مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2182 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/8     Go
تېما: ئانىنى تاشلىغان قىز
0999nazuk
دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 971
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 1
ئومومىي يازما: 730
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە730دانە
ياخشى باھا: 89 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 4479 سوم
تۆھپىسى: 7 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1348(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-26
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-20 06:04 PM

0 ئانىنى تاشلىغان قىز

ئەسكەرتىش: تېما باشقۇرغۇچى ئۇيغۇرۇم007 تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-08-21)
ئانىنى تاشلىغان قىز




كېچە سەھەر ئۈچ يېرىم بولغان مەزگىل، بۇ ۋاقىتتا، ھەممە ئادەم تاتلىق ئۇيقىدا، شېرىن چۈشلەرنى كۆرىۋاتىدۇ، پەقەت ئاز قىسىم كىشىلەرلا ھاياتلىق ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇلار بولسىمۇ،تاتلىق ئۇيقۇسىدىن كىچىپ ئۆزىنىڭ نىمە بولۇشى بىلەن كارى بولماي، شەھەرنىڭ مۇھىتىنى پاكىزلاش ئۈچۈن، كوچا سۈپۈرۈپ، ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان جاپاكەش ئاكا -ھەدىلەر.
مانا مۇشۇلارنىڭ ئىچىدىكى پاكار، ۋىجىك، ئاق-سېرىق كەلگەن، كۆزلىرى خۇنۈك، بىر قاراشتىلا نۇرغۇن جەۋرى-جاپالارنى تاتقانلىقى چىقىپ تۇرىدىغان، ناھايىتى روھى سولغۇن بىر ئايال كوچىلارنى تىنماي سۈپۈرىۋاتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ،زەينەپخان ئانا.
زەينەپخان ئانا توي قىلىپ ئىككى يىلدىن كىيىن يولدىشى تۇيۇقسىز ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراپ
قىزى ئىككىسىنى داغدا قويغىنىچە كىتىپ قالدى. يولدىشىنىڭ بۇ ئۆلۈمى زەينەپخان ئانىغا شۇنداق ئىغىر كەلگەن بولسىمۇ، قىزى ئۈچۈن چىداملىق ۋە غەيرەتلىك بولۇپ ياشىمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى. ياش تۇرۇپلا پىشانىسىگە تۇللۇق تامغىسى پۈتۈلگەن بۇ ئايال قىزى ئۈچۈن ھەر-قانداق بەدەل تۆلەشكىمۇ رازى. ئۇ ھەرقانداق ئىشىنى قىلىشتىن يانمايتتى، قولۇم-قوشنىلىرىنىڭ كىر-قاتلىرىنى يۇياتتى، نانلىرىنى يىقىشىاتتى، ھەتتا باشقىلارنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغىمۇ چىقىپ ئىشلەيتتى، ئۇلارنىڭ بەرگەن ئازغىنا پۇلىنى ئۆيگە راسخوت قىلاتتى. مانا مۇشۇنداق تىنىم تاپماس ئەمگەكلەر ۋە يوقسىزچىلىق ئۇنى ھالسىرىتىپ قويغان بولسىمۇ ، قىزىنىڭ ساغلام، ئەقىللىق ئۆسۈپ چوڭ بولۇۋاتقانلىقى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرى كۆزىگە كۆرۈنمەستىن قىزىنىڭ بەختى ئۈچۈن تىرىشتى. نەچچە قىتىم قوشنىلارنىڭ " توي قىلىۋالغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتى، سىز تىخى ياش، قىزىڭىز ئالىيەگىمۇ دادا كىرەك" دەپ قىلغان نەسىھەتلىرىنى چىرايلىق رەت قىلاتتى. چۈنكى توي قىلغان ئېرىنىڭ قىزىنى ئۆگەيلەپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيتتى.
مانا شۇنداق قىلىپ كۈنلەر ئايلارنى، ئايلار يىللارنى قوغلاپ ئالىيەمۇ مەكتەپ يىشىغا توشۇپ مەكتەپ قوينىدىن ئورۇن ئالدى.
زەينەپخان ئانا كۈندۈزى ئىشلىسە،كېچىسى كىر يۇيۇپ، ئۆي تازلاپ، يىرتىلغان كىيىملەرنى ياماپ ، قىزىنىڭ پاكىز مەكتەپكە بېرىشى ئۈچۈن ۋە خاتىرجەم ئوقۇشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بىرەتتى. ئالىيەمۇ دەرىسلەردە تىرىشىپ ئۈگىنىپ سىنىپنىڭ ئەڭ ئالدى بولۇپ ماڭدى. بۇ قىز شۇنداق ئوماق، جانلىق، تىتىك، چىرايلىق قىز بولدىكى كۆرگەنلا ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى قوزغايتتى. ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ بۇ قىزغا بەكلا ئامراق ئىدى، مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر قانداق پائالىيەتلەرگە ئاكىتىپلىق بىلەن قاتناشتۇراتتى. بىراق ئالىيە چوڭ بولغانسىرى كۆڭلى يېرىم بولدى، چۈنكى ئاپىسىغا ھەر بىر قارىغىندا ئاپسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ھەم دادا ھەم ئاپا بولۇپ تارتىۋاتقان جاپالىرىغا قاراپ ئىچى سىرىلاتتى. نامرات ئائىلىدە يوقسىزچىلىقنىڭ تەمىنى تىتىپ چوڭ بولغان بۇ قىز، كۆڭلىدە: " خۇدايىم بۇيرىسا ، ياخشى ئوقۇپ چوڭ بولغاندا جىق پۇل تىپىپ ئاپامنى جاپا تاتقۇزماي باقىمەن" دەپ ئويلايىتتى.
يىللار نىمىدىگەن تىز ئۆتكەن ھە! مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئالىيەمۇ چوڭ بولۇپ ئالى مەكتەپكە باردى. بۇ ۋاقىتتا زەينەپخان ئانىمۇ باشقىلارنىڭ ياردىمى ۋە تونۇشتۇرۇشى بىلەن كوچا سۈپۈرىدىغان خىزمەتنى تىپىۋالغىنىدىن ئىنتايىن خۇش ئىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئازراق يىغىپ قويغان پۇللىرى بىلەن باشقىلاردىن قەرىز ئېلىپ ئالىيەنى ئالى مەكتەپكە ئىۋەتتى. ئالىيەمۇ بۇ يىڭى مەكتىپىگە تىزلا كۆنۈپ قالدى، ساۋاقداشلىرى بىلەنمۇ چىقىشپ ئۆتتى، دەرىسلەردىمۇ ئالدىدا ماڭدى. ئاپىسىنىڭ ئېۋەتىپ تۇرغان پۇللىرى ئالىيەنى ساۋاقداشلىرى ئالدىدا چاندۇرمىدى.
بىر يىلدىن كىيىن يازلىق تەتىل ۋاقتى بولغاندا ئالىيە ئۆيگە قايىتتى. ئۇ چۈشكەن ئابتوبۇس سايرام كۆلىنى بىسىپ ئۆتۈپ تەلكىنىڭ داۋانلىرىغا كەلگەندە خۇشلۇقىنى ئىچىگە سىغدۇرالمايلا قالدى. ئۇ ئابتوبۇسنىڭ دېرىزىلىرىدن چوقچىيىپ تۇرغان گۈزەل تاغلارغا، قەددىنى تىك تۇتۇپ ئۆسكەن ،ئىگىلمەس ياپيىشىل قارىغايلارغا تويماي قارايتتى. ئابتوبۇس ئىككى سائەتتىن كىيىن غۇلجىغا بىكىتىگە يىتىپ كەلدى. ئالىيە ئابتوبۇستىن چۈشۈپلا يۇرتىنىڭ ھاۋاسىدىن قىنىپ چوڭقۇر نەپەس ئالدى-دە، قەدىمىنى تىزلىتىپ ئۆيگە قاراپ ماڭدى. ئۇ ئانىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن تەقەززا بولىۋاتاتتى. مانا سىغىنغان ئۆيمۇ كۆز ئالدىدا تۇرۇپتۇ، ئۇ ھويلىغا كىرىپ ھويلىدا تاماق ئېتىۋاتقان ئاپىسىنى كۆردى-دە، ئالدىغا يۈگرەپ بىرىپ قۇچاقلىۋالدى ۋە:
_ ئاپا سىزنى شۇنداق سىغىندىم، ئەمدى ئىككى ئايغىچە يىنىڭىزدىن ئايرىلمايمەن،_ دەپ كۆز يشى قىلدى. زەينەپخان ھەدىمۇ قىزىنى تۇنجى كۆرۈۋتقاندەك قايتا-قايتىلاپ سىنچىلاپ قارىدى، پىشانىلىرىگە سۆيدى، كۆزلىرىدىن خۇشاللىق ياشلىرى دومىلاپ چۈشتى.
ئالىيە ئاپىسى بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كىيىن ئۆيلەرگە كىرىپ ئۆيلەرنى كۆزدىن كەچۈردى، ئۆينىڭ ئىچى يەنە شۇ بۇرۇنقىدەكلا ھىچقانداق ئۆزگىرىش يوق ئىدى. ئالىيە ئۆيلەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ئاپىسىغا ياردەملىشىپ تاماق ئىتىشتى. تاماق پىشقاندا بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يىدى، ئالىيە تاماق يىگەچ مەكتەپتىكى ئىشلارنى قىن-قىنىغا پاتماي سۆزلەپ بىرىۋاتاتتى، ئانا بولسا قىزىنىڭ سۆزلىرىنى بىرىلىپ ئاڭلاۋاتاتتى. ئانا ئۈچۈن ئۆز پەرزەنتىنىڭ خۇشاللىقىدن ئارتۇق خۇشاللىق بولمىسا كىرەك. ئۇ قىزىنىڭ شۇنداق ئېچىلىپ قۇشقاچتەك ۋىچىرلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلى سۆيۈندى، قىزىغا مەسلىگى كەلدى. ئۇلار شۇ تەرىقىدە بىر-بىرىگە قانماي تاتلىق پىچىرلىشىپ بىر- بىرىنى قۇچاغلاپ يىتىپ قىلىشتى. ئەتىسى ئەتىگەندە ئالىيە كۆزىنى ئىچىپ يىنىدا ئاپىسى يوقلىقىنى بۈلدى. " بەلكىم ئارقىغا چىقىپ كەتكەندۇ" ئۇ شۇنداق ئويلاپ ھويلىغا چىقىپ يۈزىنى يۇيدى. شۇ ئەسنادا زەينەپخان ئانا دەرۋازىدىن يوغان سۈپۈرگىنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى.
_ نەگە باردىڭىز ئاپا؟_ سورىدى ئالىيە ئاپىسنىڭ قولىدىكى سۈپۈرگىگە قاراپ،_ نىمانداق چوڭ سۈپۈرگە بۇ؟
_ شۇنداق، كوچا سۈپۈرۈپ كىردىم قىزىم، ساڭا ئىيىتمىغان ئىدىم ، سەن مەكتەپكە كەتكەندىن بىرى مۇشۇ خىزمەتنى تىپىۋالدىم، سەھەر ئۈچ يىرىمدا چىقىپ سۈپۈرىمىز مۇشۇ ۋاقىتتا تۈگەيدۇ شۇنداق كۆڭۈللۈك دىگىنە،_ دىدى زەينەپخان ئانا چايغا ئوت سىلىۋىتىپ.
ئالىيەنىڭ ئاپىسىغا قاراپ شۇنداق ئىچى ئاغرىدى، كۆڭلىدە بولسا: " جېنىم ئاپا، مىنى ئوقۇتىمەن دەپ بەكمۇ جاپا تارتىپسىز، ماڭا ئىۋەتكەن پۇللىرىڭىزنى بىرەر قىتىم بولسىمۇ قانداق تاپتىڭىز؟ دەپ سورىماي خەجلەپتىمەن، مەن نىمىدىگەن كۆيۈمسىز ھە! خۇدايىم بۇيرىسا ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپقاندا سىزنى ئوبدان باقىمەن، سىزگە بىر ئۆمۈر قارايمەن، تارىتقان جاپالىرىڭىزنى ھاردۇقىنى چىقىرىمەن ئانا" ئۇ شۇنداق دەپ خىيال سۈرۈۋىتىپ ئاپىسىنىڭ چاقىرغىنىنىمۇ ئاڭلىماي قالدى.
_ ئالىيە، قىزىم ئالىيە،-ئاپىسىنىڭ ئۈچىنچى قىتىم چاقىرىشىدىن كىيىن ئىسىگە كەلگەن بۇ قىز:
_ ھە! مانا ئاپا، مەن كەلدىم، ئاڭلىماي قاپتىمەن،-دىگىنىچە ئاپىسىنىڭ يىنىغا كەلدى. زەينەپخان ئانا:
_ جوزىلارنى قويۇپ ، دەستىرخانلارنى سالغاچ تۇرۇڭ، مەن چىقىپ سۈت ئەكىرەي،- دىگىنىچە قولىغا قاچىنى ئىلىپ تالاغا ماڭدى.
- ماقۇل، ئاپا،- قىز شۇنداق دەپلا جوزىلارنى قويدى، دەستىرخانلارنى سالدى. زەينەپخان ئانا سۈتنى ئەكىرىپ چاينى ئەتتى، ئۇلار بىللە ئولتۇرۇپ چاي ئىچىشتى، بىر چاغدا دەرۋازىدىن قوشنىسى بولغان ئايسىخان ئانا پۇتلىرىنى سۆرىگىنىچە كىرىپ كەلدى.
_ قىزىم ئالىيەنى كەپتۇ دەپ ئاڭلاپ كىرىشىم، ۋوي نىمانداق چىرايلىق بولۇپ كەتتىڭىز ،- دىگىنىچە ئالدىغا كۆرۈشكىنى كەلگەن ئالىيەنى قۇچاغلاپ، پىشانىسىگە سۆيۈپ قويدى. زەينەپخان ئانىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ:
_ كىلىڭ ، ئايسىخان ھەدە، تۆرگە چىقىپ ئولتۇرۇڭ،-دىدى. ئالىيەمۇ يۈگرەپ كىرىپ ئۆيدىن كۆرپە ئەچىقىپ سالدى. ئۇلار بىللە ئولتۇرۇپ مۇڭداشقاچ چاي ئىچىپ ئولتۇردى. ئايسىخان ئانا زەينەپخان ئانىغا قاراپ مۇنداق دىدى:
_ قىزلىرى تولىمۇ ئەقىللىق، چىرايلىق قىز بولدى، سىلىنىڭ مۇشۇ قىزلىرىدىن تەلىيى كەلدى دىسىلە، كىيىنكى ئۆمرىلىرىدە جاپا تاتمايدىغان بولدۇڭلار،- دەپ ئالىيەنى بىرەر قۇر ماختاپ كۆپتۈرۈپ سۆزلىدى. ئالىيە بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئاپىسىغا يىقىملىق قاراپ كۈلۈپ قويدى. ئۇلار بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن ئايسىخان ئانا" مەن چىقاي" دەپ خوشلىشىپ ماڭدى. ئانا-بالا ئىككىسى دەرۋازىنىڭ تىشىغا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى. ئۇلار مانا بۇ ئىككى ئاينى شۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزدى، تەتىلمۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بىردەمدىلا توشتى، ئۇلار بىر-بىرىگە قىيمىغان ھالدا تەستە خوشلاشتى. ئالىيە ئاپسى سىلىپ بەرگەن نان، قاق، يەل-يىمىشلەر سىلىنغان سومكىنى كۆتۈرگىنىچە ئابتوبۇسقا چىقتى. ئۇ سومكىلىرىنى جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ ئۆز ئورنىغا كىلىپ ئولتۇردى. شۇ ئەسنادا بىر يىگىت ئابتوبۇسقا چىقتى-دە، ئورۇن ئىزدەپ ئەتراپقا قارىدى. ئابتوبۇستا ئالىيەنىڭ يىنىدىكى ئورۇندىن باشقا ئورۇن قالمىغان ئىدى، يىگىت ئالىيەنىڭ يىنىغا كىلىپ ئولتۇردى، ئابتوبۇس قوزغالدى. ئۇ يولۇچىلارنى خىيال دەرياسىغا باشلىۋىتىپ بىر خىل رىتىمدا كىتىپ باراتتى.
_ ئىسمىڭىز نىمە؟-سورىدى يىگىت بىر پەستىن كىيىن جىمجىتلىقنى بۇزۇپ.
_ئالىيە،- ئۇ شۇنداق دەپلا دىرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇردى.
- بىردەم پاراڭلاشساق بولامدۇ؟- سورىدى يىگىت يەنە خىجىل ئارىلاش.
_بولىدۇ،- دىدى قىزمۇ بىر پەس تۇرۇۋىلىپ.
- تونۇشۇپ قالايلى، ئىسمىم نىجات،- دىدى يىگىت خۇشال بولۇپ ۋە يەنە كەينىدىنلا:
_ ئۈرۈمچىگە بىرەر ئىش بىلەن ماڭغانمۇ؟- دەپ سورىدى.
_ ئۈرۈمچىدە سىفەن داشۆدە ئوقۇيمەن، يازلىق تەتىل بولغاچقا يۇرتۇمغا بىرىپ كەلدىم، سىزچۇ؟- سورىدى قىزمۇ جاۋاپ بىرىپ بولۇپ كەينىدىنلا.
_ ھە، مۇنداق دەڭ، مەنمۇ شۇ مەكتەپتە ئوقۇيمەن بۇمۇ ياخشى بولدى، ئىككىمىز بىر مەكتەپتىن ئىكەنمىز،- دىدى يىگىت بىر مەكتەپداش چىقىپ قالغىنىغا خۇشال بولۇپ.
_ ھە، ئەمىسە يۇرتىڭىزغا بىرىپ كەپسىزدە؟- سورىدى قىز.
_ ياق، مەن ئۈرۈمچىلىك، يازلىق تەتىل بولغاچقا چوڭ داداملارنى يوقلاپ كەلدىم،-دىدى يىگىت.
ئۇلار قايسى سىنىپتا ئوقۇيدىغانلىقىنى، مەكتەپتە قانداق قىزىقارلىق ئىشلارنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىرىنى سۆزلىشىپ، ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بۈلەلمەي قالدى. مانا ئابتوبۇسمۇ ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدى، ئۇلار بىكەتكە كەلگەندىن كىيىن يۈك-تاقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئابتوبۇستىن چۈشۈشتى. ئۇلار بىر- بىرىگە خوش دىيىشىپ قىز مەكتەپكە، يىگىت ئۆيگە قاراپ ماڭدى.
ئەمدى يىگىتنىڭ تۇرمۇشىغا قاراپ باقايلى:
نىجاتنىڭ دادىسى شەھەرلىك خەلىق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولسىمۇ، لىكىن ئۇ ئادەم تولىمۇ كەڭ قوساق، مېھرىبان، ئاقكۆڭۈل ئادەم. ئۇنىڭ ئايالى يەنى نىجاتنىڭ ئاپىسى بولسا ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا ئىشلەيتتى، نىجات ۋە ھەدىسى ئىككىلا بالا بولۇپ، ھەدىسى يىڭى ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتى، نىجات بولسا مەكتەپتە ئوقىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ھەممەيلەن ئاقكۆڭۈل كىشىلەر بولۇپ، نىجات ئائىلە تەربىيىسى ئالغان، ئەخلاقلىق، ئەدەپلىك، ئۆز ئىشىغا مەسئۇلىيەتچان بالا ئىدى. ئۇ بۇ قىتىم غۇلجىغا دادىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن چوڭ دادىسىنى يوقلاپ كەلگەن ئىدى، لىكىن تەغدىر ئۇنى يولدا كەلگىچە ئالىيە بىلەن ئۇچراشتۇردى، شۇ سەۋەپلىك ئۇلار تونۇشۇپمۇ قالدى. ئۇلار مەكتەپتە بىر نەچچە قىتىم ئۇچرىشىپ قالدى، بىر نەچچە قىتىم مەكتەپ يىغىلىشلاردا بىللە بولدى، بىراق بۇلارنىڭ ئۇچرىشىشى كۆپەيگەنسىرى بىر- بىرىنى خىيال قىلىدىغان، مۇنداقچە ئىيىتقاندا ھەر ئىككىسىگە مۇھەببەتنىڭ رەشق ئوتلىرى تۇتاشقان ئىدى، لىكىن بىر- بىرىگە ئىيتالمىدى. بىر كۈنى نىجاتنىڭ سەۋىر-تاقىتى توشۇپ مۇھەببىتىدىن ئىغىز ئاچتى، ئالىيەنىڭمۇ ئۇنىڭغا كۆڭلى بولغانلىقى ئۈچۈن تىزلا ماقۇل دىگەن جاۋاپنى بىرىۋەتتى. مانا شۇنىڭدىن كىيىن ئۇلارنىڭ كۆڭۈللۈك، تاتلىق تۇرمۇشى باشلىنىپ، ئىككى ئاشىقنىڭ چىھرىدە كۈلكىلكەر جىلۋىلەندى. ئۇلار دەرىسخانىدا بىللە ئۆگىنىش قىلدى، بىللە ئاشخانىلاردا تاماق يىدى، بىللە باغلاردا سەيلە قىلىشتى، ئۇلارنىڭ بىر- بىرىگە دەيدىغان پاراڭلىرى تۈگىمەيتتى، بىر- بىرىنى ھۆرمەت قىلاتتى، نىجاتنىڭ ئالىيەگە بولغان مۇھەببىتى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ باردى، ئۇلار شۇ تەرىقىدە بىر نەچچە يىلنى ئۆتكۈزدى.
بىر كۈنى نىجات ئالىيەنى ئۆيگە باشلاپ باردى. نىجاتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى تولىمۇ قىزغىن كۈتىۋالدى. ئالىيە، نىجاتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە، ئالاھىدە ئىشلەپ سالغان ياسىداق داچا ئۆيلىرىگە قاراپ ئۆزىنىڭ تولىمۇ تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، نىجاتقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدى. ئۇ ئاپىسى ۋە ئائىلىسى توغۇرلۇق نىجاتقا ھېچنىمە دىمىگەن ئىدى. ئالىيە نىجاتنىڭ ئۆيىگە بىرىپ كەلگەندىن بىرى كۆڭلى پەرىشان جىمغۇر بولۇپ قالدى. ئۇ تولا ئويلاپ ئۆزىنىڭ نىجاتقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كىتىشنىمۇ ئويلىدى، بىراق ئۇ يەنىلا چىدىمايىتتى. ئۆزىنىڭ تۇنجى كۆڭۈل بىرىپ ياخشى كۆرگەن ئادىمىدن قانداقمۇ ئايرىلىپ يۈرىكى چىدىسۇن. ئۇنىڭ بىردىنلا ۋۇجۇدى تىترەپ كەتتى. كۆزىدىن ئاققان ياشلىرى ئالمىدەك يۈزلىرىنى بويلاپ چۈشتى. ئۇ زادى قانداق قىلىشىنىڭ بۈلەلمەي قالغان ئىدى. ئارلىشىپ ئۆتىۋىرەي دىسە ئۆزىنىڭ ئائىلىسى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە پەقەتلا ماس كەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دادىسى باشلىق، باشلىق بولغان ئادەملەر يۇقۇرنىلا كۆزلەيدۇ، ئابرويپەرەسلىك قىلىدۇ، ئۇنداق ئادەملەر بىزنىڭ ئائىلە بىلەن ھەرگىزمۇ قۇدىۋاچىلىق مۇناسىۋەت ئورناتمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپام بىر كوچا سۈپۈرىدىغان ئايال، شۇنداق تۇرۇپ بۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن قانداقمۇ تەڭ كىلەلەيمىز.
ئاھ، خۇدا، مەن ئەمدى قانداق قىلارمەن، ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىشىم كىرەكمۇ؟ ياق-ياق، ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كىچەلمەيمەن، ئۇنىڭدىن ئايرىلسام ئۆزەمنىڭ قانداق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدىغىنىم ئۆزۈمگە ئايان. ئالىيە بۇ ئىشلارنى تولا ئويلاپ باشلىرى ئاغرىپ كەتتى، ئۆزىنىڭ بەدەنلىرىنىڭ بەكلا بوشاپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى،ئەتىسى پەقەتلا مىجەزى يوقلىقىنى بۈلدى، شۇنچە قىلسىمۇ ئورنىدىن قوپالمىدى، ئۇ شۇ سەۋەپلىك ئىككى كۈن دەرىسكىمۇ قاتنىشالمىدى.
ئىككى كۈندىن بىرى ئالىيەنى ئۇچرىتالمىغان نىجات ئالىيەنى ئىزدەپ كىتىۋىتىپ مەكتەپنىڭ كارىدورىدا ئۇنى ئۇچرىتىپ قالدى.
_ سالام ئالىيە، قانداق ئەھۋالىڭىز؟- سورىدى نىجات ئالىيەنىڭ تولا يىغلاپ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ،- نىمە بولدىڭىز؟ مىجەزىڭىز يوقما؟
_ھېچنىمە، شۇ ئازراق بىشىم ئاغرىۋاتىدۇ،- دىدى ئالىيە كۆزلىرىنى نىجاتتىن قاچۇرۇپ.
_ سىرىتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىلەيلىمىكىن دەپ سىزنى ئىزدەپ ماڭغان ئىدىم، ياخشى بۇ يەردە ئۇچرىشپ قالدۇق، يۈرۈڭ بىردەم ئايلانساق بىشىڭىزنىڭ ئاغرىقى قويۇپ بىرەر،- دىدى نىجات.
ئالىيە ياق دىيىشكە تىلى بارماي يەنىلا نىجات بىلەن سىرتقا قاراپ ماڭدى. ئۇلار باغچىغا بىرىپ بىردەم ئايلانغاندىن كىيىن بىر ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردى. نىجات ئالىيەنىڭ سولغۇن چىرايىغا قاراپ كۆڭلى يىرىم بولدى، ئۇ:
_ بەك مىجەزىڭىز بولمىسىا، دوختۇرغا ئاپىراي، كۆرۈنۈپ باقامسىز؟- دەپ سورىدى.
_ ياق، بولدى، بىردەم ئارام ئىلىۋالسام ئوڭشىلىپ قالىمەن،- دىدى ئالىيە سەل مەيۈس ھالەتتە. ئۇ نىجاتقا نىمە دىيىشىنى بۈلەلمەيۋاتاتتى، ئۇ ئاپىسى ۋە ئائىلىسى توغۇرلۇق ھەممە گەپنى دىمەكچى بولۇپ نەچچە قىتىم ئاغزىنى ئۈمەللىدىيۇ، يەنە توختاپ قالدى. ئەگەر راستىنى دىسە نىجاتقۇ ماقۇل دە، لىكىن باشلىق بولغان يۈز-ئابرويلۇق دادىسى ۋە ئاپىسى ۋە بۇ ئىشقا قوشۇلامدۇ؟ بىر نامرات ئائىلىدە چوڭ بولغان يەنى كىلىپ كوچا سۈپۈرىدىغان بىر ئايالنىڭ قىزىنى قوبۇل كۆرەرمۇ؟ ئەمىلىيەتتە ئالىيە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىنتايىن ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بۈلمەيۋاتاتتى. ئۇ باشقىلاردىن ئاڭلىغان " باشلىق دىگەن نام ئابروي قوغلىشىدۇ، پۇل قاياققا ئاقسا شۇ ياققا ئاقىدۇ" دىگەن گىپىنى تولا ئاڭلىغاچقا باشلىققا بولغان كۆز قارىشى ئۇنى گاڭگىرىتىپ قويىۋاتاتتى، باشلىقنىڭ ئىچىدىمۇ ياخشى باشلىقلارنىڭ بارلىقىنى بۈلەلمەيۋاتاتتى.
تۇيۇقسىز ئالىيەنىڭ كاللىسىدا بىر نۇر چىقىلدى،بۇ نۇر ئالدامچىلىق، شۆھرەتپەرەسلىك، ئابرويپەرەسلىك، پۇلدار ئائىلىنىڭ كىلىنى بولۇش ئويى ئىدى، بۇ ئوينىڭ قانداق بولۇپ كاللىسىغا كىلىپ قالغىنىنى ئۆزىمۇ بۈلمەيتتى، ئازمايدىغان بەندە يوق دىسە، كىم ئىشىنىدۇ. ئەنە ئالىيەنى شەيتان ئازدۇرىۋاتاتتى. ئۇ بىراقلا ئاپىسىنى، ئائىلىسىنى يوق قىلىپ، ئۆزىنى يىتىم كۆرسىتىپ نىجاتنىڭ ھىسداشلىقىغا ئىرىشمەكچى بولدى، ئاندىن نىجات ئارقىلىق ئاتا- ئانىسىنى قايىل قىلغۇزۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ خانىشلاردەك ياشاشنى ئويلىدى.
_ نىجات ،- سۆز باشلىدى ئالىيە، مەن سىزگە ئائىلەم توغۇرلۇق ھىچنىمە دىمىگەن ئىدىم، سۆزلەپ بەرسەم خالامسىز؟
_ خالايمەن،نىمىشقا خالىمايمەن،چۈنكى مەن سىزنىڭ ئائىلىڭىزگە بەكمۇ قىزىقىمەن، نەچچە قىتىم سورىسام جاۋاپ بەرمىگەن ئىدىڭىز،- دىدى نىجات تۇيۇقسىز سورالغان بۇ گەپتىن خۇشال بولۇپ.
_ گەپنى نەدىن باشلاشنى بۈلەلمەيۋاتىمەن، توغرا سىز نەچچە قىتىم سورىغان ئىدىڭىز، لىكىن مەن دەپ بەرمىدىم، دەپ بەرمىدىم ئەمەس دەپ بىرىشنى خالىمىدىم، چۈنكى مىنىڭ ئاتا-ئانام كىچىك ۋاقتىمدا ئۆلۈپ كىتىپ مېنى تاغام بىقىپ چوڭ قىلغان، لىكىن تاغامنىڭ ئايالى مىنى تولىمۇ ئۆگەيلەپ يامان كۆزىدە قارايدۇ، بىر مىنۇتمۇ يىنىدا تۇرغۇزغىسى كەلمەيدۇ، بىراق تاغام ئاقكۆڭۈل، ياخشى ئادەم بولغاچقا ماڭا ياخشى قارىدى،مەكتەپلەردە ئوقۇتتى، ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن ۋاقتىمدىمۇ، كۈنلىكىنى كۈنلۈك تىپىپ تۇرمۇشىنى ئاران قامداپ كىتىۋاتقان ئائىلىسىگە قارىماي باشقىلاردن قەرىز ئىلىپ مىنى مەكتەپكە ئىۋەتتى.ئايالى بولسا بۇ ئىشقا رازى ئەمەس، كۈندە ئۇرۇش جىدەل قىلدى، تاغام ئاخىرى چىدىماي ئايالنىڭ ئاغزىنى بىسىش ئۈچۈن ئولتۇرۇۋاتقان جاينى سىتىپ ئازراقىنى قەرزگە تۆلەپ، قالغان پۇلدا ئايالى ۋە ئىككى بالىسىنى ئىلىپ باشقا يەرگە كىتىپتۇ، نەگە كەتكەنلىكىنى مەنمۇ بۈلمەيمەن، لىكىن تاغام ماڭا پات-پات پۇل ئىۋەتىپ تۇردى، شۇ پۇللارنى قىسىپ يۈرۈپ خەجلەپ ئاان يەتكۈزىمەن. مىنىڭ ئائىلەم بولسا مانا مۇشۇنداق، سىز بولسىڭىز ئۈرۈمچىلىك يەنى كىلىپ باشلىقنىڭ بالىسى، مەن بولسام بىر قارا يىتىم، مەن سىزگە ھەرگىز ماس كەلمىگۈدەكمەن، ئۆتكەندە ئۆيىڭىزگە بىرىپ كىلىپ ماس كەلمەيدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. مەن سىزنىڭ خىلىڭىز ئەمەس، ئەمدى بىز كۆرۈشمەيلى، ئايرىلىپ كىتەيلى،-دىدى ئالىيە يالغان ياشلىرىنى ئىيتىپ.
بۇ دۇنيا تولىمۇ رەڭدار ئالەم، ئۇ ئۆزىنىڭ راس ھەم يالغان بوياقلىرى بىلەن ئادەملەرنىڭ چىرايىغا رەڭ بىرىدۇ. ئۇنى قۇياش نۇرىدا نۇرلاندۇرىدۇ، بۇ نۇرلار كىشىنىڭ قەلىب ئەينەكلىرىدىن ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ ھەرخىل غەرەز يوشۇرۇنغان يۈرىكىنى نىقابلايدۇ، ئەنە شۇ نىقاپ تۈپەيلى نۇرغۇن ئادەملەر ئالدىنىدۇ، ئەنە نىجاتمۇ ئالدىنىۋاتاتتى، ئۇ، پەرزەنتى ئۈچۈن ياشاپ، پەرزەنىت ئىشقىدا كۆيۈپ پىشىپ، ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر قانماي ، ئۇنىڭ ۋىسالىغا قانائەتسىزلىك بىلەن تەلمۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر تامچە- بىر تامچىدىن ئېرىپ تۈگەپ كىتىۋاتقان ئانىسىنى، پەرزەنتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر بەدەل تۆلەپ، بارلىغىنى قۇربان قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەم دادا ھەم ئانا بولۇپ قاتارغا قوشقان ئانىسىنى،پۇل، مال- دۇنيا،ئابروينى دەپ بۇ دۇنيادىن بىراقلا يوققا چىقارغان، ئۆلدى دەپ يالغان سۆزلىگەن ئالىيەگە ئالدىنىۋاتاتتى. ئالىيە يالغان كۆز ياشلىرى بىلەن نىجاتنىڭ يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئىلىۋاتاتتى. ئاقكۆڭۈل ئائىلىدە چوڭ بولغان نىجات، بۇ دۇنيانىڭ بۇنچىلىك رەھىمسىزلىكىگە تولغانلىقىنى بۈلمەي، ئالىيەگە چوڭقۇر ھىسداشلىق قىلىپ « ئالىيە بىر ئۆمۈر مەن سىزگە ھەمراھ،مەيلى نەدە بولۇڭ مەن سىزدىن ئايرىلمايمەن» دەپ كۆڭلىنى بەزلەپ مەڭگۈلۈك ۋەدىلەرنى بەردى، ئالىيەنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ ئازاپ ۋە خورلۇق تاتقانلىرىغا يۈرىگى ئېزىلدى. نىجاتتىن مەڭگۈلۈك ۋەدىلەرنى ئالغان ئالىيەنىڭمۇ يۈرىكى جايىغا چۈشۈپ كۆڭلى ئەمىن تاپتى.
ئۇلار ئەنە شۇنداق بىر نەچچە يىلنى ئۆتكۈزۈپ مەكتەپنىمۇ پۈتتۈردى. ئالىيە مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە بولغان ئارلىقتا ئاپىسىغا ئىككى قىتىم تىلىفۇن قىلغان بىلەنلا كۇپايە قىلدى. يەنى كىلىپ تىلىفۇندا ئاپىسىغا ئۆزىنى ئىزدىمەسلىكىنى، ئۈرۈمچىدە قىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئىيىتتى.
ئۇلار توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ ، ئاخىرى تويمۇ قىلدى. نىجاتنىڭ ئاتا- ئانىسى ئاقكۆڭۈل كىشىلەر بولغاچقا يىتىم قىز دەپ نامىنى ئالغان بىشىنى سىلاش ئۈچۈن تويغىمۇ قوشۇلدى. بۇ توي شۇنداق داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىلدىكى، بۇ تويغا قاراپ ھەممە ئادەمنىڭ ئەقلى لال بولدى. تويغا نىجاتنىڭ پۈتۈن ئۇرۇق- تۇققانلىرى ۋە دوسىت يارەنلىرى قاتناشتى. ئاتا-ئانىسى بولسا ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىغا بەخىت تىلىدى، ئالىيەنىڭ تويغا قاتناشقان يىقىنلىرىدىن بولسا پەقەت ساۋاقداشلىرىلا بولدى.لىكىن ئالىيەنىڭ پەرۋايى پەلەك، ئۇ ئانىسىنى ئۇنتىغان ھالدا توينىڭ خۇشاللىقىدىن ئاغزى بۇرنىغا يىتىۋاتاتتى. ئۇ يۈز-ئابرويلۇق باي ئائىلىگە ياتلىق بولدى، ئەمدى ئۇنىڭغا نىمە كەم بولسۇن. ئالىيە مانا مۇشۇنداق توي شارابى ئىچىپ مەسىتخۇش بولىۋاتقان ۋاقىتتا، بىچارە ئانا ئۆيدە ئاغرىقنىڭ ئازابىغا، سىغىنىشنىڭ ئوتىغا چىدىماي پۇچۇلىنىپ ياتاتتى. يېقىندىن بىرى بۇ ئانىنىڭ ئاشقازىنى تۇرۇپلا مۇجىدىغان بولىۋالغاچقا، ئىككى ئاغرىق قوشۇلۇپ بىچارە ئايالنى بەكلا ھالسىرىتىپ قويدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا تۇرۇپلا قىزى كىلىۋالاتتى« ئاپا سىزنى ئۆزەم باقىمەن،سىزنى ھەرگىز جاپا تاتقۇزمايمەن» قىزىنىڭ شۇ سۆزلىرىنى ئويلىغان ئانىنىڭ كۆزىدىن تاراملاپ ئىسىىق ياش ئاقتى. قىزىنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋىتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بىچارە ئانا ئىزدەپ باراي دىسىمۇ بارالمايتتى. ئۇ مانا مۇشۇنداق ئېغىر خۇرسىنىشلار ۋە ئازاپلىق سىغىنىشلار ئىچىدە نەچچە يىلنى ئۆتكۈزدى. لىكىن خىزمىتىنى تاشلاپ قويمىدى، ھەر كۈنى سەھەر سۈپۈرگىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كىتىپ 9-10 لاردا قايتىپ كىلىدۇ، ئۆيگە كەلسىلا كۆڭلى يېرىم، مۇڭداشقىدەك، ھالىنى سورىغىدەك بىرەر يىقىنىمۇ يوق، پەقەت ئىشقا چىققاندىلا خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە يۈرۈپ ئاغرىقىنى، قايغۇ-ئەلەملىرىنى ئازراق بولسىمۇ ئۇنتۇيدۇ، بولسا كەچكىچە ئىشلىسە، شۇ غىرىبانە مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئۆيگە كەلمىسە دىگەندەك خىياللار كاللىسىنى چىرمىۋالاتتى.
ئەمدى ئالىيەگە كىلەيلى:
ئالىيە تويدىن كىيىن خۇددى خانىشلاردەك ياشاشقا باشلىدى. كىيەي دىسە كىيىدىغىنى تەييار، يەيمەن دىسە يەيدىغىنى تەييار، نىجات ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا شۇنداق ياخشى مۇئائىلە قىلغاچقا بۇ ئائىلىگە تىزلا ئۆزلىشىۋالدى. ئالىيە ئانىسىنى پۈتۈنلەي ئۇنتىغان ھالدا بەخىت بۆشۈگىدە تەۋرىنىپ ئالەمچە ھوزۇر سۈرۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە يولدىشى نىجاتنىڭ رەپقەت ئىسىملىك بىر يېقىن ساۋاقدىشى ئۆزىنىڭ توي باغىقىنى كۆتۈرۈپ كەلدى. رەپقەت نىجات بىلەن ئالى مەكتەپتە بىر سىنىپتا ئوقىغان بولۇپ يۇرتى دەل ئالىيە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن غۇلجىدا ئىدى، ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىنمۇ خىزمىتى شۇ غۇلجىدا بولدى، رەپقەت نىجات بىلەن كۆڭلى شۇنداق يىقىن ئۆتكەن بولغاچقا، نىجاتنىڭ تويغا بارماي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ باغاقنى ئۆز قولى بىلەن ئەكەلگەن ئىدى.
ـ چوقۇم بارغىن ئاداش،- دىدى رەپقەت نىجاتنىڭ قولىنى چىڭ سىققىنىچە،- يولۇڭغا قارايمەن جۇمۇ.
ـ بولىدۇ، چوقۇم بارىمەن، ئالىيەنىمۇ بىللە ئاپىرىپ تويۇڭنى راسا بىر قىززىتىۋىتەي، شۇ چاغدا كۆرىسەن،-دىدى نىجاتمۇ.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىر نەچچە كۈندىن كىيىن تويغا بىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى، ئالىيەنىڭ بولسا پەقەتلا بارغۇسى يوق ئىدى،چۈنكى ئۇ يەردە ئانىسىنىڭ ئۇچراپ قىلىشىدىن، نىجاتنىڭ ئالدىدا يالغانچى بولۇپ قىلىشتىن ئەنسىرىدى.لىكىن بارمايمۇ ئامالى يوقتە. نىجاتتىن ئايرىلىپ بۇ يەردە كۈننى قانداق ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار بىر نەچچە كۈن تەييارلىق قىلغاندىن كىيىن دادىسىنىڭ كىچىك ماشىنىسىنى ئىلىپ يولغا چىقتى. ئۇلار ئۇزۇن يوللارنى بىسىپ ئۆتۈپ ئاخىرى كۈتكەن مەنزىلى غۇلجىغا يىتىپ كەلدى. ئۇلار غۇلجا شەھىرىگە يىتىپ كەلگەندە سائەت سەھەر تۆت بولغان مەزگىل ئىدى. نىجات ماشىنىنى توختىماي ھەيدىگەچكە ئۇنىڭغا ماغدۇر يىتىپ قالدى. كۆزلىرى ئۇيقۇسىزلىقتىن قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، يولدا كەلگۈچە تولا ئەسنەپ مىڭىۋاتاتتى. ئۇ راستىنلا بەك چارچىغان ئىدى، شۇڭا بىردەم بولسىمۇ كاللىسىنى سەگىتىش ئۈچۈن ماشىنىڭ مۇزىكا قويغۇچىسىنى ئىچىۋەتتى. ئالىيە بولسا ماشىنىنىڭ كەينىدە كۆزلىرىنى يۇمغىنىچە مۈگدەپ ئولتۇراتتى. تۇيۇقسىز ماشىنا قاتتىق تورمۇزلاندى، قاتتىق سىلكىنىپ كەتكەن ئالىيە ئالدىدىكى ئورۇندۇققا ئۈسۈۋالدى.ئۇ « ۋاي، خۇدايىم، نىمە ئىش بولدى؟» دىدى-دە ، ماشىنىدىن چۈشتى.نىجاتمۇ ھودۇققۇنىدىن ماشىنىدىن ئىتتىك چۈشتى. ئۇلار ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپلا چىرايلىرىدا قان قالمىدى، پۇت-قوللىرى تىترەپ، قوققىنىدىن يۈرەكلىرى ئاغزىغا كەپلىشىپلا قالدى. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا بىر ئايال قانغا مىلەنگەن ھالدا ھوشسىز ياتاتتى، بۇ ئايالدىن چىقىۋاتقان قاندا يىنىدىكى سۈپۈرگىمۇ قانغا بويالدى. مانا بۇ ياتقان ئايال دەل ئالىيەنىڭ ئاپىسى زەينەپخان ئانا ئىدى. لىكىن ئۇ غۇۋا سۇس چىراق نۇرىدا ئاپىسىنى تونىيالمىدى، چۈنكى بۇ ئانا نەچچە يىللاردىن بىرى پەرزەنىت ئوتىدا كۆيۈپ، سېغىنىپ، يۈرەك پارىسىنى بىر كۆرۈش ئۈچۈن ھەر بىر نامىزىدا ئاللادىن تىلەپ، كېچىلىرى ئۇيقۇ يوق تاڭ ئاتقۇزۇپ، يۈرەكلىرى بىر تامچە بىر تامچىدىن ئىقىپ تۈگەپ، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئاشقازان ئاغرىقى ئۇنى ھالسىرىتىپ، بىر تىرە- بىر ئۇستىخان بولۇپ ئورۇقلاپ كەتكەن تۇرسا قانداقمۇ تونىيالىسۇن.
ئۇلار قانداق قىلىشىنى بۈلمەي بىر-بىرىگە ھاڭۋاققىنىچە تۇرۇپلا قالدى، بىردىنلا نىجات ئەسلىگە كىلىپ ھاڭۋىقىپ تۇرغان ئالىيەگە قاراپ:
ـ تىز بولۇڭ، ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئىچىڭ، تىزدىن دوختۇرغا ئاپىرايلى ،- دىگىنىچە ئايالنى كۆتۈرۈپ ماشىنىغا سالدى ۋە دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭدى. دوختۇرلار ئايالنى جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى، نىجات كارىدوردا تىت- تىت بولۇپ ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ يۈردى، تىزراق دوختۇرنىڭ چىقىشىنى، ئايالنى تىزراق قۇتقۇزىۋىلىشنى تىلىدى. ئۇ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ كىلىشمەسلىكتىن قورقۇپ كەتكەنلىكتىن پۇت-قوللىرى تىخىچە تىترەۋاتاتتى، ئالىيەنىڭمۇ چىرايىدا قان قالمىدى، يۈرىگى بولسا تىخىچە سىلىۋاتاتتى، ئۇ نىجاتقا قانداق قىلىمىز دىگەن مەنادا قاراپ تۇراتتى. بىر چاغدا دوختۇر چىقىپ « بىز ئۇنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشىۋاتىمىز، برىپ رەسمىيەتنى بىجىرىۋىتىڭلار» دەپ بىر پارچە قەغەزنى نىجاتنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى، نىجات پۇل تۆلەش ئورنىغا بىرىپ قەغەزنى بەردى. دوختۇر قىز مىڭ يۈەن پۇل تاپشۇرۇشنى ئىيىتتى، نىجات پۇلنى تاپشۇرۇۋىتىپ ئالىيەنىڭ قىشىغا كەلدى ۋە ئالىيەگە ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىگە كىتىپ تۇرۇشىنى ئىيىتتى ۋە ئاغىنىسى رەپقەتكە تىلىفۇن قىلىپ بولغان ئىشلارنى ئىيىتتى ۋە ئالىيەنى ئۆيىگە ئىلىپ كىتىشىنى، ئاتا- ئانىسىنىڭ يىنىدا تۇرۇپ تۇرۇشىنى ئىيتتى.ئالىيە كىتىشكە ئۇنىمىسمۇ لىكىن نىجاتنىڭ چىڭ تۇرۇۋالغانلىقدىن كىتىشكە مەجبۇر بولدى.رەپقەت بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا تىزلا دوختۇرخانىغا يىتىپ كەلدى ۋە ئاغىنىسىنىڭ تۇرقىغا قاراپ ئىچى سىرىلدى. بىچارە نىجات بىر نەچچە سائەت ئۆتە-ئۆتمەيلا ياداپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى. رەپقەت نىجات بىلەن ھال-ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن:
-غەم قىلما ئاداش، بۇ ئايالمۇ ياخشى بولۇپ قالار، بەك مەيۈسلىنىپ كەتمە،مەنمۇ ئائىلىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقاي،- دىدى ۋە ئالىيەنى ئىلىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتتى. نىجات كارىدوردا بىشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ قالدى، ئۇ ئايالنىڭ ياخشى بولۇپ كىتىشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلىدى. كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش كەلدى. بىر ئارلىقتا ئايالنى تەكشۈرگەن دوختۇر چىقىپ نىجاتقا:
سىز ئۇ ئايالنىڭ ئوغلىمۇ؟،- دەپ سورىدى.
ياق،ئەمەس، ئۇ ئايالنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ بۈلمەيمەن،-دىدى نىجات جىددى ھالەتتە.
-ئەمىسە، ئۇ ئايالنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئۇقۇشۇپ خەۋەر قىلىپ قويۇڭ،ھازىر ئەھۋالى بەك ئېغىر، قان بەك كۆپ چىقىپ كىتىپتۇ، ھەم ئاشقازان راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئىكەن، كىلىپ يۈزىنى كۆرىۋالسۇن ھەم كىلىپ ئەكەتسۇن،-دىدى دوختۇر ئەپسۇسلانغان ھالدا.
-بولىدۇ، مەن ئۇقۇشاي، ھازىر كىرىپ ئۇ ئايالنى كۆرسەم بولامدۇ؟-سورىدى نىجات دوختۇردىن.
-بولىدۇ كۆرۈڭ.
نىجات ئېغىر قەدەملىرى بىلەن ئايال ياتقان ئۆيگە كىرىپ كەلدى.ئايال كۆزىنى چىڭ يۇمغىنىچە ياتاتتى.نىجات ئايالنىڭ قىشىغا كىلىپ:
-ئاچا،-دىدى ئاستاغىنە.
ئايال كۆزىنى ئاچتى، ئۇ نىجاتقا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن نۇرسىز كۆزلىرىنى تورۇسقا تىككىنىچە ئاغزىدا بىر نىمىلەرنى دىدى.كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدىن ئىككى تامچە ياش ئىقىپ چۈشتى. نىجات ئايالنىڭ نىمە دەۋەتقانلىقىنى چۈشىنەلمەي ئايالغا ئازراق يىقىنلاپ كىلىپ گىپىنى تىڭشىدى. ئۇ كۆڭلىدە: «بەلكىم ئائىلىسى توغۇرلۇق سۆزلىگەن بولسا ئۇقۇۋالاي» دەپ تىخىمۇ يىقىن كىلىپ ئايالنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشىدى.
- ئالىيە، ئالىيە، ئالىيە،-ئۇ ئايال توختىماي ئالىيە دەپ چاقىرىۋاتاتتى. نىجات ئاستاغىنە ئايالدى سورىدى:
-ئالىيە دىگەن قىزىڭىزمۇ؟ئۇ نەدە تۇرىدۇ؟مەن خەۋەر قىلىپ قوياي، ئۆينىڭ ئادىرسىنى دەپ بىرەلەرسىزمۇ؟
لىكىن ئايال «ئالىيە، ئالىيە» دەپ چاقىرىشتىن باشقىنى دىمەيۋاتاتتى. نىجات قانداق قىلىشىنى بۈلەلمەي ئارىسالدى بولۇپ قالدى. ئۇ ئاغىنىسىگە تىلىفۇن قىلىپ ئائىلىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ تاپالمىغانلىقىنى بۈلۈپ تىخىمۇ مەيۈسلەندى. ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك؟ ئۇ يەنە ئايالنىڭ قىشىغا كىلىپ بايا سورىغان سوئاللىرىنى يەنە قايتىلاپ سورىدى:
-ئاچا، ماڭا دەپ بىرىڭە، ئالىيە دىگەن قىزىڭىزمۇ؟
ئايال ھەئە دىگەن مەنىدە بىشىنى لىڭشىتتى.
-ئاچا ئۇ قىزلىرى نەدە تۇرىدۇ؟-يەنە قايتىلاپ سورىدى نىجات.
- قىزىم، ئۇ ئۇ مىنى تاشلىۋەتتى،-ئايال بۇ سۆزنى دىگۈچە بەك قىينالدى، بوغۇزىغا كەپلىشىپ قالغان يىغا بىلەن ئاۋازى چىقماي قالدى. نىجات ئىستاكاندا قايناقسۇ ئەكىلىپ ئايالغا ئىچۈردى ۋە كەينىدىنلا سورىدى:
- ھازىر ئائىلىڭىزدە باشقىلار بارمۇ؟
ئايال يوق دىگەن مەنادا بىشىنى لىڭشىتتى. ئۇ بارغانسىرى گەپ قىلالماي قىلىۋاتاتتى.نىجات تىخىمۇ تىت- تىت بولۇشقا باشلىدى.ئۇ كۆڭلىدە « بۇ ئايلنىڭ بىرەر تونۇش-بىلىشلىرى بولغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى ھە» دەپ ئويلىدى.شۇ تاپتا بۇ ئايالنى تونىدىغان بىرەرسىنىڭ چىقىپ قىلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلدى.ئۇ ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئاخىرى ئۆزى بۇ ئايالنى تونىدىغانللارنى ئىزدەپ بىقىشنى ئويلىدى. لىكىن بۇ ئايال يالغۇز تاشلاپ قويۇشقا بولمايتتى. ئۇ ئاخىرى ئالىيەگە تىلىفۇن قىلىپ دوختۇرخانىغا كىلىپ ئۇ ئايالغا قاراپ تۇرۇشىنى، ئۆزىنىڭ ئۇ ئايالنىڭ بىرەر تونۇشلىرىنى ئىزدىمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئىيتتى. ئالىيەمۇ« بولىدۇ» دەپ تىلىفۇننى قويۇپلا دوختۇرخانىغا ماڭدى.ئالىيە نىمە ئۈچۈندۇر دوختۇرخانىغا يىقىنلاشقانسىرى يۈرىگى ئەنسىز سىلىۋاتاتتى، ئۇ يۈرىگىنى پات-پات تۇتۇپ قويدى.ئۇ دوختۇرخانىغا كىلىپ ئايال ياتقان ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئىچىپ كىردى. بۇ ۋاقىتتا ئايال تۇيۇقسىز ئىشىككە قاراپ قالدى، قارىدىيۇ كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەندەك يەنە بىر قىتىم قارىدى.كۆز ئالدىدا قىزى تۇراتتى ،ئۇ ئاغزىدىن «قىزىم ئالىيە»دىگەن سۆزنىڭمۇ قانداق چىقىپ كەتكىنىنى بۈلمەيلا قالدى. ئالىيەمۇ بۇ ئايالنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ ئاپىسى ئىكەنلىكىنى بۈلدى، قولىدىكى سومكا يەرگە چۈشۈپ كەتتى،ئۇ ئۆزىمۇ بۈلمىگەن ھالدا « ئاپا» دەپ سالدى ۋە ئۆزىنى ئاپىسىنىڭ باغرىغا تاشلىدى.لىكىن بۇ ئايال قىزىم دىگىنىچە ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى، ئەڭ ئاخىرقى نەپسىدە بولسىمۇ قىزىنى بىر قىتىم كۆرىۋالدى ۋە قىزىم دەپ چاقىرىيالىدى.قىزى بىلەن ئۇزۇنراق مۇڭدىشىدىغانغا ئەجەل يول قويمىدى ۋە ئۆز ئامانىتىنى ئالدى. نىجات بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ نىمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرالماي قالدى، كىيىن بۈلگىنىدە كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش دۇمىلاپ چۈشتى، ئالىيە بولسا ئاپىسىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئىتىپ توختىماي يىغلاۋاتاتتى.
ئاپا..ئاپا...ئاپا...كۆزىڭىزنى ئىچىڭە ئاپا، سىزنى قايتا كۆرىۋالاي ئاپا، مەندەك ۋاپاسىز، باغرى تاش قىزىڭىزنى يەنە بىر قىتىم كۆرىۋىلىڭ ئاپا.....ئاپا مىنى تاشلاپ كەتمەڭ،مىنى كەچۈرۈڭ، مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن، كىملەرنى ئاپا دەيمەن، تاشلاپ كىتىشنىڭ ھەسرىتىنى ئەمدى بۈلدۈمغۇ ئاپا، كۆزىڭىزنى قايتا ئىچىڭە، مەن سىزگە نىمىلەرنى قىلمىدىم، مەن سىزنى مەندەك بىر كىچىككىنە خۇشاللىقىڭىزدىنمۇ مەھرۇم قىلدىمغۇ، سىزنى بۇ ھالەتتە كۆرەرمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدىم ئاپا، مانا ئەمدى راسلا يىتىم بولدۇمغۇ ئاپا....ھۆ...ھۆ...ھۆ..........
ئالىيەنىڭ يىغا ئاۋازى دوختۇرخانىنى بىشىغا كىيگەن ئىدى. سىستىرالار يۈگرەپ كىرگىنىچە ئالىيەنى مەجبۇرى ئىلىپ چىقىپ كەتتى. نىجات كۆز ئالدىدىكى بۇ بىچارە ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ قىينى ئانىسى ئىكەنلىكىنى بۈلۈپ ئىچ-ئىچىدىن ئىتىلىپ چىققان يىغىسىنى توختىتالماي قالدى، ئۇ ھەممە ئىشنى بىلدى ۋە چۈشەندى. ئۇ ئاغىنىسىنىڭ ياردىمى بىلەن جامائەتنى چاقىرىپ ئايالنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ يەرلىكىگە قويدى. نىجات دادىسىغا تىلىفۇن قىلىپ بولغان ئەھۋاللارنى ئىيىتتى. دادىسى بىلەن ئاپىسىمۇ ئۈچ نەزىرگە بولسىمۇ ئۈلگۈرۈپ كەلدى. ئۇلار ئالىيەنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا ئۆكۈندى، ئۇ قىزدىن ئاغرىندى، لىكىن يەنىلا كىلىنىنى ئاياپ ئوشۇق گەپ-سۆزمۇ قىلمىدى. ئالىيە بولسا ھىچكىمكىمۇ گەپ قىلماي كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككىنىچە ھەيكەلدەك مىدىرلىماي ئولتۇراتتى. نىجاتنىڭ ئاتا-ئانىسى يەتتە نەزىرنى تۈگىتىپ ئۈرۈمچىگە قايتتى، باشقا كىلىدىغان كىتىدىغانلارمۇ ئازلاپ بۇ ئۆيدە نىجات بىلەن ئالىيە ئىككىسىلا قالدى. نىجات كۆز ئالدىدىكى بۇ ئايالىنىڭ تولىمۇ باغرى تاش، ئۆز ئانىسىنى رەھىمسىزلەرچە تاشلىۋەتكەنلىكىنى ئويلاپ ئىچى ئاچچىق بولدى، يۈرەكلىرى ئىزىلدى، لىكىن ئالىيەگە ئوشۇق گەپ-سۆز قىلمىدى، ئەمدىلىكتە گەپ قىلغان بىلەنمۇ بۇ ئىشلار ئورنىغا كەلمەيدۇ. ئالىيەمۇ پۇشايمان قىلدى، كىيىنكى پۇشايمان ئۆزىگە دۈشمەن دىگەندەك ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئەمدى ئىزدەپمۇ تاپالمايدۇ. ئۇ پۇشايمان ياشلىرىنى ئاققۇزغىنىچە ئانىنىڭ مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرغان غىرىبانە كەبىسىنى قۇچاغلاپ قالدى، نىجاتمۇ ئۇنىڭ يىنىدىن بىردەممۇ ئايرىلماي كۆڭلىگە تەسەللى بەردى، بىردەمدە قىرىق نەزىرمۇ توشتى، نىجات ئەل-جامائەتنى چاقىرىپ نەزىر بەردى.نەزىردىن كىيىن ئىشلارنى تۈگىتىپ ئالىيەنى ئىلىپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتتى. ئۇلار پات-پات غۇلجىغا كىلىپ ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ تۇردى. يالغۇز قالغان ئۆينى سۈپۈرۈپ، تازلاپ، خۇددى ئانىسى باردەك قىلىپ ياساپ، يەنە قايتىپ كىتىشتى.
بىچارە زەينەپخان ئانا بىر ئۆمۈر بالا ئىشقىدا كۆيۈپ تۈگىگەن روھى دۇنياسى، قەلبى ، جىسمى قىزىنى بىر كۆرۈش ئۈچۈن چىدىدى، غەيرەت قىلدى.بىراق ئاخىرىدا شۇ قىزىنىڭ يولدىشى بولغان كۈيئوغلى تەرىپىدىن ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچرىدى.ئۇ ئاخىرقى نەپسىگىچە قىزىنى بىر كۆرۈش ئۈچۈن تىرىشتى تىركەشتى.ئاللا نىمىدىگەن ئۇلۇغ ھە! ئاللا مانا بۇ ئايالنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قىزىنى كۆرسەتتى.ئانا قىزىنى كۆردى، قىزىنى « قىزىم» چاقىرالىدى، لىكىن ئۇنىڭدىن باشقىغا كۈچى يەتمىدى. ئەجەل ئۇنىڭغا يول قويمىدى. لىكىن بۇ ئايال قىزىنى كۆرىۋىلىپ ئۆز ئارزۇسىغا يىتىپ خاتىرجەم كۆز يۇمدى.






نازۇك يازمىسى
[ بۇ يازما تارىم تەرپىدىن 2010-08-21 12:18 PM دە قاي ]
تېما تەستىقلىغۇچى : گۈل-چۈشى
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-08-20, 10:10
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئانىنى تاشلىغان قىز,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+50(kaisar) كۆزلىرىمدىم ..
  • مۇنبەر پۇلى:+100(تارىم) نادىر . . . . . .& ..
  • مۇنبەر پۇلى:+200(خوك) ياخشى تىما، ..
  • OTAGN
    دەرىجە: يېـڭى مــېھان
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7051
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 4 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-20
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-20 06:15 PM

    مەن سالىۋالدىم، رەخمەت سىزگە
    bilimyol
    بىلىم-يول
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5130
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 121
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە121دانە
    ياخشى باھا: 42 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 860 سوم
    تۆھپىسى: -1 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 47(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-29
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-20 06:23 PM

    ھەي،مۇشۇ كەمنىڭ بەزى بالىلىرى نىېمە بولاۋاتىدىكىناڭ؟ تېخى "ئالىي"مەكتەپ تەربىيسى كۆرگەن.
    ئالدىڭغا كەلگەننى يەۋەرمە،ئېغىزىڭغا كەلگەننى دەۋەرمە.
    http://bilimyar.blogbus.com
    bilimyol
    بىلىم-يول
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5130
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 121
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە121دانە
    ياخشى باھا: 42 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 860 سوم
    تۆھپىسى: -1 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 47(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-29
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-20 06:25 PM

    "ئانا رازى،خۇدا رازى"
    ئالدىڭغا كەلگەننى يەۋەرمە،ئېغىزىڭغا كەلگەننى دەۋەرمە.
    http://bilimyar.blogbus.com
    subhana
    ھايا _ قىز بوينىدىكى زۇننار ....... !
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 675
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 405
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە405دانە
    ياخشى باھا: 55 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2310 سوم
    تۆھپىسى: 4 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 238(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-25
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-25
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-20 06:28 PM

    ئۇھ، ئەجەپ ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ قالدى........  
    مەندە ھەممىنى تاڭ قالدۇرغۇدەك گۈزەل چىراي بولمىسىمۇ ، لېكىن  چىن ھەم گۈزەل بىر قەلىب بار ! ۋىجدانىم ، غۇرۇرۇم ، پاكلىقىم بىلەن ياشايمەن ...........
    turkinaz
    Turk-n@z
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 564
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 200
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە200دانە
    ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1372 سوم
    تۆھپىسى: 3 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 229(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-24
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-20 06:36 PM

    ئاللاھ ھەر بەندىسىگە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن!  مۇششۇنداق بالىلارمۇ بارمىدۇ؟
    ئەڭ ياخشى دوستىڭىز --ئۆزىڭىز.
    ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ!
    دەتمەن
    ئاتا- ئانا ھەممىدىن ئۇلۇغ  !!!!!!
    دەرىجە: مەستانە ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 36
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 602
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە602دانە
    ياخشى باھا: 62 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2808 سوم
    تۆھپىسى: 4 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 88(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-19
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-20 06:48 PM

    ئاتا -ئانىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن چەككەن جاپالىرىنى   ،بىز بىرئۆمۈر ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلساقمۇ ، يەنىلا قايتۇرۇپ بولالمايمىز   ،،،،   ئىسىت بىچارە ئانا ئاشۇ بىۋاپا ،نادان قىزىڭىزنى سىز قانچە تۇنلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈپ  ،  تالاي كۈنلار ھاياتتىن ئىبارەت بۇ ئوت دىڭىزىدا پەپىلەپ باققان بولغىتىڭىز   ،،،،،     ئۇنى بىر كۆرمەك ئۈچۈن تالاي كۈنلەر يولىغا زار قىپ ئۆتكەنتىڭىز    ،،،،،،،   ئۇ سىزنى تاشلاپ كەتسىمۇ ، ئاخىرقى نەپىسىڭىزدە بولسىمۇ ئۇنى كۆرۈپ بۇ دۇنيادىن بەلكىم ئارمانسىز كەتكەنسىز   ،،،   خەيىر  ئۇلۇغ ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن    ،،،،



    باشقۇرغۇچىلار بولسا مۇشۇ تىمىنى نادىرلاپ قويساق قانداق  ؟؟؟
    گۈلۈم دىسەم مەن سىنى ، راسلا گۈلدەك بولۇپسەن . باھار يازنى ئايرىماي ، نەق باھاردا سۇلۇپسەن   http://datman520.blog.xj169.com/  چ چ  651221209
    ئىدىرىسجان
    كۈلۈپ ياشا،ئۆكۈنمە.
    دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1090
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 911
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە911دانە
    ياخشى باھا: 129 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 11300 سوم
    تۆھپىسى: 91 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 774(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-27
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-20 06:56 PM

    جان ئانا دىگەن ناخشىنى قوشۇپ قويىدىغانلار بارمۇ؟
    ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىش ھەر كىشىنىڭ ئىشى،
    يامانلىققا ياخشىلىق قىلىش ئەر كىشىنىڭ ئىشى
    KULKEZ
    ئاددى-ساددا ھەم قائىدىلىك بول، ياسانچۇق ۋە ئەخلا ..
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5182
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 420
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە420دانە
    ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1350 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 223(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-30
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-20 07:08 PM

    ئانىلار ئانداق ئۇلۇغەي....مانداق ئۇلۇغەي...دەپ ئىغىزىمىزدىن چۇشۇرمەيمىزيۇ ۋاقتىكەلگەندە مۇشۇنداق<ۋاپادار>پەرزەنت بولىمىز،شۇمەكتەپنى پۇتتۇرگىچە ئانا ھەققىدە ئانچى -مۇنچە بىرنىمىلەرنى يازغان بولغىتى ئاۋۇخىنىم،مۇشۇنداق سۆزى بىلەن ھەركىتى بىردەك بولمايدىغان كىشىلىرىمىز ئاز ئەمەس ،مۇشۇ ئىنكاس يازغانلارنىڭ ئارىسىدىنمۇ مۇنەۋۋەر پەرزەنت تاپماق قىيىن گەرچەمەن ئانامغا ۋاپادار بولساممۇ پەرزەنىت ئادا قىلىشقا تىگىشلىك مەسئۇلىيەتنىڭ ئوندىن ئۇچىنى ئاران قىلالىغاندىمان ،ئويلاپ باقسام مەن7ياشقا كىرگىچە بىشىمنى ئانام يۇيۇپ قوياتتى ،مەن بولسام پەقەت 6قىتىم ئانامنىڭ بىشىنى يۇيۇپ چىچىنى ئۆرۇپ قويۇپتىمەن ...
      ئانىلار بىز ئۇچۇن قىلغان ئىشىنىڭ ئوندىن 5نى پەرزەنتلەر قىلالىغان بولساق ئانىلىرىمىز يىگانە قالمايتى ...
    قىزلاردا نازاكەت تۇگىسە، ئوغۇللاردا جاسارەت تۇگەيدۇ...!
    قوشاق
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5514
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 434
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە434دانە
    ياخشى باھا: 18 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1689 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 448(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-03
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-20 07:09 PM

            تولۇق ئوقۇپ چىقتىم . ۋەقەلىك شۇنداق ئېنىق ، سۆز - جۈملىلىرى جايىدا يېزىلىپتۇ . ئوقۇش جەريانىدا يۇقاردىكىدەك ئىشلارنى خۇددى ئۆز ئەتراپىمىدا بولۇۋاتقاندەك ياكى نەلەردىدۇ ئاڭلىغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم . بوغۇزۇمغا ئاچچىق بىر نەرسىنىڭ كەپلىشىپ قالغانلىقىنى ، كۆز جىيەكلىرىمدە ياش تامچىلىرىنىڭ ئەگىپ تۇرغانلىقىنى بىلمەيلا قاپتىمەن .
            ماختىغانلىقىم ئەمەس ، بۇ ئەسەر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ !!!
    كەلدى باھار يامغۇرى ،
    قوشاق توقۇسام دەيدۇ .
    ئىسمىدۇر ئابدۇمىجىت ،
    خۇشال يايرىسام دەيدۇ .

    چ چ : 975642745
    دەتمەن
    ئاتا- ئانا ھەممىدىن ئۇلۇغ  !!!!!!
    دەرىجە: مەستانە ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 36
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 602
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە602دانە
    ياخشى باھا: 62 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2808 سوم
    تۆھپىسى: 4 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 88(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-19
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-20 07:13 PM

    بۇ ناخشىنى قىتىپ قوياي    خالىسىڭىز    ،،    
    گۈلۈم دىسەم مەن سىنى ، راسلا گۈلدەك بولۇپسەن . باھار يازنى ئايرىماي ، نەق باھاردا سۇلۇپسەن   http://datman520.blog.xj169.com/  چ چ  651221209