ھەي، تەڭشەلمىگەن جاھان . . .
bkuJN% X[!S7[d-y (ھېكايە)
Jcy+(7lE) 4,08`5{ }_BNi;H ئىدارىدە ئۆي تەقسىم قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئايالىم يەنە كوتۇلداشقا باشلىدى:
O!ilTMr _ ئابلەت، بۇ قېتىم قانداقلا بولمىسۇن كونا ئۆي بولسىمۇ چوڭراق ئۆيدىن بىرەرنى ئېلىۋالمىساق بولمايدۇ، ئاڭلىسام، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆينىڭ باھاسى ئۆسسە ئۆسىدىكەن، ھەرگىز چۈشمەيدىكەن . . .
Jj/}GVNc7 ئايالىمنىڭ كۈندە مۇشۇنداق كوتۇلداپ بېشىمنى ئاغرىتىۋېرىشى بىلەن ئاخىرى ئىدارىمىزنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى بىلەن مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقىمىزنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىش نىيىتىگە كەلدىم. چۈنكى ئىدارىدە ئادەم كۆپ بولغاچقا، مەندەك خىزمەت ئىستاژى تۆۋەنلەرگە كونا ئۆينىڭ تېگىشىمۇ تەس ئىدى. خىيالىمدا ئۇلارنى مېھمان قىلىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كونا ئۆي بولسىمۇ ئېلىۋالاي دەپ ئويلايتتىم، شۇڭا چۈشلۈك دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ مۇئاۋىن دېرىكتورىمىزغا :
j#Qnu0D _ دېرىكتور، كەچتە مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ئۈچىمىز بىرلىكتە تاماق يەپ كەلسەك قانداق؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھېچبىر ئويلانماستىنلا:
D\Y,2!I _ بوپتۇ، ئىشتىن چۈشكەندە ئىدارىنىڭ ئالدىغا تاكسىدىن بىرنى ئەكەلگىن ئەمىسە، _ دېدى. مەن ئىشتىن چۈشۈپ، تاكسىدىن بىرنى توسۇپ ئىدارىنىڭ ئالدىدا ئىككى باشلىقىمنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم. تەلىيىمگە ئۇلار ئانچە ئۇزۇن ساقلاتمايلا چىقىشتى. بىز ئۇدۇل ئىدارىمىزدىن خېلىلا يىراق يەرگە جايلاشقان "قەدىمىي يول" تېز تاماقخانىسىنىڭ ئايرىمخانىسىغا بېرىپ جايلاشتۇق. مانا ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە تاماق، ئىچىملىكلەر بۇيرۇتۇلۇپ يىيىش - ئىچىشمۇ باشلاندى، ئەمما، بۇ سورۇندا خۇددى مەن يوقتەك ئىككى باشلىقىم بىر ياقتىن يىگەچ- ئىچكەچ، بىر ياقتىن ئۆزلىرىنىڭ شەخسى پارىڭىغا چۈشۈشۈپ كەتكەن ئىدى:
.D;6
r4S _ بۇ قېتىم ئۆيۈڭنى قانداق بېزەي دەيسەن؟ _ دەپ سورىدى مۇئاۋىن دېرىكتورىمىز مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقىمىزدىن. مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ئۇنىڭغا جاۋابەن:
4jc?9(y% _ مەخسۇس ئۆي بېزەش شىركىتىگە 100مىڭ سومغا كۆتىرە بېرىدىغان بولدۇم . . . _ دېدى.
FJ{/EloF _ ھە، ياخشى بوپتۇ، ئۆينىمۇ نەق پۇل تۆلەپ سېتىۋالدىڭ، ناھايىتى ياخشى قىپسەن، _ دەپ كەتتى مۇئاۋىن دېرىكتورىمىز. مەن مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقىمىزنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئاغزىمنى ئاچقىنىمچە ئولتۇرۇپ قالدىم. كۆڭلۈمدە: " بۇ باشلىقىمنىڭ پۇلى ھەجەپ جىقكىنا، بىز بىچارىلەر ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن دەسلەپ تۆلەيدىغان %20 پۇلنىمۇ تۆلىيەلمەي ئولتۇرساق، ۋاي خۇدايىم . . ." دىگەننى ئويلىغىنىمچە ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كەتتى. لېكىن ئۇلار مېنىڭ بۇ خىياللىرىمنى نەدىن بىلسۇن دەيسىز، ئەكسىچە ساھىپخان بولمىش ماڭا گەپ قىلىش پۇرسىتىمۇ بەرمەستىن، خىيالىدا يوق ئۆزلىرىنىڭ پارىڭىنى قىلىشىپ ئولتۇراتتى:
=W&m{F96 _ ماشىنىڭزنى ئالماشتۇرۇپسىز ھە؟_ دەپ سورىدى مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى مۇئاۋىن دېرىكتوردىن.
ol K+|nR _ شۇنداق، بۇ قېتىم بۇ ماشىنىنى نەچچە مىليون يۈەن تۆلەپ كورىيەدىن ئەكەلدۈردۈم ، زاۋۇتتىن يېڭى چىققىنى ، پۇلى كۆپ بولغىنى بىلەن ئۆزىمۇ پېچەت دېگىنە . . ._ دەپ ماختىنىپ سۆزلەپ كەتتى ئۇ. مەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاچ بىر تەرەپتىن كۆڭلۈمدە ھېساۋاتنى قانداق قىلىشنى، يېنىمدىكى پۇلنىڭ كەتمەسلىكىنى ئويلاپ ئىچىم تىت- تىت بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىچىمدە ئايالىمنى تىللاپ ئولتۇراتتىم:" خەپ، ھەممىنى قىلغان سەنغۇ، كىم قويۇپتۇ بىزنى بۇ پۇلدار باشلىقلارنى مېھمان قىل دەپ . . . "
{V pk o بىز توي قىلغىلى 10يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئىككى بالا تۆت جان تېخىچە ئىدارىدىن سېتىۋالغان 50 كۇۋادىرات مېتىرمۇ كەلمەيدىغان كىچىك ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، بالىلارنىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ بۇ ئۆيمۇ بىزگە كىچىك كېلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىمنىڭ خىزمەت ئورنى بولمىغاچقا مۇشۇ ئۆينىڭ بانكا قەرزىنىمۇ ئەمدى تۈگىتىپ تۇراتتۇق . . . شۇنداق خىياللار بىلەن بولۇپ ئىككى باشلىقىمنىڭ مەس بولۇپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن، ئۇلار ساھىپخانلىقنىمۇ ئۆزلىرى قىلىشىپ، قىرلىق ئىستاكاندا ئىچىشىپ دېگەندەك ئۆزلىرىنى بىلىشمەي ئېگىز-پەس سۆزلەشكىلى تۇرغانىدى. مەن ئاخىرى ئېغىر قەدەملەر بىلەن چىقىپ ھېساباتنى قىلىۋېتىپ، ئىككى باشلىقنى يۆلەپ تاكسىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ قويۇپ، ئۆز ئۆيۈمگە ئاران كېلىۋالدىم. چۈنكى بۈگۈن مېنىڭ مۇئاشىمدىن ئالغان مىڭ سوم پۇلۇم پاك-پاكىزە تۈگىگەن ئىدى. . . .
\H9:%Tlp~4 &Yo|Pj مەنبە: ئۆزۈم
P,xIDj4d O._\l?m مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلىرى
[ بۇ يازما ئۇيغۇرۇم007 تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]