nim-japa يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 09:45 AM 
ماڭا ئىنكاس يازغىنىڭزدىن بەك خۇش بولدۇم بېلىگجان، شۇ ...
راست سۆزلۈك ئىكەنسىز. سەمىمىيىتىڭىزگە رەھمەت.
لېكىن ئادەم بەزىدە بىر كۆرسەتكۈچكە مۇھتاج بولۇپ قالىدىكەن. بەلكىم مەن شۇ يولۇمنى تاپالماي ۋاقتىمنى ئۆتكۈزۋېتىپ بارغاندىمەن. سىز ۋە سىزدەكلەر ۋاقىتنى يېتىشتۈرۈپ بولالماي ئاۋارە، مەن ۋە مەندەكلەر ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ بولالماي ئاۋارە.......
========================
بۇ سۆزىڭىزنى نۇرغۇن ئادەملەر دېمىسىمۇ ئەمما ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق ئەھۋالدا بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن. سىزگە تەكلىپىم ۋاقتىڭىز كەڭرىچىلىك بولغاندىكىن بىرەر يېڭى تىل ئۆگىنىپ قويۇڭ، مەسىلەن، ئېنگىلىزتىلى دېگەندەك. تىل ئۆگىنىش سەل تەس ھەم ئۇزۇن ۋاقىت كەتكەندەك تۇيۇلغان بىلەن، تولىمۇ كۆڭۈللۈك ۋە كىشىگە ئاخىرىدا زور نەپ بېرىدىغان بىر ئىش. ۋاقتى كەلگەندە ئېنگىلىز تىلىدىكى مۇھىم بىلىملەرنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ تەرجىمە قىلىپ يوللىسىڭىزمۇ شۇمۇ سىزنىڭ جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىڭىز بولۇپ قالىدۇ. ئۇنى دېمىسەكمۇ، ئۆزىڭىزمۇ بۇ يېڭى تىل ئارقىلىق بالىلىرىڭىزنى تېخىمۇ ئوبدان تەربىيەلەش ئۈچۈن نۇرغۇن يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنەلەيسىز. كۈندە بىر سائەت ئۆگىنىپ 1 يىل داۋاملاشتۇرالىسىڭىز خىلى ئوبدان چۈشىنىپ قالىسىز بۇ تىلنى. باشقا ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان تىل بولسىمۇ بولىدۇ. ياردەم كېرەك بولسا ياكى مەسلىھەت لازىم بولسا ئېلخەت ئارقىلىق ئۇچۇر يېزىڭ:
gopalwan@gmail.com