بىرئادەمنىڭ ئەخلاق -پەزىلەتلىك ئادەم بۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئاتا-ئانىسى ،ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلىرىنىڭ مەسئۇلىيتى بولسا ،ئۇجەمئىيەتكە چىققاندا تامامەن ئۆزىنى-ئۆزى يارىتىش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ . كۈندىن -كۈنگە زامانىۋىلاشقان تۇرمۇش ئۆزىنىڭ رەڭدارلىقى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەردىكى ئەخلاق كۆزقارىشىنى سۇسلاشتۇرۇپ بارماقتا ...
Nvh&=%{g بۇنىڭ سەۋەپلىرى تىمىدا ئېيتىلغاندەك مۇتلەق ئەركىنلىك خاھىشىنىڭ ،شۇنداقلا كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ ئۆزئەركىنلىكىنى بىرىنجى ئورۇنغا قۇيۇش ،شۇنداقلا ئادەملەر -ئارىسىدىكى مېھرى- مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىپ كىتىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ...
>*!^pbZfX ئەخلاق دېگەن نىمە ؟ پەزىلەت دېگەنچۇ ؟ ئۇنىڭ بىرئادەمنىڭلا تۇرمۇشىدا ئەمەس پۈتۈن خەلىقنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق رۇلى بار ؟
15aPoxo> بەلكىم بۇلارغا نۇرغۇن ئادەملەر مۇنداقلا جاۋاپ بىرىپ ئۆتىشى مۇمكىن ، لىكىن ئاتا-بۇۋىلىرىمىزنىڭ دۇنيا ،كىشىلىك ھايات ،كۆزقارشى بىلەن ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرى نېمە ئۈچۈن ئوخشىمايدۇ ؟ سەۋەبى تۇلىمۇ ئاددى چۈنكى زامانىۋى تۇرمۇش قوينىدا ياشاۋاتقان ياشلار زامانىۋى تۇيغۇلارغا ئۆزىنىڭ ،ئۆزلۈك تۇيغۇلىرىنى ئىككىلەنمەي تىگىشىۋەتتى . ھايا -نومۇس، خاھىشى ئۇلارنىڭ يېڭىلىق قوغلىشىش ئۇنىڭغا قارغۇلارچە بىرىلىش ھېسياتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ ،ئادەتتىكى نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى .
-F3~X R بىرئادەمنىڭ ئەخلاق -پەزىلىتى ئۆزى ياشىغان زامان ۋەماكان بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ،<<قازاننىڭ يېنىغا كەلسەڭ قارىسى يۇقىدۇ >> دېگەندەك بىر ئادەمنىڭ قانداق كشىلەر تۇپىغا تەۋە ئىكەنلىكنى يەنىلا ئۆزى يارىتىدۇ. شۇڭا زامانىمىز ياشلىرىنىڭ ئەخلاق قارشىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشى قانداقتۇر ،ئاتا-ئانا ياكى ،ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىرقانچە ئادەملەرنىڭ سەۋەبىدىن بولماستىن ، ئۇنىڭ يېڭىلىقنى قانداق قۇبۇل قىلىش ، قانداق بىرتەرەپ قىلىش ، نېمىنى قۇبۇل قېلىش ،نېمىنى شاللاشتىن ئىبارەت، كەسكىن ھالقىلارنى بىرتەرەپ قىلىدىغان ماھارىتىگە باغلىق .ئۇنداق بولمايدىكەن . بۇزامانىۋى تۇرمۇشنىڭ تەتۈر قايناملىرىدا ئۆزىنىڭ قايسى يولدا مېڭىۋاتقىنىنى بىلمەي چۆرگىلاۋاتقانلار ،ئۆزىنى يوقىتىۋاتقانلار ، ئەخلاق -پەزىلەتنىڭ رىئال تۇرمۇشتىكى رولى ۋە ئۇنى روھىيىتىمىزگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرىنى بىلمەي يۈرىيدىغانلار شۇنچە ئاينىپ بارىدۇ .
Z
d@B6R مەن ئاخىردا ئەلشىر ئابدۇقادىر زامانىنىڭ مۇشۇنداق ياخشى ماقالىنى بىزگە يەتكۈزگىنىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈش بىلەن بىللە بۇتىمىنى نادىرلاشنى ئوتتۇرغا قۇيىمەن .
[ بۇ يازما hijran تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]