مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ماگزىن | يانفۇن مۇزىكىسى | QQ ئىپادىلەر |

ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 738 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تىما : مىنى ئۆزگەرتكەن قىز (ھېكايە)
يۈرۈگۈمنى ئېلىپ كىتىپسەن!
دەرىجىسى: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 5272
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە24دانە
ئۆسۈش: 4%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 24
  شۆھرىتى: 74
  پۇلى: 1085 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  باھا: 59 چاۋاك
توردىكى ۋاقتى : 9 سائەت
  مىسرانىمدىكى ھالىتى: يوق
  تىزىم ۋاقتى:2008-11-22
  ئاخىرقىسى:2009-06-07
0-قەۋەت  يوللىغان ۋاقتى: 2009-06-06 09:59

0مىنى ئۆزگەرتكەن قىز (ھېكايە)

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: تېما باشقۇرغۇچى tughrul تەرپىدىن نادىرلاندى. (2009-06-06)
   ;f= :~go  
  
مىنى ئۆزگەرتكەن قىز
u%XFFt5  
hf:n!+,C  
*XniF~M  
Qi=rhN`  
    ھەركۈندىكىگە ئوخشاش ، بۈگۈنمۇ ئىشتىن چۈشۈپلا ئۆيگە قايىتتىم. %(6f  
    - دادا!_ ئىشىكتىن كىرىشىمگە بەش ياشلىق ئوغلۇم ياسىنجان بوينۇمغا ئېسىلدى. *ivbk /8  
    -ئوھو شەيتانچاق،داداڭ سىنى سۈيۈپ قويسۇن ھە_دېدىمدە،ئۇنى قايتا-قايتىلاپ چوكۇلداپ سۈيۈۋەتتىم، ئايالىم كۈلۈمسىرىگنچە يېنىمغا كىلىپ: a Q`a>&R0  
    -بولدى قىلىڭ ئەمدى،ئۇنى سۈيۈپ تۇنجۇقتۇرۇپ قۇيىسىز بىكا_دىدى. jvu,W4  
    -ۋاي خۇتۇن،بالىغا ئامراقلىقىم كىلىپ ئەمەسمۇ . }Lb];hww1  
    -كەچلىك تاماققا نىمە ئەتسەم بۇلار؟ كۆڭلىڭىز نىمىنى تارتىپ تۇرىدۇ؟ 2i,Jnv=sR  
    -سىزنىلا جېنىم!_دېدىمدە،ئۇنىڭغا قاش ئېتىپ. -)y"EJ(N  
    -ئاغزىنىڭ تاتلىقلىقىنى كۆرەي_دىدى ئۇ پىسىڭڭىدە بىرنى كۈلۈپ. A: 0] n  
    -خوتۇن،قايسى تاماققا ئامراقلىقىمنى بىلىسىزغۇ،شۇڭا ئوخشىتىپ بىر لەغمەن ئىتىڭلا؟_دىدىم مەن تىزگىنەكنى قۇلۇمغا ئالغاچ. {/Q pEd>3+  
    -ئۇنداقتا سەي-كۆكتاتلارنى سىز ئادالايسىز،مەن خېمىر يۇغۇراي. ھەراست،تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن قاچا-قۇچىلارنى سىز يۇيىسىز جۇما ئەمسە_دىدىى ئۇ ۋە ئاشخانىغا قاراپ ماڭدى. Q=^}B}G  
    -ۋاي جېنىم،سىز نىمە دىسىڭىز شۇ. ئەسلىدە تاماقنى مەن ئىتىپ سىزنى كۈتسەم بۇلاتتى،لىكىن مەن سىزدەك بەلەن ئىتەلمەيمەن ھەم مەن سىزنىڭ ئەتكەن لەغمىنىڭىزگە بەك ئامراق. دىگىنىڭىزدەك بولسۇن_دىگىنىمچە ئۇنىڭ كەينىدىن ئاشخانا ئۆيگە كىردىم. B2845~\.  
    -دەپ قويسام كىرگىننى .تاماقنى مەن ئىتەي،سىز چىقىپ بالىغا ھەمراھ بۇلۇڭ،ۋاقتىڭىز بولسا ئۇنىڭغا كۆپرەك كۆڭۈل بۈلۈپ قۇيۇڭ.قاچانلا قارىسا ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىشلەر يۈرگەن_دىدى ئۇ. TUpEh Q+*  
    ئوغلۇم ئۇدۇلىمىزدىكى قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە ئوينىغىلى چىقىپ كەتكەنىدى،مەن ئۇنىڭ كىرىشىنى كۈتۈپ سافادا ئولتۇردۇم.كۈزۈم تۇيۇقسىز ئانامنىڭ سۈرىتىگە چۈشۈپ قالدى،ئۇ شۇنداق غەمكىن قىياپەتتە ماڭا قاراپ تۇراتتى، كۆزلىرىم ئىختىيارسىز نەمدەلدى. QRdb~f; 
SCGQo.~,  
"H G:by  
                                                 1 p%3';7W\  
\s~ W;m  
    مىنىڭ ئاتا-ئانام دىھقان ئىدى،بىز ئىككى بالا بۇلۇپ،بىر ئاچام بار ئىدى. كىچىك ۋاقىتلىرىمدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدىم. ئۆينىڭ ھال-ئەھۋالى ناچار ئىدى،يىگىلى تاپساق كىيگىلى يوق ئىدى.ئاتا-ئانامنىڭ ئەتىگىنى چىقىپ كەتكىنىچە كەچ كىرگىچە ئىشلەپ بىزنى باقىدىغانلىقىنى بارا-بارا ھېس قىلغانىدىم . باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندە يەتتە ياشتا ئىدىم.باشقا بالىلار چىرايلىق كىيىملارنى كىيسە،مەن كونىرىغان ھەتتا بەزى يەرلىرىگە ياماق چۈشكەن كىيىملەرنى كىيەتتىم. باشقا بالىلار ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى ئېلىپ يىسە،مەن قۇلۇمنى شۇرىغىنىمچە قاراپ قالاتتىم. باشقا بالىلار بۇغداي نېىنى يىسە،مەن ئارپا نېنى يەيىتتىم. باشقا بارلىلار مىنى« نامرات»دەپ ياراتمايىتتى، بەزىدە كەينىمدىن گەپ-سۆز قىلاتتى. Llk`  
     بىر كۈنى چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتىدا قارىسام، سىنىپتا مەنلا يالغۇز قاپتىمەن. مەن تۆت ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن،ئاستاغىنە ئالدىنقى پارتىدىكى بالىنىڭ دەپتىرىدىن بىرنى ئالدىم-دە، ئۆزۈمنىڭ سومكىسىغا سالدىم . نەدىن بىلەي دەپتەرنىڭ ئىگىسىنىڭ ئىشىتىن كىرىپ دەل بۇنى كۈرۈپ قالغىننى. D(h|r^5  
    -ھاي ئوغرى!قۇيە دەپتەرنى!_ ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ماڭا قاراپ يۈگۈرۈپ كەلدى. مەن نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي يۈزلىرىم ئۆپكىدەك قىزارغان ھالدا بېشىمنى تۆۋەن سالدىم،ئۇ دەرھال ئاغزىنى بۇزۇپ مىنى تىلاشقا باشلىدى: $mlsFBd  
    -ئوغرى گۇي! سىنىڭ نامراتلىقىڭنى كىم بىلمەيدۇ،ھە؟نامرات ئوغرى!دىۋانىدەك كىيىنىپ يۈرىيدىغان ئوغرى گۇي!..... 8i:b~y0  
    ئاڭغىچە باشقا بالىلارمۇ سىنىپقا كىرىشكە باشلىدى.مىنىڭ سومكام ئۇنىڭ قۇلىدا ئىدى. (>;~((2  
    -ھاي بالىلار! مۇنى كىچىك ئوغرى مىنىڭ دەپتىرىمنى ئوغىرلىماقچى بوپتىكەن،مەن ئۇنى ئىسپات بىلەن تۇتۇۋالدىم، بۇنى ئۇقۇتقۇچىغا دەيمەن، سىلەرمۇ بۇندىن كىيىن ماۋۇ كىچىك ئوغرىدىن ھەزەر ئەيلەڭلار جۇمۇ!_ دىدى ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن كۆپچىلىككە. 7kJ,;30)  
     دەرىستىن چۈشكەندىن كىيىن، مەن ئۇقۇتقىچىنىڭ ئىشخانىسىغا چاقىرتىلدىم. B"Fg`s+]U  
    -ئەركىن، ماڭا چۈشتە بولغان ئىشنى تەپسىلىي چۈشەندۈر!_دىدى ئۇ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغىنىچە ماڭا قاراپ. ,9A[o`b  
    مەن تىرنىقىمنى تاتلاپ ئىشىك تۈۋىدە ئىدىم. 97Q!Rot  
    -ئولتۇرۇپ سۆزلە_دىدى ئۇ ئۇرۇندۇقنى كۆرسىتىپ. 4cV(Z-\  
    -........ w6wXe_N+M  
    -ئەگەر دىمىسەڭ سىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن جۇمۇ!_دىدى ئۇ بىر خىل ئاچچىقلانغان قىياپەتتە. w\@Anwj#L  
    -شۇ...دەپتەر ئالغىلى....ئالغىلى...پۇل يو....ق ..ئىدى،شۇڭا.... P, >#  
    -بۇ ئىشتا خاتا قىلغانلىقىڭنى بىلەمسەن؟_دىدى ئۇ .مەن يىنىك باش لىڭىشىتتىم. SQz>e  
    -ئەركىن، سىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىڭ ماڭا ئايان، لىكىن پۇل يوق دەپ باشقىلارنىڭ نەرسىسنى ئالساڭ بولمايدۇ دە. سەن دىگەن ياخشى بالا ،ياخشى بالا ئوغىرىلىق قىلمايدۇ،شۇنىڭغا ئوخشاش ئەسكى ئىشلارنىمۇ قىلمايدۇ،بىلەمسەن؟ مەن ساڭا ئىشنىمەن.  ماڭا قارا، ئەگەر سەن بۇندىن كىيىن ياخشى ئۆگەنسەڭ  مەن ساڭا دەپتەر قەلەم مۇكاپات بىرەي، شۇنداق قىلساڭ ئۆيدىكىلەرگىمۇ پۇل دىيىش كەتمەيدۇ . 4Yn*q~f  
    مەن يەنىلا بېشىمنى تۆۋەن سالغىنىمچە باش لىڭىشىتتىم. E4{^[=}  
    ئۇقۇتقۇچۇمنىڭ گىپى ئانچە-مۇنچە تەسىر قىلدى بولغاي، شۇنىڭدىن كىيىن دەرىسلەرنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشكە باشلىدىم، باشقا بالىلارنىڭ نىمە دىيىشى بىلەن كارىم بولمىدى. ئەجرىم بىكار كەتمىگەنىدى. ئىككىنچى يىللىقىنىڭ بىرىنچى مەۋسۇمىدا نەتىجەم ياخشى بولغاچقا، ئۇقۇتقۇچۇم ماڭا دەپتەر مۇكاپات بەردى ۋە«بۇندىن كىيىن داۋاملىق تىرىش، كىلەر قېتىم قەلەم مۇكاپات بىرىمەن»دىدى، مەن قەۋەتلا خوش بولدۇم. HX=`kkX  
Ur@'X-  
                                                                    2 U#Z}a d?VX  
ZM)a4h,kcm  
      نورۇز. قەھرىتان قىشنىڭ ئاپئاق چىچەكلىرى ئاستىدا بىر قىش ئۇخلاپ ياتقان بىخلارغا جان كىرىدىغان ۋاقىت. بارلىق جانلىق بەدەن تەۋرىتىشكە باشلىغان چاغ. M@gm.)d  
   1987 -يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، يىزىمىزدا نۇرۇز . ChBZGuO:  
    بىزنىڭ يىزىمىزغا نۇرۇز بۇرۇنقىغا ئوخشاش ھاۋا ياخشى پەيىتتە يىتىپ كەلدى. نۇرۇز كۈنىدىكى ئەڭ قىززىيدىغان پائالىيەت، يىزىمىزنىڭ سايلىقىدا ئۆتكۈزۈلدىغان ئوغلاق تارتىشىش ئىدى. بۇ ئوغلاق تارتىشىشقا باشقا يىزىلاردىنمۇ ئوغلاقچىلار كىلەتتى، پائالىيەت بەك قىزىيتتى . تاغامنىڭ بىر ئېتى بۇلىدىغان،خېلى نوچى ئاتلاردىن ئىدى. تاغام بۇرۇن ئاتقا بەك ئامراق بۇلۇپ، قاچانلا قارىسا ئات بىلەن ھەپىلىشەتتى. پۇتىنى ھارۋا بېسىۋېلىپ ئاقساق بۇلۇپ قالغاندىن بېرى، ئۇ ئېتىنى تۈزۈك مىنىپ باقمىغانىدى. تاغام دادامنى سەن قاتناشقىن دەپ ئېتىنى بىرىپ تۇرماقچى بولدى. داداممۇ ئات مىنىشنى بىلەتتى، شۇڭا ئوغلاق تارتىشىشقا بارماقچى بولدى. goxgJOiB  
     ھاۋا ئىللىپ قالغان بۇلۇپ، بۈگۈن قەۋەت ياخشى ئىدى. دادام ئىككىمىز سەھەردىلا يولغا چىقىپ  ھېلقى سايلىققا يىتىپ كەلدۇق. مەن تېخى ئۆزۈمنى بالدۇر كەلدىممىكىن دىسەم، سايلىقتىكى ئادەملەر مىنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىنمۇ كۆپ ئىدى. گازىر-خاسىڭ ساتىدىغانلار، نان ساتىدىغانلارمۇ كۆپ ئىدى. ئادەملەر ئۇياق-بۇياققا ئۈتۈپ تۇراتتى . مەن ئادەملەر توپىدىن ئۆتۈپ، ئاتلار يىغىلغان مەيدانغا كەلدىم، بۇ يەردە ئادەم تېخىمۇ جىق ئىدى. كۈچلۈك ئالدى پۇتى بىلەن توختىماي يەر تىلغاپ چاپچىپ تۇرغان،ماڭلىيىدا پىيالە چوڭلۇقىدا ئاق تۈكى بار،يايلىسى كەڭ يېيىلىپ تۇرغان،قاراشتىنلا ئىسىللىكى چىقىپ تۇرىدىغان بوز ئات. بېشىغا ئاسقان قوڭغۇراقلارنىڭ رېتىمىغا ئەگىشىپ باش سىلكىۋاتقان قارا قۇندۇز .  بۇ يەرگە يىغىلغان ئاتلار خېلى كۆپ ئىدى. بەزىلەر ئىككى-ئۈچتىن بۇلىۋېلىپ بىر ئاتنى ئاتتۇرىغا ئالغىنىچە ماختاشماقتا. يەنە بەزىلەر ئاتلىرىنىڭ بېشىنى مىھرىبانلىق ۋە ئىشەنچ بىلەن سىيلىماقتا. يەنە بەزىلەر بولسا كىملەرگىدۇر بىر ئاتنى كۆرسەتمەكتە. شۇ تاپتا سايلىققا ھەقىقىي جان كىرىشكە باشلىغانىدى. y\@XW*_?  
    كۈن نەيزە بۇيى ئۆرلىگەندە، ئوغلاقچىلار ئاتلىرىغا مىنىپ تەييار بۇلۇشقانىدى،داداممۇ شۇلارنىڭ قاتارىدا ئىدى. يىزىمىزدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر كىشىنىڭ بىر ئوغلاق تىرىسىنى تاشلىششى بىلەن، ئوغلاق تارتىشىش رەسمىي باشلاندى. ئاتلار كىشنىمەكتە، ئوغلاقچىلارنىڭ تۆت كۈزى ئوغلاقتا، ئەتراپتىكى كىشلەر ئۇلارغا مەدەت بەرمەكتە، تۆت كۆز بىلەن بىر نەرسىنى كۈتمەكتە. بىردەملىك تالىشىشتىن كىيىن  ھېلىقى بوز ئاتنىڭ ئىگىسى ئوغلاقنى تارتىۋالدى-دە، سايلىقنىڭ ئىچگە قاراپ ئېتىغا قامچا ئۇردى، چاپچىپ تۇرغان بوز ئات قامچىنىڭ تىگىشىدىن بىرنى چۈچۈدى-دە،يادىن ئايرىلغان ئوقيا كەبى سۈرئەت بىلەن سايلىقنىڭ ئىچىگە يول ئالدى، باشقا ئوغلاقچىلارمۇ كەينى-كەينىدىن ئاتلىرىغا قامچا ئۇرغىنىچە،سايلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە يۈرۈپ كەتتى. ئوغلاقچىلار سايلىقنى بىرنى ئايلىنىپ چىقىشى كىرەك ئىدى، ئاندىن كىيىن ئوغلاقنى تارتىۋالغان ئادەم ئوغلاقنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويماي،بەلگىلەنگەن ئۇرۇنغا تاشلىيالىسا غەلبە قىلغان بۇلاتتى. ئاتلار تۇياقلىرىدىن تۇپا-چاڭ كۈتۈرگىنىچە بىزدىن بارغانسىېرى يىراقلىشىپ كەتتى. كىشلەر تۆت كۆزى بىلەن سايلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ بۇيۇن سوزماقتا، چىرايلىرىدىن جىدىىيلىشىش،خۇشاللىق،قىزىقىش،كۈتۈش،تاقەتسىزلىنىش ئىپادىللىرى كۈتۈرۈلمەكتە،مەنمۇ شۇ بۇيۇن سوزغانلارنىڭ قاتارىدا ئىدىم.  خېلى كۈتۈشتىن كىيىن ئاتلار بىزگە يېقىنلىشىشقا باشلىدى. ئوغلاقچىلار ئاتلىرىنىڭ دۈمبىسىگە يېتىۋېلىپ ئاتلىرىغا قامچا ئۇرماقتا، قىزىپ كەتكەن ئاتلار جان-جەھلى بىلەن چاپماقتا. كىشىلەرنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرى ئەۋىج ئېلىشقا باشلىدى. مانا ئاتلار تېخىمۇ يېقىنلاپ كەلدى،ھەممە كۆردىكى ئوغلاق توختى قاسساپنىڭ قۇلىدا بۇلۇپ،ئۇ سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا كىلىۋاتاتتى، دادام سەپنىڭ ئوتتۇرىدا ئىدى. باشقا ئوغلاقچىلار توختى قسساپقا يىتىشىۋالماقچى بۇلاتتىيۇ، لىكىن «ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق» دىگەندەك،باشقا ئاتلار يىتىشەلمەيۋاتاتتى. تۇيۇقسىز، توختى قاسساپنىڭ سول يېنىدا ھېلقى بوز ئاتلىق پەيدا بولدى-دە،كۈچ بىلەن ئوغلاققا ئېتىلدى، توختى قاسساپمۇ بوش كەلمىدى.تالىشا-تالىشا ،ئوغلاق تۇيۇقسىز يەرگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇچقاندەك كىلىۋاتقان ئاتلار دەماللىققا توختىيالمىدى، ئىگىسىنىڭ زدرد بىلەن يۈگەننى تارتىشىغا چىدىيالمىغان ئاتلار قاتتىق كىشنىدى، ئوغلاقچىلار دەرھال ئېتىنىڭ بېشىنى كەينىگە بۇراپ  ئۆزىنى ئوغلاققا ئاتتى، مىنىڭ دادام بايا سەپنىڭ ئوتتۇرىدا بۇلۇپ، ھازىر ئۇ ئازراق پايدا ئالغاندەك قىلاتتى. تۆت-بەش ئوغلاقچى بىر پۇتىنى ئۆزەڭگىدىن چىقىرىۋېلىپ، بىر قۇلى بىلەن ئىگەرنى تۇتقىنىچە تەڭلا ئوغلاققا قول ئۇزاتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە داداممۇ بار ئىدى،مەن قاتتىىق جىددىيلىشىپ كەتتىم. ئۇزۇن مەزگىل ئات مىنمىگەچكىمۇ ياكى تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىيالمىدىمۇ ئەيتاۋۇر،دادام تۇيۇقسىز ئاتنىڭ ئۈستىدىن يىقىلىپ چۈشتى، بىر پۇتى ئۆزەڭگىدە ئىدى. «دادا!»دەپ ۋارقىرىدىم-دە،ئىككى قۇلۇم بىلەن ئاغزىمنى تۇتۇۋالدىم،يۈرىگىم بىر خىل ئەنسىزلىك بىلەن سوقماقتا ئىدى، خۇددى بىر كىلىشمەسلىك يۈز بىرىدىغاندەكلا.  ئوغلاق تارتىشىشتا ئوغلاقچىلارنىڭ يىقىلىپ چۈشۈشى ئادەتتىكى ئىش بۇلغاچقا،باشقا ئوغلاقچىلارنىڭ دادام بىلەن كارى بولماي ئوغلاقنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئىدى. مەن دادامنىڭ تىزدىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشىنى بەك ئۈمىد قىلدىم،لىكىن ئۇ ھېچ قۇپىدىغاندەك ئەمەس،يۈرىگىم تېخىمۇ ئەنسىزلىككە تولدى. باشقا ئوغلاقچىلارنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى،كىمنىڭ ئوغلاقنى RQh4RUm  
ئېلىۋالغانلىقىنى كۈرۈشكە رايىم يوق ئىدى،پۈتۈن ئەس-يادىم يەردە ياتقان دادامدا ئىدى. باشقا ئاتلار بەلگىلەنگەن ئۇرۇنغا قاراپ چاپتى،دادام مىنگەن ئات بولسا سەپتىن چۈشۈپ قالغان بۇلۇپ ئۆزى يالغۇز تۇراتتى. دادام يەنىلا قوپمىدى،«دادا!»دەپ ۋارقىرىغىنىمچە ئۇنىڭغا يۈگۈردۈم،باشقىلارمۇ ئەھۋالنىڭ ئازراق غەيرىلىكىنى ھېس قىلىپ تەرەپ-تەرەپتىن كىلىشكە باشلىدى.ئەسلىدە دادام بايا يىقىلىپ چۈشكەندە،تالاش-تارتىشتا ئات دەسسىۋەتكەنىكەن. كۈزۈمدىن قايغۇ ياشلىرىم تارام-تارام ئاقماقتا ئىدى، ھۇشسىز ياتقان دادامنى چىڭ قۇچاقلىغىنىمچە«دادا!دادا! كۈزۈڭنى ئاچساڭچۇ!»دەپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم،باشقىلارمۇ«ياسىناخۇن!»،«ياسىنكا!»دەپ توۋلاشقا باشلىدى.بىر ھازادىن كىيىن دادام ھۇشىغا كەلدى-دە،مىنىڭ قۇلۇمنى كۈچلۈك قوللىرى بىلەن چىڭ سىققىنچە« ئەركىن ...بەلەن ئوغلۇم،ئاناڭ بىلەن...ئاچاڭنى ساڭا ...تاپشۇردۇم،ئۇلارغا ...ياخشى قارا....ياخشى ئۇقۇغىن،ماڭا ...ئوخشاش... دىھقان بۇلۇپ قالمىغىن» دىدى-دە، كۆز يۇمدى. ئۆزۈمنى قۇيۇۋەتكىنىمچە ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتىم.«ئوغلۇم،شاش ئوغلۇم»دەپ ئەركىلەتكەن،بوينىغا مىندۈرۋالغاندا سىيىپ قويسام قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكەن دادام ئەمدى كەتتى.ئائىلىمىزنى دەپ تىنىم تاپماي ئىشلەيدىغان،بىزلەردىن ھېچنىمىسىنى ئايمايدىغان مىھرىبان دادام كەتتى.بىر ئۆمۈر ئېتىزنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ ئۆتكەن دىھقان دادام مانا ئەمدى كەتتى....تاغدەك يۈلەنچۈكۈمدىن ئايرىلدىم....تەنتەكلىكىمدىن ئايرىلدىم...   بىز دادامنى تارام-تارام قايغۇ ياشلىرى ئىچىدە ئۇزۇتۇپ قويدۇق. دادامنىڭ بىرەر پارچە رەسىمىمۇ يوق ئىدى، پەقەت ئۇنىڭ ئاشۇ ئىسسىق سىماسى يۈرىگىمگە ئورناپ قالدى. بۇ قېتىمقى نورۇز مىنىڭ سەبىي قەلبىمگە يۇقالماس بىر يارىنى سېلىپ قويدى، مەن بۇ چاغدا تېخى ئون ياشتا ئىدىم. k|g~xmI;  
       دادام كەتكەندىن كىيىن ئۆينىڭ بارلىق يۈكى ئانامنىڭ زىممىسىگە چۈشتى،ئۇ بۇرۇنقىدىنمۇ سەھەر تۇرۇپ، تېخىمۇ كىيىن ياتىدىغان بولدى. ئانام ئاچام باشلانغۇچنى ئۇقۇپ بولغاندا ئۇنى مەكتەپتىن چىقىرىۋالدى،ئاچام ئانامغا خېلى ياردەملىشەلەيىتتى. مىنىڭ ئۆگىنىشكە رايىممۇ يوق ئىدى،ئانامغا نەچچە قېتىم«ئۇقۇمايمەن،ساڭا ياردەملىشەيچۇ» دىگەن بولساممۇ، ئۇ گىپىمنى پەقەت ئاڭلىمىدى. ئانام مىنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالىمنى بەك بىلىپ كەتمەيىتتى،ئۇ مىنى ياخشى ئۇقۇۋاتىدۇ دەپلا ئويلايىتتى. لىكىن نەتىجەم تىزدىن چۈشۈشكە باشلىدى،ئۇقۇتقۇچۇمنىڭ قىلغان نەسىھەتلىرىمۇ بىكار كەتتى. شۇنداق قىلىپ بەشىنچى يىللىققا چىققاندا، سىنىپتىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇقۇغۇچى بۇلۇپ قالدىم. 7d9%L}+q  
    بىر كۈنى مەكتەپتىن كەلسەم،ئانام مىنى چاقىردى. av5lgv)3  
    -ئوغلۇم ،چۈشتە ئۇقۇتقۇچۇڭ كەپتىكەن،ماڭا ھەممە ئەھۋالنى ئېيىتتى. بىلىمەن،ئۇ ئىش ساڭا بەك ئېغىر كەلدى،ھەممەيلەنگە ئېغىر كەلدى.بىزدە نىمە ئامال؟ ھەممە ئاللاھنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىدا. سەن بۇنداق چۈشكۈنلىشىپ كەتسەڭ بولمايدۇ،مەن سىنى ئۇغۇل دەپ تۇغقان،بىلەمسەن؟ رەھمەتلىك داداڭنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى سىنى ئۇقۇتۇش ئىدى،سەن ياخشى ئۇقۇساڭ بىزگە ئوخشاش دىھقان بۇلۇپ قالمايسەن،دىھقانچىلىق بىز بىلەن بىللە كەتسۇن بالام. داداڭمۇ سىنى بىزگە ئوخشاش دىھقان بۇلۇپ جاپا تارتىپ قالمىسىكەن دەيىتتى،سەن بۇلارنى بىلەمسەن؟ مىنىڭ ئارزۇيىممۇ سىنى ئۇقۇتۇش. ئەگەر سەن ھازىرقىغا ئوخشاش بۇنداق يۈرۈۋەرسەڭ،رەھمەتلىك داداڭغا ۋە ماڭا،«ئىنىم،ئىنىم»دەپ سىنى بېشىدا كۈتۈرىدىغان ئاچاڭغا قانداق يۈز كىلەلەيسەن؟ بىزنىڭ ئۈمىدىمىزنى مۇشۇنداق يەردە قويماقچىمۇ؟_ ئانام مۇشۇلارنى دەپ بۇلۇپ يىغلاپ تاشلىدى،يۈرىگىم بىر خىل ئۈكۈنۈشتە ئېچىشماقتا ئىدى. گەرچە 12-13 ياشلارغا كىرگەن بولساممۇ،تەقدىرنىڭ ئاجايىپ ئىسسىق-سۇغۇقلىرى مىنى خېلى چوڭ قىلغانىدى.مەن شۇ كىچىسى ئانامنىڭ سۆزلىرىنى قايتا-قايتا ئويلىدىم.كىچىك بولساممۇ قەلبىمگە ئاجايىپ غايىلەرنى پۈككۈنۈمچە ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا كەتتىم. e u  
     مەن ئەسلىدىكى ئۈزۈمگە قايىتتىم،دەرىسنى دىققەت قىلىپ ئاڭلاشقا،تاپشۇرۇقلارنى ئەستايىدىل ۋاقتىدا ئىشلەشكە باشلىدىم. «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە،كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دىگەندەك،نەتجەم تىزلا كۈتۈرۈلۈشكە باشلىدى، ئاخىرىدا ياخشى نەتىجە بىلەن سەبىي بالىلىقىمنى ئۆتكۈزگەن باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ تۇلۇقسزغا قەدەم قويدۇم. مەن يەنىلا جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن تۇلۇقسىزدىكى ئۈچ يىلنى بۇراندەك تىز ئۆتكۈزۈپ، تۇلۇق ئوتتۇرغا ئىمتىھاننىمۇ بىرىپ بولدۇم، نەتىجەممۇ چىقىپ بولدى، مەكتەپ بۇيىچە ئىككىنچى بولغانىدىم، مانا ئەمدى چاقىرىق قەغىزىنى تۆت كۈزۈم بىلەن كۈتمەكتە ئىدىم. بىر كۈنى بىر ساۋاقدىشىم مىنى مەكتەپكە چاقىرغىلى كەپتۇ،ئاڭلىشىچە چاقىرىق قەغىزىنىڭ ئىشىكەن. مەن ئۇچقاندەك مەكتەپكە باردىم-دە، ناھىيمىزدىكى ئەڭ ياخشى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى خۇشاللىق بىلەن ئۆيگە ئېلىپ كەلدىم، مەن ئەڭ ياخشى مەكتەپنىڭ ماڭا ئوخشاش دىھقان بالىسىنى قۇبۇل قىلغانلىقىغا ئازراق ھەيران ئىدىم. EmH2 Dbw  
     -ئانا، بۇ نىمە؟_دىدىم مەن خۇشاللىقىم ئىچ-ئىچىمگە پاتمىغان ھالدا. S(rA96n  
     -نىمە ئۇ؟_ئانام بىر خىل قىزىقىش ھەم ھەيرانلىق كۆزلىرى بىلەن مەندىن سورىدى. ] ^.#d  
     -چاقىرىق قەغىزى! ئەڭ ياخشى مەكتەپنىڭ تېخى! gE:qMs;  
     -راسىتما؟ مانا ئەمدى مىنىڭ ئوغلۇمدەك ئىش قىپسەن!_دىدى ئانام چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ. بىز چاقىرىق قەغىزىنى تەپسىلىي ئۇقۇپ چىقتۇق،مەكتەپنىڭ ھەرخىل چىقىملىرى خېلى كۆپ ئىدى. ئانامنىڭ چىرايىدىكى بايىقى كۈلكە بارغانسىرى يۇقاپ،ئۇنىڭ ئورنىنى بىر خىل ئەنسىرەش،ئامالسىزلىنىش ئالامەتلىرى قاپلىۋالدى،مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەتتىم:رەھىمسىز يىللار ئانامنىڭ قاپقارا چاچلىرىنى ئاقارتقان،يىللارنىڭ يالدامىسى بولغان قورۇقلار ئۇنىڭ پىشانىسىگە رەھىمسىزلەرچە نۇرغۇن ئىز سالغان،يىلىنجاپ تۇرغان نۇرلۇق كۆزلىرىنىڭ نۇرى ئۆچكەن،بۇرۇنقى گەۋدىسى يادەك ئىگىلىپ كەتكەنىدى.ئاچاممۇ ئاللىبۇرۇن ياتلىق قىلىنغانىدى. دىمەك مىنىڭ ئۇقۇشۇم قىيىنغا توختايىتتى. مۇشۇلارنى ئويلاپ يۈرىگىم ئاچچىققا تولدى-دە،كۆزلىرىمگە ياش ئالغان ھالدا: //AS44^IS  
     -ئانا، مەن ئۇقۇمايچۇ؟_دىدىم بىر خىل ئەپسۇسلىنىش ۋەيىلىنىش تەلەپپۇزىدا. {\Q'eL8  
     -نىمە؟ ئۇقۇماي بىزگە ئوخشاش دىھقان بۇلۇپ،جاپادىن قۇتۇلالماي بىر ئۆمۈر ئۈتۈپ كەتمەكچىمىدىڭ؟_دىدى ئۇ ئاچچىقلانغان ئاھاڭدا. v_oNM5w  
     -مەنمۇ شۇ سىنى جاپادا قالمىسىكەن دەيمەن. *%Q!22?6F  
     -مىنىڭ جاپادا قالغانلىقىمغا ئىچىڭ ئاغرىغان بولساڭ،ناھىيگە بېرىپ بەلەن ئۇقۇ_ دىدى ئۇ بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا. &%INfl>o7.  
     -جېنىم ئانا، ماقۇل دىگىنە، مەن ئۇقۇمايچۇ؟ zQD$+q5h  
     -بولمايدۇ دىگەندىكىن بولمايدۇ! گىپىم شۇ. بەلەن ئۇقۇساڭ رەھمەتلىك داداڭغىمۇ،ماڭىمۇ يۈز كىلەلەيسەن ھەم بىزنىڭ ئۈمىدىمىزنى ئاقلىغان بۇلىسەن_دىدى ئۇ ياشىراڭغۇ ئاۋازدا. ئانامنىڭ نۇرى ئۆچكەن كۆزلىرىدە ياش تامچىللىرىنىڭ لىغىلداۋاتقانلىقىنى كۆردۈم-دە، 1987-يىلى نورۇزدا يۈز بەرگەن قايغۇلۇق ۋەقە تۇيۇقسىز ئىسىمگە كىلىپ، بىر خىل ئۈكۈنۈش ۋە ئازاپ يۈرەك باغرىمنى تىلىپ ئۆتتى.«دادا! سەن بولساڭچۇ ھازىر! ئانام مۇنچىلىك جاپا تارتىپ كەتمەسىدى»دەپ ئۆز-ئۈزۈمگە خىتاپ قىلدىم. مەن كۆزلىرىم ياش ھالدا بىر قارارغا كەلدىم : ئۇقۇش. Ga~IOlS  
8wwD\1pLS  
                                                              3 ]3C7guWz  
]JtK)9  
      مانا ،تىزىمغىمۇ ئالدۇرۇپ بولدۇم. ناھىيە ئۈيۈمدىن بەك يىراق بولغاچقا مەكتەپتە يېتىشقا توغرا كەلدى.مەكتەپنىڭ ياتىقى سەككىز كىشىلىك بۇلۇپ،مەن نەدىمۇبىر تۇنۇمايدىغان يەتتە بالا بىلەن بىر ياتاققا بۈلۈندۈم. تاماققا پۇل كىتىدۇ دەپ ئۆيدىن ئەكەلگەن نانلىرىمنى جايلاشتۇردۇم،باشقا نەرسە-كىرەكلەرنىمۇ يۇغۇشتۇرۋەتتىم،باشقىلارمۇ نەرسىلللىرىنى يۇغۇشتۇرۇپ بولغانىدى،ئەمدى ئۆز-ئارا تۇنۇشماقچى بولدۇق.« ناھىيدىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپ بولغاندىكىن،باينىڭ باللىرى كۆپتۇ ھەقىچان»دەپ ئويلىدىم ئۇلارغا بىر قارىۋىتىپ. A-4\;[P\  
     -مىنىڭ ئىسمىم كېرەم_دىدى ئىگىز بوي،ئۇرۇقراق،ئاق پىشماق كەلگەن بالا_دادام ئۇقۇتقۇچى،ئاكام ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇيدۇ. 5H>[@_u+:  
     -مىنىڭ ئىسمىم ئەسئەت_دىدى ئوتتۇرا بوي،ئۇرۇقمۇ ئەمەس سىمىزمۇ ئەمەس،تۇرقىدىن ئاچچىقىنىڭ تامانلىقى چىقىپ تۇرىدىغان بالا_دادام شوجاڭ،ئاكام ئالىي مەكتەپتۇ ئۇقۇيدۇ.     rr2|xL?+u  
     ئۇ مۇشۇلارنى دەۋاتقاندا ماڭا بىر قاراپ قويدى،ئۇنىڭ بۇ قارىشى ماڭا خۇددى كۆرەڭلەۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى-دە، بېشىمنى تۆۋەن سالدىم. k%Jw S_F  
     -مىنىڭ ئىسمىم ئالىم_دىدى ئوتتۇرا بوي،ئۇرۇق،قارامتۇل،كىيىنىشدىنلا سەھرادىن كەلگەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان بالا_بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر دىھقان،ئاكام بار،ئۇما دىھقان. MSsboSxA  
    «خۇداغا مىڭ تەشەككۈر! ھەنىم بولسا دىھقان بالىسى مەنلا ئەمەسكەنمەن» ئىچىمدە ئازراق خۇشال بولدۇم. g)2}`}  
     -مىنىڭ ئىسمىم تۇرسۇن_دىدى پاكار بوي،دوغىلاق بالا_دادام سېكىرتار،ئاكام ئالىي مەكتەپتە. - x@mS2  
    «ئۆيىدىكىللىرى''بۇيى ئۆسمەي تۇرسۇن''دەپ''تۇرسۇن''قويغان ئوخشىمامدۇ» دەپ ئويلىدىم مەن ئۇنىڭ پاكار بۇيىغا يەنە بىر سەپسېلىپ. F}. 
     -مىنىڭ ئىسمىم قۇربان_دىدى ئوتتۇرا بوي،تەمبەل،بۇغداي ئۆڭلۈك بالا_ئۆيدىكىلەرنى دىيىشچە مەن قۇربان ھېيىتتا تۇغۇلۇپتىكەنمەن،شۇڭا ئىسمىمنى''قۇربان''قۇيۇپتىكەنتۇق. دادام شوجاڭ،ئانام ئۇقۇتقۇچى. T/uj5pMG  
     - پېقىر ئۆزەم قاسىم بۇلىمەن_دىدى ئوتتۇرا بوي،بۇغداي ئۆڭلۈك بالا ھېجايغىنىچە_دادام شاڭجاڭ(يىزا باشلىقى). b`fPP{mG  
    ماۋۇ قاسىم دىگەن ئاتكاچىنىڭ گەپ قىلغان چاغدىكى تەلەپپۇزى نىرۋېلىرىمنى غىدىقلاپ،كۆڭلۈمنى بىئارام قىلىپ قويدى. «ئەجەبا ئالىم بىلەن مەنلا دىھقان بالىسىمۇ؟»دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە بىر خىل ئىزا تارتىش تۇيغۇسىدا. OZs^c2 W  
     -مەن ھۇشۇر_دىدى پاكارراق،قارامتۇل،ئۇرۇقراق كەلگەنبالا_ مەنمۇ ئالىمغا ئوخشاش دىھقاننىڭ بالىسى. }M * Oo  
   «خۇداغا مىڭ مىڭ تەشەككۈر!»ئىچىمدە ئازراق خۇشال بولدۇم، ئەمدى نۆۋەت ماڭا كەلدى. WFULQQ*  
     -ئىسمىم ئەركىن،مەنمۇ دىھقاننىڭ بالىسى_دىدىم مەن يۈزۈم قىزارغان ھالدا بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ. GnkNoaU  
    تۇنۇشۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ھەممەيلەن ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قىلماقچى بولدۇق. باياقى ئەسئەت دىگەن بالا يېنىمغا كەلدى،ئۇنىڭ ئاشۇ توڭ يېغىپ تۇرىدىغان چىرايىغا قاراپ ئازراق قورقۇپ قالدىم. LZ}C{M{=5A  
     -ئىسمىڭىز ئەركىن،شۇنداقمۇ؟ 9JpPas$]  
مەن خۇددى نەچچە توننا نەرسە ئارتىپ قويغاندەك ئېغىرلىشىپ كەتكەن بېشىمنى بوش لىڭىشىتتىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىمنى سۇراشقا باشلىدى،ئۇنىڭ تۇيۇقسىز بۇنداق سورىشىدىن ئازراق گاڭگىراپ قالدىم،«ھەقىچان مىنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن قەستەن سورىغاندۇر بۇ گۇي»دەپ ئويلىدىم-دە،ئۇنىڭ چىرايىغا تەستە سېپسالدىم،لىكىن ئۇنىڭ چىرايىدا مەسخىرە ئالامەتلىرى كۈرۈنمەيىتتى،قارىسام شۇنداق ئەستايىدىل. شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئەھۋالنى تەپسىلىي ئېيتىپ بەردىم. بىز شۇ تەرىقىدە بىر سائەتتەك پاراڭلاشتۇق.ئاخىرىدا ئۇنىڭ «ئىككىمىز دوسىت بوپ قالايلى،قانداق؟»دىگىننى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم،«ماقۇل»دىدىم مەن قۇلىقىمغا ئىشەنمىگەن ھالدا بوش ئاۋازدا،ئۇ «ئازراق ئىشىم بار ئىدى »دەپ سىرتقا ماڭدى. ئەسئەتنىڭ مىنى شۇنچىلىك كۆرگىنىگە قەۋەت خوش بولدۇم، ئۇ مەن ئويلىغىنىمنىڭ ئەكسىچە ئىدى. k*[["u^u]  
     تۇلۇقسىزدىكى ئۇقۇتقۇچۇمنىڭ دىيىشچە، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتى بىر ئادەمنىڭ ئۇقۇش ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل چاغلارمىش.مەن مۇشۇلارنى خىيال قىلغىنىمچە ئاستا-ئاستا ناھىيدىكى تۇلۇق ئوتتۇرا ھاياتىمنى باشلاپ،بۇ گۈزەل چاغلارنىڭ سىمفونىيسىگە سىڭىشكە باشلىدىم .   [n44;  
      مەن بىلەن بىر يىزىدىن كەلگەن،ئىمتىھاندا بىرىنچى بولغان قىزنىڭ ئىسمى خەلچەم بۇلۇپ،مەن بىلەن پاراللىل سىنىپتا ئىدى.ئىككەيلەن ئادەتتە كۆپرەك ئۇچىرشىپ قالاتتۇق،بىز يىزىدىن بولغاچقا ھەم بۇيەردە باشقا بالىلارنى بەك تۇنۇمىغاچقا ئىككىمىزىنىڭ پاراڭلىرىمۇ خېلى كۆپ ئىدى،ئۇ قىز باولغاندىكىن ئۇنىڭغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلەتتىم. سىنىپتىكى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇنداق ياخشى ئىدى،ماڭا قىزغىن مۇئامىلىدە بۇلاتتى،مىنى تۆۋەن كۆرمەيىتتى. لىكىن مەخمۇت دەيدىغان بىرسىنى پەقەتلا ياقتۇرمىدىم، ئۇ ئوتتۇرا بوي،قارامتۇل،ناھايتى سىمىز بۇلۇپ چوشقىغا ئوخشايىتتى،قاچانلا قارىسا ئاغزى بېسىقماي پو ئاتاتتى،ئۆزىچە كۆرەڭلەيىتتى، مىنىمۇ نەچچە قېتىم مازاق قىلغانىدى، لىكىن ئۇنىڭ ئاۋۇ چوشقىدەك تەلەتىدىن ئازراق قورقۇپ قالغانىدىم. «ئازراق پۇلى باركەنغۇ شۇ ئۆيدىكىللىرىنىڭ، نىمىسىگە كۆرەڭلەيدۇ بۇ چوشقا»دەپ ئىچىمدە ئۇنى تىللايىتتىم. ئەسئەت بىلەن يېقىن دوسىتلاردىن بۇلۇپ قالدىم،ئۇ مىنى نامرات كۆرمەي شۇنداق قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى،مەندىن ياردىمىنى ئايىمايىتتى، بەزىدە مىنى سۆرەپ دىگۈدەك ئاشخانىغا ئاپىرىپ تاماق ئېلىپ بىرەتتى،باشقىلار مىنى بوزەك قىلسا ئۇ دائىم ئارامغا چۈشەتتى.مەن ئۇنى بەك ھۆرمەتلەيىتتىم ھەم مۇشۇنداق بىر ياخشى دوستۇمنىڭ بارلىقىدىن خوش ئىدىم.  كۈنلەر بىر-بىرىنى مۇشۇ يۇسۇندا قوغلىشىپ يۈرۈپ،بىر مەۋسۇممۇ تۈگىدى،نەتىجەم خېلى ياخشى ئىدى، ئۇقۇتقۇچۇممۇ مىنى ماختاپ قويدى. «يارايسەن!داۋاملىق تىرىش!»دىدىم ئۆزۈمگە چەكسىز ئىشەنچ ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن. -: dUD1  
     سەن ھاياتنى ئۇزۇن دىسەڭ ئۇ ناھايتى ئۇزۇندۇر،قىسقا دىسەڭ ئۇ ناھايتىمۇ قىسقىدۇر.بىلىشىڭ كىرەككى،ھايات يۇلى ئەگرى-تۇقاي بۇلىدۇ.ئەگەر ئۇ سەن خالىغاندەك تۈز بولغان بولسا، بۇ ھاياتنىڭ نە لەززىتى نە مەنىسى بولسۇن؟ ھايات ئۇ دىگەن نۇرغۇن مۆجىزىلەرگە تولغان بۇلىدۇ، ئۇنىڭ كۆپلىكىدىن كۆزلىرىڭ ئالا-چەكمەن بۇلۇپ كىتىدۇ. ھايات ئۇ يەنە ناھايتىمۇ سىرلىقتۇر، سەن بەزىدە بىر ئۆمۈر ئۇنىڭ تېگىگە يىتەلمەي ئۈتۈپ كىتىسەن. ھاياتتا ئادەم داۋاملىق ئالدىغا قارىشى كىرەك، لىكىن بىز كۆزىمىزنى شۇنچە يوغان ئېچىپ قارىساقمۇ ھېچنىمىنى كۆرەلمەيمىز،چۈنكى بىز بىر ئاجىز بەندە، ئەمما بىز ئۈمىدكە تولغان بۇلىشىمىز كىرەك. ھاياتىڭدا نىمىلەرنىڭ يۈز بىرىشىنى سەن بىلمەيسەن ۋە مەڭگۈ بىلەلمەيسەن،سەن پەقەت ئۇنىڭ ئىجرا قىلغۇچىسى خالاس،لىكىن سەن ئۆزۈڭنى تاشلىۋىتىپ ھېچ ئىش قىلماي ياتساڭ بولمايدۇ ئەلۋەتتە. مەنمۇ ھايات يۇلىدىكى بىر يۇلۇچى،سىلەرگە ئوخشاش. ئىككىنچى مەۋسۇمدا يۈز بەرگەن بەزى ئىشلار ھايات يۇلۇمدا رەڭگارەڭ ھەسەن-ھۈسەنلەرنىڭ پەيدا بۇلۇشىدىن ئازراق دىرەك بىرىپ تۇراتتى. u4, p.mZtb  
      سىنىپتا ئايتىللا ئىسىملىك بىر قىز بۇلۇپ، دەرس ۋاقتىدا مەن بېشىمنى قىرىق بەش گىرادۇس ئوڭغا بۇرۇساملا ئۇنىڭ مۈرىسىگە چۈشكەن قاپقارا چاچلىرى،ئانچە قۇيۇڭ بولمىغان قېشى،تال-تال كىرپىكلىرى،كىچىككىنە بۇرنى،بۇغداي ئۆڭلۈك يۈزى،گىلاستەك لەۋلىرى،چىرايلىق ئىڭىكى تامامەن دىگۈدەك كۆز ئالدىمدا يېيىلاتتى. نەچچە كۈن بولدى ئايتىللاغا بۇنداق تەپسىلىي قارىغىلى. غايىپتىن بىرسى«ئۇنىڭغا قارا»دەيىتتى-دە،ئىختىيارسىزلا بېشىمنى شۇياققا بۇرايىتتىم. نىمە سەۋەپتىنكىن-تاڭ، بېشىمنىڭ بۇرۇلۇش نىسپىتى بارغانسىرى يۇقىرى كۈتۈرۈلمەكتە ئىدى.دەرس ۋاقتىدا ئاسان زىھنىم چېچىلىدىغان،تۇرۇپ-تۇرۇپ خىيالغا كىتىدىغان بۇلۇپ قالدىم،دەرس دەرسكە ئوخشىمايۋاتاتتى،تاپشۇرۇقلارنىمۇ ئىشلىمەس بولدۇم. دەرس ۋاقتىدا ئۇنىڭغا توختىماي قاراپ چىقاتتىم.ئارام ئېلىش ۋاقىتلىرىدا بولسا،ئۇنىڭ يارقىن سىماسىنى بالىلار ئارىسىدىن ئىزلەيىتتىم.دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن تۇيدۇرماي ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياتىقىغىچە باراتتىم. كىچىللىرى بولسا سانجىق-سانجىق يۇلتۇزلار ئارىسىدىن ئۇنى ئىزلەيىتتىم.ياشلىق دەۋرىگە ئەمدىلا قەدەم بېسىش ئالدىدا تۇرغان يۈرىگىم بىر خىل زىرىكىش،ئازاپلىنىش،قىينىلىش،ئامالسىزلىق،بىچارىلىك ئىچىدە تىپچەكلەيىتتى،ئۇنى تىزراق كۈرۈشنى،ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشنى ئىستەيىتتى. كىچىللىرى بولسا خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئۇيقۇم كەلمەي،سېغىنىش ئىچىدە تولغۇناتتىم،ئۈنسىز ئازاپ چىكەتتىم. كۈندۈزلىرى بولسا روھىم چۈشكۈن يۈرەتتىم. D:/^TEib  
      بىر كۈنى دوستۇم ئەسئەت تۇيۇقسىز سوراپ قالدى: Cpz'6F^oP  
      -ئەركىن،يېقىندىن بۇيان نىمە بولدۇڭ؟مىجەزىڭ يوقمۇ يە؟ چىرايىڭ ئۆزگىرىپلا قالدىغۇ يېقىندىن بېرى. >A;Mf*E  
      -ھېچ....ھېچنىمە بولمىدىم_دىدىم مەن غەمكىن كۆزلىرىمنى ئۇنىڭدىن قاچۇرۇپ. "FwbhD0Gb  
     ئۆتكەندە مۇھەببەت توغرىسىدا بىر كىتاپ كۆرگەنىدىم، «ئەجەبا بۇ ياخشى كۈرۈشمىدۇ؟ مەن ئۇنى ياخشى كۈرۈپ قالدىمما؟ ياق،ياق!»دەيىتتىم ئۆزۈمگە، لىكىن بىر نەرسىگە چەكسىز تەلپۈنۈۋاتقان يۈرىگىم مىنىڭ بۇ ئويلىرىمنى ئىنكار قىلاتتى. مەن ئادەتتىغۇ ئۇنىڭ بىلەن ئانچە-مۇنچە پاراڭلىشىپ قۇياتتىم،لىكىن پارىڭىمىز كۆپ ئەمەس ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە پاراڭلىرىمىز كۆپىنچە ئۈگۈنۈش ئۈستىدە بۇلاتتى، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا جىددىيلىشىپ،يۈزلىرىم قىزىرىپ كىتەتتى-دە،بېشىمنى تۈۋەن سالاتتىم. مەندىكى ئەھۋال بارغانسىرى ئېغىرلىشىشقا باشلىدى،دەرىسنى پەقەت ئاڭلىماس بولدۇم،دائىم گۈزەل خىياللار دۇنياسىدا ئۈزۈپ يۈرەتتىم. pPuE-EDk  
      مانا،كەڭرى كەتكەن يىشىل دالا،خۇشپۇراق چېچىپ تۇرغان گۈللەرگە تولغان دالا. ئانچە يىراق بولمىغان ئورمانزارلىقتىن كاكۇكنىڭ خەندان ئاۋازى كىلەتتى.ئاسماندا ئاندا-ماندا ئاق بۇلۇتلار لەيلەپ يۈرەتتى. ئاشۇ كەڭ دالىدا ئايتىللا بىلەن ئىككىمىزلا بار ئىدۇق.ئۇ قىسقا چاچلىرىنى سەلكىن شامالدا ئۇچۇرغىنىچە ئالدىمدا يۈگۈرۈپ كىتىۋاتاتىدۇ،مەن بولسام قىن-قېنىمغا پاتمىغان خۇشاللىق بىلەن ئۇنى قوغلىماقتا. بىز ئارام ئېلىۋېلىش ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى يەرگە تاشلىدۇق.مەن بىلىكىم بىلەن ئۇنى يىنىك قۇچاقلىۋالغانىدىم،ئۇ بېشىنى بىلىكىمگە قويغان بۇلۇپ،قۇلىدا بىر تال سېرىق گۈلنى ئوينىتىۋاتاتتى. hjtkq .@  
      -ئايتىللا،سەن مىنىڭ يۈرۈگۈم! ھاياتىم! بارلىقىم! سەن مىنىڭ يۈرۈگۈمنى پۈتۈن قۇرشاپ بولدۇڭ، مەن ناھايتىمۇ ئاجىزلىق بىلەن ساڭا باش ئەگدىم. مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن_دىدىم مەن مۇھەببەتلىك كۆزلىرىمنى ئۇنىڭدىن ئۈزمەي. "k o?AUt  
      -قېلىن! گىپىنىڭ تاتلىقلىقىنى كۈرۈڭ!_دىدى ئۇ ھۈپپىدە قىزىرىپ ۋە كۆزلىرىنى مەندىن ئەپقېچىپ. @bSxT,2  
      -ئايتىللا،دىگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راسىت!مەن ساڭا« ئۇنداق قىلىمەن،مۇنداق قىلىمەن.سەن ئۈچۈن ئوتقا كىرىپ سۇغا سەكرەيمەن.سىەن ئۈچۈن جېنىم پىدا» دەپ ۋەدىلەرنى بىرەلمەيمەن.مەن ئۇنداق قىلىشنى بىر خىل شەكىلۋازلىق دەپ قارايمەن،ئەڭ مۇھىمىيئەتىنىڭ  قانداق بۇلۇشىنى ئاللاھ بىلىدۇ. مىنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىم سەمىمىيدۇر،راسىتتۇر،قىلچە يالغىنى يوق.  سەنمۇ مىنى ياخشى كۆرەمسەن؟_دىگىنىمچە ئۇنى ئۈزۈمگە قاراتتىم. @7e h/|Y,  
      -ساراڭ كالۋا! مۇشۇنىمۇ سوراش كىتەمدۇ،دۆت!_دىدى-دە،پىسىڭڭىدە بىرنى كۈلۈپ قۇيۇپ،يۈزى قىزارغان پېتى يۇلقۇنۇپ قوپتى ۋە يىراققا قاچتى،مەنمۇ گۈلقەقەلىرىم ئېچىلغان ھالدا ئورنۇمدىن سەكرەپ تۇردۇم-دە،ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈردۈم. }K!}6?17T  
    «ھاي ئەركىن! مۇئەللىم سەندىن گەپ سۇراۋاتىدۇ،تۇلا ھىجىيىۋەرمەي ئورنىڭدىن تۇر »دىگەن گەپ بىلەن رىئاللىققا قايتىپ كەلدىم.بۇ پارتىدىشىمنىڭ ئاۋازى بۇلۇپ، بىرخىل نەپرەت ۋە گاڭگىراش تۇيغۇسىدا ئۇنىڭغا قارىدىم.«مۇئەللىم سەندىن گەپ سوراۋاتىدۇ» ئۇ گىپىنى تەكرارلىدى.دەرھال دوسكا تەرەپكە قارىدىم،مۇئەللىمنىڭ چانىقىدىن چىقىپ كىتەيلا دەپ قالغان كۆزلىرى ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى. `lX |yy"  
     -ئەركىن،تۇرە ئورنىڭدىن!_دىدى ئۇ ناھايتىمۇ ئاچچىقلانغان تەلەپپۇزدا_يەنە نىمە خىيال سۈرۈۋاتاتتىڭ ھە؟ 0&mOu #l  
    لەلەڭشىپ دىگۈدەك ئورنۇمدىن تۇردۇميۇ،خىجىل بولغىنىمدىن بېشىمنى كۈتۈرەلمىدىم.كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقى بىلەن ئايتىىلاغا قارىدىم،ئۇ چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق ھالدا ماڭا قاراپ تۇراتتى،بېشىم تېخىمۇ تۆۋەن ساڭگىلىدى. ^2rNty,nH  
     -چۈشتىن كىيىن دەرىستىن چۈشۈپ ئىشخانىمغا كىر!_دىدى ئۇ ئاچچىقى تېخى بېسىلمىغان ھالدا. )7l+\t  
     -ماقۇل. ^mz&L|h  
    ئۇقۇتقۇچۇمدىن قاتتىق تىل ئىشتىپ بېشىم تۆۋەن ھالدا كىتىپ باراتتىم،تۇيۇقسىز ئالدىمدا خەلچەم پەيدا بولدى،چىرايى سۇلغۇن كۈرۈنەتتى. 71_{FL8  
     -ئەركىن،يېقىندىن بۇيان بىرەر ئىش بولدىمۇ سىزگە؟ بۇرۇن مىنى خېلى ئىزدەيىتتىڭىز،مانا ئەمدى قارىڭىزنىمۇ كۆرسەتمەي يۈرۈيسىزغۇ؟! d!mtSOh  
     -ھېچ....ھېچ ئىش يوق.....پەقەت شۇ دەرس.....ئالدىراش_دىدىم مەن كۆزلىرىمنى ئۇنىڭدىن قاچۇرۇپ. ئويلاپ باقسام ئايتىللاغا كۆڭلۈم چۈشكەندىن بۇيان خەلچەمنى ئىزدەپمۇ باقماپتىمەن،نىمىلا دىگەنبىلەن بىر يىزىدىن ئەمەسمۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىرھازا پاراڭلاشتىم-دە،ياتاققا قايىتتىم. aVNBF`  
    «توختا! ھەممىنى ئىچىمگە يىغىۋېلىپ نىمىمۇ قىلارمەن؟ مەن بۇنداق قىلسام ئۆزۈمنى ئازاپلايدىكەنمەن شۇ،بۇنداق قىلىشىمنىڭ نىمە پايدىسى بار؟ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ كۈرەيمۇ يە؟ كىم بىلىدۇ ئۇنىڭمۇ ماڭا كۆڭلى بارمۇ تېخى. توغرا،مۇشۇنداق قىلىش كىرەك،بۇنداق جىمخورلىقتا يۈرۈۋىرىش ياخشى ئامال ئەمەس،قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ كۆرەي،شۇنداق قىلىش كىرەك»دىدىم ئۆز-ئۈزۈمگە. شۇنىڭ بىلەن غەيرىتىمنى يىغىپ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا باشلىدىم.ئارام ئېلىش ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ گەپكە سالاتتىم...ئۇنىڭ ئۆگىنىشى ياخشى بۇلۇپ، بۇ ئالامەت بەلەن پۇرسەت  ئىدى.مەن ئۇنىڭدىن سۇئال سورىغان بۇلۇپ،ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىۋالاتتىم.چۈشەنسەممۇ «چۈشەنمىدىم»دەپ تۇرۇۋالاتتىم،ئۇمۇ زىرىكمەي،تىرىكمەي قايتا-قايتا چۈشەندۈرۈپ قۇياتتى....ئۇ مەسلە چۈشەندۈرۋاتقاندا ئۇنىڭغا ئوغۇرلۇقچە نەچچە رەت قارىۋالاتتىم....پائالىيەت ئۆتكۈزسەك دائىم ئۇنىڭ بىلەن بىر گۇرۇپپا بۇلۇۋالاتتىم. مەيلى دەرس چۈشەندۈرۈش ۋەياكى پائالىيەتكە قاتنىشىش جەريانىدا بولسۇن،ئۇ شۇنداق ئۇچۇق ھەم قىزغىن ئىدى. «ئاھا! ئۇنىڭمۇ ماڭا كۆڭلى باردەك قىلىدۇ، بولمىسا ئۇ ماڭا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلمىغان بۇلاتتى»دەپ ئويلايىتتىم ئىچىمدە. « بەك ياخشى بولدى،لىكىن ئۇنىڭغا كۆڭلۈمنى قانداق بىلدۈرەرمەن؟ئۆزىگە ئۇدۇل ئېيتايمۇ يە؟ ياق،ئۇنىڭغا ئۇدۇل دىيەلمەيمەن. خەت يازايمۇ يە؟ رەت قىلسا قانداق قىلارمەن؟».مەن مۇشۇنداق تۈگىمەس سۇئاللارغا جاۋاپ ئىزدەپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە،تۇيۇقسىز بىر ئىش يۈز بەردى. xb1 i{d  
      بىر كۈنى كەچقۇرۇنلىقى ئەسئەت ئىككىمىز مەكتەپ سىرتىنى ئايلىنىپ يۈرەتتۇق.تۇيۇقسىز ئالدىمىزدىن تۆت ئادەم چىقىپ كەلدى،قاراڭغۇدا كىملەر ئىكەنلىكىنى پەرق قىلغىلى بولمايىتتى،ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى سىمىزدەك قىلاتتى. ھېلقى تۆت ئادەم بىزگە يېقىنلاپ كەلدى.ئەمدى تۇنۇدۇم،بايا سىمىز كۈرۈنگىنى سىنىپىمىزدىكى ھېلقى مەخمۇت چوشقا ئىدى،قالغانلىرىنى تۇنۇمايىتتىم،ئۇلارنىڭ قوللىرىدا بىردىن كالتەك بار بۇلۇپ،مەخمۇت يەنە شۇ ئادەتتىكىگە ئوخشاش ھىجىيىپ تۇراتتى. مەن گاڭگىراپلا قالدىم.«نىمە ئىش بۇ؟ نىمىلا بولمىسۇن بۇ يەردىن تىز كىتىش كىرەك»دەپ ئويلىدىم-دە،ئەسئەتنى تارتىپ ئارقىغا قايىتماقچى بولدۇم.ئەمما ئارقامغا بۇرۇلۇپ تۇرۇپلا قالدىم:قۇلىدا كالتەك تۇتقان ئىككى ناتۇنۇش كىشى ھېجايغىنىچە بىزگە يېقىنلاپ كىلىۋاتاتتى. قارىغاندا ئەھۋال راستىنلا چاتاق ئىدى. *$~H=4t  
      -ئەركىن دىگەن سەنغۇ دەيمەن؟_دىدى مەخمۇت چوشقىدەك خىرقىراپ. YBqu7&  
      -قانداق قىلىشاتتىڭ؟_ئەسئەت ئۇلارغا ھۆرپەيدى. %5Hsd  
      -قانداق قىلىشاتتىڭ؟؟ مانا مۇنداق قىلاتتىم!! #Mkwd5S|L  
     بۇ گەپ بىلەن تەڭ كالتەكلەر ئىككەيلەننىڭ ئۈسىتىگە يامغۇردەك تەگكىلى تۇردى، تاياق زەربىسىگە چىدىماي«ۋايجان!ۋايجان!»دىگىنىمىزچە يەردە يېتىپ قالدۇق. B8 ;jRY  
      -مانا مۇنداق قىلىمەن،بىلدىڭما؟ سەھرالىقكەن دەپ گەپ قىلماي يۈرسەم،مىنىڭ نەرسەمگە كۆز سالغۇدەك بوپسەنغۇ! ئۆزەڭنى چاغلىماي قالغان ئوخشىمامسەن؟ بەك چاغلىيالماي قالساڭ، مەن ئۈگۈتۈپ قۇيىمەن. ساڭا دەپ قۇياي سەھرالىق،ئايتىللا مىنىڭكى! بىلىدىڭما؟ ئەگەر بۇندىن كىيىن يەنە مىنىڭ نەرسەمگە كۆز سېلىپ يۈرسەڭ،كىلەر قېتىم ئاشۇ كۈزۈڭنى ئۇيۇۋالىمەن! بىلدىڭما سەھرالىق؟ Ir'(GB  
     ئۇ بۇ گەپلەرنى دەپ بولغاندىن كىيىن غادايغىنىچە كىتىپ قالدى. تاياق ئەمدى ئىچمگە ئۈتۈشكە باشلىغان بۇلۇپ،پۈتۈن بەدەنلىرىم زىڭشىپ ئاغرىۋاتاتتى. :iqFC >D  
     -ئەركىن،مەخمۇت ئىككىڭلار ئارازلىشىپ قالغانمىدىڭلار؟ ئايتىللا بىر نىمە دەۋەتامدۇ يا؟ زادى نىمە ئىش بولدى؟_ئۇ سۇئال نەزىرى بىلەن ماڭا تىكىلدى.  
     -ئاۋۋال ياتاققا بارايلى_دىدىم مەن ئورنۇمدىن تۇرۇشقا تەمشەلگەچ. 7N9~nEU  
    ئىشنىڭ ھەممىنى چالا قالدۇرماي ئۇنىڭغا دەپ بەردىم. <+I^K 7   
     -ئۆتكەندە سورىسام ھېچ ئىش يوق دەيسەن تېخى،مۇشۇلارنى مەندەك بىر دوستۇڭدىن يۇشۇرغىنىڭ نىمىسى؟_دىدى ئۇ سەل ئاچچىقلاپ_ماڭا ئېيىتساڭ ھەمدەمدە بولماسمىدىم؟ بولدىلا ئۆتكەننى تەگىمەي،گەپكە كىلەيلى. بولسىغۇ ئۇنىڭغا ئۇدۇللا دىسەڭ ياخشى بۇلاتتى،ئەگەر جۈرئەت قىلالمىساڭ خەت يازساڭمۇ يازغىنە. لىكىن بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قالمايسەن جۇمۇ،يەنى ئىشلىرىڭدىن مىنى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ قوي. qKNX^n;  
     بۇ كۈنلەردە مەۋسۇملۇق ئىمتىھان يېقىنلىشىپ قالغانىدى،ئەگەر مەن يەنە كىتاپ كۆرمىسەم نۆل ئېلىشىم مۇتلەق ئىدى،شۇڭا خەت يېزىش ئىشىنى ئامالسىزلىقتىن بىرياققا تاشلاپ قويدۇم-دە،پۈتۈن زىھنىمنى كىتاپقا قاراتتىم. مانا، بۇ نەس باسقۇر ئىمتىھاننىمۇ بىرىپ بولدۇق،لىكىن مەن تېخى سالام خېتىمنىڭ بىرىنچى قۇرىنى باشلىماي تۇرۇپلا،مەكتەپ تەتىل قۇيۇۋەتتى. $8zsqd 4?  
     بۇرۇن مەن ئۆيگە ئۈچ-تۆت ھەپتىدە بىر كىلەتتىم،بىرەر كۈن تۇرا-تۇرمايلا ئانام يېقىپ بەرگەن نانلارنى ئالاتتىم-دە،مەكتەپكە قايتاتتىم. تەتىل باشلانغاندىن بۇيان كۈن خۇددى توختاپ قالغاندەك بىلىندى،بىر سىكۇنت بىر كۈندەك ئالدىرماي ئۆتەتتى. بىردەم ئۆيگە كىرەتتىم،بىردەم سىرىتقا چىقاتتىم ،قىلىدىغان ئىشىمنى تاپالماي چىۋىندەك پىرقىرايىتتىم. بەزى چاغدا ھويلىدا ئاسمانغا قارىغىنىمچە خىيالغا چۈشۈپ كىتەتتىم. گېلىمدىن تۈزۈك تاماق ئۆتمەس بولدى،ئانام مىنى ئاغرىپ قالدىمىكىن دىگەن ئەندىشە ئىچىدە قالغانىدى. كۈندۈزى كۈننى كەچ قىلالماي،كىچىسى كىچىنى تاڭغا ئۇلىيالماي ئازاپ چىكەتتىم. كۈندۈزلىرى بولسا سەلكىن شاماللاردىن،چاڭ ئۇرۇپ سايراۋاتقان قۇشلاردىن ئۇنى سورايىتتىم،ھۈپپىدە ئېچىلغان گۈللەر ئارىسىدىن ئۇنى ئىزلەيىتتىم. كىچىللىرى بولسا جاھانغا ئالتۇن رەڭ چېچىپ تۇرغان ئايغا،كۆز قىسىشىۋاتقان سانجىق-سانجىق يۇلتۇزلارغا تىكىلەتتىم. سېغىنىش ئىستىكىدە قىينىلىۋاتقان يۈرىگىم مىنى قەلەم ئېلىشقا مەجبۇرلىدى،ھاياتىمدىكى تۇنجى ياخشى كۆرگەن ئادىمىمگە تۇنجى سالام خەتنى يازماقچى بولدۇم.يۈرىگىمدىن چىقىۋاتقان مۇھەببەتلىك سۆزلەر ئاجىزغىنە قەلەم ئارقىلىق قەغەز ئۈستىدە ئىز قالدۇرماقتا ئىدى. Vz[E)(QX-`  
     «ئايتىللا،ياخشىمۇسىز؟ئەگەر بۇ خەتنى كۈرۈپ چۈچۈگەن بولسىڭىز،ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئەپۇ قىلىشىڭىزنى سورايمەن ھەمدە سىزنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن خەتنى تۇلۇق ئۇقۇپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.مۇھەببەت قاينىمىدا تۇنجۇقۇپ قالاي دەپ قالغان يۈرىگىمنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالغان بولسىڭىز. E^B*:w3  
     ئايتىللا،سىز خۇددى ئىللىق ئەتىيازنىڭ سەلكىن باھار شامىلىدەك يىنىك قەدەملەر بىلەن مىنىڭ كۆڭۈل ئۆيۈمگە كىرىپ،ئەمدىلا ياشلىققا قەدەم قۇياي دەپ تۇرغان يۈرەگىمنى بىخلاندۇردىڭىز،ھازىر بۇ بىخ كۆكلەشكە باشلىدى. بۇ بىخ باھار شامىلىنىڭ ھەرۋاقىت ئۆزىگە ھەمراھ بۇلۇشىنى ئىستەيدۇ. ئەگەر پىژغىرىم ئىسسىقتا باھار شامىلى بولمىسا،ئۇ ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلىدۇ؛ ئەگەر كۈز ۋاقتى باھار شامىلى بولمىسا،ئۇنىڭغا ئۈششۈك تىگىپ قالىدۇ؛ ئەگەر قەھرىتان سۇغۇقتا باھار شامىلى بولمىسا،ئۇ سۇغۇق دەستىدىن توڭلاپ قالىدۇ. سىز بۇلارنى چۈشىنەمسىز؟؟ 9c9F C  
     ئايتىللا، سىز مىنىڭ كۆڭۈل ئۆيۈمگە كىرگەندىن بۇيان،مەن باشقىچىلا بىر ئادەم بۇلۇپ قالدىم.كۈندۈزلىرى بالىلار ئارىسىدىن سىزنى ئىزلەيىتتىم،كىچىسى يۇلتۇزلارغا تىكىلەتتىم،يۈرىگىم تىنىمسىز تىپچەكلەيىتتى،سىز بىلەن كۈرۈشۈشنى،سىردىشىشنى ئىستەيىتتى.سىز بۇنى چۈشىنەمسىز؟؟ tl9=u-D13@  
     ئايتىللا،مەن سىزنى ياخشى كۈرىمەن. مەن ئۇنداق چىرايىنى دەپ بىرەرسىگە كۆڭۈل بىرىدىغانلاردىن ئەمەس.گۈزەل چىراي ئادەمگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بۇلالمايدۇ،ئۇ خۇددى ھەشىقپىچەكتەك تىز ئېچىلىپ تىز يۇقىلىدۇ،ۋاقىتلىقلا خالاس. مىنىڭ ئەڭ ئىنتىلدىغىنىم قەلب گۈزەللىكى. قەلب گۈزەللىكى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ سىھرىي كۈچىنى يۇقاتمايدۇ،كىشىگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بۇلالايدۇ. سىزدە گۈزەل چىراي بار،ئەڭ مۇھىمى مەن بايا دىگەندەك گۈزەل قەلب بار،شۇڭا مەن سىزنى تاللىدىم.سىز بۇنى چۈشىنەمسىز؟؟ Jf6u E?.  
     ئايتىللا،مەن سىزنى ياخشى كۈرىمەن. بۇ خىل ياخشى كۈرۈش پەقەت سىزگە بولغان ئاددى قىزىقىش ئەمەس،زىرىكىشتىن پەيدا بولغانمۇ ئەمەس،بەلكى يۈرىگىمنىڭ سىزگە چەكسىز تەلپۈنۈشىدىن پەيدا بولغان. مەن«مەن سىزنى ياخشى كۈرىمەن»دىگەن گەپنى ئاسانلىقچە ئاغزىدىن چىقىرىدىغان ئادەم ئەمەس.مانا،سىز ھازىر بۇ سۆزنى دىيىشكە مەجبۇر قىلدىڭىز،مىنىڭ مۇستەھكەم يۈرىگىم ئاجىزلىق بىلەن باش ئەگدى.مەن سىزگە بۇ سۆزنى دىدىم،دىگەن سۈزۈمگە ئىگە بۇلالايمەن،ئەگەر ئىگە بۇلالمايدىغان ئىشىم بولغان بولسا،سىزنى ياخشى كۈرۈشكە پېتنالمىغان بۇلاتتىم. مەن ياخشى كۈرۈشنى قىزىقىش،مۇھەببەتنى كۆڭۈل ئېچىش دەپ قارايدىغانلارغا،گىپىگە ئىگە بۇلالمايدىغانلارغا ناھايتى ئۆچ.ئۇلار قىزلارنىڭ ئاشۇ نازۇك ھىسياتىنى دەپسەندە قىلغۇچى ھايۋانلاردۇر.  ئۇلارنىڭ بىرسىنى ياخشى كۈرۈشكە،بىرسىنىڭ مۇھەببىتىگە ئىرىشىشىگە سالاھىيتى توشمايدۇ.بۇنداقلاردا ھەقىقىي ياخشى كۈرۈش ۋە چىن مۇھەببەت بولمايدۇ. مەن بۇنداق دىيىش ئارقىلىق ئۆزەمنى قانچىلىك ئالىيجاناپ دىمەكچى ئەمەسمەن،بەلكى مۇھەببەت دۇنياسىدا مىنىڭكىگە ئوخشاش ساپ مۇھەببەتنىڭمۇ،بەزىبىر ھايۋان كىشلەرنىڭكىگە ئوخشاش ساختا مۇھەببەتنىڭمۇ بارلىقىنى سەمىڭىزگە سېلىپ قويماقچى. سىز بۇنى چۈشىنەمسىز؟؟ swNJ\m  
      ئايتىللا،بەلكىم ياخشى كۈرۈش ۋە مۇھەببەت توغۇرلۇق ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغانلىرى باردۇر،قارشى تەرەپكە شەرتىڭىز باردۇر،خاھىشىڭىز باردۇر.مەن ئۆزۈمنى تەلەپلىرىڭىزگە ماس كىلىمەن دەپ ئېيتالمايمەن.لىكىن بۇ دۇنيادا ئۇنداق مۇكەممەل يارتىلغان ئاجىز بەندە يوقتۇر،ئادەم دىگەننىڭ ئارتۇقچىلىقىمۇ،كەمچىلىكىمۇ بۇلىدۇ.دىمەكچى بولغىنىم،مەن سىزنىڭ تەلەپلىرىڭىزگە ماس كىلىشكە تىرىشىمەن،ئۆزگەرتىدىغان يەرلىرىم بولسا ئۆگەرتسەم بۇلىدۇ. o_; pEe  
      ئايتىللا،ئەسلى بۇ گەپلەرنى سىزگە ئۇدۇل ئېيتاي دەپ ئويلىغان،لىكىن سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمايدىكەنمەن ھەم ئالدىڭىزدا جىددىيلىشىپ گىپىمىنى ئۇنتۇپ قېلىشتىمدىن قورقتۇم،شۇڭا قەغەز ئارقىلىق يۈرەك سۆزلىرىمنى ئېيتىش قارارىغا كەلدىم.ئەسلى خەتنى بۇرۇن يېزىشنى ئويلىغان،لىكىن بەزى ئىشلار تۈپەيلىدىن كىچىكىپ قالدى.مەن يازلىق تەتىلدە پەقەت چىداپ بۇلالمىدىم،ئاخىرى قۇلۇمغا قەلەم ئالدىم. ىسزگە چەكسىز تەلپۈنۈۋاتقان غېرىبانە يۈرىگىمنى ئويلاپ قۇيۇڭ.سىزنىڭ ياخشى ئويلىشىپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن سىزنى ياخشى كۈرىمەن.   جاۋاپ خېتىڭىزنى كۈتۈپ: wgfy;#  
lCT N dW+=  
                                                                                                  ــ ئەركىن y Nb&;E7 H  
!9|)v7}  
    خەتنىمۇ يېزىپ بولدۇم، مانا ئەمدى تۆت كۈزۈم بىلەن تەتىلنىڭ تىزراق ئۈتۈشىنى كۈتتۈم. b*$/(2"m  
    بىر كۈن بىر يىلدەك ئۆتكەن تەتىل ئاخىرى توشتى،دەرھاللا مەكتەپكە كەلدىم.ئۆگۈنلۈككە دەرس باشلايدىغان بولغاچقا،بالىلار تېخى كىلىپ بۇلالمىغانىدى.نەرسە-كىرەكلىرىمىنى قويدۇم-دە،ئەسئەتنى ئىزدىدىم. E/ %S0  
    -ۋاي ئاداش،بامۇ سەن؟ قانداق ئەھۋالىڭ؟ 3S='/^l  
    -باغۇ مەن،ئەھۋالىم خېلى ياخشى، ئۆزەڭنىڭچۇ؟ ;m6Mm`[i<  
    -قەدىر ئەھۋال. ھە،ئۆزۈڭ يالغۇز تەتىلنى قانداق ئۆتكۈزدۇڭ ئاشىق؟_ئۇ چاقچىقىنى باشلىدى. 8was/^9;  
    -قانداق ئۆتكۈزەتتىم؟ سېغىنىشنىڭ سۈيىگە نان چىلاپ،كۈتۈشنىڭ قاچىسىدا سۇيۇقئاش ئىچىپ،زىرىكىشنىڭ تەخسىسىدە پولو يەپ بولمامدۇ شۇ. .s$#: ls?  
    -ئوخخــو! باللار شاشقۇ؟! ئاشىق ئۇتى سىنى يازغۇچى قىلىۋەتتىمۇ نىمە؟ 4 4%jz-m  
    -يازغۇچى قىلسىغۇ مەيلىتتى،ئەڭ يامىنى كاۋاپ قىلغىلى تاس قالدى دىگىنە. :(tSL{FO  
    -ھا ھا ھا LX A1rgUWT  
    -قانداق؟خەتنى يىزىپ بولغانسەن ھەقىچان؟ ئۆتكەن مەۋسۇمغۇ يازالمىغانىدىڭ.  FkJa+ZA  
    -يېزىپ بولدۇم دىگىنە ئاداش. ئاشۇ ئايتىللا كۆرسە يۈرەكلىرى ئىرىپ سۇ بۇلۇپ كىتىدىغان بولدىزە. mw}obblR  
    -شۇنداقمۇ تېخى؟ مۇنداق كارامەتلىرىم بار دىگىن. ئەكىلە قېنى كۈرۈپ باقاي،يۈرىگىم سۇ بۇلامدىكىن. =uKGh`^[  
    -ماڭەۋا، سەن ئۇغۇل بالا تۇرساڭ،ئىشلىمەيدۇ بۇ. بۇ خەتنى ھېچكىمگە كۆرسەتمەيمەن. x h[4d  
    -ئۇنىڭغا قانداق بىرەي دەۋاتىسەن؟ t6 :;0[j  
    -ئۇنىڭ ئۆزىگە بەرگۈدەك جۈرئەت يوق،شۇڭا تۇيدۇرماستىن سومكىسىغا سېلىپ قۇيايمىكىن. :H[E W3Q  
    -ئۇنداق قىلساڭمۇ بۇلىدۇ.قارا،ئۆگۈنلۈككە بىرىنچى سائەتتە ئەدەبىيات دەرىسى بار،شۇڭا خەتنى ئۇنىڭ ئەدەبىيات كىتابىنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قوي،ئۇ چۇقۇم كۈرىدۇ. !ZP1?l30  
    -سەن دىگەندەك قىلساممۇ بولغۇدەك جۇما. TnET1$@qr*  
    ئەتىسى چۈشتىن كىيىن ئەسئەتنىڭ دىگىنى بۇيىچە ئىشنى تاماملىدىم.كىچىسى خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئۇيقۇم كەلمىدى،كاللامغا ھەرخىل سۇئاللار كىلەتتى،ھەرخىل خىياللارنى قىلاتتىم.قاچان ئوخلىغىنىمنى ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن. FxOhF03\=[  
    ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەن.كاللام قۇپقۇرۇق ھالدا سىنىپقا كىردىم-دە،ئىختىيارسىزلا ئايتىللا تەرەپكە قارىدىم.ئۇمۇ دەل بېشىنى كۈتۈرۈپ ماڭا قارىدىيۇ،دەرھاللا يۈزلىرى قىزىرىپ بېشىنى تۆۋەن سالدى،مىنىڭ يۈرىگىم سۇقۇپ،يۈزۈم چىمىلداپ كەتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ،ئۇ ئۆزىنى مەندىن ئازراق قاچۇرۇشقا باشلىدى،مەنمۇ ئۇنى كۆرسەم خىجىل بۇلىدىغان بۇلۇپ قالدىم.بەزىدە پاراڭلىشىپ قالساق،دەيدىغان گەپ تاپالماي كىتەتتىم،ئۇمۇ جىق گەپ قىلماي كۆزلىرىنى مەندىن قاچۇراتتى.ئۇنىڭ  بۇ قىلغانلىرىنى كۈرۈپ ئىچىمدە خوش بۇلاتتىم. لىكىن نەچچە كۈنلەر ئۈتۈپ كەتتى،مانا ئىككى ھەپتىمۇ ئۈتۈپ كەتتى،ئۇ خەت قايتۇرمىدى.ئىچىم تىتىلداشقا باشلىدى،بىر خىل ئەنسىزلىك قاپلىۋالغاندى.مۇشۇنداق زېرىقىپ كۈتۈش ئىچىدە بىر ئاينى ئۆتكۈزدۈم.بىر كۈنى كەچقۇرۇن،ئۇنىڭ يېقىن دوستى ماڭا«بۇ خەتنى ئۇ سىزگە بىرىپ قۇيۇڭ دىگەنىدى»دەپ بىر كونۋېرتنى ماڭا ئۇزاتتى.يۈرىگىم سۇقۇپ.يۈزۈم قىزىرىپ كەتتى،جىددىيلەشكىنىمدىن قوللىرىم تىرەيىتتى.ياتاققا يۈگۈرۈپ چىقتىم-دە،كونۋېرتنى ئاچتىم. 1xK'T_[  
   «ئەسسالام ئەركىن: rC]jz$sle  
    ياخشىمۇسىز؟ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟يېقىندىن بۇيان كۈنلىرىڭىز ئوبدان ئۈتۈۋاتامدۇ؟ ئاللاھتىن سىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىشنى تىلەيمەن! o:C:obiQbu  
    ئۇ كۈنى كەچ ھېلىمۇ ئىسىمدە.ئەتىسى ئەدەبىيات دەرىسى بار ئىدى،شۇڭا كىتاپ كۆرەي دەپ ئەدەبىيات كىتاپنى قۇلۇمغا ئالسام،ئىچىدە بىر نەرسە باردەك بىلىندى.بۇرۇن مەن ئىچىگە بىر نەرسە قىستۇرۇپ قويمىغانىدىم،شۇڭا ئازراق ھەيران قالدىم. ئېچىپ قارىسام چىرايلىق قاتلانغان كونۋرىت تۇرىدۇ،تېخىمۇ ھەيران بولدۇم. ئاستا كونۋىرىتنى ئاچتىم،بىر پارچە خەت ئىدى. كىم يازغاندۇر دەپ ئويلاپ ئىتتىكلا خەتنىڭ ئاخىرىغا قارىدىم،''ئەركىن''دىگەن ئىسىمنى كۈرۈپ،ئاندىن سىزنىڭ يازغانلىقىڭىزنى بىلدىم.لىكىن سىزنىڭ تۇيۇقسىزلا ماڭا خەت يازغانلىقىڭىزدىن بەك ھەيران قالدىم،شۇڭا خەتنى تەپسىلىي ئۇقۇپ چىقىپ،ئاندىن سەۋەبىنى چۈشەندىم،لىكىن كاللام قۇپقۇرۇق ئىدى. A?Jm59{w  
    ئەركىن،ئالدى بىلەن سىزدەك بىر ياخشى يىگىتنىڭ ياخشى كۈرۈشىگە ئىرىشەلىگىنىمدىن،ئۆزۈمنى ناھايتى بەخىتلىك ھېس قىلمەن. ياخشى كۈرۈش ۋە مۇھەببەت ھەققىدىكى پىكىرلىرىمز ئوخشىشىپ كىتىدىكەن،شۇڭا بۇ يەردە يەنە دەپ ئولتۇرماي. شۇنداق،توغرا دەيسىز،مەن ئۇنداق چىراي گۈزەللىكىنى كۆز-كۆز قىلىدىغانلاردىن ئەمەس،ماڭىمۇ ھەممىدىن مۇھىمى قەلىب گۈزەللىكى. D[{p~x^  
    نەچچە ھەپتىلاردىن بېرى خېلى ئويلاندىم.مەن سىزنى پەقەت دوستۇم دەپ قارايمەن، شۇڭا مەن بۇ مۇناسىۋەتتىن ھالقىپ كىتىشنى خالىمايمەن،مىنى كەچۈرۈڭ. تەلىپىڭىزنى رەت قىلىشىم ھەرگىزمۇ سىزنى تۆۋەن كۆرگەنلىكىم ۋەياكى سىزنى ماڭا ماس كەلمەيدۇ دىگەنلىكىم ئەمەس. بىلىمەن،سىز شۇنداق ئاقكۆڭۈل يىگىت،قارىغانلىكى ئادەمگە بىر خىل سەمىمىي،راستچىل تۇيغۇ بىرىسىز. Avw"[~Xd  
    بەلكىم رەت قىلسام ئازاپتا قېلىشىڭىز مۇمكىن،سىز ئازاپتا قالسىڭىز مىنىڭمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ،لىكىن ئىچ ئاغرىتىش ياخشى كۈرۈشكە باراۋەر ئەمەس.مەن ھازىرچە مۇھەببەت دۇنياسىغا قادەم قۇيۇشنى خالىمايمەن.گۈل قانچە بۇرۇن ئېچىلسا،شۇنچە بۇرۇن تۇزۇيدۇ. بۇ دۇنيا رەڭمۇرەڭ گۈللەرگە تولغان،مەن پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئادەتتىكى بىر تال گۈللا خالاس. سىز شۇنداق ئاقكۆڭۈل،ياخشى،سەمىمىي يىگىت، چۇقۇم مەندىنمۇ چىرايلىق قىزىلگۈلنى ئۈزەلەيسىز. مەن پەقەت سىزگە بەخت تىلىيەلەيمەن،مىنى راستىنلا كەچۈرۈڭ.  ئۇلۇغ ئاللاھتىن بەخىتلىك بۇلۇشىڭىزنى،كۈنلىرىڭزنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە ئۈتۈشىنى تىلەيمەن! ئەگەر خالىسىڭىز بىز داۋاملىق دوسىت بۇلۇپ ئۆتسەك. ;@K,>$ur-  
    ئەركىن،مىنى كەچۈرۈڭ! *|AnL}GJ  
9m 56oT'U{  
                                                                                           - ئايتىللا. ia|^>V>-  
~Av]LW  
    لەسسىدە بۇلۇپ قالدىم،يۈرىگىمگە پىچاق ئۇرۇلدى،كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى،ئىچ-ئىچىمدىن يىغا قىستاۋاتاتتى.شۇ كۈنى كەچتە يوتقانغا بېشىمنى تىقىۋېلىپ،بىر كىچە ئۈنسىز يىغلاپ چىقتىم.بۇ مىنى تۇنجى قېتىم بىر قىز بالا ئۈچۈن ياش ئاققۇزۇشۇم ئىدى. ئەتىسى بۇرۇنقىدەكلا ئورنۇمدىن تۇردۇم. wbI(o4rXE  
    -ئەركىن،نىمە بولدۇڭ؟كۆزلىرىڭ قىزىرىپ،ئىششىپ كىتىپتۇغۇ؟ئاخشام ئۇخلىمىغان ئوخشىمامسەن؟ qcke8Q  
   بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ،ئەسئەتنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرمىدىم،كاللام قۇپقۇرۇق ئىدى،ھېچنىمىنى ئويلىغىم يوق ئىدى. XboOvdt^|  
    -بىرەر ئىش بولدىما؟ i2b\` 805  
    -....... eG # (9  
    -سەن مىنى دوستۇم دەپ قارامسەنيا؟ نىمە بولغىننى ماڭىمۇ دىمەمسەن؟ "n '*_rh>+  
   ئۇنىڭغا تۈنۈگۈن بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئېيتىپ بەردىم. BieII$\P%P  
    -بولدى، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما ئاداش.سىنىڭ قەدرىڭنى بىلمىگەن قىز سىنىڭ سۈيۈشىڭگە،ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازاپ چىكىشىڭگە ئەرزىمەيدۇ. ئۆتكەن ئىشلار ئۈتۈپ كەتسۇن.بەك كۆڭلۈڭگە ئېلىپ كەتمىگىن،بولمىسا دەرىسكە تەسىر يىتىدۇ. Y'/`?CK  
    بېشىمنى تۆۋەن سالغان ھالدا تۇرۋاتىمەن،ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقى قۇلىقىمغا كىرمەيىتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ كەتتىم.ھەممە نەرسە كۈزۈمگە رەڭسىز كۈرۈنەتتى.بالىلارنىڭ كۈلۈمسىرەشلىرىمۇ،قاقاقلاپ كۈلۈشلىرىمۇ،ئاچچىقلىنىشلىرىمۇ ئوخشاشلا جانسىز كۈرۈنەتتى.يول كۆرسەتكۈچىمنى يۇقۇتۇپ،خۇددى كەڭ دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا نىشانسىز لەيلەۋاتقان كىمىگە ئوخشاش قالغانىدىم.ھاياتقا بولغان ئۈمىدىم ئۈزۈلگەنىدى.تېگى يوق ھاڭغا چۈشۈپ كىتىۋتاتتىم،لىكىن بىرەرسىدىن مىنى قۇتقۇزىۋېلىشنى ئۈمىد قىلمايىتتىم. ئۇنى كۆرسەم كۆرمەسكە سالاتتىم،ئامال بار ئۇنىڭغا قارىماسلىققا تىرىشاتتىم،ئۇنى كاللامدىن چىقىرۋىتىشكە ئۇرۇناتتىم،لىكىن بۇنداق قىلغانسىرى تېخىمۇ بەك قىينىلاتتىم. مەن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن،شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن دوسىت بۇلۇپ ئۆتمىكىم ناھايتى تەس ئىدى. بەزىلەردە«ياخشى كۈرۈش،مۇھەببەت دىگەن مۇشۇمىدۇ؟مۇشۇنداق ئازاپلىق بۇلامدىغاندۇ؟كىتاپلاردا ياخشى كۈرۈش ۋە مۇھەببەتنى شۇنداق شىرىن قىلىپ تەسۋىرلەيدىكەن،ئەجەبا ئۇ مۇشۇنداق شىرىنمىدۇ؟سىنىڭ رەھىمسىز تىخ نەشتىرىڭ باغرىمنى قان-زەرداپ قىلدىغۇ؟ئازاپ دەشىتلىرىنى،نادامەت سەھرالىرىنى كىزىشكە مەجبۇر قىلدىغۇ؟»دەپ ئاسمانلارغا،كىچىلەرگە،يۇلتۇزلارغا نالە قىلاتتىم. دەرىس ۋاقىتلىرى ھېچنىمە قۇلىقىمغا كىرمەيىتتى،خىيال سۈرگەندەك بۇلاتتىميۇ،نىمە خىيال قىلۋاتقىنىمنى ئۈزۈممۇ بىلمەيىتتىم.ئەسئەتمۇ نەچچە قېتىم تەربىيە بەردى،ئۇقۇتقۇچۇممۇ مىنى نەچچە قېتىم ئىشخانىسىغا چاقىرىتتى،لىكىن بۇلارنىڭ ھېچقايىسسى كار قىلمىدى. ;~z>GJox  
     شۇنداق ئازاپ،زىرىكىش ئىچىدە بىر مەۋسۇمنى ئەلەڭ-سەلەڭ ئۆتكۈزدۈم،خۇددى ئاغرىق تارتىپ قالغان ئادەمدەك ئۇرۇقلاپ كەتكەنىدىم. ئەسئەتنىڭ ئۆيى ناھىيگە يېقىن ئىدى،ئۆيگە مېڭىشتىن بۇرۇن ئەسەت ماڭا« تەتىلدە ياخشى ئويناپ كاللاڭنى ئېچىپ كەل،ئۈزۈڭنى تۈزۈۋال»ەەپ،خەلچەم بىلەن ئىككىمىزنى ماشىنىغا سېلىپ قويدى. يىزىغا بارغۇچە خەلچەم بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ئانام مىنىڭ يۈزلىرىمنى سىلىغىنىچە«ئۇرۇقلاپ كىتىپسەن»دەپ يىغلاپ تاشلىدى،«ئانا،ھېچقىسى يوق،مەن ھازىر ئۈسۈۋاتقان بولغاچقا ئۇرۇق كۈرۈنىمەن،ئەنسىرمىسەڭمۇ بۇلىدۇ» دەپ تەسەللىي بەردىم.ئانام مىنىڭ ئۆگىنىشىمدىن،نەتىجەمدىن خەۋەرسىز ئىدى،ئۇ كۆڭلىدە«بالام ئۆزىنى بىلىدۇ»دەپ ئويلايىتتى. سىرت سۇغۇق بولغاچقا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆيدە ئولتۇردۇم،خەلچەم بىلەنمۇ مەكتەپكە بىللە كىتىدىغان چاغدا كۈرۈشتۈم. ئەسلىدە ئانامغا ئۇقۇماسلىق توغرىسىدا گەپ قىلىپ باقاي دەپ ئويلىغانىدىم،لىكىن ئۇنىڭ قۇشۇلماسلىقىدىن ئەنسىرەپ،ئېغىز ئاچالمىدىم.  تەتىلمۇ توشتى، كەيپىياتىمدا بىرەر چوڭ ئۆزگىرىش يوق ئىدى.گەرچە بۇرۇنقىدىن ئازراق ياخشىلانغان بولسىمۇ،يەنىلا ئەڭ بۇرۇنقى ئۈزۈمگە قايتالمىغانىدىم.خۇددى بىرسى بوينۇمدىن سۆرەۋاتقاندەك مەكتەپكە كەلدىم. 4M(w 
    -قانداق؟ تەتىلنى بەلەن ئۆتكۈزگەنسەن؟ W_8 FzXA  
    -قانداق بۇلاتتى،يەنە بۇرۇنقىدەك شۇ. )Tngtt D  
    -ئازراق ياخش بۇلۇپ قالغانسەن؟ ھازىر كەيپىياتىڭ قانداقراق؟ y=9a2 [3Dz  
    -ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن ئاداش،كاللامدا ھېچنىمە يوق. O~d!* A  
    -ھېچنىمە يوق بولسا ياخشى. سەنمۇ ئەمدى ئۆتكەن ئىشلارنى بەك ئويلاپ كەتمە،ئۈتۈپ كەتتى ھەممىسى تۈگىدى. ئويلاۋەرسەڭ ئۈزۈڭنى ئازاپلايسەن شۇ. شۇ بىر ئىشنى دەپ ئۈزۈڭنى تۈگۈشتۈرۋالما. ھازىر ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئىككىنچى مەۋسۇمى،ئالىي مەكتەپ ئىمتىغانىمۇ ئىتتىكلا كىلىدۇ. بۇندىن كىيىن كاللاڭنى قۇيۇپ دەرىس ئۆگەن.ئىككىمىز بىللە ئۈگىنىمىز بولمىسا،ئاندىن ياخشى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىغان بىرىمىز،ماقۇلما؟_دىدى ئۇ قۇلىنى مۈرەمگە ئېلىپ.  مەن ئاستا باش لىڭىشىتتىم. ئۆتكەن بىر-ئىككى مەۋسۇم دەرىس ئۆگەنمىگەچكە ھازىر بەك ئېغىر كىلىۋاتاتتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۈزۈمنى راۋرۇس تەڭشەپ بۇلالمىغانىدىم.قىسقىسى مەن ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ سايىسىدىن چىقالمايۋاتاتتىم، شۇڭا دەرىسنى يەنىلا ئۈگىنەلمەيۋاتاتتىم.ئەسئەتمۇ ئۆگىنىش جەھەتتە ماڭا خېلى جىق ياردەملەرنى قىلدى.لىكىن ئۈنىمى بولدى. T'XAcH  
     بىر شەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن سىنىپتا ئۈزۈم يالغۇز ئولتۇرسام،خەلچەم كىردى. w,8 M  
    -ئەركىن،تەتىلدە ھەجەپ مىنى ئىزدەپمۇ قويمىدىڭىز-ھە؟ i BJ*6orz  
    -تالا سۇغۇق تۇرسا،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئۇغۇل بالا بىر قىز بالىنى ئىزدەپ بارسا،.... ^ .kas7 <  
    -چاقچاق! ھە راسىت ئەركىن،ئىككىمىز پاراڭلاشمىغىلى خېلى ئۇزۇن بۇلۇپ كەتتىغۇ دەيمەن،مەكتەپنىڭ ھويلىسىغا چىقىپ پاراڭلاشساق قانداق؟ qCgP8U/jv  
   بىز مەكتەپ ھويلىسىنىڭ سەل چېتىدىكى بىر ئۇرۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردۇق. R$,`}@VqZ3  
    -سىزگە دەيدىغان گىپىم بار ئىدى،شۇڭا بۇ يەرگە چاقىرىپ كىلىشىم. Kox~k?JK  
    -گەپ بارمىتتى؟_ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قارىدىم. [$[t.m  
    -سىز ئايتىللانى ياخشى كۈرۈسىزغۇ دەيمەن؟ w0/W=!_  
    -مەن ...مەن ...ئۇنى...ياق...ياق.._يۈزۈم قىزىرىپ،ئالاقىزادە بۇلۇپ،دۇدۇقلاپ قالدىم. Zz?+,-$_*&  
    -سىززە مىنى بىلمەيدۇ دەمسىز؟سىنىپىمىزدىكى ھەممە بالىلار ھېس قىلالايدۇ بۇنى. WS(@KN  
    -ياق،ئۇنداق ئىش يوق،مەن...مەن..._ئاغزىم گەپكە كەلمەيۋاتاتتى. 9U}EVpD  
    -بولدى،ھۇدۇقماڭ ئەركىن،مەن باشقىلارغا دەپ قويمايمەن. ئۇنى ياخشى كۆرىسىز،شۇنداقمۇ؟ rLL;NTN+/  
    بېشىمنى تۆۋەن سالدىم. 73}k[e7e  
    -سىز ئۇنىڭغا كۆڭلىڭىزنى بىلدۈردىڭىز،لىكىن ئۇ سىزنى رەت قىلدى،شۇنداقمۇ؟ l'16B^  
    -بۇنىمۇ بىلەمسىز؟ \ vJ*3H6  
    -ھالىڭىزنى كۆرگەن ئادەم بۇنى سىزەلەيدۇ. مەكتەپكە يېڭى كەلگەن چاغدا سىز شۇنداق ئوچۇق-يۇرۇق ئىدىڭىز،مىنىمۇ خېلى ئىزدەيىتتىڭىز،قارىسام سىنىپىڭىزدىكى بالىلار بىلەنمۇ شۇنداق بەلەن ئۆتەتتىڭىز،ئۆگنىشىڭىزمۇ ياخشى ئىدى. لىكىن ئىككىنچى مەۋسۇمدىن تارتىپ ئۆزگىرىپ كەتتىڭىز،چىرايىڭىزدىكى كۈلكە ئازلاپ كەتتى،مىنىمۇ ئىزدەپ قۇياي دىمىدىڭىز. بىرەر ئىش بولدىمۇ نىمە دەپ ئويلاپ،سىزگە دىققەت قىلدىم. مەن سىزنىڭ بىر قىز  بىلەن بىللە تۇرغىنىڭىزنى،شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىڭىزنى نەچچە قېتىم كۆردۈم.بالىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ،ئۇ قىزنىڭ ئايتىللا ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بەزى بالىلاردىن «ئەركىن ئايتىللانى ياخشى كۈرىدىكەن»،«ئەركىن ئايتىللانى قوغلاشقىلى تۇرۇپتۇ»دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغانىدىم.مۇشۇلارغا ھەم سىزنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكىنىڭىزگە قاراپ«راسىت ئوخشايدۇ»دەپ ئويلىغان،ئۇيۇم توغرىكەن. ئۆتكەنكى يازلىق تەتىلنى ھەقىچان بەك تەستە ئۆتكۈزدىڭىز،بۇ قېتىمقى قىشلىق تەتىلدىمۇ قىينالدىڭىزغۇ دەيمەن. تەتىلدىن يىغىلغاندىن بېرى سىز تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ،تېخىمۇ شۈك بۇلۇپ كەتتىڭىز،قاچان قارىسام چىرايىڭىز ساپسېرىق،قاننىڭ دىدارىمۇ يوق.مەن سىزگە بىرەر ئىش بولمىسىكەن دەپ بەك ئەنسىرىدىم،سىزنىڭ ئاشۇ سۇلغۇن چىرايىڭىزغا قاراپ ئىچىم بەك ئاغرىدى،يۈرىگىم ئېچىشتى،نەچچە كىچىلەر كۈزۈمگە ياش كەلدى،سىزدىن راستىنلا بەك ئەنسىردىم،لىكىن سىزنىڭ مەن بىلەن كارىڭىزمۇ بوپ قويمىدى_ئۇ بۇ گەپلەرنى دەۋېتىپ، ئاۋازى بۇغۇلۇپ،گىپىنىڭ ئاخىرىسىنى داۋاملاشتۇرالمىدى.بېشىمنى ئاستا كۈتۈرۈپ قارىسام،كۆزلىرى ياشقا تۇلۇپتۇ. ;k/0N~  
    -خەلچەم،بولدى يىغلىماڭ_دىدىم مەن ئالاقىزادىلىك بىلەن تۆت ئەتراپقا قاراپ.خۇداغا شۈكرى،يېقىن ئەتراپتا ئادەم يوق ئىدى. ixKQh};5/  
    -مەن ھېلىقى يېقىن دوستىڭىز ئەسئەتنى تۇنۇيمەن_دىدى ئۇ يىغىدىن توختاپ،_ئۇنىڭ بىلەن نەچچە قېتىم پاراڭلاشقان،مەن ئۇنىڭغا«سىز ئەركىننىڭ يېقىن دوستى بولغاندىكىن نەسھەت قىلىڭ»دىگەن،لىكىن ئۇنىڭ نەسھەتلىرىگە قۇلاق سالماپسىز،ئاڭلىسام ئۇقۇتقۇچىڭىزمۇ نەچچە قېتىم تەربىيە قىپتۇ،لىكىن ھېچقانداق پايدىسى بولماپتۇ. ئويلاپ بېقىڭ،بۇنداق يۈرۈۋەرگىنڭىزنىڭ نىمە پايدىسى بار؟ بۇنداق ھەسرەت چىكىپ ئازاپلىنىپ يۈرسىڭىز،ئۇ سىزنى ياخشى كۈرۈپ قالامتى؟ ھېس قىلىشىمچە،سىز بۇرۇنقى كۈنلەردىن ئۆزىڭىزنى تارتالمايۋاتىسىزغۇ دەيمەن،شۇنداقمۇ؟ لىكىن ئۇلارنى ئويلىغاننىڭ نىمە پايدىسى بار؟بۇنداق قىلسىڭىز روھىڭىز تېخىمۇ چۈشكنلىشىدۇ،تېخىمۇ ئازاپلىنىسىز شۇ. ئەجەبا سىز بىر قىز بالىنىڭ سەۋەبىدىن مۇشۇنداق تۈگىشىپ كەتسىڭىز بۇلامدۇ؟ رەھمەتلىك ئاتىڭىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئانىڭىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز ماڭا«ئاتا-ئانامنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى مىنى ئۇقۇتۇش»دىمىگەنمىدىڭىز؟ ئاتىڭىزنىڭ روھى،ئانىڭىز ۋە ئەتراپىڭىزدا يەنە نۇرغۇن كۆزلەر سزگە ئۈمىد،ئىشەنچ بىلەن تىكىلمەكتە.سىز مۇشۇنداق قىلىپ يۈرسىڭىز،ئۇلارغا قانداق يۈز كىلەلەيسىز؟ ئانىڭىز سىزنى دەپ ئېتىزلاردا جاپا تارتىپ يۈرسە،سىز بۇ يەردە بىر قىز بالىنىڭ دەردىدە مۇشۇنداق بۇلۇپ قالسىڭىز بۇلامدۇ؟؟؟ مەن تېخى سىزنى خېلى قەيسەر،چىدامچان يىگىت دەپ ئويلاپتىكەنمەن،قارىغاندا مەن خاتالىشىپتىمەن. بىر ئۇغۇل بالا تۇرۇپ،تۇرمۇشتىكى بەزى ئۇڭۇشسىزلىقلارغا بەداشلىق بىرەلمەي،ئۆزىڭىزنى يۇقىتىپ قويسىڭىز بۇلامدۇ؟ دەرھال ئۆزىڭىزنى ئوڭشىۋېلىڭ.سىزدىن نى-نى ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتقان كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالماڭ،ئاتا-ئانىڭىزنى،ئاچىڭىزنى ھەم مىنىمۇ..._ئۇ بۇ گەپلەرنى دەۋېتىپ،يەنە يىغلاپ تاشلىدى-دە،ئورنىدىن تۇرۇپ قولى بىلەن كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەن پېتى ياتاق تەرەپكە يۈگۈرۈپ كەتتى. مەن پەقەت ئۇنىڭ بارغانسىرى كىچىكلەپ كىتىۋاتقان سىماسىغا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. ئۇنىڭ باياتىن دىگەن سۆزلىرى قايتا بىر ئەسلەپ چىقتىم. گۇگۇم پەردىسى ئەتراپقا ئاستا يېيىلماقتا ئىدى،ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرىگىنىمچە ياتاققا قايتىپ كەلدىم.شۇ كۈنى كىچە كۆز يۇمماي چىقتىم،ئۇنىڭ گەپلىرى قۇلاق تۈۋىمدە قايتا-قايتا جاراڭلايىتتى. بارلىق ئىشلارنى كاللامدىن چىقىرۋىتىپ،ئۇنىڭ گەپلىرى ئۈستىدە يەنە قايتا ئويلاندىم.ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆزى مىنى خېىلى ئويغا سېلىپ قويدى.ئويلانغانسىرى ئۈزۈمنىڭ ئەخمەقلىقىمنى،كىچىكلىكىمنى،ساددىلىقىمنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ئەڭ ئاخىرىدا كاللامدا ئېنىق بىر تۇنۇش پەيدا بولدى،ئۇ بولسىمۇ رىئاللىقققا يۈزلىنىش،ھەممىنى قايتىدىن باشلاش،ئۆتكەن ئىشنى ئويلىماسلىق. گەرچە ئىككىنچى كۈنى ئەتىگىنى كۆزلىرىم قىزىرىپ،باشلىرىم ئاغرىپ ئورنۇمدىن تۇرغان بولساممۇ،ئۆزۈمنى شۇنداق يەڭگىل ھېس قىلدىم. شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئۈزۈمنى ئاساسىي جەھەتتىن دەرىسكە ئاتىۋەتتىم. GMNf#;x  
    «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە،كۈڭۈل قويغان ئادەمگە»دىگەندەك،ئەنە شۇ تىرىشچانلىقىم بىلەن شەرقىي شىمال پىداگوگىكا ئونۋېرىستىتىغا ئۆتتۈم، خەلچەم بولسا جىلىن سانائەت ئونۋېرىستىتىغا ئۆتتى. كۆزلىرىدىن تارام-تارام ياشلار ئېقىۋاتقان ئانام بىلەن ئاچامدىن ئايرىلىپ،ناھايتىمۇ ناتۇنۇش بولغان 5000كىلومىتىر يىراقلىقتىكى شەرقىي شىمالغا كەلدىم. *"zE,Bp"  
3J,/bgL5  
                                                         4 tQ&#FFt,)  
p$9N}}/c  
     بېيجىڭدا پويىز ئالماشقاندا خەلچەمنى دالىيەنگە يولغا سېلىپ قويدۇم،چۈنكى ئۇ ئىككى يىل تەييارلىق سىنىپنى شۇ يەردە ئۇقۇيىتتى،مەن بولسام مەكتىپىمىزنىڭ شۇ يەردىكى بىر تارماق مەكتىپىدە تەييارلىق سىنىپىنى ئۇقۇيىتتىم.خەلچەم مەندىن ئايرىلىدىغان چاغدا يىغلاپ تاشلىدى،ئۇنىڭ ياشقا تولغان كۆزلىرىگە قاراپ مىنىڭمۇ ئىچىم ئاچچىق بولدى.قانداقلا بولمىسۇن ئۇ مەن ئەڭ قىيىنچىلىقتا قالغاندا ماڭا تەسەللىي بەرگەن قىز،ماڭا ياردەم قىلغان قىز،مىنى چوڭقۇر ھاڭدىن تارتىۋالغان قىز.«ئالاقىلىشىپ تۇرايلى»دىگىنىمىزچە،بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلدۇق. پويىز دېرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ ماڭا توختىماي قول پۇلاڭلىتىۋاتقان،كۆزلىرىدىن تارام-تارام ياشلارنى ئاققۇزۇۋاتقان خەلچەمگە قاراپ، كۆزۈمدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى. m9e$ZZG$  
    ھازىر 9-ئايلار كىرىپ قالغان بولسىمۇ،چاڭچۈننىڭ ھاۋاسى مىنىڭ پەرەز قىلغىنىمدىن ياخشى ئىدى،مەن تېخى بۇنداق چاغدا شەرقىي شىمال چۇقۇم سۇغۇق دەپ ئويلىغانىدىم،پەرىزىم خاتا بۇلۇپ چىقتى.ئەتىگىنى كەچلىكى ئازراق سۇغۇق ئىدى،قالغان چاغلاردا بەك سۈرۈن تۇراتتى. مەكتەپ خېلى چىرايلىق بۇلۇپ،كۆڭلۈمگە يېقىپ قالدى،مەكتەپ ئاشخانىسىمۇ بەلەن ئىدى. بىر ئىشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقماپتىكەنمەن،ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ مەكتەپ بىلەن جىلىن سانائەت ئونۋېرىستىتى بىر كىچىك كوچا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇراتتى.بىزنىڭ مەكتەپتە تۇرۇپ ئۇ مەكتەپنى كۆرگىلى بۇلاتتى. مانا،ئاكا-ئاچاشلارنىڭ ياردىمىدە تەمتىرەپ قالمىدىم.دەرىس باشلىنىپ كەتتى.بىزگە پەقەت خەنزۇچە بىلەن ئىنگىلىزچىلا ئۈتەتتى.بۇرۇن خەنزۇچىنى بەلەن ئۆگەنمىگەچكە ھەم ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىپ باقمىغاچقا،بۇ ئىككى پەندە تازا قىينالدىم،لىكىن قايتا تېپىۋالغان تىرىشچانلىقىم بىلەن بۇشىشىپ كەتمىدىم. ھەممەيلەن شۇنچە يىراقتىن كەلگەچكىمىكىن، ياتاقتىكى،سىنىپتىكى بالىلار شۇنداق بەلەن ئۆتەتتۇق. دەرىستىن سىرتقى ۋاقتىمىز خېلى كۆپ ئىدى،شۇڭا مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىن خىزمەت تاپتىم،كۈنىگە بىر-ئىككى سائەت ئىشلەيىتتىم،تاپقان پۇلىممۇ جىق ئەمەس ئىدى.مەكتەپ بىزگە ئوخشاش شىنجاڭدىن كەلگەن،ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئۇقۇغۇچىلارغا يەنە ماددىي ياردەملەرنى قىلاتتى،شۇڭا تۇرمۇش جەھەتتىن ئانچە بەك قىينىلىپ كەتمىدىم. سىنىپىمىزدا ئابلىز ئىسىملىك خۇتەنلىك بىر بالا بۇلۇپ،ئوچۇق-يۇرۇق،خۇشچاقچاق،ئاقكۆڭۈل مىجەزلىك ئىدى،ئۇنىڭ مىجەزىنى شۇنداق ياقتۇرۇپ قالدىم.بىر قېتىملىق پۇرسەتتە ئۇنىڭ بىلەن خېلى مۇڭدىشىپ قالدىم،شۇنىڭدىن كىيىن بىز شۇنداق يېقىن بۇلۇپ كەتتۇق. Y(A?ib~K  
    كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلىشىپ يۈرۈپ ئۈچ-تۆت ئاي ئۈتۈپ كەتتى،بۇ يەردىكى تۇرمۇشقىمۇ خېلى كۈنۈپ قالغانىدىم.شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز بىر پارچە خەت تاپشۇرۋالدىم،خەلچەمدىن كەلگەنىدى.بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان ئۇنى ئىزدەپمۇ قويمىغانلىقىمنى ئىسىمگە ئالدىم،ئازراق خىجىل بولدۇم،لىكىن ئادرىسىنى بىلمىسەم يە مەن. i;dr(c/ft  
   «ئەسسالام ئەلەيكۇم ئەركىن: &H+<uYV  
    ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟تىنىڭىز ساقمۇ؟يېقىندىن بۇيان قانداقراق ئۈتۈۋاتىسىز؟كۈنلىرىڭىز خۇشاللىق بىلەن كىتىپ بارغاندۇ؟ مەكتەپكە كۈنەلىدىڭىزمۇ؟ ئالدى بىلەن اللە دىن بارلىق ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق،كۈنلىرىڭىزگە خۇشاللىق تىلەيمەن! O0$ijJa|  
    گەپنى ئۈزۈمدىن باشلاي ئەمسە. مەن خېلى ياخشى تۇرۇۋاتىمەن،مەكتەپكىمۇ كۈنۈپ قالدىم،بالىلار بىلەنمۇ شۇنداق يېقىن ئۈتۈۋاتىمەن. بىزمۇ دەرس ئۈتۈۋاتىمىز،لىكىن كەسپى دەرس ئەمەس،كەسپى دەرسنى چاڭچۈنگە بارغاندا ئۈتىدىكەن. سىزگىمۇ ھەقىچان خەنزۇچە بىلەن ئىنگىلىزچە ئۈتۈۋاتقاندۇ؟ بۇ ئىككى دەرىستە خېلى قىينالدىم،لىكىن بەل قۇيىۋەتمىدىم.سىزمۇ بەلەن ئۈگىنىڭ ھە. IS=)J( 0  
    بەزىدە ئولتۇرۇپ تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى چاغلارنى ئەسلەپ قالىمەن،نۇرغۇن ئىشلار كۆز ئالدىمدىن ئۈتىدۇ. نىمىدىگەن گۈزەل چاغلار شۇ، ئەتىگەندىن-كەچكىچە دەرس بىلەن ئالدىراش يۈرگەن،بەزىلەردە تاماقمۇ يىمەي ئۈگۈنۈش قىلىپ كەتكەنلەر،بىر-بىرىمىزدىن رەنجىشىپ يۈرگەن چاغلار،خۇشال-خۇرام كۈلگەن چاغلار...... بەزىللىرىنى ئويلىسام شۇنداق خۇش بۇلۇپ قالىمەن،بەزىللىرىنى ئويلىسام كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بۇلۇپ قالىدۇ.ئويلايدىغانلىرىم كۆپىنچە سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سىزمۇ مىنى ئويلامسىز؟ 3K0J6/mc  
    سىزمۇ ياخشى تۇرۋاتقانسىز؟ كۈنۈپ قالغانسىز؟ مەكتىپىڭىزنىڭ ئەھۋالى ياخشىدۇ؟ بالىلار بىلەن بەلەن ئۈتۈۋاتقانسىز؟ ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن كۈرۈشتىڭىزمۇ؟ ئۇلارمۇ ياخشى تۇرغاندۇ؟ ئىلاھىم شۇنداق بولغاي! w^p2XlQ<  
    ئېنىق ئادرىسىمنى قانداق بىلگەندۇ دەپ ھەيران قېلىۋاتقانسىز ھەقچان؟ سىنىپىمدىكى بىر قىزنىڭ يېقىن بىر تۇغقىنى سىز بار مەكتەپتە ئۇقۇغىلى بىر يىل بولغانىكەن،شۇ ئارقىلىق ئۇقتۇم ۋە دەرھاللا خەت يازدىم. مەنغۇ سىزنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇرۇۋۋاتىمەن،بىلمىدىم سىزمۇ مىنى ئەسلەپ تۇردىڭىزمۇ. مۇشۇ ئادرىس بۇيىچە خەت قايتۇرۇڭ جۇما،ياتاقتا تىلفۇن يوقكەن،شۇڭا خەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇرايلى. f Fz8m  
    قۇرۇق گەپنى جىق قىلىشنى خالىمىدىم،شۇڭا خەتنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي. ئەڭ ئاخىرىدا تىنىڭىزگە سالامەتلىك،كۈنلىرىڭىزگە خۇشاللىق،ئۈگىنىشىڭىزگە ياخشى نەتىجە تىلەيمەن. ئەمسە خەت يېزىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ھە،بولمىسا خاپا بۇلۇپ قالىمەن جۇمۇ. خېتىڭىزنى كۈتۈپ:   bg=`   
                                         @%fkW"y:  
                                                                                                        -خەلچەم (f.A5~e  
    بۇ يەرگە كەلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە ئۇنى خېلى ئويلايىتتىم.بۇ يەردىكى بالىلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتكەنسىرى،ئۇمۇ كاللامدىن ئازراق كۈتۈرۈلۈپ كەتكەنىدى.ئەڭ دەسلەپتە مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئويلىغان،لىكىن ئادرىسنى بىلمىگەچكە مەندىمۇ ئامال يوق ئىدى.مانا ئەمدى ئۇنىڭ خېتىنى تاپشۇرۋېلىپ،ئۇنى قايتا بىر قېتىم ئېنىق ئىسىمگە ئالدىم. مەن ئۇنى ساۋاقدىشىم،يۇرتلۇقۇم ۋە ئادەتتىكى دوستۇم دەپ قارايىتتىم،شۇڭا مەكتەپتىكى ئەھۋاللارنى تۇنۇشتۇرۇپ،ئادددىيغىنە قىلىپ بىر پارچە خەت قايتۇردۇم. قىشلىق تەتىلدىن كىيىنمۇ ئۇنىڭ خېتىنى تاپشۇرۋالدىم.ئۇ خېتىدە تەتىلدە قايىتمىغانلىقىنى،نىمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى يازغانىدى، بىر قانچە يەردە<سىزنى سېغىنىپ تۇۇرۇۋاتىمەن>دىگەندەك گەپلەر بار ئىدى.<ئۇ مىنى ياخشى كۈرۈپ قالمىغاندۇر ھە؟ئۇنداق بولماس؟ ياق، ئۇ يەردە تۈزۈك تۇنۇش بالىلار بولمىغاندىكىن،زىرىكىپ ماڭا شۇنداق دەپ قويغان گەپ>دىگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم. PCIC*!{  
    كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە،سەلكىن شاماللار يەلپۈپ ئۆتكەن باھار كىتىپ ياز كەلدى.يازلىق تەتىلدە ئۆيگە قايىتتىم. بۇرۇنقى تۇلۇقسىزنى كۆرگۈم كەلدى،شۇڭا بېرىپ كىلىشنى ئويلاپ ۋېلىسپىتنى مىنگىنىمچە مەكتەپكە كەلدىم. مەكتەپتە خەلچەم بىلەن ئۇچىرشىپ قالارىمنى ئويلاپ باقمىغانىدىم.بىز مەكتەپتىكى ئىشلار،ئۆگىنىش،تۇرمۇش توغۇرلۇق خېلى پاراڭلاشتۇق.ئۇ بىر خىل يېقىملىق كۈلۈمسىرەيىتتى،لىكىن ئاشۇ كۈلۈمسىرەشنىڭ ئاستىغا بىر خىل ئەندىشە يۇشۇرۇنغاندەك قىلاتتى. تەتىلدە ئەسئەت بىزنىڭ ئۆيگە كەلدى،ئۆتكەنكى بىر يىلدا ئۇنىڭ بىلەن نەچچە قېتىم ئالاقىلاشقانىدىم.ئۇنىڭ بىلەن ئون نەچچە كۈن شۇنداق تىز،خۇشال ئۈتۈپ كەتتى. d8r+UP@#  
    تەتىلمۇ تۈگىدى،بېجىڭغىچە خەلچەم بىلەن بىلللە كەلدىم.<ئالاقىلىشىپ تۇرايلى>دىگىنىمىزچە يولىمىزغا راۋان بولدۇق. مەكتەپكە كىلىپ ئىككى ئايدىن كىيىن ئۇنىڭ خېتىنى تاپشۇرۋالدىم،كۆپىنچىسى مەكتەپتىكى ئىشلار ئىدى،بۇرۇنقىغا ئوخشاش<سىزنى ئەسلەپ تۇرۇۋاتىمەن،سىزنى سېغىنىپ تۇرىۋاتىمەن>دىگەندەك سۆزلەر يوق ئىدى.لىكىن خەتنى ئۇقۇپ بۇلۇپ كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى بىر قىسمىلا بۇلۇپ قالدىم،بىر خىل ئەنسىزلىكنى ئازراق سىزىپ تۇراتتىم،ئۇ خېتىدە ماڭا خوش دەۋاتقاندەك قىلاتتى.مەن يەنىلا ئاددىيغىنە قىلىپ خەت قايتۇردۇم. قىشلىق تەتىلگىچىمۇ ئۇنىڭدىن خەت كەلمىدى. تەتىلدە يەنىلا ئۆيگە قايىتمىدىم،خەلچەمنىڭ قايىتقان ياكى قايىتمىغانلىقىنى بىلمەيىتتىم.تەتىلدىن كىيىنمۇ ئۇنىڭدىن خەۋەر يوق ئىدى.ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتمۇ ئۈتۈپ كەتتى،ئۇ يەنىلا جىمجىت ئىدى. <ھەر قېتىم ئۇ ماڭا خەت يازاتتى،بۇ قېتىم مەن ئۇنىڭغا يازايچۇ>دەپ،ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت يازدىم. لىكىن ئۈچ ھەپتىدىن كىيىن ئۇ خەت مىنىڭ قۇلۇمغا قايتىپ كەلگەندە،خەتنى تۇتقان پېتى تۇرۇپلا قالدىم.كونۋىرىت ئۈستىگە<مەزگۇر ئادەم بۇ ئادرىستا يوق>دىگەن كىچىككىنە بىر پارچە قەغەز چاپلاقلىق تۇراتتى.< ئادرىس خاتا ئەمەس،ئەمسە نىمە ئىش بۇ زادى؟ بۇ ئادرىستا يوق؟ ئەجەبا ئۇ مەكتەپتە ئەمەسما؟مەكتەپتە بولمىسا نەگە كىتىشى مۇمكىن؟ چۇقۇم ئۆيىدە.لىكىن نىمشقا؟زادى نىمە ئىش بولغاندۇ؟؟> دىگەندەك سۇئاللار كاللامغا تۇشۇپ كەتتى،كۆڭلۈمنى ئەنسىزلىك قاپلىدى.راسىت گەپ قىلسام ئۇنىڭدىن ئازراق ئەنسىرىدىم. "yz@LV1  
   كۈنلەر بىر-بىرنى قوغلىشىپ ئۈتۈپ،7-ئايمۇ كىلىپ قالدى،مەۋسۇملۇق ئىمتىھان بىرىۋاتاتتۇق،تەتىلگىمۇ ئاز قالغانىدى.دەل مۇشۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە نامەلۇم ئادرىستىن كەلگەن بىر پارچە خەت تاپشۇرۋالدىم.<كىم يازغاندۇر بۇنى؟>دىگەن سۇئال ئىچىدە كونۋىرىتنى ئاچتىم. E nUo B<  
     ئەسسالام ئەلەيكۇم ئەركىن: ;kFp)*i  
    ياخشىمۇسىز؟ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟ئۆگىنىشىڭىز ياخشىمۇ؟كۈنلىرىڭىز خۇشال ئۈتۈۋاتامدۇ؟ اللە ئىگەم ھەممىنى ئۆز پاناھىيدا ساقلىغاي. "bO]  
   خەتنى كىم يازغان بولغىيتى دەپ ھەيرانمۇ قالماڭ،مەن سىزنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىڭىز. تەتىلگىمۇ ئاز قالدى،چۇقۇم قايتىسىزغۇ دەيمەن. ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن بۇيان،بالىلار كۈرۈشمىگىلىمۇ ئىككى يىلچە بۇلۇپ قاپتۇ،شۇڭا تەتىلدە تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقداشلار يىغىلىش قىلىدىغان بولدۇق.7-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت ئون بىردە بۇرۇنقى مەكتەپ يېنىدىكى<ھوزۇر>رېستۇرانىغا كىلىڭ.بۇرۇنقى ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى كىلىدۇ،چۇقۇم كىلىڭ ھە.  قۇرۇق گەپنى ئاز قىلاي،قالغان گەپنى شۇچاغدا دىيىشەيلى،خوش ئەمسە. كۈرۈشكىچە ئامان بۇلۇڭ! w##Fpv 
                                                                                                          _ 3-يىللىق2-سىنىپ He@= bLLa  
}9kq?  
    <يالغان ئەمەستۇ؟لىكىن بۇرۇنقى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېنىدا راستىنلا 'ھوزۇر' رېستۇرانى بار، بىز بۇرۇن 3-يىللىق2-سىنىپ ئىدۇق.ئەگەر يالغان بولسا ئۇ بۇلارنى قانداق بىلىدۇ؟ راسىتتەك قىلىدىغۇ. مەيلى بارساممۇ بېرىپ كىلەي،بالىلارنىمۇسېغىنىپ قالدىم>دىگەن ئويلار بىلەن ئۆيگە قايىتتىم. ئۆيگە قايتىپ كىلىپلا،بۇرۇنقى تۇنۇش بالىلاردىن خەلچەمنىڭ خەۋىرىنى قىلدىم.<ئۇ بىر ئاي بۇرۇن جىگەر راكى بىلەن ئالەمدىن ئۈتۈپ كەتتى>دىگەن جاۋاپقا ئىرىششىم چۈشۈمگىمۇ كىرىپ باقمىغاندى،كۆڭلۈم خېلى يېرىم بولدى. ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كىلىشنى قارار قىلدىم. يانار ۋاقتىمدا ئۇنىڭ ئانىسى<بۇ خەتنى ئۇ سىزگە بىرىپ قۇيۇشنى تاپىلىغانىدى>دەپ،ماڭا بىر پارچە كونۋىرىتنى بەردى.ئۆيگە كىلىپلا،كاللام ھەرخىل سۇئاللارغا توشقان پېتى خەتنى ئۇقۇشقا باشلىدىم. 3z ry %qV=  
        ئەسسالام ئەركىن: |UaI i^  
    ياخشىمۇسىز؟ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟ ئۆگىنىشىڭىزچۇ؟ كۈنلىرىڭىز خۇشال ئۈتۈۋاتامدۇ؟ hPH7(f|c{g  
    مەن باشلانغۇچتىن تارتىپ تۇلۇق ئوتتۇرىغىچە سىز بىلەن بىرگە ئۇقۇپ كەلدىم،ئالىي مەكتەپنىمۇ سىز بىلەن بىر يەردە ئۇقۇشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن. بەزى گەپلەرنى ئۇدۇللا دەۋىرەي ئەمدى. مەن سىزنى تۇلۇق ئوتتۇرىدىلا ياخشى كۈرۈپ قالغان،لىكىن مەن سىزنىڭ ماڭا كۆڭلىڭىز يوقلىقىنى بىلەتتىم،شۇنداق بولسىمۇ مەن ئۈمىدسىزلىنىپ قالمىغان،سىزنىڭ بىر كۈنلىرى ماقۇل كۆڭۈل بۈلۈشىڭىزنى بەك ئارزۇ قىلاتتىم. سىز بۇرۇن ئايتىللانى ياخشى كۈرەتتىڭىز،ھازىر قانداقكىن، بىلمىدىم.شۇ چاغلاردا مەن سىزنىڭ مىنى ئىزدىشڭىزنى،ماڭا بىر ئېغىز بولسىمۇ گەپ قىلىشىڭىزنى،ماڭا ئازراقمۇ بولسا كۆڭۈل بۈلۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلاتتىم.سىز ماڭا پەقەت دوستلۇق يۈزىسىدىن كۆڭۈل بۈلەتتىڭىز،بۇمۇ كىيىنچە بارغانسىرى ئازلاپ كەتتى. 2#[Y/p  
    ئايتىللا ماقۇل بولمىغاندىن كىيىن، سىز باشقىچە بىر ئادەم بۇلۇپ قالدىڭىز.سىزنىڭ ئاشۇ چۈشكۈن ھالىڭىزنى كۈرۈپ،مىنىڭ قانچىلىك ئازاپلانغانلىقىمنى بىلمەيسىز.مەن سىزنى ئۆزىنى يۇقىتىپ قويمىسىكەن دەپ بەك ئەنسىرگەنىدىم،ئۆزىنى تېپىۋالار دەپ ئۈمىد قىلاتتىم.لىكىن سىز ئىككىنچى مەۋسۇمدىمۇ يەنىلا ئۆزىڭىزنى تاپالمىدىڭىز،شۇڭا مەن سىزگە ھېلقى گەپلەرنى قىلغانىدىم. مەن پەقەت سىزنى ياخشى كۈرىدىغانلىقىم،سىزنىڭ بۇنداقلا تۈگىشىپ كىتىشىڭىزنى خالىمىغانلىقىم ئۈچۈن،شۇ گەپلەرنى دىگەنىدىم.مىنىڭ ئەينى چاغدا سىزگە ئېيتىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار ئىدى،لىكىن ھېچقايىسسنى دىمىگەندىم. مەن شۇ چاغدا سىزگە كۆڭلۈمنى ئازراق ئېيىتقان،بەلكىم سىز بايقىمىغانسىز. ھەنىم بولسا سىز گىپىمنى ئاڭلاپ ئۆزىڭىزگە قايتىپ كەلدىڭىز،بۇ مىنى بەك خۇشال قىلغانىدى. t2gjhn^p  
     گەرچە بىر قىزنىڭ بىر ئۇغۇلنى كۈتۈشى بىر ئاز غەلىتە بولسىمۇ،مەن سىزنى كۈتۈش قارارىغا كەلگەنىدىم،شۇڭا ئالىي مەكتەپنى بىر يەردە ئۇقۇشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن.تەييارلىقنى باشقا يەردە ئۇقۇيدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولغاندى.ئىسىڭىزدىمىكىن، بېيجىڭدا ئايرىلدىغان چاغدا يىغلاپ كەتكىنىمنى. مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن سىز بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن خېلى تىرىشتىم، ئاخىرى ئادرىسىڭىزنى ئۇقۇپ خەت يازدىم. خېتىمدە سىزگە يۈرەك سۆزلىرىمنى ئېيتاي دەپ ئويلىغان،لىكىن جۈرئەت قىلالمىدىم،راسىت گەپ قىلسام قىزلىق غۇرۇرۇم يول قويمىدى. شۇنداق بولسىمۇ بىرنەچچە ئېغىز كۆڭۈل سۆزۈمنى يازدىم،بۇنى ھېس قىلدىڭىزمىكىن؟ سىزنىڭ ئاددىيلا قايتۇرغان جاۋابىڭىز كۆڭلۈمنى خېلى يېرىم قىلغانىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ سىزگە يېپىشىۋالغانلىقىمنى،بۇنداق قىلىشىمنىڭ بىر خىل ئەخمىقانلىق ئىكەنلىكىنى بارغانسىرى ھېس قىلىشقا باشلىدىم.ھەر قېتىم سىزگە ئۈمىد باغلىماسلىققا نىيەت قىلاتتىميۇ،بىردەمدىلا بۇ قارارىمدىن ياناتتىم.نەچچە قېتىم سىز بىلەن ئالاقىلاشماسلىقنى ئويلىغان،لىكىن مەن چىدىمايدىكەنمەن.بۇنداق قىلسام مەن تېخىمۇ ئازاپلىنىدىكەنمەن.شۇڭا ھەر قېتىم مەن سىزگە يازاتتىم،سىز بولسىڭىز ئاددىىيلا قايتۇراتتىڭىز. f_\-y&)+*  
     بىرىنچى يىلى يازلىق تەتىلدە بىر قېتىم تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشتۈم،دوختۇرخانىغا بېىرپ تەكشۈرتتۇق. ئۆيدىكىلەر ماڭا<ھېچ ئىش يوقكەن،بەك ھېرىپ كەتكەنلىك سەۋەبىكەن،ئارام ئالساڭلا ئوڭشىلىپ كىتىسەن>دىدى.ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى قايغۇ ئالامەتلىرىنى كۈرۈپ،ئۇلارنىڭ ماڭا يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلدىم.بىر قېتىملىق تاساددىبي پۇرسەتتە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاڭلاپ قالدىم. <جىگەر راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىكەن>دىگەن دىئاگىنوزنى ئاڭلاپ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى.تۈگىدى،ھەممە تۈگىدى.بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىم كۈپۈككە ئايلاندى.ھاياتىم ئۈمىدسىزلىككە تولدى.ئۆيدە ئارام ئالغاندىن كىيىن ياخشى بۇلۇپ قالدىم.مەكتەپنى كۈرۈپ كىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ،تۇلۇقسىزغا كەلاىم.ئۇ يەردە سىز بىلەن ئۇچىرشىپ قالارمەن دەپ ئويلىمىغان.شۇ چاغدا مەن ئۆزەمنى ئامال بار خۇشال كۆرسىتىشكە تىرىشقانىدىم. مىنىڭ بەك ئۇقۇغۇم بار ئىدى،سىزدىن يەنىلا ئۈمىد كۈتەتتىم.شۇڭا ئىككىنچى يىلى ئۆيدىكىلەرنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي مەكتەپكە كەلدىم.يەنىلا مەن سىزگە ئاۋۋال خەت يازدىم،خېتمدە باشقىچە گەپلەرنى قىلىشنى خالىمىدىم. سىزگە خەت يېزىپ نەچچە كۈندىن كىيىنكى بىر كۈنى يىقىلىپ چۈشتۈم،شۇنىڭ بىلەن مەكتەپمۇ ئامالسىزلىقتىن مىنى قايتۇرىۋەتتى. ئۇنىڭدىن كىيىن سىزنىڭ ماڭا خەت يازغان-يازمىغانلىقىڭىزنى بىلمىدىم،بەلكىم ئىسىڭىزگە كىرىپ باقمىغاندىمەن.  مەن ئەسلى ھەممە ئەھۋالنى سىزگە دەي دەپ ئويلىغان.لىكىن ئۆزەممۇ بىلمەيمەن،نىمە سەۋەپتىنكىن سىزگە بۇ خەۋەرنى ئېيتىشنى خالىمىدىم.بەلكىم سىزنىڭ مەندىن ئەنسىرىشىڭىزنى خالىمىغاندىمەن. K_xOY *  
    گەرچە سىزدىن ھازىرغىچە جاۋاپقا ئىرىشەلمىگەن بولساممۇ،سىزنى ئەڭ ئاخىرقى رەت كۈرۈۋېلىشنى بەك ئارزۇ قىلىمەن.اللە ئىگەمنىڭ بۇ تىلىكىمگە يەتكۈزۈشىنى تىلەيمەن.لىكىن بىز ئاجىز بەندىلەر، ھەممە اللە نىڭ باشقۇرىشىدا،ھېچكىم بىر نەرسە دەپ بۇلالمايدۇ. بۇ خەتنى ئۇقۇۋاتقان چېغىڭىزدا،بەلكىم مەن ئاللىبۇرۇن بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان بۇلۇشۇم مۇمكىن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بەلكىم كۆڭلىڭىز يېرىم بۇلۇشى مۇمكىن.لىكىن مەن سىزنىڭ مىنى دەپ قىلچىلىك ئازاپقا قېلىشىڭىزنى خالىمايمەن. شۇڭا ھەرقانچە بولسىمۇ مەن ئۈچۈن ئازاپلانماڭ. ماڭا يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ئويلاردىمۇ بولماڭ،پۇشايمانمۇ يەپ ئولتۇرماڭ. مەن سىزنى كەچۈرۋەتتىم. SM 
   ئايتىللا بىلەن ئالاقىلىشىپ باقمىدىڭىز ھەقچان؟ مەن ھېس قىلىپ تۇرۇۋاتىمەن،سىز ئۇنى تېخى ئۇنتىيالمىدىڭىز.ئۇ ناھايتى ياخشى قىز.ئەگەر بۇندىن كىيىن ئۇ سىزنى ياخشى كۈرۈپ قالسا،مەن سىزنىڭ ئۇنى قۇبۇل قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن،ئۇقۇرىڭىزنى ئۈستۈن قىلىۋېلىپ ئولتۇرماڭ،ھەرگىزمۇ سىزگە كۈيۈپ يۈرگەن بىر قىزنى دەرىتتە قويماڭ.بولسا بەخىتلىك بۇلۇپ كىتىڭلار. سىز بەخىتلىك بولسىڭىز شۇ مىنىڭ بەختىم،سىزگە ھازىر پەقەت چىن يۈرىگىمدىن بەخىتلا تىلىيەلەيمەن.بۇلارنىڭ ھەممىسىگە پەقەت بىرلا سەۋەپ بار،ئۇ بولسىمۇ سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۈرىمەن.   {V&7JZl,/  
    ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلۇغ اللە دىن ئۆمرىڭىزنىڭ ئۇزۇن،تىنىڭىزنىڭ سالامەت،تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەخىتلىك،ئالىي مەكتەپتىن كىيىنكى خىزمىتىڭىزنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلۇشىنى،كۈنلىرىڭىزنىڭ خۇشاللىققا تۇلۇشىنى تىلەيمەن!     اللە گە ئامانەت! pWp2{G^XB  
R}VL UL$  
                                                                                                                              _خەلچەم. g=(+oK?  
4tU~ ^z  
     خەتنى تۇتقان قوللىرىم تىتىرمەكتە،كۆز ياشلىرىم قەغەز يۈزىنى ھۆل قىلماقتا ئىدى.چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدىم-دە،ياشاڭغۇ كۆزلىرىمنى تۇرۇسقا تىكتىم.ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى خۇددى قەرزداردەك ھېس قىلدىم.ئۇنىڭغا بەك ئىچىم ئاغرىدى،پۇشايمانمۇ قىلدىم. شۇ چاغدىكى ھىسياتىمنى قەلەم بىلەن ئىپادىلەپ بىرىشكە ئاجىزلىق قىلاتتىم،ئۇنى پەقەت ماڭا ئوخشاش كىشىلەرلا ھېس قىلالايىتتى. ]3,0 8JW=  
     شۇنداق قىلىپ ھەپتە ئۈتۈپ 7-ئاينىڭ 16-كۈنىمۇ كەلدى. سىنىپىمىزدا بىزنىڭ يېزىدىن پەقەت مەنلا بولغاچقا،سائەت سەككىزلەر ئەتراپىدا ئۆزەم يالغۇز ناھىيگە قاراپ يولغا چىقتىم.ناھىيگە كىلىپ ئەسئەتنىڭ ئۆيىگە بىرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىشنىمۇ ئويلىدىم.<بولدىلا،سائەتمۇ ئوندىن ئېشىپتۇ،ئۇدۇللا بارايچۇ،شۇيەردە كۈرۈشەرمىز>دىگەنلەرنى ئويلىدىم-دە،بالىلارنى خىيال قىلغىنىمچە مېڭىپ بىردەمدىلا <ھوزۇر>رېستۇرانىغا كەلدىم،رېستۇران بۇرۇنقىدەكلا ھەيۋەتلىك ئىدى.بالىلارنى كۈرۈش ئىستىكىدە خۇشال بولغىنىمچە ئىشىكتىن كىردىم،ئادەم كۆپ ئەمەس ئىدى. <مۇلازىمەت سۇپىسىدىن سوراپ باقايچۇ>دەپ ئويلاپ شۇ تەرەپكە ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا،ئوڭ تەرەپتىن بىرىنىڭ <ئەركىن!>دەپ چاقىرغىنى ئاڭلاندى.بۇرۇلۇپ قارىدىم:رېستۇراننىڭ ئوڭ بۇلۇڭىدا بىر قىز كۈلۈمسىرىگىنچە ماڭا قاراپ قول پۇلاڭلىتىۋاتاتتى. <ھەجەپ تۇنۇش قىلىدىيا>دىگەنلەرنى ئويلىدىم-دە،ئۇنىڭغا يېقىنلاشتىم.مانا ئۇنىڭ ئالدىغىمۇ كەلدىم. قاپقارا چاچلىرى بۇغۇۋالغان،قاشلىرى ئانچە قۇيۇق بولمىغان،كىرپىكلىرى تال-تال،بۇرنى كىچىككىنە،لەۋلىرى گىلاستەك،بۇغداي ئۆڭلۈك بۇ قىزنى كۈرۈپ،دەرھال بىرسى ئىسىمگە كەلدى. <ئەجەبا بۇ قىز راستىنلا......> . ئەمدى ھېس قىلدىم،بۇ تۇنۇش چىراي يۈرىگىمنىڭ مەلۇم چوڭقۇر قېتىگە سىڭىپ كىتىپتىكەن. w;(gi  
     -ئەركىن.ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ مىنى تۇنۇيالىدىڭىزمۇ يا؟ 9|`@czw  
     -سىز ...سىز...ئايتىللامۇ؟_دىدىم مەن ئاغزىمنى ئېچىپ. *J=ol  
     -قارىڭە ھەيران قالغىنىڭىزنى.شۇنداق بەك ئۆزگىرىپ كىتىپتىمەنمۇ؟ ("6W.i>  
     - ياق.ئۇنداق بەكمۇ ئەمەس_دىدىم مەن ئاستاغىنە. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بۇيى ئۈسۈپ،يۈزى ئەت ئېلىپ،بۇرۇنقىدىنمۇ چىرايلىقلىشىپ كەتكەنىدى. <7^~r(DP  
     -سىزنىڭ بۇيىڭىز ئۈسۈپ قاپتۇ،ئازراق قارىداپ قاپسىز.باياتىن تۇنۇيالمىغىلى تاس قالدىم سىزنى_دىدى ئۇ ماڭا سەپسالغاچ. {Jc!T:vJ  
     -باشقا بالىلارچۇ؟_دىدىم مەن تۆت ئەتراپقا قاراپ،ئادەم ئاز ئىدى. 8hfh,v5(  
     -قايسى باشقا بالىلار؟ k ))*z FV  
     -بىزنىڭ بۇرۇنقى سىنىپتىكى بالىلارچۇ؟ بۈگۈن مۇشۇ يەرگە يىغىلىشماقچى بۇلۇپتىكەنغۇ؟_دىدىم مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ ھەيران قېلىپ. t["Df;"O  
     -ئەركىن،راسىت گەپنى قىلسام ھېلىقى خەتنى مەن يازغان،پەقەت سىزگىلا. سىز بىلەن ئايرىم كۈرۈشەي دەپ_دىدى ئۇ بېشىن تۆۋەن سېلىپ. G= cxc_9  
     -ئىككىمىز ئايرىمما؟ ئاريرىم كۈرۈشكۈدەك يا ئوتتۇرىمىزدا ھېچقانداق گەپ بولمىسا_دىدىم مەن سەل سۇغۇقلىق بىلەن.ئەينى چاغدا تارتقان ئازاپلىرىمنى ئويلاپ،سەل ئاچچىغىم كەلگەنىدى. C":\L>Ax  
     -ئاۋۋال گىپىمنى ئاڭلاڭ،_دىد ئۇ بېشىنى كۈتۈرمەي،_سىز شۇنداق سەمىمىي،خۇشخۇي،ئاقكۆڭۈل ياخشى بالا. ئەينى چاغدا مىنىڭمۇ سىزگە ئازراق كۆڭلۈم بار ئىدى. مەن سىزنىڭ مىنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىڭزىنى بىلەتتىم. مىنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرىنى خاتىرجەم پۈتتۈرۈپ،ياخشى بىر ئالىي مەكتەپكە ئۈتۈش ئارزۇيۇم بار ئىدى،شۇڭا مەن ئەينى چاغدا مۇھەببەت دۇنياسىغا ئۇنداق بالدۇر قەدەم قۇيۇشنى خالىمايىتتىم. سىزنى ماڭا خەت يېزىپ قالمىسىكەن دەپ بەك ئۈمىد قىلاتتىم. مەخمۇتنىڭ ئادەم باشلاپ كىلىپ سىزنى ئۇرغانلىقىنى ئاڭلىغاندىم.ئۇنى يەنە ئىش تېرىپ يۈرمىسۇن دەپ،تەتىلدىن كىيىن سىزدىن ئۆزۈمنى قاچۇردۇم. خېتىڭىزنى تاپشۇرۋېلىپ بەك ئويلاندىم.رەت قىلىپ سىزنى ئازاپتا قۇيۇشنى خالىمايىتتىم،لىكىن مەنمۇ ئامالسىز ئىدى، شۇڭا رەت قىلدىم.مەن سىزنىڭ <مەن سىزنى ساقلايمەن>دىيىشىڭىزنى بەك ئارزۇ قىلغانىدىم،لىكىن سىز ئۇنداق قىلمىدىڭىز،ئەكسىچە ئۆزىڭىزنى بەكلا تاشىۋەتتىڭىز.سىزگە بەك ئىچىم ئاغرىدى،نەچچە قېتىم كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلاي دەپمۇ ئويلىدىم،لىكىن جۈرئەت قىلالمىدىم. ئىككىنچى مەۋسۇمدا سىز تۇيۇقسىزلا ياخشىلىنىشقا باشلىدىڭىز، بۇ ئەھۋالىڭىزنى كۈرۈپ بەك خۇشال بۇولدۇم.مەن سىزنىڭ ھېلىقى بىر يىزىلىق ساۋاقدىشىڭىز خەلچەمنى تۇنۇيمەن،لىكىن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ باقمىغان. <بەلكىم ئەسئەت ياكى خەلچەم نەسىھەت قىلغاندۇر>دەپ ئويلىدىم. مەن خەلچەم بىلەن ئىككىلارنىڭ بىللە تۇرغىنىڭلارنى كۆرگىنىمدە ئازراق ھەسەتمۇ قىلغانىدىم. ئىككىڭلارنىڭ بىر شەھەرگە ئۆتكىنىڭلارنى ئۇقۇپ تېخىمۇ ھەسەت قىلدىم،ئاچچىغىممۇ كەلدى. مەن ئەڭ ئاخىرىدا <بولدىلا.ئەگەر ئۇ ئىككىسى بەخىتلىك بۇلالىسا،ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىسىلىۋېلىپ نىمە قىلاي>دەپ ئويلىدىم-دە،سىلەرگە بەخىت تىلىگىنىمچە شاڭخەيگە كەتتىم. نەچچە ئايلاردىن كىيىن،سىزنىڭ مىنىڭ تۇلۇقسىزدىكى ساۋاقدىشىم ئايگۈل بىلەن بىر سىنىپتا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدىم.ئايگۈل ئارقىلىق سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزدىن خەۋەردار بۇلۇپ تۇردۇم.سىزنى كۆزەتكەنلىكىم ئۈچۈن سىزدىن ئەپۇ سورايمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ بارغانسىرى سىزنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. سىز بىلەن كۈرۈشۈش ياكى كۈرۈشمەسلىك توغرىسىدا خېلى ئويلاندىم. مىنىڭ سىز بىلەن كۈرۈشۈشكە ساھىيتىم يوق،لىكىن مەن كىيىنكى ئۆمرۈمدە پۇشايمانغا قېلىشتىن ئەنسىرەپ،نىمىلا بولمىسۇن سىز بىلەن كۈرۈشۈش قارارىغا كەلدىم ۋە سىزگە خەت يازدىم.بۈگۈن مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم بولغاچقا،مۇشۇ كۈنگە بىكىتتىم. E'8Bw7Tz  
     ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۈزۈمگە ئىچىم ئاغرىپ قالدىم.تۇيۇقسىز ئۈزۈمنى باشقىلارنىڭ ئۇيۇنچىقىدەك ھېس قىلىپ قالدىم. بىرسىگە ئاچچىغىم كەلدى،لىكىن زادى كىمگە ئاچچىقلىنىشنى بىلمىدىم،بەلكىم ئۈزۈمنىڭ دۆتلۈكىگە ئاچچىغىم كەلگەندۇر. +a-@ !J~:  
     -خەلچەم بىلەن ئىككىڭلار ھازىر قانداق بۇلۇپ كەتتىڭلار؟_دىدى ئۇ بېشىنى كۈتۈرۈپ. `1@[uWl  
     -ئۇ ئاغرىق سەۋەبىدىن بۇ دۇنيا بىلەن بالدۇرلا خوشلاشتى_دىدىم مەن كۆڭلۈم يېرىم بولغان ھالدا. zIFL?8!H9{  
     -كەچۈرۈڭ، بۇنى بىلمەپتىمەن_دىدى ئۇ بوش ئاۋازدا. ~PnpYd<2  
     ئارتۇق گەپ قىلمىدىم،قىسقىسى گەپ قىلىشنى خالىمىدىم. تاماقنى يەپ بولدۇق-دە،<كىيىنچە جاۋابىنى بىرەي> دىگىنىمچە،ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ئاپتۇبۇس بىكىتى تەرەپكە ماڭدىم. ئۆيگە قايتىپ كىلىپ بەك ئويلاندىم. < ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايدۇ،بولمىسا يەنە ئازاپتا قالىدىغان گەپ. ئويلاپ باقسام ئۇنى ھازىرمۇ ئۇنتۇپ قالماپتىمەن،يۈرىگىمنىڭ بەزى يەرلىرى يەنىلا كۈيۈۋاتىدۇ،بۇنىڭغا مەنمۇ ئىقرار. لىكىن ئۇ تۇيۇقسىز ماڭا ئۇنداق دەۋاتىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئىشەنسەم بۇلارمۇ؟ يەنە ئازاپتا قالارمەنمۇ؟ بولدىلا دەيمۇ يا؟ بۇنداق دىسەم كىيىن پۇشايماندا قالارمەنمۇ؟ ئەگەر ئۇ مىنى راستىنلا ياخشى كۈرۈدىغان بولسا،ئۇنىڭغا ياق دىسەم ئۇ ئازاپتا قالمامدۇ؟ مەن خەلچەمگە قەرزدار،چۈنكى ئۇنى چۈشەنمەي يۈرۈپتىكەنمەن. خەلچەممۇ مۇمكىن بولسا مىنىڭ ئايتىىلا  بىلەن بىللە ئۈتۈشۈمنى تاپىلىغان. ئەڭ مۇھىمىي مەن ھازىرمۇ ئايتىللانى ياخشى كۈرىدىكەنمەن.راسىت،ئۇنىڭغا ئازراق ئاچچىغىم بار،لىكىن  ئۇنىڭغا ياق دەپ ئۆزەمنىمۇ.ئۇنىمۇ ئازاپتا قۇيۇپ يۈرسەم بولمايدۇ. ئەگەر ئايتىللا  بىلەن كىينچە ئىشىمىز بۇزۇلۇپ كەتسە،شۇ چاغدا ئۇنىڭغا بەخت تىلەي. بولدى،ئۇنىڭغا ماقۇل دەي>. oNZ W# 
     شۇنىڭ بىلەن ئايتىللا بىلەن راستىنلا يۈرۈپ قالدىم،كىيىن بىلدىمكى ئۇ مىنى ھەقىقىي ياخشى كۈرىدىكەن. ئايلار،يىللار ئۈتۈپ ئالىي مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرۈپ بولدۇم،ياخشى خىزمەتتىنىمۇ تاپتىم. بۇ چاغدا ئانامنىڭ چاچلىرى قاردەك ئاقارغانىدى،بەللىرى يادەك ئىگىلگەنىدى،رەھىمسىز يىللار ئۇنىڭ كەڭ پىشانىسىگە تۇلۇق ئىز سالغانىدى،كۆزلىرىنىڭ نۇرى ئۆچكەنىدى،قىسقىسى ئۇ مىنى دەپ بەك كۆپ جاپا تارتقانىدى. ئانامنىڭ < بالام، داداڭ رەھمىتى ھايات ۋاقتىدا سىنىڭ تۇيۇڭنى كۈرەلمەي ئارمان بىلەن كەتكەنىدى. مىنىڭمۇ كۈنلىرىم جىق قالمىدى. ئەگەر مەن سىنىڭ تۇيۇڭنى كۆرەلمەي قالسام،ئۇ دۇنيادا داداڭنىڭ رۇھىغا جاۋاپ بىرەلمەي قالىمەن،شۇڭا بالدۇرراق بېشىڭنى ئوڭشاپ قۇياي> دىگەن سۆزىنى ئاڭلاپ،ئايتىللانىڭ ئۆيىدىكىللىرىنىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن ئاخىرى تۇيىمىزنىمۇ قىلىۋالدۇق. <مىنى جاپا تارتىپ باققان مىھرىبان ئانامنى ئەمدى بەلەن بېقىپ رازى قىلالايدىغان بولدۇم> دەپ يۈرگىنىمدە،مىھرىبان ئانام مىنى تاشلاپ قۇيۇپ مەڭگۈگە كۆز يۇمدى.ئانامنى قۇچاقلىغىنىمچە ئاۋازىمنى قۇيىۋىتىپ ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتىم،يۈرىگىم پۇشايمان بىلەن تۇلۇپ كەتتى.ئەمدى چوڭ بۇلۇپ،ئاق-قارىنى پەرق ئىتىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان چېغىمدا،ئۇ كەتتى.يۈرىگىمدە قالغىنى پەقەتلا پۇشايمان،يەنىلا پۇشايمان..... e9_+$Oo  
fm>K4\2  
                                                    5 |vz;bJG  
>` QX xTn  
      بىر چاغدا بىرسى مۈرەمنى تۇتتى،قارىسام ئايالىم ئايتىللا يېنىمدا ئولتۇراتتى.ئۇ گەپ قىلماستىن يۈزۈمگە ئېقىپ چۈشكەن ياشلىرىمنى سۈرۈتكەچ ماڭا مىھرىبانلىق بىلەن تىكىلدى. ئۇنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتتۇم،كۆڭلۈم شۇنداق ئىللىپ قالدى. ]4mj 1g&C  
    -لەغمەن پىشىپ قالغاندۇ؟_دىدىم مەن قۇرسىقىمنى سىلىغاچ.
zI!R-Nb  
Qu FCc1Q  
  مەنبە : ئۆزەم.[flash=314,256,1]http://bbs.dzsm.com/leadbbsfile/upload/2007/10/02/183454.mp3[/flash
[ بۇ يازما altunluk تەرپىدىن 2009-06-06 10:04 دە قاي ]
باھالىنىش ئەھۋالى:
  • پۇلى:+100(老虎) مىنى بەك تەس ..
  • پۇلى:+100(musilina) نادىر تىما
  • پۇلى:+30(tuzukzat) بەك  يا ..
  • مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى tughrul تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2009-06-06, 02:27
    يۈرۈگۈمنى ئېلىپ كىتىپسەن!
    ^-^سۈكۈت قىلىش، يوقىلىشتىن ياكى قورقۇنچاقلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ^_^!
    دەرىجىسى: جانلىق ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 11051
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە371دانە
    ئۆسۈش: 24.73%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 371
      شۆھرىتى: 774
      پۇلى: 1175 سوم
      تۆھپىسى: 10 كىشى
      باھا: 767 چاۋاك
    توردىكى ۋاقتى : 89 سائەت
      مىسرانىمدىكى ھالىتى: بار
      تىزىم ۋاقتى:2009-04-20
      ئاخىرقىسى:2009-06-08

    بەك  تەسىرلىككەن!!!~~~~ :]CzN^k(1c  
       بەزى  قۇرلانى ئۇقۇغىنىمدا كۆزلىرىمدىن ياش  تامچىلىغىنىنىمۇ ھىس  قىلدىم!!ئۇھ!!!  خېلى  بۇپتىكەن  مۇنداق ئەسەرنى ئۇقىمىغىلى!!!  رەھمەت!!!
    توربەتچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى-بەش يۇلتۇز تور مۇلازىمەت مەركىزى
    ياشا  ___   ئۇيغۇردەك  ياشا!!!!
    سىز نېمە ئۈچۈن ياشايسىز ؟
    دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2838
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2813دانە
    ئۆسۈش: 0%
      نادىر تىما: 12
      يوللانما: 2813
      شۆھرىتى: 4971
      پۇلى: 22852 سوم
      تۆھپىسى: 8 كىشى
      باھا: 4200 چاۋاك
    توردىكى ۋاقتى : 889 سائەت
      مىسرانىمدىكى ھالىتى: يوق
      تىزىم ۋاقتى:2008-09-14
      ئاخىرقىسى:2009-06-08

    بەك ياخشى يىزىپسىز، ؤەقەلىكى بەك ظەمىلى ،تەسىرلىك چىقىپتذ،ظوقذپ بولغذچە كأزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى.... DH 6q7"@  
       كىشىلىك تذرمذشنىڭ سىناقلىرى بەك كأپ ،بذ سىناقلارغا بەرداشلىق بىرەلىگە كىشىلا ظداخىرىدا مذؤاپپەققىيەت قازىنالايدذ....... Q,{^S,s<   
    تىمىڭىزدا تىلغا ظىلىنغان ظەركىن دەل تذرمذش قايناملىرىدا پىشىپ يىتىلگەن ،ظاخىرىدا  بەختكە ظىرىشكەن ياشلارنىڭ إەكىلى بولالايدذ....
    اللا كأڭلىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسذن.
    ㄣئۇخلىغاننىڭ رىسقىنى،ئۇخلىمغان يەيدۇㄣ
    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2586
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1488دانە
    ئۆسۈش: 22.89%
      نادىر تىما: 4
      يوللانما: 1488
      شۆھرىتى: 3057
      پۇلى: 10399 سوم
      تۆھپىسى: 12 كىشى
      باھا: 2361 چاۋاك
    توردىكى ۋاقتى : 184 سائەت
      مىسرانىمدىكى ھالىتى: بار
      تىزىم ۋاقتى:2008-09-05
      ئاخىرقىسى:2009-06-08

    شۇنداق تەبىئى  چىقىپتۇ ..  ئادەم ھاياتىدا نىمە ئىشلارغا دۇچ كەلمەيدۇ ..... *h$&0w y  
    مۇنبەر يۇزدىن نادىر تىمىللىرىڭىز ئۇزۇلمىگەي....
    ئەقىل كۆزىڭىزنى ئىچىپ ياشاڭ ....  
    < ئۇيغۇر سوفىت >
    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 10350
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە454دانە
    ئۆسۈش: 18.16%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 454
      شۆھرىتى: 1064
      پۇلى: 2191 سوم
      تۆھپىسى: 52 كىشى
      باھا: 1055 چاۋاك
    توردىكى ۋاقتى : 123 سائەت
      مىسرانىمدىكى ھالىتى: بار
      تىزىم ۋاقتى:2009-04-08
      ئاخىرقىسى:2009-06-08

    بەك ياخشى يىزىپسىز ، بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ .
    مىسرانىم تور بىكىتىنى گۈللەندۈرەيلى
    دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 11555
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە38دانە
    ئۆسۈش: 25.33%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 38
      شۆھرىتى: 99
      پۇلى: 95 سوم
      تۆھپىسى: 0 كىشى
      باھا: 81 چاۋاك
    توردىكى ۋاقتى : 12 سائەت
      مىسرانىمدىكى ھالىتى: يوق
      تىزىم ۋاقتى:2009-05-01
      ئاخىرقىسى:2009-06-07

    بەك ياخشى يېزىپسىز رەخمەت سىزگە
    بۇرۇتۇڭ خەت تارتمىغۇچە، يۈرۇكۈڭ دەرت تارتماس.  ..
    دەرىجىسى: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 9823
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە51دانە
    ئۆسۈش: 8.5%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 51
      شۆھرىتى: 132
      پۇلى: 655 سوم
      تۆھپىسى: 0 كىشى
      باھا: 92 چاۋاك
    توردىكى ۋاقتى : 53 سائەت
      مىسرانىمدىكى ھالىتى: يوق
      تىزىم ۋاقتى:2009-04-01
      ئاخىرقىسى:2009-06-08

    بەك ياخشى ، ئەمىلىي تۇرمۇش ئىپادىلەنگەن ئەسەركەن . [8XLK4e  
      بەخىت   تۇرمۇش سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلىگەنلەرگە مەنسۇپ ...
    بۇرۇتۇڭ خەت تارتمىغۇچە، يۈرۇكۈڭ دەرت تارتماس.  07
    دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 11848
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
    ئۆسۈش: 9.33%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 14
      شۆھرىتى: 69
      پۇلى: 269 سوم
      تۆھپىسى: 0 كىشى
      باھا: 30 چاۋاك
    توردىكى ۋاقتى : 25 سائەت
      مىسرانىمدىكى ھالىتى: يوق
      تىزىم ۋاقتى:2009-05-14
      ئاخىرقىسى:2009-06-08

    ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز تىخىمۇتىرىشىڭ ......
    ھەي ۋاپاسىز سەن ئۆزەڭگە شۇنداق ئىشىنەمسەن؟
    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 6963
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە484دانە
    ئۆسۈش: 19.36%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 484
      شۆھرىتى: 956
      پۇلى: 1331 سوم
      تۆھپىسى: 334 كىشى
      باھا: 921 چاۋاك
    توردىكى ۋاقتى : 342 سائەت
      مىسرانىمدىكى ھالىتى: بار
      تىزىم ۋاقتى:2009-01-05
      ئاخىرقىسى:2009-06-08

    ئايتىللا ،بۇ ئىسىم ھەي ئۇنىڭ بىلەن ئەجەپ پاراڭلاشقۇم كەلدى    .ئەسىىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ .ئۆز كەچۈرمىشىڭىزما؟
    باغرىڭغا باش قويغاننىڭ ھەممىسىنى مىنى سۈيىدۇ دەپ ئويلاپ قالما ، چۇنكى پاشىمۇ ئاۋۋال قۇنۇپ ئاندىن قىنىڭنى شورايدۇ ئەمەسمۇ؟!
    ھەمىمىز مىسرانىمنى گۈللەندۈرەيلى ~!!!!!!!!!!!!!!!!
    دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1519
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە854دانە
    ئۆسۈش: 25.88%
      نادىر تىما: 1
      يوللانما: 854
      شۆھرىتى: 2379
      پۇلى: 12379 سوم
      تۆھپىسى: 89 كىشى
      باھا: 1464 چاۋاك
    توردىكى ۋاقتى : 979 سائەت
      مىسرانىمدىكى ھالىتى: بار
      تىزىم ۋاقتى:2008-08-09
      ئاخىرقىسى:2009-06-08

    مەن ئۇرۇن ئېلىپ قۇياي  ھېچل ئۇقۇپ ئاندىن خەت يازاي
    [ بۇ يازما ئۇيغۇرجان تەرپىدىن 2009-06-07 17:31 دە قا ]
    ھەي ۋاپاسىز سەن ئۆزەڭگە شۇنداق ئىشىنەمسەن؟
    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 6963
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە484دانە
    ئۆسۈش: 19.36%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 484
      شۆھرىتى: 956
      پۇلى: 1331 سوم
      تۆھپىسى: 334 كىشى
      باھا: 921 چاۋاك
    توردىكى ۋاقتى : 342 سائەت
      مىسرانىمدىكى ھالىتى: بار
      تىزىم ۋاقتى:2009-01-05
      ئاخىرقىسى:2009-06-08

    9 قەۋەتتىكى (ئۇيغۇرجان) نىڭ يازمىسىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس

    ئۇيغۇرجان،بۇ ھىكايىنى كۆرۈپ سىزمۇ ئازدىڭىزمۇ نىمە؟   
    باغرىڭغا باش قويغاننىڭ ھەممىسىنى مىنى سۈيىدۇ دەپ ئويلاپ قالما ، چۇنكى پاشىمۇ ئاۋۋال قۇنۇپ ئاندىن قىنىڭنى شورايدۇ ئەمەسمۇ؟!