يىغلىۋال شېئىر

يىغلا شېئىر قەلبمنى تۆكۈپ ،
سېغىنىشتا  قالما تۇنجۇقۇپ.
پات ئارىدا كېلىدۇ نىگار ،
باغرىڭغا باس  قالما ھۇدۇقۇپ.
 
يىغلا شېئىر خوشاللىقىڭغا ،
سەبداش بولۇر ئىككى قەدەملەەر .
ئىككى قەدەم ئىككى يۈرەكتىن ،
كەتسۇن يىراق ھەسرەت ئەلەملەر .  
 
ئۆكسۇپ ئۆكسۇپ يىغلىۋال شېئىر ،
جاھان قىسقا قالىسەن كېتىپ  .
يىغا دېگەن  ئازابلا  ئەمەس ،
ئاللاھىڭغا  شۈكۈرلەر  ئېيتىپ .
 
ئۆكسۇپ ئۆكسۇپ يىغلىۋال شېئىر ،
يار ئىسمىنى  يىغاڭغا  قېتىپ .
پاك قەلبىڭدىن سۆيگۈنىڭ بىرلا ،
كۆرسىتىپ قوي يۈرەكنى يېرىپ .
 
يىغلا شېئىر شائىر بىلەن تەڭ ،
سېغىنىشنى  مەھكەم قۇچاقلاپ.
شادلىق سېنىڭ بەختىڭنى تاپتىڭ،
ماڭغىن ئەبەد رىشتەڭنى باغلاپ .
 
كېچە كۆكتىن قار ياغسا لەپ-لەپ ،
قار گۈلۈمنى قالدىم سېغىنىپ .
غۇۋا چۈشكەن يارنىڭ سۆرتىگە ،
قاراپ كەتتىم بەكمۇ سەپ سېلىپ .
 
باغراش كاككۇكى...
2012.12.20.22.22
قاراشەھەر دە يېزىلدى..