مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: قىران123

ئوغىرى يىگىتنىڭ سەرگۈزەشتىسى6 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109596
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2014-8-31
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 01:49:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارزۇ01 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 01:32 PM
بىردەمدىلا تۇگىدىغۇ؟

بىردەمدىلا  تۈگەپ كەتتىغۇ .ئاخىرنى قاچان يازاسىز ئەمدى .بۇ ھىكايىڭىزنىڭ داۋامىنى  ئۇقۇش ئۈچۈن مۇشۇ مىسرانىم  تورىنى كۈندە  نەچچە  قېتىم  ئاچىمەن .داۋامىنى ساقلايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74486
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4060
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 520 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 09:32:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىردەمدە تۈگەپ كەتتىيا

بۇ جاھان شۇنداق جاھان ، ھۇناق ھۇناققا كەلمەي - چۇناق توكۇرغا تەگمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103826
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 496
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2014-2-20
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-24 08:52:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوغىرى يىگىتنىڭ سەرگۈزەشتىسى14

    بېيجىڭدا ئادەم كۆپ بولۇپ قالمايلا ، نەرسىلەرمۇ بەك قىممەت ئىكەن . يانچۇقتىكى ئازغىنە «ئولجا» پۇلىمىز ، بىر كىچىك كاۋاپخانا ئېچىشقا يەتمەي قالغىلى تاس قالدى . بىز بىر ئائىلىلىكلەر ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئالدىدا ، كىچىك كاۋاپخانىمىزنى ئېچىۋالدۇق . كاۋاپخانىنى ئاچقان دەسلەپكى كۈنلەردە ئادەم جىق يوق ، كىرىممۇ ئاز ئىدى ، مىنىڭمۇ بىكار ۋاقتىم كۆپ بولغاچقا ئوغۇرلۇق قىلىشنى ئويلاپ قالاتتىم . بىراق ئاستا-ئاستا بۇ رايۇندىكى كىشىلەر ، بىزنىڭ كاۋاپخانىمىزغا ئايىغى ئۈزۈلمەستىن كېلىدىغان بولدى . ئادەم كۆپەيگەن ۋاقىتلاردا پەقەت بىكار بولالمايتۇق ، ئادەم بىكار يۈرمىسىلا ئۇنداق ئىشلارنى ئويلاشقا ۋاقتى چىقمايدىكەن . بىز كىلىپ بىرەر ئايغىچە سودىمىز خېلى روناق تېپىپ قالدى ، كېلىدىغان ئادەملەرمۇ كۆپىيىپ بەزىدە كاۋاپلار ئويلىغىنىمىزدىنمۇ كۆپ سېتىلىپ كېتەتتى . بەزى خېرىدارلار ئەتىگەندىلا پۇلنى تۆلەپ زاكاس قىلىپ قۇياتتى ، مۇشۇنداق ئالدىراشچىلىقتا بەزى كۈنلىرى بەك كەچ دۇكاننى تاقايتۇق . بىز كەلگەندىن كېيىن بۇ ئەتىراپتىكىلەر بىزنىڭ كاۋاپلىرىمىزنى داڭلاپ كېتەتتى ، تۇردىمۇ كاۋاپلارنى داڭلىغانغا چۇشلۇق ياخشى قىلاتتى . دۇكاندىن كىرگەن كىرىممۇ خېلى كۆپىيىپ ، بانكىدا ئاز بولمىغان سوممىدا پۇلىمىزمۇ بولدى .
      دۇكانغا كېلىپ تۇرىدىغانلار كۆپىيىپ ، كىچىك دۇكانغا پاتماي سىرتتا ئولتۇرىدىغانلارمۇ بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتتى . بەزى خېرىدارلار دۇكاننى چوڭايتىشىمىزنى ، بولمىسا سودىمىزغا تەسىرى بارلىقىنى ئېيتاتتى . بىز بىر خېرىدارنىڭ ياردىمى بىلەن ، ئەسلىدىكى كاۋاپخانىمىزغا ئانچە يىراق بولمىغان يەردىن بىر دۇكاننى ئىجارىگە ئالدۇق . دۇكاننىڭ ھەممە ئىشلىرى پۈتۈپ ، ئىشقا كىرىشكەن دەسلەپكى كۈنلىرى مۇشۇ رايۇن ئىچىدىكىلەر كىرىپ-چىقىپ تۇردى ، ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا كاۋاپخانىمىزنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان يېقىن-يىراقتىكى كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى . تېخى بىزنىڭ مۇقىم خېرىدارلىرىمىز بولغانلارمۇ بار ، ئۇلار بىرەر سودا ئىشى بىلەن چىقىپ تاماق يېمەكچى بولسا ، بىزنىڭ كاۋاپخانىمىزغا كېلەتتى بىز ئۇلارغا ئېتىبار قىلاتتۇق . بىر كۈنى خېرىدارلارنى ئۇزىتىپ شۇ كۈنلۈك پۇللارنى ساناپ ئولتۇراتتىم ، تۇردى :
-ئاداش كاۋاپخانىمۇ ياخشى مېڭىۋاتىدۇ ، بىز بۇ ئىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي شىنجاڭدىن ئاشپەز ئەكىلىپ ، يېنىمىزدىكى دۇكاننى ئاشخانا قىلايلى . ئاڭلىسام بۇ دۇكاننى بىكار دەيدۇ ، ئادەمنى مەن تاپاي سەن دۇكان ئىگىسى بىلەن كۈرۈشۈپ باق -دېدى . بۇ مەسلىھەت ماڭىمۇ ياقتى ، تاتلىقجانمۇ ئۇنىڭ پىكىرىگە قۇشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . شۇنداق قىلىپ تاتلىقجان بىلەن تۇردى كاۋاپخانىنىڭ ،  مەن ئاشخانىنىڭ ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كەتتۇق . ئاشخانىنىڭ زىننەتلەت ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ، تۇردىغا ئادەمنى تېزراق تېپىشنى ئېيىتتىم . ئۇ ئۆيدىكىلىرىگە تېلىفۇن قىلىپ تېزراق كېلىشىنى ئېيىتتى ، ئۇلارمۇ ئۈچ-تۆت كۈنگە قالمايلا كېلىپ بولدى . بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇردىنىڭ ھەم خوتۇنىنىڭ ئاكا-ئۇكا ، ئاچا سىڭىلىرى ئىكەن .
          ئاشخانا ھەم كاۋاپخانىدىن كىرگەن كىرىملىرىمىزمۇ خېلى كۆپ بولۇپ ، يېقىن-يىراققا خېلى داڭقى بار ئىدى . ئىككى دۇكاننىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ، ھال-كۈنىمىز ياخشىلىنىپ يانچۇقلىرىمىز «سېمىز»لەپ قالدى . تاتلىقجان ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ يۇرتقا قايتماقچى بولدۇق ، ھېلىمۇ يۇرتتىن ئايرىلغىلى ئون نەچچە يىل بولۇپ كىتىپتۇ . مەن تۇردىنى يېنىمغا چاقىرىپ :
-تۇردى ئاداش ، سەن بىزگە ئاز بولمىغان ياردەملەرنى قىلىدىڭ ، سىنىڭ ياردىمىڭدە مۇشۇنچىلىك بولالىدۇق . سىنىڭ بۇ ياخشىلىقىڭنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايمىز ، بىز يۇرتتىن ئايرىلغىلى ئون نەچچە يىل بولۇپ قالدى . ئەمدى يۇرتقا قايتايلى دەپ ئويلاشتۇق ،خالىساڭ بىللە قايتىپ كەتسەكمۇ بولىدۇ -دېدىم . تۇردى بىر پەس ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن :
-بىز كەتسەك دۇكاننىچۇ قانداق قىلىمىز ؟ تاقايدىغان ئىش بولسا مەن كەتمەيمەن ، دۇكاننى داۋاملىق ئاچىمەن . بۇ دۇكاننىڭ ھازىرقىدەك روناق تېپىشى ئۇنداق ئاسانغا توختىمىدى . سىلەر خالىسڭلار دۇكاننى ماڭا ئۆتكۈزۈپ بىرىڭلە ، مەن داۋاملىق ئاچاي  -دېدى . تاتلىقجان گەپ قىستۇرۇپ :
-تۇردى ئاغىنىمىزنىڭمۇ دېگىنى توغرا ، بىز كېتىمىز دەپلا دۇكاننى تاقىۋەتسەك بولماس . دۇكان ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىمىز ئاز ئەمەس ، تۇردى داۋاملىق ئاچقۇسى بولسا ئۆتۈزۈپ بېرەيلى . بىز كەتسەك يەنە باشقىلار كېلىپ ئاچىدۇ ، تۇردىنىڭمۇ كەتكۈسى يوقكەن ، ئۇنىڭدىن تۇردىلا ئاچمامدۇ -دېدى . مەنمۇ ئۇنىڭ داۋاملىق ئاچىمەن دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ خۇشال بولدۇم ، نىمە دېمىگەن بىلەن بىر يىلدىن كۆپرەك ئەجىرىمىز بار ئەمەسمۇ .
      ئۇزۇن ئۆتمەيلا تاتلىقجان ئىككىمىز شىنجاڭغا قايتماقچى بولۇپ تەييارلىق قىلدۇق ، ئۆي بىلەن دۇكاننى تۇردىغا ئۆتكۈزۈپ بەردۇق ، ئۆي بىلەن دۇكاننىڭ پۇلىنى تاتلىقجان بىلەن يېرىمدىن بۆلۈشتۇق . بۈگۈن ماڭىمىز دىگەن كۈنى تۇردى بىلەن بىر قانچە خېرىدارىمىز بىزنى ئۇزىتىپ چىقتى ، تاتلىقجان ئىككىمىز بېيجىڭغا قىيالماستىن شىنجاڭغا قاراپ ماڭدۇق . شۇ بېيجڭدىكى كۈنلەر تولىمۇ مەنىلىك ئۆتۈپتىكەن ئويلىسام -دېدىم .
      زۇلمىرە سەرگۈزەشتىمنى ئاڭلاپ :
-ھەي ئۇلۇغ ئاللا بەرگەن كۈنىڭىزگە مىڭ مەرتىۋە شۈكرى . شۇ قارا كۈنلەردىن ئامان-ئېسەن قۇتۇلۇپسىز -دېدى . مەنمۇ ئېغىر ئۇھسىنىپ :
-ئەگەر تۇردىغا يۇلۇقمىغان بولسام ، بېيجىڭغا بېرىپ بىرەر ئىش قىلالمايلا قالماستىن ئوغىرى دىگەن نامىمنى چىقىرىپ كەلگەن بولاتتىم -دېدىم . زۇلمىرە ئورۇن راسلاپ :
-بۈگۈن مۇشۇنچىلىك سۆزلەپ تۇرۇڭ ، ئەتە ساقچىخانىغا نىمە بولۇپ كىرىپ قالغانلىقىڭىزنى سۆزلەپ بىرىڭ -دېدى . مەنمۇ ئۇشۇق گەپ قىلماستىن ئورنۇمغا كېلىپ ياتتىم .

سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 364 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74486
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4060
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 520 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 11:37:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىچۇ

بۇ جاھان شۇنداق جاھان ، ھۇناق ھۇناققا كەلمەي - چۇناق توكۇرغا تەگمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110634
يازما سانى: 919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1621
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 11:54:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزۋاتسىز  ئاخرنىمۇ ياخشى ئاخرلاشتۇرشىڭىزنى ئۇمۇد قىلمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103826
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 496
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2014-2-20
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 01:56:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىنداشلار ئاز قالغان ۋاقتىدا ئاغرىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن يېزىپ بوللالمايۋاتىمەن . توغرا چۈشىنىپ تۇرساڭلار ، مۇشۇ قىسىمىنىمۇ قىيلىنىپ ئاران يېزىپ تۈگەتتىم ، قالغىنىنى سەللىمازا ياخشى بولغان ۋاقتىمدا يېزىپ ئەۋەتىمەن .

سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 364 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103826
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 496
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2014-2-20
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 12:07:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوغىرى يىگىتنىڭ سەرگۈزەشتىسى15

     بۈگۈن ئەتىگەندىلا ئورنۇمدىن تۇردۇم ، ئىچىمدىكى گەپلەرنى دىۋىتىپ خېلىلا يىنىكلەپ قالدىم . بۈگۈن تاتلىقجان بىلەن بازار ئارىلاپ ، قايسى خىل مالنىڭ سودىسى ياخشى ئىكەنلىكىنى تەكشۈردۇق . «ھازىر باي بولۇشنى ئويلايدىغانلار مۇشۇ ئاياللارنىڭ ، بالىلارنىڭ نەرسە-كېرەكلىكىنى ئېلىپ ساتسا بولغىدەك جۇمۇ» دەپ ئويلايتىم ئىچىمدە . چۈنكى بىر ئەر كىشى ئابدانراق بىرەر قۇر كىيىم ، پۇتىغا ئاياق ئېلىۋالسا خېلى ۋاقىتلارغىچە ئاياق ، كىيىم دېگەندەك نەرسىلەرنى ئالمايدۇ . بىر دۇكان خوجايىنى تېخى «ئۇكام ، مەنمۇ ئەمدى دۇكاننى چوڭايتىپ مالنىڭ ئەڭ ئېسىلىنى سالىمەن . بەزى ئاياللار كۈندە دېگۈدەك كېلىدۇ ، مەن تېخى ئۇلارنى مېنىڭ دۇكىنىمدىن ئېلىپ ، باشقا يەردىكى دۇكاندا ساتىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن ، ئەسلى ئۇلار ئاشۇنداق تولا كىيىم سېتىۋالىدىكەن ئەمەسمۇ» دەيدۇ . بىز بازارنى پۈتۈن ئايلىنىپ چىقتۇق ، بىز يەنىلا باشقا يەردىن نەرسە ئەكىرمەي سىرتقا ئاچىقىشنى پىلانلىدۇق . بىز قايتىپ كېلىپ يېزا تەرەپتىن ھۆل-قۇرۇقتىن سېتىۋېلىپ ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە سېتىشنى ئويلاشتۇق . بىر كۈن بازار ئارىلاپ بەكلا ھېرىپتىمەن ، تاتلىقجامۇ كەچلىك تامىقىنى يەپ بولۇپلا ئۇخلىغىلى ياندىكى ھۇجىرىغا كىرىپ كەتتى . ئانام ئۈچىمىز بىردەم تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇردۇق ، ئانام ئۇزۇن ئولتۇرمايلا ئۇخلىغىلى ھۇجىرىسىغا كىرىپ كەتتى . زۇلمىرە ئانامنىڭ كىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ، ھۇجىرىمىزغا كىرىپ كەتتى . مەن بىردەم تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇدۇم ، تېلىۋىزوردىمۇ قىززىق نەرسىلەر يوق ئۆچۈرۋېتىپ ھۇجىرامغا كىردىم . قارىسام ئورۇن سېلىقلىق ، زۇلمىرە ئاغزىمغا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ . مەن دەررۇ تۆنۈگۈن كەچتە دېگەن گېپىمنى ئېسىمگە ئالدىم ھەم باشلىدىم :
      تۈرمىگە كىرىپ قالغان ئىشتا ، تاتلىقجان ئىككىمىزنىڭ ۋۇخەندىكى ئاق تاماكا سودىسى قىلىدىغانلارنىڭ چىشىغا تىگىپ قويغانلىقىمىزنىڭ جازاسى بولدى . ۋۇخەندە بىز ماشىنىدا سۆرىتىپ ئۆلتۈرۋەتكەن تاز ، شىنجاڭغا ئاق تاماكا يۆتكەپ بېرىدىغان شايكىسىكەن . بىز ئۆلتۈرۋەتكەندىن كېيىن ، باشقىسىنى تېپىپتۇ . بىراق ئۇلار ئىشنى جايىدا قىلالماي ، شىنجاڭغا كىرىپ بولغان ئاق تاماكا تۇشۇپ ماڭغانلارنى ساقچىلار تۇتىۋېلىپ ، ئۇلار بەكلا زىيان تارتىپتۇ . شۇڭا تاتلىقجاننىڭ سىڭلىسىنى گۆرەگە ئېلىۋېلىپ ، ئۇنىڭغا ئاق تاماكا تۇشۇتۇپتۇ . باشتا ئىچكىرىدىكىلەر ئاق تاماكىنى ئۆز ئادىمىدىن ئېۋەتىدىكەن ، تاتلىقجان ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ يالغاندىن ئوغۇرلايدىكەن ھەم تۇيدۇرماستىن يەنە بىرسىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قۇيىدىكەن . بۇنداق قىلغاندا ساقچىلار تاتلىقجاننى تۇتىۋالغان تەقدىردىمۇ ، ئوغۇرلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن سولاپ قۇيىدىكەن ، بىراق بىرەر كۈندىن كېيىن قۇيۇپ بېرىدىكەن . شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىمقىسىنى ئادەم ئېۋەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ، ئۇ يېنىدا ئېلىپ يۈرۈپتۇ . بىزنىڭ ئۇدۇل قوشنىمىز ئۇنىڭ نازارەتچىسى ئىكەن ، ئۇ بىرەر غەيرىلىكنى سېزىپ قالسىلا باشلىقىغا خەۋەر يەتكۈزىدىكەن .شۇڭا بىز نەدە بولساق ئۇمۇ كەينىمىزدە پايلاپ يۈرىدىكەن . ئۇ بەكلا ئاچكۆز ، رەھىمسىز ئادەم بولغاچقا ، تاتلىقجان يېنىدىكى ئاق تاماكىنى ئۇنىڭغا بەرمەپتۇ . چۈنكى ئۇنىڭغا بەرسە ئۇ يۈتىۋېلىپلا ، ماڭا بەرمىدى دەپ تۇرىۋالسا ئۇ سىڭلىسىغا بىرەر كېلىشمەسلىكنىڭ كېلىپ قېلىشىدىن قورقىدىكەن . شۇڭا ئۇ ئاق تاماكىنى ئۆيگە قۇيۇپ قويغانىكەن ، ئۇ سولاقخانىدا تۇرۇپ مۇشۇلارنى دەپ بەردى . بىز ساقچىلارغا بىزنى ۋاقىتلىق قۇيۇپ بېرىشىنى ، ئۇلارنى تۇتىشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ ، مۇھەممەتئىمىن ئاكاملار بىلەن ئۇلارنى باستۇردۇق . ئۇلار پەقەت ئاق تاماكا سودىسى قىلىپ قالماستىنلا ، كىچىك قىزلارنى ئوغۇرلاپ ئىچكىرىدىكى خوجايىنلارغا ساتىدىكەن . ساقچىلار ھەممىنى ئېنىقلاپ ، بىزنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىمىزنى بىلگەندىن كېيىن قويۋەتتى . مېنىڭ ھەممە ئىشلىرىمدىن خەۋەردار بولدىڭىز ، ماڭا ئۆچ بولۇپ كەتتىڭىزمۇ ئەمدى -دىدىم چاقچاق قىلىپ . ئۇ كۆزۈمگە شۇنداق بىرنى قارىۋېتىپ :
-ھە ، سىزگە ئۆچ بولۇپ چاينىۋەتكىم كېلىپ كېتىۋاتىدۇ ، مۇشۇ گېپىڭىز ئۈچۈن . مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ ، سىزگە ئاشىق بولۇپ تەگدىم . سىزگە مەڭگۈ ياخشى ھەمراھ ، بالىلىرىمىزغا ياخشى ئانا بولۇشنى خالاپ تەگدىم جۇمۇ -دېدىيۇ ئىززا تارتىپ تام تەرەپكە قارىۋالدى . ماۋۇ گېپىنى ئاڭلاپ پۈتۈن بەدىنىم بىر سېزىمنى سېزىۋاتاتتى ، مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتىكى سېزىم دەل خۇشاللىق دەپ ئاتىلاتتى . مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئىنساندەك سېزىۋاتاتتىم .
      بۈگۈن مەن بېيجىڭدىكى تۇردىغا تېلفۇن قىلدىم ، ئۇنىڭغا شىنجاڭدىن يەل-يېمىش ئاچىقىپ ساتماقچى بولغانلىقىمىزنى دىدىم . ئۇ بىزنىڭ بارىدىغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ بەكلا خۇشال بولۇپ كەتتى ھەم بىزگە خېرىدار تېپىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيىتتى . بىز شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قۇرۇق يەل-يېمىش يىغدۇق . ھۆل مىۋىلەردىن يىغىشنى ئويلىساقمۇ ، يولدا سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرەپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدۇق . شۇڭا قۇرۇق يەل-يېمىشلەردىن يىغىپ ، تۈرگە ئايرىدۇق ئالاھىدە ، بىرىنچى ، ئىككىنچى دەرىجىلىكلەرنى بېيجىڭغا ، ئۈچۈنچى دەرىجىلىكلەرنى شىنجاڭ بازىرىدىكى باقالچىلارغا ئەرزان باھادا سېتىپ بەردۇق . بىز ھەممىنى پۈتتۈرۈپ بېيجىڭغا قاراپ ماڭدۇق ، شىنجاڭ ئالاھىدە قۇرۇق يەل-يېمىشلىرىنىڭ بېيجىڭ بازىرىدا باش كۆتىرىشى ئۈچۈن ئاتلاندۇق .

تۈگىدى

قىران123
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قىران123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 12:14 AM  


سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 364 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103826
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 496
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2014-2-20
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 12:19:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن ھەممىنى يېزىپ تۈگەتتىم ، تۈگىتىشمۇ ئۇنچىلىك تەسكە توختىمىدى . ئاغرىپ قالغاندا كاللىغا كەلگەن نەرسىلەر ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك يېزىلىپ قالدى . يەنە بەك ئۇزىراپ كېتىشىنىمۇ خالىمىدىم ، بولمىسا ئوقۇرمەنلەرنىڭ رايىنى قاچۇرۇپ قويىدىغان گەپكەن . ئەمدى ياردەم قىلىپ تۈزەتكىدەك يەرلىرىمنى كۆرسىتىپ بەرسەڭلە ، مەنمۇ مۇكەممەللەشتۈرۋالسام .

سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 364 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110634
يازما سانى: 919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1621
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 12:50:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز، تىخمۇ نادىر ئەسەرلەرنى يوللىشىڭىزنى ئۇمۇد قىلمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111447
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 935
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 10:53:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى تۈگىدى. كىيىن تىخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يوللىغايسىز.

ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئىيتىشنى ئۇنۇتمايمەن !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش