قىزلارغا مەسلىھەت
1. ئۆزىڭىز ئامراق نەرسىنى ئۆزىڭىز سېتىۋىلىشقا تىرىشىڭ، باشقىلارنىڭ سوۋغا قىلىشىنى كۈتمەڭ.
2. زېرىككەندە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىڭ ياكى دوستلىرىڭىز بىلەن بىللە كوچا ئايلىنىڭ.
3. ھەرگىزمۇ ئىلگىرىكى لايىقىڭىزغا دەردىڭىزنى تۆكمەڭ.
4. يات جىنىستىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا سەل ئارىلىق ساقلاڭ، بىراق ئارىلىق ساقلىدىم دەپ، بىراقلا ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتمەڭ.
5.ئىلگىرىكى لايىقىڭىزنى خالىغانچە كۆرۈشۈشكە چاقىرماڭ.
6. لايىقىڭىزنىڭ ئالدىدا بەك ئەقىللىق بولىۋالماڭ، بولمىسا ئۇ ئۆزىنى يارامسىز ھېسابلاپ قالىدۇ.
7. كەيپىياتىڭىز ناچار ۋاقىتلاردا ئۆزىڭىزنى كۈتۈشنى بىلىڭ، ئەخمىقانە ئىش قىلماڭ، يىغلىغۇڭىز كەلسە ئاۋازىڭىزنى قويىۋىتىپ يىغلىۋالسىڭىز ئوڭشىلىپ قالىسىز.
8. ئوغۇللارنىڭ كاچىتىغا خالىغانچە ئۇرماڭ،سىزگە مۇھىمى ئىپپەت،ئۇنىڭغا مۇھىمى غۇرۇر _ ئەلۋەتتە.
9. لايىقىڭىزنىڭ دوستلىرى ئالدىدا ئۇنىڭغا قوپاللىق قىلماڭ، ئەڭ ياخشىسى ماختاڭ.
10. ئوغۇل بالىغا بەكمۇ چاپلىشىۋالماڭ. ئۇ سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرۈشىدىن قەتئىينەزەر.
11. تېلېفوننى كۈلۈمسىرەپ ئېلىڭ. لايىقىڭىز سىزنىڭ كۈلۈمسىرىشىڭىزنى ھېس قىلسۇن.
12. گىرىمنى بەك قېنىق قىلىۋالماڭ، تەبىئىي گۈزەللىك ھەممىدىن مۇھىم، بىراق ئۆزىڭىزنى بەكلا تاشلىۋەتمەڭ.
مەنبەسى: كىتابتىن خاتىرەمدە ساقلىۋالغانلىرىم، كىتاب ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن
ئەۋەتكۈچى: 美女 دىن.
[ بۇ يازما خوك تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]