ھىساپلىناتتى.
  -ئۇنداقتا قايتىپ كىرمەيدىكەندە،-سىرلارنىڭ سىر پېتى قېلىشى مېنى بىيئارام قىلىپ ئالدىراپ سوراپتىمەن.
  -كىرىدۇ،كىرىدۇ،شۇ سەن بارغۇ ئوغلۇم كىر دەپلام چاقىرساڭ قايتىپ كىرەتتى.شۇنداق بولسا مېنىڭمۇ كوڭلۇم ئەمىن تاپاتتى،-باي ئاكىمىزنىڭ ھەقىقەتەن بېشى قاتقان بولسا كىرەك ماڭا يالۋۇرغاندەك ،ئوتۇنگەندەك قاراپ تۇراتتى.
  -قانداق ئالاقىلىشىمەن،-مەنمۇ ئوزۇمنىڭ ئۇنىڭغا ھاجەتمەن ئىكەنلىگىمنى بىلەتتىم.باي ئاكىمىز قانداق ئويلۇسۇن مەن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشمىسام بولمايتتى.
  -بار ،بار ئوغلۇم مانا تىلىفۇن نومۇرى،-ئۇ بىر ئىسىم كارتوچكىسىنى قولۇمغا تۇتقۇزدى،قولۇمنى قويىۋەتمەي،-
  -شاكىر دۇنيالىقتا بىرلام قىزىم بار،ئۇ يۇرتقا قايتقىلى ئۇنىمىسا مېنىڭمۇ يۇرتنى،ئىگىلىگىمنى تاشلاپ ئۇنىڭ قېشىغا قايتماقتىن باشقا يولۇم يوق،ئوتۇنۇپ قالاي ئۇنى گەپكە كىرگۇزەلەيدىغان پەقەتلام سەن بار.ماڭا ياردەم قىل.كەلگۇسىدىكى بارلىغىم سىلەرگە تەئەللۇق،-ئۇنىڭ كوزىدىن ياش تامچىلىدى.
  -مەنمۇ بىر ئامالىنى قىلاي.
  -بولىدۇ ئەمىسە ھەممە ئىشلارنى ساڭا تاپشۇردۇم،يەنە بىر گەپ ئايگۇلدىن ئوزۇڭنى تارت،ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ پوقىغا تېيلىپ كەتمە،-باي ئاكىمىزنىڭ بۇ گەپلىرىنىڭ تېگىدە گەپ بار ئىدى.ئەمما سوراشنىڭ ئوزى بەك ئەپسىز.شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن مېنىڭ نىمە ئىشىم بولاتتى.باي بىلەن خوشلاشتىم بىراق باي ماڭارىمدا،يېنىدىن بىر تىلىپۇن چىقىرىپ،-
  -شاكىر خالىغان تىلىپۇندا چەتئەلگە تىلىفۇن ئۇرغىلى بولمايدۇ .مۇنۇ تېلىفۇننىڭ ئۇ كەسىپلىرى تۇلۇق ئېچىلغان ،خالىغىنىڭچە ئىشلىتىۋەر،بىر يىللىق سوزلىشىش ھەققى ئالدىن تولىۋېتىلگەن،-ياق دىيىشكە ئامال بارمۇ ؟قوبۇل قىلدىم.
  ئويگە قايتىپ ھوجرامغا بىكىندىم.ئىسىم كارتوچكىدىكى نومۇرغا تىلىفۇن ئۇردۇم.
  -ۋەي...
  -خاللاۋ...،-بىر قىزنىڭ ئاۋازى گاڭگىرتىپ قويغان بولسىمۇ ئۇيغۇرچە سورۇدۇم.
  -روشەنگۇل بارمىدۇ ؟
  -ھى ھى ھى ...ۋاي سەنمىدىڭ شاكىر،روشەنگۇل بار ،سېنىڭ سەت ئاۋازىڭغا تەقەززا بولۇپ ئۇلتۇرۇپتىمەن ھازىر.
  -ۋۇت ساراڭ مەن شۇ دىسەڭ بولمامدۇ،قايسى چەتئەللىك جىنكىن دەپ تىلىفۇننى قويىۋەتكىلى تاس قالدىم دىسە.
  -مەن قايتۇرۇپ ئۇراتتىم .دادامنىڭ بۇ تىلىفۇنى سەندە نىمە ئىش قىلىدۇ.
  -نىمە ئىش قىلاتتى،قىزىمنى ساڭا بەردىم،پۇتكۇل ئىگىلىگىمنىمۇ ساڭا بەردىم ،بۇگۇندىن باشلاپ مەن دەرۋىش بولۇپ تەركى دۇنيا بولماقچى دەپ ھەممە نەرسىسىنى تاشلاپ بەردى ،-چاخچاق قىلدىم.
  -پوقۇڭنى يىگىنە،ئايگۇل بىلەن شەمسىيەدەك ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا سوقۇلۇپ پوقۇڭمۇ چىقىپ كەتكەندۇ ھەقاچان ،مېنى ئالغۇدەك ماغدۇرۇڭ بولاتتىمۇ سېنىڭ،ھى ھى ھى،-سەت ئەركىلەش.
  -بولدى ئۇلارنىڭ گېپىنى قويە ،ھەقىقەتەن قىسىلىۋاتىمەن،ياخشىمۇ ئايگۇلنىڭ پىشىنى كوتۇرىدىغان سەن يوق بولۇپ قاپسەن ،بولمىسا كونۇم تەس بولاتتىكەن.
  -ھى ھى ھى يامانلىقتىن بولسىمۇ سېغىنىپسەندە.
  -شۇنداق ماڭا قىلغان ئەسكىلىكلىرىڭلارنى ئويلاپ سەسكىنىپ ئولتۇرۇپ سېغىندىم دىگىنە.
  -ئادەمنى چېقىۋېلىشنى قاچاندىن بىرى ئوگۇنىۋالدىڭ ؟بۇرۇن قىز بالىدەكلام يۇرەتتىڭغغۇ ؟
  -يىلان بىلەن ياشاپ يىلاندەك بولسام كىرەك.
  -ئايگۇل چېقىپلام تۇرغان ئوخشىمامدۇ ؟
  -ياق دىيەلمەيمەن ،بىراق سەندىن بىلمىسەم بولمايدىغان بەزەن ئىشلار باتتى.شۇڭا ئۇ دوستۇڭنىڭ گېپىنى قويۇپ شۇ ئىشلارغا بىر قاۋاپ بەرسەڭچۇ ؟
  -ماڭىمۇ ھاجىتىڭ چۇشۇدىكەن ھە ،ھەقىچان شەمسيە بىلەن ئايگۇلنىڭ زىدىيىتى نىمە ؟شەمسىيە توختامنىڭ ئىشلىرىنى قانداق بىلدى دىگەندەك سۇئاللاردۇر.
  -ئوزۇڭمۇ ئەقىللىق ،سوزلىرىڭمۇ تاتلىق جۇمۇ.
  -شۇنداقمۇ غۇجام،ھاجەتمەن بولغاندا گەپلىرى بەك تاتلىقتە.
  -ياق راس دەۋاتىمەن.
  -ئېغزىمنى تاتلىق دىگىنە ئەمىسە.
  -شۇنداق ئېغىزىڭ بەك تاتلىق.
  -ھى ھى ھى شۇ قېتىم سويگۇنىڭدە سېنىڭمۇ ئېغزىڭنىڭ تاتلىقلىغىنى بىلگەن ئىدىم.
  -ئادەمنى چېلىۋاتقانمىدىڭ جىن.
  -چالدىم ئەمەس ،چىن يۇرەكتىن چىقىرىپ سوزلەۋاتىمەن،بىلسەڭ سېنىڭ سويىشىڭ مېنى يات بىر جىنىسنىڭ تۇنجى سويىشى شاكىر.تۇنجى قېتىملىغى دىگىنە.يۇرۇگۇمنى سۇغۇرىۋالدىڭ دىگىنە  شۇندىن بىرى.
  -ئەمدى سەن نىمە دەيسەن ،ئاغرىق بېشىمنى سەنمۇ ساراڭ ئىتەي دەمسەن.
  -ياق شاكىر .مەن ھەرگىزمۇ ئايگۇلدەك ساراڭ ئەمەس.ئوزۇمنى سويمەيدىغان بىرى بىلەن ياشاشنى ئارزۇ قىلىپ يۇرمەيمەن.شەمسىيە ئىسىل قىز ،ئۇنىڭ پىشىنى چىڭ تۇت.ئايگۇلدىن ھەزەر ئەيلە،- تىلىفۇندىن مىشىلداپ يىغلىغان يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى.يۇرۇگۇم پۇچۇلاندى،بىراق كوڭۇلنى ئىككىگە پارچىلىغىلى بولاتتىمۇ ؟
  -ساڭا رەخمەت روشەنگۇل،مېنى چۇشىنىدىغانمۇ ئادەم بار ئىكەن مانا.
  -چۇشىنىمەن شاكىر.سېنى چۇشەنمەي كىمنىمۇ چۇشۇنىمەن.سېنىڭ بىلمەكچى بولغانلىرىڭنى بىلگەن بولساڭ مېنى ۋە باشقىلارنى ھازىرقى چۇشەنگەنلىرىڭدىن باشقىچە تۇيغۇدا چۇشەنگەن بولاتتىڭ.
  -ئەمىسە ئەيتىپ بەرسەڭچۇ ؟
  -بۇ بەك ئۇزۇن ھىكايە ،تېلىفۇندا دەپ بولغىلى بولمايدۇ.مېنى قېشىڭغا تەكلىپ قىل،يېنىڭغا بېرىپ ئەيتىپ بىرىمەن،-قانداق قىلىمەن كەل دىسەم  ئوزۇڭ كەل دىگەن دەپ مەندىن مۇھاببەت تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالسا...ئايىغىنى ئويلاشتىنمۇ قورۇقتۇم.
  -مەن كەل دىمىسەممۇ كەلسەڭ بولىدىغۇ،بۇ دىگەن ئوزۇڭنىڭ يۇرتى.
  -يۇرتتا نىمە بار،يۇرتۇم دەپ دەرت يۇتۇپ ئوتەمدىمەن.ياق شاكىر سەن كەل دىمىسەڭ مەڭگۇ قايتىپ بارمايمەن .دادامغىمۇ ئۇچۇق دىگەنمەن.
  -خىجىل بولماي داداڭغا شۇنداق گەپلەرنى قىلىپ يۇردۇڭمۇ ؟
  -قانداق بولماپتىمۇ ؟ يۇرەكنى ئوزۇڭ زىدە قىلغان بولغاندىكىن ئوزۇڭ داۋاسىنى قىل.
  -مېنىڭ شەمسىيەنى سويىدىغىنىمنى بىلىسەنغۇ ؟ كوڭۇلنى ئىككىگە پارچىلىغىلى بولسا دەپ بەر ئەمىسە.
  -مەن سەندىن مۇھاببەت تەلەپ قىلمايمەن،پەقەتلام قېشىڭدىن قوغلىماي بىرگە ئوتكىلى قويساڭلام بولغىنى.
  -بۇرۇنمۇ ياخشى ئوتكەن .ھازىرمۇ شۇنداق ئوتسەك بولىدىغۇ .
  -شەمسىيە بىلەن ئارلىشىشىڭغا قارشى تۇرمايمەن ،بەلكىم سىلەرگە ياردەم قىلىشىممۇ مۇمكىن،ئەمما بۇرۇن ئايگۇل بىلەن بىرگە قىلغان شۇ ئىشلاردا مېنى كەچۇرۇپ يېنىڭلارغا تارتساڭلىلام،مېنىڭ سويگۇمنى توغرا چۇشۇنۇپ سېنى دائىم كورۇپ تۇرىشىمغا يول قويساڭلام بولىدۇ شاكىر.
  -بولىدۇ .شۇنداقلام بولسا مەن قارشى ئالىمەن ،شەمسىيە مېنى توغرا چۇشەنمەيۋاتقاندا سېنى توغرا چۇشۇنىڭ دەپ سوزلىسەم نىمە دەر ؟
  -ئۇنى ماڭا قويۇپ بەر،سەن ئۇچۇن ھەممىدىن كىچىشكە رازىمەن.
  -ئۇنداقتا قاچان قايتىسەن.
  -ئۇنى سېنىڭ بىلىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق.ئالدى بىلەن شەمسىيەنى تاپاي.ئۇنى كەلتۇرمىسەم بولمايدۇ،كېيىنچە ساڭا كىچىك خوتۇن شەمسىيەگە كۇندەش بولۇپ قالامدىمەن تېخى ھى ھى ھى...
  -ساراڭ،دولىتىمىزدە قانۇن بار .
  -شەمسىيەمۇ دىننى چۇشىنىدۇ،مەنمۇ ئىمان ئەيتتىم بۇ يۇرتتا...
  -يامان خىيالىڭدىن ئورگىلەي ،چەتئەللەردىمۇ شۇ يامانلىغىڭنى تاشلىماي يۇردۇڭمۇ؟
  -يامانلىق ئەمەس سېنى مۇشۇنداق چېلىپ يۇرسەم كوڭلۇم خوش يۇرىدىكەنمەن .ئاز كۇندىن كېيىن كورىشىشىمىزنى ئاللاھتىن تىلەيلى،سېنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم.خوش ئەمىسە.
  -ئاللاھقا ئامانەت.
  روشەنگۇلنىڭ گەپلىرى كوڭلۇمنى ئېچىپ قويدى ،بولۇپمۇ شەمسىيەنى" ئىسىل قىز  قولۇڭدىن چىقارما" دىگەنلىرىنى ئويلۇسام كوڭلۇم يايراپلام تۇرىدىغان بولدى.ئايگۇلنىڭ ئايروپىلاندا قىلغان سوزلىرىنى پەسكەشلىك بىلەن قىلىنغان توھمەت دەپ چۇشەندىم.
   روشەنگۇلنىڭ قايتىپ كېلىشىنى توت كوزلۇك بولۇپ كۇتمەكتىمەن.ئۇ كېلىپ ماڭا بۇدۇشقاقتەك چاپلاشسىمۇ ،ئۇنىڭدىن شەمسىيەنىڭ سىرلىرىنى بىلىۋالىدىغان ئىش بولسىلام باشقىسى كوزۇمگە كورۇنمەيدۇ.يەنە كۇتۇش باشلاندى.ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلسام ئالىدىغان ئادەم يوق.ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇ چەتئەلدىن ئايرىلغان ئىدى...

                                                              6
   روشەنگۇلنى ساقلاپ تاقىتىم -تاق بولدى ،ئەپسۇس ئۇ كەلمەي ئايگۇل يىتىپ كەلدى.
  -شاكىر كىيىملىرىم يارىشىپتىمۇ ،-دىدى  ئۇ كورىشە -كورۇشمەستە تىچ-ئامانلىقنق سوراشنىمۇ ئۇنتۇپ.
  -يارىشىپتۇ .خۇددى توزغىلام ئوخشاپ قېلىپسەن،-دىدىم مەن
  -توز بەك چىرايلىق ھە...،-ئوزىدىن پەخىرلىنىپ مودىللاردەك ئايلاندى ئۇ.
  -شۇنداق بەك چىرايلىق رەڭلىرىنىڭ سەرخىللىغىدا كوزلەر قامىشىدۇ ،ھازىرقى كىيىملىرىڭدىن كام دىگەندە ئون خىل رەڭ تېپىلغۇدەك.
  -سەنغۇ مەتۇ بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدىڭ،كىيىملىرىمنىڭ رېڭى توت خىلدىن ئاشمايدۇ بولمىسا،ئىچ كىيىملىرىمنىڭ رەڭگىنىمۇ قوشساڭ بەش خىل رەڭ تاپالمايسەن،ئىشەنمىسەڭ كورۇپ باقامسەن يا،-ساراڭلىقى تۇتتى ئۇنىڭ .سىرىت كىيىملىرىنى سېلىشقا باشلىدى.
  -پوق يىگەن ساراڭ نىمە قىلىۋاتىسەن،بۇ دىگەن ئوي،ھېلى بىكار ئاناملار كىرىپ قالسا نىمە قىلىسەن.
  -نىمە قىلاتتىم ؟شاكىر سالدۇرىۋاتتى دەپ قاراپ ئولتۇرىمەن شۇ  ھى ھىھ ھى...
  -نومۇس قىلە ،ھايا دىگەننى بىل ،-ئانامنى كىرىپ قالمىسۇن دەپ چاينى  ئوزۇم ئەكىرىش ئۇچۇن سىرتقا چىقتىم.ئاللاغا شۇكرى ئىشىك توۋىدە ئانام بىلەن دوقۇرۇشۇپ ئۇنى توسۇپ قالدىم،قولىدىكى چاينى ئېلىپ،- ئوزىمىزنىڭ شەخسى پارىڭى بار .بىزنى ئاۋارە قىلمىساڭ،- دەپ  تاپىلاپ قويۇپ ئويگە كىردىم.
  -شاكىر قارە ماڭا قانچە خىل رەڭدە ئىكەنمەن،-ئىشىك كەينىگە موكۇنگەن ئايگۇل مورەمدىن ئوزىگە تارتتى،جىددى بورۇلغىنىمدا قولۇمدىكى قىززىق چاي قولۇمدىن چۇشۇپ ئايگۇلنىڭ بەدىنىگە قۇيۇلدى.
  -ۋايجان ..ئانا...،-قاتتىق چىقىراشتا نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي قېلىپتىمەن،ئانام چىقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ تاپ بېسىپ كىرىپ بولدى.
  -نومۇس،نومۇس...،-ئانامنىڭ سالغان تەستىگى  بىلەن ھوشۇمنى تېپىپ تىپىرلاۋاتقان ئايگۇلگە قاراپ ئوزۇمنى تېخىمۇ يوقاتتىم،ھەقىقەتەن نومۇس  قىلغۇدەك ھالەت ،ئايگۇل پۇتۇنلەي يالىڭاچ ئىدى.
                                    *    *    *    *     *
   نەسچىلىك ئەمدى باشلىنىدىغان ئوخشايدۇ،ئۇنىڭ خېلى كوپ يەرلىرى كويگەن ئىدى.بولۇپمۇ ئككى لوتىسى بىلەن  كۆكسىنىڭ سىرتقى قىسمى پۇتۇنلەي كويگەن بولۇپ ،دوختۇرلار بەلكىم تىرە كوچۇرىشىمىز مۇمكىن دەپ ئادەمنى تېخىمۇ ئەنسىرتىپ قويدى.ئوزۇمنى ئاقلاشقىمۇ ئامال يوق .شەھەر  باشلىغىنىڭ ئالىيىشى،ئاتا - ئانامنىڭ تاپا تەنىلىرى ئچىدە ئايگۇلگە قاراشقا مەجبۇر بولماقتا ئىدىم.كىيىمىنى ئۇ ئوزى سېلىۋەتكەن،مەخسىدى ماڭا باسقۇنچىلىق قىلىش ئىدى دەيمۇ ئەمدى.بىر تەڭرىمدىن بولەك كىممۇ سوزلىرىمگە ئىشىنەر.
   ئۇ بولسا ئۇرۇشتا غەلبە قىلغان قوشۇن سەركەردىسىدەك مەغرۇر بولۇپ،چوڭ-كىچىك تەرىتىنىمۇ ماڭا توشۇغۇزۇپ ھوزۇر ئالاتتى.بىر نەرسە دەي دىسەم قېشىدىن باشقىلار پەقەت ئۇزۇلمەيتتى.بۇ ئىشلارنى قىلماي دىسەم ئانامنىڭ قىلىشى تۇرغانلا گەپ،چىدىشىم كىرەك .بىر كۇنى شەھەر باشلىغى سوز ئاچتى.
  -شاكىرجان ئوغلۇم ،بولار ئىش بولۇپتۇ .ئەمدى نىمە قىلساق بولا،-ئۇ مۇغەمبەرلىك بىلەن ماڭا مەنىلىك قاراپ قويۇپ،-
  -داداڭلار كەلگەندە دىيىشىۋالساق بولارمىكى،ئايگۇلنى بۇ تارتۇقلار بىلەن يات بىرىگە بەرسەممۇ سەت بولغۇدەك،مېنىڭچە ھەممە ئىشنى پۇتتۇرۇپ بولغان ئوخشايسىلە،تويۇڭلارنى قىلىۋەتسەك قانداق ؟،-يۇشۇرۇن ئەيتىلغان سوزنىڭ تىغ ئۇچى قىزىمنى ئاياغ-ئاستى قىلىپ بوپسەن دىگەن شەپىنى بىرەتتى،ئوزۇمنى قانداق ئاقلايمەن،ئانامنى ئىككىمىزنىڭ قىلىشىدىغان شەخسى پارىڭى بار دەپ ئويگە كىرگۇزمىگەن تۇرسام،ئايگۇل كىيىمىنى ئوزى سېلىۋېتىپتۇ دىسەم ئىشىنەرمۇ ؟
  -بولدى ئويدىكىلەر بىلەن دىيىشسىلە ،-كوزۇمگە كەلگەن ياشنى يۇشۇرۇش ئۇچۇن سىرىتقا چىقتىم.
   قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار دەپ كونىلارنىڭ ئەيتقىنى بەك توغرىكەن.ئۇنىڭ رەسۋالىغىنى بىلىپ تۇرۇپ ئويگە باشلىغان مەنمۇ ساراڭ.ئەمما ئۇ ئويگە ئوزى ئىزلەپ كەلگەن،بوسۇغىدىنلام ھەيدەي دىسەممۇ ئانام ھوجرامغا باشلاپ ئەكرىپ بولغان تۇرسا نىمە ئامال دەيسىلە ؟تەقدىر شۇنداق بولسا كىرەك.خۇداغا نالە قىلىشتىنمۇ خىجىل بولۇپ ئويگە قايتىپ ھوجۇرامغا بىكىندىم .يوتقانغا بېشىمنى چومكەپ ئاۋازىمنى بولىشىغىچە قويۇۋېتىپ يىغلاپ تاشلىدىم...
   قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ،ئانام بىر چاغدا ئويغاتتى.
  -تۇر شاكىر ،ناماز ۋاختى بولۇپ كەتتى،بۇنداق قاتتىق ئۇخلىمايتتىڭ چارچاپ كەتكەن بولمىغىن يەنە،-ئۇ مورەمدىن نوقۇدى.ئېغىرلاشقان بېشىمنى كوتۇرۇپ ئانامغا قارىدىم.
  -جېنىم بالام ساڭا نىمە بولدى،كىسەلگە قارايمەن دەپ چارچىغاچقا جودەپ كەتتى دىسەم ،ئەمدى يىغلىغىنىڭ نىمىسى ؟،-يۇزلۇرۇمگە ،كوزلۇرۇمگە جاھاندىكى ئەڭ مىھرى ئىسسىق قاللار تەگدى.ئوزۇمنى  تۇتالماي ئانامنىڭ بويىنىغا گىرە سېلىپ  يىغلىدىم.
  -ئانا مېنى كوچۇرۇڭلار !ئوزۇمنى ئاقلايمەن دەپمۇ ئاقلاپ بولالمايمان...،-ئۇنۇم ئىچىمگە چۇشۇپ كەتتى.
  -نىمە خاپىلىغىڭ بار ئوغلۇم،داداڭ شەھەر باشلىغى بىلەن كورۇشۇپ ئىشىڭلارنى توغرۇلاپ قويۇپتۇ،ئايگۇل قىزىم بالنىستىن چىققان ھامان تويۇڭلارنى قىلىۋېتىدىغان بولدۇق.سەن غەم قىلمىساڭمۇ بولىدۇ،-ئانامنىڭ باغرىغا ئوزۇمنى تېخىمۇ چىڭ باستىم ياشلىرىم دەريا بولۇپ ئاقماقتا.
  -ئاخماق بالام  خىجىل بولما ،بولغۇلۇقنى ئوزۇڭلار  تېرىپ بولۇپسىلە،شەھەر  باشلىغى بىلەن قۇدۇلىشىشنى ئارزۇ قىلىپ يۇرگەنلەردىن قانچىلىك بار دەيسەن.تەلىيىڭ باركەن.كەلگۇسۇڭدىن غەم قىلىش قالمىدى ئوغلۇم،-ئانام يېشىمنى سۇرتمەكتە ،ئۇ مەن بىچچارىنىڭ قەلبىنى قانداق چۇشەنسۇن.
  -شۇنداق ،ئوزۇمنىڭ كەلگۇسىنى بىر مەخلۇقتىن تاما قىلىپ -شۇنچە رەسۋالىققا چىداپ يۇرگەن،ئەمما تەقدىرىمىزنى بەلگۇلەيدىغان ئۇلۇغ تەڭرىمنى ياد ئەتمىگەن مەندەك ناكەسكە -ئاللاھنىڭ بىرىشى شۇ بولسا كىرەك ،تەقدىرىمگە تەن بەردىم.سىلەر قانداق ئورۇنلاشتۇرساڭلار پىكىرىم يوق،-ناماز ئۇچۇن سىرتقا جۇنۇدۇم ،ئانام گەپلىرىمنىڭ مەنىسىنى بىلەلمەي ئويدە ئويلۇنۇپ قالدى.
                           *   *   *   *   *
     مەن ئەخمەق تويغا  ماقۇل بولدۇم.ياق دىسەم ئايگۇل نىمە دىسە ھەقلىق ئىدى.بولۇپمۇ ئاتا -ئانامنى خىجالەت قىلاتتىم خالاس.ھوقۇق تەڭلەپ تۇرغان باشلىق ئاچچىغى كەلسە تورمىگە سولىتىۋېتىشتىن يانمايتتى.ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ سېلىنغانلىغى بەلكىم بۇ چاغدا مېنىڭ مەجبۇرلىشىم،ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ كويىشى ئوزىنى قوغداش بولار بەلكىم،ئىچىمدە دەردىم تولا،ئولۇپلام توگۇشەي دىسەم ئىمانىم دوزىخى دىگەن قالپاققا يول قويمايدۇ.قەنى بىر مەزگىل ئادەم بىلەن ئەمەس ئالۋاستىغا ھەمراھ بولارمەن.
   شەمسىيە خىيالىمدىن كەتمەيدۇ ،قانداق قىلىمەن ئوزۇم سويگەن يارنىڭ ۋىسالىغا يىتەلمەسلىك پىشانەمگە پۇتۇلگەن بولسا كىرەك.ئۇنىڭغا بۇ شەرمەندىچىلىكنى چۇشەندۇرۇپمۇ بولالمايمەن.تۇيۇقسىز بىر كۇنى روشەنگۇلدىن تېلىفۇن كېلىپ قالدى.
  -قانداراق تۇرىۋاتىسەن ئەركىكىم ،بىز قېشىڭدا يوق ھىسسىياتىڭ تۇغقان ئوخشىمامدۇ ؟بىز بارغۇچە بالىلىق بولىۋالما جانىم.
  -چاخچىغىڭنى قوي روشەنگۇل،ھازىر چاخچاققا تاۋىم يوق ،كەلگەن ئوخشىمامسەن.
  -ياق مەن ئۇرۇمچىدە،ھازىر شەمسىيە بىلەن بىرگە تېلىفۇن ئۇرۇپ تويۇڭنى تەبرىكلەيلى دىگەن،-شەمسىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ يۇرۇگۇمنىڭ سېلىشىنى ئوزۇم ئاڭلىغاندەك بولدۇم.
  -نىمىنى تەبرىكلىمەكچى ؟نومۇستىن ئولەۋاتقىنىمنىمۇ ياكى سىلەرگە چىرايلىققىنام بىر ئويۇن ئويناپ بەرگىنىمنىمۇ ؟
  -بولدى شەمسىيەگە دىگىن ئۇنداق شىرىن سوزلەرنى،-تىلىفۇننى شەمسىيە ئالدىمۇ ئۇنىڭ ئاۋازى ئۇنۇمنى زوۋانىمغا تىقىپ قويدى.
  -ئۇنىڭ يەنە سەنىمىگە دەسسىگەن ئوخشىمامسەن ؟ئوزۇڭنى تارتالمىغاندىن كېيىن ئوزۇڭگىمۇ ئاز ،-تىلىفۇندىن مىشىلدىغان يىغا ئاۋازى قوشۇلۇپ ئاۋاز كىلىۋاتاتتى،-
  -پەقەت ئامال يوقمۇ ؟توي قىلمايمۇ  توگۇتەلمىگۇدەك نىمە گۇنەھ قىلىپ قويدۇڭ ئۇنىڭ ئالدىدا ؟،-نىمىمۇ دىيەلەيمەن ،سۇكۇت بىلەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىماققا مەجبۇرمەن.
  -تىلىڭنى شۇنداق تۇتقۇزۇپ قويدۇڭمۇ ؟ گەپ قىلمايسەنغۇ ؟،- يىغا ئاۋازى تېخىمۇ كۇچەيمەكتە،ئوزۇمنى پەقەت تۇتالمىدىم.
  -شەمسىيە مېنى كوچۇرەلەمدىغانسەن ؟مەندە ھېچ بىر گۇناھ يوق،ئەمما تىلىم تۇتۇق،ئىسپاتتىم يوق،-مەن ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىق يىغلىۋاتتىم.
  -ئوزۇڭنى بېسىۋال،يىغلىما،ئاللاھنى ئۇنۇتما ،خۇدا ھېچ قاچان خۇدا دىگەن بەندىسىنى خارلىقتا قويمايدۇ،-ئۇنىڭ يىغىسى ئاۋازىنى بېسىپ كەتتى.تېلىفۇننى روشەنگۇل ئالدى.
  -ئوزۇڭنى تۇتىۋېلىپ گېپىمنى ئاڭلا ،سىلەرنىڭ قىلغان ئىشىڭلار قەيەردە يۇز بەرگەن؟
  -بىرە ئىش يۇز بەرگىنى يوق،ئۇ دىگەن ماڭا قىلىنغان توھمەت،-ئوزۇمنى ئاقلىدىم.
  -توھمەتلىگىنى بىلىمەن،بىراق شۇ توھمەت قىلىنغان ئىشلار قەيەردە يۇز بەرگەن شۇنى سوراۋاتىمەن.
  -ئوز ھوجرامدا،-دىدىم.
  -ئۇ ئىشتىن كېيىن شەمسىيە ھوجراڭغا كىردىمۇ ؟،-روشەنگۇل ئاخىرى چىقماس دىلونى ئىنىقلاۋاتاتتى.
  -كىرمىدى،كىرسىمۇ نىمە بولاتتى،بۇنىڭ ماڭا نىمە پايدىسى...
  -تولا سۇئال سوراۋەرمەي گېپىمنى ئاڭلا ،بۇندىن كېيىن ھوجرا ئويۇڭگە ئوزۇڭمۇ كىرگۇچى بولما ،ئويۇڭنى ياخشى قۇلۇپلاپ،ئادەم يولۇقتۇرغۇچى بولما ئۇ ئويگە.
  -نىمە قىلاي دەيسەن ،نىمىمۇ قىلالايتتىڭ ؟،-ئومۇد يوق ئىشلارغا ئوزۇمنى ئاۋارە قىلىشنى خالىمايتتىم.
  -مەن قىلالمايمەن،ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممە ئىشنىڭ ياخشىغا تارتىدىغان تەرىپىنى بىلىدۇ .ئوزۇڭنى ئازاپلىماي تويغا تەييارلىق قىلغان بولۇپ يۇرىۋەر،ئىشىڭنى مەن ئوڭشايمەن،ئەتە توي ياكى توي كۇنى دىگىنىڭدە موجىزە يۇز بىرىدۇ شاكىر،-بەرىبىر  روشەنگۇل دىگەن ئايگۇلنىڭ دوستى،مېنىڭ يەنە بىر چاتاق تېرىماسلىغىم ئۇچۇن ماڭا ئىمىزگە سېلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن.ئەمما شەمسىيەنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىۋالدىم.ئۇنىڭ يىغىسى  ئازاۋېمنى كوچەيتسىمۇ مەن بىر نەرسىنى سەزدىم.مېنىڭ تويۇم ئۇنى يىغلاتقان ئىدى.ئۇمۇ مېنى ياخشى كورىدىكەن...
                          *   *   *   *   *
   تويغىمۇ ئاز قېلىۋاتاتتى،روشەنگۇلنىڭ ئومۇت بېغىشلاپ دىگەن سوزلىرىگە ئىشەنمىسەممۇ ،بىراق بىر موجىزە يۇز بىرىدىغاندەك ھوجرا ئويۇمگە بىرىنى يولاتمىدىم،تۇتماقچى بولغان ئوينىمۇ سىرتتىن ھازىرلاپ،كەلگۇسىدىكى رەپىقەم بىلەن بولىدىغان جەڭنى ئاتا-ئانامغا بىلىندۇرمەي دىدىم.
  روشەنگۇللەردىن خەۋەر يوق،ئومۇدۇم ئوچمەكتە.مانا ئەتىمۇ توي بولىدۇ.قېچىپ كىتەيمۇ ؟ئۇلارنىڭ تىلىفۇنى نىمىشقىمۇ ئىتىكلام تۇرىدىغاندۇ ؟قەلىپ تورىدىن يىرتىلماقتا.يۇرۇگۇم يىغلىماقتا،كەچمۇ كىرىپ كەلدى ،ئەتىلام توي دىگەن گەپ قانداق قىلىمەن،ئادەمگە مۇشۇنداق چاغدا تۇيۇقسىز ئولۇم كەلسىچۇ ؟
   غەم بىلەن خىيال سۇرۇپ ياتاتتىم .ئىشىك چىكىلدى.خوش ياقماسلىق بىلەن ئىشىكنى ئاچتىم.ئالدىمدا شەمسىيە،كەينىدە روشەنگۇل تۇراتتى....

                                                                  7
   روشەنگۇل كولەتتى،شەمسىيە غەمكىن ،كوزلىرىدە ياش لىغىرلايتتى.
  -نىمىگە كولىسەن ئادەمنى جىلە قىلمىغىنە بولدى،-تىچ ئامانلىق سوراشنىڭ ئورنىدا تەنە قىلدىم.
  -نىمىگە كولەتتى .ئەتە توي بولغاندىكىن توي  خوشاللىغىدە،-روشەنگۇل قەستەن زىتىمغا تەگدى.
  -شۇنداق ئەتە ھامما ئاچىللىرىنىڭ تويى ئەمەسمۇ ،بېرىپ تەبرىكلەپ خوشاللىقلىرىنى بىلدۇرۇپ قويۇپ كەلمەملا،-شەمسىيەنىڭ ئالدىدا ئوزۇمنىڭ قانچىلىك بىئارام بولغانلىغىمنى بىلدۇرۇپ قويۇش ئۇچۇن تېخىمۇ جىلە بولدۇم.
  -نىمانداق قىلىسەن شاكىر ،يىراق يەردىن سېنى دەپلام كەلسەك ئويۇڭگە باشلاشتا يوق،بوسۇغۇدىلام كەلگەنگە تويغۇزاي دەمسەن،-روشەنگۇل مورەمدىن ئىتتىرۋېتىپ ئويگە كىردى،شەمسىيە تېخىچە ئىشىك تېشىدا.
  -كىرىڭ ،-ئاران شۇنچىلىك دىيەلىدىم.
  -كىرە شەمسىيە نىمىگە قاراپ تۇرىسەن،ئەتىكى تويدا يىگىتكە ھەمرا بولغىلى بولمايدۇ،شۇڭلاشقا ئاشىغىمىزغا بوگۇن كىچە قانغۇچە قارىۋالايلى.كېيىنچە كورمەكمۇ تەس بولىدىغۇ دەيمەن،-ئۇمۇتلىرىم يوققا  چىقىۋاتاتتى،ئۇلارنىڭ سوزىچە بولغاندا مەن تامامەن ئۇتتارغان ئىدىم.
  -تاماشا كورەي دەپ كىلىپسىلىدە،-ئومۇتسىزلىك چۇلغۇۋالغان قەلبىمدىن بىزارلىق ئالامەتلىرى كورۇلۇشكە باشلىدى.
  -شۇنداق .دۇنيادا تويدىن ئوتە تاماشا بولماس،بىزدەك دوسلۇرۇڭنى تاماشادىن قۇرۇق قالدۇراي دەمسەن.
  -تاماشا كورەي دىسەڭلار ئەتىمۇ كىچىكمەيسىلەر،بۇنداق جىلە قىلغۇچە بىر ئاز يالغۇز قالدۇرغان بولساڭلار،چارچىغان باشلىرىمغا ئاز بولسىمۇ ئارام بولاتتى،-ئوزۇم كويگەن قىزنىڭ ئالدىدا يىغلىۋېتىشتىن نومۇس قىلىپ ئۇلارنى قوغلاشقا باشلىدىم.
  -قايسى كۇنلىرى ئايگۇلنى ئويگە باشلىغاندا ئارام تېپىپ بولغان كوڭۇللىرى يەنە شۇ چاغلارنى ئويلاپ بۇزىلىۋاتامدۇ ئۇز يىگىت،-روشەنگۇل قەستەن چىشىمغا تىگەتتى.شەمسىيە زۇۋان سۇرمەي مۇڭ كوزلىرى بىلەن مەندىن بىر نەرسە سورىغاندەك كوزلىرىمدىن  كوزلىرىنى ئۇزمەيتتى.ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن كوزلۇرۇمنى قاچۇرۇپ بولالمايتتىم،شۇڭلاشقىمۇ گەپتە ئازماقتا ئىدىم.
  -مەن باشلىمىغان ئوزى كەپتىكەن.
  -شۇنداق سىزدەك گۇزەللەرنى ئىزلەپ بىزمۇ ئوزىمىز كەلدۇققۇ مانا،-روشەنگۇل مەخسۇس چىشىمغا تىگەتتى،ئىچىم زەرداپ ،تىلىم گاچا.بۇرۇنلاردا بولسا بۇنداق گەپلىرىنى ئوزىنىڭ ئېغىزىغا كەپلەپ قوياتتىم.
  -مەن كەل دىگەنمۇ ئەمىسە،-قاملاشمىغان گەپ چىكەتتى ئېغزىمدىن.
  -بۇنداق مەتۇغا ياردەم قىلىمىز دىگەن ئوزىمىز ئەخمەق شەمسىيە، بۇنىڭ ئايگۇلنى سېغىنىپ ساراڭ بولغىنى راس ئوخشايدۇ.شۇڭىمۇ كوزىگە جىن كورۇنۇپ ئويدىن قوغلاۋاتىدۇ بىزنى ،قوپە يالغۇز قېلىپ كەلگۇسىدىن ھوزۇر ئېلىۋالسۇن بۇ چىرايلىق،-رۇشەنگۇل راس كېتىدىغاندەك ئورنىدىن تۇردى.
  -بېشىم ساق ئەمەس.تاققۇ-تۇققۇ سوزلەپ  قويۇۋاتىمەن.كەچۇرۇڭلار.
  -راستىنلام توي قىلغۇڭ يوقمۇ شاكىر،-شەمسىيە ئاخىر گەپ قىلدى.
  -قانداقمۇ توي قىلغۇم بولسۇن شەمسىيە،بوينۇمنى ئارغامچىدا باغلىۋالغان تۇرسا مەندە نىمە ئامال دەيسەن،-كوزلۇرۇمدىن ئوزۇمنى تۇتىۋالالماي ياش قۇيۇلدى.
  -ئۇنداقتا توي قىلمىساڭ بولمىدىمۇ ؟،-روشەنگۇل ياندۇرۇپ سورىدى.
  -شۇنداق.توي قىلمىساممۇ بولىدۇ،بىراق كەلگۇسۇمدىن ئومۇت يوق،بەلكىم ئاتا - ئانامنى تاشلاپ كىسىلىپ كىتىشىممۇ مۇمكىن.
  -ئوزۇڭنى ئاقلاشنىڭ پەقەت پۇرسىتى يوقمۇ ؟،-شەمسىيە ئىككىنجى  قېتىم گەپ قىلدى.
  -شۇنداق .پەقەت پۇرسەت يوق،-شۇنى دەپ بولۇپ بېشىم چۇشۇپ كەتتى.
  -زادى نىمە ئىش بولغانتى ،ئۇقساق ساڭا ياردىمى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،-شەمسىيە كوزلىرىمگە تىكىلدى،ئامالسىز بولغان ئىشلارنى سوزلەپ بەردىم.
  -مېنىڭ دىگىنىمدەك چىقتىمۇ شەمسىيە،-روشەنگۇل شەمسىيەگە سوئال قويدى.شەمسىيە،-
  -سەن ئايگۇلنىڭ پىسخىكىسىنى بىلىسەن ئەمەسمۇ،شاكىرنى تەقەززا قىلماي ئۇنىڭغا ئومۇت بېغىشلاپ قويمامسەن روشەنگۇل،-دىدى.
  -ئۇنداق ئاسان ئىش يوق.چوقۇم شاكىر بەزەن ئىشلاردا ۋەدە بىرەلىسە مەن ئۇنى قۇتقۇزىمەن.
  -قانداق تەلىۋىڭ بولسا ئەيت،مەن ئاللاھقا شىرىك كەلتۇرۇشتىن باشقا ئىش بولسا،مۇشۇ تويدىن قۇتۇلىدىكەنمەن چوقۇم قىلىشقا تەييارمەن،-دىدىم.
  -ئەمىسە چوقۇم بىجا كەلتۇرەلەمسەن،-روشەنگۇل قەتئىلىك بىلەن سورىدى.
  -چوقۇم،-ۋەدە بەردىم.
  -ئۇنداقتا شەمسىيەنى چوڭ خوتۇن قىلىسەن .مەن كىچىك خوتۇن بولىمەن،-ئېغىزىم تۇۋاقلاندى.بۇنىڭ تەلىۋىنىڭ ئايگۇل بىلەن توي قىلىشتىن نىمە پەرقى.
  -ساراڭ بولمىغانسەن.ئادەمنىڭ ئەقلى يىتىدىغان گەپ قىلمامسەن،-ئاۋازىم بوش چىقتى.
  -بولالمايمەن دىسەڭچۇ،باياتىن ئاللاھقا شىرىك بولمىسىلا بىجا كەلتۇرىمەن دەيتتىڭغۇ ؟،-روشەنگۇل تىلىمدىن تۇتىۋېلىۋاتاتتى.
  -بىر كوڭۇلگە قانداقمۇ ئىككى ئادەمنى سىغدۇرالايمەن،-شەمسىيەگە قارىدىم.
  -ئۇنىڭغا قارىمىساڭمۇ بولىدۇ،سېنىڭ تۇمۇرۇڭنى تۇتۇپ كورىۋاتىمىز،مەنمۇ قانداق ساڭا كىچىك خوتۇن بولالايمەن،ئەگەرچەندە ئايگۇلنىڭ ئويۇڭدە قىلغانلىرىنى ئىسپاتلىيالىساق تويدىن ۋاز كىچەلەمسەن.
  -ئەلۋەتتە كىچەلەيمەن .توي قىلغان بولساممۇ ئۇنىڭ بىلەن ئوي ئايرىپ ياشىغان بولاتتىم،-ئۇلار ئۇ ئىشلارنى قانداق ئىسپاتلايدىغاندۇ دەپ ،-
  -تىزراق ئەيتمامسەن قىلماقچى بولغانلىرىڭنى،-روشەنگۇلدىن سورۇدۇم.
  -ئالدىرما ،ھازىر دەپ بىرىمەن.بىراق بىرلام شەرتىم بار.شەمسىيە بىلەن ئىككىڭلار چوقۇم ماقۇل بولىسىلەر،-روشەنگۇل قانداق دىگەندەك شەمسىيە بىلەن ماڭا ئالدىرىماي قاراپ چىقتى.
  -باياتىنقىدەك چەكتىن ئاشمىسىلا  بىجا كەلتۇرىمىز،-شەمسىيەگە ساقلىماي جاۋاپ بىرىۋاتتىم.
  -ئاددىلام ئىش،چوقۇم ماڭا ئايگۇل ۋە شەمسىيە بار جايدا بىر ئىشنى قىلىپ بىرىسەن شاكىر.
  -نىمە ئىش،-تەقەززا بولماقتا ئىدىم.
  -ئاددىلام ئىش دىدىمغۇ،بەلكىم ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېنى بىرنى سويۇپ قويارسەن،ياكى ماڭا بولغان كوڭلۇڭنى ئەيتىپ ئوتەرسەن ،يەنە بەلكىم ھېچ ئىش قىلىپ بەرمەسلىكىڭ مۇمكىن.مۇشۇنچىلىكلام بىر ئىش،-ئۇ جاۋاپ كۇتىۋاتاتتى.
  -شۇ چاغ كەلمىسۇنمۇ ،سېنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراتماسلىققا ۋەدە بىرەي،چوقۇم ۋەدەمنى ئورۇنلاشقا ئاللاھنى ۋە سىلەرنى گۇۋاھچى قىلىمەن.
  -ۋەدەڭگە ئىشىنەي.ئەھۋال مۇنداق ئىدى،ئالدى بىلەن بىر چاي بەرمەمسەن .تولا سوزلەپ گېلىم قۇرۇپ كەتتى،-شۇندىلا ئۇلارغا چاي راسلىمىغىنىم يادىمغا يەتتى.چاي ئەكىرىش ئۇچۇن سىرتقا ماڭدىم.
   روشەنگۇل چاي ئوتلىغاچ گەپكە تۇتۇش قىلدى.
  -گەپنى سەن بىلەن توختام تۇزۇشكەن چاغدىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ،-ئۇ  قولىدىكى پىيالىنى قويۇپ سوزلەشكە باشلىدى.
  -بىز سېنى قولغا چۇشۇرۇشنى پىلانلىغىلى ئۇزۇن بولغان.ئەمما پىلانىمىزنى شەمسىيەنىڭ شەھرىمىزگە يوتكۇلۇپ كەلگىنىدىن باشلاپ راۋاجلاندۇردۇق.چۇنكى شەمسىيە بىلەن ئايگۇلنىڭ ئوتتۇرسىدا ئوتكىلى بولمايدىغان زىدىيەت بولۇپ  ئۇنىمۇ ئىشلىرىمىزغا سورەپ كىرسەك ئۇنىڭدىنمۇ ئوچىنى ئالالايدىكەنتۇق ئايگۇل،-روشەنگۇل كەچۇر دەپ شەمسىيەدىن كەچۇرۇم سورىۋېلىپ سوزىنى باشلىدى.
  -ئۇ چاغلاردا راسلام ئويۇندەك بىلىنىپ ئۇنىڭ دىگەنلىرىگە كىرىپ كىتىپتىمەن.شەمسىيە بىلەن ئايگۇلنىڭ زىدىيىتىنى بىلىشكە بەكمۇ قىزىقىۋاتقانلىقىڭنى بىلىمەن.بۇلارنى ئۇلارنىڭ ئوزى دەپ بەرسۇن.ھازىر ئوز گېپىمىزنى قىلىشايلى.ھەممە ئىش سېنىڭ مەس بولغانلىغىڭدىن بولدى.بۇنى بىلەمسەن،- ئۇ قولىدا كىچىكلام بىر نەرسىنى كورسەتتى.
  -ياق ،-دەپ بىلمەيدىغانلىغىمنى بىلدۇردۇم.
  -ئاللاھ ئىشلىرىڭنى ئاسانلاشتۇرغان ئوخشايدۇ.ئايگۇل دىگەن دوتنىڭ يادىدىنمۇ چىقىپ كىتىپتۇ بۇ نەرسە.بىلسەڭ بۇ ھازىرقى دۇنيادىكى ئاڭ ئىلغار تىل كامىرا.بىز سەن مەس بولغان كۇنى سېنى ئويۇڭگە ئەكىلىپ قويۇش بانىسىدا ئويۇڭگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان.سەن بايا چايغا چىكەتكەندە ئېلىۋالدىم.شۇ چاغدا سېنىڭ ئىشلىرىڭنى كوزۇتۇپ تۇرۇشقا ئاسان بولسۇن ئۇچۇن شۇنداق قىلغانمىز.مانا ھازىر ئايگۇل دىگەن ساراڭ ئوزى كولىغان ئورىغا ئوزى چۇشتى.سېنىڭ دىگەنلىرىڭ راسلا بولسا بۇنىڭ ئوزى بىر ئىسپات.بۇ نەرسە ئوي تىنىچ تۇرسا ئىشلىمەيدۇ.ئەمما ئوي ئىچىدە بىرى ماڭسا ياكى گەپ قىلسا ئاپتۇماتىك ھالدا سىن ئېلىشقا باشلايدۇ .ئىشىنىمەنكى سىلەرنىڭ قىلىشقان ئىشىڭلار ۋە سوزلەشكەن سوزۇڭلار چوقۇم بۇنىڭدا بار،-روشەنگۇل سوزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ماڭا رەسۋالىقلىرىڭمۇ چىقىپ قالامدىكى دىگەندەك شەمسىيەگە قاراپ كولۇپ قويدى.
  -مېنى نىمە ئۇچۇن ئايگۇلگە تۇزكورلۇق قىلىسەن دەپ سورىشىڭ مۇمكىن.بۇنىمۇ مەن دەپ بىرەي.ھېلىقى ھوججەت ئىسىڭدىمۇ ؟زىدىيەت شۇ ھوججەتتىن باشلانغان.ئايگۇلگە سېنىڭ قول قويغان ھوججىتىڭدە يالغۇز ئوزىنىڭلام نومىسىغا تەككەنلىكىڭنى يازايلى دىسەم ئۇ-بولمايدۇ .شاكىرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۇچۇن ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئىغىر جىنايەت ئارتايلى دەپ تۇرىۋالدى.يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ مېنىڭ ئوزىگە ئاسىيلىق قىلىپ قويىشىمدىن قورقۇپ شۇنداق قىلدى بولغاي مېنىمۇ قوشۇپ نومۇسىمىزغا تەگدە دەپ يازدى.مەن شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇنىڭ بەكمۇ شەخسىيەتچى ئىكەنلىگىنى بىلىپ يەتتىم .يەنە بىر ئىش سەن مېنى قايسى چاغدا سويمەسلىكىڭ كىرەك ئىدى شاكىر.سەن ئىشەن -ئىشەنمە ئومرۇمدە مېنى تۇنجى سويگەن ئادەم سەن بولىسەن.شۇندىن بىرى مېنىڭ مۇھاببىتىمنى سەن ئوغرىلاپ كەتتىڭ.مەن ئوزۇم تۇنجى ياخشى كورگەن ئادىمىمنىڭ ئايگۇلدەك بىر ناكەس قىزنىڭ قولىدا نابۇت بولىشىنى خالىمىدىم.شۇڭىمۇ توختامنىڭ ئىشىنى شەمسىيەگە ئوغۇرلۇقچە بىلدۇردۇم،-بىر تۇگۇن يىشىلدى.روشەنگۇل كوزۇمگە قۇتقازغۇچى پەرىشتە بولۇپ كورۇنمەكتە ئىدى.
  -ھوججەتنى ئايگۇل شۇنچە ئاسان تۇتقۇزۇپ قويۇپتىغۇ ئەمىسە،-سورىدىم مەن.
  -شۇنداق تۇتقازماي ئامالى يوقتى.چۇنكى ھوججەتتىكى سېنىڭ بارماق ئىزىڭ كونا .سەن مەسلىكىڭدە بىز باسۇرۋالغان  بارماق ئىز.ئىمزايىڭ بولسا توختامغا قول قويغۇنىڭدا  يازغان ئىمزايىڭنىڭ ئاستىغا يۇشۇرۇلۇپ كوپەيتىپ ئېلىنغان نۇسخىسى بولۇپ قانۇن ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئىنىقلىسىلا ئىسپاتلىغىلى بولاتتى.چۇنكى ئەسلى بارماق ئىز دىگەن ئىمزا قويۇپ بولۇپ بېسىلىدۇ.ھوججەتتە بولسا بارماق بېسىلىپ بولۇپ ئىمزا نۇسخىلىنىپ يېزىلغان .مەن بۇلارنى شەمسىيەگە يەتكۇزگەن ئىدىم.شەمسىيە ئايگۇلگە بۇلارنى دەپ ئەدىلىيەلىك باھالىتايلى دىگەندە ئۇ يەل  قويىۋەتتى شۇ ،-ئوزۇممۇ تۇيماي روشەنگۇلنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ ئالقانلىرىغا سويدۇم.
  -بولدى قىلە ئوزۇڭنى بۇنچە يوقۇتۇپ قويما،شەمسىيەنىڭ ئالدىدا بۇ نىمە قىلغىنىڭ،-ئاغزىدا بۇنداق دىگىنى بىلەن قانچىلىك خوش بولىۋاتقانلىغىنىنى سىزىپ تۇراتتىم.
  -سەن بىر پەرىشتە روشەنگۇل،مېنى دوزاختىن قۇتقۇزۇپسەن ئەمەسمۇ.
  -مەنمۇ شۇ ئوز شەخسىيىتىمنى دەپلام شۇنداق قىلدىم.ئۇنچىلىك چوڭ كورۇشكە لايىق ئەمەسمەن.
  -لايىقمۇ -لايىق ئەمەسمۇ ئاللاھ ئىگەم بىلىدۇ روشەنگۇل،-كوز يېشىم ئۇنىڭ بارماقلىرىغا توكۇلدى ،شۇندىلام قوللۇرۇمنى بوشاتتىم.
  -بەلكىم شۇنداق قىلمىغان بولسام،سەن ئايگۇلنى ئەمرىڭگە ئالغان بولىشىڭ ياكى سەن ئونىماي ئايگۇل ھوججەتنى كوتۇرۇپ چىقىپ مېنىڭمۇ يۇزۇم توكۇلگەن، ئوزۇم پاك بولساممۇ  ئوزۇمنى ئاقلىيالماي توشۇك مونچاق بولۇپ قالغان بولاتتىم .بۇنداق قىلىشىمنى بۇرۇن ئوزۇم ئۇچۇنلا قىلغان ئىدىم ،ئەمما شەمسىيەنىڭ سىنى سويۇپ تۇرۇپ توككەن ياشلىرى يۇرۇگۇمگە توكۇلدىمىكىن.كوز ئالدىمدىن پەقەتلام كەتمەي مەنمۇ ئىمان تېپىۋالدىم،-شۇندىلا روشەنگۇلنىڭ كېيىنىشىنىڭ پۇتۇنلەي ئوزگەرگەنلىگىنى بىلدىم.ئۇ ئىسلامچە كىيىگەن ئىكەن.
  -بۇ نەرسەڭدە راسلام ئۇ كورۇنىشلەر بارمىدۇ،-ئەنسىرەپ سورىدىم.
  -چوقۇم بار،-ئۇ ھېلىقى نەرسىدىن بىر نىمىلەرنى چىقىرىپ سومكىسىدىن باشقا بىر نىمە چىقاردى ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە ئۇ نەرسىنى ئېلىپ تېلىفۇنىغا چاتتى.توۋۋە خۇدايىم .بۇ ھەقىقەتەن كارامەت نەرسە ئىدى.راسلام ئۇنىڭ رەسۋالىغى كوز ئالدىمدا نامايەن بولدى.ئۇنىڭ سوزلىرىدىن تارتىپ قىلغان قىلىقلىرىغىچە ھەممىسى بار ئىدى.
  -بۇنچە ئۇچۇق نەدىنمۇ ئالغانسەن سىنغا ؟،- سورىدىم.
  -بىلمىسەڭمۇ بولىدۇ،- ئۇ يېنىۋەتقان چىراققا قارىدى.ھەممىنى چۇشەندىم چىراق ئىچىگە يۇشۇرلۇپتىكەندە.
  -ئۇنىڭ رەسۋالىغى تۇلۇق باركەن ،ئەمدىكى ئىش بۇنىڭدىكىنى ئايگۇلگە ئۇختۇرۇشتا قالدى،-شۇنداق دەپ روشەنگۇل چىرايىمغا قارىدى.
  -ئايگۇلنىڭ بىلگىنىنىڭ كوپ پايدىسى يوق.چوڭلارغا  بىلدۇرەيلى،-دىدىم مەن.
  -مۇشۇ رەسۋا كورۇنۇشنى قانداقمۇ چوڭلارغا كورسەتكىلى بولسۇن.ھايا،پەدىشەپ بارغۇ ئوتتۇرىمىزدا،-شەمسىيە قارشى چىقتى.
  -مېنىڭ ئامالىم بار ،شەھەر باشلىغىنىڭ يۇزىنى قىلمىساق بولمايدۇ،ئالدى بىلەن خەيرىنىسا ئاچاملار چوقۇم بىلىشى كىرەك.بۇنى ئوزۇمگە قويۇپ بىرىڭلار.ئايگۇلنىڭ مىجەزىنى بىلىمەن.شاكىر سەن ئۇنىڭغا قورقاق سال.ئۇ ئوزى توينى بۇزالايدىغان بىردىن بىر ئادەم،-روشەنگۇل ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ سىنغا ئېلىنغان كورۇنۇشتىن بىر نۇسقا كوپەيتىپ مېنىڭ تېلىفۇنۇمغا چۇشەردى.مېنى ئايگۇلنى ئىزلە دەپ ئويدىن ھەيدەپ چىقاردى.
                                      *   *   *
   ئايگۇلگە تېلىفۇن قىلىۋىدىم ھاياللاشماي قېشىمغا ئۇنۇپ بولدى.
  -سېغىنىپ كەتكەن ئوخشىمامسەن،چىدىساڭ ئەتىلا قوينۇڭدا بولىمەن ئەمەسمۇ،-نازلىنىپ سوركەلدى ئۇ.
  -بولدى قىل توينىڭ ئىشىنى.بۇنى كورۇپ باق،-جېق گەپ قىلىشنى خالىماي ئىشنىڭ نېخىنىلام كورسەتتىم.
  -بۇ نىمە ،بىرە جايدا قۇراشتۇرۇپ ئەكەلمىگەنسەن،-ئادەم ئوزىنىڭ قىلغىنىدىنمۇ شۇنداق تىز تانغىلى بولىدىكەن.
  -نىمىلىكىنى بىلەرسەن ،ئويۇمنىڭ چىرىغى ئىچىگە يۇشۇرۇلغان نەرسىنىغۇ بىلەرسەن،-ئۇ سەنتۇرلۇپ كەتتى ،قولۇمغا ئېسىلىۋالدى.ئۇنىڭمۇ قورقىدىغان چېغى بولىدىكەن.
  -قانداق توينى چىرايلىقچە توختاتساڭ بولارمىكى،رەسۋالىقىڭنى داداڭ بىلىپ يۇرسە بولماس،-بىر بىلىكىمگە ئىسىلىپ تۇرغان ئايگۇل كېلىشتۇرۇپ تەستىگىمگە بىرنى سالدىكى كوزۇمدىن ئوت چاقنىدى.بوگۇنكىدەك كۇندە ئوزۇمنى بېسىۋالمىسام بولمايتتى.
  -ماقۇل كورمىسەڭ بۇ نەرسىلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرۇپ بەرسەممۇ بولىدۇ،-تەھدىتىم كۇچەيدى.
  -بىلگىنىڭنى قىل،ئەمما مەن تويدىن ۋاز كەچمەيمەن،-ئۇمۇ جاھىللىق قىلىۋاتاتتى.
  -بولىدۇ .سەن تويۇڭنى قىلىۋەرگىن ،مەن بۇنى ئاتا -ئانامغا كورسەتسەم ئۇلارنى تويدىن ياندۇرۇشقا كوزۇم تولۇق يىتىدۇ.شەھەر باشلىغىنىڭ قىزىنىڭ تويىدا ئوغۇل تەرەپ قىز يوتكىگىلى كەلمەي يۇرسە رەسۋا بولىدىغىنى كىم بولىدۇ ،ئوزۇڭنى بىلەرسەن،-يانماقچى بولۇپ كەينىمگە بورۇلدۇم.
  -شاكىر مېنى ئولسۇن دەمسەن.بولىدۇ مەن ئولەي.ئەتە تويۇم ئەمەس ماتەم مۇراسىمىمغا كىلەرسەن.-ئۇنىڭ ساراڭلىق قىلىشىغا ئىشىنەتتىم.
  -ئايگۇل مېنى نىمانچە زورلايسەن،ھەممە ئىشنىڭ يولى بولىدۇ .بىز ئوقۇۋاتىمىز.ئوتتۇرىمىزدا مۇھاببەتتىن سوز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.بىر مەزگىل كۇتۇپ باقساق نىمە بولىدۇ.ھازىر سەن مېنىڭ توي قىلغۇم يوق دەپ ئەتە بىر كۇن قېچىپ كەتسەڭ.مەن بۇ رەسۋالىقلارنىڭ سىرتقا يېيىلىپ كىتىشىنىڭ ئ.الدىنى ئېلىپ بۇنى يوق قىلسام بولمىدىمۇ ؟ بۇندىن كېيىن يەنىلام سەن-مەن دەپ يۇرۇشكە ئازراق بولسىمۇ يول قويۇپ قوي،-دىدىم.ئۇ ئويلۇنۇپ تۇرۇپ قېلىپ.
  -سەن شەمسىيەنى دەپ شۇنداق قىلىۋاتىسەن،بولىدۇ مەنمۇ سېنىڭ شەمسىيەدەك بىر ساقايماس كىسەل ئىگىسى بىلەن توي قىلىشىڭنى كورۇش ئۇچۇن بولسىمۇ ساقلاي.بەرىبىر توشۇك مونچاق ئالىسەن شۇ،-ئولۇم ئالدىدىمۇ ئوز رەقىبىنى چىشلىۋېلىپ ئولۇش ئۇنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن بولسا كىرەك.
  -نىمىنى ئالسام ئوزۇم ئالىمەن،سېنىڭ كارىڭ بولمىسۇن،بۇندىن كېيىن يامانلىقتىن نېرى بولارسەن،شۇندىلام ئارىمىزدا مۇناسىۋەت بولىدۇ،-قايتىش ئۇچۇن ماڭدىم.
  -ئاشىغىڭ بىلەن تىزراق توي قىلىپ،ئولۇشىدىن بۇرۇن ۋىسالىغا يەتكۇزۇپ قويارسەن.بىراق دىققەت قىلمىساڭ يامان كىسەل يۇقتۇرۋالىسەن.بولسا تويدىن بۇرۇن سالامەتلىك تەكشۇرتۇشنى ئۇنۇتما ھا ھا ھا...،-زەھەرخەندە كولۇش ئاڭلانماقتا،مەزمۇت قەدەملەر بىلەن كەتمەكتە ئىدىم.تىلىفۇنۇم سايراپ كەتتى،ئالسام ئانامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
  -شاكىر بالام بولدى بۇنداق توينى بىكار قىلدۇق.ھەممە ئىشلاردىن خەۋەر تاپتىم .ئەتىكى توينى نەزىر قىلىۋېتەيلى.
  -رەخمەت ئانا.مېنى چۇشەنگەنلىگىڭلاردىن بەك خوشمەن.
  -رەخمەتنى مەن ئەيتاي ساڭا،بۇ توينى قىلغان بولساق ئالتۇندەك بىر كېلىنىمدىن ئايرىلىپ قالىدىكەنمەن ئەمەسمۇ ،-ئانامنىڭ دىگىنى شەمسىيە بولغۇيدى ئىلاھىم.يەنە خاتا چۇشۇنۇپ روشەنگۇلنى كىلىنىم دەپ يۇرمىسە بولاتتى.مىڭەمنى سەگىتىپ ئەتىكى تويدىن ئوزۇمنى قاچۇرۇش ئۇچۇن ئويگە قايتماسلىق قارارىغا كەلدىم.
  -ئانا مېھمانلىرىمنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ قوي.مەن بىرە جاينى تېپىپ مېڭەمنى سەگىتەي،-دىدىم.
  -مىمانلىرىڭ ئاللا بۇرۇن كەتتى.سەن بىلەن مەكتەپتە كورىشىمىز  دەپ قويسىلا دەپلام كىتىپ قالدى،نەلەردە تەمتىرەپ يۇرىسەن .ئويگە قايتىپ كەلسەڭ بولمامدۇ،-ئانام ئوتۇنگەندەك قىلىۋاتاتتى.
  -خاتىرجەم بول ئانا ،سىلەر توينى بۇزىمىز دەپ يۇرمىسەڭلەرمۇ ئايگۇل ئوزى بۇزىدۇ.ئەتە كەلگەن مېھمانلارنى ئوبدان كۇتەرسىلەر،مەن بىرە مېھمانخانىغا  ئۇرۇنلۇشۇپ ئەتىنى خاتىرجەم ئوتكۇزەي.سىلەرنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم.خوش ئەمىسە،-.ئانامنىڭ جاۋابىنى كۇتمەيلا تېلىفۇننى قويدۇم ۋە روشەنگۇلگە تېلىفۇن قىلدىم.ئۇنىڭ تىلىفۇنى ئىتىك ئىكەن ،شەمسىيەمۇ ئېتىۋاپتۇ .مەنمۇ تېلىفۇنۇمنى ئېتىۋېتىپ ئەتىكى ماجرالارنى كورمەي دەپ قوشنا ناھىيەلەردىكى بىرە مېھمانخانىغا چوكۇش ئۇچۇن تاكسى توسۇدۇم...

                                          8
   ياتاق ئاچقۇزۇپ ياتاققا چۇشكەن بولساممۇ  ئەتىكى ئىشلارنى ئويلاپ پەقەت ئۇيقۇم كەلمىدى.بەزىدە يالغۇزلۇقنى خالايسەنكەنۇ ئەمما يالغۇزلۇق سېنى قىيناپ ئەڭ يېقىن كىشىلىرنىڭ  خىيالى ساڭا ھەمرا ئىكەن.
  شەمسىيەنى خىيال قىلاتتىم.ئۇنىڭ مېنىڭ توي ئىشىمنى دەپ بۇ شەھەرگە كېلىشى ھەرگىزمۇ مېنى ئايگۇلدىن قۇتقۇزۇش ئۇچۇنلام بولمىسا كىرەك.بەلكىم ئۇنىڭ كوڭلىدىمۇ شەخشى غەرەز بولىشى مۇمكىن.ئۇمۇ مېنى چوقۇم ياخشى كورىدىكەن...
خىياللىرىم قاناتلىنىپ ئۇچماقتا شەمسىيە دىگەن شۇ ئىسىمنىلا ئىزلىمەكتە.ھەي بىز نىمە دىگەن شەخسىيەتچى .ئەتە مېنىڭ تويۇم ئەمەسمىدى.ئۇ ئىشلار نىمە بولۇپ كەتتى.ئاتا -ئانام نىمە تەڭلىكتە ،ئايگۇلنىڭ ئويىدىكىلەرچۇ ؟،ئۇلار كەلگەن مېھمانلارغا نىمە دەپ جاۋاپ بىرىدۇ ؟بۇلار خىيالىمغىمۇ كىرمەي شەمسىيەلام  خىيالىمنى ئىگىلىگەن.
   تاك..تاك...تاك...،ئىشىكنىڭ ئاستا چىكىلىشى خىيالدىن ئويغاتتى.بۇ يېرىم كىچىدە كەلگىنى كىمدۇر دەپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم.ئاچتىميۇ ئىشىك چەككۇچىنى كورۇپ قورقۇپ كېتىپ ئىشىكنى تاقىۋالدىم.
  تاك...تاك...تاك...،ئىشىك قايتا چىكىلدى.سىرتتىكىلەر ئىشىكنى بۇزۇپ كىرىدىغاندىكىدەك ئىشىكنى ئىچىدىن تىرەپ تۇرىۋالدىم.ئىشىك چىكىلمەكتە،مەن قورقۇپ بەدىنىمدىن تەر قۇيۇلماقتا...،قورقۇشتىن باشقا نەرسە يوق ئىشىكنىڭ چىكىلىشىنىڭ قاچانلاردا توختاپ قالغىنىنى بىلمەپتىمەن.ياتاق تىلىفۇنىنىڭ جىرىڭلىشىدىن ھۇشۇمنى تاپتىم.
تىرت...تىرت...تىرت...،تىلىفۇن جىرىڭلىماقتا،قەلبىمنى بىر قورقۇنۇچ چۇلغىماقتا ،جىرىڭلاش توختايدىغاندەك ئەمەس.قورقۇش ئىچىدە تۇرۇپكىنى قولۇمغا ئالدىم.
  -دوت ساراڭ ،نىمانداق قىلىسەن.ئويدىن قېچىپ چىققان مەن ئوز كىملىكىمدە ياتاق ئاچقۇزايمۇ ؟تۇتۇلۇپ قېلىپ ئىككىلىمىزنى رەسۋا بولسۇن دەمسەن ؟ئىشىكىڭنى ئاچ ياكى كىملىكىڭنى چىقارتىپ ماڭا ياتاق ئاچقۇزۇپ بەر...،-ئايگۇلنىڭ ئاۋازى ئىدى.ئۇ قانداققىسىگە بىلگەندۇ مېنىڭ بۇ مېھمانخانىغا چۇشكىنىمنى.قارىغاندا بۇگۇن ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغۇدەكمەن.ياتاقتىن سىرتقا چىقتىم.ئۇنىڭ ياتىغىمغا كىرىۋالماسلىغى ئۇچۇن ئوز كىملىكىمدە يەنە بىر ياتاق ئاچقۇزدۇم.ئۇ ياتىغىغا كىرىپ كىتىش ئالدىدا،-
  -شاكىر بۇگۇن كىچىنى ئوتكۇزۇشنى شۇنچە ئاسان دەپ ئويلامسەن .ماڭا مۇشۇ بىر قېتىم ئىشەن،ساڭا ھەمرا بولۇپ بۇ بىر ئۇزۇن كىچىنى ئوتكۇزىۋالاي،ھەرگىزمۇ يامان غەرەز ئارلاشمىغانلىققا  كاپالەت بىرەي.
  -ئىشەكمۇ  پۇتى بىر قېتىم سېپىلغان كورۇكتىن ئوتمەس ئىكەن،-ئۇنىڭ گېپىنىڭ بىلىگە تەپتىم.
  -بۇگۇن كىچىنىڭ ھەر ئىككىلىمىز ئۇچۇن قانچىلىك ئازاپلىق ئىكەنلىگىنى بىلەمسەن.مەن ئويگە خەت قالدۇرۇپ قېچىپ چىقتىم.ئۇلار مېنى چوقۇم ئىزلەيدۇ.يالغۇزلۇقتا ئىچىم پۇشۇپ ئىچىپ مەس بولۇپ قالسام نىمە بولۇشىمنى بىلمەيمەن،ھەر ئىككىلىمىزنىڭ بىخەتەرلىگىنى دەپ بولسىمۇ بىر ئاز ھەمراھ بولۇپ پاراڭلىشىشىمىزغا يول قوي ...،-تەھدىد سېلىۋاتاتتى.
  -بولدى قىل ئايگۇل بەك چارچاپ كەتتىم .ئارام ئالايلى.
  -شەمسىيە بىلەن نىمە زىدىيىتىمىز بارلىغىنىمۇ بىلگۇڭ يوقمۇ ؟،-مېنىڭ ئاجىزلىغىمدىن تۇتىۋالدى.مەن بۇ زىدىيەتنى بىلىشكە بەكمۇ تەقەززا ئىدىم.
  -بولىدۇ.بىراق چەكتىن ئاشىدىكەنسەن ،ھەيدەپ چىقىرىمەن،-توي بولغۇچىلار خىيالى يۇرۇيمىز،چوڭلار نىمىمۇ بولۇپ كەتكەندۇ...
   ئايگۇل خېلىلام بېسىقىپ كەتكەن ئىدى.ماڭا سۇركىلەيمۇ دىمەيتتى.ياتاقتىكى سوغۇق ئىچىملىكتىن ئازراق ئىچىۋېلىپ سورىدى.
  -كامىرانى قانداق بايقىدىڭ ؟روشەنگۇل ئەيتىپ بەرمىگەندۇ ؟،-ئۇمۇ ئوزى قىزىقىدىغان ئىشلارنى بىلىشكە ئالدىرسا كىرەك.
  -مەنمۇ سىلەر ئىككىڭلارنى قىلغان بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان.توي تەييارلىغىنى دەپ چىراق ئالماشتۇرغاندا تاسادىپى بايقالدى شۇ،-روشەنگۇلنى قوغداش ئۇچۇن يالغان سوزلىدىم.
  -مەن تېخى روشەنگۇلدىن كورۇپ يۇرۇپتىمەن،بولدىلا  تەقدىر شۇنداق بولسا كىرەك.يېڭىلگىنىمگە تەن بەرسەممۇ ،ئەمما سېنىڭدىن ئولگۇچە ۋاز كەچمەيمەن.
  -بولدى قىل ئايگۇل ،ئوزۇڭنى ياخشى كورمەيدىغان بىرىنى قوغلۇشۇپ نىمە پايدىغا ئىرىشىدىغانسەن.
  -پايدىدىن سوز ئېچىۋاتامسەن شاكىر،مەن سېنى ھەرگىزمۇ پايدا قوغلىشىپ قوغلاشمايمەن،كوڭۇل دىگىنە  كوڭۇل...،-ئۇنىڭ كوزىدىن تۇنجى قېتىم ياش چىققىنىنى كورۇشۇم ئىدى.
  -مېنىڭ بۇ يەردىلىكىمنى قانداق بىلدىڭ ؟،-سورىدىم.
  -بۇ دىگەن ئاسانغۇ،سېنىڭ تاكسى توسۇپ مۇشۇ  ناھىيەگە ئاپىرىپ قوي دىگىنىڭنى ئاڭلىغان تۇرسام،بۇ كىچىك ناھىيەدە بۇنىڭدىن باشقا ياخشىراق ياتاق بولمىسا ،بۇ يەردىن باشقا نەگىمۇ باراتتىڭ،مۇلازىمەتچىلەرگە ئازراق يالغان سوزلىدىم شۇ،دوستۇم ياتاق نومۇرىنى دەپ بەرگەنتى ،ئۇنتۇپ قاپتىمەن .ئىسمى شاكىر قايسى ياتاقتىكىلىگىنى ئىزلەپ بىرىڭلار دىدىم.سېنى ئىزلىمەي ئوز كىملىگىمدە ياتاق ئاچقۇزسام ئىزلەپ چىققانلار ئاسانلا تېپىۋالىدۇ .بۇ ساڭىمۇ ئايان،ساڭا تەگمەيمەن دەپ قېچىپ چىققان بولدۇم.ئۇلار مەن تەگمەيمەن دىگەن ئادەمنىڭ كىملىگىدە ياتاق ئاچقۇزۇشۇمنى خىيالىغىمۇ ئەكىرمەيدۇ دىگىنە،-ئۇنىڭ چىرايىدىن مەيۇسلىگى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.ئازراق ئىچ ئاغرىتىپمۇ قالدىم.شۇنچە مەغرۇر ،مۇشۇ يۇرتتا ھارقانداق بىر يىگىتنى ئوزىگە كويدۇرۇپ يۇرەلىگۇدەك قىز ئىدى.ئەپسۇس كوڭۇل دىگەن ساراڭغا ئامال يوقكەن.
  -شەمسىيە بىلەن بولغان زىدىيىتىڭلارنى دەپ بەرمەمسەن،-ئۇدۇللۇق سورىدىم.
  -ئالدىراپ كىتىۋاتقانلىغىڭنى بىلىمەن.بولىدۇ دەپ بىرەي.ئەمما ئىشىنىش -ئىشەنمەسلىك ئوزۇڭدىن،-ئۇ بىر يۇتۇم سوغۇق ئىچىملىك ئوتلىۋېلىپ سوزلەشكە باشلىدى.
  -سوزلىسەم گەپ جېق.قىسقىلام دەي-سەن بىلىسەن مېنىڭ ئاكامنى .ئۇنى چەتئەلدە ئوقۇۋاتىدۇ دەپ بىلىسەنغۇ،ئەپسۇس ئۇ چەتئەلدە ئەمەس بەلكىم ئىچكىردىكى مەلۇم دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.نىمە كىسەل دەپ سورىما .ھازىرلا بىلىسەن.شەمسىيە بىلەن ئاكامنىڭ ئىلگىركى ئاشىق -مەشۇقلىغىنى بىلمىسەڭ كىرەك.ئۇلار ئالى مەكتەپتە ئارلاشقان ئىكەن.كىم بىلسۇن ئۇلار بالدۇرلا بىر ئويدە بولىۋاپتۇ.بىراق شەمسىيە چوڭ شەھەرلەردە يۇرۇپ ئوزىگە نىجاسەت كىسەل يۇقتۇرىۋالغان بولۇپ،كىسەل ئاكامغىمۇ يۇقۇپتۇ.كېيىن ئۇلار بۇ كىسەلنى بايقاپ نومۇسقا چىدىمىغان شەمسىيە ئولىۋالماقچى بولۇپ بىنادىن ئوزىنى تاشلاپ مەخسىدىگە يىتەلمەي پۇتى سۇندى.دوختۇرغا ئېلىپ بېرىلغاندا ئوزىنىڭ شەرمەندىلىكىنى يۇشۇرۇش ئۇچۇن ئاكامنى باسقۇنچىلىق قىلماقچى بولغىنىدا ئوزىنى قوغداش ئۇچۇن بىنادىن سەكرىدىم دەپ تۇرىۋېلىپ،ئاكامنى سولىتىۋەتتى.كېيىن ئاكامنىڭ كىسىلى ئېغىرلاپ تۇرمىدىن داۋالىنىش ئۇچۇن كېپىللىك قويۇپ بەردى .ئاكام ئىچكىرىدە داۋالىنىۋاتىدۇ.شەمسىيە بولسا .رەسۋالىقلىرى ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ئۇ شەھەردە ياشىيالماي،ئوزىنى دىنى تونغا ئورىۋېلىپ بۇ شەھەرگە كېلىۋالدى،ئاكامنى قانچە ياخشى كورىدىغىنىمنى بىلمىسەڭ كىرەك.ئاكامنىڭ قىساسىنى ئالمۇغۇچە بولدى قىلمايمەن.زىدىيەت ئەنە شۇ،-ئايگۇلنىڭ دىگەنلىرىگە ئىشەنمەيتتىم.بىراق ئۇنىڭ يامان كىسەل دىگىنىنى بىلمەكچى بولدۇم.
  -قانداق كىسەلنى دىمەكچى سەن،-سورۇدۇم.
  -قانداق كىسەل بولاتتى.ئەيدىس............،-قولاق توۋۇمدە بىر بومبا پارتلىغاندەك چوچۇدۇم.شەمسىيەنىڭ ئۇنداق ناشايان ئىشلارنى قىلىشىغا  ئىشەنمەيتتىم .بىراق شامسىيەنىڭ ئاكىسىنىڭ تۇرمىگە سولىنىشى ھەرگىزمۇ ئاددى ئىش ئەمەس ئىدى.شەمسىيە باسقۇنچۇلۇققا ئۇچرىغانمىدۇ ؟ئايگۇلنىڭ ئاكىسى بۇنداق نىجاسەت كىسەل تۇرسا،باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان قىز ساق قالارمۇ.....ئويلاشقا پېتىنالمىدىم.ئايگۇلنى سورەشتۇرۇپ ياتاقتىن قوغلاپ چىقاردىم.يوتقانغا يۇزۇمنى پۇركەپ يىغلاپ  كەتتىم....
                                    *      *      *
    بېشىم قاتتىق ئاغرىپ تۇراتتى .سائەتنىڭ قانچە بولۇپ كەتكىنىنى بىلمەي تېلىفۇنۇمنى ئېچىپ ئانامغا تېلىفۇن ئۇردۇم.
  -شاكىرمۇ سەن بالام .نەلەردە يۇرۇيدىغانسەن ؟بىز تەرەپلەردىكى ئىشلاردىن خاتىرجەم بول.قىز تەرەپتىن باياتىن ئۇچۇر كەلدى.شەھەر باشلىغىنىڭ تۇيۇقسىز يۇرەك كىسىلى قوزغۇلۇپ قېلىپ جىددى قۇتقۇزۇشتا قۇتقۇزىۋېتىلىپتۇ،بىزمۇ مېھمانلىرىمىزغا سېنى باشلىققا ھەمرا بولۇپ دوختۇردا ساقلاۋاتىدۇ دەپ قويدۇق.ئوزۇڭنى ئاسرا،كەچتە چوقۇم قايتىپ كەل.مېھمانلارنى ياخشى كوتۇپ يولغا سېلىۋاتىمىز...،-تېلىفۇننى يەنە ئېتىۋەتتىم.يوتقانغا يەنە يۇزۇمنى چومكىدىم.كوزلۇرۇمدە ياش ،يۇرۇگۇم لەختە قان...تۇنجى سويگەن ئادىمىمنىڭ بۇنداق يامان ئۇچۇرى مېنى ئەزمەكتە........
  بىرلا ئومۇت بار ئىدى.ئايگۇل بىر يالغانچى.ئۇنىڭ دىگەنلىرىنىڭ يالغان چىقىشى ئۇمۇتنىڭ ئوزى ئىدى،بىراق بۇ ئىشلارنى كىمدىن سورايمەن.روشەنگۇل بىلەمدىغاندۇ ؟بىلسىمۇ ئۇ قەيەردە ؟شەمسىيەنىڭ ئوزىدىن سوراشقا بولامدۇ ؟.........
-قوپە -قوپ شاكىر.ئولمىگەنسەن،-ئايگۇلنىڭ سىلكىشلىرىدىن ئويغۇنۇپ ئەتىراپقا باقتىم.ئوز ياتىغىم.قانداق كىردىڭ دىگەندەك ئىشىككە قارىدىم.
  -قارىمىساڭمۇ بولىدۇ .ئىشىكنى قاقسام ئاچمىدىڭ. ئولگەن چېغى دەپ،ماۋۇلارغا دەپ ئىشىكنى ئاچغۇزدۇم،-ئىشىك توۋىدە كۇتكۇچى قىز قاراپ تۇراتتى،مېنىڭ بېشىمنى كوتۇرگۇنۇمنى كورۇپ ئۇ كىتىپ قالدى.
  -قورساق ئېچىپ ئولسۇن دەمسەن.يۇر تاماق يەپ كىرىمىز،- شۇنداقمۇ قاشاڭ قىز بولىدىكەن.توي كۇنى يىگىتى تەرىپىدىن تاشلانسۇن.نومۇستا ئويىدىن قېچىپ چىقتى ،دىسەم.بۇ يەردە يەنە قوساقنىڭ غېمىنى قىلىپ يۇرۇيدا.
  -سىرتقا چىقىشتىن ئويالمامسەن،بۇ ناھىيەدىمۇ سېنى ،مېنى تونۇيدىغانلا تولا ،خەق كورسە نىمە دەيدۇ،-ئاغرىق بېشىمنى يولەپ تۇرۇپ دىدىم.
  -نىمە دەيتتى ،بىر جۇپ ئاشىق-مەشۇقكەن دەيدۇ.ھى ھى ھى...،-خىجىل بوماي كولىۋاتاتتى.
  -ئويالساڭچۇ،چوڭلار نومۇستا نىمە قىلىۋاتىدۇ،كەلگەن مېھمانلارغا چۇشەنچە بىرىپ بولالماي ئاۋارە.سەن بولساڭ يەنە كولەلەيسەنكەنغۇ.
  -كولىمەن شاكىر .سەن يېنىمدا بولسەڭ ،ئولىدىغان ئىش بولسىمۇ كولۇپ بارىمەن دىگىنە.ھى ھى ھى...،-بىزەڭلىك دىگەنگىمۇ گەپ كار قىلمايدىكەن.
  -داداڭنى يۇرەك كىسىلى بىلەن دوختۇرغا كىرىپ قاپتۇ دەۋاتىدۇ،شۇنى بولسىمۇ ئويلا.
  -ھى ھى ھى....،-تېخىمۇ قاتتىق كۇلگەن شەمسىيە ئالدىمغا كېلىپ كوزۇمگە  تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ-
  -سەن ئىشەندىڭمۇ شۇ گەپلەرگە،دادامنىڭ ئەزەلدىن يۇرەك كىسىلى يوق.ئۇ دىگەن بىر سىياسىئون،قانداق چاغدا قانداق بولۇشنى ئوبدان بىلىدۇ.يوزىنى توكىۋالماسلىق ئۇچۇن ياتقاندۇ ھەقىچان،-ئۇنىڭ خىيالىغىمۇ كىرمىگەن ئىدى.
  -شۇنداق بولسىمۇ بىر تىلىفۇن قىلىپ قويمامسەن،-دىدىم.
  -قىلمىدى دەمسەن.ئۇلارنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىغىدىن خەۋەردار بولۇپ تورىۋاتىمەن.مېنىڭ ئويدە قالغان خەۋەرچىم بار.ئۇلاردىن خاتىرجەم بول شاكىر.دادامنىڭ چۇشتە نىمە يىگىنىنىمۇ بىلىپ تۇرىۋاتىمەن،-ئۇنىڭ بۇنچە يامان ئىكەنلىكىنى بۇرۇن بىلمىگەنتىم بولارمۇ ؟.
  -قوپە دەيمەن.توي كۇنىمىزدە ئاچ يۇرسەك قاملاشماس.بۇ ناھىيەدىكىلەرنىڭ بىزنى تونۇيدىغانلىرى سېنىڭ ۋە بىزنىڭ ئويدە توي ئوينايدۇ،-ئايىغىمنى مەجبۇرى كېيگۇزدى ۋە
  -تاماق يىمەي توي كىچىسىنى لاتا بولۇپ ئوتكۇزەي دەمسەن،-دىدى.بۇ گەپكە ئەرۋاھىم ئۇچتى.
  -نىمە قىلاي دەيسەن .توي كىچىسىنى چۇشەۋاتامسەن.
  -ھامىنى كېلىدىغان كۇن بولغاندىكىن،خىيال قىلىپ قويسا نىمە بوپتۇ،- گېپىدىن يېنىۋېلىۋاتاتتى.
  -شۇملۇق قىلىمەن دىگۇچى بولما .كەچ كىرسىلا قايتىپ كېتىمەن.
  -كىم سېنى كەتمە دەپتۇ،ھازىرقى ۋەزىپە قوساق تويغۇزۇش،-سورەشتۇرۇپ دىگۇدەك ئاشخانىغا ئەچىقتى.تونۇشلارنى ئۇچراپ قالمىسۇن دىگەندەك يوزۇمنى چومكەپلام يۇردۇم.
  كەچ كىرمىكى شۇنچە تەس كەلدى.ئايگۇل بىر مىنۇت مەندىن نېرى بولماي كەيپىياتىمنى ئۇچۇرۇپ يۇرەتتى.
  -سىنىڭ جېنىڭغىمۇ ۋاي ئايگۇل،ئوزۇڭنى ياخشى كورمەيدىغان بىرىگە شۇنچە يېپىشىۋالغان بارمۇ ؟ھەر نىمە قىل مېنىڭ سېنى ياخشى كورۇشۇم مۇمكىن ئەمەس.
  -ياخشى كورۇشۇم ئوزۇمنىڭ ئىشى،سېنىڭمۇ كىمنى ياخشى كورۇشۇڭ ئوزۇڭنىڭ ئىشى.مەن سېنى مېنى ياخشى كور دەپ ئېلىشتۇرۇپ يۇرمىگەندىن كېيىن سەنمۇ ئىشىڭنى قىلىۋەرسەڭ بولمامدۇ ؟قوينۇڭغا كىرىۋېلىپ مېنى ئال دىمىگەندىن كېيىن ،قېشىڭدا ئۇلتۇرسام نىمە بولۇپتۇ،-بىزارلىقنىڭمۇ  چېكى بولىدىكەن.
  -سېنى كورۇپ ئولتۇرغاندىن كورە چىۋىن يەۋالساممۇ كوڭلۇم بۇنچە ئېلىشماس،ئادەمنى ئازراق بىزار قىلىپ  يالغۇز قويساڭ بولمامدۇ،-بۇنچە قوپال گەپ قىلىپ باقماپتىكەنمەن.
  -بىزار بولدۇم دەۋاتامسەن.بىزار بولىدىغان كۇن، ئالدىڭدا تېخى،چىرايلىق خېنىمىڭنىڭ كىسىلى قوزغالسۇنچۇ قەنى شۇ چاغدا بىلىسەن بىزار بولۇشنى،-قولۇمغا نىمە چىققانلىغى بىلەن كارىم يوق ئاتتىم ئۇنىڭ يۇزىگە.
  -يوقال،نومۇس قىلساڭچۇ،سېنىڭ دىگەن قايسى بىر گېپىڭ راس چىققان،باشقىلارغا توھمەت قىلىشقا خۇمارغۇ سەن،-شۇنداق دىگىنىم بىلەن شەمسىيەنىڭ شۇ نىجىس كىسەلگە گىرىپتار بولىشىدىن بەكمۇ قورقاتتىم،بولسا توھمەت بولغاي ئىلاھىم...
  -توھمەت،كىمگە توھمەت قىلىپتىمەن.دىدىمغۇ تەكشۇرتۇپ باق دەپ،ئوزىدىن سورىساڭمۇ بولۇدۇ ياكى،-ئايىغىمنى ئاتتىم .يامان جىنتەككەن بىر سەكرەپلام ئوتكۇزىۋەتتى.
  -مەن دىدىمغۇ شاكىر سەن مېنىڭ،ئومرۇمدە ساڭا تەگمەي قويمايمەن،كىمىكى ساڭا تىگىمەن دەيدىكەن ياخشىلىق كورۇش دىگەندىن خىيال قىلمىسۇن،-چاچراپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.ئەپسۇس مەن تۇرۇپ بولغىچە ئۇ قېچىپ ئۇلگۇردى.
  ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ روشەنگۇلگە تېلىفۇن ئۇردۇم ئەپسۇس تىلىفۇنى ئىتىك ئىكەن.شەمسىيەگە تىلىفۇن قىلىشتىن ئويۇلدۇم.ئىلاھىم روشەنگۇلنىڭ شەمسىيە بىلەن ئايگۇل ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلاردىن خەۋىرى بولغۇيدى،بولمىسا بۇ تۇگۇننى كىممۇ يىشىپ بىرە.ئايگۇل دىگەن جىننىڭ يەنە ئاۋارە قىلىشىدىن قورقۇپ كەچ كىرىشىنى كۇتمەيلام ئويگە قايتتىم.
                                     *   *   *   *   *
   ئويدىكىلەر مەندىن ئەنسىرەپلا ئولتۇرۇشقان ئىكەن.ئۇلارنىڭ دىيىشىچە مېھمانلارنى قۇدىمىز ئېغىر كىسەل بولغىنى ئۇچۇن قىزنى يوتكەپ ئەكىلەلمەيدىغان بولدۇق دەپ  ئەپلەپ يولغا سېلىپتۇ،بىراق مېنى كورگەن ئانام يىغلاپلام كەتتى.
  -ۋاي جېنىم بالام ،قايسى كۇنكى يىغاڭدىن ھېچنىمىنى چۇشەنمىگىنىم نىمىسى،ئايگۇل بىلەن توينى قىلىشقا ئالدىراپ شۇنداق قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەنغۇ..ئۇ ئەسلى بىر ناكەسكەن ئەمەسمۇ.سېنى قولغا چۇشۇرىمەن دەپ بىز چوڭلارنىڭ ئالدىدا قىلىپ يۇرگەن ئىشلىرىچۇ....،-يىغىغا قوشاق قاتقىلى نىمانداق ئۇستا خەق بىز ،ھېچ قاپىيەسى يوق گەپلەرنىمۇ ئاھاڭغا سېلىپ دەۋىرىدىكەن.
  -بولدى قىلە ئەمدى،ئوغلۇڭنى خىجالەت قىلىپ نىمە قىلىسەن،-دادم ئانامنى توسىدى ۋە-
  -ئادىل ۋالىنىڭ قىزى بىلەن قاچان تېپىشىۋالغانتىڭ،-ئانامنىڭ دىگەنلىرىدىنمۇ خىجالەت قىلىدىغان ئىشنى سورىدى.بۇ دادامنىڭ شەخسى سىرىم ئۇستىدە تۇنجى سورىشى ئىدى.نىمۇمۇ دىيەلەيمەن،ئۇنى قىز دوستۇم دەي دىسەم ئۇنىڭدا ئايگۇل دىگەندەك كىسەل بولسىچۇ ؟ ئۇنىڭ ئۇستىگە شەمسىيە ماڭا ھازىرغىچە بۇ توغرۇلۇق بىرە جاۋاپ بەرمىگەن تۇرسا.سوكۇتنىڭ ئوزى ئەڭ ياخشى جاۋاپ.ياخشىمۇ ئۇلار روشەنگۇلنى خاتا چۇشۇنۇپ يۇرمەپتۇ.شۇنىڭدىن قارىغاندا شەمسىيەمۇ ئاتا -ئانام بىلەن كورۇشۇپتۇ .بۇ چوقۇم روشەنگۇلنىڭ توھپىسى ئىدى.ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن كوپ قەرىز بولۇپ قېلىۋاتاتتىم.
  -قاچان بولاتتى ،قايسى كۇنى شاكىرنى كۇتۇپخانىسىغا بىر قىز باشلاپ كەلدى.مېھرى ئەجەپ ئىسسىقكەن دىمىدىممۇ .شۇ قىز دەل ئادىل ۋالىنىڭ قىزىكەن ئەمەسمۇ،ئاتا -ئانىسىمۇ  شۇنداق ئىسىل ئادەملەردى،-ئانامنىڭ ئېغزى ئېچىلدى.ئۇلار نىمە دىمىسۇن گەپ قىلماي ئولتۇرىۋالدىم...
                                         *    *     *    *    *
   توي بۇزۇلۇپ ئەتىسى سەھەردىلا روشەنگۇلنى ئىزلەپ ئۇنىڭ ئويىگە باردىم.لېكىن روشەنگۇلنى ئويىدىكى خىزمەتكارلار قايتىپ كەلمىدى دىدى.قارىغاندا ئۇ ئويىگە قايتمايلا ئۇرۇمچىگە كەتكەن ئوخشايدۇ.تۇيۇقسىز تىلىفۇنىمغا قىسقا ئۇچۇر كەلدى.
  "شاكىر بىز ئۇرۇمچىگە قايتتۇق،بىزنى ئىزلەپ ئاۋارە بولما .مەكتەپتە كورىشەيلى،شەمسىيە ،روشەنگۇل" دىيىلگەن ئىدى.يەنە كۇتۇش باشلاندى.تەتىلمۇ توشاي دەپ قالغان ئىدى.... ئۇلارنىڭ سوزىچە بولغاندا روشەنگۇلمۇ  بىز بىلەن ئوقۇشقا بارامدۇ نىمە...روشەنگۇلنىڭ  تىلىدىن خوش پۇراق چېچىلغاي ئىلاھىم...
                                                 9
   تەتىلمۇ ئاخىرلىشىپ مەكتەپكە كىلىۋالدىم.توي ئىشىدىن كىيىن دەپ ئوتكۇدەك چوڭ ئىشلارمۇ يۇز بەرمىدى.شەھەر بەشلىغى قىزىنىڭ قېچىپ كەتكىنىنى بىزدىن يۇشۇرۇپ،ئوزىنىڭ كىسەل سەۋەپلىك قىزىنىڭ تويىغا توسالغۇ بولغىنى ئۇچۇن قىزى يۇزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي باشقا يۇرتتىكى توققانلىرىنىڭ قېشىغا بېرىۋالغانلىغىنى ئەيتىپ ئويدىكىلەرگە چاي بەردى.توي ئىشىنى قىزىنىڭ ئاچچىغى يانغاندا دىيىشىدىغان بولۇپ تويلۇقمۇ قايتۇرۇلمىدى.بىزنىڭ ئويدىكىلەر باشلىقنىڭ يۇزىنى قىلىپ باشقا گەپ قىلمىدى.شۇنىڭ بىلەن بىر قېتىملىق بوھران ئاخىرلاشتى.
   ئايگۇلنىڭ پاراكەندىچىلىك قىلىشىدىن يۇرتتا قۇتۇلغان بولساممۇ مەكتەپكە كېلىپلام تۇتۇلدۇم.
  -شاكىر تويۇمنى بۇزۇپ ياخشى ئىش قىلمىدىڭ،بىر كۇن بولسىمۇ خوتۇن قىلىپ قويىۋەتكەن بولساڭ بۇنچە ئىزادا ئولمىگەن بولاتتىم.خەير بوپتىلا دەي،ئەمما ئىسىڭدە تۇتقىنكى كېيىنكى تويۇڭدا تارىخ تەكرارلىنىپ قالمىسۇن ئىلاھىم...،-بۇ سوزلىرىنى تەھدىد ياكى تىلەك دەپ چۇشۇنەلمەي گاڭگىراپلام قالدىم.
  -ياخشىلىق قىلغۇچىمۇ ،ئەمىلىمىزگە لايىق جازا بەرگۇچىمۇ شۇ خۇدا ئايگۇل.بۇرۇن قىلغانلىرىمنىڭ  جازاسىنى تارتىپ بولغان بولغۇيدىم ئىلاھىم،- ئارتۇق گەپ قىلمىدىم.ئۇ مېنىڭچە مەكتەپكە بۇرۇنلا كىلىۋالغان بولسا كىرەك.مەنمۇ شەمسىيەلەر بىلەن بالدۇرراق كورۇشۇش ئۇچۇن بىر كۇن بورۇن كىلىۋالغان ئىدىم.كەلسەم ئايگۇل كېلىپ بولغان ئىكەن.
   شەمسىيە كەلمەي قالسا ئايگۇلنىڭ بۇگۇن كىچىنى ماڭا ئۇيقا ھارام قىلىپ بىرىشىگە كوزۇم يىتىپ سىرتتا ياتاق ئاچقۇزدۇم.
  سەھەر مەكتەپكە يىتىپ كەلدىم .مەكتەپ دەرۋازىسىدا ماڭا ساقلاپ تۇرغاندەكلا ئايگۇلگە يولۇقتۇم.
  -تېپىپ باق شاكىر ،جاجاڭنى بىرىدىغان چاغلار يىتىپ كەلدى،قانداق بىرىدىغاندىمەن ؟،-چىرايىدا بىر غىلجىڭ كۇلكە،نىمە شۇملۇقتا بۇنچە خۇشال بولغاندۇ دەپ-
  -سېنىڭ ھېلەڭنى مەن نەدىن بىلەي.شەيتانغىمۇ دەرىس بىرىسەنغۇ سەن زادى،-بىلمىگەننى دوراپ ئىككى مورەمنى چىقىرىپ قويدۇم.
  -ھى ھى ھى شەمسىيە بىلەن ئىككىڭنى بىرلىشىپ ماڭا قارشى تۇرمىسۇن دەپ روشەنگۇلنى ماڭا ھەمرا قىلىپ ئەۋەتىپتۇ.
  -كىم ئەۋەتىپتۇ،-جىننىڭ ئېغزىدىن بولسىمۇ ئاللاھ سوزىنى ئاڭلاي دەپ بىلمەسكە سېلىپ سورىدىم.
  -سېنىڭ جاجاڭنى بىرىشنى ماڭا سالغان شۇ ئىگىمىز،-خۇداغا مىڭ شۇكرە ،مۇنۇ شەيتاننىڭ قەلبىدە بولسىمۇ يامانلىق ئويلىغاندا ئىگىمىز بار ئىكەن ئەمەسمۇ.ئەپسۇس ئۇ ئوزىنىڭ بارلىق پىلانلىرىنى شۇ ئومۇت باغلىغان دوستىنىڭ نابۇت قىلغانلىغىنى بىلسە ئىدى نىمۇمۇ بولۇپ كىتەر.ئەي كەرەملىك ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم  سىرلارنىڭ سىر پېتى ئۇنىڭغا بىلىنمەسلىگىنى سېنىڭدىن تىلەيمەن.ئىچىمدە ئاللاھتىن تىلىدىم.روشەنگۇلنىڭ خەۋىرىنى يەتكۇزگەن باشقا بىرى بولسا ئىدى خوشلۇقتا چوقۇم كوتۇرۇپ ئايلاندۇرغان بولار ئىدىم.
  -شەيتاندىن يەنە بىرى ئاۋۇپتۇ ئۇنداقتا،-چاندۇرماي دەپ قويدۇم.قەلبىمدە روشەنگۇل شەيتان ئەمەس پەرىشتە ئىدى.
   -ئاللاھ جاجاڭنى بىرىشنى خالاپ قالغان چېغى،-كىمنىڭ جاجىسىنى بىرىدۇ كورمەمدۇق .ئۇنىڭ دىگەن گەپلىرىگە مېيىغىمدا كولۇپ قويدۇم.
  شەمسىيەلەر بىلەن ياتاق ئالدىدا كورۇشتۇق.دىگەندەك روشەنگۇل ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىدى.روشەنگۇلنىڭ كىيىنىشى شەمسىيەنىڭ كىيىملىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ ئايگۇل شۇنىڭغا قاراپ بولسىمۇ بىر نىمىنى سەزمىگەن ئىدى.
  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،-ئاۋۋال تىچلىق سورىدىم مەن.
  -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،-ئىككىلىسى تەڭلام جاۋاپ قايتۇردى.
  -ئىككىڭلار شىرىن ئاي ئوتكۇزەيلى دەپ بۇرۇن كىلىۋالمىغانسىلە،-روشەنگۇل مېنى چېقىۋېلىشقا ئامراق ئىدى.
  -بۇنىڭ بىلەن بىرگە بولسام شىرىن ئاي ئەمەس كۇلپەي ئاي بولۇپ قالمامدۇ،-چاخچاق دەپ چۇشۇنەر دىسەم گېپىمنى ئايگۇل ئىلىۋالدى.
  -بولدى قىلە روشەنگۇل ،بۇ مەتۇغا شىرىن ئاي نىمە قىپتۇ،توي قىلسىمۇ شىرىن ئاي ئەمەس ئىتىكاپتىن قالدىم دەپ ئوتكەن شىرىن چاغلىرى ئۇچۇن خوتۇنىغا تاپا-تەنە قىلمىسىلام بولاتتىغۇ ،-گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئېغزىنى ئۇشلاپ دىگۇدەك دىدى ئۇ.
  -بۇنداق گەپلەرنى قويۇپ ئوز گېپىڭنى قىلە روشەنگۇل ،نىمە بولۇپ بۇ شەھەرگە كېلىپ قالدىڭ،-مېزىسى يوق پاراڭدىن قۇتۇلۇشنى ئويلاپ شۇنداق دىدىم.
  -چەتئەلدە يۇرسەممۇ تىل ئوگۇنىدىكەنمەن،ئۇندىن كورە ئوز ئىلىمدە ئوگىنەي دەپ كەلدىم.
  -مەۋسۇم ئوتتۇرسىدىمۇ ئوقۇغۇچى ئالامدىكەن،-ئايگۇل سورىدى.
  -چەتئەلدە ئوقۇغان ۋاقتىمنى ئىتراپ قىلىدىكەن ،بىر مەۋسۇملۇق ئوقۇش پۇلىنى كوپ تولىدىم شۇ،-شەمسىيە پاراڭغا ئارلاشماي چەتتە قاراپ تۇراتتى.
  -ياتاقنى قانداق قىلىدىغان بولدۇڭلار،- سورىدىم.
  -قانداق بولاتتى،ئۇچىمىز بىر ياتاقتا،-ئايگۇل ئالدىراپلا جاۋاپ بەردى.
  -ياق ئايگۇل ،مەن مەكتەپتە ياتمايمەن .مەكتەپكە يېقىنلام يەردە دادامنىڭ ئېلىپ قويغان ئويى بار ،شەمسىيە بىلەن شۇ يەردە يېتىشنى قارار قىلدۇق،سەنمۇ قولاي بولسا بىز بىلەن بىرگە تۇرساڭ بولىدۇ،-ئايگۇل ھەيران قالدى بولغاي شەمسىيە بىلەن روشەنگۇلگە بىر قارىۋېتىپ.
  -ئىككىڭلار،ئىككىڭلار بىرگە تۇرىمىز دەۋاتامسىلەر،-ئۇ تېخىمۇ ھەيران قېلىۋاتاتتى.
  -شۇنداق .سەن خالىساڭ ئۇچ بولىمىز،قىلىدىغان ئىبادىتىمىزگىمۇ قولاي بولىدۇ،-روشەنگۇل قىلچە تەمتىرىمەي جاۋاپ بەردى.
  -ئىبادىتىمىز دەۋاتامسەن روشەنگۇل،ساڭا نىمە بولاۋاتىدۇ،قىززىپ قالمىغانسەن،-ئايگۇلنىڭ روشەنگۇلنىڭ پىشانىسىنى سىلاش ئۇچۇن ئاپارغان قۇلى بوشلۇقتا لەيلەپ قالدى.روشانگۇل ئوزىنى قاچۇرۇپ.
  -شۇنداق ئىبادىتىم دەۋاتىمەن.بۇرۇن بىلمىگەن بولسام ئەمدى بىلدىم ئايگۇل.سەنمۇ خالىساڭ بۇ ھالىتىڭنى ئوزگەرت.بىز ساڭا ياردەم بىرىمىز،- دىدى.
  -نىمانداق كىيىنىۋالغانكى دىسەم سەنمۇ ئۇنىڭ  كىسىلىنى يۇقتۇرىۋېلىپسىكەندە،بولدى مېنى ئوزگەر دىگۇچە ئول دىگىن،- ئايگۇل تاراقشىپ ياتىغىغا كىرىپ كەتتى.شەمسىيە ماڭا بىر قارىۋېتىپ.
  -ئۇنى بۇنداق تاشلاپ قويساق بولمايدۇ،شۇڭا سىز ياتىغىڭىزغا كەتكەچ تۇرۇڭ. بىز ئايگۇل بىلەن ئوبدان بىر پاراڭلىشىپ كورەيلى،بىز بىلەن تۇرسا ئازراق بولسىمۇ بىر نىمە يۇقسا ئەجەپ ئەمەس،-بوي سۇنماقتىن باشقا ئامال يوقتە،ئەپسۇس سىلەر ئۇنىڭغا بىر نىمە يۇقا دەپ بورىنى قوتانغا باشلىمىساڭلارلا بولاتتىغۇ ،ماقۇل دىگەندەك بېشىمنى ئىگىپ،-
  -ئاللاھقا ئامانەت،چۇشلۇك تاماقتا بىرگە بولايلى،-دىدىم
  -سىزمۇ ئاللاھقا ئامانەت،ئاللاھ خالىسا بىرگە بولارمىز.
  خوشلۇشۇپ ياندىم.شۇنداق ئىسىل ،ئەخلاقلىق بىر قىزنىڭ شۇ نىجاسەت كىسەل ئىكەنلىگىگە قەتئى ئىشەنمەيتتىم .روشەنگۇلدىن بۇگۇنلام سورىمايدىغان بولسام....
                                    *     *     *
   چۇشلۇك تاماقنى توتىمىز بىرگە يىدۇق.ئايگۇلمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرىدىغان بوپتۇ.بۇمۇ ياخشى بولغىنى.ئۇ مەكتەپتە يالغۇز تۇرىدىغان بولسا مېنىڭ كۇنۇمگە ۋاي،كۇندە ئاۋارە قىلىپ بېشىمنى ساراڭ ئىتەتتى بولغاي.شۇنچە كاللىسى ئىشلەيدىغان ئايگۇلنىڭ  بۇلارنى ئويلىمىغىنىغا ھەيران قالدىم.تاماقتىن يانغىنىمىزدا روشەنگۇلنى تارتىپ ئولارنىڭ ئارقىسىدا قالدىم.
  - سەندىن بىر ئىشنى سوراي دىگەنتىم.
  -نىمىنى سورايسەن شاكىر،-روشەنگۇل دە دىگىندەك قاراپ تۇراتتى.
  -ئايگۇلنىڭ ئاكىسى بىلەن شەمسىيەنىڭ ئىشىنى ،- شۇنچىلىك دىيەلىدىم.
  -ئۇلارنىڭ نىمە ئىشىنى بىلمەكچى ئىدىڭ.
  -قانچىلىك ئارلاشقانلىغىنى ،نىمە سەۋەپتىن ئايرىلىپ كەتكەنلىگىنى بىلەي دىگەن،-تەلمۇرۇدۇم جاۋابىغا.
  -نىمە دەيسەن ھوي شاكىر،شەمسىيە قەيەردە يۇرۇپ ئايگۇلنىڭ ئاكىسى دىگەن شۇ ناكەس بىلەن ئارلىشىپتىكەن،-ياندۇرۇپ سورىدى ھەيرانلىقتا روشەنگۇل.
  -شۇنداراق ئاڭلىدىمغۇ،شەمسىيەنىڭ سەۋەبى بىلەن كىسىلىپ كەتكەن دەيدىغۇ.
  -ماڭا قارا شاكىر.ھەقاچان بۇ گەپلەرنى ئايگۇلدىن ئاڭلىغان بولىشىڭ مۇمكىن.شەمسىيە بىلەن ئايگۇلنىڭ ئاكىسىنى ئارلاشتى دىگىنى قىپ-قىزىل يالغان.ئەمما ئۇ ناكەسنىڭ تۇرمىگە كىرگىنىنى ئاڭلىغانمەن،شەمسىيەنىڭ سەۋەبىكەن دىيىشكەنتى،بىراق بۇ ئاۋۇيخو خەق ئىس-بۇسىنى چىقارماي يوق قىلىۋېتىشتى.شەمسىيەدىن نىمە دەپ سورايمەن،شۇڭلاشقا سورىيالماي بىلەلمىدىم سەۋەبىنى،-روشەنگۇلنىڭ جاۋابى كۇتكەن يىرىمدىن چىقمىدى.
  -ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ زىدىيىتىنى بىلىدىكەنسەن،زادى ئۇلار نىمە زىدىيەتكە بۇنچە قىلىشىپ كىتىدۇ،-يەنە سورىدىم.
  -ھازىرغىچە بىلەلمەي ئىچىم زىدە دىسەڭچۇ ئاشىغىم،-ئۇ مەنىلىك قاراپ قويۇپ سوزلىدى.
  -ئۇنۋىرسىتتا ئوقۇۋاتقان چاغدىكى ئىشلاردىن سېنىڭ پەقەتلام خەۋىرىڭ يوقكەندە،نىمە زىدىيەت بولاتتى.ئوغۇل تالىشىدۇ شۇ،-  كاللام ئېلىشىپلام كەتتى.
  -كىمنى تالىشىدۇ،مېنىمۇ ؟،- ھەيرانلىقتا كوزۇم چەكچىيىپلام قالغان ئىدى.
  -ئاغزىڭغا پوق.ئۇ چاغلاردا سەن قىز بالىنىڭ ئوزى تۇرساڭ،قىز دىگەننى خىيال قىلاتتىڭمۇ،قىز لارمۇ  قارا -مۇنداق ئەركەك تۇكى بارلارنى تالىشىدۇ،-دەپ ئەمدىلە خەت تارتقان بۇرۇتۇمدىن تارتىپ قويدى.
  -ئەمىسە كىمو ،-جاۋابىغا تەقەززا بولماقتا ئىدىم.
  -ئىشقىلىپ سەن تونۇيدىغان بىرى.سوزلىسەم گەپ تولا،ئايرىم بىر كۇنى دەپ بىرەي.چوقۇم مېنى يالغۇز مېھمان قىلىسەن،-ئۇنى دىمىسىمۇ مەكتەپكە كىلىپ قالغان ئىدۇق.ئايگۇل بىلەن شەمسىيە بىزگە ساقلاپ قاراپ تۇراتتى.ئەڭ ئاخىرقى سۇئالىمنى سورىۋالدىم.
  -شەمسىيەمۇ مۇھابەتلىشىپتىكەندە ئۇنداقتا ؟،-
  -ئوزىدىن سورا بايقۇش،سەن ھازىر شەمسىيە بىلەن يۇرمىگەن بولساڭمۇ ئايگۇل شەمسىيەنى مۇھاببەت دۇشمۇنۇم دەپ بىلىدىغۇ ؟،- سۇئالغا سۇئال بويىچە جاۋاپ بولدىدە،نىمە دەپ چۇشۇنىشنى بىلەلمىدىم.
                                                                    10
   روشەنگۇلنىڭ سېپىمىزگە قوشىلىشى بىلەن  تۇرمۇشىمىزدا بۇرۇلۇش بولدى.ئىلگىركىدەك كەچتە ياتاقتا قايتىپ ياستۇق قۇچاقلاشتىن كەچلىك تاماق ئۇچۇن ئۇنىڭ ئويىگە يېغىلىپ تاماق يىيىشكە ئالماشتۇق.مەن ياتاققا بەك كەچ قايتاتتىم.ئۇلار بولسا -قونۇپ قال بايقۇش. بىز ئۇچ تۇرساق نىمۇمۇ قىلالايتتىڭ،بىزنىڭ ساڭا چېقىلىپ قويىشىمىزدىن قورقىۋاتامسەن،-دەپ زاڭلىق قىلىش،ھەزىل قىلىشلىرى ئىچىدە يولغا سالاتتى.يولدا قايتقۇچە ،ياتاقتا خىيال مېنى چىرمايتتى.شەمسىيە خىيالى تۇرمۇشۇمنىڭ ھەمراسى ئىدى.روشەنگۇلمۇ شەمسىيەگە ئايگۇلنىڭ ئاكىسىنىڭ نىمە قىلغانلىغىنى ئىنىق بىلمەيدىكەن.لېكىن ئايگۇلنىڭ ئاكىسىنى "تۇرمىگە كىرگەنتى ،شەمسىيەنىڭ سەبىدىنكەن دەپ ئاڭلىغانتىم" دەيدۇ.بىر ئەركىشى قىزلار تەرىپىدىن باسقۇنچىلىق بولمىسا تۇرمىگە كىرىپ يۇرەمدۇ.بولۇپمۇ جەمىيەتتە ئورنى ،پۇلى بارلارغا قانۇندا يۇچۇق تولا تۇرسا...،بۇلارنى شەمسىيەدىن سوراش راستىنلاپ بىئەپ ئىدى.ئايگۇلمۇ راس گەپ قىلمايتتى.ئايگۇلنىڭ ئاكام ئەيدىس دىگەن سوزىگە تامامەن ئىشىنىشكە بولاتتى،ھەرقانچە ئەسكى بولسىمۇ ئوز ئاكىسىنىڭ جەمىيەتتىكى يۇز-ئابرويىنى سېتىپ يۇرمەس.بۇ نىجاسەت كىسەلنىڭ يۇقۇش يوللىرىنى ئويلىسام.....غەشلىك،ئىچى تىتىلداش...
   غەمكىن بولاپ قېلىۋاتاتتىم،قىزلارنىڭ كۇلكە چاخچاقلىرىمۇ قولۇغۇمغا بەزىدە مۇش ئۇرغاندەك بىلىنەتتى،ئايگۇلنىڭ غىلجىڭلاشلىرىنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلسام شەمسىيەنىڭ مەنىلىك قاراشلىرىغا بەرداشلىق بىرىشىم بەكمۇ تەس كىلەتتى.ئۇنىڭ ھەر بىر قاراشلىرىدىن "شاكىر نىمە بولدۇڭ،يېقىندىن بۇيان ئوزگۇرىۋالدىڭغۇ،مەندىن بىرە سەۋەنلىك ئوتمۇگەندۇ ؟..."دىگەندەك مەنالار چىقىۋاتقاندەك بىلىنىپ يۇرۇگۇمنى غاجىلايتتى.بىر كۇنى روشەنگۇل يانغا تارتىپ،-
  -يۇر شاكىر ،سەن بىلەن پاراڭلاشمىسام بولمىدى،قايسى كۇنى يالغۇز مېھمان قىل،دەپ بىرىمەن دىگەن ئىشلاردىن سېنى خەۋەردار قىلمىسام بولمىدى،-دەپ مېنى "ئەپەندى"رىستۇرانىغا باشلاپ ئەكەلدى.
  -نىمە بولىۋاتىسەن بايقۇشۇم،ئۇچىمىزنىڭ ئارىسىدا قىسىلىپ قېلىۋاتامسەن ياكى باشقا بىر سەۋەپ بارمۇ بولەكچە بىر ئادەم بولۇپ قېلىۋاتىسىنا،-ئوزىنىڭ ئامراق تاماقلىرىنى بۇيرۇتۇپ بولۇپ سورىدى ئۇ.
  -كاللامدا خىيال تولا روشەنگۇل،-بېشىمنى قاماللاپ تۇتۇپ ئولتۇرۇپ كەتتىم.
  -نىمە خىيال شاكىر،بىز ئۇچىمىز سېنى ياخشى كورىمىز،بىراق سەن بىرىمىزنىلام سويەتتىڭ،نىمە ئۇ كاللاڭغا كىرىۋېلىپ سېنى بۇنچە بىئارام قىلغان،- دىدى ئۇ.
  -ئوزۇممۇ بىلمەيمەن،بولدى سورىما  روشەنگۇل،-بەزىدە ئەركەكلىگىمنى دىمىسەم راسا ئۇن سېلىپ يىغلۇغۇم كەپ -كىتەتتى.بۇگۇنمۇ سەل دىققەت قىلمىسام يىغلاپ سالىدىغاندەكلا قىلاتتىم.
  -شەمسىيەگىمۇ بۇرۇنقىدەك مۇئامىلە قىلمايۋاتىسەن،قايسى كۇنى ئۇمۇ مۇھاببەتلەشكەنمۇ دەپ سورۇغىنىڭدىن قارىغاندا ئۇنى كۇنلەپ يۇرمەيدىغانسەن ؟،- بىلىشنى شۇنچە خالىغانلىرىم شۇ بولسىمۇ ئېغىز ئاچالمىغىنىم شۇ ئىدى.
  -بەلكىم شۇنداقتۇ ،قەنى دەپ بەرمەمسەن ؟،-سورۇدۇم.
  -بولىدۇ دەپ بىرەي،ئەمما شەرتىم ئوبدان غىزالىنىسەن،قارىسام ئىشتىھايىڭمۇ تۇتۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ،-ئۇ غىزالانغاچ سوزگە تۇتۇش قىلدى.
  -سوزلەپ كەلسەم گەپ تولا ،بۇلارنى ھىكايە شەكلىدە ساڭا سوزلىسەم توگەتمىكىم بەك قىيىن.شۇڭا بايان شەكلىدە مۇنداقلام دەپ بىرەي ئوزۇڭ چۇشىنىۋال،-ئۇ كوزۇمگە ئوبدان بىر قارىۋېتىپ.
  -يەنە بىر گەپنى ئەسكەرتىپ قويايكى،مەن بۇلارنى بىلگىنىمچە دەپ بىرىمەن،شەمسىيە بىلەن ئايگۇلنىڭ ئىچىدىكىنى ئوزلىرىدىن باشقا ئاللاھ بىلىدۇ...،-دەپ قويۇپ ھىكايىسىنى باشلىدى.
  -بىز شەمسىيە بىلەن مۇرات ئارقىلىق تېپىشتۇق،ئالى مەكتەپكە كەلگىنىزدە مۇرات بىلەن شەمسىيە بىر سىنىپقا كېلىپ قاپتۇ،ئۇلارمۇ تولۇقسىزدىكى ساۋاقداشلار بولغىنى ئۇچۇن ئاسانلا تونۇشۇپتۇ،سەن بىلىسەن ئايگۇل بىلەن مەن جاھاندىكى نوچى يىگىتلەرنىڭ بەرى بىزگە ۋاي دىسە،نوچىلارنىڭ نوچىسى بىزنىڭ بولسا دەپ يۇرگەن چاغلىرىمىز ئىدى.شۇڭلاشقىمۇ مۇراتنى پات -پات ئىزلەپ يۇرەتتۇق.شۇ جەرياندا شەمسىيە بىلەن تېپىشىۋالدۇق ۋە تىزلام ياخشى دوسلاردىن بولۇپ كەتتۇق.ئۇنى سەن بىلەن كورۇشتۇرۇشتىن قاچۇردۇق. چۇنكى سەنمۇ  بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى بىر مەبۇدىمىز بولۇپ،تولۇقسىزدا شەمسىيە بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرغىنىڭلاردا بىر-بىرىڭلار بىلەن چېقىشىپ يۇرسەڭلىمۇ بىر -بىرىڭلارغا بەكمۇ ئامراق ئىدىڭلار،شۇڭا كورۇشۇپلام قالساڭلار شۇ چاغلاردىكى ئامراقلىغىڭلار قوزغۇلۇپ  قېلىپ تېپىشىۋالارمىكى دەپ قورۇقتۇق.بىز دىمىسەك مۇراتمۇ ساڭا دىمەيتتى.چۇنكى بايقىشىمىزچە مۇراتمۇ شۇ چاغلاردا شەمسىيەگە بىلەكچە ئامراق بولۇپ بىز ئويلىغاننى ئۇمۇ ئويلايتتى.سەن بىلىسەن مۇرات ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ ئايگۇلنى قوغلىشىپ يۇرگەنتى.ئالىي مەكتەپكە كېلىپمۇ بىر مەزگىل قوغلاشتى.ۋاقىتنىڭ ئوتىشىگە ،شەمسىيەنىڭ پەيدا بولىشىغا ئەگىشىپ بىزگە جۇملىدىن ئايگۇلگە ۋاي دىمەس بولىۋالدى.ئايگۇلنىڭ قانداق قىزلىغى ساڭا ئايان.ئۇ ئوزى مۇراتنى ياخشى كورمىسىمۇ ئوزىنى قوغلىشىپ يۇرۇپ باشقا بىرىگە بۇرۇلۇپ كىتىشىگە چىدايتتى دەمسەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاكىسىنى كوتۇرۇپ چىقتى.ئۇنىڭ ئاكىسى ئوتۇپ كەتكەن بىر ئالا قانات بولۇپ دادىسىنىڭ ھوقۇقى،پۇللىرىغا تايىنىپ قىزلارنى بۇزەك قىلىپ كەلگەن بىر نىمە ئىدى.ئۇ پەيدا بولغاندىن كېيىن بىزنى ئۇرۇمچىنىڭ پۇتۇن ئويۇن تاماشالىرىدىن بەھرىمەن قىلدى. شەنبە-يەكشەنبە بولدىمۇ دىبا،كەچلىك بەزمىخانا،داڭلىق ئاشخانا  قاتارلىق يۇقۇرى ئىستىماللىق ئورۇنلارغا ئاپىراتتى.ئۇ چاغلاردا شەمسىيە ئويۇن -تاماشاغا ئۇنچە ئامراق قىز بولمىسىمۇ بىزنىڭ بىرگە بارايلى دەپ زورلىشىمىزغا چىدىماي بىرگە بېرىشقا مەجبۇر ئىدى،شۇڭلاشقىمۇ دائىم مۇراتنى بىرگە ئېلىۋالاتتى.مۇرات بولسا بىز بىلەن بىرگە بارسىمۇ ئايگۇلنىڭ ئاكىسىدىن قورقۇپمىكىن شەمسىيەگە بەك يېقىنلىشالمايتتى.ئايگۇل بۇنىڭدىن خوش ،شەمسىيە ئازراق بىئارام بولاتتى.مەن بولسام ئويۇن كورگۇچى تاماششابىن ئىدىم.بىراق ئايگۇلنىڭ ئاكىسى مەس بولدىمۇ ئوزىنىڭ ئەپتى -بەشىرىسىنى ئاشكارىلايتتى.ئۇ بىردە شەمسىيەنى تانسىغا تارتسا،بىرىدە مېنى تارتىپ لاۋزا گەپلەرنى قىلىپ ئىچىمىزنى ئېلىشتۇراتتى.شەمسىيە قوپقىلى ئۇنىمىسا ئايگۇلنىڭ زورلىشى بىلەن مەجبۇرى قوپاتتى ۋە تانسىدىن چۇشۇپلام ماڭا  ئۇنىڭ قىلغان پاراڭلىرىنى دەپ بىرەتتى،مەنمۇ ئۇنىڭ دىگەنلىرىنى يۇشۇرمەي دەيتتىم شۇڭلاشقا ئۇنىڭ سۇيۇق ،تۇتامى يوق نەرسە ئىكەنلىگىنى بىلىپ ۋاي دىمەيتتۇق.ئۇ ھەر ئىككىلىمىزگە مۇھاببەت ئزھار قىلاتتى.ئۇنىڭدىن بىزار بولساقمۇ يەنىلام ئۇنىڭغا موھتاج بولاتتۇق،چۇنكى بىزدەك ئەركىلەرنىڭ بۇ جايلارغا كەلگىنىمىزدە بىزنى قوغدايدىغان ئادىمى بولمىسا بولمايتتى.بولۇپمۇ ئايگۇل ئاكىسىنى  شەمسىيەگە تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق مۇراتنىڭ ئوزىگە قىلغانلىرىنى ياندۇرمىسا  بولمايتتى.مۇرات بۇلارنى بىلىپ تۇرسىمۇ نىمە ئامال.بۇ جايلاردىكىلەرنى سەن بىلىسەن .ھەر-خىل،ھەر -ياڭزا كىشىلەر. مۇرات دىگەن بىر ئوقۇغۇچى. بىزنى ئەمەس ئوزىنىمۇ قوغدىيالمايتتى.ئايگۇلنىڭ ئاكىسى بۇ يەردە خېلى تونۇشلۇق بولۇپ باشقىلار ئۇنىڭدىن تەپ-تارتىدىكەن.بىز ئويۇندىن مېھرىمىزنى ئۇزەلمەي ئۇنىڭ قوغدىشىدىن.پۇل خەجلىشىدىن قېچىپ يۇرمۇدۇق.بىراق بىلگىنكى بىز ئۇنىڭ بىلەن ئارلىشىپ يۇرگەن چاغلىرىمىزدا ئۇنىڭ تانسا ئوينىغاندىن باشقا چاغلاردا قولىمىزنىڭ ئۇچىنى تۇتقازمىدۇق،شەمسىيەمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇھاببەتلەشكىنى يوق.،-روشەنگۇل شۇنچىلىك سوزلەپ بولۇپ قانداق دىگەندەك ماڭا قارىدى.مەن سوزلەۋەر، قولۇغۇم سەندە دىگەندەك گەپ-سوز قىلماي قاراپ ئولتۇردۇم.ئۇ گېپىنى داۋاملاشتۇردى.
  -بۇنداق كۇنلىرىمىزمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى.بىر مەزگىلدىن كېيىن ئايگۇل شەمسىيەنىڭ گېپى چىقسىلا ئاچچىقلايدىغان،تىببى ئۇنۋىرسىتىتقا مۇراتنى ياكى شەمسىيەنى دەپ بارغىلى ئۇنىمايدىغان بولىۋالغانلىغىنى بايقاپ- نىمە بولدى دەپ سورىسام،بولدى سورىما ،دەپلام زەردە قىلدى.مەن ئارتۇقچە گەپ سورىمىدىم.ئۇنىڭ ئاكىسىمۇ يوقالدى.كېيىن باشقىلاردىن ئۇقسام تۇرمىگە كىرىپ كىتۇپتىدەك.شەمسىيەنىڭ سەۋەبىكەن دەپ ئاڭلىدىم.لېكىن زادى نىمە بولغانلىغىنى بىلمىدىم.ئايگۇلدىن سوراپ باققان ئىدىم.ئۇ دەككەمنى بىرىپ قويدى خالاس.شەمسىيە بىلەن شۇندىن بىرى كورىشەلمىگەن ئىدىم.يۇرتىمىزغا بارغىنىدا باشقىچە ئوزگۇرۇپ بېرىپتۇ.كېيىنكى ئىشلاردىن سەن خەۋەردارسەن،-ئۇ سوزدىن توختىدى .بىراق مەن ئىنتىزارلىقتا بىلمەكچى بولغان ئىشلار يوق ئىدى.
  -ئايگۇلنىڭ ئاكىسىنىڭ زادى نىمە سەۋەپتىن كىسىلىپ كەتكىنىنى بىلمەمسەن،-قايتا سورىدىم.
  -تۇلۇق بىلمەيمەن،لېكىن باسقۇنچىلىق قىلىپتىكەن دىگەن گەپ بولغان،-يۇرىگۇم پارتلاپ كەتكىلى تاس قالدى.راسلام باسقۇنچىلىق قىلغان بولسا ئۇ كىسەل يۇقماي قالارمۇ ؟.بولدى باشقىلارنىڭ ناكەسلىك قىلىشى بىلەن ئىپپىتىنى يوقاتقاننى يۇرەكتىن چىقىرىۋاتقىلى بولسىمۇ،بۇ نىجاسەت كىسەل بولسا قانداق قىلغۇلۇق...
  -بەكلام شۇكلاپ كەتتىڭغۇ،شەمسىيە باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ يەنىلا ياخشى قىز.مەن ئۇچراتقان قىزلارنىڭ ئىچىدە ئۇنچىلىك بىر ئىسىل قىزنى ئۇچراتمىغانمەن.ئوزۇڭنى توختات.ھازىرقى قىزلارنىڭ ئىچىدە قانچىسىنىڭ ئىپپىتى بار دەيسەن،-روشەنگۇل مېنىڭ قەلبىمنى قانداقمۇ چۇشەنسۇن.ھېلىغۇ ئۇنىڭ ئىپپىتىكەن ،بۇرۇن پاھشە قىز بولغان بولسىمۇ كوزۇمگە كورۇنمەي ئېلىۋەرگەن بولاتتىم.ئەپسۇس بۇ كىسەلنى ئويلاشمىسام بولمايتتى...
  -ئايگۇلنىڭ ئاكىسىنىڭ نەدىلىكىنى بىلەمسەن ؟،-سورىدىم.
  -ياق بىلمەيدىكەنمەن.چەتئەلدە دىگەندەك قىلغانتى ئايگۇل،-روشەنگۇل راسلام بىلمەيدىكەن.
  -ئۇ چەتئەلدە ئەمەسكەن.كىسەلدىن ئۇلەر ھالەتتىكەن،-ئازاپ مەخپىيەتلىكنى يۇشۇرۇشقا يول قويماي دىگۇزدى.
  -نىمە كىسەلكەن ،بۇنچە تىز توگۇشۇپ كەتكۇدەك،-روشەنگۇل ھەيران بولۇپ سورىدى.
  -ئەيدىس،-روشەنگۇلمۇ گەپ قىلالماي ئولتۇرۇپ كەتتى.قانچىلىك ئولتۇرۇشقىنىمىزنى بىلمەيمەن.بىر چاغدا جىمجىتلىقنى بۇزدۇم.
  -قانداق روشەنگۇل .مېنىڭ دەردىمنى چۇشەنگەنسەن،-دىدىم.روشەنگۇلنىڭ كوزلىرىدە ياش تامچىلايتتى.
  -بولدى قىل شاكىر،مېنى خىياللىرىم بىلەن بىردەم مۇڭداشقىلى قوي،-ئۇ ئۇن سېلىپ يىغلىۋەتتى،يىغىسىغا مەنمۇ جۇر بولدۇم.ئەتىراپىمىزدىكىلەرنىڭ قاراشلىرى،سەۋىر قىلىڭلار دەپ تەسەللى بىرىشلىرىنى قولىغىمىزغا كىرەتتىمۇ ،تاماق پۇلىنى قانداق تولىگىنىمىزمۇ ئىسىمدە يوق يولغا چىققان ئىدۇق.
  -سەۋىر قىل شاكىر،شەمسىيەدەك بىر قىزنى ئاللاھ ئىگەم ئوز پاناھىدا ساقلايدۇ،-روشەنگۇل تەسەللى بەرسىمۇ دەردىمىز ئىچىمىزدە ئىدى.
  -مەنمۇ شۇنداق بولىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن،-ئۇنۇم ئىچىمگە چۇشۇپ كەتتى.بوغۇزۇمغا بىر نىمە كەپلىشىپ كوزلىرىمدىن ياشلىرىم مارجاندەك توكۇلۇشكە باشلىدى.چوڭ كوچىدا روشەنگۇل بىلەن قۇچاقلىشىپ راسا يىغلاشتۇق....
                                      *            *            *
   روشەنگۇل بىلەن مېنىڭ كەيپىياتىمدىكى ئوزگۇرۇش توتىلىمىزگە تەسىرىنى كورسەتتى.ئىلگىركى شەمسىيەگە مۇھاببەت بىلەن بېقىش ئۇنىڭغا كويۇنىشكە ئوزگۇرۇپ ئۇنى بىئارام قىلىپ قويدى.بىر كۇنى كەچ،-
  -ئىككىڭلارغا نىمە بولدى،خۇددى مېنى كىسەلخانىدا كۇتىۋاتقاندەك قىلىپ كىتىسىلەرغۇ ؟،- ھەيرانلىق ئىچىدە باققان كوزگە  نىمە دەپ جاۋاپ بىرەلەيتتۇق.سېنىڭ كىسىلىڭدىن خەۋەر تاپتۇق.سەن دىمىگەن بىلەن يېقىندىلا ئولىسەن دەيلىمۇ ؟ھەي مۇمكىن بولمايدىغان ئىشتە.روشەنگۇل بىلەن بىر قارىشىپ قويۇپ.
  -كويۇنسەم نىمە بوپتۇ .ياخشى كورىدىغان ئاشىغىمغا قىلغاننىڭ ھەيران قالغۇدەك نىمىسى بار،-شۇنداق دىگىنىم بىلەن يۇرۇگۇم يىغلايتتى.
  -بولدى قىلە شەمسىيە ،بىزمۇ سېنى ھورمەتلىگىنىزدىن قىلىۋاتىمىز،-روشەنگۇل قۇشۇق قاتتى.دىمىسىمۇ ئۇنى پەقەت ئىش قىلغىلى قويمايتتۇق.تاماق يىسەك ئوزىمىزنىڭ قاچىسىدىكى ياخشىلىرىنى ئېلىپ بەرسەك، بىكار بولساقلا ئۇنى دەم ئالدۇرىمىز دەپ باغچىلارغا،مەنزىرىلىك جايلارغا بېرىشقا زورلايتتۇق.ھەر كىم بولسا گۇمانلانماي قالمايتتى.
  -شۇنداق دىگىنىڭلار بىلەن ماڭا دىيەلمەيۋاتقان بىرە  ئىشىڭلار بولمىسىلام بولاتتىغۇ،-شەمسىيە كۇلۇپ تۇرۇپ سورىدى.
  -ئۇلارنىڭ نىمە ئىشى بولاتتى.مېنى يولغا سالغاندەك سېنىمۇ يولغا سالايلى دەۋاتقان بولمىسۇن يەنە،-شۇم ئېغىز ئاۋاز قاتتى.
  -ئوزۇڭنىڭ سۇيۇق،پەس كوڭلىڭنى بىزدە بارمىكى دەپ قالغانمۇ سەن ئايگۇل،-دەككىسىنى  بەردىم.
  -دەيمىنا ،قۇچقاچ پاراڭلار ئاۋۇپ قېلىۋاتىدۇ،-ئايگۇل گېپىمنى قېتىغىمۇ ئېلىپ قويماي جاۋاپ قايتۇردى.دىمىسىمۇ پۇرسەت بولسىلا روشەنگۇل بىلەن پاراڭلىشىپ ئىچ -باغرىمىزنى بوشىتىدىغان بولىۋالغان ئىدۇق.
  -سەن بىلەن پاراڭلىشاي دىسەم پوق يىگەندەك قىلىپ قويساڭ. كويدۇم ،پىشتىم دىگەندىن باشقا گەپ يوق .شەمسىيەگە بىر نىمە دىسە گۇناھ بولىدۇ دەپ ئاغزىمنى توۋاقلىسا، روشەنگۇلگە دەردىمنى توكمەكتىن باشقا ئامال بارمۇ ؟،-دىدىم ئايگۇلگە قاراپ .ئوزىمىزنى ئاقلىمىساق بولمايتتى.
  -دەردىڭنى ئوبدان توكىۋال،روشەنگۇل دەرتمەنلەرنىڭ دەردىگە يىتىشكە بەك ئۇستا،-ئايگۇل روشەنگۇلگە چىش تەككۇزمەيتتى.بۇگۇن دارىتمىلاپ بولسىمۇ  دەيدىغىنىنى دەۋالدى.
  -شۇنداق .بۇرۇن سېنىڭ دەردىڭگىمۇ كوپ داۋا بولغان ئىدىم،- روشەنگۇل شۇنچىلىك دىدى .كوپ گەپ قىلىشنى خالىمىدى بولغاي ئوگۇنىش قىلىمەن دەپ ماتىرىيالىنى يېغۇشتۇردى.مەن ياتاققا قايتتىم .
  
                                     *            *               *
   تۇيۇقسىز ئايگۇلدە ئوزگۇرۇش بولۇشقا باشلىدى.تۇرۇپلام ئۇ جىمىپ كەتتى.بەزىدە شۇنچە يامان قىزنىڭمۇ يۇشۇرۇن يىغلاۋاتقانلىغىنى بايقاپ قالاتتۇق.بىزدىن ئوزىنى قاچۇرىدىغان،ئاسمانغا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتسە قولىدىكى كىتاۋىنى تارتىۋالساقمۇ تۇيمايدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى.

                                11
  مۇھاببەت ھىسداشلىققا ئالماشسىمۇ ئاجايىپ بولىدىكەن.بۇرۇنقى تەلمۇرۇپ بېقىشلار،سېغىنىش ئىچىدىكى خياللار بۇگۇنگە كەلگەندە يۇشۇرۇن كوز يېشى،ئايرىلىشنى ئويلىغاندىكى ھىجرانغا ئايلىنىپ-شەمسىيەنى كوپراق كورىۋالايدىن،كوپراق بېقىۋالايغا ئوزگەردى.بىراق شەمسىيەدە بىرە ئوزگۇرۇش، غەم،تارتىشىش،كىسەل ئىكەنلىگىدىن قىلچە بىشارەت يوق.مەن گۇمانلىنىشقا باشلىدىم.شەمسىيەدە راسلام كىسەل يوق بولۇپ . ئايگۇلنىڭ دىگەنلىرى پۇتۇنلەي توھمەت بولۇپ يۇرمىسۇن يەنە.
  ئايگۇل بولسا كۇندىن -كۇنگە جىمىپ بىزنىڭ ئىشلىرىمىز بىلەن كارى بولماي قويدى.ئۇنىڭغا نىمە بولغانلىغىنى بىر ئوزى ۋە بىر خۇدا بىلمىسە بىلگىلى بولمايدىغاندەك قىلاتتى. ئەھۋال سورىساق،-ھېچ ئىش بولغىنى يوق،سىلەرنىڭ تۇرمىشىڭلارغا توسالغۇ بولماي ئىچىڭلار سىقىلىپ قالمىغاندۇ ؟،-دىگەندەك تەنىلەر بىلەن ئوز ئىشىمىزنى قىلىشقا زورلاپ قوياتتى.ئويىدىكىلىرىگە بىرە ئىش بولمىغاندۇ دەپ يۇرتتىكىلەردىن سورۇشتۇرسەكمۇ ئۇلار بىلمەيدىكەن.دادىسىنى ئوز خىزمىتىدە ئىشلىرى جايىدا دىگەندەك جاۋاپلار...شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ بىلەن كوپ كارىمىز بولماي شەمسىيەگە غەمخورلۇق قىلىشىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق.
   كۇنلەر ئوتمەكتە،ئىچىم تىت-تىت،بىرى كوكسۇمنى تاتىلاۋاتقاندەك.ئاخىرى چىدىمىدىم.بىر كۇنى روشەنگۇلنى يانغا تارتىپ-
  -ئوزىنىڭ ئولىدىغان كىسىلى بارلىغىنى بىلگەن ئادەم شەمسىيەدەك بولامدۇ،-دەپ سورۇدۇم.
  -نىمە دىمەكچى سەن شاكىر،-روشەنگۇل چۇشەنمىدىم دىگەندەك كوزۇمگە تىكىلىپ تۇرۇپ  سۇئال قايتۇردى.مەن-
  -دىققەت قىلمىدىڭمۇ،شەمسىيەدە قىلچە غەم دىگەندىن بىشارەت بولمىسا،ئۇزۇنغا قالماي ئولىدىغان كىسىلى بارلىغىنى بىلگەن ئادەمگە ئوخشامدۇ ؟،يەنە كىلىپ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيمەن دەپ نىمە قىلىدۇ ؟،-دىدىم.
  -مەنمۇ ھەيران.ئوزىدىن سورىغىلى تېخى بولمىسا.مەخپىيەتلىكنى ساقلايمىز دەپ -شەمسىيەگە ئۇختۇرمىغانمىدۇ يا ؟،-روشەنگۇلنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۇلۇپ كەتتىم ۋە
  -مەخپىيەتلىك دىگەننى باشقىلاردىن يۇشۇرىدۇ.بىمارنىڭ ئوزى بىلمىسە بولمايدىغان كىسەل بۇ،-دىدىم.
  -ئۇنداقتا كىسەل يۇقمىغانتى بولارمۇ يا،-روشەنگۇلنىڭ بۇ گېپى يۇرۇگۇمدىكى گەپلەر ئىدى.مەنمۇ ئۇنىڭ شۇنداق بولىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم.
  -بولسىغۇ شۇنداق بولسا بولاتتى،ئۇنىڭ ئىپپىتىنى ئوزىنىڭ نايناقلىغى يوقاتقان  بولمىغاندىن كېيىن،مەنمۇ...،-سوزۇمنىڭ داۋامىنى قىلىشتىن خىجىل بولدۇم.
  -كەينىنى دىمەي تۇرۇپ ئۇنىڭ ئىچىڭگە چۇشۇپ كەتتىغۇ ؟مەن دەپ بىرەيمۇ يا ھى ھى ھى...،-روشەنگۇلنىڭ چىرايىدىكى شىتىلىلىگىنى كورۇپ مەنمۇ كۇلۇپ كەتتىم.
  -روشەنگۇل سەن شەمسىيە بىلەن شۇنچە يېقىن بولغاندىن كېيىن- مۇشۇنداراق پاراڭلارنى ئاڭلىغاندەك قىلغانتىم، دەپ تەپسىلاتىنى  سوراپ باقساڭ بولمامدۇ،-دىدىم
  -ماقۇل چوڭام.شاكىر- سېنىڭدە ئەيدىس بارمۇ-يوق ئىكەنلىگىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ مېنى ئەۋەتتى.ساق بولساڭ ئالىدىكەن.كىسەل بولساڭ تاشلاپ  قاچىدىكەن دەپ سوراپلا باقمايمەنمۇ ؟،-روشەنگۇل تەنە ئارلاش دىدى.مەن
  -ۋاي بولدى قىلە .بىر ئوبدان مەسلىھەت سوراۋاتسام چاخچاخقا ئايلاندۇرۇپ يۇرگىنىنى .گەپلىرىمدىن زىرىككەن بولساڭ بولە بېرىپ شەمسىيەنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالايلى،-دەپ قايتماقچى بولدۇم.
  -نىمانداق تاۋىڭ نازۇك ھوي.ئوزۇم ياخشى كورگەن بىرىنىڭ باشقا بىرىگە ۋاي دەۋاتقانلىغىنى كورۇپ تۇرۇپمۇ ،ئاشىغىمنىڭ ئاشىغىغا خىزمەتكار بولغۇنۇممۇ يەتمەمدا ؟گېپىمدىن زىرىككەن بولساڭ دەۋاتىسەنغۇ.زىرىككەن بولسام قاشلىرىدا كورىۋالاليدىكەنمەن،پاراڭلىشىپ گەپلىرىنى ئاڭلىيالايدىكەنمەن،تاماق يىگەچ ھىدلىرىنى ھىدلىيالايدىكەنمەن دەپ يۇرمەي- كەتكەن يەرلىرىمدىكى ئويۇنلىرىمنى ئويناپ يۇرمەسمىدىم،-روشەنگۇل راستىنلا قېيدىغان ئىدى.مەنمۇ قېيدىغان بولۇپ،-
ئاغرىنىپ نىمە قىلىسەن.ئوز ۋاختىدا ماڭا قىز تونۇشتۇرۇپ كاللامنى ئېلەشتۇرۇپ يۇرمىگەن بولساڭ ماڭىمۇ نەدە قىلاتتى بۇ باش ئاغرىغى،-دىدىم.
  -شۇنداق. چىرايلىق غۇجام،ئۇ چاغلاردائوزلىرىگە قىز تاپىمىز دەپ يۇرگۇچە -ئوزلىرىنى ئوغۇل بالىدەك كورگەن بولساق  ئوزىمىزلام تىگىۋالماسمىدۇق،-ئىككى بىسلىق گېپىگە ھەيران قېلىپ سورۇدۇم.
  -مېنى ئوغۇل بالا كورمىسەڭ نىمىشقا كويدۇم ،پىشتىم دەپ يۇرۇيسەن.
  -ئۇ چاغلاردا سەن شۇ قىزلار بىلەن تاماقخانىدىلا ھەمرا بولالايتتىڭغۇ دەيمەن. قولۇنىڭ ئۇچىنى ئەركەكزاتىدىن بىرەسى تۇتۇپ باقمىغان قىزنى سويەلىشىڭنى كىم بىلدى شاكىر،شۇندىن كېيىنلا مەن سېنى ياخشى كورۇپ قالدىم،ئۇ دىگەن تۇنجى سويۇش جۇمۇ،ئەسلى سەن دىگەن قىز بولۇپ قېلىشقا ئارۇنلا قالغاندەك كورۇنەتتىڭ ھى ھى ھى...،-ئۇنىڭ ھازىرقى كولكىسىنى ياقتۇرۇپ قالدىم.
  -چاخچاقنى قويۇپ دىگىنە- مەن دىگەن ئىشلارنى سوراپ بىرەمسەن -يوق ؟،-دەپ سورۇدۇم.
  -قانداقمۇ سورىغىلى بولىدىغان ئىشلار ئۇ شاكىر.مېنى سورا دىگۇچە شەمسىيەدىن ئوزۇڭ توي ئىشىڭلارنى سوراپ تۇرىۋالساڭ،ئۇ سەمىمى،ئىماننى ئۇستۇن قويىدىغان قىز بولغۇنى ئۇچۇن يالغان سوزلىمەي بولغان ئىشلارنى ئەيتىپ بىرىدۇ دەپ قارايمەن،-روشەنگۇلنىڭ بەزىدە كاللىسى ئاجايىپ ئىشلەپ قويىدۇ.ئۇنىڭ ھازىر دىگەنلىرىنىڭمۇ ئاساسى يوق ئەمەس ئىدى.
  -بۇ دىگەنلىرىڭمۇ توغرىدەك قىلىدۇ،ئۇ ھازىر ئوقۇۋاتىمىز كېيىن بىر نىمە دەيلى دەپ تۇرىۋالسا قانداق قىلىمەن.مېنىڭ سىز بىلمەيدىغان شەخسى سىرلىرىم بار.مەن سىزگە تىگىشكە لايىق ئەمەس دەپ تۇرىۋالسىچۇ ؟،-كىچىك بالىنىڭ سۇئالىنى سورىغىنىم ئوزۇمگە ئايان ئىدى.
  -كېيىن دەپ تۇرىۋالسا،ئويدىكىلەر زورلاپ تۇرىۋالدى،بولمىسا ئويىڭىزگە قىز سوراپ بارىمىز دەيدۇ دىمەمسە،شەخسى سىرىنىڭ گېپىنى چىقارسا بۇمۇ ياخشى بولغىنى.ئۇ چاغدا  سەن- مەن ئۇ ئىشلاردىن تۇلۇق خەۋەردار ،مېنىڭ مۇھاببىتىمنى ھېچ نەرسە توسالمايدۇ دەپ مۇنداق قىلمامسەن ھى ھى ھى...،-ئۇنىڭ كۇلكە ئىچىدە بىر قولىنى كوكرىكىگە قويۇپ بىر قولىنى ئىگىز كوتۇرۇپ ھەزىل قىلىشى مېنىمۇ كۇلدۇرىۋەتتى.روشەنگۇل ئايگۇلنى گول قىلىپ تۇرىدىغان ،مەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شەمسىيەدىن گەپ ئالىدىغانغا كىلىشىپ روشەنگۇلنىڭ ئويىگە قايتتۇق.
                                    *      *        *
  كۇتكەن پۇرسەتمۇ يىتىپ كەلدى.شەنبە كۇندىكى دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ روشەنگۇل ئايگۇلنى بازار ئارىلىشىپ بەر دەپ ئىلىپ كەتتى.ئۇلارنىڭ يوقىدىن پايدىلىنىپ شەمسىيەنىڭ قېشىغا كەلدىم.
  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شەمسىيە،يالغۇز قېلىپسىزغۇ ؟،-بىلمەسكە سېلىپ سورىدىم.شەمسىيە-
  -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ئۇلار بازار ئارىلايمىز دەپ چىقىپ كىتىشتى،-دىدىيۇ  ئوزىنىڭ مەن بىلەن يالغۇز ئۇچراشقانلىغىدىن قۇرۇنغاندەك قىلىپ كىيىملىرىنى تۇزەشتۇرۇشكە باشلىدى.تۇزەشتۇرمىسىمۇ ئۇنىڭ كىيىملىرى تولۇق،قول ۋە يۇزىدىن باشقا يەرلىرى يوگەلگەن ئىدى.مەن-
  -قورۇنۇپ كىتىۋاتىسىز ھە،-دىدىميۇ ئوزۇمنىڭ باشقىلار بار چاغدا سەنلەيدىغان شەمسىيەنى يالغۇز ئۇچراتقىنىمدا  ئوزۇممۇ قورۇنۇپ سىزلەۋاتقىنىمنى سەزدىم.
  -ياقەي،مۇشۇنچە چوڭ ئويلەردە ئىككىمىزنىڭ يالغۇز تۇرىشى نامەھرەم بولامدىكى دەپ شۇ،-ئۇنىڭ بۇ سوزىدىن مېنى قايتىپ كىتىڭ دىگەن مەنا چىقاتتى.
  -نامەھرەممۇ بولماس شەمسىيە،ئىمان،ھايا،ئەخلاقنى ئۇنۇتمىساقلا بولىدىغۇ ؟،-دەپ ئوي ئىچىگە كىرىپ ئولتۇردۇم.
  -ئىككى يات جىنىس بار يەردە شەيتان بىللە شاكىر،-شەمسىيەنىڭ سوزلىگەندە خىجىللىقتىن ئىككى مەڭزى قىزىرىپ كەتتى.
  -شۇ شەيتاننى قوغلاش ئۇچۇن ماڭا بىر جاۋاپنى بىرىۋاتساڭ بولاپتىكەن،-ئازراق غەيرەتكە كەلدىم بولغاي سىزلەشتىن سەنلەشكە ئوتتۇم.ئۇ تېخىمۇ قىزىرىپ كەتتى.سۇئالىمغا جاۋاپ قايتۇرىدىغان تەلەتى يوق.يەنە سورۇدۇم-
  -ئانام بەكلا بېشىمنى ئاغرىتىپ كەتتى،شەمسىيە قىزىم ئوزى جاۋاپ بەرمىسە ئويىگە قىز سوراپ ئوزىمىز بېرىۋىرىمىز دەيدۇ،-شەمسىيەنى ئەمدىغۇ بىر نەرسە دەيدىغۇ دەپ قاراپ ئولتۇردۇم،ئۇنىڭدىن يەنە جاۋاپ يوق.
  -مېنى بۇنچە قىينىمىساڭ بولاتتى شەمسىيە،ئالدىڭدا يۇز كېلەلمەيدىغىنىم راس.ئەمما تۇزەتتىمغۇ،ئوزۇمنىڭ خاتا قىلغىنىمنى بىلىپ ئاللاھ ئالدىدا توۋۋە قىلدىم.بەندە ئالدىدا بۇنچە يۇزۇمنى سارغايتما،ئالدىڭدا قەسەم قىلايكى بۇندىن كېيىن ئاللاھ ۋە سېنىڭ ئالدىڭدا يالغان سوزلىمەيمەن.ئاسىلىق قىلغۇچى بولمايمەن...،-قەسەملىرىم ئۇنى تەسىرلەندۇردىمۇ بىلمىدىم ئۇ-
  -راس شۇنداق قىلالامسەن شاكىر،لېكىن ئالدىراپ قەسەم قىلغۇچى بولما،قەسەم ئادەمنى ياخشى يولغا باشلىمايدۇ،كېيىنچە بىلىپ بىلمەي قىلغان گۇنالىرىمىز قەسەمنى سورەپ چىقمىسۇن،-ئۇنىڭ ئاۋازى ناھايىتى پەس ئىدى.
  -ئۇنداق بولمايدۇ شەمسىيە.مەن قەسىمىمنى مەڭگۇ ئىسىمدىن چىقارمايمەن،ئىشەنمىسەڭ يۇرۇگۇمنى يېرىپ كورسۇتۇشكىمۇ رازىمەن،-قەسەم دىگەننى ئاشۇرۇپ قىلدىم.كىممۇ يۇرىگىنى يېرىپ كورسىتەلەيدۇ .يۇرەكنى يېرىپ بولغۇچە ئولۇپ بولمامدۇ ئادەم.
  -شەيتان ۋەسۋەسە قىلىۋاتىدۇ شاكىر.گەپ سوزدە دىققەت قىلارسىز !...،-شەمسىيەنىڭ نارازى بولغانلىغىنى سەزدىم ۋە-
  -بولدى باشقا گەپنى قويۇپ جاۋاپ بەر ئەمىسە-ماڭا تىگىشنى خالامسەن،-گەپنىڭ پوس كاللىسىنىلا ئەيتتىم.ئۇ تېخىمۇ قىزىرىپ شۇنچىلىك ئۇماقلىشىپ كەتكەن ئىدىكى شەرمى-ھايا،ئىمان -ئىتقات بولمىغان بولسا- چوقۇم قۇچاقلاپلا سويىۋالغان بولاتتىم.ئۇنىڭ كوز چاناقلىرىدىن ياش قۇيۇلدى،بىر نەرسىدىن قۇرىنىۋاتقاندەك قىلاتتى.شۇم خىيال قەلبىمنى ئىزىپ ئوتتى.ئۇ ئاشۇ ئىشلارغا تارتىشىۋاتقانمىدۇ ؟...
  -نىمىگە يىغلايسەن شەمسىيە.مېنىمۇ يىغلىسۇن دەۋاتمىغان بولساڭ سۇئالىمغا جاۋاپ بەر ،-مېنىمۇ مۇڭ بېسىپ ئاۋازىم بىر خىل بىچچارە چىقتى.
  - شاكىر بۇ دىگەن خوششاللىق يېشى.مېنىڭ ساڭا ياق دىيىشكە تىلىم بارمايدۇ.ئەمما-مېنىڭ ئويلايدىغىنىم،تارتىشىدىغىنىم ئايگۇل ،كورىۋاتقانسەن ئۇ بەكلا شۇكلاپ كەتتى.ئۇنىڭ مۇھاببىتىمۇ مۇھاببەت،ھازىرقىدەك ۋاقىتتا ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگۇدەك ئادەم كىرەك،-شەمسىيەنىڭ دىگىنى نىمە ؟ئۇ ئايگۇلنىڭ شۇكلاپ كەتكەنلىك سەۋەبىنى بىلىدىغاندەك قىلاتتى.مېنى ئايگۇل بىلەن مۇھاببەتلەش دىمەكچىمۇ يە ؟
  -ئىچ ئاغرىتقىلى ئادەم تېپىلمىغاندەك شۇنىڭغىمۇ ئىچ  ئاغرىتىش كىتەمدۇ.شۇكلاپ كەتسە كەتمەمدۇ.چېقىپ قېنىڭنى شوراي دىسە چاققىلى كۇچى يەتمەي ئىچىگە ئېلىپ شۇكلاپ كەتكەندۇ تايىنلىق،مېنى ئىشىت بىلەن بىرگە بول دىمەيدىغانسەن ؟،-ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى يادىمغا ئەكىلىشتىنمۇ سەسكىنەتتىم.دادىسىنىڭ يۇزىنى دىمەيدىغان بولسا،يۇزىگە قاراشنىمۇ نومۇسسىزلىق بىلگەن بولاتتىم.شۇڭىمۇ مەيدانىمنى ئۇچۇقلا ئەيتتىم.
  -ياق شاكىر،سەن بىلمەيسەن.ئۇنىڭمۇ باشقىلارغا ئەيتىپ بولالمايدىغان دەردى بار.يامانكەن دەپ بىزمۇ ئۇنى تاشلىۋەتسەك ئاللاھنىڭ ئالدىغا قايسى يۇزىمىز بىلەن بارىمىز.قۇتقازغىلى بولغۇدەكلا بولسا تىرىشىپ كورمەمدۇق،يۇرمىسەڭمۇ دىل ئازارى بەرمەيلى دەيمەنغۇ،-شەمسىيە ئۇنىڭغا ئۇمۇتنى بەك چوڭ باغلىۋالغاندەك قىلاتتى.
  -بورىنى قوتانغا باشلىغاندەك ئىش قىلما شەمسىيە.مەن بۇ يەردە سېنىڭدىن جاۋاپ كۇتىۋاتىمەن.باشقىلارنىڭ غېمىنى قىلىشنى كېيىنگە قويۇپ ماڭا ئۇچۇق جاۋابىڭنى بەر،-گەپنى ئەسلى تىمىغا بۇرۇدۇم.شەمسىيە بىر ھازا ئويلانغاندىن كېيىن-
  -توي دىسەڭ ئوقۇش پۇتتۇرۇپ بارغاندا بولىدىغان ئىش، ئىككىلىمىز ئىمان ئىزلەپ يۇرگەنلەر بولغىنى ئۇچۇن ھازىر ماقۇل دەپ قويسام كېيىنچە ھەددىدىن ئاشىدىغان تەلەپلەرنىڭ  چىقىشى مۇقەررەر.شۇڭلاشقا مەن ھاياتلام بولىدىكەنمەن باشقىلارغا كوڭۇل بەرمەسلىككە قەسەم بىرەي.ئەمما تەلىۋىم ئايگۇل ،روشەنگۇللەرنىڭ ئالدىدا بولسۇن ياكى ئىككىمىز يالغۇز قالغاندا بولسۇن مۇھاببەت توغرىلىق سوز قىلىشىڭغا بولمايدۇ.مۇھاببەت لازىم بولسا تويدىن كېيىن ئىزلە،-ئۇنىڭ جاۋابى يۇرۇگۇمنى توختۇتۇپ قويدى دىسەممۇ بولىدۇ.خۇششاللىقتىن سەكرەپلا كىتىپتىمەن.
  -نىمە قىلىۋاتىسەن شاكىر.كىچىك بالا بولمىساڭ سەن،-شەمسىيە مېنىڭ قىلىغىمغا سويۇنگەندەك قىلاتتى.بۇ سوزلىرى مېنى ئەيىپلەش ئەمەس ئەركىلىتىش ئىدى.ئۇنىڭ يۇزلىرى ،كوزلىرى شۇنچىلىك نۇرلۇنۇپ كەتكەن ئىدىكى-ماڭا خۇددى ئايدىڭ كىچىدىكى تولغان ئاينى ئەسلىتەتتى.بىراق ئويلۇنۇپ قالدىم .ئۇ ئايگۇل توغرىلىق نىمىلەرنى بىلىدىغاندۇ ؟نىمە ئۇچۇن ماڭا ئاسانلام ماقۇللۇق بىرىدۇ ؟مېنىڭچە ئۇنىڭدا ھەرگىزمۇ ئۇ كىسەل يوق ئىدى.مەن چىكىپ بېقىش ئۇچۇن -
  -شەمسىيە بايا سەن ئايگۇلنىڭ ھازىر ئىچى پۇشۇق دەۋاتاتتىڭ،مەن سورىسام دەپ بەرگىلى ئۇنىمىدى.بىلسەڭ دەپ بىرە ؟ئۇنىڭغا ياردىمىم تىگىپ قالسا ھەجەپ ئەمەس،-دەپ سورىدىم.
  -بۇ ئۇلارنىڭ ئائىلە ئىشى،مەن دەپ يۇرسەم غەيۋەت بولىدۇ.ئەڭ ياخشىسى بىلمەيلا قالغىن،-شەمسىيە بۇ تەلىۋىمنى رەت قىلدى.
  -ئائىلە ئىشى دەيسەن .يۇرتتىكىلەردىن ئىنىقلاپ كورسەم ئۇنىڭ ئائىلىسىدە بىرە چوڭ ئىش بولماپتىغۇ ؟،-مەنمۇ ئىشنىڭ تەكتىنى بىلمىگۇچە بولدى قىلمايدىغانلاردىن ئىدىم.
  -يۇرتتىكىلەردىن سورىساڭ ئەلۋەتتە بىلمەيدۇ،ئۇلار بۇ سەتچىلىكلەرنى يۇشۇرۇش ئۇچۇن بىرەسىنى قۇربانلىق قىلىشقا توغرا كەلسە ھەرگىز ياق دىمىگۇدەك ھالەتتە شاكىر،-شەمسىيەنىڭ بۇ چۇشەندۇرۇشلىرى كاللامنى قوچۇپ بۇ سىرلارنى بىلىشكە مېنى تېخىمۇ قىزۇقتۇرىۋاتاتتى.
  -ئادەمنى ئىنتىزار قىلىپ بۇنچە قىينىما .باياتىنقى چۇشەندۇرۇشلەرنى قىلمىساڭ بولمامدۇ ،مانا ئەمدىلىكتە بۇلارنى بىلمىسەم كوزۇمگە قانداقمۇ ئۇيقۇ كىلىدۇ دەيسەن ؟،-سوراپ تۇرىۋالدىم.
  -بەك بىلگۇڭ بولسا ئاز قىسمىنى دەپ بىرەي-بىر ئاي ئىلگىرى ئايگۇلنىڭ ئاكىسى ئەيدىس كىسىلى بىلەن ئولۇپ كەتتى.ئۇنىڭ نامىزىغا دادىسىدىن بىلەك ھېچ بىر تۇققان ،دوس-بۇرادەرلىرى قاتناشماي مەلۇم ئولكىدىكى خۇيزۇلار قەۋرىستانلىغىغا كومۇلدى.ئويلاپ باق بۇ خەق قۇرۇق ئاۋۇينى دىمىسە ئۇنى يۇرتىغا دەپنە قىلسا بولمامدۇ ؟مۇشۇنچىلىكلام بىلىپ قال.ئۇلارنىڭ سەتچىلىكلىرى يۇرتتا ئاشكارىلىنىپ كەتسە ئۇلار يۇرتنى تاشلاپ چىقىپ كەتسە بولىدۇ.شۇڭا سەن ئارتۇقچە سۇئال سورىماي بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمىگىنىڭ ياخشى،-شەمسىيە گەپنى بوغىۋەتتى.سورىشىمنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى.مەنمۇ بىلمەكچى بولغۇنىمنى بىلىپ بولغان ئىدىم.ئۇنىڭدا ئەيدىس يوق.ھەتتاكى باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىشمۇ يوق ،چوقۇم بۇلار ئۇنىڭغا چاپلانغان بوھتان خالاس.ئەمما يۇرۇگۇمنى يەنە بىر نەرسە قوچىلاشقا باشلىدى.
   ئايگۇلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر نىمنى يۇشۇرىدىغاندۇ ؟بىر ئادەمنىڭ ئولىمىنىمۇ شۇنچە يۇشۇرۇپ يۇرەمدۇ.ئەيدىس بولسا باشقىلارغا بىلىندۇرمەي باشقا بىر كىسەل بىلەن توگەپ كەتتى دەپ يۇرتتا نامىزىنى چۇشۇرسە بولىدىغۇ...
   توگىمەس خىياللار ئىچىدە بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى تىزراق ئۇقۇشنى ئومۇت قىلاتتىم...يەنە بىر تەرەپتىن شەمسىيەنىڭ بۇ ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنى بۇنچە تەپسىلى بىلىشى مېنى ھەيران قالدۇراتتى...شەمسىيەنىڭ چىرايىغا باقتىم ئۇنىڭ چىرايىدىكى نۇر تېخىمۇ جۇلالانغاندەك قىلاتتى....

   2010-يىلى 11-ئاينىڭ23-كۇنى خوتەن ئوز ئويۇم

   (بۈگۈنچە يازغانلىرىمدىن مۇشۇنچىلىك يوللاپ تۇراي قالغىنىنى ئەتە يوللايمەن،باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئېغىر كورمەي تەھرىرلەپ قويىشىنى سورايمەن ،ئەگەرچەندە ئايرىم ماۋزۇدا يوللاش بىئەپ كورۇنسە ئىلگىركى "قىز كەلتۇرۇش كىلىشىمى "دىگەن ئەسىرىمگە چاپلاپ قويۇڭلار،بىراق "قىزلارنىڭ  دوستى بارمۇ؟" دىگەن ماۋزۇنى ئككىنجى بولۇم ئاستىغا ئېلىپ قويارسىلە.داۋامىنى چوقۇم ئىنكاس شەكلىدە يوللاشقا كاپالەتلىك قىلىمەن .سىلەرنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.)
                                                                                                  
تېما تەستىقلىغۇچى : OBRAZ
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-11-23, 04:02
-سىز كۆرۋاتقان تىما قىز كەلتۈرۈش كىلىشىمى (تولۇق قىسمى),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
aysiman
تۇغۇلىشى مۆجىزە،ياشىشى ھېكىمەت،ئۆلۈمى ئىبرەت
دەرىجە: ئاكتىپ ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2385
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 834
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە834دانە
ياخشى باھا: 134 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3088 سوم
تۆھپىسى: 125 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 3329(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-10
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-23 12:11 PM

مىنىڭ دوسلۇرۇم بەك ياخشى ، ئۇلار بىلەن ئۆمۈرلۈك دوس بولۇشقا ۋەدەلەشكەن ھازىرمۇ شۇنداق ياخشى ئۆتۈمىز .
ئى ئاللاھ سەن ئارقىلىق ئىزىپ كىتىشىمدىن نادانلىق قىلىشىمدىن دۇنيانىڭ پىتنىسىدىن قۇرۇق تۆھمەتدىن دەججانىڭ پىتنىسىدىن جەھەنەم قەبىرە ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن
خالىد
ئېنىرگىيە كېلىۋاتىمەن دىمەيدۇ !!!
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3304
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1431
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1431دانە
ياخشى باھا: 127 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 8953 سوم
تۆھپىسى: 297 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1910(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-04
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-23 12:17 PM

1-قەۋەت (aysiman) نىڭ يازمىسىغا

لىكىن قىيامەتلىك دوست تاپماق تەستە .....
kokasman
永不放弃,坚持到底
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6603
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 26
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
ياخشى باھا: 28 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2200 سوم
تۆھپىسى: 48 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 76(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-17
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-23
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-23 12:29 PM

ئەرلەرنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى يەنىلا ئەرلەركەن。 قىزلارنىڭ دوستى بىر بولسا ئانىسى بىر بولسا ياخى كورگەن يىگىتى بولامدىكىن。 ئاخىرىنى ئوقۇپ بولۇپ ئىنكاس يازاي!
سودا تورى ،ئەڭ ياخشى مال سېتىۋىلىش سۇپىڭىز
خوشخۇي
دۇنيادا ھەممە نەرسە تۈگەيدۇ قۇرۇپ،چىن مۇھەببەت ..
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6489
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 587
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە587دانە
ياخشى باھا: 224 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 5869 سوم
تۆھپىسى: 445 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1948(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-16
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-23 12:31 PM

بىرسى ئەپەندىمدىن سوراپتۇ:
-قانچە دوستىڭىز بار؟
-بىلمەيمەن،ھازىر يۈز-ئابروي،ھوقۇقۇم بار،مەن مۇشۇلاردىن ئايرىلغاندا ھەقىقى دوستتىن قانچىسى بار شۇ چاغدا دەپ بىرەي.
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+20(aynur817) توغرا گەپ ~~~ھ ..
  • aysiman
    تۇغۇلىشى مۆجىزە،ياشىشى ھېكىمەت،ئۆلۈمى ئىبرەت
    دەرىجە: ئاكتىپ ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2385
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 834
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە834دانە
    ياخشى باھا: 134 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3088 سوم
    تۆھپىسى: 125 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 3329(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-10
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-23 12:36 PM

    Re:1-قەۋەت (aysiman) نىڭ يازمىسىغا

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت خالىد كە 2010-11-23 12:17 PMئەۋەتىلدى 1-قەۋەت (aysiman) نىڭ يازمىسىغا :
    لىكىن قىيامەتلىك دوست تاپماق تەستە .....

    ئاياللارنىڭ قىيامەتلىك دوستى ئۆزنىڭ ھالال چۈپتى ، دوسلۇرۇم ۋاقتىلىق ، ئاياللار ۋەدىسىدە تۇرالمايدۇ .
    ئى ئاللاھ سەن ئارقىلىق ئىزىپ كىتىشىمدىن نادانلىق قىلىشىمدىن دۇنيانىڭ پىتنىسىدىن قۇرۇق تۆھمەتدىن دەججانىڭ پىتنىسىدىن جەھەنەم قەبىرە ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن
    hiyal
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 18634
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 2
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 8 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 289(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-23
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-12
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-23 12:37 PM

    "قىز كەلتۇرۇش كېلىشىمى "نىڭ ئاخىرىكەنغۇ،تېمىسى ئۆزەگىرىپتىغۇ....
    laqin
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3124
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 165
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە165دانە
    ياخشى باھا: 45 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3499 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 499(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-01
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-23 12:39 PM

    قىزلارنىڭ دوستى ، دوستىنى ئۆگزىگە چىقىرىپ قويۇپ شوتىنى ئېلىۋېتىدۇ  .ئوغۇللارنىڭ  ھەقىقىي دوستى بولسا ۋاقتى كەلگەندە  شوتا قويۇپ بېرىدۇ .
    dolan
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4258
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 32
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە32دانە
    ياخشى باھا: 31 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2242 سوم
    تۆھپىسى: 47 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 166(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-18
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-23
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-23 12:39 PM

    ياخشى ھىكايىكەن كۇرۇپ چىقتىم
    dahan
    نىمىدىن قورقايتىڭ ؟ ئاللا بار دە دە، ئاتلان!
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4314
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 489
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە489دانە
    ياخشى باھا: 71 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 6893 سوم
    تۆھپىسى: 146 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 475(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-19
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-23 12:57 PM

    كۈتۇپ ما  كۆز تۆت بولغان ~~ئاخىرى چىقىپتۇ
    غەم قىلما بەندەم غەمخانەڭ مەن دەپتىكەن ئاللا ،تەۋەككۈل دەرياسىغا سالغىن كىمە ،گاھ لەيلە گاھ چۆكە غەم يىمە !
    sada0903
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 8417
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 1
    ئومومىي يازما: 182
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە182دانە
    ياخشى باھا: 92 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3347 سوم
    تۆھپىسى: 151 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1469(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-29
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-23 01:01 PM

       يەنە داۋامىنى بۇگۇن كەچتە چوقۇم يوللايمەن
    zuhal
    بـــۇ كــۈنـلـەرمــۇ ئـۆتـۈپ كىـتـىدۇ
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5868
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 281
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە281دانە
    ياخشى باھا: 68 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3037 سوم
    تۆھپىسى: 132 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1936(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-08
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
    11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-23 01:26 PM

    تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ئىدۇق ،ئاخىرى چىقىپتۇدە     
    بۇ ئەسىرىڭىزنى بەك ياخشى يىزىپسىز ،ئاخىرىنىڭ تىخىمۇ ئۇتۇقلۇق چىقىشىغا تىلەكداشمەن .
    ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى....