ئوغىرى يىگىتنىڭ سەرگۈزەشتىسى7
ئاخشام بەك كۆپ ئىچىۋەتكەچكىمۇ ، چۈش بولۇپ كەتكەنلىكىنى سەزمەي ئۇخلاپ كېتىپتۇق . بىر ۋاقىتلاردا تېلفۇنۇم سايرىدى ، ئالسام ئۆينىڭ ئىشى بىلەن تېلفۇن قىلىپتۇ . مەن ئۇنىڭغا يالغاندىنلام جىددى ئىشىم چىقىپ قالغاچقا بارالمىغانلىقىمنى ، ھازىرلا بارىدىغىنىمنى ئېيتىپ تېلفۇننى قويدۇم . تاتلىقجاننى ئويغۇتۇپ چۈش بوپ كەتكەنلىكىنى ، ئۆي ئىگىسىنىڭ تېلفۇن قىلغانلىقىنى ئېيىتتىم . ئىككىمىز يۈز-كۆزىمىزنى يۇيۇپ ، ناشتىلىقىمىزنى بىلەن چۈشلۈك تامىقىمىزنى بىراقلا يەپ ، بانكىغا قاراپ ماڭدۇق .
بانكىغا كىرسەك ئادەم جىق ئەمەس ئىكەن ، ئۇزۇن ساقلىمايلا پۇلنى ئېلىپ يولىمىزنى داۋاملاشتۇرۇدۇق . بىز بارساق ئۆي ئىگىسى تۆت كۆزى بىلەن ساقلاپ تۇرۇپتىكەن ، كېلىشىمىزگىلا :
-ۋاي جېنىم ئۇكىلىرىم ، «مەن ئالدىرايمەن ماڭغىلى ، ئېشىكىم ئالدىرايدۇ ياتقىلى» دەپ ھەجەپ كىچىكىپ كەلدىڭلە-دېدى . مەن يالغاندىن تۇقۇپلا ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ ، رەسمىيەتنى ئۆتىۋېتىشىمىزنى ئېيىتتىم . بۇ ئىشنىڭ بۇنچىلىك تەسلىكىنى بىلمەپتىمەن ، ئىشقىلىپ ھەممىنى قانۇنلۇق بىر تەرەپ قىلىۋالدۇق . مەن ئۆينى ئالغىنىمغا خوش ، ئۆي ئىگىسى ئىشلارنىڭ ئاسانلا پۈتكىنىگە خوش ، بىز شۇنداق خۇشاللىق بىلەن ئىشنى پۈتتۈردۇق . ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئالدۇق ھەم نەرسە-كېرەكلەرنى تەكشۈرۈپ كېمىنى تولۇقلاپ بولۇپ ، دوختۇرخانىغا بارماقچى بولدۇق .
ئۆي جاھازىلىرىنىڭ بەزىلىرىنى كونىراپ كەتكەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، خېلىلا تۇلۇق ئىكەن . بىز ئۆينى بىرەر قۇر رەتلىۋەتكەندىن كېيىن ، ئۆي جاھازىلىرى سېتىش دۇكىنىغا بېرىپ كونىراپ كەتكەن ئۆي جازىلىرىنىڭ يېڭىسىنى زاكاس قىلىپ قويدۇق . ئەمدى ئىشلارنىڭ بىرەر قۇر تۈگىگەن ۋاقتىدا ، دوختۇرخانىغا ئانامنى يوقلاپ ماڭدۇق . يولدا ماڭغاچ ئانام بىلەن زۇلمىرەگە ئازراقتىن نەرسە-كېرەك ئېلىۋالدۇق . بىز ئانام ياتقان بالنىستقا كىرسەك زۇلمىرە نەرسە-كېرەكلەرنى يىغىشتۇرىۋېتىپتۇ ، ئانام زۇلمىرەگە قاراپ نىمىلەرنىدۇر ئويلاپ ئولتۇرۇپتۇ . ئانام بىزنى كۆرۈپ :
-ۋاي باللىرىم ، بىزمۇ تېخى سىلەرگە تېلفۇن قىلىلى دەپ تۇرغان ، مانا كىلىپ بوپسىلە -دېدى . زۇلمىرە قولىدىكى ئىشنى قۇيۇپ چۈشەندۈرگەچ :
-ئاباي دوختۇر كىرىپتىكەن ، ئانامنىڭ كۆزى تولۇق ساقىيىپ بولۇپتۇ . ئەمدى دوختۇرخانىدىن چىقسا بولىدىكەن . ئانامغا سىلەرگە تېلىفۇن قىلىشنى ئېيىتسام ، ئاۋال نەرسە-كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ ئاندىن ئۇرايلى . بولمىسا ئالدىراپ قالىمىز دېگەن . سىلەرمۇ كىلىپ بوپسىلە قاپىقىڭلار تاتقاندەك -دېدى . مەن :
-ئانا ئۆينى ئېلىپ قويدۇم ، ھەممە نەرسىسى تۇلۇق ، كونىراپ كەتكەنلىرىنىڭ يېڭىسىنى ئالدىن زاكاس قىلىپ قويدۇم -دېدىم . ئانام :
-بالام يېڭى ئۆينى نەدىنراق ئالدىڭلار ، قاتنىشى قولايلىقمۇ ؟ ھازىر ئورنى ياخشىراق ئۆي تېپىش تەسلىشىپ كەتتى -دېدى . مەن :
-ئانا ، ئۆي شەھەرنىڭ ئاۋات يىرىدە ، قاتنىشىدىن ئەنسىرمىسەڭمۇ بولىدۇ -دېدىم . ئۇڭغىچە زۇلمىرە نەرسە-كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپتۇ ، بىز خۇشاللىق ئىچىدە دوختۇرخانىدىن چىقىپ تاكسى توسۇپ يېڭى ئۆيگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق .
ئانام يېڭى ئۆيىمىزنى كۆرۈپ قەۋەتلا خۇشال بولۇپ كەتتى ، بىراق ئانامنىڭ كۆزىدىن يەنىلا يېزىمىزدىكى ئۆينى سېغىنغانلىقىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى . مەن بىرەر قۇر ئۆيلەرنى كۆرسىتىپ بولغاندىن كېيىن :
-ئانا يېزىدىكى ئۆينى سېغىنغان بولساڭ ئىشلار تۈگىشىگە ئاپىرىپ كېلەي ، ھازىر بېرىپ توينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى قىلىۋېتىپ ، ئەتىگىچە توي خېتى ئالغىلى بارساق . مۇشۇ ئىككى-ئۈچ ھەپتە ئىچىدە توي ئىشلىرىنى تۈگىتەيلى -دېدىم . ئانام ماقۇل بولدى ، تاتلىقجان ئىككىمىز يېزىدىكى ئۆيگە ئادەم ئاپىرىپ ئاقارتىش ، رەتلەش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردۇق . ئىككى كۈندە يېزىدىكى ئۆينىڭ ئىشى تۈگىدى ، بىزمۇ شەھەردىكى ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق . ئۆيگە كىرىپ تۇراتتۇق ، بىر قانچە ساقچى كەينىمىزدىنلا كىرىپ تاتلىقجان ئىككىمىزنى تۇتتى . بىز نىمىش بولغىنىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە ، ئۇلار ئۆيدىن خېلى كۆپ مىقداردىكى ئاق تاماكىنى تېپىپ چىقتى . مەن ساقچىلارغا بۇ ئىش بىلەن ئالاقەم يوقلىقىنى شۇنچە ئېيىتساممۇ ئۇلار قىلچە گېپىمنى ئاڭلىمىدى . بىچارە ئانام ساقچىلاردىن مېنى نىمىشقا تۇتىدىغانلىقىنى سورىسا «ئوغلىڭىز زەھەر سودىسى قىلىدىكەن ، شۇڭا ئۇنى ساقچىخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرىمىز» دېدى . ئانام بىچارە بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇرغان جايىدا قېتىپ تۇرۇپ قالدى ھەم مەندىن :
-جېنىم ئوغلۇم ، سەن ھەرگىزمۇ زەھەر سودىسى قىلمايسەن شۇنداقمۇ ؟ ساقچىلار خاتالاشتى ، سەن ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئىشنى قىلمايسەنغۇ ئوغلۇم -دەپ يىغلاپ كەتتى . مەنمۇ ساقچىلارغا بۇ ئىشنىڭ مېنىڭ بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى ئېيىتتىم ، تاتلىقجان بولسا ھېچ نىمە دىمەستىن تۇراتتى .
ساقچىلار بىزنى تۇتۇپ ماشىنىغا چىقاردى ھەم ساقچىغانىغا قاراپ قوزغاتتى . ئانام بىچارە بولسا ماشىنىغا يىغلىغىنىچە خېلى ئەگەشتى ، زۇلمىرە ئانامنى يۆلەشتۈرگىنىچە كەينىمىزدىن قېلىپ قالدى .