ئەڭ مۇھىم ئىشىڭىز قايسى ؟  *Y53bZ  
بىر كۈنى ۋاقىت باشقۇرغۇچى مۇتەخەسىس بىر سودا ئىنىستىتوتىنىڭ بالىلىرىغا دەرس ئۆتۈپتۇ . <بىز بىر سىناق ئىشلەپ باقايلى > دەپتۇ  مۇتەخەسىس قولىغا ئېغىزى چوڭراق بىر بوتۇلكىنى ئېلىپ ، ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىگە چوڭراق  شېغىل پارچىلىرىنى تاشلاشقا باشلاپتۇ ۋە لىق تولدۇرۇپ ئوقۇغۇچىلاردىن سوراپتۇ: < بوتۇلكا توشتىمۇ؟>  ھەممە ئوقۇغۇچى بىردەك < توشتى> جاۋاپ بېرىپتۇ . <راستمۇ ؟> دەپتۇ مۇتەخەسىس ، ۋە تېخىمۇ ئۇششاق دانچە شېغىللارنى تاشلاشقا باشلاپتۇ، ئۇششاق شېغىللار چوڭ شېغىللار ئارىسىدىن دومىلاپ چۈشۈشكە باشلاپتۇ . < ئەمدى  بوتۇلكا تولدىمۇ ؟> دەپتۇ مۇتەخسىس دانچە ئۇششاق تاشلارنى ماڭدۇرۇش مۇمكىن بولمىغاندىن كېيىن  . <تېخى تولمىدىغۇ دەيمەن > دەپتۇ بىر ئوقۇغۇچى ئىشنىڭ تېگىگە يېتىپ.< ناھايىتى ياخشى > دىگىنىچە مۇتەخەسىس بوتۇلكىغا قۇم تۆكۈشكە باشلاپتۇ ،  شېغىللارنىڭ ئارىسىدىكى كىچىككىنە تۆشۈكلەردىن ئۇششاق قۇملار ئېقىپ چۈشكىلى تۇرۇپتۇ . مۇتەخەسىس قۇمنى تۆكۈپ بولۇپ ئوقۇغۇچىلاردىن يەنە بىر قېتىم سوراپتۇ : < بوتۇلكا تولدىمۇ ؟> ،<ياق > دەپتۇ ھەممە ئوقۇغۇچى بىردەك .مۇتەخەسىس ئاندىن بىر چەينەك سۇ ئېلىپ بوتۇلكىدىن تېشىپ كەتكىچە قۇيۇپتۇ ، ئاندىن ئوقۇغۇچىلاردىن سوراپتۇ :< بۇ مىسال نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟> بىر ئوقۇغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ :  vft7-|8T  
_مەيلى سىزنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرىشىڭىز قانچە زىچ بولسۇن ،تېخىمۇ كۈچىسىڭىزلا تېخىمۇ جىق ئىشلارنى قىلالايسىز.   xK1w->[  
مۇتەخەسىس دەپتۇ:  d@Bd*iI<  
_ بۇ مىسالنىڭ كۆرسىتىدىغان ھېكمىتى ئىنتايىن چوڭقۇر ، دىققەت قىلىڭ ، ئەگەر سىز چوڭ  شېغىل تاشلىرىنى ئالدى بىلەن تاشلىمىسڭىز  ، كېيىن ئۇلارنى تاشلىيالماي قالىسىز ، ئۇنداقتا ھاياتتىكى < چوڭ تاش پارچىلىرى > قايسىلار ؟ سىزنىڭ ئېتىقادىڭىز ، ئىرادىڭىز ، بىلىمىڭىز ... ھاياتتىكى مانا مۇشۇ  ئالدى بىلەن  بىر تەرەپ قىلىشقا تىگىشلىك چوڭ  ئىشلارنى ئەستىن چىقىرىپ قويماڭ ، بولمىسا  مەڭگۈ تايىنى يوق ئىشلار بىلەن  قېرىپ كېتىسىز .   X&49C:jN  
 k-s|gC4  
        ئىش بىجىرىشتە ھەممىگە بىراقلا ئېسىلىۋالماي ، ئەڭ ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنى تاللاپ چىقىپ ، شۇنى چىڭ تۇتۇپ  بىجىرىش مۇۋەپپىقىيەتنى ئاسانلاشتۇرىدۇ . بىر دۆۋە ئىش-مەسىللىگە يولۇققاندا ، ئەڭ مۇھىمىنى  تاللاپ چىقىڭ -دە، بارلىق كۈچىڭىزنى شۇنىڭغا سەرپ قىلىڭ ،ھەممىگە بىر قۇردىن  ئېسىلىپ چىقىش تۇرمۇشنى كىرزىسقا پاتۇرىۋېتىدۇ .   +['1~5  
 9*n?V ;E  
      ھاياتلىق نىشانىڭىزغا ئاساسەن ،قىلىدىغان ئىشلىرىڭىزنى يېزىپ چىقىڭ -دە،  ئۆز نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىشلارنى ئالدى بىلەن بىجىرلىدىغان ئىشلار قاتارىغا قويۇڭ، بۇ سىزدە ناھايىتى ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈپ ، زىھنىڭىز ، ۋە كۈچىڭىزنى زور دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈشكە پايدىلىق.  8193d%Wb  
 4uE/!dT  
         ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتلىق نىشانىڭىز ھەققىدە تاللاش ئېىلپ بارماقچى بولسىڭىز ،تۆۋەندىكى بەش نوقتا بويىچە ئۆزىڭىزگە سۇئال قويۇپ بېقىڭ :  T0@ 
1- سىز كىم ؟  5wvh
@Sc\  
2-سىز قايسى ئىشنى باشقا ئېلىىپ چىقماقچى ؟  
G}WY0FC6  
3-سىز نىمە قىلالايسىز ؟  a[!:`o1U  
4-مۇھىت سىزنىڭ نىمە قىلىشىڭىزغا پايدىلىق ؟  ?LvxEQ-g  
5-كەسىپ ۋە تۇرمۇش پىلانىڭز قانداق ؟  &)!N
5Veb  
 eVbT<9k  
        بۇ بەش مەسىلىنىڭ جاۋابى سىزگە ئۆز كەسپىڭىز، ھاياتلىق نىشانىڭىزنىڭ بېكىتىلىشى ھەققىدە قىممەتلىك يىپ ئۇچى بېرىدۇ ، ئەگەر سىزنىڭمۇ ياشاش نىشانىڭىز ئېنىق ئىزدىگۈچىلەردىن بولغىڭىز بولسا ، ھازىرلا بىر ۋاراق قەغەز ئېلىپ يېزىپ كۆرۈڭ .  ldaT:
er9  
 gd]k3XN$f  
         سەمىمىلىك بىلەن جاۋاپ بېرىڭ : سىز  كىم قانداق ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئويىڭىز بار ؟   بالىلىقتا قانداق ئىش قىلىغىڭىز بار ئىدى ؟ قولىڭىزدىن نىمە ئىش كېلىدۇ ؟ ئۇ سىزنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانىڭىز بىلەن ماسلىققا ئىگىمۇ- يوق ؟ مۇھىت  سىزنىڭ قانداق ئىش قىلىشىڭىزغا  پايدىلىق ؟ سىزنىڭ غايىڭىز ، كۈرەش نىشانىڭىز  سىز ياشاۋاتقان رېئاللىققا ، مۇھىت-شارائىتقا  ماس كېلەمدۇ ؟ مۇھىت ئۇنى قوللاپ  . ئىمكانىيەت بېرەلەمدۇ ؟ قىلىۋاتقان كەسپىڭىزدىكى  كۇنكىرىت پىلانڭىز نىمە ؟ ھاياتلىق نىشانىڭىزچۇ ؟  A4L.bBl  
 -3y
$j+  
        مۇشۇ بىر قاتار سۇئاللار ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈك ياشاش نىشانىنى بېكىتىپ چىقىش مۇمكىن .بىز شۇ ئاساستا تېخىمۇ   كونكېرىتلاشقان پىلان-مەخسەتلەتنى  تۈزۈپ چىقالايمىز.  shY8h
  
 S*ie$}ZX  
        ئون يىل ئىچىدە قانداق نەتىجىنى قولغا كەلتۇرمەكچىسىز ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى بىر يىلدا ، بىر يىلنىڭ ھەر ئېيىدا قانداق ئىشلارنى قىلىپ ، قانداق نەتىجىلەرنى   قولغا كەلتۈرسىڭىز ئاندىن كېيىنكى ئون يىللىق پىلان  ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ ؟  بۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە تېخىمۇ كونكىرتلاشقان ئايلىق، ھەپتىلىك ، كۈنلۈك پىلان لازىم بولىدۇ . مانا  مۇشۇنداق قەدەممۇ قەدەم كونكىرت ، ئېنىق  ۋە زەنجىرسىمان تۇتاش پىلان سىزنىڭ  ھەر بىر كۈنىڭىز ، مىنوت-سىكونتىڭىزنىمۇ سوتلاپ تۇرىشىڭىزغا پايدىلىق . سىز شۇ ئاساستا جەزمەن قىلىشىڭىز كېرەك بولغان چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ئايرىپ چىقالايسىز  ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىسىز. بۈگۈن ئەتىگە ئۇل سالىسىز ، قارىغولارچە ھەركەتتىن  ساقىت بولغان مۇنداق ئىزچىللىققا ئىگە ياشاش لاھىيىسى  سىزنى جەزمەن غەلبىگە ئېلىپ چىقالايدۇ . 
 ICWHEot   
          مەنبە : بايقىساڭ توپىمۇ -ئالتۇن .
[ بۇ يازما تەكلىماكان  تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى  ]