مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1101 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/5     Go
تېما: مۇنداقمۇ نومۇسسىزلىق بولامدۇ جاھاندا!!<داۋامى>
nuzugum515
arman lirim misranim da
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3918
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 94
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە94دانە
ياخشى باھا: 45 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 855 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 367(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-14
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 17:01

0 مۇنداقمۇ نومۇسسىزلىق بولامدۇ جاھاندا!!<داۋامى>

      شۇ كۈنى كەچتە خالىد ئىشتىن چۈشۈپ ، ئىشلىرىنى تۈگۈتۈپ يېرىم كېچىدە ماشىنىسى بىلەن ئۆيىگە كېتىۋاتاتتى ،مەھەللىگە ئاز قالغان يەردىكى كوچا دوقمۇشىغا كەلگەندە يىراقتىن ئىككى كىشىنىڭ يول ياقىسىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى ،ئىنچىكىلەپ قارىسا بىر ياش ئېغىر ئاياق ئايال يەردە ياتقان ، يەنە بىر موماي يېنىدا تۇرۇپ <قىزىمنى قۇتۇلدۇرۋېلىڭلار،ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرمۇ ؟> دەپ ۋارقىراۋاتاتتى ، خالىد قىزىقىپ نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ باققۇسى كەلدى، بېرىپ سورىۋېدى ، موماي يىغلاپ تۇرۇپ :
_ جىنىم بالام ،بىز بۇ شەھەردىن ئەمەس ، يۇرتتىن كەلگىنىمىزگە بىر ھەپتە بولدى ، تېخىچە ئۆي تاپالمىدۇق ،يا بۇ شەھەردە تونۇيدىغان ئادىمىمىزمۇ يوق ، بۇ مېنىڭ قىزىم ، يولدىشى كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەن ، تۇيۇقسىز قىزىمنىڭ تولغىقى قوزغىلىپ قېلىپ ئاغرىق ئازابىدا قىينىلىپ كېتىۋاتىدۇ ، كىچىدە بىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىدىغان ئادەممۇ يوق ...،-موماينىڭ 70 يېرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرغان ياشلىرى كىشىنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغايتتى ، موماي دەرھاللا خالىدقا ئېسىلدى:
_ئوغلۇم، قارىسام ياخشى بالىدەك قىلىسەن ، قەدەملىرىڭگە سۆيەي ، شۇ قىزىم ئىككىمىزنى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويغان بولساڭ ، ئاللاھ ئايالىڭ ۋە بالا-چاقىلىرىڭنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن .
موماينىڭ كۆز ياشلىرى ۋە يەردە ياتقان ناتىۋاننىڭ نالىسىگە چىدىماي قالغان ئاق كۆڭۈل خالىد ،بۇ بىچارە قالغان مىسكىنلەرگە بىر ياردەم قىلىپ ، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىلىش نىيىتىگە كېلىپ ، موماي بىلەن كۆتۈرۈشۈپ قىزنى ماشىنىغا سالدى،- دە ، ئۇچقاندەك دوختۇرخانىغا يۈرۈپ كەتتى ،ئانا -بالا ئىككەيلەن يول بويى ئۇنىڭغا ياخشى دۇئالارنى ياغدۇرۋەتتى.

دوختۇرخانىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ، تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن < بۇ تۇغۇت نورمال ئەمەس، جىددىي ئوراتسىيە قىلمىساق بولمايدۇ > دەپ ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ كېتىشتى. خالىد بۇ ئىككى بىچارىنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كېتىشكە كۆڭلى ئۇنىمىدى، تاكى ئوپراتسىيە نەتىجىسى چىققۇچە كۈتمەكچى بولدى، مومايغا ئۆزىنىڭ ئەرلەر كۈتۈش زالىدا ئۇلارنى ساقلايدىغانلىقى ، ئوپراتسىيە تۈگىگەن ھامان ئۆزىنى خەۋەرلەندۈرىشىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى ، ۋە ئايالىغا تېلىفۇن قىلىپ سەل كىچىكىپ قايتىدىغانلىقىنى دەپ قويۇپ بىر ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى، تامغا يۆلىنىپ شۇ ئولتۇرغانچە قانداقلارچە، ۋە قاچانغىچە ئۇخلاپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەي قالدى ، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ ئوچۇق ئېسىدە قالغىنى ئۇ بىر ئۆمۈر ئۇنتىيالمايدىغان كۆرۈنۈش بولغان ئىدى. ئۇ شۇنداق سەت بىر ۋارقىراش بىلەن چۆچۈپ ئويغاندى ، قارىسا ئىككى ساقچى ئۇنىڭغا قاراپ يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ، ھېلىقى موماي بولسا خالىدنى كۆرسىتىپ < ئاشۇ شۇ، دەل ئاشۇ شۇ> دەپ ۋارقىراپ زالنى بىر ئالغان ئىدى ، خالىد ھاڭ-تاڭ قالدى ، ئۇ ھوشىنى يىغىپ مومايدىن قىزىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى ، مومايدىن سادا كەلگىچە ساقچى تېزلا سۆز ئاچتى :
_ خالىد دىگەن سەنمۇ ؟
_ شۇنداق ، مەن شۇ .
_ يۈر مودىر ئىشخانىسىغا ! سەن بىلەن سۆزلىشىدىغان گەپ بار .
ھەممىسى مودىر ئىشخانىسىغا يىغىلدى، ئىشىك گوممىدە يېپىلىۋېدى موماي قىقاس- چۇقاننى باشلىۋەتتى:
_ ئەپەندىم،مۇشۇ شۇ ، مۇشۇ پەسكەش ئوغرى شۇ ، خوش بولۇپ قالاي ، ئۇنى ھەرگىز قويۋەتمىسەڭلار، قىزىمنىڭ ئىستىقبالى بۇنداقلا ۋەيران بولۇپ كەمىسۇن.
خالىد تېخىچىلا كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ ،ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي ھەممىگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى، ساقچى گەپ باشلىدى :
_ بۇ ئايال سىنى زورلىق بىلەن قىزىمنىڭ نومۇسىغا تەگدى ،يا ئۇنى نىكاھىغا ئالمىدى، قىزىمنىڭ بويىدا قېلىۋېدى يا بالىغا ئىگە بولمىدى ، قىزىم <خەلق ئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلىۋېتىمەن ...ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن ...> دىسە ئاندىن قىزىمنى نىكاھىغا ئېلىش ھەققىدە ۋەدە بېرىپتۇ ، ئەمما بالا تۇغۇلىشى بىلەنلا ئۇنى بىر مەسجىتنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قۇيىمىز ، بىرەرسى ئېلىپ كەتسۇن دەپتۇ دپ شىكايەت قىلىپ كەپتۇ، بۇ راسما ؟
-نىمە ؟
خالىد بېشىنى چاقماق چاققاندەك بولۇپ ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلۇشۇپ ، ئاغزى گەپكە كەلمەي قالدى-دە ، نەپىسى سىقىلىپ ھوشسىز يەرگە يېقىلدى. ئەمدىلا كۆزىنى ئېچىشىغا ساقچىلار يەنە سوراقنى باشلىدى :
_ خالىد ، بىزگە راست گەپنى قىل ، زادى شۇنداقمۇ يوق ؟ قارىسام توغرا -دۇرۇس ئادەمدەك قىلىسەن ، ھېچ ئۇنداق پەسكەش ئىشنى قىلىدىغاندەك ئەمەس .
خالىد تولىمۇ ھالسىز ۋە ئازاپتىن- غەزەپتىن ئاۋازلىرى تىترىگەن ھالدا نالە قىلىشقا باشلىدى :
_ ئاھ خۇدا ، بۇ نىمە كۆرگۈلۈك ؟  بۇ ياخشىلىق قىلغاننىڭ جازاسىمۇ ؟ ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ جازاسىمۇ ؟ ئى جامائەت ، مەن بىر شەرمى-ھايالىق ، ئاللاھتىن قورقىدىغان ئادەممەن ،مەن تۆۋەنكى گۈللۈك مەھەللىدە ئولتۇرىمەن ، ھەممىسى مېنى بىلىدۇ ، ئىللىق ئائىلەم ، ئوماق پەرزەنتلىرىم بار ، ،مەن ئائىلەمنى سۆيىمەن ،خالىد ئەمدىلىكتە ئۆزىنى تۇتالمىدى، ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى قارا يامغۇردەك قۇيىلىۋاتاتتى ، كۆزلىرىدىن ئېقىۋاتقىنى پاك- گۇناھسىز بىر زۇلۇمغا ئۇچرىغاچىنىڭ غەزەپلىك ، ئەلەملىك كۆز ياشلىرى ئىدى، پۈتۈن دوختۇرخانا بىناسى جۈملىدىن ئاسمانۇ -زىمىن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا جۆرە بولىۋاتقاندەك قىلاتتى .


خالىد بىر ئاز ئۆزىنى توختىتىۋالغاندىن كېيىن ئۇ ئانا- بالا ئىككەيلەن بىلەن بولغان ئىشلارنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى ،ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ساقچىلاردىن بىرى :
_ ئاللاھ سېنى ئاقلىسۇن خالىد، مەن سېنىڭ گۇۈاھسىز ئكەنلكىڭگە ئىشىنىمەن ، ئەمما بىزدە دەلىل-پاكىت بولىشى كېرەك ،مەنچە بۇمۇ تەس ئەمەس، سىلەردىن قان ئېلىپ ، گېن تەكشۈرىشى قىلساق ، ھەقىقەت ئايدىڭ بولىدۇ .
خالىدنىڭ يەنە جۇدۇنى ئۆرلىدى :
_ نىمە ھەقىقەت ؟ مەن بىر گۇناھسىز ئادەم ، ماڭا نىمىشقا ئىشەنمەيسىلەر ؟ توۋا،بىر ئىتقىمۇ بىر تال قۇرۇق ئۇسىتىخان تاشلاپ بەرسە ، ئۆلگىچە ئۇ كىشىگە ياخشىلىق قىلىدۇ ، ئەمما بۇ ئادەم دىگەن ياخشىلىق قىلغانغا يامانلىق قىلىدىكەن ئەمەسمۇ ؟

ئەتىسى سەھەردە ئۇنىڭدىن قان ئېلىپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىشتى ،خالىد ساقچىلار بىلەن ئايرىم بەلگىلەنگەن ئۆيدە نەتىجە كۈتۈپ ئولتۇردى ، ئۆتىۋاتقان ھەر بىر مىنوت ئۇنىڭغا يىل-ئايدەك بىلىنىپ كېتىۋاتاتتى ،توختىماي ئاللاغا دۇئا قىلاتتى ،ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىشىنى سورايتتى .
بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن تەكشۈرۈش نەتىجىسى كەلدى ، خالىد بۇ قورقۇنۇچلۇق تۆھمەتتىن ئاقلانغان ئىدى ، بۇ ئالامشۇمۇل خوشخەۋەرنى ئاڭلىغان خالىد دەرھاللا شۇكرى سەجدىسىگە چۈشۈپ ، ئاللاھنىڭ بۇ نىممىتىگە رەھمەت ئېيتتى .
ساقچىلار بۇ ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئاۋارچىلىقلار ئۈچۈن خالدتىن كەچۈرۈم سوراشتى ، ھېلىقى ساختىپەز ئانا-بالا قولغا ئېلىنىپ ، تەكشۈرۈلۈش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىلدى.
خالىد ئۆيىگە قايتىشتىن بۇرۇن بۇ ئىشلاردىن خەۋەرە بار، تەكشۈرۈش-ئېنىقلاش ئىشلىرىنىڭ بېشىدا بولغان مەسئۇل دوختۇر بىلەن خوشلىشىپ ، ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش نىيىتىدە ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا باردى ، دوختۇر ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆزلىشىدىغان ئىشى بارلىقىنى ئېتىپ ، خالىيراق يىغىن زالىغا باشلىدى. دەسلەپتە ئۇيان-بۇيان گەپنى ئېلىپ قاچقاندەك قىلدىيۇ ، يەنىلا سۆز ئاچتى :
_ خالىد، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا سەندە بىر خىل كېسەللىك باردەك قىلىدۇ .
خۇشاللىقىدا جېنى يايراپ تۇرغان خالىدنىڭ رەڭگى ئۆچۈپ، ئالاقىزادە بولۇپ كەتتى :
_ دوختۇر نىمە كىسىلم بار ئىكەن ؟ دەپ بېرىڭە .مەن ئاللاھنىڭ قازا-قەدەرىگە چىم پۈتىمەن، دەۋېرىڭ، بالىلىرىم ئۈچۈن بولسىمۇ داۋالانمىسام بولمايدۇ ، ئۇلار تېخى كىچىك.
خالىد كىچىك بالىدەك ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى، دوختۇرمۇ ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردى :
_مەنمۇ ھازىرچە ئېنىق ھۆكۈم چىقىرالمايمەن ، بەلكىم بۇ پەرىزىم خاتادۇ ، سەن بېرىپ ئايال ، بالا-چاقىلىرىڭنى ئېلىپ كەلگىن، تەكشۈرۈپ بېقىپ ئاندىن يەكۈن چىقىرايلى.
بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن خالىد ئۆيىدىكىلەرنى ئېلىپ يېتىپ كەلدى ، تەكشۈرۈش ئىجرائاتلىرى ئاياقلاشقاندا ،ئۇلارنى ماشىنىسىغا سېلىپ قويۇپ قايتىپ كېلىپ ، دوختۇر بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا توساتتىن خالىدنىڭ تېلىفۇنى سايرىدى :
_سابىرما ؟ ئۇيگە كىرەلمەپسەندە ، بولىدۇ ، بىزمۇ ھازىرلا قايتىمىز ، سەل ساقلاپ تۇر.
دوختۇر قىزىقىپ سورىدى :
_كىم ئۇ ؟
_ ئىنىم، بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇۋاتقان، ئاچقۇچىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ تالادا قاپتۇ، بىزنى تېز كېلىڭلار دەيدۇ .
_ ئۇ قاچاندىن بېرى سىلەر بىلەن بىللە تۇرىۋاتىدۇ ؟
_تۆت يىل بولدى.
_ ئۇنداقتا ئۇنىمۇ ئېلىپ كەلسەڭ ، ئۇنىمۇ تەكشۈرۈپ باقايلى ، ئەگەر ئېرسىي خارەكتىرلىك كېسەل بولسا بەلكىم ئۇنىڭدىمۇ ئاسارىتى بولۇشى مۇمكىن .
_ بولىدۇ، مەن ئەتىلا ئۇنىمۇ بىللە ئېلىپ كېلەي .
ئەتىسى ۋەدىلەشكەن ۋاقىتتا خالىد سابىرنىمۇ ئېلىپ كېلىپ تەكشۈرتتى، بىر ھەپتىدىن كېيىن نەتىجىسىنى ئېلىشقا پۈتۈشۈپ قايتىپ كېتىشتى.


ئاھ بۇ تاڭ ئاتماس كېچىلەر، كۈن پاتماس ئازاپلىق كۈنلەر...
بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئاخىرى توشتى،بۈگۈنگە ئۇلاشقىچە خالىدنىڭ چېچىغا ئاق كىرىپ كەتكەندەك قىلاتتى.
دوختۇر خالىدنى قىزغىن كۈتىۋالدى ، ۋە ئالدىغا ئۇنىڭ جىددىيلىكىنى بېسىش ئۈچۈن بىر ئىستاكان لىمون سۈيى قويدى ،ئاندىن بۇ دۇنيانىڭ جەبرى-جاپا ، مۇشەققەتلىرى، ئازاپ-ئوقۇبەتلىرى ،بالا-قازا كېلىشمەسلىكى ، ۋە ئۇلارغا سەۋىر قىلىش ، ئاللاھنىڭ تەقدىر-قىسمەتلىرىگە رازى بولۇش ھەققىدە ئەزۋەيلەپ سۆزلىگىلى تۇردى، خالىدنىڭ سەۋىر قاچىسى توشتى :
_ دوختۇر ، تېزراق دەڭە ،مەن زادى نىمە كېسەل ئىكەنمەن ؟ ساقايماس كېسەلمىكەنمەن ؟ دىسىڭزچۇ ؟
دوختۇر بېشىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ كەتتى، ئەمما ھەقىقەتتىن قېچىپ نەگە بارغىلى بولسۇن ؟ دىمەي چارە يوق :
_ماڭا قارا خالىد ، بەزىدە ھەقىقەت تولىمۇ ئازاپلىق، ئېچىنىشلىق بولۇپ چىقىدۇ، سەن چوقۇم ئۇنىڭغا ئاقىلانىلىك بىلەن يۈزلىنىشىڭ كېرەك ، توغرا مۇئامىلە قىلىشىڭ ، توغرا چىقىش يولى تېپىشىنىڭ كېرەك، ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت.
دوختۇر يەنە جىمىپ كەتتى، ئاخىرى قولىدىكى قەلەمنى ئۈستەلگە تاشلاپ سۆز ئاچتى :
_ خالىد سەن تۇغماس ئىكەنسەن ،ئۇ ئۈچ بالا سېنىڭ ئەمەسكەن ، ئىنىڭ سابىرنىڭ بالىلىرى ئىكەن .
نىمە ؟؟؟؟؟!!!!!
خالىد ئەمدى ھېچنىمىنى ئاڭلىيالمىدى ، ھەم كۆرەلمىدى ،گويا چاقماق چاققاندەك قاتتىق بىر ۋارقىرىشى بىلەن پۈتۈن بىنا تىترەپ كەتتى ، ئۇ ھوشسىز يەگە يېقىلدى. ئۇ ئەمدى ھوشىغا كەلمەيدىغاندەك قىلاتتى ،ھەممە بىلەن خوشلىشىپ مەڭگۈگە يېقىلغاندەك قىلاتتى.
جىددى قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش نەتىجىسىدە خالىد ھوشىغا كەلدى ، رەزىللىككە تولغان بۇ رەھىمسىز دۇنياغا يەنە قايتىدىن كۆز ئاچتى . نىمىمۇ قىلاتتى ئۇيغۇنۇپ ؟ گۈزەل ئارزۇ-ئارمان ئىستەكلىرى ، سۆيگەن مەھبۇبىسى
ۋە ئوماق بالىلىرى ،مىڭ بىر جاپادا بەرپا قىلغان ئىللىق ئائىلىسى ،جۈملىدىن ھاياتتىكى بارچە نەرسىسىدىن ئايرىلغاندا ئويغۇنۇپ نىمىمۇ قىلاتتى ھە ؟
خالىد ئۇ دەھشەتلىك تاساددىپىيلىق سەۋەبىدىن ئەقلىدىن كېتىپ قالغان ، يېرىم پالەچ بولۇپ قالغان بۇلۇپ ، نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا قالغان كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلدى .
ئايالى قولغا ئېلىنىپ ، ئىقرار قىلغاندىن كېيىن ئۆلگىچە چالما كېسەك قىلنىشىقا بۇيرۇلدى .
سابىر بولسا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
بالىلار ، ئاھ شۇ بالىلار ! بارچە كەلگۈلۈك شۇ مىسكىن سەبىيلەرگە كەلدى ، ئۇلارنى يېتىم بالىلار دارىلتامىغا يۆتكەپ كېتىشتى ، ئۇلار ئەمدى ئاشۇ يېتىمچىلىك ، غېرىپ-غۇربەتچىلىك ، تىل-ئاھانەت ،خورلۇق، ئار-نومۇس ئىچىدە قان-يىرىڭ يۇتۇپ چوڭ بولارمۇ ؟ ئۇلاردا نىمە گۇناھ بار ئىدى ؟ ئۇلارنىڭ كىچىككىنە يۈرەكلىرى بۇ دەرتلەرگە قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەر؟
ئى ئىلاھىم ، شۇ بالىلار جەننەتنىڭ قۇشقاچلىرى ئەمەسمۇ ؟ ئاتا-ئانىلىرى قىلغان گۇناھلار سەۋەپلىك بۇ سەبىيلەرنى جازالىمىغىن ، ئۇلارنى رەھمەت قوينۇڭغا ئالغىن ، سەن تولىمۇ شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان زاتسەن.
ئى ئاللاھىم ، ھازىرقى زامان قىز-ئوغۇل، ئەر-ئاياللىمىزغا ئىمان ئېتىقاد ، شەرمىي-ھايا ئاتا قىلغىن،ئۇلارنى بارلىق شەيتانى ئازغۇن يوللاردىن يىراق قىلغىن ، سەن دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچىسەن
[ بۇ يازما خوك تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : خوك
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-08-27, 09:06
-سىز كۆرۋاتقان تىما مۇنداقمۇ نومۇسسىزلىق بولامدۇ جاھاندا!!<داۋامى>,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
ئاللاھىم:مەن فەقىرمەن،سەن غەنى
SULGANGUL613
سۇلغانگۈل
دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 262
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1012
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1012دانە
ياخشى باھا: 181 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 4830 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 589(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-21
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 17:12

شۇ بالىلارغا ئۇۋال قىلىپتۇدە ئاخرى ...
ئىشەنسەڭ سۆيگىن .
ئىشەنمىسەڭ سۆيمە .
بىلىپ سۆيگىن .
كىيىن ئېچىنما .
qartikin
يىڭنە قىلغان ئىشنى نەيزە قىلالماس
دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 51
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 735
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە735دانە
ياخشى باھا: 98 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3689 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 693(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 17:16

بۇبىر ياخشى يېزىلغان ھېكايىكەن  داۋامى بارمۇ ؟ تۈگدىمۇ؟
[ بۇ يازما qartikin تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.
bilgakut
غەلبە ھامان غالىپلارغا مەنسۇپ!!!!!!!
دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2846
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 309
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە309دانە
ياخشى باھا: 14 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1650 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 777(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-22
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 17:17

نۇزۇگۇم ، تۇگىدىما ؟؟؟؟؟ ھەي ........
ئالتۇن  ھەل بەرسەڭمۇ كېسەكتۇر كېسەك،
گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ تېزەكلەر ئىشەك.
ئەنە شۇ كۆرۇمسىز پىلە قۇرتىغا باق،
يەپ ئاددىي يۇپۇرماق بېرىدۇ يىپەك.
gulistan
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 927
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 157
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە157دانە
ياخشى باھا: 9 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1078 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 548(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-26
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 17:18

تۇنجى بولۇپ مەن ئوقۇپتىمەن . ئاللاھ ھەممە بەندىسىگە ئىنساپ ، ئىمان ،دىيانەت ئاتا قىلغاي ! چوڭلارنىڭ جازاسىنى بالىلار تارتىمىسۇن!
شىرىن
سۆيگۈ ئۈچۈن
دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 8106
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 36
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە36دانە
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 123 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 7(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-27
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 17:19

نىمانداق ئىچىنىشلىق ..........
ayhinm580
كۇلۇمسىرەشنى ئۇەنىۋىلڭ
دەرىجە: يېـڭى مــېھان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 8033
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 6 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 21(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-26
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 17:22

تۇۋا بالا-قازا كۇرنىپ كەلمەس پۇت-قۇلنى ساڭىگىلتىپ دىگەن شۇ بۇلسا كىرەك ،
دىققەت -ئىملادا خاتالىق كۇپ ،        مەزمۇنى ياخشىكەن     
تۇرمۇش بىر ئەينەككە ئۇخشايدۇ.سىز ئۇنڭغا كۇلۇپ قارسىەڭىز،ئۇمۇ سىزگە كۇلۇپ قارايدۇ ،
ئىمام
تەقدىرىم شۇنداق ئوخشايدۇ!!!!
دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7565
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 38
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە38دانە
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 120 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 41(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-23
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 17:23

ھىم نىمە ئىشلار بولۇپ كەتتى .....ئەمدى    
kaisar
سەن ئۆزەڭنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالما
دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 427
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1042
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1042دانە
ياخشى باھا: 31 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2588 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 740(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-23
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 17:25

ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن جاپا تارتتىپ   ئاخىرىنى يوللاپسىز      
......................................................................................................
پەيغەمبىرىمىز دىگىنى ھەق گەپ بىكاردىن بىكارغا  گەپ قىلمايدۇ .ئەسلىدە ئۇ يىگىت  پەيغەمبىرىمىز دىگەندەك  ئۆز گىپىدە چىڭ تۇرسا بولاتتى، ئەمدى ئامال يوق بولغان ئىش بولدى   ... بالىلار يىتىم بولدى    ....      سابىردىگەن نائەھلى   ..  ھەي   ئەمما   ئۆزىنى چىڭ تۇتىدىغان ئىماملىق كىشىلەرمۇ  بار  .....   سۆزلەي دىسەم پاتمايدىغاندەك قىلىدۇ  بولدى قىلاي ..........
______________________________
ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆزپاناھىدا ساقلىغاي  ..  كۈچلۈك ئىمان  كۈچلۈك ئىنساپ ئاتا قىلسۇن    ھەممىمىزنى كۆرۈنمەس بالا قازادىن  ساقلىسۇن  ...   ئامىن !
مۇۋاپىقىيەت تىرىشقارلارغا مەنسۇپ
karmalika
بارلىغىمىز مىسرانىم  ئۈچۈن
دەرىجە: ئىجادچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2025
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1076
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1076دانە
ياخشى باھا: 325 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 7487 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 935(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-02
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 17:26

  قىز – ئاياللار پاجئىەسى – مىللەتنىڭ پاجئىەسى ، پەرزەنتلەرنىڭ پاجئىسى . سەن ھەقىقى ئايال بولماقچى بولساڭ بۇنى ھەر ۋاقىت ، ھەر جايدا ئېسىڭدە ساقلىشىڭ كېرەك . سەن ھەقىقى ئايال بولماقچى بولساڭ گۈزەللىكنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ ، گۈزەللىك قوغلاشما . سېنىڭ ھەقىقى گۈزەلىكىڭ شەرمۇ – ھايا ، گۈزەل ئەخلاق ۋە پەدىشەپتۇر .      ئەدەپ ئەخلاق مەسلسگە ساماۋي دنلاردىن تارتېپ تۇقۇلما دىنلارغچە  پەيلاسۇپلاردين ئېلم پەن ئالېملرغچە ئەھميەت بەرگەن
بۇلبۇل
خوك
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2297
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 433
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە433دانە
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 6046 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1316(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-03
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 17:31

راس نىمە دىگەن نۇمۇسسىزلىق بۇ؟  ئاللاھ بۇنداق كۇنلەردىن ھەر بىر بەندىسىنى ساقلىغاي.
تۆۋەندىكىسى ماقالىنىڭ بېشى ئىكەن.
/read.php?tid-11017.zhtml
_____________________QQ:413544560______________________