Bahadir717 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 11:30 PM 
سىزنىڭ بۇ سۆزلىرىڭىز ماڭا ئىمام شافىئى نىڭ مۇنۇ سۆزلى ...
مۇشۇ سۆزىڭىزلا سىزنى ئوبدانلا ئىسپاتلاپ بەردى، 94 -يىلدا تۇغۇلغانكەنسىز، شۇڭا قىز دوستىڭىزغا تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەس كېلىپ، ئىسلام دىنىنى سۈيئىستىمال قىپ بۇ گەپلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپسىز.
بىلىپ قېلىڭ،
نادانلىق بار يەردە نادانلىق بىلىم سانىلىدۇ دەپتىكەن،
بۈيۈك ئىسلام دىنى سىزلەردەك تار ئىدىيەدىكىلەرنىڭ، ئىسلام يولىنى تارلاشتۇرۇش قورالى ئەمەس، ئۆز شەخسى مەنپەئتىڭلار ئۈچۈنلا خىزمەت قىلدۇرۇش قورالىمۇ ئەمەس. ئۇ بىر بۈيۈك ئېتىقاد.
يەنە بىلىپ قېلىڭ،
ئىناق-ئىتتىپاق بەختلىك ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرىگە قېنىپ چوڭ بولغان مەندەكلەرمۇ خېلى جىق، ياشلىق مەزگىلىدە بولسا، دوستلىرى بىلەن ئۆزارا ھۆرمەتتە، چىن دوستلىقنىمۇ قەدىرلەپ ئۆتەلەيدۇ، تۇغۇلغان كۈن بولسا، شۇ قېرىنداشلىق مېھىرنى، دوستلۇق مېھىرنى ئاز بولسىمۇ ئىپادىلەشتىكى بىر كىچىككىنە ۋاستە خالاس.
(
شۇ ئازغىنە پۇلنى خەجلەشكە چىدىمايدىغانلارغا تاقاشمىسىلا)
مەن مۇشۇ كەمگە كېلىپ، ئۇنىڭ زىيانلىق تەرىپىنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم،
سىزگە ئەمدى 21 ياشقا كىرىشىڭىزگىلا قانداق ئادەم، قاندا ئىشلار ئۇچراپ كەتتىكىنتاڭ، ۋەز-نەسىھەتكە چۈشۈپ كېتىپسىز.
ھەم بۇ ھەركىم ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ، قاندا ئۆتكۈزسە، بۇ ھەركىمنىڭ ئۆز شەخسى ئىشى.
ئومۇمخور توپلاپ قارشى چىققىدەك يامان ئىش ئەمەس بۇ......
بۇندىن كېيىن تېما يازسىڭىز،
تېمىڭىزنىڭ ئاخىرىغا، قارشى پىكىر قىلغانلارنى نادان دەپ قارايمەن، مۇنازىرىمۇ قىلمايمەن، دەپ ئەسكەرتىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ!
بۇمۇ سىزنىڭ بىلىملىكلىكىڭىزنى ئىسپاتلايدۇ بەلكىم.
21 ياشتىلا بىلىمدە كامالەتكە يېتىپسىز ئەمەسمۇ، نادانلارنى ئاسانلا ئايرىۋالالىغاندىكىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-19 05:33 PM