يەتتىنىچى باب ئالتىنچى پارگىراف
ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىش، يېڭى يوللاردا مېڭىشقا ماھىر بولۇش كېرەك
ئادەمنىڭ سودا ساھەسىگە كىرىشى ئۇنىڭ دولقۇندەك داۋۇلغۇپ تۇرىدىغان تۇرمۇش شەكلىنى تاللىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. سودا دۇنياسى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان بولغاچقا، بىز شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپ، تۇرىۋاتقان مۇھىت، رىقابەتچىلىرىمىز، ھەتتا ئۆزىمىزمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىمىز... ئەتراپىمىزدىكى بارلىق نەرسىلەر ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرىۋاتقان بولىدۇ!
بولۇپمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىقتىساد يەر شارىلىشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، سودا دېڭىزىدە ئۈزۈۋاتقان كىشىلەر ھەر دائىم «ۋاقىت مېنى ساقلىمايدۇ» دېگەن جىددىيلىك ھالەتتە تۇرۇشى كېرەك، كۈنسېرى ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتقان بازاردا، بىز باشتىن-ئاخىرغىچە «ئىلگىرلىمىسەم چېكىنىمەن» دېگەن كىرىزىس تۇيغۇسىدا بولۇشىمىز كېرەك. شۇ سەۋەبتىن، بىز ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىشكە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، ئۆزگىرىش كەلگەن چاغدا ئۆزگىرىشكە ماسلىشىشىمىز، تاقابىل تۇرۇشىمىز، ئۆزگىرىش ئىچىدىن يېڭىلىق يارىتىش پۇرسىتىنى ئىزدىشىمىز لازىم. پەقەت شۇنداق بولغاندىلا، بىز ئاندىن سودا يولىدا تېخىمۇ ئۇزۇنغا ماڭالايمىز.
ئالى بابا ئەمدىلا قۇرۇلغان ۋاقىتتا، نۇرغۇنلىغان تور سودىسى شىركەتلىرى چوڭ كارخانىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى باشلىغان. ئەمما مايۈننىڭ قارىشىچە، تورنىڭ ئومۇملىشىشى ئېھتىمال چوڭ شىركەت شەكلىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئىدى.چۈنكى ئىنتېرېنت دەۋرىدە، بىر شىركەتنىڭ باشقا دۆلەت بازىرىغا كىرىشى كۆپ پۇلغا ئېھتىياجلىق ئەمەس ئىدى، توردىكى زور مىقداردىكى ئۇچۇرلار ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ بازار پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرەتتى.
باشقىلار ئىنتېرنېتنىڭ تۈرتكىلىك كۈچىنى تېخى تونۇپ يەتمىگەن ۋاقىتتا، مايۈن ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن ئىنتېرنېت ئېلىپ كېلىدىغان ئۆزگىرىشنى ھېس قىلغان. شۇ سەۋەبتىن، مايۈن ئەينى ۋاقىتتا باشقىلار سەل قارىغان ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارغا نەزىرىنى تىككەن. شۇنداق قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ھەر قانداق تور سودىسى شەكلىگە ئوخشىمايدىغان، مەخسۇس ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان «ئالى بابا» مەيدانغا كەلگەن.
2000-يىلى، مايۈن يەنە سەزگۈرلۈك بىلەن خەتەرلىك سېگنال-ئىنتېرنېتنىڭ قايتا ئۆزگىرىشى-نى ھېس قىلغان. بۇ يىلى، ئىنتېرنېت ئىقتىسادى كۆپۈكلىشىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ تىجارىتى كاساتلىشىشقا باشلىغان.
بۇ ۋاقىتتا، ئىگىلىك تىكلەۋاتقان دوستلىرى مايۈندىن «نېمە ئىش قىلىمىز؟» دەپ سورىغاندا، مايۈن شۇنداق جاۋاب بەرگەن: «بىرىنچىدىن، ئالى بابادىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىمىز، ئىككىنچىدىن، خەتەردىن مۇداپىئەلىنىدىغان ئىستىراتېگىيە سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىمىز.
ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى مېنىڭ جاۋابىمنى (ئۇلۇغ شۇئار) دەپ قاراپ ئىشەنمىدى، ئەمما مېنىڭ پۈتۈنلەي توغرا ئىدى.» مايۈن بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا ئىشەنچكە تولغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئالى بابانىڭ 2001-يىلىدىكى ۋەزىپىسى ئىدى، 2001-يىلى ئالى بابا «جۇڭگو تەمىنلىگۈچى سودىگىرى» تۈرىنى ئاخىرلاشتۇرغان. 2001-يىلى 9-ئايدا، مايۈن ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرگە شۇنداق جاكارلىغان: «بۇ يىل ئالى بابا چوقۇم نۇرغۇن پۇل تاپالايدۇ.»
نىشان بەلگىلەنگەندىن كېيىن، مايۈن يەنە كېيىنكى قەدەم ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان، ئۇ مۇنداق دېگەن: «200-يىلى، مەن ئالى بابا (ئىنتېرنېت كاساتچىلىقى) دىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چوقۇم (قېلىچ مەشىقى) قىلىش كېرەك دەپ ئويلايىتتىم. ھازىر بۇنى قانداق مەشىق قىلىشنى ئويلايدىغان ۋاقىت كەلدى. يېڭىچە ئىقتىسادنىڭ پايدىلىق تەرىپى (يېڭى) دا، پايدىسىز تەرىپىمۇ (يېڭى) دا. مېنىڭچە ئەڭ دەسلەپتىكى ئالى بابا خۇددى لاڭشەن تېغىدىكى 108 قەھرىمانغا ئوخشايىتتى، ھازىر بىز بۇ (پارتىزان قوشۇن) نى (رەسمىي قوشۇن) غا ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك، چۈنكى ماھارەتنى قانداق ئىشلىتىش ماھارەت ئۆگەنگەندىن مۇھىم.» ئۇ يەنە ناھايىتى ئۈمىدۋارلىق بىلەن مۇنداق دېگەن: «ئىنتېرنېت كاساتچىلىقىغا رەھمەت، ئۇ بىزگە ئۆگەنگەن ماھارىتىمىزنى قانداق ئىشلىتىشنى مەشىق قىلىدىغان پۇرسەت بەردى، بىز بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئىشلارنى قىلىۋالدۇق.»
مايۈن جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىغا، دۇنيادىكى بارلىق زاۋۇتلارنىڭ ئاسىياغا توپلىنىدىغانلىقىغا، جۇڭگونىڭ ئەڭ مۇھىم توپلىنىش بەلۋىغىغا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. شۇ سەۋەبتىن، 2000-يىلىغا كەلگەندە مايۈن ئىستىراتېگىيەنى دۆلەت ئىچىگە قارىتىپ، «دۇنياغا قاراش، جۇڭگودا ياساش» تەدبىرىنى يۈرگۈزۈشنى باشلىغان، ھەمدە «مەن جۇڭگودىن كەلدىم» دېگەننى ئۆزىگە سايە قىلغان.
سودا مەيدانى جەڭ مەيدانىغا ئوخشاشلا تۈرلۈك-تۈمەن ئۆزگىرىشكە تولغان. مايۈن بۇ خىلدىكى كەسكىن بازار رىقابىتىنى ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە ئوخشىتىپ، گەرچە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش بولغان بولسىمۇ، بۇ مۇسابىقىنىڭ دۆڭ-چوڭقۇرى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۆزگىرىش كەلگەن ۋاقىتتا، يەنى كارخانا «دۆڭ» دە تۇرغان ۋاقىتتا، بىزنىڭ باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىش پۇرسىتىمىز بار بولىدۇ، باشقىلارنىڭمۇ بىزدىن ئېشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. ئۇنداقتا بىر كارخانا قانداق قىلىپ «دۆڭ» لەردىن ھالقىپ ئۆتەلەيدۇ؟ بازاردىكى كەسكىن رىقابەتتە قانداق قىلىپ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالايدۇ؟ بۇ بازاردىكى ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بارلىق كارخانىلار ئويلىنىشقا تېگىشلىك قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا، بىزنىڭ تاللاش يولىمىز پەقەت بىرلا: يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيىسىنى ئىزچىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىش يولىدا داۋاملىق مېڭىشتىن ئىبارەت. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كارخانىنىڭ رىقابەت ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىش، كارخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا بىز ئاندىن بازاردىكى دولقۇنلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى كىرىزىسدىن ئۆتەلەيمىز-دە، كەسكىن رىقابەتتە ئەۋزەللىكىمىزنى ساقلاپ، كارخانىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.
2004-يىلى 9-ئايدا، ئالى بابا قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىق خاتىرىسىدە، مايۈن ئەلى بابا ئىستىراتېگىيەسىنىڭ «Meet at Alibaba» (ئالى بابادا توپلىنىش) تىن «Work at Alibaba» (ئالى بابادا خىزمەت قىلىش) قا ئۆزگەرگەنلىكىنى جاكارلىغان. مايۈن بۇ خىل تىپ ئۆزگىرىشىگە قارىتا مۇنداق چۈشەنچە بەرگەن:
«Meet»-خۇددى ئامباردىكى سۇلارغا ئوخشاش خېرىدارلارنى بىر جايغا جۇغلاشنى كۆرسىتىدۇ، بۇنداق سۇدا بېلىق بېقىلسا ھېچقانداق قىممىتى قالمايدۇ؛ ئەگەر ساياھەتچىلىك ئۈچۈن ئىشلىتىلسە، ئۇ ھالدا يەنە سۇ، توكقا پۇل خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن «Meet» ئارقىلىق كۆپ پۇل تاپقىلى بولمايدۇ؛ ئەمما «Work» سۇ ئامبىرىنى تۇرۇبا ياتقۇزۇپ سۇنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈشنى، بۇ ئارقىلىق سۇ ئامبىرىدىكى سۇغا قارىغاندا كۆپ پۇل تېپىشنى كۆرسىتىدۇ. مەن تور سودىسىنىڭ ھەر بىر ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىغا نىسبەتەن خۇددى ئائىلىلەرگىچە كېلىدىغان سۇدەك قولايلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
«بۇ قېتىملىق تىپ ئۆزگەرتىش تېخىمۇ كەسپلەشكەن يۆنىلىشكە قاراپ تەڭشىلىدۇ. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، 2003، 2004 ۋە كېلەر يىلى تور سودىسىنىڭ جۇغلىنىش دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، 2008 ۋە 2009-يىلىغا كەلگەندە بۇ چوقۇم پارتىلاش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز چوقۇم بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىدا مېڭىشىمىز، مەسىلە پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن ئۇنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىشىمىز كېرەك. بۇ ئالى بابانىڭ ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئاچقۇچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مايۈن يەنە مۇنداق دېگەن: «ئالى بابانىڭ ئۆتكەن يەتتە يىلى ۋە ئۆزۈمنىڭ 10 يىلغا يېقىن ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشلىرى ماڭا شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى، ئۆزگىرىشنى بىلىشكە ماھىر، ئۆزگىرىشكە ماسلىشالايدىغان كىشىلەر ناھايىتى ئاسانلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ، ئەمما ھەقىقىي تالانت ئىگىسى ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدۇ، ھەمدە ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن ئۆزىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ!»
شۇ سەۋەبتىن، مايۈن ئىگىلىك تىكلەش ئىرادىسى بار كىشىلەرگە شۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن: كونترول قىلىشقا ئامالسىز ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرگە نىسبەتەن، ھەقىقىي ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئاكتىپلىق ۋە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئۆزگىرىشكە ماسلىشىدۇ! ئەلۋەتتە ئۆزگىرىش دائىم ئازابلىق بولىدۇ، ئەمما پۇرسەت دائىم ئۆزگىرىش بىزگە ئېلىپ كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ!
مەنبە:چېڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
<<مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرىسخانىسى>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئويغۇر قاشتېشى تورى
تور بەت ئادرېسى:WWW.UYHQT.COM
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى:ئەقىدە قاشگەرلىكىدىن رەيھانگۈل نىزام
جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-20 07:07 PM