مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 800|ئىنكاس: 6

ئەسسالام شىمالدىن ئۇچۇپ كەلگەن قۇش. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باش سۇرەت ئۆزگەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36506
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16059
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 09:01:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالام شىمالدىن ئۇچۇپ كەلگەن قۇش.

سىدىقجان غۇپۇر _________شىئىرىيەت ئۈچۈن گۇيا كۈيىۋاتقان شام،ئۇنىڭ ئىشقىدا بارلىقىنى ئاتىغان بىر پەرۋانە ئىدى .ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئاۋال كۈيۈكتاغ مۇنبىرىدە ئاندىن كىيىن يازغۇچىلار مۇنبىرىدە تۇنۇشقان ئىدىم .ئۇ مۇشۇ قەدەملىرى بىلەن تۇختىماي تىرىشچانلىق كۆرسەتسە كىينكى دەۋىردىكى ئۇيغۇر شىئىريىتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بۇلۇپ قالاتتى. بۇگۇن  مۇنبەردىن تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كىسەلگە مۇپتىلا بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۈرۈپ ئولتۇرۇپلا قالدىم ۋە ئۇنىڭغا ئاللاھتىن شىپالق تىلەپ بۇ شىئىرنى يېزىپ چىقتىم.

ئابلىكىم مۇھەممەت ۋارىسى


ئەسسالام قەدىردان قەلەم ساھىبى،

ئىجاتنى بەختىم دەپ بىلگەن سىدىقجان.

ئازاپلار چىكىپسەن، يۈرەك يىغلىدى،

باسقاندەك قەلبىمنى گۇيا زىمىستان.


ئەسسالام شىمالدىن ئۇچۇپ كەلگەن قۇش،

تىنجىماس روھىغا يۇكسەكلىك ئىزلەپ.

كەڭ قۇچاق ئاچقىنە دىمەي ناتۇنۇش،

باغرىمغا باسايمەن سىنى ئەزىزلەپ.


بىشىڭغا كىلىپتۇ قارا قىسمەتلەر،

گۇيا باغ قوزغۇنغا ماكان بولغاندەك.

بورانغا يىقىندۇر رەڭدار چىچەكلەر،

ئاھ ئۇرما،مۇشكۇلدە تاۋلىنىار ئەركەك.


بۇ بەلكىم ھاياتتا ساڭا بىر سىناق،

ئەزىزلەر بېشىغا ياغار كۆپ كۆلپەت.

<<ھايات بىر سەپەردۇر،مۈشكۈل ياشىماق>>،

دىگەنغۇ ئۇلۇغلار ئۇنى شەرىھلەپ.


سانىما ئۈزۈڭنى يالغۇز،يىگانە،

تىكىلدى سەن تامان ساناقسىز كۆزلەر.

قىسمەتتىن يۈرەكلەر بولسىمۇ پارە،

ئالەمچە مىھىردىن ھايات پۇرەكلەر.


روھىمدا چىچەكلەپ كەتتى سېغىنىش،

ھەرياقتىن سەن ئۈچۈن ئىزلەيدۇ باھار.

ئھ.. ئاللا شىپالىق بەر دىگەن تىۋىش،

زىكرى بوپ تىلىمغا ئۇرۇلار تەكرار.


مەنبە:يۈرەك.


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yawa-xir + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
aptap104 + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
zulayha + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 400   باھا خاتىرىسى

0998ۋارىس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87513
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 218
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2012-11-21
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 11:04:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزلىپتۇ!! قولىڭىزغا دەت بەمىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10178
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 64100
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 8015 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 11:14:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىھىرگە ھەم ئاقكۆڭۈللۈككە تويۇنغان بۇ ئەسىرىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. ھەممە ئۇيغۇرغا مۇشۇنداق ئۈلگىلەر بولسا نىمە دىگەن ياخشى.
ئىنىمىز سىدىقجاننىڭ ئەھۋالى، ھەممىمىزنىڭ دىلىنى غەش قىلدى.لېكىن ئىشىنىمىزكى مىھرىبان ئاللاھ چوقۇم كېسىلىگە شىپالىق بېرىدۇ. ئىنىمىز يەنە ئىككى يىلدىن كىيىن مەكتىۋىنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ،ئانىسىنى باقىدۇ، ئاللاھ چوقۇم يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ياخشى بولغان كەيپىياتنى ئۆزى ئۈچۈن تىرىشىپ يارىتىپ ھەممىمىز بىلەن ماسلىشىپ كېسەل بىلەن ئېلىشىشىنى قەدىردان ئىنىمىز سىدىقجاندىن كۈتىمىز.

سۇ، ئۇز قىممىتىنى تېپىش ئۇچۇن ئانا تۇپراقنىڭ ئەڭ چاڭقاق توپىسىغا سىڭىپ كىتىشى كېرەك...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83018
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5473
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 402 سائەت
تىزىم: 2012-7-26
ئاخىرقى: 2014-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 11:29:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىز بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ، قېرىندىشىمىز سىدىقجاننىڭ كېسىلىگە ئۇلۇغ ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن . تېما يوللىغۇچىغا كۆپ رەھمەت .

ھاياتىڭىزدا كىشىلەر دېڭىز دولقىنىغا ئوخشاش كېلىپ - كېتىپ تۇرىدۇ . لېكىن ناھايىتى ئاز كىشىلەر قەلبىڭىزدە ئۆچمەيدىغان ئىزلارنى قالدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86870
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2853
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 11:36:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ، ئامان قىلغايسەن ياخشى بەندەڭنى!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32282
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3424 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 03:07:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىسداشلىق ھىسياتىڭىزدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم،سىدىقجانغا ئاللاھ شىپاتلىق ئاتا قىلغاي.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 636 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 10:03:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلىپ ساداسىنى ئىنتايىن تەسىرلىك مىسرالار بىلەن ئىپادىلەپسىز ، بەكمۇ تەسىرلەندىم .ئۇ قېرىندىشىمىزنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كىلىشىنى تىلەيمەن

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش