ئىسمىمنى بىلسەم،ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات كوچىلىدىن بىرى بولغان سايباغ رايۇنىنىڭ سايباغ مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنكەنمەن.چوڭ دادام مەمەتئىلىئىسلام ئەپەندى ھازىرقى سايبۇلاق مەسجىدىنىڭ داڭلىق ئىمامى بۇلۇپ،ئۆز زامانىسىداخېلى ئوقۇمۇشلۇق زات ھىساپلىناتتى. مەن مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنلا چوڭ دادامنىڭ يىتەكچىلىكىدە ساۋادىمنى تېزلا چىقىرىپ بولدۇم.ئۆيىمىزدە بىر كونا ياغاچ ئىشكاۋى بۇلۇپ،چوڭ دادامنىڭ ھەر خېل كىتاپلىرى لىققىدە قاچىلانغان ھالەتتە تۇراتتى. ھىلىمۇئېسىمدە مەن زور قىزىقىش ئىچىدە "مىڭ بىر كېچە""چالا تەگكەن ئوق" "چالىقۇشى" "ئىز" قاتالىق رۇمانلارنى ئوقۇپچىققانتىم.كىچىك چاغلىرىمدا ئوقىغان شۇ كىتاپلارنىڭ تەسىرىدە بولسا كىرەك مەن ئوتتۇرامەكتەپكە چىققاندىن تارتىپ قولىمغا قەلەم ئېلىپ يېزىقىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندىم.يازغانلىرىمنى بولسا "تارىم غۇنچىللىرى"ژورنىلغا ئېۋەتتىم. "تىرىشقان تاپار" دىگەندەك ئەسەرلىرىم كەينى كەينىدىن ئېلان قىلىنىپ ،تېزكۆزگە كۆرۈنىشكە باشلىدىم ھەم مەندە ئەدەبىياتقا ،ئۆز ئانا تىلىمغا نىسپەتەن بىرئوتلۇق مۇھاببەت ئويغاندى.شۇنىڭ تۈرتكىسىدە 1998-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شىنجاڭ پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندىم. بۇجەرياندا مەن ئەدەبىيات كەسپى پەنلىرىنى پۇختا ئىگەللەپ ،بىر تەرەپتىن يېزىقچىلىقبىلەن شۇغۇللانسام،يەنە بىر تەرەپتىن داڭلىق شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرنى يادلاپ نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتتىم.2002-يىلى ئالي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەنپۈتتۈرۈپ شەھەرلىك 28-باشلانغۇچ مەكتەپكەئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىندىم. خىزمەتكە چۈشكەن شۇ كۈنىلا ئاغرىق بىرئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى ۋاقىتلىق ئۆتۈشكە تەخسىملەندىم. ئەسلىدە مەن بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇپ ئۆز قابلىيتىمنى جارى قىلدۇرۇپ ،؟ئۆزەمنىڭ سۆيگەن كەسپىنى ئىشلەش نىيىتىم بار ئىدى.خىزمەتكە چۈشكەن تۈنجى كۇنى بولغاچقا رەھبەرلىكنىڭ گىپىنى يىرالمىدىم.كىم بىلسۇن شۇنىڭدىن ئىتبارەن، كىم ئاغرىق،تۇغۇتلۇق بولسا شۇنىڭسىنىپىغا تەخسىملەندىم.مېنىڭ كاللامدا قاچانقىچە باشقىلارنىڭ سىنىپىغا كىرىمەن.نېمىشقا ئۆزەم بىرسىنىپنى مۇقىم تۇتۇپ ئۆز كەسپىمدە نەتىجە ياراتمايمەن دىگەن خىياللار كەچتى.شۇنىڭ بىلەنئويلىغانلىرىمنى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ئېيتتىم.لىكىن مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ سۇغاقمۇئامىلىسىگە ئۇچرىدىم. ئەتراپىمغا قارىسام بىرەر سائەت ئەدەبىيات دەرسىنى جايلاپ ئۆتەلمەيدىغان،ھىچقانداق بىرئەدەبىيات كەسپىدە مۇنتىزىم تەربىيە كۆرمىگەن،ئەدەبىياتتىن قىلچىمۇ خەۋرى يوق ئوقۇتقۇچىلار سىنىپ تۇتۇپ ئەدەبىيات مۇئەللىمى ئاتىلىپ يۈرگەنلەر خېلى كۆپئىكەن.مەن ئىشلارنى ئىچىمگە پاتۇرۇپ بۇلالماي ،مەكتەپ رەھبەرلىگىدىن يەنەئەدەبىيات دەرسى بېرىشنى تەلەپ قىلدىم.تەلۋىم يەنە شۇ پېتى قىلىۋەردى.2007-يىلىمەكتەپ مېنى ئېلىم –پەن دەرسىدىن قوشتىللىق تەربىيەلنىشكە ئىۋەتتى.