مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2369|ئىنكاس: 45

مىسرانىم ئەزاسى ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت بىلەن تۇنۇشۋېلىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باش سۇرەت ئۆزگەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36506
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16059
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 02:50:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھارماس قەلەمكەش، تىرىشچان ئۇستاز


= eltugh.jpg


(  ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت ئەلتۇغنىڭ سۈرىتى   )



ئاپتورلىرى :     ئابلىكىم مۇھەممەت ۋارىسى

                   ئابدىراخمان ئىمىن يارغۇل



            ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ گۈلتاجى بولغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ بۇشۈكى قەدىمى دىيار يەكەندە ياش ھاياتى ساپ ۋەسۇزۇك بۇلاق سۇلىرىدەك زىھنى قۇۋۋىتىنى ئەۋلاتلارنى تەربىلەش،كۇنا قېلىپتىكى  ئەنئەنىۋى مائارىپنى ئىسلاھ قىلىپ بالىلارنى يېڭىچە تەپەككۇر ۋە ئىلغار دۇنيا قاراشقا ئىگە قىلىش مەخسىتىدە تىنىمسىز ئەجىر قىلىۋاتقان ،قەلبىدىكى ئوتتەك ئىشتىياق ۋە ساماۋى ئىستەكلەرنىڭ يىلىنجتىشى بىلەن ئەدىبى ئىجادىيەتتە ئۆزگىچە يول تۇتۇپ توختاۋسىز ئىلگىرلەۋاتقان بىر ياش بار .ئۇ بولسىمۇ يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى، مەكتەپ ئىلمى بۈلۈمنڭ مۇدىرى ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت ئەلتۇغدۇر.       
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ 1974-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ مىشا يېزىسى ياغاچچىلار كەنتىدە دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا تاماملىغاندىن كېيىن، 1989-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە يەكەن پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئومۇمىي پەن كەسپىنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە تەقسىم قىلىنغان. ئىشتىن سىرت ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ  ئۇيغۇر تىل_ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ئالىي تېخنىكۇم ۋە تولۇق كۇرسنى تاماملىغان. ئۇ 2003-يىلى5-ئايدىن باشلاپ مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.

        ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت 1991-يىلى ‹‹يەكەن گېزىتى›› دە ئېلان              قىلىنغان‹‹تەئەججۈپ››ناملىق نەسىرى بىلەن ئەدىبى  ئىجادىيەت       سېپىگە قەدەم قويغاندىن بىرى ئىلگىرى ئاخىرى‹‹قەشقەر ئەدەبىياتى››، ‹‹قۇمۇل ئەدەبىياتى››، ‹‹جوڭگۇ مىللەتلىرى››، <<شىنجاڭ گېزىتى>>،<<قەشقەر گېزىتى>>،  <<شىنجاڭ مائارىپ گىزىتى>>،‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى›› ،<<شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى>> ، <<كۈسەن مەدەنىيىتى>>،  قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا  << خىلۋەتتىكى يارقىن چۈشلەر>> ،<<تاۋۇس ئەللەيىن>>، <<تور>> ،<<خىلۋەتتىكى مەھەللەم>>،‹‹بىغەرەز›› <<يۇمىلاق خەرىتە>>،  <<ئۈزۈلمەس ئېقىن>>، <<بىر يىگىت بىر قىزغا بولغاندا ئاشىق>>، << ئەڭ مەغرۇر تۇيغۇدا چېكىمەن ئازاب>> ‹‹زەڭگەر كۆزلۇك ساددا مەلىكەم›› قاتارلىق  200پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە،نەسر، شىئېر ۋە داستانلارنى ئېلان قىلدۇردى. ئەدىبى ئىجادىيەتكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى ۋە ئىزچىللىقى بىلەن ناھىيە ئىچىدىكى ئەدىبىيات ئىخلاسمەنلىرىنىڭ كۈچلۈك ئالقىشلىرىغا ئىرىشىپ ئۈزىنىڭ  بۇ ساھەدە مۇئەييەن نەتجىلەرنى قولغا كەلتۇرەلەيدىغان ئىقتىدار ئىگىىسى ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەردى.ۋەكەسىپداشلىرىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنڭ كاتىپلىقىغا سايلاندى.ئۇ ئۆز ئىقتىدارنى ،ئەدىبى ئىجادىيەت ئىشلىرىدا جارى قىلدۇريپلا قالماي  ئاخباراتچىلىق سائەسىدىمۇ ئىزدىنىپ  <<ئولىمپىك.ئېرا ئەجدەرھاسى. ئالتۇن مېدال>>، <<گۈزەللىك شەيداسىنىڭ ياشلىق ئالبومى>> قاتارلىق چوڭ ھەجىمىك ئەدەبىي ئاخباراتى ۋە 30 پارچىدىن ئارتۇق خەۋەر، ئوبزور، ئىجتىمائىي تېمىدىكى ماقالىلارنى ئېلان قىلدى. <<خلۋەتتىكى مەھەللەم>> ناملىق شېئىرى يەكەن ناھىيەسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە <<مۇنەۋۋەر ئەسەر>> مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

كەسىپ ئەھلىلىرىگە مەلۇمكى ئەدىبى تەرجىمىچىلك ساھەسى نۇقۇل تىل بىلىشنىلا شەرت قىىلماستىن مول تىل بايلىقى ،مەلۇم دەرىجىدە ئەدىبى دىت ۋە ھىسيات ئامىلىنى بىرلەشتۈرگەندىلا ئاندىن قەدەم باسقىلى بۇلىدىغان بىر مۇشەققەتلىك داۋان.تىل بىلىدىغانلارنىڭلا ھەممىسى بۇ ساھەدە خىزمەت قىلالىشى ناتايىن.ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەتنىڭ ئۇقۇغان كەسپى ئۇمۇمى پەن بولسىمۇ خىزمەت جەريانىدا  خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنى بۇشاشتۇرۇپ قويماي جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ <<كۆۋرۈك>>، <<ھېلالئاي>> ، <<رەسىم تېرىش>> ،   << سۈيقەست>> ، <<كىچىك بېكەتتىكى ناخشا ساداسى>>  قاتارلىق200 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە،شېئىر، ئەدەبىي خاتىرەلەرنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ <<ئەدەبىي تەرجىمىلەر>>، <<ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى>>، <<ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى>>  قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇردى. ئۇ تەرجىمە قىلغان <<مەكتەپكە بېرىش يولىدا>> ناملىق تېلېۋېزىيە ھېكايە فېلىمى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، يەكەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن تارقىتىلىپ  كۆرۈرمەنلەرنىڭ  ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.ئۇ ئەدىبى تەرجىمىچىلك ساھەسىدىكى بىلىمى، تۇنىشىنىڭ چۇڭقۇرلىششىغا ئەگىشىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن
خەنزۇ تىلىدىكى  ئائىلە تەربىيسىگە ئائىت24 باپلىق بالىلارتىمىسىدىكى كىتاپنىڭ تەرجمسىنى ئىشلەپ  ئاخىرلاشتۇرۇپ نەشىرگە بىرىش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ.    ئىجادىي ئەسەرلىرىدىن تۈزۈلگەن ‹‹بىر يىگىت بىر قىزغا بولغاندا ئاشىق›› نامىلىق شىئىرلار توپلىمى ۋە بالىلار ئەدىبىياتى تىمىسىدىكى ‹‹ۋاپاسىز قاغا››نامىلىق چۆچەكلەر توپلىمىنى نەشىرگە تاپشۇردى.  

  


ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت ئىزچىل تۈردە مائارىپ تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ،<< شىنجاڭ مائارىپى>> ژۇرنىلى،  <<شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى>>، <<پەن ۋە تۇرمۇش >>، <<شىنجاڭ ياشلىرى>> ژۇرنىلى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا  <<دەرسلىك يۇمشاق دېتالى لايىھىلەش ۋە ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتا››،‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ  ئاشلىق، مېۋە_چېۋە ساقلاشتىكى ئەنئەنىۋىي ئۇسۇللىرى›› ، ‹‹تىل_ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى باھالاشنىڭ خاس ئۆلچىمىنى بېكىتىش كېرەك››، <<مەكتەپ مۇزېيىنى قانداق قۇرۇش كېرەك>>، << <چار> سۆزى توغرىسىدا >>  قاتارلىق ئىلمىي   ماقالىلارنى ئېلان قىلدى. ‹‹ئەخلاق تەربىيەنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك›› ناملىق ماقالىسى‹‹شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى›› تەرىپىدىن ‹‹مۇنەۋۋەر  ماقالە››مۇكاپاتىغا‹‹تىل_ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى باھالاشنىڭ خاس ئۆلچىمىنى بېكىتىش كېرەك››  ناملىق ئىلمىي ماقالىسى قەشقەر ۋېلايەتلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات جەمئىيىتى تەرىپىدىن  1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقائېرىشتى.

       مەكتەپتىكى ئىجادىيەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ كۆپلىكى ۋە تىل-ئەدىبىيات ئۇقۇتۇشنىڭ ساغلام تەرەققى قىلش ئىھتىياجنى نەزەردە تۇتقان ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت مىشايېزىلق       ئوتتۇرامەكتەپتەئەدىبى ئىجادىيەت،يىزىقچىلىق كۇرزىكى   تەشكىللىدى.ئۇقۇغۇچىلارنىڭ روھنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن ھەرخىل پالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى ۋە ئۇقۇغۇچىلارغا ئەمەلى ئىلھام بىرىش مەخسىتىدە ئۈزىمۇ بالىلار ئەدىبىياتى يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ قىسقىغىنە ۋاقىتتا ‹‹كىچىك مۇئەللىم››‹‹شىرچاقنىڭ ئوۋغا چىقىشى››‹‹سازاڭ ئۇرۇق،تۇپراق ››قاتارلىق 30پارچىغا يىقىن ئەسەر يېزىپ ئىلان قىلدۇردى.ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىر مەزگىللىك تىرشچانلىقى ،ئابدۇرۇسۇل مۇئەللىمنىڭ يىتەكچىلىكى ئاستىدا كۇرزىكتىكى 10نەچچە ئۇقۇغۇچىنىڭ 40 پاچىغا يىقىن ئەسىرى‹‹تارىم غۇنچىللىرى››‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى››‹‹پەرۋاز››‹‹شىنجاڭ مائارىپ گىزىتى›› قاتارلىق گىزىت زۈرناللاردا ئىلان قىلىنىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى ھەسسىلەپ ئاشتى.




ئۇلۇغ ئەدىپ لۈشۈن ئېيتقاندەك‹‹ دونيادا ئەسىلى يول يوق ئىدى،يول ئىنسانلارنىڭ مېڭىشى ئارقىلق ھاسىل بولغان›› .بىلىم ئېلىش،ئۈگىنىش قانچىلىك ئىزدەنسە كۆز ئالدىدا يەنە شۇنچە مېڭىلمىغان ،ئاياغ بېسىلمىغان يوللارنىڭ بارلىقىنى بايقايدىغان قانائەت قىلىپ يۈرىۋەرسە توختام سۇدەك نەتىجە بىرىدىغان بىرمەرىپەت مەيدانى.ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت بۇ مەيداندا ئىلگىرى يېڭى ئۇچۇرما بولغان قۇش بالىسىدەك تەمتىرەپ يۈرگەن بولسا ئەمدىلىكتە قانات پەيلىرى قاتقان ،جۇدۇنلاردا تاۋلانغان ،ئىگىز قىياغا قاراپ پەرۋاز قىلىۋاتقان بىر بۇركۈتكە ئايلاندى.

ئۇنىڭ يۇقىرقىدەك نەتجىللىرىدىن سۇيۇنگەن كەسىپدىشى مۇقام يۇرتىدىكى ئۇستاز شائىرە ئايسىمە ئىدىرىس خانىم شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى بىر يازمىسىدا ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەتنىڭ ئىجادى پائالىيىتىنى قىسقا لىكىن مىغىزلىق يېزىلغان بۇ شىئىرىدا مۇنداق دەپ يەكۈنلەيدۇ.


شېئىر يېزىپ يەنە تېخى ماقالە،

ئابدۇرۇسۇل بولۇپ قالدى كۆپ قىرلىق،

قايىل قىلدى تەرجىمىسى ھەممىنى،

تىل ئىشلىتىپ دەل جايىدا بەك سىلىق.

ئۇ مۇئەللىم ، مۇنبەر بىلەن ياشىرار،

ھەر تىنىقتا پەرزەنتلەرنى ئويلايدۇ،

بىر كۈن ۋاقتى ئۆتسە بىكار چىدىماي،

يۈرىكىنى ئاچچىق ھەسرەت تىلغايدۇ.

نەگە بارسا گۈل ئۈندۈرۈپ ئىزىدىن،

بارلىقىنى ئەل ئىشىغا ئاتىغان.

مۇقام يۇرتى ئوغلانىغا لايىق ئۇ،

تەرجىمىدە نەچچە تىلدىن ھالقىغان.

پەلسەپىۋى ئەسەرلەرگە قول سوزۇپ،

ھىكمەتلەرنى سۇنار ھەر بىر ئەسەردە،

يوقالمىغاچ ئەسلى ئاپتور پۇرىقى،

مانا بۈگۈن يارىشىپتۇ مۇنبەرگە !



ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ مائارىپى ژۇرنىلى ۋە گېزىتى   مۇتەخەسىسلەر ئۆمىكىنڭ ئەزاسى، جوڭگۇ پىدائىيلار جەمئىيىتى شىنجاڭ يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى جەمئىيىتىڭ ئەزاسى، <<شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى>> گېزىتىنىڭ تەكلىپلىك مۇخبىرى،  يەكەن ناھىيىلىك ئەدەبىيات_سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،  يەكەن ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى.بىزمۇقام دىيارىدىكى بۇ ھارماس قەلەمكەش ،تۆھپىكار باغۋەننىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتگە يۈكسەكلىك ۋە ئاسايىشلىق تىلەيمىز.

.

ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت شىئىرلىرىدىن.


بىر يىگىت بىر قىزغا بولغاندا ئاشىق


بىر يىگىت بىر قىزغا بولغاندا ئاشىق،

ئۇنتۇيدۇ تۇرمۇشنىڭ غەۋغالىرىنى.
قەلبىگە بىر ھۇجرا ياساپ ئەڭ پېنھان،

تۆكىدۇ بارچە مۇڭ_سەۋدالىرىنى.


شۇ كۈندىن باشلىنىپ يېڭى بىر ھايات،

پارلاق بىر مەنزىلگە قىلىدۇ سەپەر.

كېچىلەر خىياللارغا بېرەلمەي بەرداش،

چىللايدۇ ئورنىغا يېڭى بىر سەھەر.


ئىسمىنى تۈزۈكرەك يازالمىسىمۇ،

ئېھ،شىئېر توقۇيدۇ بارماقنى ساناپ.

ھەر مىسرا پۈتىدۇ مىڭ لەھزە دەرتتىن،

چىشلىرى كىرىشىپ،يۈرىكى قاناپ...


قۇترىغان بۇقىمۇ مۇشتىدا پايخان،

مۇجەسسەم روھىغا ئاجايىپ تىلسىم.

ئون ئەرنى تەنھا يەر چىشلەتكەن بىلەن،

بىر جۈپ كۆز ئالدىدا بولىدۇ تەسلىم.

ئۇ ئېيتقان ناخشىنى بىلمەس ھېچ كىشى،

قايسى بىر ئاھاڭغا ئېغىزى كۇنۇك

ئۇ شائىر، ئۇ لۈكچەك، ئۇ بىر ناخشىۋەن،
شۈنچىلىك بىچارە، شۈنچە سۆيۈملۈك...


.

بىر يىگىت بىر قىزغا بولمىسا ئاشىق



بىر يىگىت بىر قىزغا بولمىسا ئاشىق،

يۈرەمدۇ يېگانە، شۈنچە خىيالچان؟

ھايات غەۋغالىرىدىن بەزگەن زاھىتتەك،

نېمىشقا يۈرىدۇ مۆكۈنۈپ پېنھان؟!


نېمىشقا كېچىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ،

كۆزلىرى ئۇيقۇنى ئېتىدۇ تەرك؟

نېمىشقا سىردىشىپ يۇلتۇزلار بىلەن،

تۈگىمەس خىيالغا بولىدۇ غەرق؟


تىكىلپ ئېچىلغان گۈللەرگە جىمجىت،

يازىدۇ نېمىشقا مۇڭلۇنۇپ شېئىر؟

قانىتى سۇنغان بىر كېپىنەك ئۈچۈن،

يىغلايدۇ نېمىشقا بېرىپ چىن مېھىر؟


ناخشىسى بار ئۇنىڭ  ئۆزىگىلا خاس،

تېكىىستى بىر ئىسىم بىلەنلا پۈتكەن.

ھېچكىشى بىلمەيدۇ  قەلبىنى زىنھار،

كىمكىنە، ئۇ شۈنچە زارىقىپ كۈتكەن؟!


2010-يىلى 30-ئۆكتەبىر. يەكەن،

يامغۇردىكى تەنھالىق


ياغدى يەنە كۆكتىن يامغۇر  سىمىلداپ،

يۈرمەكتىمەن تىترەپ سوغۇق كوچىدا.

كىردىڭ جېنىم خىيالىمغا جىممىدە،

تۇرۇپ قالدىم يالغۇز دەرەخ ئاستىدا.


مەغرۇر دەسسەپ ئۆتسەڭ ئىدىڭ يېنىمدىن،

كۈنلۈكۈڭنى يايغىنىڭچە خىرامان.

ئېھ، تۇيۇقسىز دەلدۈگۈنۈپ, قولۇڭدىن

چۈشۈپ كەتسە گۈل سېۋىتىڭ شۇ ھامان.


ئوقتەك كېلىپ يۆلىۋالسام ھايالسىز،

كۈنلۈكۈڭنى تۈزەشتۈرسەم ئاۋايلاپ.

پاتقاقلاردىن تېرىۋېلىپ گۈللەرنى،

تىزىپ بەرسەم سېۋىتىڭگە تال-تاللاپ.


يىغىلماستا ئېسىڭ، كەتسەم پەرۋاسىز,

قاراپ قالساڭ تەئەججۈپتە <<كىمدۇ؟>> دەپ.

ئاڭقىرالماي مېنى، ئېزىپ بىرەر رەت

تۆكسەڭ ئىدىڭ سەنمۇ كۆز ياش چېكىپ دەرت...


<<كۈسەن مەدەنىيىتى>> 2011-يىلى 1-سان


دوپپىدۇر ئەۋلادىمغا مەڭگۈ ئۇدۇم

دوپپامغا قاراپ بىرسى سوراپ قالدى:

‹‹ بوپقالدىڭ قاچانلاردا مۇسىبەتلىك؟››

يۈرەكنى بېغىشىدىن يۇلۇپ ئالدى،

ئۆكسۈدۈم ئىچ_ئىچىمدىن ئەجەپ دەرتلىك.

قەلبىمنىڭ قات_قېتىدىن پىغان ئەيلەپ،

بىر سادا فونتان كەبئى چىقتى ئوخچۇپ:

‹‹نېمىشقا كىيمەي ئۇنى مەن ئەزىزلەپ،

ئەجداتتىن ئۇدۇم ئالغان ئۇيغۇر تۇرۇپ؟!

ھە،ئۇنى بوۋام كىيگەن ھېيت-ئايەمدە،

باش بولۇپ ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپىگە.

ھە، ئۇنى مومام كىيگەن توي_ماتەمدە،

چاي بېرىپ توققۇز قىزنىڭ شەرىپىگە!

ھەدەمنىڭ ئاتا قىلغان تىلىكىگە،

ئاكامنىڭ تومۇرىدا چوغ كۈۋەجەپ،

گۈل چەككەن سىڭلىم ئۇنىڭ جىيىكىگە،

ئىنىمنىڭ سىماسىنى مۇجەسسەملەپ.

مەھبۇبەم كەشتىلىگەن مېھرى بىلەن،

پاك سۆيگۈ_مۇھەببەتنىڭ سۈلكىتىنى.

ھەر نەقىش، ھەر گۈلىدە ئەقىل تېرەن،

پارلاتقان ھايات مەنا_ ھېكمىتىنى.

بەيگىدە ئۇتۇپ چىقسام قەھ-قەھ كۈلۈپ،

كىيگۈزگەن دوستلار شەرەپ سەھنىسىدە.

دەرت كەلسە بېشىمغا ئاھ، مىڭ بىر ئۆلۈپ،

كىيگۈزگەن مۇسىبەتلىك پەتىسىدە.

ھە، شۇڭا چۈشۈرمەيمەن ئۇنى باشتىن،

ئەقىدە،ئىخلاسلارغا قىلىپ تەققاس.

بەك ئېغىر ۋەزنى گويا ئونمىڭ پاتمان،

تاڭ قالار ھەتتا ئۇنى كۆرگەن  رەققاس!

كىيىمەن،ئۇنى ماڭا ئاتام بەرگەن،

بولغىن سەن ئوغلۇم ئەلنىڭ سەركىسى! دەپ.

كىيىمەن، ئۇنى ماڭا ئانام بەرگەن،

ئادەملىك غۇرۇرنىڭ پاك بەلگىسى، دەپ!

كىيىمەن، مىراسى ئۇ ئەجدادىمنىڭ،

بېشىمدا جۇلالايدۇ زەر گۆھەردەك.

كىيىمەن،كىملىكى ئۇ ئەۋلادىمنىڭ،

كۆرسىتەر يوللىرىمنى پاھ، ھۈكەردەك!

كىيىمەن، ئاھ، بالاممۇ كىيىپ چوقۇم ،

قالدۇرار شەكسىز مىراس نەۋرەمگىمۇ!

دوپپىدۇر ئەۋلادىمغا مەڭگۈ ئۇدۇم،

يادىكار قالغاي چوقۇم چەۋرەمگىمۇ! ››






                                                  






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-12 10:54 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 10 يۇرىتداشكەنمىز

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

0998ۋارىس
ئەسلىمە بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 04:00:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

پــىــيــاز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9538
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 960 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 04:22:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ياشنىڭ قەلەمىگە بەرىكەت تىلەيمەن .

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72999
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3364
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 04:31:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىيىمەن،ئۇنى ماڭا ئاتام بەرگەن،

بولغىن سەن ئوغلۇم ئەلنىڭ سەركىسى! دەپ.

كىيىمەن، ئۇنى ماڭا ئانام بەرگەن،

ئادەملىك غۇرۇرنىڭ پاك بەلگىسى، دەپ!
                                                                                                      

راست ياخشىكەن ، ‹‹ناخشىۋەن ›› ماۋۇ يىڭى ئۇقۇمكەن .


كۈتكەن كۈنلەر ، كەلگەندەك ئەمە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25644
يازما سانى: 875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8241
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 6615 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 04:45:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر قەلەمكەش بىلەن تونۇشۇۋالدۇق مانا . شىېرلىرى بەكلا ئىسىلكەن،

ئالقىنىڭنى  كەڭ ياي ، ئۇنىڭدىن تۆكۈلگەن رەھمەت نۇرلىرى ، سىېنىمۇ ، باشقىلارنىمۇ خۇش قىلسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58220
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4099
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 04:58:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلمەيدىكەنمەن ،بىلىۋالدىم .
بىزنى يەنە بىر بىلىم ئەھلى بىلەن تۇنۇشتۇرغانلىقىڭىزغا رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12658
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 05:20:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭزگە رەخمەت!

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8464
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 05:31:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجداتلار مىراسى بولغان ئەتلەسنىڭ جۇلاسىنى ئۇنتۇپ قالمىغان بۇ سىڭلىمىزغا بېلەت تاشلاپ قوللاپ قويايلى. تور ئادرېسى: http://goo.gl/LCr0P ھەر قايسى چ چ توپلىرىدا ۋە مۇنبەرلەردە تارقىتىپ قويساڭلار. بۇ سىڭلىمىزغا ۋاكالىتەن ھەر قايسىڭلارغا رەھمەت.
C:\Documents and Settings\Administrator\桌面

ئىگىلىك 100 سالونىنىڭ قوشۇۋېلىش ئادرېسى: IGILIK100

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 05:34:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت بىلمىگەننى بىلىۋالىمەن شۇڭا ئامراق مەن مۇنبەرگە.:qiray14

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8464
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 05:36:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجداتلار مىراسى بولغان ئەتلەسنىڭ جۇلاسىنى ئۇنتۇپ قالمىغان بۇ سىڭلىمىزغا بېلەت تاشلاپ قوللاپ قويايلى. تور ئادرېسى: http://goo.gl/LCr0P ھەر قايسى چ چ توپلىرىدا ۋە مۇنبەرلەردە تارقىتىپ قويساڭلار. بۇ سىڭلىمىزغا ۋاكالىتەن ھەر قايسىڭلارغا رەھمەت.

ئىگىلىك 100 سالونىنىڭ قوشۇۋېلىش ئادرېسى: IGILIK100
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش