مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1042 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: كۆز ياشقا چىلانغان تەغدىر
axkar
باشقىلار ھازىر كىتاب كۆرىۋاتىدۇ!
دەرىجە: مەستانە ئـــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1854
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 1
ئومومىي يازما: 384
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە384دانە
ياخشى باھا: 31 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 4747 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 680(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-01
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 03:25

2 كۆز ياشقا چىلانغان تەغدىر

ئەسكەرتىش: تېما باشقۇرغۇچى arxang تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-09-08)

كۆز ياشقا چىلانغان تەغدىر


(ئاشكار بىلەن نىگار)




نىگار :
سائەتنىڭ چىك-چىك قىلغان ئاۋازى ماڭا ۋاقىتنىڭ بىر ئىزىدا توختاپ قالماي مېڭىۋاتقانلىغىنى بىلدۇرۇپ تۇرۇۋاتاتتى.مەن تەڭشەپ قويۇلغان ۋاقتى توشۇپ ئاللىبۇرۇن ئۆچۈپ قالغان تېلىۋۇزۇرغا تىكىلگىنىمچە ياسىداق مىھمانخانا ئۆيۈمدە قىرما نەقىشلىق سافاغا يۆلەنگىنىمچە ئۈن-تىنسىز ئولتۇرۇۋاتاتتىم.مەن ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ۋاقىتنىڭ،ئەتىگەندىن بېرى ھىچنىمە يىمەي كولدۇرلاپ كەتكەن قورسىقىمنىڭ كۇركىراشلىرىنىڭ ھىچ ئەھمىيىتى يوق ئىدى.شۇ تاپتا نىمىنى خىيال قىلدىڭ دەپ سورىسا ئىھتىمال كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ «تەغدىر ئاجايىپ ھە؟»دەپ چۈشىنىكسىز جاۋاپ بېرىشىم تۇرغانلا گەپ.
«داڭ،داڭ،داڭ»
سائەتنىڭ يېقىمسىز چىكىلداشلىرىنىڭ تاقىتى توشقاندەك سائەت 12 گە داڭ ئۇردى.مەن كۈندىلىك بىر رېتىمگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان مۇشۇ ئاۋازدىن كېيىنكى پەلەمپەيلەردىن ئۆرلەپ چىقىپ ئاچقۇچ سېلىپ شەپىسىز كىرىپ كېلىشكە ئادەتلەنگەن ئۇنىڭغا ئېرەنسىزلىك بىلەن قاراپ تۇردۇم.ئۇ ئايىغىنى ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ياتاق ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدى.ماڭدىيۇ،چىراق يېقىقسىز مىھمانخانا ئۆيدە ئەرۋاھتەك تۇرغان مېنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى:
_سىز،سىز بۇ يەردە نىمە قىلىسىز؟..ھە ياق،تېخى ئۇخلىمىدىڭىزما؟
_سىز بىلەن پاراڭلىشاي دەپ ساقلاپ تۇرغان.
_مەن بىلەن؟ھازىرما؟..بەك كەچ بولۇپ كەتتى ئەتە بولسۇن،قانداق؟_ئۇ چۈشىنىكسىز بىر ئوڭايسىزلىق بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يېنىمدىن ئۆتۈۋاتقان شۇ پەيىتتە ئۇنىڭدىن گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرۇۋاتقان ئەتىرنىڭ پۇرىقى مېنى سەسكەندۇرۇۋەتتى.
_ياق مەن ھازىر پاراڭلىشىمەن.
_ئۇخلايلى،ئەتە بولسۇن!
-ياق!_شۇ قەدەر ئاچچىق بىلەن ۋارقىرىدىمكىن ئۇ ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بۇنداق قاتتىق ئاۋازىمدىن چۆچۈپ تۇرۇپ قالدى.ئاندىن ئارقىغا ئۆرۈلۈپ ماڭا تىكىلدى،دەرىزىدىن چۈشۈپ تۇرغان ئاي نۇرىدا ئۇنىڭ چەكچەيگەن كۆزلىرىدىن ئەجەپلىنىش،ئوڭايسىزلىنىش،ھەيرانلىققا ئوخشايدىغان يېقىمسىز بىر نۇر چاقناپ تۇراتتى.
_نىمە دىمەكچىسىز؟
_بىرلا ئېغىز گەپ،ئاجرىشىپ كېتەيلى!!
_نىمە؟
ئۇ گويا بۇ گەپنىڭ مېنىڭ ئېغىزىمدىن چىقىشى تامامەن مۇمكىن بولمايدىغاندەك كۆزلىرى يوغىناپ كەتتى.
_ئاجرىشىپ كېتەيلى،ئەتە،ئەتىلا ئاجرىشىپ كېتەيلى!!سىزمۇ ئۆزىڭىزنى مۇنداق قىينىماڭ،مېنىمۇ قىينىماڭ بولامدۇ؟؟ئۆتۈنۈپ قالاي !!
ھەش -پەش دىگۈچە ئارىدىن 6 ئاي ئۆتۈپ كەتتى.مېنىڭ قەتئىى تۇرۇشۇم بىلەن ئارىمىزدا ئەر-ئاياللىققا خاس بولغان يېقىنچىلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان،توختام سۇدەك بۇ تۇرمۇشۇمغا خاتىمە بېرىلىپ ئىدارىمىزغا يېقىن يەردىن ئىككى ئېغىز ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ كۆچۈپ كېلىۋالغىنىمغىمۇ بىر ئايدىن ئېشىپ قالدى. ئەسلىدىنلا مۇھەببەتسىز كۆڭۈلدىن باغلاپ قويغاندەك ئۆتىۋاتقان ھەشەمەتلىك ئۆيۈمدىن ئۆزۈمگە تەۋە بولغان ئاددى جابدۇقلىرىمنى كېرەكلىك نەرسىلىرىمنى ئېلىپلا يېنىپ چىقتىم.ئۈستۈمدە بېسىپ تۇرۇۋاتقان ئېغىر بىر يۇك ئېلىنىپ كەتكەندەك بولۇپ شۇنداق ئازادە راھەتلىنىپ قالدىم.ئەمدى مانا ئىدارىدا باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيمەن.ئىدارىدىن قايتىپ ئۆيۈمگە كېلىپ تامىقىمنى يەپ بولغاندىن كېيىن راھەتلىنىپ ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆرۈمەن،خاتىرە يازىمەن،يەنە تېخى شۇنداق تاتلىق خىياللارنى سۈرۈمەن.نىمىشقىكىن تويۇم بولغان كۈنى «ئەندى ئىككىنجى ئۇنى ئويلىمايمەن،يولدىشىمغا سادىق بولۇپ ئۆتۈمەن»دىگەن ۋەدەمگە ئاساسەن چۈشلىرىمدىن قوغلىيالمىساممۇ خىيالىمدىن قوغلاپ ئۆزۈمنى مەجبۇرى قاچۇرۇپ يۈرگەن «ئۇ»شۇنداق ئىللىق كۈلكىلىرى بىلەن كۆز ئالدىمدا پەيدا بولۇپ تۇرۇۋالىدىغان بولدى،ئۇنى ئەندى ھەر قانچە قىلىپمۇ خىيالىمدىن قوغلىيالمىدىم،مەن قانچە قاچقانسىرى ئۇ ئۆيۈمنىڭ ھەممىلا يېرىدە خۇددى مېنىڭ تەنھا قالغىنىمنى بىلىپ قالغاندەك بار ئىدى.ئۇخلىغىنىمدا چۈشلىرىمدە،كۆزۈمنى ئاچساملا باش تەرىپىمدە،تاماق يىسەم جوزىنىڭ ئۇ بېشىدا كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇراتتى.ئاھ،ئۇنىڭ كۈلكىسى شۇنچىلىك يېقىملىق ئىكەنكى گوياكى ياشلىق چاغلىرىمغا،5 يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمغا قايتىپ ئۇنىڭ بىلەن قولتۇقلىشىپ بىللە يۈرگەندەك،ئۇنىڭغا ئەركىلەپ ھىچكىمگە قىلىپ باقمىغان شوخلۇقنى قىلىۋاتقاندەك،ئۇنىڭ بىلەن پىنھان دەرەخ ئاستىدا ئاينىڭ تەڭگە-تەڭگە نۇرلىرىدىن ھوزۇرلىنىۋاتقاندەك ھىس قىلىپ يۈرەكلىرىم تىپچەكلەپ كېتەتتى،يۇ دەررۇ ئەسلى ھالىمغا قايتىپ بۇ ئەھۋالىمدىن يا يىغلىشىمنى يا كۈلۈشۈمنى بىلەلمەيلا قالاتىم.ئۇ گويا «ئەمدى سەن ئەركىن ئادەم،ئەمدى مېنى قوغلىمىغىن» دەۋاتقاندەك كۈنلەر ئۆتكەنسىرى تېخىمۇ تۇرمۇشۇمنىڭ ئايرىلماس تەركىبى بولۇپ خىيالىمدا،ئېڭىمدا ماڭا مەھكەم چاپلاشماقتا ئىدى،مەن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپمۇ قاچۇرۇپ بولالماي ئاخىرى كۆنۈپمۇ قالدىم.راسىت،ھازىر مەن ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ پاراكەندە قىلمىغاندىكىن نىمە بوپتۇ ئۇ پەقەت ماڭا خىيالىمدىلا ھەمراغۇ شۇ خىياللار بىلەن كۆڭلۈمنى تەسكىن تاپقۇزدۇم-دە،ئۇنىڭ سىماسىنى ئۆزۈمنىڭ ئايرىلماس ھەمراھى قىلىۋالدىم،دەرۋەقە ئۇ گەرچە خىيالىي ھەمرا بولسىمۇ رىئاللىقتىكى ھەمراھلاردىن يەنى ئاۋۇ ئاتالمىش ئېرىمدىن يۈز ھەسسە مۇھەببەت بىلەن كۆڭلۈمنى پۈتۈن قىلىشقا باشلىدى.مەن خىزمەتكە تېىخمۇ باشچىلاپ كىرىپ كەتتىم.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىدارە رەھبەرلىگى تۇيۇقسىز يېڭى بىر تۇر بويىچە ئېچىش،پىلانلاش يىغىنى ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا قاتنىشىشقا بېرىلگەن ساننى ماڭا بەرگەنلىگىنى ئىككى كۈن تەيارلىق قىلىپ مېڭىشىم كېرەكلىگىنى ئۇقتۇردى.
ئابتۇبۇس ئورنىدىن قوزغىلىشى بىلەن .....ئانام ئاق ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن كۆزلىرىنى سۈرتۇپ ماڭا «خوش» دەپ قوللىرىنى پۇلاڭلاتتى.مانا بۇ بۇنىڭدىن توپ توغرا10 يىل ئاۋالقى كۆرۈنۈش،ئابتۇبۇسنىڭ ئورنىدىن قوزغىلىشى بىلەن ئانامنىڭ مېنى ئوقۇشقا ئۇزاتقان چاغدىكى سىماسى كۆرۈنۈپ مېنى ئاچچىق بىر يىغا تۇتتى...
ئابتۇبۇس كېتىپ بارماقتا،كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى يانفون موزىكىلىرىنى قويۇۋىتىپ موزىكا تىڭشىسا بەزىلىرى ئۇيقىغا تەككەن ئىدى.مەن دەرىزىدىن سىرىتقا قاراپ ئولتۇرۇپ تەگسىز خىياللارغا چۆمگەن ئىدىم،ھېلىلا كۆز ئالدىمدا زاھىر بولغان ئانامنىڭ سىماسى مېنى سىھىرلىك پەپىلەشلىرى بىلەن ئۆتمۇش يەنى بالىلىق دەۋرىم ۋە ئوقۇش ھاياتىمغا ئېلىپ كەتكەن ئىدى....
مەن ئېسىمنى بىلسەم ئائىلىمىزدە دادام،ئاپام ئۈچىمىزلا بار ئىكەنمىز،ئاپامنىڭ دىيىشىچە مەندىن چوڭ 2 ئوغۇل بىر قىز ئاكا ھەدىلىرىم تۇغۇلىشى بىلەنلا ئارقا-ئارقىدىن كېتىپ قالغان ئىكەن.شۇندىن كېيىن دادام،ئاپاملار خېلى يىللارغىچە بالىلىق بولالماي بالىدىن ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ تۇرغىنىدا مەن بويىدا قېلىپ تۇغۇلۇپتىكەنمەن.دادام بۇ مەنىسىز ھاياتىمنى خۇشپۇراققا تولدۇرغان دەپ بەكمۇ خوش بولۇپ كېتىپ ماڭا«ئىپار»دەپ ئىسىم قويغان ئىكەن،ئۇ يىللىرى دادامنىڭ ئىش-ئوقىتىمۇ ياخشى ھال كۈنىمىز ناھىيە بازىرى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇدىغان ئائىلە ئىكەنمىز.ئېسىمنى بىلسەم دادام مېنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى،باشقىلارنىڭ «قىزىڭ بويىغا يەتكىچە كۆتۈرۈپ يۈرەمسەن؟»دىيىشلىرىگە پەرۋا قىلماستىن بوينىغا مىندۇرۇپ ئەركىلىتىپ يۈرەتتى.ئالتە ياشقا كىرىپ مەكتەپكە بارغان ۋاقتىمدا دادام ماڭا نەسىھەت قىلىپ:
-قىزىم سىز مېنىڭ بىردىنبىر ئۈمۈت يۇلتۇزۇم،ياخشى ئوقۇڭ،جېنىم تېنىمدىلا بولىدىكەن سىزنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇمەن_دىگەن ئىدى.ئەپسۇس مەن 3- يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا بىر قاتناش ۋەقەسىدە دادام قازا قىلىپ كەتتى.دادامنىڭ ئاخىرقى تىنىقىدا ئاپامغا دىگەن سۆزلىرى يەنىلا مېنىڭ ئوقۇشۇم توغرىلىق بوپتىكەن،كېيىنكى يىللاردا قانچىلىك جاپا تارىتمايلى ئاپام چىشىنى چىشلەپ مېنى ئوقۇتقان ئىدى.مەنمۇ دادامنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويماي تىرىشىپ ئوقۇپ ناھىيەمىز بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈم.شۇ كۈنى ئاپام«دادىسى،سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى خۇشپۇراققا تولدۇرغان قىزىڭىز ئىپار ئۈمۈدىڭىزنى ئاقلىدى»دەپ ئۈن سېلىپ ھازا ئېچىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى...
مەن ئاپام بىلەن خوشلىشىپ ئالىي مەكتەپكە كەلدىم،ناتۇنۇش شەھەر،ناتۇنۇش مۇھىت...ھەممىلا نەرسە ماڭا يات كۆرۈنۈپ تېخىمۇ كەمسۆزلىشىپ كەتتىم،بىراق قەلبىمدە بىر بۇيۇك ئارمان،ئوت يېلىنجايىتتى شۇ ئوت مەندە بىر خىل جاسارەت پەيدا قىلغان ئىدى،دەرىس باشلىغان تۇنجى كۈنى مەن بىزدىن بۇرۇن كەلگەن بىر يۇرىتدىشىم بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ سەل كېچىكىپ سىنىپقا كىرىپ قالدىم.ھودۇقۇش تەمتىرەش بىلەن ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ قالدىم 40 نەچچە جۇپ كۆز تېنەپ-تەمتىرەپ تۇرۇپ قالغان مېنىڭ ئاددىغىنە ئۈستى بېشىمغا تىكىلگەن ئىدى.
_دەرىزە تەرەپتىكى 3-پارتىغا بېرىپ ئولتۇرۇڭ!
مۇئەللىمنىڭ ئولتۇرۇش ئىجازىتىدىن كېيىنلا قىزارغان يۈزلىرىم،تەمتىرىگەن قەدەملىرىم بىلەن مۇئەللىم كۆرسەتكەن ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇرۇۋىلىپ ئۇھ دىدىم.سىنىپ تەربىيىچىمىز تۇرسۇن مۇئەللىممۇ ياشلا يىگىت ئىكەن،ئۇ يۇمۇرلۇق گەپلەر بىلەن سىنىپىمىزنى ۋە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ بىر-بىرلەپ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.دەل شۇ پەيىتتە ئىشىك ئېچىلىپ ئىگىز بوي ئاقپىشماق كەلگەن بىر يىگىت كىرىپ كەلدى.
-سالام مۇئەللىم،ئىسمىم ئارمان.00 شەھرىدىن دادامنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ ماشىنا توسۇلۇپ قېلىش سەۋەبى بىلەن تۇنجى سائەتلىك دەرىسكە كېچىكىپ قالدىم. ئۇنىڭ قىلچىمۇ تارتىنىش يوق دانىمۇ-دانە سۆزلىرى ئىختىيارسىز مۇئەللىمنىڭمۇ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتىۋەتتى.
_ئىجازەت،بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلغىن،ئاۋۇ دەرىزە تەرەپتىكى 3-پارتىدا ئولتۇرغىن!!
ئۇ بالا يەنە شۇنداق تېتىك قەدەملىرى بىلەن مېڭىپ پارتامنىڭ قېشىغا كېلىپ توختىدى.مەن بايا بۇ يىگىتنىڭ تەمتىرىمەي دانىمۇ-دانە قىلغان سۆزلىرىدىن ھاڭۋىقىپ مۇئەللىمنىڭ ئۇنى مەن بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىغا زەڭ قويمىغان ئىكەنمەن.
_ماڭا ئورۇن بېرەمسىز ياكى ئۆرە تۇرۇۋىرەيمۇ؟
_ھە،مەن،ياق..مانا_مەن گېپىمنى تېپىپ ئورۇن بوشاتقۇچە ئالدى كەينىدىكى بالىلار پاراققىدە كۈلۈپ مېنى تېخىمۇ تەمتىرىتىۋەتتى،مەن كەينىگە قاراپ شېتىللىك بىلەن كۈلۈۋاتقان بىر نەچچىسىگە قاراپ ھومىيىپ قويۇپ ئورۇن بوشاتتىم.
مانا شۇنىڭدىن كېيىن ئارمان ساۋاقدىشىم،پارتىدىشىم بولۇپ قالدى.مەن ئەسلىدە كىچىك ۋاقتىمدا ئېغىزىم بېسىقماي سۆزلەيدىغان شوخ،سۆزمەن بىر قىز ئىدىم،ئۇ چاغلاردا ھىچنىمىدىن غېمىم يوق ئىدى،تاغدەك يۆلەنچۈك دادام بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق كۈلۈپ شادىمان ياشاپتىكەنمەن.دادام تۈگەپ كېتىپ «يېتىپ يىسە تاغمۇ توشىماپتۇ»دىگەندەك ئاپام ئىككىمىزنىڭ قولى قىسقىراپ تۇرمۇش بېسىمىمىز ئېغىرلاشقانسىرى بارا-بارا كەم سۆز خىيالچان بولۇپ كەتتىم.ئاپامنىڭ قىينىلىۋاتقانغىنى كۆرسەم ئوقۇماي بىرەر ھۆنەر ئۈگۈنۈپ ئاپامنى بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتقازغۇم كېلەتتى .بىراق دادامنىڭ كۆز يۇمۇش ئالدىدىكى مېنىڭ ئوقۇشۇم توغرىسىدىكى ئۆتۈنۈشلىرى ئانامنىڭلا ئەمەس مېنىڭمۇ قۇلاق تۇۋىمدە جاراڭلاپ دەرھال بۇ خىياللاردىن ياناتتىم،كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ئۈگىنىشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان كەم سۆز خىيالچان بىر قىزغا ئايلاندىم.مۇشۇنداق بىر قىزنىڭ قېشىدا ئارماندەك ئېغىزىلا ئەمەس ئېقىۋاتقان تومۇرلىرىدىكى قانلىرىغىمۇ سۆزمەنلىك خۇشچاقچاقلىق سىڭىپ كەتكەن مۇشۇنداق بىر يىگىت ئولتۇرۇپ تامامەن ئىككى دۇنيا ھاسىل قىلغان ئىدى.تۇنجى ئۇچرىشىشتىلا ئۇ شېتىللىك قىلىپ مېنى خىجالەتكە قويغان بولسىمۇ مەن ئۇنى يامان كۆرۈپ قالمىدىم ،بىراق يەنىلا باشقا قىزلاردەك ئۇنىڭغا ئوچۇق-يورۇق پاراڭ قىلمايىتتىم، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا ئۇ مېنىڭ نىمىلەرنىدۇ جىجىلاپ جىممىدە ئولتۇرۇشۇمدىن جىلى بولسا كېرەك ئالدى ئارقا رەتتىكى ئۆزىگە ئامراق قىزلارنىڭ قېشىغا كېتەتتى شوخلۇق قىلاتتى،سىنىپىمىزدا ھەممىلا قىزلار ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى.مەن گەرچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ باقمىغان بولساممۇ ئۇنىڭ ناھايىتى كېلىشكەن يىگىت ئىكەنلىگىنى ئۇمۇ تۇنجى سائەتتە كېچىكىپ ئىشىك قېشىدا تۇرغان ۋاقىتتىلا ھىس قىلغان ئىدىم،ئۇ بويلىرى ئىگىز،ئاقپىشماق،قارا قاشلىرى ئاستىدىكى دۈگىلەك كۆزلىرى گويا كۈلۈشكىلا يارالغاندەك،سەل قېلىن كەلگەن لەۋلىرى گويا سۆزلەشكىلا يارالغاندەك كۆزلىرى توختىماي كۈلەتتى،ئېغىزى تىنماي سۆزلەپ تۇراتتى،ئۇنىڭ يۇمۇرلۇق سۆزلىرىگە،بوم ئاۋازدا ئېيىتقان ناخشىسىغا سىنىپىمىزنىڭلا ئەمەس خوشنا سىنىپتىكى قىزلارمۇ ئامراق ئىدى.ياتاقتىمۇ شۇ گەپ گويا قىزلار ئوقۇشقا ئەمەس ئارماننى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن كەلگەندەك،ئارماننىڭ گېپىنى قىلىش ئۈچۈنلا كەلگەندەك...
_ئىپار،ئورنۇڭنى مەن بىلەن ئالماشتۇرۇپ بەرگىنە!_دىگەن ئىدى قايسى كۈنىلا بىر ياتاقتا ياتىدىغان زۈمرەت.
ئۇلار ئارمان بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرۇدىغان ماڭا غايىۋانە تارلىق قىلىشاتتى،ھەسەت قىلىشاتتى،بىراق مېنىڭ پەرۋايىم پەلەك،يەنىلا باش چۆكۈرۈپ ئۈگىنىش قىلىش بىلەن بولاتتىم ماڭا ئارماننىڭ بىر يېرى ياقاتتى ئۇ بولسىمۇ ئۇ شۇنچە شوخ بولسىمۇ بىراق ئۈگىنىشتە ياخشى ئىدى.بىز باشقىلارغا قارىغاندا ئاز پاراڭلىشاتتۇق،قىسقا پاراڭلىرىمىزمۇ دەرىس توغرىلىقلا بولاتتى.ئۇ باشقىلارغا شېتىللىك قىلغاندەك ماڭا ئۇنداق قىلمايىتتى.ماڭا بىر خىل ياسىما ئېغىرلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى.مەن سىنىپقا كېچىكىپرەك كىرىپ قالغان بولسام پارتىغا كېلىشىم بىلەن ئۇ قانچىكى شوخلۇق بىلەن كۈلۈپ گەپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ پەسكويىغا چۈشۈپ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىغا ياكى ئارقىغا كېتەتتى،ياكى كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرۇۋالاتتى،بەزىدە بۇ ئەھۋال مېنى تېرىكتۇرۇپمۇ قوياتتى،ياتاقداشلىرىمنىڭ دىيىشىچە مەندە بىر خىل جەلىپ قىلىش كۈچى بارمىش،چىرايىممۇ چىرايلىق ئىمىش،ئارمانمۇ ماڭ ئەيمىنىپ مۇئامىلە قىلارمىش...
شۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان تۇنجى كۈنۈم ئەينەكنى ئېلىپ ئۆز-ئۆزۈمگە سەپ سېلىپ قاراپ باقتىم.تېرەم ئاق ھەم سۇزۇك،بەكمۇ قارا بولمىسىمۇ سىزىپ قويغاندەك ئىنچىكە قاشلىرىم ئاستىدىكى دۇپ-دۇگىلەك كۆزلىرىم دادام كىچىك ۋاقتىمدا «سېرىق قوزام»دەپ ئەركىلىتىدىغان تەبىئى دولقۇن چاچلىرىم بىلەن مەنمۇ سەت ئەمەس،خېلىلا چىرايلىق ئىدىم،ھەي،مەن نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم دەرسىمنى ئوقۇماي،مەن ئاپامنىڭ ،دادامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىمىسام بولمايدۇ،مېنىڭ ۋەزىپەم ئەينەككە قاراپ قاش-كۆزۈمنى تۈزەپ ياسىنىش ئەمەس پۈتۈن زىھنىم بىلەن تىرىشىپ ياخشى ئوقۇش.....
(شۇ تاپتا بۇنى بەلكىم ئارمانمۇ ئوقۇغان بولۇشى،ئاشۇ چاغلاردىكى ئوقۇش ھاياتىدىن ئۇنىڭمۇ قانداق خىياللارنى قىلغانلىقىنى بىلدۇرگۈسى كەلگەن بولۇشى مۇمكىن دەيمەن،قېنى ئەمىسە مەنمۇ بارلىق تورداشلار بىلەن بىللە ئارماننىڭ يازمىسىنى كۆرۈپ باقاي.

ئاشكار :

-ھەي ، دادىسى ، يولدا بالىغا ياخشى قاراڭ جۇمۇ ، جېنىم بالام كىلە بىرنى سۆيۈپ قوياي ، ياخشى ئوقىغىن .
ئاپامنىڭ مىنى دادامغا تاپىلاشلىرى ، ماڭا بەخت تىلەشلىرى ،ھەم قىيالماي ئاققۇزغان كۆز ياشلىرى ئارسىدا دادام بىلەن ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ مەن تەشنا بولغان چوڭ شەھەرگە ، مەن تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتكەن ئالي مەكتەپكە يول ئالدۇق. ھىلىمۇ ئېسىمدا ، مەھەللىدە ھەممە كىشى مىنى مۇنداق ئەركىلتەتتى،
-بۇ ئابلىكىمنىڭ ئوغلى كىيىن ھىسام چاقچاقنىڭ ئورىنىغا دەسسەيدۇ جۇمۇ ، قارا كىچىككنە تۇرۇپ ھازىر جاۋابلىقىنى،
- ئوغۇل بالا دىگەن مۇشۇ ئارماندەك بولسا ، چوڭ بولغاندا قانچىلىغان قىزلارنى ئوتۇڭدا كۆيدۈرەرسەن ،
- مىنىڭ كۈيئوغلۇم ھە سەن ، باشقا قىزلارنى تىپىۋالما چوڭ بولوپ ،
مانا قوشنىلارنىڭ ماڭا شۇنداق يىقىن كۆرۈپ قىلغان چاقچاقلىرى ، مەسلىگى كىلىپ ئەركىلتىشلىرى بىلەن سالام-سائەتىم جايىدا ، ئەدەب-ئەخلاقلىق بولۇپ يىتىلدىم ، بارغانسىرى بوي تارتىپ دادام بىلەن تەڭلا بولۇپ قالدىم . مىنىڭ بارغانسىرى چوڭ بولۇشۇم بىلەن تەڭ دادام ۋە ئاپامنىڭ چاچلىرى ئاقىرىشقا باشلىدى ، ھەر نۆۋەت مىنى بىقىپ قاتارغا قېتىۋاتقان بۇ قەدىردانلارغا قارىساملا ئۆز-ئۆزۈمگە:« مۇشۇ جۈپ پەرىشتىلەر ئۈچۈن بولسىمۇ ياخشى ئوقۇيمەن» دەپ تۇراتتىم . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيەتلىرىمنى توغرا كۆرگەچ بۇ تىلەكلىرىمگە يەتكۈزىدى ، مانا ئاشۇ بىلىم ماكانىغا ئاپامنى يۇرتتا قويۇپ دادامنىڭ ھەمرالىقى بىلەن كىتىپ بارىمەن ،، خەيرى-خوش ئەزىز ماكان ، خەيرى-خوش چوڭ-كىچىكلەر ، خەيرى-خوش مىھرىبان ئاپا ،، ماشىنا سۈرئىتىنىڭ تېزلىشى بىلەن يۇرت كۆزۈمدىن ئاستا-ئاستا يىراقلاشتى...
بۇ ئاپتۇبۇس ئىچىدە ئاساسەن بىزنىڭ يۇرتتىن ئوقۇشقا بارىدىغان بالىلار ھەم ئۇلارغا ھەمرا بولوپ ماڭغان ئاتا-ئانىسى بار ئىدى ، يول بويى ،
- بالىڭىز قايسى مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغان ،
- ئاپىسى ئاپارماي ، ئۆزىڭىز ئىلىپ مىڭىپسىزدە،
- مىنىڭ بالاممۇ شۇ مەكتەپكە ، بۇ ياخشى بولوپتۇ ،ھەمرا بولىدۇ ، شۇنداقمۇ،
مانا مۇشۇنداق پاراڭلار بىلەن بۇ ئۇزۈن سەپەرمۇ ئانچى قىيىن تۇيۇلمىدى ، مەنمۇ ئانچە-مۇنچە قىززىق گەپ ، ھەم شىتىل قىلىقلىرىم بىلەن ئاپتوبۇس ئىچىدىكى كىشلەرنى زىرىكتۈرمىدىم.
ئۇھ ، ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ كۆزۈم ئىلىشىپ كەتتى ، نىمە دىگەن ئىگىز بىنالار ، نىمە دىگەن كۆپ ماشىنا ،، ھەممە نەرسە مىنى ئۆزىگە تارتىۋاتاتتى،
بىر چاغدا دادامنىڭ شەرەت قىلىشى بىلەن يىقىنلا يەردە توختاغلىق بىر ماشىنا يىنىغا كەلدىم . ئەسلى بۇ مەن قۇبۇل قىلىنغان مەكتەپنىڭ يىڭى ئوقۇغۇچىلارنى مەخسۇس ئالغىلى كەلگەن ماشىنىسى ئىكەن ، دادام بىلەن بۇ چوڭ شەھەرنىڭ ھەربىر يىرىگە دىرىزىدىن قاراپ كىلىۋاتاتتۇق ، مانا مەكتەپكىمۇ كەلدۇق ، نەچچە يۈز يىڭى ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا سەل قۇرۇنۇپ قالدىم ، ئەمما ئۈگەنگەن خۇي قالمايدىكەن ، ئۇيان-بۇيان يۈگرەپ يۈرۈپ بىردە ئۇنىڭغا بىردە بۇنىڭغا گەپ قىلىپ يۈرۈپ بىردەمدىلا تېزىملىنىپ بولدۇم ، دادام مەن بىلەن ياتىقىمغا كىرىپ نەرسە-كىرەكلىرىمنى بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى . ئەتىسى دادام ماڭا،
- ئارمان ، ئەمدى مەنمۇ خوشلىشاي ، ئاپاڭ ئۆيدە يالغۇز قالدى ، ئەنسىرەيدىكەنمەن ،بولسا ساڭا بىر نەچچە كۈن ھەمرا بولسام بولاتتى، دادام سۆزلىگەچ كۆزىگە ياش ئالدى ، بۇرۇن دادامنىڭ كۆز يېشىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن ، ھەم دادامنى ياش تۆكمەيدىغان ئىنسان دەپ چۈشەنگەن ئىكەنمەن ، ئەمما ئەمدىلىكتە،
- دادا ، بۇغۇزۇم بوغۇلۇپ قالدى ، زورىغا كۈلۈپ تۇرساممۇ كۆز ياشلىرىم مەن بىلەن قارشىلىشىۋاتاتتى، - مەندىن خاتىرجەم بول ، مىنىڭ مىجەزىمنى بىلىسەن ، بالىلار بىلەن چوقۇم چىقىشىپ كىتىمەن ،،،، يەنە نۇرغۇن گەپلەرنى قىلغۇم بار ئىدى ، ئەمما ئاجىز كەلدىم.
- ئەمىسە ، ئامان بول ، ياخشى ئوقىغىن ، ئاپاڭنى ئەنسىرەتمە ، تىلفۇن قىلىپ تۇر ، مانا مۇشۇ گەپلەر بىلەن دادامنى ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بىكىتىگە ئىلىپ كەلدىم ، نەچچە ۋاقتىن بىرى مىنى ئۆزىگە تارتقان ئالىي مەكتەپكە كەلدىم ، ئەمما مۇشۇ پەيىتتە دادام بىلەن بىللە ئۆيگە قايتقۇم كەلدى . شۇندىمۇ دادامنى ئەنسىرەتمەسلىك ئۈچۈن ئامال بار ئۆزۈمنى خوشال تۇتتۇم،
- خوش بالام ، مەكتەپكە قانداق بىرىشنى بىلەرسەن ، كوچا ئاپتۇبۇسىنى ئىسىڭدە تۇتىۋالغانمۇ ، دادام يەنىلا مەندىن ئەنسىرەپ تۇراتتى ،
- شۇنداق ، بىلىمەن ، خاتىرجەم بول دادا ، ئاپامغا سالام ئىيىت ،
تىخى بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئاپام مىنى شۇنداق ئۇزۇتۇپ قويغان ئىدى ، بۇگۈن مەن دادامنى ئۇزۇتۇپ قويدۇم ، خىياللار ئىچىدە بىكەتتە بىر ھازا ساقلاپ كوچا ئاپتوبۇسىغا چىقىپ مەكتەپكە يېنىپ كەلدىم ، ھەم تۈنۈگۈن تىزىملىغان ۋاقىتتا مۇئەللىمنىڭ :« ئەتە ، سىنىپقا كىرىڭلار» دىگەن سۆزى بويچە سىنىپقا كەلدىم ، ئىشىكنى ئېچىپ كىرىشىمگە ماڭا يات چىرايلار خۇددى ئادەم كۆرمىگەندەك قارىشاتتى.
- سالام مۇئەللىم ، ئىسمىم ئارمان، غۇلجا شەھرىدىن ،دادامنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ ماشىنا توسۇلۇپ قېلىش سەۋەبى بىلەن تۇنجى سائەتلىك دەرىسكە كېچىكىپ قالدىم.
- ئىجازەت ، بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلغىن ،ئاۋا دىرىزە تەرەپتىكى 3-پارتىدا ئولتۇرغىن!
دىرىزە تەرەپكە قارىسام بىر قىز بالا بېشىنى تۆۋەن سىلىپ بىرەرسى بىلەن ئازارلىشىپ قالغاندەك ئولتۇرۇپتۇ ، ئىتتىك مېڭىپ يېنىغا باردىم ، ئەمما ھىچ ئورۇن بوشىتىدىغاندەك ئەمەس،
- ماڭا ئورۇن بىرەمسىز ياكى ئۆرە تۇرىۋىرەيمۇ؟
- ھە ، مەن ، ياق ،، مانا ، ئۇ قىز تولىمۇ خىجىلچانمۇ بىلمىدىم . مۇشۇ بىر نەچچە ئېغىز گەپنىمۇ نەچچىگە بۆلۆپ ئارانلا دىدى ، باشقا بالىلار بولسا پىخىلدىشىپ كۈلىۋاتاتتى ، بۇ ئۇياتچان قىز ئۆپكىدەك قېزىرىپ كەتتى ،ھەم كەينىگە بۇرۇلۇپ كۈلگەنلەرگە ھومىيىپ قويدى.
مانا مۇشۇ كۈندىن باشلاپ بۇ ئۇياتچان قىزبىلەن پارتىداش بولدۇم ،ئىسمىنىڭ ئىپار ئىكەنلىكىنى ھاپلا-شاپلا سوراپ بىلىۋالدىم، ئەمما مىجەزىمىز قارمۇ-قارشى ئىدى ، بەزى چاغلاردا سەل ئىچىم پۇشۇپ ،
- ئىپارخان ( شۇنداق ئاتاتتىم) ،، گەپنىڭ ئاخرىنى دىگۈچە ، ئۇ قىز
- ئۈش، خەت يىزىۋاتىمەن ، مانا مۇشۇنداق پاراڭ خوش ياقمايدىغان بۇ قىزدىن كۆڭۈل «سۇ» ئىچمىگەچ ، دائىم باشقا پارتىلارغا بىرىپ ئولتۇرۋالاتتىم ، مەيلى قايسىلا ئورۇنغا بارماي ، شۇ جاينى كۈلكىگە ئايلاندۇرۇپ قوياتتىم ، بالىلارمۇ ئەتىراپىمغا ئولىشاتتى ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئىپار بىلەن ئاندا-مۇندا بولسىمۇ پاراڭ قىلىدىغان بولدۇم ، قېلىنلىق قىلىپ بولسىمۇ بۇ گەپكە پىششىق قىزنىڭ ئېغىزدىن سۆز ئالاتتىم .
- ئىپارخان ، مەردانىڭىز بارمۇ؟
-قايسى مەردان ئۇ؟
- ۋاي ھىلىقى ، سىزنى ئوردىدىن ئىلىپ قاچقانچۇ،
- جىم ئولتۇرىڭە ، نەدىكى گەپنى قىلماي،
ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن يىنىمدىكى بۇ قىز ماڭا باشقىچە بىلىندى ، ئۇ باشقا قىزلاردەك ، ئارمان مىيەگە كىلە ، دىمەيتتى ، مەن گەپ قىلسام گەپ قىلاتتى ، بولمىسا جىمجىت ، نىمىشقىكىن ئىپارنىڭ بۇ تارتىنىشلىرى مىنى ئۆزىگە تارتاتتى . مەندە بۇ قىزغا بولغان قىززىقىش تۇيغۇسى تىخىمۇ كۈچىيۋاتاتتى. كىچىدە ياتاقداشلار بىلەن ئانچە-مۇنچە گىپىنى قىلىپ قوياتتۇق ، سىنىپقا كىرىپلا ئىپارنىڭ بار يوقلىقىغا سەپ سالىدىغان بولوپ قالغان ئىدىم . ئەجىبا يۈرەك بىراۋلارغا « قۇل» بولۇشنى ئويلاۋاتقانمىدۇ؟


نىگار :

شۇنداق قىلىپ بۇ خۇشچاقچاق بالا بىلەن ئاندا-مۇندا پاراڭلىشىپ قويغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا يەنىلا تۇرمۇشۇم ئۆز قېلىپىدا ئۆتۈشكە باشلىدى،ئانامنى تولا سېغىناتتىم،دەم ئېلىش كۈنلىرى ئانام بىلەن يىراق يوللۇق تېلىفۇن قىلىپ كۆڭلۈمنى تەسكىن تاپقۇزساممۇ يەنىلا كۆپ ھاللاردا مېنى بىر خىل غېرىپلىق چۇلغايىتتى.ياتاقتىكى مەندىن باششقا قىزلارنىڭ ھەممىسى ئاللىبۇرۇن مەدىنىيلىشىپ «مودا»كىيىم-كېچەكلەر دۇنياسىغا شۇڭغۇپ بولۇشقان ئىدى.مەن ئۈگىنىش قىلىش بىلەنلا بولۇپ بۇنداق ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمىدىم دىسەم يالغان بولار مەنمۇ بىر قىز بالا بولغانلىقىم ئۈچۈن تۇرۇپ-تۇرۇپ يېڭى كىيىملەرنى كىيىپ ياسانغۇممۇ كېلىپ قالاتتى،بىراق شۇ خىياللار بىلەن پۇل قاپچۇقۇمنى ئېلىشىم بىلەنلا ئانامنىڭ مىسكىن چىرايى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولۇپ ئىتتىك قولۇمنى تارتىۋالاتتىم،بارا-بارا بۇنداق ئاددىلىق تەبىئى ھالدا مېنى باشقىلارغا ئارىلىشىشتىنمۇ ئۆزىنى تارتىدىغان قىلىۋەتتى تەبىئى ھالەتتە دوسىتلىرىممۇ يوق ئىدى،بىراق يېنىمدا ئولتۇرۇدىغان ئارمانلا ماڭا باشقىچە مۇئامىلىدە يەنى مېنى تۆۋەن كۆرگەندەك قىلمايىتتى،ئۇ ئىشقىلىپ پۇرسەت بولسىلا مېنىڭدىن گەپ سورايىتتى،سورىغان سۇئاللىرىغا مەيلى جاۋاپ ئالسۇن ئالمىسۇن يەنىلا مەندىن گەپ كوچىلاپ باقاتتى.
_ئىپارخان.مەردانىڭىز بارمۇ؟
-قايسى مەردان؟
_سىزنى ئوردىدىن ئېلىپ قاچقانچۇ؟_ئۇنىڭ مۇشۇنداق چاقچاق ئارىلاشقان گەپلىرىلا كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرۇپ تۇراتتى.شۇنداق بولسىمۇ مەن يەنىلا ئۆزۈمنىڭ ئىچ مىجەز قىياپىتىم بىلەن ئۇنىڭ چاقچاقلىرىغا چاقچاق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇشقا تامامەن ئامالسىز ئىدىم.
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتتى،مەنمۇ بارا-بارا ئۇنىڭ مىجەزىگە كۆنۈپمۇ قالدىم،ئۇ بىرەر سەۋەپلەر بىلەن سىنىپقا كىرمەي قالسا ئۇنىڭ سىنىپقا كىرىشىنى كۈتۈدىغان بولۇپ قالدىم.بىر كۈنى كەچلىك تەكراردا بېشىمنى كۆتۈرمەي خاتىرە يېزىۋاتاتتىم.پاققىدە قىلىپ بىر نىمە بېشىمغىلا تەگدى مەن نىمە ئىش ئىكەنلىگىنى بىلىپ بولغىچە «پاراققىدە»كۈلكە كۆتۈرۈلدى.مەن تېرىكىپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئارمان گۇناھكارلارچە يېنىمدا قىزىرىپ تۇرۇپتۇ.
_سىز؟_مەن گېپىمنى دىيەلمەي كۆزلىرىمگە لۆممىدە ياش ئالدىم.
_كەچۇرۇڭ ئىپار،مەن قەستەن قىلمىدىم،_ئۇ كۆزۈمدىكى ياشنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ كەتتىمۇ ئىشقىلىپ دۇدۇقلاپ كەتتى.ئۇنىڭ بۇ گېپى بىلەن ئەسلىدىنلا نازۇك كۆڭلۈم راستىنلا ئازارغا ئۇچرىغاندەك بولۇپ ئىسەدەپ كەتتىم دە،سىنىپتىن چىقىپ كەتتىم .ئۇ نىمە قىلىشىنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدى.
تەكراردىن يېنىپ ياتاققا كىرگەن قىزلار تۇشمۇ-تۇشتىن مېنى ئەيىپلىشىپ كەتتى،ئۇلارنىڭ دىيىشىچە مەن خاتىرە يېزىۋاتقان شۇ پەيىتتە مېنىڭ ئالدىمدا ئولتۇرۇدىغان جۇرئەت ئۇنى تېرىكتۇرۇپ بىر گەپ قىلىپتىكەن ئۇ ئوينىشىپ خاتىرەنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئېتىشى بىلەن قانداق بولدىكىن ئۇ خاتىرە مېنىڭ بېشىمغا تېگىپ كېتىپتۇ،مەن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئارمان بەكمۇ ئۇڭايسىز ئەھۋالدا قاپتۇ،ئۇ ياتاقداشلىرىمغا بۇنى ماڭا چۈشەندۇرۇپ قويۇشنى قايتا-قايتا جىكىلەپ كېتىپتۇ ھەم تەكراردىن قايىتقۇچە بىرمۇ ئېغىز گەپ قىلماي كۈلمەي بىسەرەمجان ئولتۇرۇپتەك.بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ نىمىشقىدۇر ئۆزۈمنىڭمۇ ئۆزۈمگە سەل ئاچچىقىم كەلدى.نىمىگە ئەمدى مەنمۇ نىمانچە تاۋى نازۇكلۇق قىلىپ كەتكەندىمەن؟ئۇمۇ ئەتتەي قىلمىدىم دەپ قىزىرىپ كەتكەن ئىدىغۇ؟رراستىنى ئېيىتسام ئۇنىڭ بۇنداق ئوڭايسىز ھالەتتە تۇرۇشىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى.شۇ كۈنى ئۇزۇنغىچە ئۇخلىيالمىدىم ھە دىسىلا ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىنى يەرگە تىكىپ تۇرۇپ؛«مەن ئەتتەي قىلمىغان ئىدىم»دەپ تۇرۇشى كۆز ئالدىمغا كېلىۋالاتتى.ئۇھ،مەن نىمە بولدۇم؟خاتىرە ئاتقان ياكى مەن بولمىسام،يەنە ئۆزەمنى ئەيىپلەپ يۈرگىنىم نىمىسى؟؟
ئەتىسى سىنىپقا كىرىپ ئورنۇمغا كەلسەم ئۇ مەندىن بۇرۇن ئولتۇرۇپ بوپتۇ.مەن كېلىشىم بىلەنلا ئۇ ھىچ ئىش بولمىغاندەك ھەييارلىق بىلەن ئىگىلىپ بىر تازىم قىلدىدە
_مەرھەمەت،ئىپارخان مەلىكەم_دىدى.مەن ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراشتىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ مىيىغىمدا كۈلۈپ قويۇپ ئىچىگە كىرىپ ئولتۇردۇم،«مەلىكەم»دىگەن سۆزدىن يۈرىكىم «جىغغىدە»قىلىپ كەتتى .بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئوتتۇرا رەت ئالدىنقى قاتاردا ئولتۇرۇدىغان زۇمرەتنىڭ رەشىك قاپلىغان كۆزلىرىدىن سۇغۇق ئۇچقۇنلارنى چاچرىتىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم.دەرىس ۋاقتىدا ئۇ كىچىككىنە بىر باغاقچىغا بىر نىمە يېزىپ ئالدىمغا سۈرۈپ قويدى،«ئىپار،مەندىن رەنجىدىڭىزمۇ؟»
مەن قېتىمغا ئالماسلىققا تىرىشقان بولساممۇ يەنىلا قەلىمىم ئۆزۈمگە بويسۇنماي ئۇنىڭغا جاۋاپ يازدىم «ھەئە»
«كەچۈرۈڭ،مەن قەتئى ئۇنداق بولىشىنى ئويلىمىغان ئىدىم،راسلا،مەن ناماقۇل بولاي»
«مەن ناماقۇل بولاي مەلىكەم،ئۇنىمىسىڭىز بىكار سىزنى ئوردىدىن ئېلىپ قاچمايمەن ھە؟»
ئۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن شېتىللىك قىلىپ يازغان باغاقچىلىرىدىن دەرىستىن كۆڭلۈم بۆلۈنۈپ كەتتى،ئاخىرقى باغاقچىسىدىكى خەتتىن كۈلكەم قىستاپ مىيىغىمدا كۈلۈمسىرىدىم.ئۇ يەنە بىر باغاقچە يېزىپ ئالدىمغا سۈرۈپ قويدى«ئىپار كۈلسىڭىز بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىدىكەنسىز،كۈلۈپ يۈرۈڭە!»يۈزلىرىم قىزىرىپ ئالمان-تالمان ئۇ باغاقچىنى پۈكلەپ ئۇششاق قىلىپ يىرتىۋەتتىم ئىختىيارسىز يۈرىكىم سېلىپ ئۇنىڭغا قارىيالماي قالدىم....
شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭ شوخ مىجەزىگىمۇ كۆنۈپ قالدىم،ياتاققا كىرسەملا يەنە ئۇنىڭ گېپى .قىززىق،بۇرۇنقىدەك باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ قىزلارنىڭ پاراڭلىرىغا ئارىلاشمىساممۇ ئەمما پۈتۈن زىھنىم بىلەن ئۇ توغرىلىق پاراڭلارنى تىڭشايدىغان قىزىقىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم .كەچلىرى ئۇخلاش ئالدىدا ئۇنىڭ بىر كۈنلۈك قىزىقارلىق گەپلىرىنى شوخ قىلىقلىرىنى ئويلاپ ئۆزۈمچە مېيىغىمدا كۈلۈپ كېتىدىغان بولۇپ قالدىم،ماڭا نىمە بولۇۋاتىدۇ توۋا خۇدايىم،ئۇنىڭ ئۈستىگە ياتاقدىشىم زۈمرەت مېنى ئۇنى بۇنى گەپتە بانا قىلىپ چېقىۋالىدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن ئىچىم سىقىلسىمۇ يەنىلا كەم سۆز لىكىم بىلەن جىممىدە ئۆتكۈزۈۋىتەتتىم.پەمىمچە زۈمرەت ئارماننى ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك قىلاتتى،ئۇ ياخشى كۆرسە كۆرۈۋەرمەمدۇ مېنى گەپتە چېقىپ نىمە قىلىدۇ دەيمەن؟ئېغىزىمدا شۇنداق دىسەممۇ قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدە بىر خىل تۇيغۇ بىخ سۈرۈۋاتقاندەك قىلاتتى،بۇنىڭ قانداق تۇيغۇ ئىكەنلىگىنى بىلىشنى خالىمايىتتىم.
مانا ھەش-پەش دىگۈچە يېڭى يىلمۇ كېلىپ قالدى.ياتاقتىكى ھەممىسى يېڭى يىللىق كىيىملەرنى ئېلىشتى.مەنمۇ سىقىپ يىغىپ قويغان پۇلۇمنى ئېلىپ چىقىپ ئاددى بولسىمۇ يارىشىملىق بىر دانە پوپايكا بىلەن ئاستى چېچىلىپ تۇرۇدىغان چىرايلىق بىر يوپكا ،ئاياق سېتىۋالدىم،ياتاقتا ئادەم يوق ۋاقىتتا كىيىپمۇ باقتىم،ھەي قىز كۆڭلى دىگەن،يەنىلا قىز بولغىنىم ئۈچۈنمۇ شۇ كىيىمنى كىيگەندىكى ھالىتىم شۇنداق روھلۇق ئىدى.شۇ ھالەتتە ئادەتتىنمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەندەك ھىس قىلىپ تۇيۇقسىز ئۇنىڭ مېنى شۇ ھالىتىمدە كۆرۈشىنى خالاپمۇ قالدىم.


ئاشكار:

يۈرىكىمدە يالقۇنجاۋاتقان بۇ ئوت ئەمدى مىنى قىيناشقا باشلىدى . بولوپمۇ ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن ئانچىكى خاتالىق مىنى ئاۋال ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. ئاندىن ئىپارغا يېقىنلىشىشىمغا پۇرسەت يارتىپ بەردى.
ئالدىنقى كۈنى كەچلىك تەكراردا مۇزاكىرە قىلىش ماڭا قەتتىلا خوش ياقمىدى، سىنىپتا يىقىن ئۆتىدىغان دوستوم ئەرپاتنىڭ يېنىغا بېرىپ مۇڭدىشىپ ئولتۇراتتىم، ئىپار بولسا ئۆزىنىڭ ئېشى بىلەن مەشخۇل ئىدى ، بىر چاغدا مىنىڭ پارتامنىڭ ئالدىدا ئولتۇردىغان جۈرئەت ماڭا قاراپ شەرەت قىلدى ،
- ئارمان ، ،، ئۇ ئسىمىمنى چاقىرغاچ ماڭا ئىپارنى كۆرسىتەتتى ، ئۇ بۇ قىلىقنى بىرنەچچە رەت قايتىلىدى، ئىچىمدە : '' ھەجەپ ئىچىمنى پۇشۇردى ماۋۇ لەقۋا '' دەپ تۇرسام ماڭا بىر كىتابنى سۇنۇپ تۇرۇپ
- ئىچىدە خەت با ، ئاداش، ئوقۇپ باقە ، دەپ پىچىرلىدى ،
خەتنى ئوقۇپ قان-تومۇرلىرىم كۆپۆپ كەتتى ، مەزمۇنى مۇنداق ئىدى،« ئارمان، ئىپارخانىڭلارنى مەن قولغا كەلتۇرەيمىكىن، ئاداش بولغاندىكىن ئۆتۈنىۋەتمەمسەن،» باياتىن ياقى ئىچىمنى پۇشۇرۇپ قىلغان قىلىقلىرىغا بۇ خەت قوشۇلۇپ ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا كىتابنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتتىم. ئەمما مەن ئاتقان كىتاب جۈرئەتكە ئەمەس بەلكى ئىپارغا تەگدى ، تەككەندىمۇ خىلىلا قاتتىق تەگدى ، ئىپار بېشىنى تۇتۇپلا قالدى ، ئەتىراپتىكى بالىلار بولسا بۇ « قىززىق» ئىشتىن كۈلىشىۋاتاتتى ، ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ ئىتتىك بېرىپ ئىپارنىڭ يىنىدا ئۆرە تۇردۇم، بىر چاغدا ئىپار بېشىنى كۆتۈرۈپ :
- سىز ، دەپلا توختاپ قالدى. مىنىڭ- كەچۇرۇڭ ، قەستەن قىلمىدىم ، دىگەن سۆزلىرىمگىمۇ پىسەنىت قىلماي ئورۇندىن تۇرۇپلا سىنىپتىن چىقىپ كەتتى.
ئىپارنىڭ سىنىپ ئىشىكىنى «گۈپ» قىلىپ يېپىشى بىلەن يۈرىكىم جىغغىدە قىلىپ قالدى ، بىرخىل ئەندىشە ئىچىدە تۇرۇپ قالدىم ، ئۇنىڭ كەينىدىن چىققىم بار ئىدى ، ئەمما بۇ ئۇقۇشماسلىقنىڭ تىخىمۇ چوڭىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن چىقمىدىم ، ھەم ئىپار بىلەن بىر ياتاقتا ياتىدىغان ئادىلەنىڭ يىنىغا بېرىپ بايا بولغان ئەھۋاللارنى ( خەت مەزمۇنىدىن باشقا) تەپسىلى سۆزلەپ بەردىم ، ھەم ئىپارغا چۈشەندۈرۈپ قويىشىنى ئۆتۈندۈم. ياتاققا قايتىپمۇ روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك يۈردۈم ، ياتاقداشلىرىمنىڭ قىلغان چاقچاقلىرىغىمۇ جاۋاپ قايتۇرمىدىم ، كارۋىتىمغا چىقىپ ئاللىقانداقتۇر خىياللار بىلەن ئۇيقۇغا كىتىپتىمەن .
ئەتىسى سىنىپقا چىقسام ئىپار تىخى كەلمەپتىكەن ، مەن ئادىلەنىڭ يېنىغا بېرىپ،
- ئىپارغا چۈشەندۈرۈپ قويدىڭىزمۇ؟ دەپ سورىدىم.
- شۇنداق ، ئارمان تاپشۇرغان ۋەزىپىنى قانداقمۇ ئورۇندىماي قالارمەن، ئۇ كۈلۈپ قويدى،
ھەرھالدا يۈرىكىم ئازىراق بولسىمۇ جايىغا چۈشۈپ قالدى ، بىر ھازادىن كىيىن ئىپار كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ ماڭا قارايدىغان ھالى يوق ،'' ئىپارنىڭ ئاچچىقى تىخى يانمىغان ئوخشايدۇ ''، دەپ پەملىدىمدە ، ئۇ يېنىمغا كىلىشىگە
- مەرھەمەت ، ئىپارخان مەلىكەم ، دەپ خان ۋەزىرلىردەك ئىگىلدىم . ئىپار بولسا مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ جايىدا ئولتۇردى. ئەمما ماڭا يەنىلا گەپ قىلمىدى. مەن بىردەم ئۇيانغا بىردەم بۇيانغا قاراپ ئولتۇراتتىم ، ئىپار بولسا بېشىنى كۆتۈرمەي بىر نەرسىلەرنى يېزىۋاتاتتى ، بېشىمنى سوزۇپ قاراپ قويسام ، مەخپى خەت يېزىۋاتقاندەك بىلەكلىرى بىلەن توسىۋالاتتى . شۇ ھامان كاللامغا بىر خىيال كەلدى ، بۇ بىز ساۋاقداشلارنىڭ ئەڭ ئەپلىك ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىمىز -باغاقچە يېزىش ئىدى، قېلىنلىق قىلىپ يۈرۈپ باغاقچىلارنى توختىماي يازدىم ، ئۇ ئاخىرى كۈلدى ، ھەم قىسقىلا قىلىپ ،
- سىزنى كەچۇردۇم، دەپ خەت قايتۇردى .
مانا كۈنلەر ئۆز تەرىقىسىدە ئۆتىۋەردى، ئىپار بەزى چاغدا مىنىڭ قىلغان ئانچىكى سۆزلىرىمگىمۇ كۈلۈپ كىتەتتى ، مىنىڭمۇ ئۆز ئورنۇمنى تاشلاپ باشقا بالىلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇرىشىمنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى . باشقىلار يېنىغا چاقىرسىمۇ بارمايدىغانلا بولدۇم . ئىپارنىڭ نازلىق كۈلۈشلىرى ، چاچلىرىنى ئوڭشاپ قويۇشلىرى ، ئىشقىلىپ ھەربىر ھەركىتى مىنى ئۆزىگە رام قىلاتتى . يەنە بىر تەرىپى بولسا ، بۇ قىز باشقا قىزلاردەك ئايدا بىر كىيىم كەيمەيتتى ، شۇنچىلىق ئاددى-ساددا ، شۇنچىلىق رەتلىك يۈرەتتى ، مەنمۇ ئوتتۇراھال ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولغاچقا ئىپارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى مىنى سۆيۈندۈرەتتى.
مانا يىڭى يىلغا ئاز قالدى ، بالىلار بىلەن ئىچەكىشىپ كەتكەن ئىدۇق ، بىز مەسلىھەتلىشىپ يىڭى يىلدا بىرەر يەرگە بېرىپ ئويناپ كەلمەكچى بولدۇق. بۇ كۈنمۇ يىتىپ كەلدى ، مەن ياتاقداشلار بىلەن چىرايلىق كىيىنىپ ، ياتاقتىكى دىرىزىگە چاپلاپ قويغان كىچىك ئەينەكنى تالىشىپ يۈرۈپ تەييار بولدۇق ، كۈلكە-چاقچاق بىلەن ياتاقتىن چۈشۈپ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدۇق ، قارىساق سىنىپتا كۆزگە ئانچە چېلىقمايدىغان قىزلار چىرايلىق كىيملەر ، بىرنىمە بىرنىمە چاچلار بىلەن تونۇغۇسىز بولوپ كىتىپتۇ ، بالىلار بىلەن ئۇلارغا يىقىن قالغاندا دىيشۋالغاندەكلا بىز بىر نەچچىمىز تەڭلا توۋلاشتۇق،
- ۋويييۇ ، ماۋۇ بىزنىڭ قىزلارما؟
قىزلار بىر-بىرىگە ھىجارىشىپ قاراپ قويۇشتى ، ئەمما مەن شۇنچە قاراپمۇ بۇلارنىڭ ئارسىدا ئىپارنى تاپالماي قالدىم ،
- بالىلار تولۇق يىغىلدىمۇ ؟ ئارىدىن ئەرپات ئۈنلۈك ۋاقىردى ،
- بىز كەلدۇق . مەكتەپ تەرەپتىن بىر نەچچە قىز يۈگۈرۈپ كىلىۋاتاتتى ، ئۇلار يىقىن كەلگەندە كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم . ئىپارنىڭ ياراشتۇرۇپ كىيگەن كىيىمى ، قويۇپ بەرگەن چىچى ، مەن خۇددى بىر پەرىشتىنى ئۇچىراتقاندەك ھەيرانلىق ئىچىدە قالدىم .
- ماڭامدۇق ، بالىلار ، ئارمان ھەي ئارمان ، بولە ، جۈرئەتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغان بولسام ئىپارغا يەنە قانچىلىك تىكىلىپ تۇراتتىمكىن ، مانا ھەرقايسى يۇتلاردىن كەلگەن بالىلار ئەمدى بىر ئائىلە كىشلىرىدەك كىتىپ بارىمىز ، كۈلكە-چاقچاقلار ، ئىككى-ئىككىدىن بولوپ مىڭىشىشلار ، ،،،، شۇنداق قىلىپ بىز 4 سائەتلىك ئىجارىغا ئالغان بىز موزىكا زالىغا كىردۇق ، ئوغوللار بىر چەتتە قىزلار بىر چەتتە بولوپ بۇ 40 نەچچە بالا ئىككىگە بۆلۈندۇق، موزىكا قويۇلۋاتاتتى ، ئاۋال ھەممىمىزدە يىتىرقاش غالىپ ئىدى ، بارا-بارا بالىلار تانسىغا چۈشتى ، مىنىڭ ئەس-خىيالىم ئىپاردا ئىدى ، ئىپار بولسا يەنە شۇ يەر تىگىدىن تانسا ئويناۋاتقانلارغا قارايتتى . قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن مەن ئولتۇرىۋىرىپ زىرىكتىم ، قويۇپ بىرەر قىزنى تانسىغا تارتاي دىسەم ، ئىپارغا باشقىچە تەسىر بىرىپ قويۇشتىن ئەنسىرەتتىم . بىر چاغدا ئاغىنەم ئەرپات كىلىپ قۇلىقىمغا پىچىرلىدى،
- ئاداش ، غۇلجىلىق بالا ئولتۇرۋالسا سەت تۇرىدىكەن ، بىرىپ ئىپارنى تاتە، بىز تاتساق چوقۇم ئۇنىمايدۇ ،
- ماڭە ۋاي ، شۇنداق ئىگىلپ قولۇمنى سۇنسام ، كەينىگە قاراپ تۇرىۋالسا ، ئۆلمەمدىمەن ، بۇ گەپنى دەپ بولوپ ئويلۇنۇپ قالدىم . يەنە بىر قېلىنلىق قىلاي ، مۇشۇ ۋاقىتتا شۇنداق لەرزان مۇزىكا چىقىپ قالدى . ئۆزۈمنى تۈزەشتۈرۈپ قىزلار ئولتۇرغان جوزا تەرەپكە ماڭدىم . قىزلار ماڭا قارىشىۋاتاتتى، بەلكىم قايسىمىزنى تارتا دەپ ئويلىشىۋاتسا كىرەك ، ئۇدۇل ئىپارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى تانسىغا تارتتىم ، ئۇھ ، مەن ئۆلمىدىم ، ئىپار ماڭا مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ ئورۇندىن تۇردى ، ئوغۇللار جوزىسىدىن بىر نەچچەيلەن ئىسقىرتىپ قويدى ،
مانا ، قۇلاق تۈۋىمدا مۇزىكا ئاۋازى ، قولۇمدا ئىپارنىڭ نازۇك قوللىرى ، ئۇنىڭ چاچ پۇرىقى شۇنداق مىزىلىك پۇرايتتى ، ئىختىيارسىز ئۇنىڭ قوللىرىنى تىخىمۇ مەھكەم تۇتتۇم ، ھەم بېشىمنى ئىگىپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاستاغىنە،
- سىز ئىپارخانمۇ ؟ ، ئۇ يەنە بۇرۇنقىدەك كۈلۈپ قويدى ، مەن بولسام يەنە دىدىم.
-مەن مەردانىڭىز بولاي ، بۇ قىتىم ئۇ كۈلمىدى ، جىمىپ كەتتى ، ھەم ماڭا -باشقا بالىلارغا قاراڭە دىگەندەك شەرەت قىلدى ، قارىسام پۈتۈن مەيداندا پەقەت ئىپار ئىككىمىز قاپتۇق ، ئىپارغا قارىسام ئۇنىڭ چۈشۈپ كەتكۈسى باردەك قىلاتتى ، ئەمما مەن ئۇنىڭ قوللىرىنى تىخىمۇ چىڭ تۇتتۇم .
- ئويناۋىرىمىز ، بۇ يەردە پەقەت ئىككىمىزلا بار دەپ ئويلاڭ ،
- ھىم ، ئىپار يەرگە قاراپ بېشىنى كۆتۈرمەيتتى ، ئەمما مەن بىر ئىغىز سۆز بىلەن ئۇنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردۇم .
- ئىپار ، بىلەمسىز ، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ، سۆزۈمنى ئاڭلىغان ئىپار چۆچۈپ كەتكەن كىيىكتەك ماڭا قاراپلا قالدى . مەن يەنە تەكرارلىدىم
-مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ...
مۇشۇ چاغدا موزىكا تۈگەپ قالدى ،ئۇنىڭ نازۇك قوللىرىنى قىيمىغان ھالدا قويۇپ بەردىم. بالىلار چاۋاكلىرى بىلەن بىزنى مەيداندىن ئۆز ئورونلىرىمىزغا قايتۇردى ، جايىمغا كىلىپ ئولتۇرۇپ ئىپارغا قارىدىم ، ئۇمۇ ماڭا قاراۋىتىپتىكەن . مانا كۆزلىرىمىز ئەمدى رەسمى ئۇچىراشقان ئىدى ، ئەمما ئۇ كۆزىنى قاچۇردى ، مىنى يەنە ئەندىشە قاپلىدى . ئىپارنىڭ سۆيگۈمنى قۇبۇل قىلماسلىقىدىن ، پەرۋاسىز قارىشىدىن ، ھەتتاكى بۇندىن كىيىن مەن بىلەن پاراڭ قىلماسلىقىدىن ئەنسىرەتتىم.


نىگار:

شۇ كۈندىكى تانسىدا مەن ئۇنىڭ بىلەن ئارقا-ئارقىدىن بىر نەچچە قول تانسا ئوينىدىم،قىززىق ئىش،قىزلار قانچىكى ئۇنىڭغا ئامراق بولسا سىنىپىمىزدىكى ئوغۇللارمۇ مەندەك كەمسۆز قىزلارنى ياخشى كۆرسە كېرەك،كېيىن ساز باشلىنىشى بىلەنلا ماڭا قاراپ ئالدىراش كېلىۋاتقان(بۇ ئۆزۈمنىڭ خىيالى)ئارماننىڭ ئالدىدا مېنى تانسىغا تارتىۋالاتتى،مەن خۇددى گۇناھ مەندىدەك ئارمانغا ئوڭايسىز ھالەتتە قاراپ قوياتتىم،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ قىزغىنىشقا ئوخشاش ھىسسىياتنىڭ شولىسىنى كۆرگەندە بولسا ئىچىمدىن بىر خىل شاتلىق ئۇرغۇپ چىقاتتى.توۋا،مەن نىمە بولدۇم،ئەجىبا بۇ سۆزمەن يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەنمۇ؟؟ئۇنىڭ قۇلىقىمغا پىچىرلاپ دىگۈدەك دىگەن گەپلىرى راسمىدۇ؟ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇۋاتقان شۇنچە قىزلار تۇرسا ئۇ مەندەك بىر جىم-جىتلا يۈرىدىغان ئاددى بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمۇ؟ياق،ياق،ئۇ دائىم چاقچاق قىلىشقا ئامراق چوقۇم بۇ چاقچاق.
ئاشۇ كۈندىكى تانسىدىن كېيىن مەن باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىم،بىر نەچچە كۈنگىچە بىز تۈزۈكرەكمۇ پاراڭلاشمىدۇق،نىمە ئۈچۈنكىن ئارماننىڭ بۇرۇنقى پاراڭلىرى ئازلاپ كۈلكىلىرىمۇ يوق ھىسابىدىلا بولۇپ قالدى.بەزىدە ئولتۇرغان ئورنىدا مىدىرلىماي سائەتلەپ خىيال سۈرەتتى.ئۇنىڭغا قارىغاندا مەن خېلىگەپ قىلىدىغان بولۇپ سۆزمەنلىشىپ قالغان بولساممۇ بىراق ئۇ بار يەردە يەنىلا گېپىمنى تاپالماي تېنەيىتتىم.كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ كەتتى مانا قىشلىق تەتىل ۋاقتىمۇ بولدى.بۇگۈن يۇرۇتقا قايتىش ئۈچۈن بىر يۇرتلۇقلار بولىغان ئابتۇبۇس بىلەن قايىتماقچى بولۇپ نەرسە-كېرەكلىرىمنى ئېلىپ چۈشىۋاتاتتىم ياتاق دەرۋازىسى ئالدىدىلا ئۇنىڭغا ئۇچراپ قالدىم،
_قايتامسىز؟
مەن ھەئە دىگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭشىتتىم .ئۇ شۇنداق بىر غەمكىن ھالەتتە بىر ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كېيىن :
_مەنمۇ قايىتماقچى ئىدىم،سىلەرنىڭ يۇرتلىقڭلار كۆتىرە ئالغان ئابتۇبۇس مەكتەپكىلا كېلىدىكەن ھە؟مەن مۇشۇ يەردە خوشلىشاي،خوش ئامان بولۇڭ!_دەپ قولۇمغا بىر كونۋىرىتنى تۇتقۇزۇپ قويدىدە،ئارقىغا بۇرۇلۇپ ئىتتىك قەدەملەر بىلەن كېتىپ قالدى.
مەن ئابتۇبۇسقا چىقىپ قوزغالغاندىن كېيىنلا چەكسىز قىزىقىش ۋە ئىنتىزارلىق بىلەن كونۋىرىتنى ئاچتىم،خەت قىسقا قىلىپ يېزىلغان ئىدى«قەدىرلىك ئىپار،ئۇزۇن ئويلىنىشلار ئارقىلىق سىزگە خەت يېزىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم،نىمە بولدۇمكىن شۇنچە سۆزمەن كۆپ گەپ قىلىدىغان ئارمان ئەمدى سىزگە بۇ گەپلەرنى ئۇدۇل قىلالماي خەت ئارقىلىق ئىزھار قىلىدىغان بولدى.ئىپار ،بىلەمسىز مەن سىزنى ياخشى كۆرۈمەن،بۇ مېنىڭ چىن سۆزۈم،ئۆزۈم شوخ بولساممۇ بىراق مۇشۇ كەمگىچە قىزلارغا بۇنداق ھىسسىياتتا بولغىنىمنى بىلمەيمەن،نىمە ئۈچۈنكىن سىزدىكى ھەددىدىن ئارتۇق تارتىنچاق،جىمغۇر مىجەز دەسلەپتە ماڭا ياقمىغان ئىدى،بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىلمىدىم سىزنىڭ ساددا ئاشۇ مەسۇم تۇرقىڭىز مېنى مەھلىيا قىلىۋالدى سىزگە ئاشىق بولۇپ قالدىم،مەن باشقىلاردەك سىزنى ئارتۇقچە تەرىپلەپ ئۇچۇرۇپمۇ ئولتۇرمايمەن ،يېڭى يىل كۈنى زور غەيرەت بىلەن سىزگە قەلبىيمنى ئاشكارىلىغان ئىدىم،بىراق سىزدىن شۇ كەمگىچە جاۋاپ كۈتۈپ جاۋاپ ئالالمىدىم.ئىپار.خالىسىڭىز سىزمۇ مېنى ياخشى كۆرسىڭىز قىشلىق تەتىلدىن كەلگەندە ماڭا جاۋاپ سۈپىتىدە قوشماق مېغىز ئالغاچ كېلىڭ،خالىمىسىڭىز ئۈن-تىنسىز تۇرۇۋىلىڭ بولامدۇ؟مەن سىزنىڭ «ياق»دىگەن ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاشنى مەڭگۈ خالىمايمەن.
سىزنى مەڭگۈلۈك سۆيۈپ؛ئارمان»
خەتنى قانچە قېتىملاپ ئوقۇپ چىققىنىمنى بىلمەيمەن.ئىچىمدىن ئۇرغۇپ چىققان بىر خىل خوشاللىق بىلەن ئاپتۇبۇسنى ئاپتۇبۇس دىمەي پىرقىراپ ئۇسسۇل ئويناپ كەتكۇم كەلدى،ھەي بىراق ..مەن قانداقمۇ ئۇنىڭغا لايىق كېلەي؟؟
ئانام بىلەن كۆڭۈللۈك ئۆتكەن قىشلىق تەتىل ۋاقتىم توشۇپ مەكتەپكە قاراپ يول ئالدىم،مەكتەپنى ئوچۇقىنى ئېيىتقىنىمدا ئۇنى شۇنچىلىك سېغىنغان ئىدىم،تەتىلدە ئانامنىڭ قېشىدا گەپلىرىمىز تۈگىمەي كۈنلەر ئۆتكەن بولسىمۇ بىراق ھەر كۈنى چىدىغۇسىز بىر تەشنالىق مېنى قىينايىتتى،ئۇنىڭ كۈلۈپ:«ئىپارخان،مەلىكەم»دىيىشلىرى،شوخلۇق قىلىپ چېچىمنى تارتىشلىرى،دەرىس ۋاقىتلىرىدا خىيالىمنى بۆلۈپ ماڭا كىچىك باغاقچە يېزىشلىرى ھەر ۋاقىت كۆز ئالدىمدا زاھىر بولۇپ مېنىڭ ئۇنى شۇنچىلىك بىر ئوتتەك ھىسسىيات بىلەن ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى تەن ئالدۇراتتى.
مەكتەپكە كېلىپ نەرسە-كېرەكلىرىمنى بېسىقتۇرۇپ بولۇپ تۆۋەنگە چۈشۈشۈمگە ئۇنىڭغا دوقۇرىشىپ قالدىم.پۇتلىرىم ئىختىيارىمغا بويسۇنماي قەدەملىرىم كالۋالىشىپ كەتتى،ئۇنى شۇنچە سېغىنغان،ھەر ۋاقىت خىيالىمدىن كۆتۈرۈلمىگەن بولساممۇ بىراق تارتىنچاقلىق بىلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىيالمىدىم،بىر نەچچە قىز-يىگىت ساۋاقداشلىرىمىز بىللە چىقىپ تاماق يەپ كېلىدىغان بولدۇق،تاماق ۋاقتىدا بولسۇن بىللە ماڭغاندا بولسۇن مەن ئۇنىڭغا قارىمىغان بولساممۇ ئۇنىڭ ھامان ماڭا كۆز ئۈزمەي قاراۋاتقانلىغىنى سېزىپ تۇراتتىم تاماق يەپ بولۇپ قايتىشىمىزدا ئۇنىڭ يېقىن ئاغىنىسى ئەرپات نىمىلەرنىدۇر دەپ باشقىلارنى ئىلدام ئېلىپ كېتىپ ئىككىمىز يالغۇز قالدۇق.
_مەن دىگەن ئامانەتنى ئېلىپ كەلدىڭىزمۇ يا؟
ئۇ ئارىدىكى جىم-جىتلىقنى بۆلۈپ سورىدى .مەن ئوڭايسىز بىر كەيپىياتتا قىزىرىپ تۇرۇپ يانچۇقۇمغا سېلىۋالغان قوشماق مېغىز تۈگۈلگەن تۈگۈنچەكنى قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ كېتىپ قالماقچى بولۇپ قەدىمىمنى يۆتكىدىم.توك سوققاندەك بىر سېزىم بىلەن ئۇ ئىتتىك قولۇمنى تۇتۇۋالدى.كۆزلىرى ھاياجان ۋە خوشاللىقتىن نۇرلىنىپ كەتكەن ئىدى:
_بۇ،بۇ راسمۇ،ئىپار؟مەن چۈش كۆرۈۋاتمىغاندىمەن ھە؟
مەن قىزىرىپ كەتكەن يۈزلىرىمنى ئۇنىڭدىن قاچۇرغىنىمچە بېشىمنى لىڭشىتتىم.
_ئاھ رەھمەت مەلىكەم،سىز مېنى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەمگە ئايلاندۇردىڭىز.رەھمەت سىزگە _ئۇ ئورنىدا بىر نەچچىنى پىرقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئالدىمدا روبىرۇ تۇردى؛
_مېنى بەك خۇش قىلىۋەتتىڭىز،سىزنى ئۆمۈر بويى قەدىرلەيمەن،ياخشى كۆرىمەن،ماڭا ئىشىنىڭ،ھەر قانچە ئىش يۈز بەرسىمۇ سىزنى ھەرگىز نائۈمۈت قالدۇرمايمەن.كېلىڭ بۇ قوشماق مېغىزلارنى ئىككىمىز تەڭ يەيلى!


ئاشكار:

تۇنجى قىتىم ئىپارنىڭ قولىنى تۇتتۇم ، تۇنجى قىتىم ئۇنىڭ خۇشبوي ھىدىنى پۇرىدىم ، يەنە تۇنجى قىتىم ئىپارغا سۆيگۈ ھەققىدە ئېغىز ئاچتىم ، ئاشۇ بەش مىنۇتلۇق موزىكا ماڭا بىر كۆڭۈل ئىزھار قىلىش سورىنى ھازىرلاپ بەردى ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن يېنىمدا ئولتۇردىغان بۇ قىز بىلەن تۇنجى قىتىم كۈن-كۈنلەپ گەپ قىلىشمىدۇق، تۇنجى قىتىم شوقلۇقۇمنى يۇقاتتىم ، سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ئاۋازى ، كۈلكە-چاقچاقلار ماڭا مەنىسىز تۇيۇلدىغان بولوپ قالدى. ئىپار مەندىن رەسمىيلا يىتىرقاپ قالغان ئىدى . مەن بولسام سەل بالدۇرلۇق قىلغىنىمدىن ئەپسۇسلىنىپ كۈنلىرىمنى تۈگىمەس خىياللار بىلەن ئۆتكۈزىۋاتاتتىم. ھەش-پەش دىگۈچە مەۋسۇم ئاخىرى بولوپ قالدى. ئىپارنىڭ ئەتە يۇرتىغا قايتىدىغانلىقىنى بىلگەچكە بۈگۈن كىچىدە قىسقىلا قىلىپ بىر پارچە خەت يازدىم.
ئەتتىگەن تۇرۇپ نەرسە-كىرەكلىرىمنى يېغىشتۇرغاچ دىرىزىدىن مەيدانغا قاراپ-قاراپ قوياتتىم . ئىپارنىڭ خۇددى شەيتانلاردەك غىپلا قىلىپ كىتىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەتتىم . ياتاقتا ساقلاشنى راۋا كۆرمەي پەسكە چۈشتۈم ،ھەم قىزلار ياتاق رايۇنىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ساقلاپ تۇردۇم . ئىپار بىرھازادىن كىيىن چىقىپ كەلدى . ئارتۇق گەپ قىلمايلا خەتنى ئىپارغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ كەينىمگە ياندىم.
بۇرۇن تەتىل دىسە شۇنداق خوش بولوپ كىتەتتىم مانا ئەمدى يىنىمدا ئولتۇردىغان ھىلىقى قىز بولمىغاچ بۇ تەتىلنى ئاران توشقۇزۇپ تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتكەن مەكتەپكە ، ياق ئىپارنىڭ يىنىغا ماڭدىم . مەكتەپ شۇ پىتى تۇرۇپتۇ ، ياتاق بىنالىرىمۇ جايىدا ، مەن نەرسە-كىرەكلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپلا ، ئۇچىرغان ساۋاقداشلاردىن ئىپارنىڭ كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى سوراپ يۈردۇم . مۇشۇنداق سوراپ يۈرۈپ ئاغىنەم ئەرپات يەنە بىر نەچچە ساۋاقداشلارنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ يېنىغا باردىم . قىزغىن كۆرۈشۈشلەردىن كىيىن ، ئەرپات
- ھە ، نىمە دىمەكچى بولغىنىڭنى بىلىمەن ، ئەنە قارا ،ئۆزىمۇ كەلدى ،
ئۇ ماڭا مەكتەپ ئىچىدىن چىقىۋاتقان ئىپارنى كۆرسەتتى ، يۈرىكىم يەنە گۈپەلدەشكە باشلىدى ، بىر خوشال بولسام بىر ئەندىشەم بار ئىدى ، ئىختىيارسىز ئۇنىڭ قولىغا قاراتتىم ، قوشماق مېغىز ، قوشماق مېغىز ....... ئۇنىڭ يانچۇقىدىن بىرەر نەرسە ئىلىپلا ماڭا تۇتقۇزىشنى شۇنداق ئارزۇ قىلاتتىم .ئەمما ئىپار بىز بىلەن ئاددىيلا سالاملاشتى ، كىتىپ بارىمىز ، كۆزۈم ئىختىيارسىز ئىپارغا باقاتتى . ئەمما ئۇ پەرۋاسىز كىتىپ باراتتى ، بۇ بىر نەچچەيلەن تاماقلىنىپ قايتىدىغان ۋاقىتتا ئەرپات ، باشقىلارنى ئىلىپ
- ئازىراق ئىشىمىز بار ، سىلەر قايتىۋىرىڭلا ، دەپلا ئىپار ئىككىمىزنى يالغۇز قالدۇرۇپ قويدى ، ھەم ئىپارغا بىلىندۈرمەي ماڭا كۆزىنى قىسىپ قويدى.
مانا كىتىپ بارىمىز ، يا مەن گەپ قىلمىدىم ، يا ئىپار ، بىز خۇددى ناتونۇش كىشلەردەك ماڭماقتىمىز ، مەكتەپ قورۇسىغا كەلگەندە مەن بۇجىمجىتلىقنى بۇزدۇم.
- مەن دىگەن ئامانەتنى ئېلىپ كەلدىڭىزمۇ؟ ، ئىپار ماڭا ئارتۇقچە گەپ قىلماي ئاشۇ تۈگۈنچەكنى تۇتقۇزغان چاغدا قانچىلىك خوشال بولغىنىمنى ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن . ئېغىز-ئېغىزىمغا تەگمەي سۆزلەپ كەتكىنىم ئىسىمدە. ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ ئىپار بىلەن سۆيگۈ ئاتلىق بۇ مۇقەددەس نامغا قەدەم باستۇق. قىسقىسى مۇھەببەت بېغىغا يىڭى بىر جۇپ ئاشىق-مەشۇق قېتىلدى.
بىزنىڭ مۇھەببەتلىشىش ئۇسۇلىمىز باشقىلارغا قەتتىيلا ئوخشىمايتتى . سىنىپتا ساۋاقداشتەك ئۆتەتتۇق ، كىچە-كىچە تىلفۇنلىشىپ پاراڭلىشىدىغان ئىشلارمۇ يوق ئىدى ، بەزى دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۇيەر بۇيەرنى پىقىراپ يۈرگىنىمىزنى بىرەرسى كۆرۈپ قالمىسىلا بىزنى ھىچكىم بۇ ئىككىسى ئارلىشىۋاتىدۇ ، دەپ ئويلىمايتتى ، ( سىنىپتىكىلەردىن باشقا) . ساۋاقداشلىرىمىزمۇ بىزنى «زاڭلىق» قىلىپ« نەمۇنىچى ئاشىق-مەشۇقلار» دەپ قويىشاتتى ، ئەمما ھەر ئىككىلىمىز خوشال ئىدۇق ، ئاتۇقچە پۇل بۇزۇش ،ۋاقىت ئىسراپ قىلىش دىگەندەك ئىشلاردىن خالى ئىدۇق . مىنۇت-سكۇنىت بىللە يۈرمىگەچكە ئارىمىزدا ئازارلىشىش ئىشلىرىمۇ يۇق ئىدى . مۇشۇ تەرىقىدە كۈنلەر ئۆتىۋەردى ، يىڭى مەۋسۇم ، يەنە تەتىل ،يەنە يىڭى مەۋسۇم شۇنداق ئايلار يىللارنى قوغلاپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە 4-3يىل ئۆتۈپ كەتتى . ئەمدىلىكتە سىنىپتا ئىپار ئىككىمىزنى «يات مۇھەببەتلەر» دەپ ئاتايدىغانلار بىزگە قايىل بولۇشقا باشلىغان ئىدى ، چۈنكى بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز ساپ ھەم پاك ئىدى ، بىز تەننى ئەمەس روھنى سۆيۈپ كەلگەن ئىدۇق. بىز كەلگۈسىگە ئۇل سىلىۋاتقان ئىدۇق.
شەنبە كەچ ،تالادا يامغۇر يېغىۋاتاتتى . ياتاقنىڭ توكلىرى ئاللىقاچان ئۆچۈپ بولغان ئىدى. بىر چاغدا تىلفۇن سايرىدى . كەچ بولغاندا چوقۇم بىرەرسىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇرغان تىلفۇن بولسا كىرەك دەپ تىلفۇننى ئالدىم
-ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم ،
-ھەي ، مەن ئىپار ، ئۇنىڭ ئاۋازى مەيۈس چىقىۋاتاتتى.
- ھە ، ھەجەپ كەچ بولغاندا تىلفۇن قىلىپ قاپسەن.
-مەن سىرتتا ، دوستومنىڭ كىچىك ئاپىسنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق يەپ كەلگەن ئىدۇق، ياتاق بىناسى تاقىلىپ بولوپتۇ ، ئەمدى قانداق قىلىمەن،
-نىمە دەيدىغانسەن ، يېنىڭدا كىم بار ؟ تىلفۇننى بىرە .
-ۋەي ، ئارمان ، مەن ئادىلە . ئەمدى قانداق قىلىمىز ، قوقىۋاتىمىز ، ئەمدى راسىتلا ئىشەنگەن ئىدىم ،
- دەرۋازا ئالدىدا دالدىراق بىر جايدا تۇرۇپ تۇرۇڭلار ، شۇنداق دەپلا تىلفۇننى قويۇپ كىيىملىرىمنى كىيىگەچ ، ئەرپاتنى ئويغاتتىم ،
- قوپە ئاداش ، ئىپار بىلەن ئادىلە تالادا قاپتۇ ، ئۇ ئەندىكىپ تۇرۇپ كىيىم كىيىشكە باشلىدى .
بىز 3-قەۋەتتىن 2- قەۋەتكە چۈشۈپ شۇ يەردىن پەسكە سەكرەپ چۈشمەكچى بولدۇق ، ئاۋال كىم سەكرەيدۇ ، مەن سەكرەيمەن دىيىشىپ تۇرساق، بىزنىڭ ياتاقتىكى بىرسىنڭ ۋاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ئارمان ، ئەرپات يالغانكە ، ياتاققا كىرىڭلار . بۇ چاغدا مەن بىر پۇتۇمنى ساڭگىلتىپ بولغان ئىدىم . ئەگەر يەنە بىر مىنۇت كىيىن ۋاقىرغان بولسا پەسكە چۈشىۋىلىپ يامغۇردا نەلەردە يۈرەر بولغۇيتىم.
ياتاققا كىرىپ تۇرۇشۇمغا يەنە تىلفۇن كەلدى ، ئەسلى ، ئۇ ياتىقىدا تۇرۇپ،دىرىزىنى ئېچىپ ، قىزلار بىلەن دىيىشىۋىلىپ مىنى ئەخمەق قىلىپتىكەن . مەن يا ئاچچىقلىنىشىمنى يا كۈلۈشۈمنى بىلەلمەي قالدىم ، ئەمما ئىپارنىڭ تاتلىق گەپلىرى بىلەن كۈلۈپ تاشلىدىم.
مانا مۇشۇنداق قىززىقارلىق ئىشلار ، بىر -بىرىمىزگە مەنىلىك قاراپ بىقىشلا ، كۆيۈنىش ، ياردەم ...... بىزنى تىخمۇ چىڭ باغلىدى . ئەمما ۋاقىت بەك تېز ئۆتىۋاتاتتى. يەنە بىر ئايدىن كىيىن ئوقۇش پۇتتۇرىمىز ، مەن غۇلجىغا ئۇ ئۆزىنىڭ يۇرتىغا كىتىدۇ . 4يىللىق مۇھەببەت بەلكىم..... ئۇنداق بولمايدۇ ، چۈنكى بىز توي قىلىش ئۈچۈن مۇھەببەتلەشكەن . كەلگۈسىدا ئائىلە قۇرىمىز، ئوماق بالىلىرىمىز بولىدۇ .،، مانا مۇشۇنىڭدەك خىياللار مىنى ئەگىپ يۈردى ، بۈگۈن ئۇنى ئاتايىتەن چاقىرىپ ئۇزاقتىن-ئۇزاق پاراڭلاشتىم . ئاشۇ ياغاچ ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىدە مەن ئىپارنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:
- ئىپار ، مەن بىلەن مۇھەببەتلىشىپ بىرەر خولۇق كۆرمىدىڭ ، باشقىلاردەك سىنى دائىم خوشال قىلالمىدىم ، نۇرغۇن شەنبە-يەكشەنبىلەرنى يالغۇز ئۆتكۈزدۈڭ . باشقا ئاشىق-مەشۇقلار قولتۇقلىشىپ بازار ئايلانغان بولسا مەن ئىككىمىز مۇشۇ ياغاچ ئورۇندۇق ئۈستىدە كەلگۈسى ئۈچۈن پاراڭلاشتۇق . باشقىلار ئاپپاق ، جىنىم ، قوزام دەپ ئاتاشقان بولسا مەن ئۇنداق قىلالمىدىم . باشقا مەكتەپتىكى دوستلىرىمغا سىنىڭ بىلىڭدىن تۇتۇپ تۇرۇپ
- بۇ قىز مىنىڭ مۇھەببىتىم بولىدۇ ، دەپ تونۇشتۇرمىدىم ،
يەنە سىنىڭ رەسىمىڭنى باشقىلاردەك تىلفۇن ، ئىشكاپ قاتارلىق جايلارغا چاپلاپ قويمۇدۇم . قىسقىسى ساڭا بىرەر قىتىم گۈل ئىلىپ بەرگىنىممۇ يوق ، ئالدىنقى يىلدىكى تۇغۇلغان كۈنىڭنى پەقەت تىلفۇن ئارقىلىقلا تەبرىكلەپ قويدۇم ، ھەر قىتىم تەتىلنى تۈگىتىپ كەلگەن چىغىڭدا بىكەتكە چىقىپ يۈك-تاقلىرىڭنى كۆتۈرەلمىدىم . قىسقىسى ساڭا كۆڭۈل بىرەلمىدىم ،
تۇيۇقسىز مۆرەمگە بىر نەرسە تەگى ، باياتىن ياقى بىر نوقتىغا كۆزۈمنى تىكىپ سۆزلەۋاتاتتىم . ئاستا بېشىمنى كۆتۈردۈم . ئىپار مۆرەمگە بېشىنى قويۇپ يېغلاۋاتاتتى . قولۇمنى كەينىمگە ئېلىپ ئۇنى باغرىمغا باستىم . شۇ پەيىتتە ئەگەر مەن ئوغۇل بالا بولمىغان بولسام چوقۇم كۆز يېشى قىلغان بولاتتىم . ئىپار ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ:
- ئارمان ، مەن رازى ، ماڭا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق خوشاللىق يوق ، شۇنداق، بىز باشقا ئاشىق-مەشۇقلاردەك مۇھەببەتلەشمىگەن بولساقمۇ ، باشقىلاردەك مۇھەببەت پەيزىنى سۈرمىگەن بولساقمۇ ، ئەمما باشقىلار ھىس قىلمىغان خوشاللىقلارنى ئىزدەپ تاپتۇق ، مۇھەببىتىمىز ئاددى ،ئەمما مەنىلىك ، مەن سەندىن رازى ، مۇھەببىتىمىزدىن رازى.
يېنىمدا ئولتۇرغان بۇ قىزدىن يەنە بىر قىتىم مەمنونلاندىم . مەسلىگىم كىلىپ ئۇنىڭ ئويماقتەك ئېغىزلىرىغا ، ئەگمە قاشلىرىغا سەپ سالدىم . بۇلاقتەك كۆزلىرگە تىكىلدىم.


نىگار:

مۇھەببەت ئۇ بىر يېقىملىق موزىكا،تۇرمۇشىڭىزدا بۇنداق يېقىملىق موزىكا ياڭراپ تۇرۇدىكەن ھەر بىر مىنۇتىڭىز شۇ قەدەر جەلىپكارلىققا تولغان بولۇدۇ.مۇھەببەت ئۇ بىر خۇشپۇراق گۈل،بۇ گۈلنى پۇرىسىڭىز پۇرىغۇڭىز كېلىپلا تۇرغان...مۇھەببەتنىڭ تەرىپى بەكمۇ كۆپ بىراق ھەممىنى تەرىپلەپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس،ھاياجانلىق ھىس-تۇيغۇلىرىمنىڭ ھەممىسى ئارماننىڭ ماڭا ئاتا قىلغان ئوتلۇق سۆيگۈسىدىن كەلگەن،ئىككىمىزنىڭ مۇھەببەتكە تولغان كۈنلىرىمىز،دەرىس ئوقۇش،كىتاپ كۆرۈش،بىر-بىرىمىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش بىلەن شۇنچىلىك مەنىلىك بولۇۋاتاتتىكىن بۇ كۈنلەرنىڭ قانداقلارچە ئۆتۈپ ئوقۇش ھاياتىمىزنىڭ قىسقىراپ بېرىۋاتقانلىغىنى بىلمەيلا قېلىۋاتاتتۇق.بىز گەرچە باشقا-قىز-يىگىتلەردەك ھە دىسە ئويۇن-تاماشا قىلىپ ھەدىسە قولتۇقلىشىپ بازار ئايلىنىپ باشقىلارنىڭ كۆزىنى چاقنىتىپ يۈرمىگەن بولساقمۇ بىراق مۇھەببەتلىك كۈنلىرىمىز ئۆزىگە خاس بولغان رەڭدارلىققا تولغان ئىدى.ئارمان يەنىلا شۇ بۇرۇنقىدەك شوخ،سۆزمەن ئارمان ئىدى،ئۇنىڭغا يەنىلا قىزلار شۇنداق ئامراق ئىدى،سىنىپىمىزدا بولغان ئولتۇرۇشلاردا ئۇ يەنىلا شۇ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ناخشا ئېيتىپ يۈرەكنىڭ تارىلىرىنى چېكەتتى.مەن يەنىلا شۇنداق كەمسۆز،خىيالچان ئىپار ئىدىم.ئۇنىڭ مېنى جىلى قىلىشلىرىغا،ھەر خىل گەپلەرنى قىلىپ كۈلدۈرۈشكە تىرىشىشلىرىغا كۆنۈپ قالغان ئىدىم.ھەر بىر تەتىللەردە ئۆيگە قايىتقان ۋاقىتلىرىمىزدا بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيمايىتتى،تەتىل كۈنلىرىمىز قانچىكى زارىقىش،سېغىنىشقا تولسىمۇ كۆرۈشكەن ۋاقىتلىرىمىزدا ئۇنىڭ كۈچلۈك ئىپادىسى بىر-بىرىمىزنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ پۇتكۈل ھىسلىرىمىزنى كۆزلىرىمىز ئارقىلىق بىر-بىرىمىزگە يەتكۈزەتتۇق،ئېغىزلىرىمىزدا سۇس كۈلكە،كۆزلىرىمىز سۆزلەيىتتى،ئىھ،دۇنيادا كۆزنىڭ سۆزلىشىدەك يېقىملىق سۆز بولمىسا كېرەك،ئۇ كۈچلۈك ھىسسىيات چەشمىلىرىنىڭ جەملىنىمىسى...
كاللامدا ئانام ۋە ئۈگىنىشتىن باشقا «ئارمان»دىگەن بىر سۆيۈملۈك ئىسىملا بار ئىدى،مەن بۇ ئىسىمغا بۇ ئىسىمنىڭ ئىگىسىگە شۇ قەدەر ئاشىق بولغان ئىدىمكىن ئۇنى ئاددى تىل بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.بىراق مەن يەنىلا شۇنداق نازۇك،تارتىنچاق ئىدىم،ئۇنى شۇ قەدەر سۆيۈپ تۇرۇپمۇ ئۇنىڭغا ئۈنلۈك قىلىپ «سىزنى سۆيىمەن»دىيەلمەيىتتىم.ئۇ ئۆزىنىڭ شوخ تەبىئىتى بىلەن ماڭا شوخلۇق قىلىپ ھەر خىل ئىسىملارنى قويۇۋالغان ئىدى،مېنى شۇ قەدەر يېقىملىق قىلىپ «ئىپارخانىم»«مەلىكەم»«خانىشىم»دەپ چاقىراتتى.
دەسلەپتە ئىككىمىزنىڭ مۇھەببەتلەشكەنلىگىنى ھىچكىم بىلمىدى،پەقەت ئۇنىڭ ئاغىنىسى،سىردىشى ئەرپاتلا بىلگەن ئىدى،لېكىن ياتاقدىشىم زۇمرەت سىنىپتا بولسۇن،باشقا يەرلەردە بولسۇن ئوچۇقتىن-ئوچۇقلا كۆڭۈل ئىزھار قىلىشقا باشلىدى،مەن ئۇنىڭغا ئىشىنەتتىم،ھەمدە قانداق قىلىشنى ئۇنىڭ ئۆزىگە قويغان ئىدىم.شۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم زۈمرەتنىڭ سۈركىشىشىگە رەددىيە بېرىپ مەن بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىگىنى ئېيتىپتۇ،بۇنىڭدىن زۈمرەتلا ئەمەس سىنىپىمىزدىكى كۆپلىگەن ساۋاقداشلىرىمىز چۆچۈپ كېتىشتى،ھەسەت،رەشىك قاپلىغان چىرايلار ھەرخىل ھەر ياڭزا گەپلەرنى قىلىپ بېقىشتى،يەنى مەن بەك جىمغۇر ئۇ بەكلا شوخ پەقەتلا ماس كەلمەپتۇق.دوستانە چىرايلار بولسا ئەسلىدىنلا شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى،ئارمانغا پەقەت ئىپارلا ماس كېلىدۇ دىيىشتى،زۇمرەت سىنىپتا بولسۇن،ياتاقتا بولسۇن مېنى گەپتە چېقىپلا يۈردى،لېكىن ھەر قېتىم دىلىم ئازار يىگەندە ئارماننىڭ «ئىپارىم،بۇنداق ئىشلار بولمىغان مۇھەببەت قانداقمۇ مۇھەببەت بولسۇن،بۇ دىگەن تەبىئى ئەھۋال،كىم سىزنى مەندەك كېلىشكەن يىگىتنى تېپىۋالسۇن دەپتۇ »دەپ ھەييارلىق قىلغان ھەمدە سەمىمى ھالدا«مەن كۆكۈيۈندەك زۇمرەتنى ئەمەس،نازۇك،جەلىپكار ئىپارنى ياخشى كۆرىمەن،مېنىڭ شۇ قەدەر ئوتلۇق مۇھەببىتىم سىزنى قوغداپ تۇرۇۋاتسا سىزگە نىمە زەخمەت يىتەتتى؟»دىگەن گەپلىرى كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇراتتى،تۇرۇپ زۇمرەتكىمۇ ئىچىم ئاغرىپ قالاتتى،«ئەگەر ئارمان مېنى ياخشى كۆرمەي زۈمرەتنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسىچۇ؟»بۇ خىيالنىڭ ئاخىرىنى قىلىشقا پېتىنالمايىتتىم،چۈنكى ئارمان مېنىڭ ھاياتىمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان ئىدى،ئۇنىڭ شوخلۇق قىلىشلىرى،ئەتتەي مېنى جىلى قىلىشلىرى،خاپا بولۇپ دومسىيىپ تۇرۇۋالسام قىزىقارلىق گەپلەرنى قىلىپ مېنى كۈلدۈرۈۋىتىشلىرى ھەممىلا،ھەممىلا ئىشلىرى شۇ قەدەر سۆيۈملۈك ئىدى...
ھەر قېتىم تەتىلدە ئۆيگە قايىتقىنىمدا ئانام مەندىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى سېزىپ قالغاندەك قىلىپ مەندىن گەپ كوچىلاپ سورايىتتى،بىراق مەن ئانامنى ئورۇنسىز ئەندىشىگە سېلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ بۇ ئىشنى ئېيىتمىغان ئىدىم،ھەر قېتىم ئۆيگە قايتىپ ئانام بىلەن پاراڭلىشىپ مۇڭداشقان ۋاقىتلىرىمدا ئارمان ئىككىمىزنى ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كېيىن غۇۋا بىر تەغدىر كۆلەڭگۈسى ئىچىدە تېنەپ قالىدىغاندەك ھىس قىلىپ يۈرىكىم مۇزلاپ كېتەتتى،يەنە تېزلا ئۆزۈمگە قايتىپ ئىچىمدە ئاللاغا مىڭ زىكرى قىلاتتىم،ئارمان ئىككىمىزنىڭ ھازىرقىدەك تاتلىق،مەڭگۈ بىللە بولۇشىمىزنى تىلەيىتتىم،قىسقىسى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىش مەن ئۈچۈن ھاياتتىن ۋاز كېچىش بىلەن ئوخشاش بولۇپ تۇيۇلاتتى.ئارمانغا ئىشىنەتتىم،گەرچە ئۇ غۇلجىدىن مەن قەشقەرنىڭ بىر ناھىيەسىدىن بولساممۇ بىراق ئۇنىڭ «بۇ ئىشلاردىن غەم قىلمىساڭچۇ،مەن دىگەن ئوغۇل بالا ئىشقىلىپ ئامالىنى قىلىمەن»دىيىشلىرىگە ئىشىنەتتىم.
مەن ئوقۇشقا ماڭغان يىلىم ۋە كېيىنكى يىلىمدا ئوقۇش پۇلۇم ئۈچۈن ئانام قولىمىزدىكى ئاخىرقى ماللارنى سېتىۋەتكەن ئىدى،شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ تىككۇچىلىك ھۆنىرىمنى قىلىۋاتىمەن،مەھەللىدىكىلەر ھەممىسى ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ كىيىملەرنى تىككۈزۈۋاتىدۇ دەپ ئاز-ئازدىن پۇل ئەۋەتىپ تۇردى،ھەم ئۆزۈممۇ ئوقۇش مۇكاپات ئالغان پۇللىرىمنى بىر تىيىننىمۇ نېرى-بېرى قىلماي تېجەپ ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدىم.ئەمما كېيىنكى يىللارنىڭ ئوقۇش پۇللىرىنى ئانامنىڭ قانداق تاپقانلىغىنى شۇنداق ئىنچىكىلەپ سورىساممۇ ئۇ «داداڭنىڭ يىغىپ قويغىنى»دەپ پەقەتلا دىيىشكە ئۇنىمىغان ئىدى.دادامنىڭ يىغىپ قويغانلىرى ئاللىبۇرۇن تۇگىگەنلىگى ئېنىق تۇرسا..يەنە شۇنداقتىمۇ ئانامنىڭ نىمىنىدۇر دىيىشتىن قىسىلىپ ماڭا ئوچۇق دىمەسلىكى ماڭا بىر سىر بولۇپ قېلىۋەردى.ئىشقىلىپ ئوقۇش ھاياتىمدا ئاددى-ساددا ئۆتكەن بولساممۇ قىيىنچىلىق تارتىپ يىغلاپ قالمىدىم،ئۇنىڭ ئۈستىگە يېنىمدا ئارماندەك بىر يۆلەنچۈكۈم بار،كۈنلىرىم شۇنداق مەنىلىك گۈزەل ئىدى،شەنبە.يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇنىڭ بىلەن قىرائەتخانىغا بېرىپ كىتاپ ئوقۇيىتتىم،كىتاپقا شۇنچىلىك مەستانە ئىدىمكىن بەزى ۋاقىتلاردا ئارمان «مېنىمۇ ئاشۇ كىتاپنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرگىن جۇمۇ»دەپ بۇتناپمۇ قالاتتى...
ئابتۇبۇس بىر خىلدا ئىلگىرلىمەكتە.يېرىم كېچە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئۆتمۈش ئەسلىمىلىرىمنىڭ تاتلىق كۈيلىرى مېنى ھاياجانلاندۇرۇپ كۆزلىرىمدىن تامام ئۇيقۇ قاچقان ئىدى.ئۇنى ئەسلىگىنىمدە يۈرەكلىرىم تىپچەكلەپ،قانلار يۈزۈمگە تېپىپ چىقىپ خۇددى شۇ دەۋىرگە قايىتقاندەك،ئارمان ھېلىمۇ مېنى «مەلىكەم،ئىپارخان»دەۋاتقاندەك،ئۇنىڭ ئىسسىق نەپەسلىرى يۈزلىرىمگە ،قۇلاقلىرىمغا ئۇرۇلۇۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ شۇ قەدەر شېرىن تۇيغۇنىڭ ئەسىرىگە ئايلانغان ئىدىم...
ياشلىق نەقەدەر گۈزەل ۋاقىت ھە؟؟
شۇنداق تاتلىق كۈنلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مۇھەببەت،تاتلىق كۈيلەر خاتىمەسى سۈپىتى بىلەن ئوقۇش پۇتتۇرىدىغانغىمۇ مانا ئازلا ۋاقىت قالدى.ئۆز ۋاقتىدا ناگان-ناگاندا كاللامغا كەلسە سىلكىپ قوغلىۋىتىدىغان بۇ چوڭ سۇئال بەلگىسى مانا ئەمدى ھەر ۋاقىت كۆز ئالدىمدا لەيلەپ تۇرۇۋالىدىغان بولۇۋالدى،«ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ يۇرتقا قايتىش»دىگەن بۇ چىدىغۇسىز ھىجراندىن دېرەك بېرىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىغۇچە قۇلاقلىرىم پاڭ،كۆزلىرىم كور بولۇپ قېلىشىنىمۇ تىلەپ قالاتتىم.
بىر كۈنى بىز دائىم بىللە ئولتۇرۇپ كەلگۈسىنىڭ تاتلىق ئويلىرىغا چۆمۈدىغان ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇ ماڭا مېنىڭ ئۆزى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ ھىچقانداق خوۋلۇق كۆرمىگەنلىگىمنى،مېنى خوشال قىلغۇدەك ئىشلارنى قىلالمىغانلىقىنى ئېيتىپ مەندىن رازىمۇسەن دەپ سورىدى.شۇ چاغدىلا مەن ئۆزۈمنىڭ جىمغۇر مىجەزىم بىلەن ئۇنىڭغا قېنىپ تۇرۇپ كۆڭۈل سىرلىرمنى ئېيتىپ باقمىغانلىقىمنى،ئۇنى شۇ قەدەر،شۇ قەدەر سۆيىدىغانلىقىمنى ئاشكارىلاپ باقمىغانلىقىمنى ،ئۇنىڭ مۇھەببەتلىك تەلەپلىرىگە تارتىنچاقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلگەنلىگىمنى ئويلاپ قالدىم دەرۋەقە مەن ئۇنى سۆيەتتىم بىراق مەن ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ «سېنى سۆيىمەن»دەپ باقمىدىم. دەرۋەقە مەن ئۇنىڭدىن ،ئۇنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتىدىن رازى ئىدىم،لېكىن مەن ئۇنىڭغا مۇھەببەتلەرگە خاس ئۇسۇللار بىلەن مەن رازى دەپ كۆڭۈل سۆزلىرىمنى ئېيتىپ باقمىغان ئىدىم.ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ مېنى شۇنداق بىر يىغا تۇتتى،بېشىمنى ئۇنىڭ يەلكىسىگە قويدۇم.
_ئارمان مەن رازى،ماڭا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق خوشاللىق يوق،شۇنداق،بىز باشقا ئاشىق-مەشۇقلاردەك مۇھەببەتلەشمىگەن بولساقمۇ،باشقىلاردەك مۇھەببەتنىڭلا پەيزىنى سۈرۈپ ئۆتمىگەن بولساقمۇ،ئەمما باشقىلار ھىس قىلمىغان خوشاللىقلارنى ئىزدەپ تاپتۇق.مۇھەببىتىمىز ئاددى ئەمما مەنىلىك،مەن سەندىن رازى،مۇھەببىتىمىزدىن رازى،،،،
ئۇ ئىڭىكىمدىن تۇتۇپ مېنى ئۆزىگە قاراتتى،ئۇنىڭ كۆزلىرىمۇ نەمدەلگەن ئىدى،شۇ تاپتا بىر تۇپ سۆگەت تۈۋىدىكى بۇ ياغاچ ئورۇندۇق ئاي نۇرىدا بىزنىڭ شاھانە ئوردىمىز سۈپىتىدە بىزنىڭ ئوتلۇق سۆيگىمىزنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇۋاتاتتى.ئاتەش تىنىقلىرىمىز بىرلىشىپ مەن ئۇنىڭ باغرىغا سىماپتەك سىڭىپ كەتتىم،ھاياجان،تىترەك،مەندىكى تارتىنىشنىڭ غەليانى سۈپىتىدە ئۇنىڭ باغرىدا جىمىرلايىتتى .........
ئوقۇشقا يېڭى كەلگەن ۋاقىتلىرىمىزدا بىر-بىرىمىزدىن ياتسىرىشىپ يۈرىدىكەنمىز،ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىر-بىرىمىزگە مىھرىمىز چۈشۈپ مەكتەپ پۈتتۈرۈشكە قىيماي،بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلىشقا چىدىماي يىغلاپ قالىدىكەنمىز،بىزمۇ شۇنداق بولدۇق ھەش-پەش دىگۈچە بەش يىللىق مەكتەپ ھاياتىمىز ئاخىرلاشتى،ھەممىمىز ئۆزىمىز كەلگەن يۇرۇتلىرىمىزغا قايتىش تەيارلىقلىرى بىلەن بىللە بىر-بىرىمىزگە تۈگىمەس يۈرەك سۆزلىرىمىزنى ئىزھار قىلىشىپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدۇق،ئارمان مېنىڭ يۇرۇتتا بىر تاللا ئانام بارلىقىنى مېنىڭدىن باشقا ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوق ئىكەنلىگىنى بىلەتتى،شۇڭا ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كېيىنكى تۇرمۇش ئىشىدا ئاتا-ئانىسىنى قايىل قىلىپ مەن بىلەن مېنىڭ يۇرتۇمغا كېتىمەن دىگەن ئىدى،ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ گەپنى قىلىش قانچىلىك ئېغىر بولسىمۇ بىراق ئۇ مېنى چىن دىلىدىن سۆيگەنلىگى ئۈچۈن شۇنداق قارارغا كەلگەن ئىدى.بىراق ئۇ بۇ ئىشنى ئۆيدىكىلىرىگە دەپتىكەن ئاتا-ئانىسى قەتئى قوشۇلماپتۇ ،ئانىسى يىغلاپ قاخشاپ ئاغرىپ يېتىپ قاپتۇ.
مەن قانچىكى غەم قىلسام ئۇ ماڭا شۇنچە تەسەللى بېرەتتى ئۆزىنى خوشال تۇتۇشقا ئۇرۇناتتى،ئامال قىلىدىغانلىقىنى مېنىڭ قەتئى غەم قىلماسلىقىمنى ئېيتاتتى،بىراق،ئۇمۇ ئائىلىسىدە ئۆيىنىڭ كىچىكى تۇرسا..مۇمكىنمىدۇ؟؟؟
ئاخىرى ئىككىلىمىز ئۆز يۇرتىمىزغا قايتىدىغان ئۇ ئائىلىسىگە بارغاندىن كېيىن ئاتا-ئانىسىنى كۆندۈرىدىغان بولدى.ئاھ كۆزلىرىمدىن يامغۇردەك ياشلار تۆكۈلەتتى ،مەن ئۇنىڭغا شۇنچىلىك كۆنۈپ قالغان ئىدىمكىن ئۇنىڭدىن بىر ئاي بىر يىل ئەمەس بىر كۈن،بىر مىنۇتمۇ ئايرىلىشقا قىيمايىتتىم.ئەتە ماڭىمىز دىگەن كۈنى كەچتە بىز يەنە سۆيگۈمىز گۇۋاھچىسى بولغان ھېلىقى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇق،گەپ قىلىشقا رايىم يوق ئىدى ئىچ-ئىچىمدىن يىغا چىقىپ ئۆكسۈپ تۇراتتىم،ئۇمۇ شۇ قەدەر غەمكىن،كۈلۈشكىلا يارالغاندەك كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككىنىچە ئۇھسىنىپ ئولتۇراتتى.مەن بارا-بارا ئىسەدەشكە باشلىدىم.
_ئىپار،_ئۇ تىترەڭگۈ ئاۋازدا گەپ باشلىدى_بۇنداق قىلمىغىن بولامدۇ؟بىز مەڭگۈلۈك ئايرىلمايمىزغۇ؟بۇ ئايرىلىشىمىز پەقەت ۋاقىتلىققۇ؟يىغلىمىغىن،سەن يىغلىساڭ يۈرەكلىرىم لەختە-لەختە بولۇپ كېتىدىكەن.._ئۇنىڭ ئۈنى بوغۇلۇپ كەتتى،مەن گەپ قىلالماي ئۇنىڭ باغرىغا تاشلاندىمدە تېخىمۇ كۈچەپ يىغلاشقا باشلىدىم،ئۇ مېنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە ئۆزىمۇ ماڭا قوشۇلۇپ ئىسەدەشكە باشلىدى.
ئىھ مۇھەببەت،سېنىڭ سىرلىقلىقىڭ مانامۇشۇ يەردە،بەزىدە ئادەمنى قاھ-قاھلىتىپ كۈلدۈرىسەن،بەزىدە مانا مۇشۇنداق ھىجران ئازابىسدا كۆزلەردىن يۇم-يۇم ياش تۆككۈزىسەن.
ھېلىلا يورۇق نۇرلىرى بىلەن ئاۋالقىدەك بۇ ئىككى ياشنىڭ ئوت سۆيگۈسىدىن ھوزۇر ئېلىشنى ئويلىغان تولۇنئايمۇ بۇ پىغانلىق كۆرۈنۈشكە تاقەت قىلالمىدى بولغاي ئاستا بۇلۇتلار كەينىگە ئۆزىنى ئالدى.......
ئابتۇبۇس بىر خىلدا ئىلگىرلىمەكتە،خىياللىرىم قوينىدا يىغلاۋاتقان «مەن»ئۆكسۈشلىرىمنىڭ سىرىتقا چىقىپ ئابتۇبۇس ئىچىدىكى سەپەرداشلىرىمنى ئۇيغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن لەۋلىرىمنى مەھكەم چىشلەپ ئىز چىقىرىۋەتتىم.خىيال قۇشلىرىم يەنىلا ئاشۇ تاتلىق-ئاچچىق ئەسلىمىلەر قوينىدا ئۇچۇپ يۈرمەكتە مېنى كۈلدۈرۈپ ئەمدى مانا يىغلاتماقتا ئىدى.
ئوقۇش پۇتتۇرۇپ يۇرۇتقا قايتىپ كەلگىنىمىزگىمۇ ھەش-پەش دىگۈچە بىر ئاي بولۇپ قالدى.ئۇنىڭدىن كۈندە تېلىفۇن كېلىپ تۇراتتى،تېلىفۇندا ئەھۋال سورىشىپ سېغىنىشلىق سالاملىرىمىزنى يوللايىتتۇق تېلىفۇننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن بولسا ياستۇقنى قۇچاقلاپ ھىجرانلىق ياش تۆكەتتىم،ئۇ گەرچە مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرۇپ تاتلىق گەپلەرنى قىلىپ ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرسىمۇ بىراق مېنى قورقۇنۇچلۇق بىر شۇم تەغدىر كۈتۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئۇنىڭدىن ھامان ئايرىلىپ قالىدىغاندەك بىر سېزىم قىينايىتتى ،غۇۋا كۆلەڭگۈ بولۇپ كۆز ئالدىمنى تۇمانلاشتۇراتتى.شۇ كۈنلەردە ئانامنىڭ تۇرۇپ-تۇرۇپلا ساقلىقى يوق بولۇدىغان بولۇپ قالدى.بىر قېتىم خىزمەت ئىشىمنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشقا بېرىپ قايتىپ كەلگىنىمدە ئانام چايخانىدىكى سۇپىدا ھوشسىز يېتىپ قاپتۇ.«ئانا»ئۇچقاندەك كېلىپ ئۇنى يۆلىدىم،قورقۇپ كېتىپ جېنىمنىڭ بارىچە توۋلاشقا باشلىدىم،خوشنىمىز مەرەمنىسا ئاچام يۈگۈرەپ كىرىپ كەلدىدە يولدىشى بىلەن بىللە ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردۇق.كۈتۈش ئۆيىدە تىت-تىت بولغان ھالسدا دوختۇرنى ساقلاپ ئولتۇردۇم.دوختۇر چىققاندىن كېيىن يۈگۈرەپ بېرىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم؛
_دوختۇر،ئانامنىڭ ئەھۋالى قانداق؟
_سىز قىزى بولامسىز؟
_ھەئە
_ئانىڭىز ئېغىر دەرىجىدىكى بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بوپتۇ،ئۇنى تېزدىن شەھەرلىك دوختۇرخانىغا يۆتكىمىسەڭلار بولمايدۇ.مەن قەغەز قىلىپ بېرەي قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى.
_نىمە؟_بېشىم «پىررىدە»قېيىپ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى.نىمە ئۈچۈن؟نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولۇدۇ؟
ئانامنىڭ قېشىغا كىردىم،ئۇ ھالسىز كۆزلىرىنى ئېچىپ ياتاتتى.
_دوختۇر نىمە دەيدۇ قىزىم؟
_ھىچنىمە،چارچاپ قاپتۇ ئوبدانراق ئارام ئالسۇن دەيدۇ.
مەن كۆز ياشلىرىمنى ئانامنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ياتاقتىن يېنىپ چىقتىم،پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كېتىۋاتسام بىزگە شېرەم تۇققان كېلىدىغان،ناھىيەلىك كادىرلار ئىدارىسىىدا ئىشلەيدىغان ماخمۇتجان ئاكا ئۇچراپ قالدى،ئۇ مەندىن 5 ياش چوڭ بولۇپ ئايالى بىلەن پەرزەنىت يۈزى كۆرمىگەنلىك سەۋەبى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن ئىدى،ئالدىنقى بىر نەچچە قېتىم تەتىللەردە كەلگىنىمدە ئۇ جىق سوغا سالام بىلەن ئانامنى يوقلاپ كەلگەن. ئانام ئۆزىنىڭ ھالىدىن كۆپ خەۋەر ئالغانلىقىنى كۆپ ئىشلاردا ياردەم قىلغانلىقىنى ئېيتىپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتكەن ئىدى،
_ئىپار ئۆيۈڭلارغا بارسام خوشنىلار شۇنداق دىدى،چوڭ ئاپامنىڭ ئەھۋالى قانداق؟
مەن گەپ قىلالماي «پاڭڭىدە»يىغلاپ تاشلىدىم_دە ئۇنىڭغا دوختۇرنىڭ دىگىنىنى ئېيىتتىم.
_بولدى يىغلىماڭ!دەرھال ئاپىرايلى دوختۇرغا ..
_بىراق..
_پۇلدىن غەم قىلىۋاتامسىز؟قانداق گەپ بۇ مەن تۇرسام،بولدى غەم قىلماڭ!
شۇنداق قىلىپ ئانامنى دوختۇرخانىغا يۆتكەپ بىر ئايدىن ئوشۇق ياتقۇزدۇق .ئازراق ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ياندۇرۇپ ئاچىقتۇق،پۇتۇن چىقىملارنى ماخمۇتجان ئاكا ئۆز ئۈستىگە ئالدى،يەنە تېخى كۈن ئارىلاپ دىگۈدەك شەھەرگە كىرىپ ئانامنى يوقلاپ تۇردى.مەن ئۇنىڭدىن شۇنداق تەسىرلەندىم ھەم خىزمەتكە چىقسام بىرىنجى بولۇپ مۇئاشىم بىلەن بولسىمۇ ئۇنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۇم.دوختۇرخانىدا ياتقان ۋاقىتلاردا ئارمان بىلەن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى،ئۇنى شۇنداق سېغىنغان ئىدىم.ئۆيگە كېلىپلا ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلدىم،ئۇ ئانامنىڭ ئەھۋالىغا ھىسداشلىق قىلدى،بىراق ماخمۇتجان ئاكىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ شۇنداق كوچىلاپ سۇرۇشتۇرۇپ كەتتى،ھەمدە مېنى دىققەت قىلىشقا تاپىلىدى،قىززىق،ئۇ دىگەن ئاكام سۇپەت ئادەم تۇرسا مۇشۇ ئارمانمۇ زە،يىراق بولغاندىن كېيىن كۆڭۈلدىن ھەر خىل گەپلەر كەچمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە..
ئىشىكتىن كىرىۋىتىپ ماخمۇتجان ئاكا بىلەن ئانامنى قىلىشىۋاتقان گېپى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.
_ماخمۇتجان بالام،سىزنىڭ ئۆتكەندە دىگەن گەپلىرىڭىزنى ئىپارغا دىگۈدەك بولمىدىم،قارىسام بۇ قىز ئوقۇشتا بىرسى بىلەن ئارىلاشقاندەك تۇرۇدۇ،كۈندە دىگۈدەك تېلىفۇننىڭ قېشىدىن كېلەلمەيدۇ،مەن بولسام ئاغرىقچان بۇ يالغۇز قىزىمنى يىراق يات يەرلەرگە بېرىشكە مېنىڭ كۆزۈم قىيمايدۇ،سىزنىڭ دىگىنىڭىزمۇ ئورۇنلۇق،سىز ئۆزىڭىز ئاۋال ئېغىز ئېچىڭ،خىزمەت ئىشىنىڭ ھەل بولۇشىدا سىزنىڭ قول تىققىنىڭىزنى بىلسۇن.مەنمۇ نەسىھەت قىلىمەن،بۇ بالامزە دادىسىدىن كىچىك قېلىپ تولىمۇ نازۇك كەمسۆز چوڭ بولدى،باشقىلارنىڭ قولىدا خارلىنىپ قالامدىكىن دەيمەن،سىزگە بەرسەمغۇ خاتىرجەم كۆزۈم يۇمۇلاتتى مېنىڭ،
_ئانا خاتىرجەم بولۇڭ، ئىپارنىڭمۇ ئاستا-ئاستا كاللىسىدىن ئۆتۈدۇ،شۇ مەنمۇ بولسا تېزراق تويىمىزنى قىلساقكەن دەيمەن.
جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم،ئاھ،بۇ قانداق گەپ،،،
كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا چىقىپ كەتتىم،ئۆيىمىزنىڭ كەينىدىكى باققا كىرىپ ھارغۇچە يىغلىدىم،مۇمكىن ئەمەس،مېنىڭ ئارماندىن باشقا ئادەم بىلەن توي قىلىشىم مۇمكىن ئەمەس.ياق،ياق،،،،
تېخى بايىلا ئارمانغا خىزمەت ئىشىمنى زور خوشخەۋەر سۈپىتىدە ئېيتىپ بەرگەن ئىدىم،ئەسلى خىزمىتىمنىڭ بۇنداق تېز پۇتۇشى ماخمۇتجان ئاكىنىڭ قول تىقىشى بىلەن بولغانلىقىنى نەدىن بىلەي؟؟
ياق،نىمىلا بولسۇن مەن بۇنى قوبۇل قىلالمايمەن،ئانامغا ئېيتاي،ئۇ مېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈدىغۇ،قاراپ تۇرۇپ قىزىنىڭ تۇنجى غۇبارسىز سۆيگۈسىنىڭ توزۇپ كېتىشىگە يول قويماس...
يىغلاپ-قاخشاپ ئانامغا چۈشەندۇرۇشلەر،يېلىنىپ-يالۋۇرۇشلار ھەممىسى بىكار بولدى،بىچارە ئاناممۇ ماڭا ئوخشاشلا تۆكۈلۈپ،يىغلاپ تۇراتتى،ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئانامنىڭ ماخمۇتجاننىڭ ئالدىدا تىلى قىسقامىش،مېنىڭ كېيىنكى يىللاردىكى ئوقۇش راسخوتۇمنىمۇ ماخمۇتجان بەرگەن ئىمىش ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ بۇ قېتىمقى دوختۇرخانىدا يېتىش راسخوتىمۇ بار ئىكەن....
قايسى تىلىم بىلەن ئېيتاي،قايسى كۆزلىرىم بىلەن كۆرەي.قايسى قۇلاقلىرىم بىلەن ئاڭلاي....
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئارماندىن بىر خەت تاپشۇرۇۋالدىم.
«قەدىرلىگىم ئىپار،(مېنىڭ سۆيۈملۈك مەلىكەم،خانىشىم)ئەزىز تېنىڭ ئاماندۇ؟قەدىردان ئانىمىزنىڭ ئەھۋالى قانداقراق،ئۇلۇغ ئاللادىن ئەزىز ئانىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.
ئىپارىم،مېنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئەزىز دىلكىشىم،شۇ تاپتا سېنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىمنى بىلەمسىەن؟ ھەر ۋاقىت كۆز ئالدىمدا پەقەت سەن،پەقەتلا سەن،سېنىڭ يېقىملىق كۈلۈشلىرىڭنى،قايرىما كىرپىكلىك سىھىرلىك كۆزلىرىڭنى،شۇنچە قىزىق گەپ قىلىپ بەرسەممۇ ئاۋاز چىقىرىپ كۈلۈشكە پىششىقلىق قىلىدىغان ئويماق ئېغىزلىرىڭنى شۇنچىلىك سېغىندىمكىن بۇنى ئاددى تىل بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس.سەن مېنىڭ پۇتكۇل تومۇرلاردىكى قان-قانلىرىمغا سىڭىپ كېتىپسەنكىن سېنى بىر مىنۇت خىيالىمدىن قوغلاش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس،سەنمۇ مېنى سېغىندىڭمۇ؟ھەي پىششىق،مۇشۇنداق دىسەم ئىھتىمال چىرايلىق لەۋلىرىڭنى پۇرۇشتۇرۇپ بېشىڭنى چايقاپ قويۇپ پەرۋاسىز ئولتۇرارسەنمۇ دەيمەن.شۇنداق قىلىپ باققىنە قېنى (مەن مەردان سېنى ئوردىدىن ئېلىپ قاچمايمەن!)
ئىپارىم،سىېنىڭ يېقىملىق پۇراقلىرىڭغا تەشنا ئارمانىڭ سەن بىلەن تېلىفۇندا سۆزلىشىشكە قانائەت قىلماي،پۈتكۈل قەلبىنى خەت ئارقىلىق تۆكۈپ ئىچ-ئىچگە سىغماي قېلىۋاتقان يۈرەك تىۋىشلىرىنى قۇلاقلىرىڭغا پىچىرلاۋاتىدۇ،بىلەمسەن گۈلۈم،ماڭا سەنسىز بۇ دۇنيا مۇمكىن بولمايدىكەن،سېنىڭدىن ئايرىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يىگەن تاماقلىرىممۇ تېتىماي ئورۇقلاپ كەتتىم،(بارغاندا قۇچاقلىساڭ بىلىسەن ھا ھا ھا)
ئۆزەڭمۇ بىلىسەن،مەن ئۆينىڭ كىچىكى بولغاچقا ئاپام ماڭا چىدىمايدۇ،شۇڭا دەماللىق سېنىڭ يۇرتۇڭغا بېرىشىمغا قوشۇلمايۋاتىدۇ،قايسى كۈنى مەن بىلەن بىر نەۋرە تۇققىنىمىزنىڭ قىزىنى سايە قىلىپ گەپ قىلىۋاتىدۇ،بىچارە ئاپام ئىھتىمال ،شۇ قىزلارنى كۆرسە سەندەك «قەشقەرلىك»نىڭ ئوتىنى بېسىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان چېغى،بىراق مۇمكىنمۇ؟جېنىم،مېنىڭ ھاياتىم سەن بىلەن چەمبەر-چەس باغلانغان،مەن سەنسىز،سەن بولمىغان بۇ دۇنيادا قانداقمۇ ئارمان بولۇپ ياشىيالايمەن؟
يېقىندىن بېرى،تېلىفۇندىكى ئەھۋالىڭ بەكمۇ بوش،سەۋەبىنى سورىسام يەنىلا«ھىچنىمە»دەپ تۇرۇۋالىسەن.قايسى كۈنى بىر چۈش كۆرۈپ قاپتىمەن،ئىككىمىز شۇنداق چىرايلىق بىر يايلاقتا سەيلە قىلىپ يۈرگىدەكمىز،بىر ۋاقىتتا قانداق بولدىكىن سەن بىر چۆجىگە مەن لاچىنغا ئايلىنىپ قاپتىمەن،سېنى ھىمايە قىلىپ يۈرگىدەكمەن،توۋا مەن قۇشقا ئايلىنىپمۇ ساڭا زىيان يەتكۈزمەي ئىخلاسىم بىلەن ئەتراپىڭونى قوغداپ يۈرۈپتىمەن،شۇ چاغ قانداق بولدى بىر بوران چىقىپ بىر بۇركۇت سېنى قاماللاپ ئېلىپ كېتىپ بارغۇدەك،مەن ياق،ياق،ئىپار دىگىنىمچە ئۇيغىنىپ كەتتىم قارىسام چىلىق-چىلىق سۇنىڭ ئىچىدە قاپتىمەن،مومامنىڭ ئۈگىتىپ قويغىنى بويىچە ھىچكىمگە دىمەي سول تەرىپىمگە ئۈچنى تۇكۇرۇپ ئامانلىقىڭنى تىلىدىم.
ئىپار،كۈنلەر ئۆتكەنسىرى چوڭلار بىزنى چۈشىنىدۇ،خاتىرجەم بولغىن مەن چوقۇم شۇنداق قىلالايمەن،پەقەت بىر مەزگىل جاپا تارتىدىغان بولدۇڭ،سېنى يالغۇز قويىدىغان بولدۇم،ھازىر ئاپامغا بۇ گەپنى قىلساملا ئاغرىپ يېتىپ قالىدۇ،لېكىن ئىشىنىمەن،ئاپام شۇنداق بىر سۆيۈملۈك ئاپىكىن كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ساڭا ئۆز قولى بىلەن توي ياغلىقى ياپىدۇ.بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل،سەنمۇ ئىشەنگىن قانداقلا بولمىسۇن بەردەم بولغىن ئارمانىڭ يىراقتا بولسىمۇ ھەر مىنۇت-سىكۇنىت سېنى ئەسلەپ تۇرۇۋاتىدۇ،سېنى چىن دىلىدىن سېغىنىپ ھەر ۋاقىت«ئىپار،مېنىڭ خۇشپۇراق گۈلۈم،سەن مېنىڭ،سەن مېنىڭ »دەپ زىكرى قىلىپ تۇرۇدۇ.ماڭا ئىشەنگىن،بەل قويمايدىغىنىڭغا ئىشىنىمەن،ئارمانىڭنىڭ ئارمىنىنى يەردە قويمىغىن سۆيۈملۈك مەلىكەم،خەيىر سېنى يىراقتىن چىن يۈرىكى بىلەن،ئوتلۇق ھىسلىرى بىلەن سۆيۈپ .ئارمان.»
تىترەپ تۇرۇپ،كۆزلىرىمدىن يامغۇردەك ياش تۆكۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ خېتىنى ئوقۇپ چىقتىم،يېنىش-يېنىشلاپ ئۇنىڭ تونۇش پوچىركىلىرىنى سۆيدۈم،باغرىمغا باستىم،ئۇنىڭ ھىدى كېلىدىغاندەك ھىدلىدىم...
ئارمان،سېنى قانداقمۇ سېغىنماي تۇرالاي؟بىلسەڭ سەنسىز ئۆتكەن ھەر بىر كۈنۈمنى مىنۇت-سىكۇنىتلاپ ساناپ ئۆتكۈزۈۋاتىمەن،ھىجران ئازابىدا لەختە بولغان يۈرىكىمدە كۈندە نەچچە رەت سېنىڭ نامىڭنى ئويۇپ تۇرۇمەن.تۇنجى بولۇپ يات جىنىستىن قوللىرىمنى تۇتقانمۇ سەن،تۇنجى بولۇپ لەۋلىرىمگە سۆيگۈ تامغىسى باسقانمۇ سەن،يۈرىكىمنى ئۇستىلىق بىلەن ئوغىرلاپ يۈرىكىڭنى ماڭا قالدۇرغانمۇ سەن،جېنىم....سەن مېنىڭ بارلىقىم...
مەن يىراقلارغا قاراپ ئۈنسىز پىچىرلىدىم.يۈرىكىم ھېلىلا تاپشۇرۇۋالغان ئارماننىڭ ئوتلۇق سۆيگۈ خېتى بىلەن تىپچەكلىسە يەنە قانداقتۇر نامەلۇم ۋەھىمىلىك شۇملۇقنىڭ بىشارىتى كېلىۋاتقان ئانام ئىككىمىزنىڭ قىلىشىۋاتقان سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىدىن سىرقىراپ ئاغرىپ تۇراتتى.

ئاشكار:

ئۇ كەتتى ، مىنىڭ ئىپارىم كەتتى ، بۇ قىتىم ئىپارنى بىكەتكىچە ئۇزىتىپ باردىم. يۈك-تاقىلىرنى كۆتۈرۈپ ئۇزۇن يوللۇق ئابتوبۇسقا سېلىپ قويدۇم . پەقەت ئىپارنىلا ئەمەس ، سۆيگۈمنى ، ئارزۇ-ئارمانلىرىمنى ، مەيدەمدە توختىماي پىچەكلەپ تۇرغان يۈرىكىمنى سېلىپ قويدۇم. كەينىمگە قاراپ باقسام نۇرغۇن ئەسلىمىلەر ماڭا قول سۇنىۋاتىدۇ ، ئالدىمغا قارىسام ماشىنىڭ ئاستا قوزغېلىشى بىلەن ئىپارىم ماڭا قول پۇلاڭلىۋاتىدۇ ، مۇشۇ پەيىتتە مىنىڭمۇ ئابتوبۇسقا چىقىپ ئىپار بىلەن كەتتىم كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ مۇشۇ ئەخلاقلىق قىزنى باققان ئانىسىنىڭ قوللىرىغا سۆيگۈم كەلدى، ئىچىم ئاچچىق بولوپ كوچا ئاپتوبۇسقىمۇ چىقماي ئىغىر قەدەملىرى ئاران تاشلاپ سالپايغان ھالدا ياتاققا قايتىپ كەلدىم . ياتاقتا ئەرپات يالغۇز ئولتۇرۇپتۇ . بېرىپلا جايىمدا سۇڭايلىنىپ ياتتىم . ياتاق ئىچىمۇ يالغۇزسىراپ قالغان ئىدى ، بىر نەچچە بالا تۈنۈگۈنلا يۇرتلىرغا قايتىشقان بولوپ مەن ، ئەرپات ، يەنە بۆرتالالىق بىر بالا قالغان ئىدۇق . خىيالىم يەنىلا ئىپاردا ئىدى ،
- ئارمان ، ئىپار كەتتىما؟ ، ئەرپاتنىڭ بۇگىپى بىلەن ئىسىمنى يىغدىم ،
-كەتتى ، ئاداش ، كەتتى ، ئەرپات ماڭا قانداق ئىلھام ، مەدەت بېرىشنى بىلمەي قالدىمۇ ، گەپ قىلماي سۇخانىغا چىقىپ كەتتى، بىر ھازادىن قايتىپ كىلىپ ،
- ئارمان ، ئەتە بىزمۇ ماڭايلى ، بۇ يەردە تۇرىۋەرسەڭ تىخىمۇ قىينېلىسەن ، بۈگۈن كەچتە بۇ ياتاقتا ئاخىرقى قىتىم يېتىۋالايلى ، تازا بىر مۇڭدېشىۋالايلى ، يۈرە تاماق يەپ كىرەيلى ، ئۇ شۇنداق دەپلا قولۇمدىن تارتىپ ماڭدى ،
يالغۇز ياتاقتا ئەرپات بىلەن يېرىم كىچىگىچە پاراڭلىشىپتىمەن ، يىڭى كەلگەن چاغلاردىكى بالىلارنىڭ يىتىرقاشلىرى ، جۇرئەتكە كىتاب ئېتىپ ئىپاردىن تىل ئاڭلىغىنىمنى ، يىڭى يىلدىكى تانسىنى ، يەنە ئىپارنى دەپ يامغۇردا 2-قەۋەتتىن سەكرەپ چۈشكىلى تاس قالغىنىمىزنى ، ئىشقىلىپ بۇ 5يىللىق ئوقۇش ھاياتىمىزدىكى ئەسلىيەلەيدىغان ئىشلارنى ھەممىسىنى بىر قۇر تىلغا ئېلىپ چىقتۇق ، بىردە كۈلسەك بىردە جىمىپ كىتەتتۇق . ئەمما ئەرپات مەندىن ئىپار توغۇرلۇق ھىچقانداق ئىشنى سورىمىدى ، بەلكىم مىنى كۆڭلى بۇزۇلمىسۇن دەپ ئويلىغاندۇ .
ئاپتوبۇس بىرخىل سۈرەتتە يۈرىۋاتاتتى . بارغانسىرى يوللار ماڭا تونۇش بىلىندى ، چۈنكى يۇرتۇمغا يىقىنلاپ قالغان ئىدىم ، يول ياقىسىدىكى ئاق تىرەكلەر ، ئاچا يوللاردىكى يول بەلگىلىرى ، ئىشقىلىپ ھەممە نەرسە ماڭا بىرخىل ئىللىق تۇيۇلاتتى ، ئەمما يۇرتقا يىقىنلاشقانسىرى مەن كەلگۈسىمدىن يىراقلاشقاندەك ، ئىپاردىن يىراقلاشقاندەك، بەختىم قاياقلارغىدۇ ئۇچۇپ كىتىۋاتقاندەك كەيپىياتتا ئىدىم . مانا ئۆيگىمۇ يىتىپ كەلدىم . كىشلىرى خۇشچاقچاق ،غۇلجا شەھرىگە كەلدىم . مەن تۇغۇلغان ، سەبىيلىكىم ، بالىلىقىمنى ئۆتكۈزگەن ئانا دىيارغا يىتىپ كەلدىم . ئىشىكتىن كىرىپ بولغىچە دادام قولۇمدىن سومكېلىرىمنى تالاشتى ، ئاپام پىشانىلىرمگە سۆيۈپ كۆز يېشى قىلدى ، قوشنا -خولۇملار كەلگىنىمنى ئاڭلاپ ئۆيگە كىرىپ مەندىن ئەھۋال سوراشتى ، ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق خوشال ئىدى ، ئەمما مىنىڭ قەلبىمدە بىرخىل ياتسىراش ھۆكۈم سۈرىۋاتاتتى. پات-پات قولۇمغا قاراپ تۇراتتىم . خۇددى قولۇمدا ئىپارنىڭ نازۇك قوللىرىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغان چاغلارغا ئوخشاش. ياتاق ئۆيۈمگە كىرىۋىلپ ئەلبۇمنى ئېلىپ سۈرەتلەرگە يېنىش-يېنىشلاپ قارايتتىم ، بارماقلىرىم بىلەن ئىپارنىڭ چاچلىرىنى سىلايتتىم. چامادانغا سېلىپ قويغان كۆينەكلىرىمنى ئىلىپ پۇراپ باقاتتىم ، چۈنكى ئۇنىڭدا ئىپار چېچىپ قويغان ئەتتىرنىڭ پۇرىقى بار ئىدى . كۈنلەر نۆۋىتىدە ئۆتىۋەردى ، پەقەت ئاپام مەن بىلەن ئاندا-مۇندا ئەسرارلىشىپ تۇراتتى ، تۇنجى كۈنى كەچتە ئاپام ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ مىنىڭ لايىق تاپقان تاپمىغانلىقىمنى سورىدى ، مەنمۇ ئاپام قاچان شۇنداق سوراركىن دەپ تۇراتتىم . بۇنى بىر پۇرسەت بىلىپ ئاپامغا ، ئىپار توغۇرلۇق سۆزلەپ بەردىم ، ھەر تەتىلدە قايتىپ كەلگەندە نىمە ئۈچۈن ئۆي تىلفۇنى چىقىمىنىڭ ئېشىپ كىتىغانلىقىنى ، ئالي مەكتەپ ھاياتىمدا ئىپارنىڭ ماڭا قانداق كۆيۈنگەنلىكىنى، قانچىلىق چۈشەنگەنلىكىنى، ئىپارنىڭ باشقا قىزلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاددى-ساددا ، يىقىشلىق قىز ئىكەنلىكىنى .... ئىشقىلىپ مەن ئاپامنى ماقۇل كەلتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ئاماللارنى ئىشلەتتىم ، ئاپام باشتا سۆزۈمنى بۆلمەي ئاڭلىدى ، ئاخىرغىچە بىر خىل كەيپىياتنى ساقلىدى ، ئەمما چىقىپ كىتىدىغان چاغدا
- ئارمان بالام ، سىنىڭ تويۇڭنى قىلىمىز ، ئەمما كىلىن چوقۇم غۇلجىدىن بولىدۇ ، دەپلا قويدى ،
-ئاپا ،،، ئىشىك يېپىلىپ بولغان ئىدى .
مانا مۇشۇ سۆھبەتتىن كىيىن ئاتا-ئانام بىلەن قانچە قىتىم پىكىرلەشكىنىمنى ، قانچە قىتىم ئازارلاشقىنىمنى بىلمەيمەن. ئاخىرى بولماي ئاپامغا شۇنداق دەپ سالدىم،
-ئاپا ، ئەگەر ئىپار بىلەن توي قىلالمىسام مەن مەڭگۈ توي قىلماي ئۆتىمەن.
بۇ گەپ ئاپامغا ئىغىر كەلگەچ بىر نەچچە كۈن ئاغرىپ يېتىپ قالدى . دادام بولسا مەندىن نارازى بولۇپ ھەرۋاق تاماق ۋاقتىدا جىنىمدىن ئۆتكىدەك گەپتىن بىر نەچچە ئىغىز دەۋەلاتتى.
مانا ھوجرامدا يەنە شۇ سۈرەتلەرگە قاراپ خىياللارغا كەتتىم .خىيالىرىم يەنە شۇ ئىپارغا باغلانغان ئىدى. بىر قىتىم ئۇنىڭغا شۇنداق بىر گەپنى قىلغىنىم ئىسىمدە ،
- بىلەمسەن ئىپار ، مىنىڭ يېنىمدىن 100 ئادەم مېڭىپ ئۆتسە ، مەن سىنىڭ ئاياق تىۋىشىڭنى تونىۋالىمەن ،
-ھى ،ھى ، ئاتە پونى غۇلجۇلۇق، مەن سۆزۈمنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ،
- چۈنكى 99 ئادەم يەرگە دەسسەپ ماڭسا ، سەن يۈرىكىمگە دەسسەپ ماڭىسەن ئەمەسمۇ؟ ئىپار ماڭا مەمنۇنلۇق بىلەن قاراپ قالغان ئىدى .
ئۇنىڭ كۈلۈشلىرى ، چاچلىرىنى قولى بىلەن ئوڭشاپ قويۇشلىرى ، بەزى چاغلاردا مەندىنمۇ بەك گەپچى بولوپ كىتىدىغانلىقى ، يەنە بەزى چاغلاردا جىمجىت ئولتۇرۇپ ئىشتىياق بىلەن مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇشلىرى ، يەنە بەزى قىزلارنىڭ ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ قىلغان سۆزلىرىدىن كۆڭلى ئازار يەپ ، مەيدەمگە بېشىنى قويۇپ ياش تۆكۈشلىرى ، ،، ھەي ، مۇھەببەت دىگەن ئەجەپ سىرلىق نەرسىكەن ، قايسى بىر كىشى :« پەقەت ئىككى يېرىم كۈن ئۆمۈر سۈرەر ئىنسان ، بىر كۈن كۈلكە بىلەن، بىر كۈن يېغا بىلەن ، يېرىم كۈنۈڭ كىتەر سۆيگۈ بىلەن .» دەپ يازغان ئىكەن ، ئەجىبا ئاشۇ 5 يىل مىنىڭ يېرىم كۈنلۈك سۆيگۈممىدۇ؟ ياق ، بۇ پەقەت باشلىنىشى ، ئىپار ئايالىم بولىدۇ ، تىخى ئانىمۇ بولىدۇ ، چوقۇم ۋەدەم بويچە ئۇنى بىزنىڭ ئۆينىڭ كىلىنىگە ئايلاندۇرىمەن ، ئاپامنىڭ ياخشى كىلىنى بولۇپ كىتىدۇ ، داداممۇ چوقۇم بۇ قىزنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ ،،،،، مانا مۇشۇنداق خىياللار بىلەن قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمىدىم .
كۈنلەر ئۆز نۆۋىتىدە ئۆتىۋاتاتتى . مەن ئىپار بىلەن تىلفۇندا ئالاقە قىلىپ تۇردۇم . يىقىندىن ياقى ئۇنىڭ ئاۋازى بۇرۇنقىدەك ياڭراق چىقمايدىغان ، ھەربىر ئېغىز سۆزىگە ھەسرەت ئارلىشىپ چىقىۋاتقاندەك بىلىندى ، «مەن نىمە بولدىڭىز ، ئىپارىم »، دەپ سورىسام ، دائىما «ھىچنىمە» دەپلا قوياتتى. مەنمۇ بەك سۈرىشتۈرۈپ كەتمىدىم . بۈگۈن ئۇنىڭ بىر پارچە خىتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم . ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ خەتنى ئوقۇشقا باشلىدىم.
«- ئەسسالام ، ئارمانىم . مىنىڭ ئەزىزىم.
ئاتا-ئاناڭ ياخشى تۇرىۋاتامدۇ؟ ئۆزەڭچۇ ؟ يەنە شۇ شوقلۇقۇڭ بىلەن ھەممىسىنى كۈلدۈرۈپ يۈرىۋاتىسەن ھەقاچان ،
ئارمان ، دائىم سىنى يېنىمدا باردەكلا ھىس قىلىمەن ، سەن بىلەن 5 يىل بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ كۆنۈپ قاپتىمەن . تۇرقۇڭغا ، گەپلىرىڭگە ، شوخ قىلىقلىرىڭغا ، مىنى « ئىپارخان ، مەلىكەم» دەپ ئاتاشلىرىڭغا ، ھەممە ھەممە نەرسەڭگە كۆنۈپ قاپتىمەن . ئەتتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ شۇنداق ئالدىرايمەن، خۇددى مەن سىنىپقا چىقىدىغاندەك ، شەنبە كۈنلىرى مەھەللە يىنىدىكى باغچىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ كىتىمەن ، خۇددى سەن كىلىپ قالىدىغاندەك . ئارمان ، سەنمۇ شۇنداق خىياللار قوينىدا تولغۇنىۋاتامسەن ؟ سەنمۇ چۈشلىرىڭدىن : ئىپار ، دەپ ئويغۇنۇپ كىتەمسەن ؟ ئارمان سىنى بەكلا سىغىندىم ، قانىتىم بولغان بولسا يېنىڭغا ھازىرلا ئۇچۇپ باراتتىم .
ئەمما ھەممە ئىش ئىنسانغا باقمايدىكەن . كۆز يېشىڭمۇ كار قىلمايدىغان ئىشلار نۇرغۇن ئىكەن ، گەپنى قانداق باشلاي ئارمان، ئوقۇپ بولوپ ......
ئارمان ، سەن بىلىسەن ، مىنىڭ دادام كىچىك چېغىمدىلا كۆز يۇمغان ، مىنى مىھرىبان ئانام بىر قوللۇق بېقىپ قاتارغا قاتتى ، يەنە نۇرغۇن پۇل تەلەپ قىلىدىغان ئالي مەكتەپتە ئوقۇتتى ، قىزى بولوپ تىخىچە ئانا ماۋۇ پۇلنى ئىشلەتكىن دەپ باقمىدىم . ئالىي مەكتەپتە سەن يېنىمدا بولغاچ نۇرغۇن ياشلىرىم تۆكۈلمەي ، ئورنىغا كۈلكە دەسسىدى ، ئانام بولغاچ ، مىنىڭ ياخشى ئوقۇشۇم توختاپ ،ياكى چىكىنىپ قالمىدى ، مەن ئۇ يەردە يۈرۈپ ئانامنىڭ مىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن قانچىلىك جاپا تارتقىننى بىلمەپتىمەن . مەن ئانامنى ئۆزى ئانچە-مۇنچە كىيىم تىكىپ تاپقان پۇللىرغا مىنى ئوقۇتىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن، ئانامنى 5يىل ئاۋالقىدەك تىمەن ، سالامەت تۇرىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن ، ئەمما ،،، ھەممىسى يالغانكەن ،ئارمان، ھەممىسى يالغانكەن ،
مىنىڭ تۇرمۇش پۇلۇمنى باشقىلار ھازىرلاپتۇ ، قىسقىسى مەن شۇ تۇرمۇش پۇلىغا بارا-بارا كەلگۈسۈمنى سېتىپتىمەن ، بىچارە ئاناممۇ تەغدىرگە تەن بىرىپتۇ ، ئارمان ، ئانامدىن يامانلىسام بولمايدۇ ، بىر ياققا قارىسام سەن ، يەنە بىر ياققا قارىسام ئانامنىڭ ھۆرمىتى ، سىنى ئۇزۇن گەپلەر بىلەن قىيناپ يۈرمەي ، بۇ گەپنى دىلىمغا خەنجەر ئۇرۇپ تۇرۇپ دەۋاتىمەن ،
ئارمان ، مەن يىقىندا توي قىلماقچى ، مىنى كەچۇر.....
- ۋاپاسىز ئىپارىڭدىن.»
بۇ خەتنى قانداق ئوقىغىنىمنى بىلەيمەن ، مىڭەم پارتىلاپ كىتەي دەپ قالدى . بىردە ئىپارغا تىلفۇن قىلىپ تازا بىر تىللاي دىدىم . ئەمما تىزلا بۇ خىيالىمدىن ياندىم . ''دىلىمغا خەنجەر ئۇرۇپ تۇرۇپ دەۋاتىمەن'' ، دىگەن سۆزىدىن ئۇنىڭ ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم ، خەتنى پۇرلاپ يانچۇقۇمغا سالدىمدە ، كىچىك سومكامغا بىر نەچچە قۇر كىيمىمنى سېلىپ سىرتقا ماڭدىم ، ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرغان ئاپام بىرەر نىمىنى پەملەپ قالدىمۇ ، ماڭا ئېسىلىپ تۇرىۋالدى. مانا ئەمدى يىراقتا ئىپار ، يېنىمدا ئاپام يېغلاۋاتاتتى ،
-بالام ، ئاپاڭنى يەنە نىمە قىلسۇن دەيسەن ، ئاپام شۇنداق دەپلا يەرگە يېقىلدى . مەن ئاران يۆلەشتۈرۈپ ئاپامنى ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزدۇم ، ئاڭغىچە داداممۇ پەيدا بولدى ، دادامنىڭ قوشمىسى شۇنداق تۈرۈلدىكى ، ھازىرلا مىنى ئۇرۇپ كىتىدىغاندەك قىلاتتى، ئاپام بولسا ئازىراق ئىسىگە كەلگەچ ،
- ئارمان ، مۇشۇ بىر قىتىم ئاپاڭنى ئاياپ قوي ، دەپ نەسىھەت تۈسىدە گەپ قىلىۋاتاتتى، دادام بولسا ئەمدى ماڭا ، ۋاپاسىز پەرزەنىتكە قارىغاندەك تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى، مانا ئاپامنىڭ سالامەتلىكى ، دادامنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن يەنە ئۆيگە سولاندىم. ئۆزۈمنى-ئۆزۈم تۈرمىگە تاشلىدىم . ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ قانداقتۇر بىر نىمىلەرنى يازدىم، ئەمما بۇ خەتلەر ئىپارغا يېزىلغان ئەمەس ئىدى ،


مانا باغاق تاپشۇرۇپ ئالدىم،
يىل ئۆرۈلسە تويۇڭ بولغۇدەك.
بىز شاد كۈلگەن باغچىلار قىلىپ ،
باشقا يۇرتتىن ئۆيۈڭ بولغۇدەك

تۇتقۇزغىنى باغاق بولسىمۇ ،
مىنىڭ ئۈچۈن ئۆلۆم خىتىدۇر .
سەن جاناننىڭ يىنىغا يازغان،
قايسى يىگىت ، كىمنىڭ ئېتىدۇر.

توي كۆينىكى كىيگەن تۇرقىڭنى،
كۆرگۈم يۇقتۇر مىھمان ئورنىدا.
قانداق چىداي تۇزلۇق نان يىسەڭ،
مىنىڭ ئەمەس ، خەقنىڭ قولىدا.

ئەجىبا ، ئەينى زامان مەيدەمگە ئۇرۇپ تۇرۇپ،
- ئىپار سىنى غۇلجىغا ئېلىپ كىتىمەن ، دىگەن يىگىت مەنغۇ ،
-چوقۇم شۇنداق قىلىمىز، مەن ياخشى كىلىن بولىمەن ، دىگەن قىز سەنغۇ.
5 يىللىق مۇھەببەت يېغلاۋاتاتتى ، ئەر بولۇپ قالغان يىگىت يېغلاۋاتاتتى. مەن ئۈچۈن دەل-دەرەخ ، تاغ-دەريا ، گۈل-گىياھ ، ھەممە ھەممە نەرسە بىزنىڭ مۇھەببەت كۈيىمىزنىڭ توختاپ قالغانلىقىغا ،ۋاقىتسىز توزۇپ كەتكەنلىكىگە قارلىق تۇتىۋاتاتتى. يەنە مەن ئۈچۈن بىرىلگەن ۋەدىلەر يالغان ، قەسەملەر يالغان . ھەممە ھەممە نەرسە يالغان ئىدى
.

نىگار:

ئاھ،قايسى كۆزۈم بىلەن كۆرەي،قايسى قۇلاقلىرىم بىلەن ئاڭلاي؟
ئانام بىلەن تىركىشىپ ،يىغلاپ تۇرۇپ قارشىلىق بىلدۇرۇپ يۈرىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرسىدە ئانام يەنە يىقىلدى...مەن ئاجىز،ھىمايىسىز ،يۆلەنچۈكسىز ھالەتتە «يات قوللار»نىڭ ساخاۋىتىنى يەنە قوبۇل قىلدىم.ئانام سەل ياخشىلانغاندىن كېيىن بىر كۈنى يۇم-يۇم يىغلاپ تۇرۇپ ئۈلۈپ كەتكەن دادامنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ مەندىن ئۆتۈندى،ئانام بەكمۇ تەڭقىسلىقتا قالغان،بەكمۇ بىچارە ئەھۋالدا قالغان ئىدى.مەنچۇ؟؟مەن ئۇنىڭدىن ئۆتكەن بىچارە ھالدا ئىدىم.ياتاق ئۆيۈمگە كىرىۋىلىپ ئارماننىڭ سۈرىتىگە قاراپ يامغۇردەك ياش تۆكەتتىم،ئۇنىڭ تېزراق ئامال قىلىپ ئاتا-ئانىسىنى قايىل قىلىشىنى ئۈمۈت قىلاتتىم،بىراق شۇنداق ئۆتىۋاتقان كۈنلىرىمدە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بىر ئىش تەغدىرىمنى،ئىرادەمنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى.
تېلىفۇن جىرىڭلىدى،يۈرىكىم تىپچەكلەپ كەتتى،«ئارمان،چوقۇم ئارمان »مەن ئېتىلىپ بارغىنىمچە تېلىفۇننى ئالدىم.
_ۋەي،بۇ ئىپار دىگەن قىزنىڭ ئۆيىمۇ؟_تېلىفۇندىن يات بىر ئايالنىڭ ئۈنى ئاڭلىنىۋاتاتتى.
_ھەئە_مەن ئەجەپلىنىش ۋە قانداقتۇ بىر خىل ۋەھىمە بىلەن جاۋاپ بەردىم.
_مەن غۇلجىدىن تېلىفۇن بېرىۋاتىمەن،مەن ئارماننىڭ ئاپىسى بولىمەن.
_ھە؟_مەن تەمتىرەپ كەتتىم،ئارقىدىن ئۇ ئايالنىڭ يىغلامسىرىغان ئاۋازى قۇلىقىمغا كىردى_ئىپار،سىزمۇ يالغۇز پەرزەنىت ئىكەنسىز،يالغۇز ئانىڭىز بار ئىكەن،شۇ مىھرىبان ئانىڭىزنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى ئۈچۈن ئوغلۇمدىن قول ئۈزۈڭ بولامدۇ؟_ئاخىرقى گەپلەر يەنى ئارماننىڭ ئاپىسىنىڭ ئارماننىڭ ئۆيىنىڭ كىچىكى ئىكەنلىگى،ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا چىدىمايدىغانلىقى،ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كۆزلەپ قويغان قىزىنىڭ بارلىقى،مېنىڭمۇ ئانامنى تاشلاپ غۇلجىغا بېرىشىمنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى،ئۇنىڭمۇ دادا-ئاپىلىرىنى يۇرتىنى تاشلاپ كېلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى،ھازىر ئۆزىنىڭ بۇ ئىشنى تولا ئويلاپ يۈرەك كېسەل بولۇپ قالغانلىقى.....دەك بىر قاتار ئىشلارنى يىغلاپ تۇرۇپ،مەندىن ئۆتۈنۈپ تۇرۇپ دىگەنلىرى قۇلىقىمغا كىرمىدى.تېلىفۇننى قانداق قويۇۋەتتىم،ئانىسىغا نىمە دەپ جاۋاپ بەردىم بىلمەيمەن،ئولتۇرغان جايىمدا ئولتۇرۇپلا قاپتىمەن،نەچچە ۋاقىتتىن كۆزلىرىمدىن توختىماي تۆكۈلۈۋاتقان ياشلار تۇگىدىمۇ كۆزلىرىمدىن ياشمۇ چىقمىدى،بەلكىم ئادەمنىڭ تېنىدىن روھى چىقىپ كەتسە شۇنداق بولسا كېرەك،ئارماندىن ئايرىلىپ ياشاشنىڭ ئۆزىلا روھىم يوق قۇرۇق جىسمىمنى قۇچاقلاپ ياشاش ئىدى....
نەچچە كۈنلەردىن كېيىن ئارمانغا بىر پارچە قىسقا قىلىپ خەت سالدىم،خەتنى سېلىۋىتىپ كېلىپ ياتاق ئۆيۈمگە بېكىنىۋىلىپ شۇنداق يىغلىدىمكىن،،،،ئۆزۈممۇ شۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمدا شۇ قېتىمقىدەك قاتتىق يىغلاپ باققانلىقىمنى بىلمەيمەن،توختىماي تاماقمۇ يىمەي بىر كۈن يىغلاپ ياتتىم...مەن تەغدىرگە تەن بەرگەن ئىدىم،ئاھ،تەغدىر دەپ ئارمان بىلەن بولغان ئوتلۇق سۆيگۈمنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا دەپنە قىلىش قارارىغا كەلگەن ئىدىم،ئىككى ئانىنىڭ ئارزۇسى،ئۈمۈدى ئۈچۈن قەلبىمدىكى سۆيۈملۈك ئادىمىمنىڭ ئۆزۈمنىڭ يۈرىكىگە خەنجەر سالغان ئىدىم،بىلىمەن،ئارمان خەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ،دائىملا كۈلۈشكە يارالغاندەك كۈلۈپ تۇرۇدىغان ئوتلۇق كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلىدۇ،قەلبى ئۆرتىنىپ ئىھتىمال مەندەك ۋاپاسىز،ئاجىز ئىپارنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ يۈرگىنىگە نەپرەتلىنىشىمۇ مۇمكىن.
ئارمان..........ئارمان..........سەن نەدە؟مەندەك ۋاپاسىز مەلىكەڭ ئۈچۈن ياش تۆكۈۋاتقانسەنمۇ؟ئازاپلىنىۋاتقانسەنمۇ؟مەن قانداق قىلاي ئېيىتقىنا مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟بۇ ياقتا مېنىڭ ئانام،ئۇ ياقتا سېنىڭ ئاناڭ،مەندىن مۆلدۈرلەپ جاۋاپ كۈتۈپ تۇرسا....
يەنە تېخى «ساخاۋەتلىك قول»مەندىن جاۋابىڭنى قايتۇر دەۋاتسا.....مەن زادى قانداق قىلاي........
شۇنداق قىلىپ ئۇنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا دەپنە قىلىۋەتتىم،تويۇم بولدى،مەكتەپتىكى گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنىڭ ئەكسىچە مەن روھى يوق قۇرۇق جىسمىم بىلەن باشقىلارنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇمەن،توۋا تويۇم بولغان كۈنى يىغلىمىدىم،كۆزلىرىم بىر نۇقتىغا تىكىلىپلا قالغان ئىدى،ھەتتا مېنى كۆچۈرۈپ يىگىتنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ ماڭغاندىمۇ «قىزنىڭ نازلىق يىغىسى»نى يىغلىمىدىم.مەن ئۈنسىز ،سۇكۇت بىلەن بۇ توي كۈنىنى كۈتۈۋالدىم.يۈرىگىم ئامبۇردا قىسقاندەك ئىچىشىپ تۇرسىمۇ ئۆزۈم ئىپادىسىز كۆزلىرىم نۇرسىز ھالەتتە ئىدى،
ئارمان،سېنىڭ خۇشپۇراق ئىپارىڭنىڭ گۈل يۈزلىرى سارغايدى،يۈرىكى ئۆلدى،قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا سېنىڭ بىلەن بىللە ئۆتكەن گۈزەل كۈنلىرىنى،سېنىڭ بىلەن بىللە قىلغان ئارزۇلىرىنى ئېلىپ سېنىڭ روھىڭ بىلەن بىللە كۆمۈپ قويدى، روھسىز يۈرەكنىڭ يەنە نىمە تىپچەكلەشلىرى بولسۇن،ھاياتلىق ئوزۇقى بولغان چىن مۇھەببەتنىڭ ئابى زەم-زەم سۇلىرى قۇرۇغان تۇرسا ئىپارىڭ سارغايماي قانداق قىلسۇن؟؟ئارمان،مەندىن نەپرەتلەنگىن،مەن ۋەدەمدە تۇرالمىدىم،سېنى ساقلاپ تۇرالمىدىم،سېنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئۆمۈر بويى سۆيىمەن،بىراق،ئەمدى مەن باشقا بىرسىنىڭ مەھبۇبەسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭغا يۈزسىزلىك قىلسام بولمايدۇ،ئۇنداق قىلسام ئاللا بىزگە ئاتا قىلغان «ئايال»دىگەن ئۇلۇغ نامغا داغ چۈشۈرگەن بولىمەن.سۆيۈملۈكۈم ئارمان،خوش،ساڭا ئەبەدىيلىككە خوش......
توي قىلىپ يېرىم يىلدىن كېيىن ئانام قازا قىلدى،مەن يىغلاپ-قاخشاپ يالغۇز قالدىم،(ئەلۋەتتە،ئۇ چاغلاردا ماڭا ئاشىق ئېرىممۇ بار ئەلۋەتتە)مەن تېخىمۇ كەمسۆز ،خىيالچان بولۇپ خىزمەت ۋە ئائىلە تۇرمۇشىغا چۆكۈشكە باشلىدىم،ھەر مىنىۇت خىيالىمدا،ماڭسام يوللىرىمدا،ئۇخلىسام چۈشلىرىمدە بىر خىىيالىي سۆيۈملۈك سىما ماڭا ھەمرا ئىدى،بىراق ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتاشتىن،ئويلاشتىن قورقاتتىم.ئانامنىڭ ئايال كىشىدە بولۇشقا تېگىشلىك سۈپەتلىرىنى ئېزىپ-ئىچكۈزۈپ چوڭ قىلىشى ئارقىسىدا مەن بۇنداق قىلىشنى يولدىشىمغا قىلىنغان ۋاپاسىزلىق دەپ بىلەتتىم،(بىراق دەل ئۇنىڭدىن ئاشقان ۋاپاسىزلىقنى مەن ئارمانغا قىلغان ئىدىم)
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈۋەردى،مېنىڭ جىمغۇرلۇقۇم يولدىشىمغا ياقمىدى،ئۇنىڭ ھاجىتىدىن،دىگەن يەرلىرىدىن چىقالمىغان ھىسسىياتسىز ھالىتىم ئۇنىڭ كۆڭلىنى قالدۇردى،مەن بىلەن جىدەللىشىپ باقماقچى بولۇپ ئەتتەي زىتىمغا تەگدى،بولمىغۇر قىلىقلارنى قىلدى،بىراق مەن يەنىلا شۇنداق پەرۋاسىز ھالەتتەيۈرىۋەردىم..شۇ تەرىقىدە 3 يىل ئۆي تۇتتۇق،ئۇنىڭ بالىلىق بولۇش ئىستىكى يۇقۇرى بولسىمۇ بالىلىق بولالمىدۇق،ئۇ ئەسلىدىمۇ بۇرۇنقى ئايالى بىلەن شۇ سەۋەپتىن ئاجرىشىپ كەتكەن ئىدى،مېنىڭ غەلۋىسىز يۈرۈشۈم،گومۇشلارچە خۇلقىسىز ئەپتىم ھەر قانچە گۈزەل بولسىمۇ ئۇ ئاخىرى بۇنىڭدىن زېرىكتى بولغاي كۈن-كۈنلەپ كەچ قايتىدىغان،باشقا قىزلار بىلەن قالايمىقان ئارىلىشىدىغان بولۇپ كەتتى،ئۇنىڭ ھەر قانداق قىلىقىنى كۆتۈردۈم بىراق ئۇنىڭ سىرىتتا ناشايان ئىشلارنى قىلىپ مۇسۇلماندارچىلىقتىن چەتنەپ كېتىشى دىتىمغا سىغمىدى،قىسقىسى مەن ئۇنداق پاك بولمىغان ئائىلىدە ياشاشتىن ۋاز كەچتىم.ئاخىرى ئۇنىڭغا ئاجرىشىش تەلىۋىنى قويدۇم.ئۇمۇ مەندىن زېرىككەن بولسا كېرەك،سۆرىگەن بولسىمۇ يەنىلا بەك تارتىشىپ كەتمەي 6 ئايدىن كېيىن جىم-جىتلا ئاجرىشىپ كەتتۇق....
ئابتۇبۇس بېكەتكە كىرىپ كەلدى،شاۋقۇن-سۈرەنلىك شەھەر ئىختىيارسىز ئۇنى ئەسلەتتى،بۇنىڭدىن 5 يىل ئاۋال ئۇ مېنى مۇشۇ يەردە ئۇزىتىپ قويغان ئىدى،مەن ئۇنىڭغا قاراپ يىغلىسام«يىغلىما جېنىم بىز ھامان بىللە بولۇمىز دىگەن ئىدى.قېنى شۇ ۋەدىلەر؟قېنى شۇ ئوتلۇق كۆزلەر؟قېنى شۇ مۇھەببەت؟»
ئابتۇبۇستىن چۈشۈپ چۈشىنىكسىز بىر خىل ھاياجاندا تېپىرلاۋاتقان يۈرىكىمنىڭ تىۋىشلىرىنى تىڭشىغاچ بىر تاكسىنى توسۇپ يىغىن ئېچىلىدىغان ئورۇنغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم.

ئاشكار :

ئىپار توي قىلىپتۇ ، راستلا توي قىلىپتۇ ، مىنى بۇ يەردە يالغۇز قويۇپ باشقا بىرسى بىلەن توي قىلىپتۇ،
بۇ خەۋەرنى ماڭا دوستۇم ئەرپات يەتكۈزگەن ئىدى ، ئۇنىڭغا ئىپارنىڭ دوستى ئادىلە تىلفۇن قىلىپ دەپتۇ . ھىلىقى كۈندىن باشلاپ بۇرۇنقى خۇشچاقچاق ، ئوچۇق مىجەزىمدىن تامامەن ئەسەر قالمىغان ئىدى . كۈندىلىك تۇرمۇشۇم شۇنچە مەنىسىز ئۆتەتتى. ھوجرامدا يالغۇز ئولتۇراتتىم ، ياكى ئەرپات بىلەن ئۇچىرشىپ پاراڭلىشاتتىم، ئۆيدە تاماق ۋاقتىدا بولسا بىرنەچچە ئىغىز سۆزدىن باشقا ئارتۇقچە سۆز قىلمايتتىم ، ئاتا-ئاناممۇ ماڭا ئارتۇقچە پاراڭ قىلمايتتى.قەلبىمدىكى سېغىنىش.ھىجران ئازابى بىلەن بىللە بىلىپ-بىلمەي ئۇنىڭدىن مېنى ساقلاپ تۇرمىغانلىقىغا ئاغرىنىش ھىسلىرىمۇ قوشۇلغان ئىدى. مۇشۇ تەرىقىدە 5-6 ئاي ئۆتۈپ كەتتى.
مانا خىزمەت ئىشىمىمۇ ھەل بولدى ، ئەمدى بۇرۇقتۇم بولوپ ئۆيدە ئولتۇرمايدىغان ، باشقىلارنىڭ ئادىمى بولوپ كەتكەن ئىپارنى ئەسلەيدىغان چاغلىرىم قىسقىراشقا باشلىدى . ئەمما ئىپارنى تامامەن ئۇنتۇشقا مۇمكىن بولمايدۇ دەپ ئويلايىتتىم،ئۇ گەرچە باشقىلارنىڭ ئادىمى بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ھامان ئۇ يېنىمغا قايتىپ كېلىدىغاندەك،يەنە بىللە بولۇدىغاندەك،«ئارمان»دەپ كۆزلىرىمگە نازلىق باقىدىغاندەك،قىزىقارلىق ۋە سەل قېلىنراق گەپلەرنى قىلىپ قويسام«ساراڭ»دەپ قىزىرىپ يەرگە قارايدىغاندەك بىلىنەتتى.بىراق بۇلارنىڭ ئەمدى مەڭگۈ ئېرىشكىلى بولمايدىغان پەقەت تاتلىق چۈش سۈپىتىدە قەلبىم ئەينىكىدە داۋاملىق كۆرۈنۈپ مېنى ئازاپلايدىغان رىئاللىق ئىكەنلىگىنى ئويلىغىنىمدا جىم-جىت،يالغۇز يەرلەرگە بېرىپ ھۆڭرەپ يىغلۇغۇم كېلەتتى،«ئاھ خۇدا تەغدىرىمىزنى نىمانچە كاج ياراتقانسەن؟»دەپ نالە قىلاتتىم.«تېشىمدا ھېيىت ئويناپ ئىچىمدە روزا تۇتۇپ» خىزمەتكە باشچىلاپ كىرىپ كەتتىم،خىزمەت ،پەقەت خىزمەتلا مېنى ئازراق بولسىمۇ تىنىمسىز كۆيۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئوتتىن نېرى قىلالايىتتى. ئاتا-ئاناممۇ مىنىڭ بىرىلىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ مىنى توي قىلىشقا ئالدىراتتى. ئاپام ئاندا-ساندا گەپ تىشىپ قوياتتى،
-ئارمان، ئىدارەڭدە كۆزۈڭ چۈشكەن قىزلار يوقمۇ ،
- مىنىڭ بىر دوستۇمنىڭ قىزى بار ، شۇنداق ئەخلاقلىق چوڭ بولدى ، كۆرۈشۈپ باقامسەن؟
- بولدى قىلە ئاپا ، كۆرۈشكىم يوق. ،، مانا مۇشۇنداق سوغۇق جاۋابلار بىلەن ئۆزۈمنى تويدىن قاچۇرۋاتاتتىم ، بولمىسا توي قىلىش يېشىغا كىلىپ قالدىم . ئەمما قەلبىمدە ئىپارنىڭ سىماسى ھەر ۋاقىت ئەگىپ تۇرسا مەن قانداقمۇ باشقا قىزلارغا ئىپارغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلالاي؟قانداقمۇ ئۇنىڭغا قىلغان شوخلۇقلىرىمنى قىلالاي؟يەنە قانداقمۇ ئۇنى ئىپاردەك چىن ھىسسىياتىم بىلەن......
. باشقا چاغدا خىزمەت بىلەن ئالدىراش يۈرگەچكە ئانچە ئويلاپ كەتمىسەممۇ، ئۇخلايدىغان چاغدا تىگى يوق خىياللارغا چۆكۈپ كىتەتتىم . مەكتەپتىكى چاغلار كۆز ئالدىمدىن كىنۇ لىنتىسىدەك ئۆتەتتى ، تاڭ ئاتسا ئۇ كىلىپلا يېنىمدا ئولتۇرىدىغاندەك تۇيۇلاتتى . يەنە بەزى چاغلاردا ئىشقا ماڭغاچ بىرەر قىز بالىنىڭ بىرسىنى چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلىسام ئىتتىك كەينىمگە بۇرۇلۇپ سالاتتىم. شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى قەدىناس ئاغىنەم ئەرپات بىلەن ھال-مۇڭ بولىشاتتىم ، شۇ چاغلاردىمۇ ئەرپاتنى چاقىرماقچى بولوپ ، بىر نەچچە قىتىم « ئىپار» دەپ سالدىم. ئاشۇ ، زىبالىق ، مۇلايىم ، ئەخلاقلىق ئىپار ئەتىراپىمدا كۆلەڭگە تاشلاپ مىنى يەنىلا قىيناپ كىلىۋاتاتتى. كۈنلەر ئۆز يولىدا ئۆتىدىكەن ، ئەمما ئاتا-ئانام مىنىڭ قايتا-قايتا رەت قىلىشىمغا پىسەنىتمۇ قىلماي داۋاملىق توي ئىشىمنى تىلغا ئېلىپ تۇردى .
- بالام ، بۈگۈن ئىشتىن چۈشكەندە بۇ تىلفۇن نومىرىغا تىلفۇن قىل ، ئۇ قىز سىنى ئىدارەڭنىڭ يېنىدىكى چايخانىدا ساقلايدىغان بولدى ، بۇ يىقىن دوستۇمنىڭ قىزى ، ئەگەر كۆرۈشمىسەڭ ، مىنىڭ يۈزۈمنى تۆكىسەن، ئاپام شۇنداق دەپلا نومۇر خاتىرلەنگەن باغاقچىنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى . مەنمۇ ئارتۇقچە گەپ قىلماي ئىشقا ماڭدىم . بىر كۈنلۈك ئىشلىرىمنى قىلىپ بولۇپ يانچۇقۇمغا سىلىۋالغان باغاقچىگە قارىدىم . بىر نومۇر تۇراتتى . قانداق قىلاي ، تىلفۇن قىلسام ... ياق ئۇ ئىپار بولمىسا يە ، قىلمىسام ئاپام خىجىلچىلىقتا قالارمۇ؟ ، بوپتۇلا تىلفۇن قىلىپ كۆرۈشسەم نىمە بولوپتۇ ، بىر نەچچە ئىغىز سىسىق گەپ بىلەن قوپال ھەركەتتىن بىرەرنى قىلسام ئۇ قىز مىنى ياراتماي كىتىپ قالار ، مۇشۇ خىياللار بىلەن تىلفۇن قىلدىم.
-ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم، مەن ئارمان .
-ھە ، ئىشتىن چۈشتىڭىزمۇ ، مەنمۇ كىلەي دەپ قالدىم ،
- بولىدۇ ، ھىلى ئۇچرىشايلى، شۇنداق دەپلا تىلفۇننى قويدۇم . ئىدارىدىن چىقىپ يولنىڭ ئۇ چىتىدىكى چايغانىغا قاراپ ماڭدىم ، قارىسام چايخانا ئالدىغا بىر قىز تىز-تىز مېڭىپ كىلىۋىتىپتۇ ، مەنمۇ قەدىمىمنى تىزلىتىپ ئۇ قىز بىلەن ئىشىكتىن تەڭ دىگۈدەك كىردىم . يەنە بىرنى ئالىيىپ
- ئالدىرمىسىڭىزمۇ كىرىسىز، چايخانا قىچىپ كەتمەيدۇ، دەپ قويدۇم ، (خىيالىمدا بۇ قىز چوقۇم مەن كۆرۈشمەكچى بولغان قىز بالا شۇ ،قوپاللىقنى مۇشۇ يەردىلا باشلاي دەپ ئويلىغان ئىدىم. ) ئەكسىچە ئۇ قىز ئۇشۇقچە گەپ قىلماي كۈلۈپلا قويدى .
ئىچىگە كىرىپ بوش ئورۇندىن بىرنى تېپىپ ئولتۇردۇم ، ھىلىقى قىز بولسا ئۇيان -بۇيان قاراپ تۇراتتى. ھەم يانچۇقىدىن تىلفۇننى ئېلىپ بىر نومۇرلارنى باستى ، ھەم ئۇيان-بۇيان كۆز يۈگىرتتى ، قارىسام تىلفۇنىم سايراپ كەتتى ، ئۇ قىز بۇنى كۆرگەن چىغى ئۇدۇل مىنىڭ ئالدىمغا كىلىپ،
- ئەسلى ،سىزكەنسىزدە، ئىسمىم، گۈلنار بولىدۇ ، مىنى ئاپام...
-ھە ، كىلىڭ ئولتۇرۇڭ . نىمە ئىچىسىز ؟
-قەھۋە ئىچەي ، مەن كۈتكۈچىگە ئۈنلۈك قىلىپ ۋارقىرىدىم:
- بىر ئىستاكان قەھۋە ، بىر بوتۇلكا پىۋە،
- بۇ يەردە پىۋە ساتمايدۇ ، گۈلنار ئەسكەرتىپ قويدى ، كۈتكىچىمۇ -،پىۋە يوق دەپ ئۈلگۈردى ، ئەمەليەتتە مەنمۇ بۇ يەردە پىۋە يوقلىقىنى بىلەتتىم.
- ھە ئەمىسە ، ماڭىمۇ قەھۋە، تازا بىر ئىچەي دىسەم يوق دەيدا ،_ قىلچە تەربىيە كۆرمىگەن ياۋايىلاردەك قىلىپ سۆزلىدىم ، ھەم كىرىلىپ ئولتۇردۇم، گۈلنار ماڭا قاراپ - قاراپ قوياتتى . سۆھبىتىمىز قىسقىلا بولدى ، مەن بەك قالايمىقان سۆزلەرنى قىلغاچقىمۇ بۇ قىز ئۆيگە ئالدىرايدىغانلىقىنى ، كەچ بولۇپ كەتكىننى باھانە قىلىپ كىتىپ قالدى .
مانا بۇ ئىشتىن كىيىن ئاپام ماڭا نەچچە قىزلارنى تونۇشتۇردى ، كۆرۈشكىن دىسىلا بىرىپ كۆرىشىدىغان بولدۇم . بىرسىگە قوپال سۆز بىلەن يەنە بىرسىگە زەھەردەك سىسىق گەپلىرىم بىلەن تاقابىل تۇردۇم ، بەك بولمىغانلىرىغا '' مەن بىر توي قىلغان ،بالام 2 ياشقا كىرىپ قالدى ،'' دىگەندەك سۆزلەرنى قىلدىم . ئاپام ماڭا قىز تونۇشتۇرۇپ ھارمىدى ، مەن قىزلارنى بىزار قىلىپ ھارمىدىم . كىيىنچە ئاپاممۇ ماڭا توي توغىرسىدا سۆز ئاچمايدىغان بولدى . ئاغىنىلەرنىڭ نەسىھەتلىرىنىمۇ تولا ئاڭلاپ كەتتىم، ئۇلار :
- ئاداش ، توي قىلمامسەن ، مىنىڭ بالام چوڭ بولۇپ توپ تەپكىدەك بولۇپ كەتتى ، دىگەندەك گەپلەرنى قىلسا مەن:
-ياخشى ، بالاڭ چوڭ بولسا چوقۇم پۇتبۇلچى بولىدۇ ، مەشىقنى ياخشى قىلغۇز ، دىگەندەك چاقچاق گەپلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئېغىزىنى ئېتەتتىم.
يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مەھەللىدە ئانچە-مۇنچە غەيۋەت پاراڭلار بولۇپ قالدى ، ئاتا-ئانام بولسا مىنىڭ نەچچە قىز بىلەن كۆرۈشۈپمۇ بىرەرسى بىلەنمۇ توي قىلىشقا پۈتۈشمىگەنلىگىمدىن ئەجەبلىنىپ داخان ، باخشى، موللاملارنىڭ يېنىغىمۇ بېرىپ بېقىپتۇ ، ئەمما مەن پەرۋايىم پەلەك دەپ يۈرىۋەردىم . پەقەت كىچىلەردىكى ئاشۇ شىرىن خىياللار،ئۇنىڭ سىماسى مىنى بەزلەپ كىلىۋاتاتتى. بىر كۈنى ئىشتىن چۈشەي دەپ تۇرسام ئىدارە باشلىقى ماڭا تىلفۇن قىلىپ ئۆگۈنلۈككە ئۈرۈمچىگە يىغىنغا بارىدىغانلىقىمنى ئۇقتۇردى ، تىلفۇننى قويۇپ ئاللىقانداقتۇر خىياللارغا چۆكتۈم ، مەن مۇھەببەتكە قەدەم قويغان جاي ، مەكتەپتىكى ياغاچ ئورۇندۇق .... ..
مانا كىتىپ بارىمەن ، 5يىل ئاۋال كۆزۈم قىيمىغان ھالدا ئايرىلغان ماكانغا كىتىپ بارىمەن . يول بويى ئۇخلىمىدىم . تېزراق بارسام ، تېزراق بارسام دەپ دىرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇردۇم . مانا بۇرۇن مىنى مۇھەببەت قوينىدا ئەللەيلىگەن بۇ ئاۋات شەھەرگىمۇ چۈشتۈم . مەكتەپ مىنى ئۆزىگە تارتىۋاتاتتى . ياتاققا ئورۇنلىشىپ بولۇپ ، ئىختىيارسىز مەكتەپكە قاراپ ماڭدىم . مانا مەكتەپ ئالدىغىمۇ كەلدىم . بۇرۇنقى مەكتەپ دەرۋازىسى ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ ، مەكتەپ ئىچىدىمۇ ئۆزگىرىش خىلى چوڭكەن ، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ سىرتىغا قايتىدىن كاھىشلار چاپلىنىپتۇ ، يەنە بىر نەچچە ئوقۇتۇش بىناسى بىلەن ياتاق بىناسى يىڭىدىن سېلىنىپتۇ . بىلىپ بىلمەي مەن ياتقان ياتاق بىناسىغا كىلىپ قالدىم ، ئىچىگە كىرىپ كۆرۈپ بېقىشنى ئويلىدىميۇ ئەمما جۇرئەت قىلالمىدىم . يەنە ئايلىنىپ ھىلىقى ياغاچ ئورۇندۇق بار جايغا كەلدىم ، مىنى خوش قىلغىنى ئۇ ئورۇندۇق شۇ پىتى تۇرۇپتۇ ، پەقەت بىر نەچچە قىتىم قايتىدىن سىرلانغان ئوخشايدۇ ، تىخىمۇ يىقىنلىشىپ باردىم ، ئولتۇرۇپ باقتىم،ئولتۇرۇشۇم بىلەنلا يۈرىكىمگە شېرىن بىر ئېقىم كىرىپ تىترەپ كەتتىم،مانا مۇشۇ ئورۇندۇق ئەينى ۋاقىتتىكى ئوتلۇق مۇھەببىتىمنىڭ،سۆيگۈ تولغان ئايدىڭ كېچىلەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان،مانا مۇشۇ ئورۇندۇقتا ئىپار ماڭا يانمۇيان ئولتۇرغان،جادۇ كۆزلىرىدىن كۈلكە تۆكۈپ ھاياتىمغا رەڭ ئاتا قىلغان،مانا مۇشۇ ئورۇندۇقتا ئۇ ئايرىلىشقا چىدىماي ئۆكسۈپ يىغلىغان ،«ئارمان،سەندىن ئايرىلىپ ياشىيالمايمەن»دىگەن،مانا مۇشۇ ئورۇندۇقتا.......خىياللىرىم يەنىمۇ داۋاملاشقان بولار ئىدى،بوغۇزۇمغا بىر نىمە كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ ئاچچىق بولۇپ كەتتى. بۇ ئورۇندۇق ئەمدى بۇرۇن ئولتۇرغان شۇ تاتلىق سېزىملارنىڭ ئورنىغا ماڭا قىرتاق بىر ئازاپ ئاتا قىلماقتا ئىدى ، چۈنكى يىنىمدا ئىپارىم يوق ئىدى . ھىلىقى كەمسۆز ، جەلىپكار قىز يوق ئىدى .. بۇ ئورۇندا قانچىلىق ئولتۇردۇمكىن ، بىر ۋاقىتتا ئەتىراپىمغا نەزەر سالسام جۈپ-جۈپ بولۇپ ئولتۇرغان ياش بالىلار توشۇپ كىتىپتۇ . ئايلىنىپ يۈرگەنلىرى '' بۇ ئورۇننى بىزگە بىرەمسىز'' دىگەندەك سوئال نەزىرىدە ماڭا قارايىتتى . ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بىرىپ قالغنىنى كۆرۈپ ئاستا مېڭىپ ياتىقىمغا يېنىپ كەلدىم .
مانا بۇ 3 كۈنگە سوزۇلغان يىغىنمۇ تۈگىدى ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى شەھەر،ناھىيەلىرىدىن كەلگەن بولغاچقا ئادەممۇ ناھايىتى كۆپ ئىدى،بىرەر ئادەمگىمۇ ئوشۇق گەپ قىلمىدىم ،ھەتتا بېشىمنى تىكرەك كۆتۈرۈپ باشقىلارغىمۇ قاراپ باقماپتىمەن،5 يىل ئاۋالقى ئوتلۇق مۇھەببىتىمنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان بۇ قايناق شەھەر مېنىڭ يۈرىكىمدىكى يارا ئېغىزىنى تاتلاپ قانىتىۋەتكەن ئىدى،سىرغىپ چىقىۋاتقان قاننى توختىتىشقا ئامالسىز ھالدا مەن ئەينى ۋاقىتتىكى ئىپاردەك كەم سۆز خىيالچان ئىدىم.
ئەڭ ئاخىرقى دوكىلات يىغىنىدىن چىقىپ بولۇپ يىغىن مەيدانىدا بىر ماتىريالىمنىڭ قالغىنى ئىسىمگە كەلدى ، ئىشىكنى ئىتتىك ئېچىپ داڭ قىتىپ تۇرۇپلا قالدىم،ئاھ كۆز ئالدىمدا بۇرۇنقىدەكلا ساغۇچ چاچلىرى يەلكىسىدە يېيىلىپ تۇرغان ،خىيالچان تىنىق كۆزلىرى بىلەن مېنى ئاشىق قىلغان،شۇنچە يىلدىن بېرى ئۇ سېنىڭ ئەمەس ،باشقىلارنىڭ دەپ ئۈنلۈك خىتاپ قىلىپ تۇرساممۇ خىيالىمدىن كۆتۈرۈلمەي مېنى قىيناپ كېلىۋاتقان تونۇش گەۋدە،سۆيۈملۈك سىما تۇراتتى . . قانچىلىك قارىشىپ تۇرغىنىمىزنى بىلمەيمەن .نىمە دىيىشىمنى،قانداق قىلىشىمنى بىلمەيمەن.ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنى قۇچاقلۇغۇم،خۇشپۇراق چاچلىرىنى ھىدلۇغۇم كەلدى....ئۇمۇ شۇ ھالەتتە كۆزلىرىنى يوغان ئاچقىنىچە داڭقېتىپ تۇراتتى.
_سىز،بۇ، بۇ راسمۇ ئارمان؟
ئۇ تىترەڭگۈ ئاۋاز بىلەن ئاۋال ئېغىز ئاچتى.
_سىزمۇ مۇشۇ يىغندا بارمۇ؟_مەن ئۇنىڭ سۇئالىغا سۇئال بىلەن جاۋاپ قايتۇردۇم.ئۇ جاۋاپ تەرىقىسىدە بېشىنى لىڭشىتتى.ئاھ،نەچچە كۈندىن نەدە قالغاندىمەن؟نىمىشكىمۇ بېشىمنى كۆتۈرۈپ يىغىن زالىنىڭ ئالدى-ئارقىسىغا قاراپ باقمىغاندىمەن؟نىمىشكىمۇ ئوپچە ئۇيۇغتۇرۇلغان تاماقلارغا بىرەر قېتىم بولسىمۇ كىرىپ باقمىغاندىمەن؟سانسىز نىمىشقالار يۈرىكىمنى چاڭگاللاشقا باشلىدى.
-ئارمان، يىغىنغا كېلىپ،ئەجەپ ھە،بىر-بىرىمىزنى كۆرمەپتۇق؟ _ ئۇ ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشىۋاتاتتى ،
- شۇنى دەڭچۇ؟_مەن ئۇنىڭ مېنى«سىز»دەپ گەپ قىلىشىدىن ئارىلىقىمىزنىڭ شۇ قەدەر يىراقلىشىپ كەتكەنلىگىنى ھىس قىلىپ يۈرىگىم مۇزلاپ كەتتى.
-توختاڭ ، مەن ئاۋۇ نەرسىنى ئېلىۋالاي ، شۇنداق دەپلا جوزىدىكى بىر پارچە ماتىريالنى كۆرسەتتىم . ئۇنىڭغىچە ئۇ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ ئۈلگۈردى.
- ھە ، بولدى ، تاماق يىدىڭىزمۇ؟ ۋاقتىڭىز بارمۇ؟ يەنە نىمىلەرنى دەۋەتتىمكىن ، ئىپار سەل ئوڭايسىزلانغاندەك قىلىپ ،
- بولىدۇ ، مەن ياتاققا بىر كىرىپ چىقاي ، مىنى بىنا ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇڭ، شۇنداق دەپلا ئۆرۈلۈپ كىتىپ قالدى ، مەن تىزدىن ياتاققا كىرىپ كىيىملىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ بىنا ئالدىدا ساقلېغاچ خىيال قىلدىم '' توۋا ، ئارىدىن 5 يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ،ئۇ جۈدەپتۇ،تېخىمۇ خىيالچان بولۇپ كەتكەندەك قىلىدۇ،بىراق يۈرەك تىۋىشى ئۆزگەرمىگەندەكلا..'' ئۇنىڭ تونۇش،سۆيۈملۈك ئاۋازى مىنى ئىسىمگە كەلتۈردى.
-ئارمان ، ئەمىسە جۈرۈڭ،
مانا كىتىپ بارىمەن ، ئىپار بىلەن يانمۇ يان مېڭىپ باقمىغىنىمغا 5يىل بولوپتۇ . ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ-قاراپ قوياتتىم ، ئەگمە قاشلار ، ئويماقتەك ئىغىزلار ، بۇلاقتەك كۆزلەر شۇ پىتى ، ئەمما كۆز ئەتىراپىدا بىلىنەر-بىلىنمەس سىزىقچىلار پەيدا بولۇپتۇ . شۇنداقتىمۇ ئىپار ماڭا بۇرۇنقىدەك ئىللىق،شۇ قەدەر جەزبىدار كۆرۈنۈپ تۇراتتى . بىز بىر ئاشخانىغا ئورۇنلاشتۇق ، مەن ئاتايەن ئەڭ چەتتىكى بىر ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇردۇم . ئىپارمۇ ماڭا ئەگىشىپ كەلدى ،
مەن ئۇنىڭ ھەربىر ھەركىتى ھەربىر ئىغىز سۆزىدىن ھوزۇرلىنىۋاتاتتىم ، بەلكىم ئالدىنقى 5يىل ئىچىدىكى بارلىق خوشاللىقلىرىمنى يىغىپ كەلسە، ئىپارنىڭ بىر ئىغىز سۆزىنى ئاڭلىغاندىكى خوشاللىقىمغا تەڭ بولالماس ، بارا-بارا يىتىرقاشلارنى تاشلاپ بۇرۇنقى ئىشلارنى سۆزلىشىپ كەتتۇق ،
- ھىلىقى ياغاچ ئورۇندۇق ئىسىڭىزدىمۇ؟ مەن مەكتەپكە بىرىپ كەلدىم ، ئۇ ئورۇندۇق شۇپىتى تۇرۇپتۇ ،
-شۇنداقمۇ ؟مەنمۇ باردىم.._ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەپ مەيۇس چىقتى.
-شۇنداق ھەممە يەرنى ئايلاندىم ،ھەممە ئىشلارنى ئەسلەپ چىقتىم.. مەن ئۇنىڭغا تىخىچە توي قىلمىغانلىقىمنى دەي دەپ تۇرسام ئۇ :
-سىزگە تۇرمۇشۇم توغۇرلۇق سۆزلەپ بىرەي ، ئاڭلىغىڭىز كەلمەسلىكى مۈمكىن ، ئەمما ئىپارنىڭ تۇرمۇشى قانداقتۇ دەپ قالغانسىز ، سىزگە ھىلىقى خەتنى سېلىپ خىلى كۈنلەردىن كىيىن توي قىلدىم ، سىزگە كۆڭلۈمنى قالدۇرۇپ يىڭى يارىم بىلەن ئۆي تۇتتۇم ، كىيىنچە بىر ئايال بولغانلىقىم ئۈچۈن بارلىقىمنى ئۇنىڭغا ئاتىدىم ، بەلكىم سىزمۇ مىنىڭ پەزىلەتلىك ئايال بولۇشىمنى ئۈمىت قىلىدىغانسىز ، بىر نەچچە يىلدىن كىيىن بالىمىز بولدى ، شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ئائىلىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەتتىم ، ئۇ ماڭا شۇنداق كۆيىنىدۇ ،
ئۇ بۇ گەپلەرنى دىگەچ سۇس كۈلۈمسىرىدى،لەۋلىرى تارتىشىپ ماڭا يىغلاشقا تەمشەلگەن بالىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى، نىمە ئۈچۈنكىن ئۇ بۇ گەپلەرنى ماڭا قارىماي تۇرۇپ خۇددى خىيالىدىكى بىر ھىكايىنى سۆزلەۋاتقاندەك ئاستا ئېيتىۋاتاتتى، مەن شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى مېنى تىنىمسىز قىيناپ كەلگەن بىر سۇئالنى سورىدىم:
- سىز بەختلىكمۇ؟
- _مەن.._ئۇ تىترەڭگۈ ئاۋازدا ئازراق تۇرۇپ قالدى -دە،كۆزلىرىنى مەندىن ئېلىپ قېچىپ تۇرۇپ ئاستا جاۋاپ بەردى ،_مەن بەخىتلىك،ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ....
بىر ئاز جىم-جىتلىقتىن كېيىن ئۇ مەيۈس ئاۋاز بىلەن سورىدى؛
_ئارمان،سىزچۇ؟ئايالىڭىز غۇلجىدىندۇ؟بالىڭىز چوڭ بولۇپ قالغاندۇ؟_ئۇ «ئايالىڭىز غۇلجىدىندۇ؟»دىگەن گەپنى قىلغاندا ئاۋازىنى سەل كۆتۈرۈپ قويدى.ئىھتىمال ئەينى ۋاقىتتىكى ئاپاملارنىڭ ئۇنى «قەشقەردىن»دەپ يىراق دەپ ئۇنىمىغانلىقى يادىغا كەچكەن بولسا كېرەك.
ئەمدى مەن نىمە دەي ، توي قىلمىدىم دەيمۇ . بۇنداق دىسەم ئۇنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى بۇزۇپ قويارمەنمۇ ؟ يالغان سۆزلەيمۇ ، ئۆزۈمنى ۋەيران قىلىپ بولدۇم ،قارىسام ئۇ ئازاپلانسىمۇ يېڭى تۇرمۇشىغا كۆنۈپ قالغاندەك تۇرۇدۇ،تېخى بالىسىمۇ بار ئىكەن، ئىپار بولسىمۇ ئائىلە تۇرمۇشىدىن ھوزۇرلانسۇن مۇشۇ ئويلار بىلەن مەنمۇ جاۋاپ قايتۇردۇم.
- شۇنداق ، توي قىلدىم ، بىر بالام بار، ئايالىم ئوقۇتقۇچى _ بۇ قىتىم ئۇنىڭ كۆزىگە مەنمۇ قارىيالمىدىم ،
- شۇنداقمۇ؟ياخشى بوپتۇ_ئۇ يىغلامسىرىغاندەك ئاۋازدا شۇنداق دىدى،ئىھتىمال ئۇنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈپ ئۇنىمۇ ئۆزۈمدەك ئويلاپ ،مېنى ئۇنتىيالمىدى دەپ قاراپ كېلىۋاتقان مېنىڭ خىيالىي تۇيغۇم شۇنداق بىلىندۇرگەندۇ..
مانا مۇشۇنداق يالغان سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرىشىنى تىلىدىم . قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ، بىزمۇ پاراڭلارنى تۈگىتىپ ياتاقلارغا قايتىشتۇق ، قەدەملىرىمىز شۇ قەدەر ئاستا،غۇۋا چىراق يورۇقىدا ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ياش تولۇپ تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى ،مېنىڭ ھالىم تېخمۇ ئىدى،ئۇ ياتاق ئالدىغا كەلگەندە ماڭا؛
- ئارمانىم ، ئاخىرقى قىتىم سىزنى شۇنداق ئاتىۋالاي ، خەيىر ،دەپلا كىرىپ كەتتى،ئۇنىڭ بۇرۇلۇپ قوللىرى بىلەن يۈزىنى توساپ يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتكىنىگە قانچىلىك قاراپ تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن .ئاھ تەغدىر،ئاھ كۆز ياش.....
بۇ قىتىم ئۈرۈمچىگە كىلىپ بىر خوشاللىق تاپقان بولسام ئاقىۋەت يەنە قايغۇم بىلەن قايتتىم . يەنە شۇ سىغىنىش ، ئازاب ، ھەسرەت دىگەندەك بىر تاغار كىلىدىغان دەرتلەرنى قۇچاقلاپ غۇلجىغا قايتتىم ، ئۇ توي قىلىپتۇ ، بالىلىق بولوپتۇ ، بەختلىككەن ، مانا مۇشۇنداق گەپلەر بىلەن ئۆز-ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم . ياق ، قەلبىمدىن قايتا-قايتا ياش ئاققۇزدۇم .
غۇلجىغا كىلىپ بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئەرپات ماڭا تىلفۇن قىلدى ،
- ۋەي ، ئاداش ، ئۈرۈمچىدە ئىپار بىلەن كۆرۈشۈپسەن ھە ،
-شۇنداق ، سەن قانداق بىلدىڭ ،
-ماڭا بايا ، ئىپارنىڭ دوستى ئادىلە تىلفۇن قىلىپتىكەن ، نىمىشقا ئىپارنى غۇلجىغا ئەكەلمىدىڭ ؟
- قانداق دەيسەن ، ئۆيىنى بۇزۇپ ئەكىلەمدىم ،
- نىمە ئۆي ، ئىپار ئاجىرشىپ كىتىپتۇ ، خىلى بولوپتۇ ،
-ئۇنداقتا بالىسىنىمۇ ئەكىلەمدىم ، ئاداش ،
-نەدىكى بالىكەن ، ئىپار بالىلىق بولماپتۇ ،
- ئۇ ماڭا ، بالام بار ، يولدىشىم شۇنداق ياخشى دىگەن ،
- ئۇ سىنى ئالداپتۇ ، ئادىلەنىڭ دىيىشىچە ئىپار يۇرتىغا قايتىپ ئادىلەگە تىلفۇن قىلىپ شۇنداق يېغلاپ كىتىپتۇ،ساڭا پۈتۈنلەي يالغان سۆزلەپتۇ،ئۇ ساڭا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى،ئۆزىنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلىگىنى دەپ سېنى ئازاپلاشنى خالىمىغانلىقىنى،مەكتەپكە ،بۇرۇنقى جايلارغا بېرىپ زار-زار يىغلىغانلىقىنى،سېنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك سۆيىدىغانلىقىنى،شۇنىڭ ئۈچۈنلا سېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەخىتلىك تۇرمۇشۇڭنى بۇزماسلىق ئۈچۈنلا كۆڭلىدىكى ،ئۆزىنىڭ تارتىپ كەلگەن ئازاپلىرىنى ئۇقتۇرماستىن قايتىپ كەپتۇ.....
تىلفۇننى بىسىۋەتتىم ، ئىپار ،ئاھ ئىپار ياش تولۇپ تۇرغان كۆزلىرىڭدىن نىمىشكىمۇ بىلمىگەندىمەن،سارغايغان چىھرىڭدىن نىمىشقا بىلمىگەندىمەن،مېنىڭ تا شۇ كەمگىچە بىرەرسىنىمۇ كۆڭلۈمگە سىغدۇرماي ئۆتۈشۈم نىمە سەۋەپتىن،سېنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرۈپ سېنى قەلبىمدىن قوغلىيالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟«سېنىڭ بۇ تەغدىر ئارمان.تەغدىرىمىز مۇشۇنداق ئوخشايدۇ» دەپ ئۇھسىنىشلىرىڭغا نىمىشقىمۇ تاقەت قىلغاندىمەن؟ياق،مەن يەنىلا سېنىڭ ئارمانىڭ،سەن يەنىلا مېنىڭ ئىپارىم،مەڭگۈ،مەڭگۈ شۇنداق بولۇدۇ سەن مەڭگۈ مېنىڭ كۆڭۈل بېغىمنىڭ خۇشپۇراق ئىپارى بولۇپ قالايسەن، .....
ئاھ ! ئىپار ، نىمىشقا كۆزۈمگە تىكىلىپ قارالمايدىكى دىسەم ..
قىلىۋاتقان ئىشىمنى تاشلاپ ، خىزمەتلەرنى باشقىلارغا تاپشۇرۇپ ، ئايرىدۇرۇمغا باردىم :
-قىزچاق،ماڭا قەشقەرگە ئۇچىدىغان بىلەتتىن بىرنى.......




     يىرىم ئاپتۇردىن: بۇ ئەسەر بۇرۇن مۇنبەرگە يوللانغان ئەسەر ئىدى . دوستىمىز خەنجەر ساقلىۋىلىپ سىرلىق تورىغا يوللىغان ئىكەن.  تورداشلارنىڭ قايتا يۈز كۆرىشىشى ئۈچۈن مىسرانىمغا يوللىدىم . ئەسەرنىڭ يەنە بىر ئاپتۇرى نىگار بەختكە قارشى قاتناش ھادىسىدە قازا تاپتى ( مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرىنىڭ جەننەتتىن بولىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن).
بۇ ئەسەر ئەينى چاغدا تۇنجى بولۇپ مۇنبەردىكى ئىككى ئەزانىڭ ئۇلاپ يازغان يازمىسى ھىسابلىنىدۇ .( ئەلۋەتتە مەن يەنە بىر ئاپتۇر بولغان نىگارنى كۆرۈپ باقمىدىم ، بىر شەھەردە تۇرۇپ ) .

[ بۇ يازما arxang تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : قىزغىن
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-09-07, 19:44
-سىز كۆرۋاتقان تىما كۆز ياشقا چىلانغان تەغدىر,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+20(uzturk) ئۆزتۈرك، & ..
  • مۇنبەر پۇلى:+100(musilina) تەسىرلىك يېز ..
  • مۇنبەر پۇلى:+99(marhaba) ھەقىقىي مۇھا ..
  • دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن ،دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم !
    kokyal
    تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4418
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 865
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە865دانە
    ياخشى باھا: 108 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 10019 سوم
    تۆھپىسى: 2 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 594(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-21
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 04:22

    رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي(ئامىن). ھازىر ھەممىنى ئوقۇپ بولالمىغان بولساممۇ ، بۇ يازمىنى تولۇق  ئوقۇش ئۈچۈن چوقۇم ۋاقىت چىقىرىمەن.
    ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر.
    huxhuy520
    مىسرانىم سىنى ھەرۋاقىت سۈيىمەن .
    دەرىجە: مەستانە ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6943
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 399
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە399دانە
    ياخشى باھا: 32 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3996 سوم
    تۆھپىسى: -2 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 266(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 04:23

    مەن 2-ئورۇننى ئىگەللەپ ئوقۇيمەن .  
    خۇشخۇي سىزلەر ئۈچۈن ھەرۋاقىت خۇشخۇي .   سىنى سۈيىمەن مىسرانىم  .
    خوك
    دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2297
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 456
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە456دانە
    ياخشى باھا: 29 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 6346 سوم
    تۆھپىسى: 3 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1663(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-03
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 05:42

    قارىغاندا بۇ ئەسەرنى مۇنبەردە مەن تۇنجى بولوپ ساق ئوقۇپ چىققان ئوخشايمەن.  
    ئەسەرنى ئوقۇپ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم. بىر تەرەپتىن مىنىڭ ئاشۇنداق ئۆتكۇزگەن مەكتەپ ھاياتىم كۆز ئالدىمغا كەلسە،يەنە بىر تەرەپتىن ئاللىقاچان ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ كەتكەن سۆيگۈمنى ئەسلىمەي تۇرالمىدىم،   ۋەقەلىكلەرنىڭ كەچۇرمۇشۈمگە بىر ئاز ئوخشاپ كىتىدىغانلىقىدىن ھەيران قالماي تۇرالمىدىم، ھەي،،،،،،،،،،،،،،،،،   بولدىلا.كۆڭلۈم ھەقىقەتەن يېرىم بوپ قالدى.  ئەمەلگە ئاشمىغان سۆيگۈ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ سۆيگۈ بولسا كىرەك.
    [ بۇ يازما arxang تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
    _____________________QQ:413544560______________________
    JUDUN0903
    ھەقىقەت ئىگىلىدۇ، سۇنمايدۇ........!
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2941
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 102
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە102دانە
    ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 856 سوم
    تۆھپىسى: 2 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1246(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-24
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 07:18

    ئاشكار ئەپەندىمنىڭ يازمىلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن. قارىغاندا ھازىر ئۇقۇپ بۇلالمىغۇدەكمەن. چۈشتىن كىيىن ۋاقىت چىقىرىپ تۇلۇق ئۇقۇپ بۇلۇپ قايتىدىن ئىنكاس يازىمەن، بۇ ئۇرۇن مىنىڭ.
    بىرسى دىدى تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە با؟
    مەن دىدىمكى تۇخۇمنىڭ ئاشۇ تاشتا دەردى با.
    janpolat007
    ئاناڭنى جاھان بىلسەڭ،ئاتاڭنى خاقان بىل!!!
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 8996
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 104
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە104دانە
    ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 322 سوم
    تۆھپىسى: 10 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 46(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-03
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 08:18

    رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي   
    ئىسىلنىڭ  ئەسلىمۇ  ۋەسلىمۇ  ئىسىل ،
    قىشى-ياز ئوخشاشلا ھەممىسى ئىسىل .
    ئېسىلساڭ  ئاشۇنداق ئىسىلغا ئېسىل ،
    ساپ ۋىجدان غورۇرى نەسلىمۇئىسىل.
    kizilgul
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3025
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 32
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە32دانە
    ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 603 سوم
    تۆھپىسى: 3 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 124(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-24
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 10:08

    بەك ياخشى ئەسەركەن ،بەك تەسىرلىككەن
    arkut403
    ياخشى ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ ، ئاندىن باشقىلار ..
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7842
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 63
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە63دانە
    ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 196 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 151(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-25
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 10:12

    داۋامى يۇقما بەكلا قىزىقىپ ئۇقىغان ئىدىم ، بىراق داۋامىنى
    كىممۇ يۇللار ئىپار بۇلمىسا ؟ مىنىڭ ئىپارغا بەكلا ئىچىم ئاغىردى ،
    نىمە دىگەن ئەپسۇسلىنارلىق ، قىزلار ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىشلاردا
    ئامالسىز قالىدىكەن ، بۇپمۇ تۇرمۇش ئىشىدا ،
    ئەگەر ئىپارنىڭ دادىسى بۇلغان بۇلسا  ئۇ ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى
    بەلگىلىيەلەر ئىدىمۇ  ؟  
    مۇمىكىن بۇلسا ئەسەرنىڭ نەتىجىسىنى تىخىمۇ تەپسىلىرەك  يۇللاپ
    قۇيغان بۇلسىڭىز ، ئارمان كىيىن قانداق بۇلدى ، بۇنىڭغا بەكلا
    قىزىقىۋاتىمەن ،
    غەيۋەتتىن يىراق تۇرايلى ،ياخشى ئىشلارغا مەدەت بىرەيلى ، ياخشىلار ئىلھاملىنىپ تۇرسۇن!ناچارئىللەتلەرگە رەدىيە بىرەيلى مىللىتىمىز تۇزەلسۇن ،گۇللەنسۇن !
    jmgor
    جىمغور ؛-مىللىتم روناق تاپ،مىللىتىم پاكىز ياشا.
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5025
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 235
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە235دانە
    ياخشى باھا: 42 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 909 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 234(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-28
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 10:35

    مەن بىر تەپسىلى كۆرەيچۇ ، اۋال ساقلىۋالاي
    بىر كىشى بولسىمۇ دوستۇڭ كۆپەيسۇن. يامانلىق قىلما!
    cubat
    بالىلىقىم
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6587
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 264
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە264دانە
    ياخشى باھا: 16 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1034 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 379(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-17
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 10:36

    بۇ ئەسەرنى ئىلگىرى مىسرانىم مۇنبىرىدە ئۇقىغان ئىدىم، مىسرانىم مۇنبىرىدە قايتا كۆرگىنىمدىن تۇلىمۇ خۇشال بولدۇم.
    ئىنكاس ئارقىلى تېمىنى ساقلىۋالالاي.
    كۈزۈمنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۈزۈمنىڭ ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم ...كۆز - ياشلار تۆكتۈم ... بىراق ئاپامغا بۇ ياشلىرىمنىڭ سىرىنى دىگۈم كەلمىدى... بەلكىم مەن چوڭ بولغاندىمەن...
    sargarda
    ئاجىزلارنىڭ تارىخىنى باشقىلار يازىدۇ.
    دەرىجە: مەستانە ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1041
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 569
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە569دانە
    ياخشى باھا: 33 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3121 سوم
    تۆھپىسى: 2 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 202(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-27
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 10:50

    نىگارغا  جەننەت  تىلەيمەن ،  ئىككى  ئادەمنىڭ  بىر  ئەسەرنى  بۇنداق  ئۇتۇقلۇق يېزىپ چىقىشىنى  تور ئەدەبىياتىدىكى بۆسۈش دىسە  بولىدۇ ،
    ئەسەرنى  ئوقۇۋېتىپ  كۆزلىرىم  نەچچە  ئېچىشىپ  كەتـتى  ...
      نادىرلىنىشقا  تېگىشلىك ئىكەن.
    ئاللاھ ، زالىملارغا مەدەت بەرگۈچىلەرنى ، ئاشۇ زالىمنىڭ قولى بىلەن جازالايدۇ   (  ھەدىستىن )
    togtax
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 8367
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 113
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە113دانە
    ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 374 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 11(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-29
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-08
    11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 11:12

    بەك ياخشى ئەسەركەن ،بەك تەسىرلىككەن
    دېھقان
    گۈل جەننەت
    دەرىجە: مەستانە ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 682
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 547
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە547دانە
    ياخشى باھا: 27 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2578 سوم
    تۆھپىسى: 3 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 859(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-25
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-08
    12 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 11:22

    بۇ ئەسەر بەك تەسىرلىك يېزىلىپتۇ ،ئۇقۇۋېتىپ كۆز ياشلرىمنى توختىتالماي قالدىم ، ئەسەرنىڭ ئىچىگە چۇڭقۇرلاپ كىرىپ كېتىپ، ھەتتا باشلىق تاپشۇرغان ئىشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەنغۇ، ئەمدى ئېسىمگە كەلسەم ئىشخانىدا ئىكەنمەن . بىزنىڭمۇ بىرجۇپ ساۋاقدىشىمىز بۇلىدىغان بىرسى شىمالدىن  بىرسى جەنۇپتىن ئىدى ، قىز توي قىلىپ 10يىلغىچە يىگىت توي قىلماپتۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم،  ھازىر قانداق بولدىكىن تاڭ! مۇھەببەت بەك چۇڭقۇر بولسا شۇنداق بۇلىدىغان ئوخشايدۇ .
    بۇ دۇنيادا ئەزەلدىن يول يوق ئىدى ،ئۇپەقەت كىشىلەرنىڭ مېڭىشى بىلەن پەيدا بولغان.   ئاق لالە
    HANJAR
    جەننەت+دوزاخ = كىشىلىك ھايات
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1477
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 140
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە140دانە
    ياخشى باھا: 31 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1090 سوم
    تۆھپىسى: 4 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 96(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-30
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
    13 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 12:12

    مەزكۇر ئەسەر ئىلگىرى باشقا مۇنبەردە ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، ئىككى ئاپتۇر بىر - بىرسى بىلەن كۆرۈشمەي تۇرۇپ بىۋاستە مۇنبەرگە بىرلىشىپ يازغان ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدىكى مۆجىزە خارەكتىرلىك ئەدەبىي ئەسەر . ئەسەرنىڭ يەنە بىر ئاپتۇرى ‹‹ نىگار ›› 2010- يىلى 1- ئاينىڭ 5- كۈنى تاسادىپىي يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسىدە زەخمىلىنىپ ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولدى . سۈيۈملۈك تورداشلار بىر شەرمىي- ھايالىق ، ئىجتىھاتلىق ۋە ساپالىق قېرىندىشىمىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدۇق .
    مەزكۇر ئەسەر توردا بىۋاستە يېزىلغاچقا يەنە بىر ئاپتۇرىمىز بولغان ‹‹ ئاشكار ›› جان ساقلىۋالمىغان . تەلىيىگە كەمىنە ‹‹ خەنجەر ›› بۇ ئەسەرنى ساقلاپ قويغان ئىدىم . ‹‹ ئاشكار ›› نىڭ ‹‹ مىسرانىم ›› مۇنبىرىگە ئۆزىنىڭ يوللىشىنى ساقلاپ كەلگەن ئىدىم . ئاخىرى بۇ نادىر ئەسەر ‹‹ مىسرانىم ›› مۇنبىرىدىكىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى .
    سەمىمىيلىك ئىنساندىكى ئېسىل خىسلەتتۇر !
    ئىللەت تۈزەلمىگۈچە ،مىللەت تۈزەلمەس!
    ھەقىقەت ئېگىلىدۇ ، سۇنمايدۇ !