مەن بىر يىل خەنزۇچە تەربىيەلىنىپ كىلىپ خەنزۇچە ئىلىم –پەن دەرسىنى ئۆتۈشكە بەلگىلەندىم.كۆپچىلىككەمەلۇم بۇ دەرسنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بۇلۇپ ،كىتاپ- ماتىريال خەنزۇچە،ئوقۇغۇچىلارمۇ قىينىلىدۇ.مۇرەككەپ سۆزئاتالغۇلارنى ،خەنزۇچە ئوقۇغان مۇئەللىملەرمۇ ھۆددىسىدىن ئاران ئارانچىقالايدۇ.مەن بالىلار بىلەن تەڭ ئۆگىنىپ،تىرىشىپ ئىزدىنىش جەريانىدا بۇ دەرسنىھەر ھالدا قانداق ئۆتۈشنى ئۆگىنىۋالدىم.لىكىن مەن ئەسلىدىنلا بۇ كەسپىنىڭ ئادىمى ئەمەس بولغاچقا ، بالىلارغا يەتكۈزۈشتەكۆپ قىينالدىم. بالىلارنىمۇ ئالداپ ،ئۆزەمنىمۇ ئالداپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەندىكى ۋىجدان ،غورۇر يول قويمىدى.شۇڭلاشقا بۇ ئەھۋالنى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە دىدىم.لىكىنمەكتەپ رەھبەرلىگى يەنىلا ئىلىم پەن دەرسىنى مەندىن ئېلىۋەتمىدى.لىكىن 1-يىللىقنىڭ ئېلپبە دەرسنى بەرگەچىكە كۆڭلۈم ھەر ھالدا خۇش بولدى.ئاخىرى ئۆز كەسپىمنىبېرىدىغان بولدۇم.يەنە 6-يىللىق ئۈچ سىنىپنىڭ ئىلىم –پەن دەرسىنى بېرىشنى ئويلىسام،كۆڭلۈم بىر خېل رەۋىشتە يىرىم بۇلىدۇ.مانا 1-يىللىق ئككى سىنىپنىڭ ئانا تىل دەرسىنى ياخشى بېرىشى ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلىدىم.ھەم شۇ يىلقى يېڭى يىلدارەھبەرلەرگە ئاتاپ يازغان مۇۋەششەھ ،شېئىرى چاخچاقلار خىزمەتداشلارنىڭ ياخشىباھاسىغا ئېرىشتى.ھەم ئۇلارنى ھەيران قالدۇردۇم.لىكىن بىر قېسىم خىزمەتداشلار مېنىڭ بۇ ئىقتىدارىمغا قايىلبولمىغاندەك كۈلۈشتى.مەن ئىلىپبە دەرسى بېرىمەن دەپ، ئىلىم –پەن دەرسىنى تاشلاپقويمىدىم.ھازىرقى قوشتىللىق ئوقۇتۇشنىڭ تەلىۋى بۇيىچە ئىزدىنىپ دەر تەييارلىقىمنى خەنزۇچە يازالايدىغان ھەم دەرسنىڭ 30پىرسەنت مەزمۇننى خەنزۇچە سۆزلەپ چۈشەندۈرەلەيدىغان بولدۇم.مەكتەپ رەھبەرلىكىگە خەنزۇچىنى ياخشى بىلمەيمەن دىگۈچىلەر بولسا، ئۇلار مېنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ،" مەن "دىن ئۆگىتىشكەدەۋەت قىلدىغان بولدى. يېقىندا تەڭرىتاغ رايۇنى مۇپەتتىش ئۆمىكى بىزنىڭ مەكتەپكەخىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەلدى. ھەم مېنىڭ بىر سائەتلىك ئىلىم –پەن دەرسىمنى ئاڭلىدى.مەن بۇ بىر سائەتلىك دەرسنى قېينىلىپ تۇرۇپ ،شۇنچىلىك تەستە ئۆتۈپ تۈگەتتىم.كىيىن باھالاشتامېنىڭ ئەملىي ئەھۋالىمنى نەزەرگە ئېلىپ ،ماڭا ئىتبارنەزىرىدە قاراپتۇ.كىىين مەكتەپ مۇدىرى مۇپەتتىش ئۆمىكىدىكلەرنىڭ تەكلىپ پىكىرىنىئوتتۇرىغان قۇيۇپ، مېنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى ۋە مۇنداق دىدى: - ئەسلى ئىدارەباشلىقى سىزنى را سا بىر تەنقىد قىلماقچى ئىكەن.بىراق بىز سىزنىڭ بىر ئەدەبىياتمۇئەللىمى ئىكەنلىكىڭىزنى ،مەكتەپ ۋە رايۇن دەرىجىلك مۇسابىقىلەردە يۇقىرىنەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەندىن كىيىن باشلىق سىزنى خەنزۇچە دەرسكەكىرگۈمەي دەرسىنى تەڭشەپ قۇيۇشنى ، يەنى ئۆز كەسىپگە، ئانا تىل دەرسىنى بېرىشنى ئېيتىپتۇ.شۇنىڭدىن باشلاپ مەن باشقىچە يەڭگىللەپ قالغاندەك ھىس قىلدىم. مەن ئاخىرى زىممەمدىكى يۈكىتىن خالى بولدۇم.ئەمدى ئۆزەم سۆيگەن بۇ كەسپنى قەدىرلەپ، ئۆزبۇرچۇمنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىمەن.
مەنبە: خىزمەتدىشىم تىلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-13 10:07 PM