مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1289|ئىنكاس: 18

دوستۇمغا خىتاب(تەخمىس) (مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەھرانى سۆيىمەن!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 962
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11039
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 1070 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 02:19:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دوستۇمغا خىتاب

(ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمىس)


دۈشمىنىڭدىن ئەيلەپ ئۈمىد گۈل كەبى ئاچىلمىغىل،

باشىڭ كۆتۈر، مەغرۇر ياشا، قۇم كەبى چاچىلمىغىل،

قاشتېشىدەك قىممىتىڭ، بىر نان ئۈچۈن ساتىلمىغىل،

ھىممىتىڭدىن، غەيرىتىڭدىن ئۆل، لېكىن ئايرىلمىغىل،

ھەقلىقىن بىلگەن يولۇڭدىن جاننى بەر، قايرىلمىغىل.


لايغەزەل ئەركەك ئەمەس بىز، مەرد، جەسۇرلۇق بىزگە خاس،

جەڭگە كىرگىن ئەل دۇئاسى بولسۇن ساڭا ئۇز لىباس،

"جەڭ دېگەننىڭ توققۇزى رەڭ" كاللا ئىشلەت، قىل قىياس،

مانىئىڭ كۆپ بولسىمۇ قورقماي ئۈزۈپ ئالدىڭغا باس،

تاغۇ-تاش، دەريا ئۇلۇغ سۆزلەرگە سەن تاڭ قالمىغىل.


ئەل ساڭا بىركۈنلىرى لازىم بولۇپ قالسا ئەگەر،

قىل پىدا جانىڭنى ئەلگە، بەلدە چىڭ تۇرسۇن كەمەر،

يار مەدەت بەرگەي تېنىڭگە، يەتمىگەي قىلچە زەرەر،

ئات ئۆزۈڭنى، يا غەرق بول، يا تاپ  گۆھەر،

شىرنە يولۋاس كەبى ماڭغان ئىزىڭدىن ھېچ يانمىغىل.


كۆزگە ئىلماستىن سېنى رەقىبلىرىڭ كۆرەڭلىسە،

ھىيلە بىرلە ئالدىماق بوپ، كۆزلىرىڭنى رەڭلىسە،

پاك ئەقىدەڭنى سېنىڭ ياكى ئۇلار زەڭلىسە(1)،

تۆت تەرەپ ياۋ ھۇۋلىشىپ، سەككىز تەرەپ تىغ تەڭلىسە،

ئېلىشىپ قانغا بۇيال، نۇمۇسنى ھەرگىز ساتمىغىل.


گەر چۈشۈپ قالساق بۈگۈنمۇ قاپقىنىغا چالغۇنىڭ،

ئوقلىرى باشنى يارار، ماڭدامدا "جان ئالغۇ"نىڭ،

ئالمىغان كىشى قەدەم ھەققە، ئېشىن يەر قايغۇنىڭ،

كىمكى ھەق يولغا قەدەم قويسا ئۇتۇق مۇتلەق شۇنىڭ،

بۇ نىچۈك بولغاي كېيىن دەپ يوق خىيالغا قالمىغىل.


بولمىساڭ خائىن، مەرەز، ئەۋلاد چاۋاكلار چالغۇسى،

خۇش بولۇپ يەرمۇ سېنى كەڭ قۇچىقىغا ئالغۇسى،

رەببىمىز جەننەت ئىچىدە ھوجرا-ساراي سالغۇسى،

سەن ۋەتەن، مىللەت دېسەڭ تارىختا نامىڭ قالغۇسى،

بول جەسۇر، ئالىي نىشان، كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل.


سۆزلىرىن ئېيتتى مۇھەممەد "ئۇيغۇر"ىنىڭ غەم قىلىپ،

ئويغىنىش دەۋرى يرتىپ كەلسە، تېخى ئۇخلاپ يېتىپ،

"خەق دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ"، سەن چوقان-سۈرەن سېلىپ،

ئابدۇخالىقنىڭ سۆزى دەپ ئېتىبار قىلماي قېلىپ،

ئۇشبۇ ۋىجداننى كېيىن، پۈتمەس ئازابقا سالمىغىل.


ئاپتور: مۇھەممەد(تاش1)

2012-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى يېزىلدى.


(1)زەڭ: داغ، كىر دېگەن مەنىدە.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tax1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-12 05:19 PM  


ھەقىقەت چەكتىن يېرىم قەدەم ئېشىپ كەتسىلا بىمەنىلىك بولۇپ قالىدۇ. -ئا. مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87102
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2014-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 09:56:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەخمىس دېگەن نېمە؟ چۈشەنچە بەرسەڭلار؟

اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ ﴿٣﴾(ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر (3))سورە العلق
مَا أَنتَ بِنِعْمَەِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ ﴿٢﴾((ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن (2))سورە القلم

سىز 365 كۈن ياشىدى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45730
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3381
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1721 سائەت
تىزىم: 2011-6-26
ئاخىرقى: 2014-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 12:34:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەممەد ئەپەندىم شېئرىنى بەك ياخشى يىزىپسىز ، ئەسەرلىرىڭىز بەركەتلىك بولغاي.
«تاش1» نامىدا يازىغان ماقالىلرىڭىزنى ئوقۇپ سىزدىن بەك مەنمۇن بولغاندىم ، نەزىمىي ئەسەرلەرنىمۇ بەك ياخشى يازىدىكەنسىز.
ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ئۈزلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلمەن.
داۋاملىق تېرىشىڭ.

سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 365 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ؟ ئۆيۈڭگە ئوت كەتسە ، ئۆزۈڭنىڭ چىرىغىدىن كۆر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86084
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1838
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-10-15
ئاخىرقى: 2014-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 02:24:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىزگە تېلەكداشمەن!!

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3079
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5909
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2660 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 02:50:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوھوي بىر كىشلىك ئەگىشىپ يېزىپ قۇيۇپسىز ، ئاپىرىن نەتىجە قازىنىشىڭىزغا تىلەكداشمەن  ،3-كۇبلىتىدىكى 4-مىسرادائات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرىق بول تاپ گۆھەر  دەپ باردەك قىلاتتى،

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3079
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5909
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2660 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 02:56:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مسكىنÍÍ يوللىغان ۋاقتى  2012-12-13 01:56 AM
تەخمىس دېگەن نېمە؟ چۈشەنچە بەرسەڭلار؟

تەخمىس ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى شەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ ئادەتتە  مەلۇم بىر كىشىنىڭ يازغان غەزىلىنى تېخىمۇ بېيىتىش شەكلىدە بەشلىك (مۇخەممەس)قىلىپ يازىدىغان شېئىرى شەكىل ، بۇ ئەسلىدە يەنى aaaaa ،bbbba،cccca..............شەكلىدە يېزىلىدۇ ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا تەخمىسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 2مىسراسى ئەسلى مەنبەسى قالغان 3 مىسرا تۇلۇقلاش ئۈچۈن يېزىلغان بولىدۇ .
تەخمىس يېزىش ئېيتماققا ئوڭايدەك، قاپىيەلىرىنى كەلتۈرۈپ، ئەسلى غەزەلگە ماسلاشتۇرۇپ قويسىلا بولىدىغاندەكلا.....ئەمما،ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس،بۇ شائىردىن تولىمۇ يۇقۇرى بولغان بەدىئىي دىت، كۈچلۈك تەپەككۇر،شۇ غەزەل ئىپادىلىمەكچى بولغان ئاساسى مەزمۇننى قانداق قىلغاندا يەنىمۇ كېڭەيتىپ، مۇكەممەل يورۇتۇپ بەرگىلى بولىدۇ؟ دېگەن سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىدىغان بىر شېئىرىي شەكىلدىكى ئەسەر.

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!
hayrat520 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 02:21:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87102
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2014-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 10:40:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2012-12-13 02:56 AM
تەخمىس ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى شەكىللىرىدىن  ...

بۇ توغۇر سىدىمۇ چۈشەنچە ھاسىل قىلۋالدىم . ap~qilam گە تەشەككۈر.

اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ ﴿٣﴾(ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر (3))سورە العلق
مَا أَنتَ بِنِعْمَەِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ ﴿٢﴾((ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن (2))سورە القلم

سەھرانى سۆيىمەن!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 962
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11039
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 1070 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 12:23:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2012-12-13 02:50 AM
ئوھوي بىر كىشلىك ئەگىشىپ يېزىپ قۇيۇپسىز ، ئاپىرىن نەتى ...

رەھمەت. ئېھتىياتسىزلىقتىن چۈشۈپ قاپتۇ.

ھەقىقەت چەكتىن يېرىم قەدەم ئېشىپ كەتسىلا بىمەنىلىك بولۇپ قالىدۇ. -ئا. مۇھەممەتئىمىن

سەھرانى سۆيىمەن!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 962
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11039
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 1070 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 12:39:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2012-12-13 02:56 AM
تەخمىس ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى شەكىللىرىدىن  ...

رەھمەت، خېلى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپسىز، شۇنداقتىمۇ مەن ئازراق تولۇقلاپ قوياي: تەخمىس دېگەن مەلۇم شائىرنىڭ غەزىلىنى ئاساس قىلىپ يەنى ئەسلى غەزەلنىڭ ئۈستىگە ئۈچ مىسرا قوشۇپ، ئەسلىدىكى غەزەلنى مۇخەممەسلەشتۈرۈش بولۇپ، ئەسلىدىكى غەزەل قانداق ۋەزىن قانداق بەھىردە يېزىلغان بولسا، بىز قوشماقچى بولغان ئۈچ مىسرامۇ شۇ ۋەزىن ،شۇ بەھىردە يېزىلىشى لازىم، شۇنداقلا ئاڭ ئاخىرىقى كوپلىتىدا غەزەلگە تەخمىس يازغۇچىنىڭ تەخەللۇسى ياكى ئىسمى كېلىشى لازىم.

ئەگەر ئەسلىدىكى غەزەلنىڭ ھەربىر كوپلىتىدىكى ئىككى مىسرانىڭ ئوتتۇرىسىغا ئىككى مىسرا قاتساق، بۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيىتىدىكى تەشدىس دېگەن شېئىرىي شەكىلگە ئايلىنىدۇ. قالغان تەلەپلىرى تەخمىسلەشتۈرۈش بىلەن بىردەك.

ھەقىقەت چەكتىن يېرىم قەدەم ئېشىپ كەتسىلا بىمەنىلىك بولۇپ قالىدۇ. -ئا. مۇھەممەتئىمىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش