ئىككىنچى باب
ئۇلار خۇددى يايلاقتىكى غەزەبكە كەلگەن بۆرىلەردەك چەبدەسلىك بىلەن كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە ئۆزىنى قورشاۋدىن قۇتۇلدۇرۇپ، بىپايان قۇملۇقتا كۆزدىن غايىب بولدى.
ـ ب. ئا. لاۋزېنىپ: ” قىرىق بىرىنچى”
ـ باندىتلار!!!
جەڭچىلەر باندىتلارنىڭ كەلگەنلىكى توغرىسىدا بىر – بىرىگە خەۋەر بەرگۈچە دەھشەتلىك ئوق يامغۇرىنىڭ ئاستىدا قالدى. مۇۋەققەت پولك كونادىرى مايۇر سالاھىدىن سىدىقوف ۋە كاپىتان تايچىمانلار پولك بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، ئۆلەر – تىرىلىشىگە قارىماي، دەھشەتلىك قېچىۋاتقان جەڭچىلەرىگە ۋارقىراۋاتاتتى:
ـ قاچماڭلار، قاچماڭلار، قايتىڭلار!…
ۋىژىلداۋاتقان ئوقلار، يىقىلىۋاتقان ئادەملەر، ئاتلار ۋە باشقا گۈلدۈر – غالاپلار ئارىسىدا بۇ بۇيرۇق ھېچكىمنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيتتى. جەڭچىلەر ئۆز جېنى بىلەنلا قالغانىدى. تاغدىن قار كۆچكىنىدەك يوپۇرۇلۇپ چۈشكەن ئۈچ – تۆت يۈزدەك قۇيرۇچۇقنىڭ ” چاقا باي! “، ” يا مۇھەممە! ” دېگەن دەھشەتلىك ئورانى جىرا ئىچىنى چاڭ كەلتۈرۋەتكەنىدى. مايۇر سالاھىدىن ۋە كاپىتان تايچىمان ئەھۋالنى كۆزىتىپ، چۈشەنگەندىن كېيىن، ئاخىرى توختىماي ئېتىشىپ، ئەجەللىك قورشاۋنىڭ جەنۇبىي تەرىپىنى بۆسۈپ چىقىپ كەتتى. پولكتىكى ئىككى يۈز نەپەردەك كوماندىر - جەڭچىدىن پەقەت ئون سەككىزىمىزلا بۇ دەھشەتلىك قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ كېتەلىدۇق. قۇلىقىمىز تۈۋىدە يارىدار بولغان جەڭچىلىرىمىزنىڭ : “” مېنى ئېتىۋېتىڭلار، قېرىنداشلار!… ” دېگەن ئىچىنىشلىق نالە – زارى ئاڭلىنىپ تۇردى، ئۇلارنى قۇتقۇزۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى…
بىزنىڭ بىر يۈز سەكسەن ئىككى نەپەر قاۋۇل جەڭچىمىز، ئاتلار ۋە بىر ماشىنا ئوزۇق – تۈلۈك، قورال – ياراق، پولكنىڭ بىر يىللىق مائاشى ھەتتا پولك بايرىقىمۇ قۇيرۇچۇقلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا قالدى. جەڭچىلەر ئاشۇ ئۆز تېنىنى يۇيۇۋاتقان سۈپسۈزۈك تاغ سۈيىدە، يېشىل قىرغاقتىكى غىلتاڭ تاشلار ئارىسىدا، چىمەنلىكلەردە، تىكەنلىك قارىقات، زىرىق تۈۋىلىرىدە، ئۆلگەن ئاتلار ئارىسىدا سۇنايلىنىپ يېتىپ قالدى. ئۇلار ماڭا ئوخشاش ياش، نۆۋەر يىگىتلەر ئىدى. ( مەن ئۇ چاغدا تېخى يىگىرمىگە كىرمىگەن يىگىت ئىدىم ) ئاتا – ئانىسى، قوۋمى – قېرىنداشلىرى ھەتتا سۆيگەن قىزلىرى ئۇلارنىڭ ساق – سالامەت قايتىپ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتاتتى. ئۇلا غۇلجا، جىڭ، شىخۇ ۋە دۆربىلجىن، چۆچەكلەرنى ئازاد قىلىشتىكى دەھشەتلىك جەڭلەردىن ئامان چىققان ئەزىمەتلەر ئىدى.
ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ غايىلىرى، شېرىن ئارزۇ – ئارمانلىرى بار ئىدى… ئۇلار تاغ – دالانى تىتىرەتكەن، ئاسمان – زىمىننى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىپ پىرقىرتىۋەتكەن، يىلاندەك دەھشەتلىك ۋىژىلدىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بۇ ئۆمرىدە كۆرمىگەن راغ – جىرا ئارىسىدا سۈپسۈزۈك تاغ سۈيىنى، يېشىل چىمەنلىكنى قېنى بىلەن قىپقىزىل رەڭگە بوياپ يېتىشاتتى…
قورشاۋنى بۆسۈپ چىققان قالدۇق قىسىم قۇرۇق تاغقا چىقتى. سۇمۇ، نانمۇ يوق ئىدى. ئوزۇق – تۈلۈك ماشىنىدا قالغان. جەڭچىلەر تىللىشاتتى، ۋارقىرىشاتتى، غەزەپلىنەتتى، ئاندا – ساندا ئۇچراپ قالغان باندىتلار بىلەن ئېتىشاتتى. روھى چۈشكەن مۇۋەققەت پولك كوماندىرى مايۇر سالاھىدىن جەڭچىلەرنىڭ تاپا – تەنىسىگە چىدىماي ۋارقىرايتتى:
ـ مېنى ئېتىۋىتىڭلار، ئېتىۋىتىڭلار، ھەممە ئەيىب مەندە!…
مەن ئۇنىڭغا ھومىيىپ ئاچچىقىم بىلەن دېدىم.
ـ سەن پولكقا جاۋاب قىلىشىڭ كېرەك!…
مەن پولكنىڭ سىياسىي باشقارما باشلىقى ئىدىم. ئۇنىڭغا مۇنداق ئاچچىقلىنىشىمدىمۇ مەلۇم ئاساس بار ئىدى:
بۇ 1947 – يىل سېنتەبىرنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى. ئوسمان پۈتۈن ئالتاي ۋىلايىتىنى تىزگىنلىۋالغان، ھەممە يەردە قۇيرۇچۇقلار تىمىسقىلاپ يۈرۈشەتتى. ئالتايدىن ئىككى سىۋەز ( ھەربىي ئالاقىچى ) كەلدى. بىزنى ساربۇلاققا يۆتكەلسۇن دەپتۇ، بۇيرۇق بويىچە بىز ئىككى يۈز نەپەر كوماندىر – جەڭچى ماشىنىدا ئوزۇق – تۈلۈك، قورال – ياراق ۋە پولكنىڭ مائاشىنى ئىلىپ ساربۇلاققا قاراپ يولغا چىقتۇق. ئىككى سوتكا ماڭغان بولساقمۇ بارار – تۇرار يېرىمىزنىڭ تايىنى بولماي، نىشانسىز ئادىشىپ قالدۇق. كوماندىرلار بىزگە يول باشلاپ كېتىۋاتقان قاناپىيە دېگەن پولك ئىمامىدىن گۇمانلىنىپ قالدى. ئۇلار ئۇنى بىر خادا تاشنىڭ قىسىلچىقىغا ئاپىرىپ، سوراققا تارتقانىدى، ئۇ ئىقرار قىلدى، ئۇ مىللىي ئارمىيىدىن ئۆزگەرگەن باندىت ئىدى. قاناپىيەگە ئوخشاش مۇشۇنداق خائىنلار مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىنى نۇرغۇن تالاپەتكە ئۇچرىتىۋەتكەنىدى. پولكىمىزنىڭ سابىق سىياسىي كومىسسارى پودپولكوۋنىك يۈسۈپچان ياسىنوفمۇ جانكىرەينىڭ خائىنلىقى تۈپەيلى قورشاۋغا چۈشۈپ قالغان ۋە كېيىن ئېتىپ تاشلانغانىدى. ( تەپسىلاتىغا قىززىقسىڭىز ” ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى” نىڭ 16 – سانىغا قاراڭ )
پولك ئىمامى خائىن قاناپىيە ھازىرمۇ بىزنى ئەجەل سىرتىمىقى ئىچىگە باشلاپ ماڭغانىدى. ھېلىمۇ ياخشى تۇيۇپ قالدۇق. قاناپىيەنى باغلاپ، ئاتقا تېڭىپ ئىلىپ ماڭدۇق. شارقىراپ بۇژغۇن چارىتىپ، يېيىلىپ ئەركىن ئىقىۋاتقان تاغ سۈيى ۋە تاغ قاپتاللىرىدا قىزىل قارىغاي، ئاق قىيىن، ئارچا – چېتەنلەر ئۆسكەن مەنزىرىسى گۈزەل ئالتاي لاگىرىغا كەلگەندە، كوماندىر سالاھىدىن قىسىمنى دەم ئېلىشقا قويۇۋەتتى. ھېرىپ – چارچاپ، تەرلەپ كەتكەن جەڭچىلەر بۇيرۇقنى ئاڭلاپ، ” ئۇھ ” دېيىشتى – دە، ئاتلىرىدىن چۈشۈپ، ئۆزلىرىنى سۇغا ئېتىشتى…
يىراقتىكى ئاق ئۆي ئالدىدا بىر ئات باغلاقلىق تۇراتتى. مەن بۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ، ” بۇ ئاتنى ئېنىقلاپ كۆرەيلى ” دېۋىدىم، كوماندىر سالاھىدىن قۇلاق تۇتمىدى، ئۇرۇشتا كىچىككىنە بىر ئىشتىمۇ بىخودلۇق قىلىشقا بولمايتتى. چۈنكى ئۇ جانغا بېرىپ تاقىلاتتى، مەن چىگىشۇردا ۋاقتىمدا رازۋېدكا قىسمىدا ئىشلىگەنىدىم. شۇڭا ھەممە نەرسىگە گۇمان بىلەن قارايتتىم. گۇمانىم توغرا چىقتى. ئات يوقاپ كەتتى، مەن جىددىيلىشىپ ئەھۋالنى ئېيتقىلى سالاھىدىننىڭ ئالدىغا كېتىۋاتاتتىم، تاغدىن ئوران – چوقان بىلەن قار كۆچكەندەك چۈشۈۋاتقان قۇيرۇچۇقلارنىڭ دەھشەتلىك ئوقى ۋىژىلداپ كېلىپ، سۇدا يۇيۇنىۋاتقانلارنى، قىرغاقتا تۇرغانلارنى، دەم ئېلىپ چىمەنلىكتە سۇنايلىنىپ ياقانلارنى پات – پاراق قىلىۋەتتى. جەڭچىلەرنىڭ بىر قىسمى مىلتىق – ئاپتۇماتلىرىنى ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالدى. ئوقلار پوجاڭزىدەك پاراسلاپ، جىرا ئىچىنى چاڭ كەلتۈرۋەتتى. بايىقى دەھشەتلىك قېچىش شۇ تۈپەيلى بولغانىدى. مەن كوماندىر سالاھىدىنغا ئاچچىقلىنىپ: ” سەن پولكقا جاۋاب قىلىسەن! ” دېگىنىم شۇ ۋەجىدىن ئىدى. مايۇر سالاھىدىننىڭ ئېگىز، ئۇزۇنتۇرا بەستى ۋىجىكلەپ كەتكەندەك، قوشۇقتەك كىچىك، قارا قۇمچاق يۈزى كۆمۈردەك قارىداپ كەتكەنىدى…
داۋامى
بىلوگىمغا يوللىنىش بىلەن بىرگە مۇنبەرگىمۇ تەڭ يوللىنىدۇ