يان تېلفۇنىڭز ئوغىرلانسا قانداق قىلىسىز؟
نۇرغۇن كىشلەر ئادەتتە يان تېلفۇنى ئوغىرلانغاندا ئىچى تىت-تىت بولۇپ ئاچچقىلنىپ توختاپ قالىدۇ. بۇ كۆڭۈلدىكىدەك ياخشى چارە ئەمەس.
2,nVo^13} ئادەتتە يان تېلفۇن سېتۋالغاندا نۇرغۇن كىشلەر تېلفۇننىڭ ئورالما قېپىنى(包装盒)كېرەكسىز كۆرۈپ تاشلىۋېتىدۇ. تېلفۇنىڭزنى ئوغرى ئالغاندا دەل موشۇ ئورالما قېپى ياكى سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلش كارتىسى(保修卡) سىزگە لازىم بولىدۇ. يان تېلفۇننىڭ ئورالما قېپىدا ۋە سۈپەت كارتىسىدا يان تېلفۇنىىڭ EPROMغا يېزلغان IMEI نومۇرى بولىدۇ. ئادەەتتە ماركىلىق تېلفۇنلارنىڭ(品牌机) بۇ نومۇرى دۇنيا بويىچە پاقەت بىردىنبىر بولىدۇ. سىز موشۇ ۋاقىتتا تېلفۇنىڭزنىڭ ئورالما قېپى ياكى سۈپەت كارتىسىنى ئېلىپ كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىششىكە بېرىپ تىزمغا ئالدۇرۇپ قويىسىز، ئۇلار دەل موشۇ نومۇرنى كومپىيۇتېرغا كىرگۈزۋەتكەندىن كېيىن بۇ تېلفۇن ھەر قانداق كارتىنى تونۇمايدىغان پەقەت بىر قاتتىق دېتاللا بوپ قالىدۇ. ئەگەر بۇ تېلفۇننىڭ بىرەرسى كۆتۈرۈپ تىجارەت زالىغا بارسا كارتا بېجىرمەكچى بولغاندا تېلفۇندا ھېچقانداق ئىنكاس بولمايدۇ، تېلفۇننىڭ IMEI نومۇرنى كومپىيۇتېرغا كىرگۈزسە ئوغىرلانغانلىقى شۇ ھامان مەلۇم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوغرى نەق مەيداندىلا قولغا چۈشىدۇ. بىراق بۇ چارە رەسىمى تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى ئالغان ماركىلىق تېلفۇنلارغا ئىشلەيدۇ، ئادەەتتكى نۇرغۇن ئارلاش ماركىلىق تېلفۇنلارنىڭ(杂牌机) IMEI نومۇرى بولمايدۇ. بولغان تەقدىردىمۇ نۇرغۇنلىرنىڭ خاتا ياكى ئوخشاش چىقىپ قالىدۇ.
^+hqGu]M بەزى ئەقىلى ئىقىتدارلىق تېلفۇنلاغا ئوغۇرلۇقنىڭ ئالىدنى ئېلىش يۇمشاق دېتالى(防盗软件) قاچىلاپ ئىشلەتسىمۇ خېلى ياخشى ئۈنۈمى بولىدۇ. بۇ خىل يۇمشاق دېتاللار يان تېلفۇنغا تېلفۇن ئىگسىدىن باشقا ئادەمنىڭ كارتىسىنى سالغاندا تېفۇن دەپتىردىكى تونۇش نومۇرلارغا ئاپتۇماتىك ھالدا ئۇچۇر يوللاشقا باشلايدۇ. بۇ خىل يۇمشاق دېتال يۇشۇرۇن ھالەتتە ئىجرا بولىدۇ. ئادەتتىكى تېلفۇن ئوغىرلىرنىڭ سېزۋېلىشى تەس.
yO7xAb ئاخرىدا گەپنى قىسقىچە ئېيتقاندا ئۆزىڭىزگە پەخەس بولۇپ ئوغۇرلۇقنىڭ ئالىدنى ئالسىڭز، ئوغۇرلۇقنى كۆرگەن ھامان ھەممەيلەن توسساق سىزنىڭمۇ، مېنىڭمۇ،ھەممىزنىڭ پۇل مېلى يۈتمەيدۇ.
K|n$-WDG} مەنبە : ئانا ماكان تورى
Ax9a5;5WM