مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4240|ئىنكاس: 48

تۆۋەندىكى ئىككى پارچە كىتابنى ئوقۇپ تاماملىدىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 114194
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 197
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2015-2-10
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 10:25:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1-ئايلىق كىتاب ئوقۇش تەسىراتىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىر تور ئەھلى، ھازىرقى ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!!! كېچىكىپ قالغان بولساممۇ، «دوستلارغا چوقۇم يىتىشىۋالىمەن!» دېگەن زور ئىشەنچ بىلەن بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولدۇم، شۇنداقلا كەڭ ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ قىسقىغىنا ۋاقتىنى چىقىرىپ تۆۋەندىكى دوكلاتىمغا كۆزيۈگۈرتۈپ قويسىكەن دېگەن ئۈمۈدتە، كۇنۇپكا تاختىسىدىن ئۇزۇن مۇددەت يۈز ئۆرىگەن بۇبارماقلىرىمنى مانا ھازىر شۇ كۇنۇپكا تاختىللىرىدا يېنىك ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن. 2015-يىلى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىپ بېكىتىلگەندىن بۇيان شۇنى ھېس قىلدىمكى ئۆزۈملا ئەمەس ھەتتا ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن كىشىلەردە كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى شۇنچىلىك ئەۋج ئالدى، شەخسەن ئۆزۈم رايونىمىزدىكى دوستلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن بىرقانچە قېتىم «كىتابىم» تېمىسىدىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشقانمۇ بولدۇم،مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2015-يىلىنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىپ بېكىتىپ، ئۇخلىمىغان بولسىمۇ مۈگدەۋاتقان ئۇيغۇرۇمنىڭ يۈزىگە مۇزدەك بۇلاق سۈيى چېچىپ سەگەكلەشتۈرگەن قەشقەريوپۇرغا ناھىيە (توپىسى ئېغىر ئانا يۇرتۇم) 3-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى روزىمۇھەممەد ئارتۇرچ مۇئەللىمگە چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن شۇنداقلا ھەرقايسى شەھەرلەردىكى «ئىلىم چاي» لىرىنىڭ ئۆتكۈزىلىشىنى زوركۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن كىتابخۇمار دوستلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، ئىشلىرىڭلار تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىغۇسى، رەھمەت سىلەرگە!!

مەن 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ 2-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچەبولغان ئارىلىقتا ئىككى پارچە كىتاب ئوقۇپ چىقتىم. يازغۇچىلىقتىن تازا بەك خەۋىرىم يوق، يەنە كېلىپ پىكرىم سەل چېچىلاڭغۇ بىر كىتاب خالتىسى بولغانلىقىم ئۈچۈن تۆۋەندىكى يازمامدا مەسىلە كۆرۈلۈپ قالسا ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىد-تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن شۇنداقلا ئەرزىمەس دوكلاتىمدىن تور كېزەر دوستلارغىمۇئانچە مۇنچە پايدىسى تېگىپ، ياخشى بىر كىتاب ئۇچۇرىغا ئىگە بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس دېگەن ئۈمۈدتە مەن. ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسىنى قىلىپ، دوكلاتىمنى باشلاي ئەمىسە.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  [1 s" e; Z" X

بىرىنچى كىتاب

كىتاب ئىسمى: «مەدەنىيەت ۋە مەۋجۈتلىقىمىز»

كىتاب ئاپتورى: ئابدۇرېھىم دۆلەت

كىتاب تىلى: ئۇيغۇرچە

نەشرقىلىنغان ئورۇن:  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

نەشرى ۋە بېسىلىشى: 2003-يىلى5-ئاي 1-نەشرى 1-بېسىلىشى

كىتاب نومۇرى:ISBN 7-228-08025-4

كىتاب مەزمۇنى ھەققىدە: ئاپتور كىتابنى «ئەمدى قانداق قىلىمىز» دېگەن تېما بىلەن باشلىغان، دەسلەپ ئوقۇپ مەنمۇ بەك ھەيران قالمىدىم، چۈنكى ئاپتور دېگەندەك بىزنىڭ ئۆيدىمۇ يېزىدا ئوقۇپ، ئىسمىنى يېزىشنى بىلمەي باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن زىيالىي ئاكام بار. شۇڭا كىتابتا سۆزلەنگەندەك ئوقۇغۇچىغاكۆچۈرۈشنى ئۆگەتكەن ئوقۇتقۇچى، ھەتتا ئىمتىھاندا ئوقۇغۇچىغا ئوقۇتقۇچى ئۆزى دەپ بەرگىنىدەك، يېزىپ بەرگەنلىرىدەك قاراشلارغا ياقا، بارماق چىشلەشكە مەجبۇربولمىدىم، (ئەلۋەتتە، ھازىر ئۇنداق ئىشلار يوقتۇ دەپ ئويلايمەن ئۆزۈمچە)، ھازىرقى قوش تىل مائارىپىمىزدا «ئانا تىل» خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، شۈكرى ئاللاھ،ھازىر مائارىپىمىز خىلى يۈكسەلدى دەپ قارايمەن. شۇڭا ئوقۇرمەنلەرگە تەۋسىيەرىم،بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى پەقەت مەكتەپكىلا يۈكلەپ قويماي، ئائىلە تەربىيەسىنى كۈچەيتسە، توي-تۆكۈن، قاتارچاي....دېگەندەك سورۇنلارغا كەتكەن ۋاقىتنى بىراقلا يوق قىلىۋىتەلمىسەكمۇ ئازايتىپ، بالىلارغا كۆپرەك ۋاقىت ئاجراتساقكەن دېگەن ئۈمۈدتەمەن.(گەرچە تېخى توي قىلمىغان بويتاق بولساممۇ بۇيەردە سەل ئاتكاچىلىق قىلغۇم كەلدى، ھى ھى ھى )

24-يانۋار،رايونىمىزدىكى كىتابخۇمارلار يىغىلىشىغا قاتنىشىىشقا مۇيەسسەر بولدۇم، ئارىمىزدابىركىتابخۇمار قېرىندىشىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇشتا مۇنداق قائىدىسى باركەن، يەنى ئۇلارنىڭ ئۆيىدە «ئانا يۇرت»،«ئويغانغان زېمىن»...دېگەندەك كىشىنىڭ قەلبىنى ئېزىدىغان تارىخى رومانلارنى ئوقۇش چەكلەنگەن ئىكەن، ئۇلارنىڭ قارىشىچە تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاش ھاجەتسىز، يەنە كېلىپ ئۇنداق كىشىنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاپ،ئازابقا سالىدىغان كىتابلارنى ئوقۇپ قاقشاپ، زارلىنىپ ئۆتكەندىن يەنىلا ئالدىغا قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلىگەن مۇھىمكەن، شۇچاغداكىتاب ئىچىدىكى «يۈگەنسىزئىزتىراپلار» تېمىسىدىكى مۇنۇ جۈملىلەر ئېسىمگە كەپ قالدى «ئۆتمۈش خۇلاسىلىرىمىزنىڭ يوقلىقى بىزنى ئىنتايىن قىممەتلىك تەجرىبىلەردىن مەھرۇم قىلسا،كەلگۈسى ھەققىدىكى بىرەر لايىھىمىزنىڭ يوقلۇقى بىزنى ماڭىدىغان يولدىن مەھرۇم قىلىۋاتىدۇ».مەن ئويلايمەن، ھەقىقەتەن شېرىن خىيالنىڭ قەلەندەرى بولۇپ ياشىغاندىن رېئال تۇرمۇشنىڭ ئىجادچىسى بولغىنىمىز ئەۋزەل، ئەمما ھېچقايسىمىز «دىلنى ئېزىدىكەن، ئۆتكەن تارىخ ئۆتتى» دېگەندەك نەزەر بىلەن تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاشتىن باش تارتساق ئەۋلادلارغا كىم شۇ تارىخنى سۆزلەپ بىرىدۇ؟ ئېغىز ئەدەبىياتى ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ باقماي تۇرۇپ، ئاڭلىغىنىمىز بويىچە ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرساق، ساپ تارىخ قالماسلىقى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن. شۇڭا ئاپتور دېگەندەك ئۆتمۈشىمىزدىن خۇلاسەچىقارغان ھالدا، كەلگۈسىمىزگە ئىنتىلسەك دېگەن ئۈمۈدتەمەن. ئاپتوردىگەندەك «سۇنىڭ سۈزۈكلۈكى ھەربىرتامچە سۇنىڭ سۈزۈكلۈكىگە باغلىق» تۇر. كونىلاردىمۇ «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىركۆرگەن ئەلا» دېگەن گەپ بارغۇ، گەرچە تارىخقا قايتىپ كۆزىمىز بىلەن كۆرەلمىسەكمۇ (نەئۇزىبىللاھ، ئۇتارىخ قايتىلانمىسۇن) يازغۇچى ئەدىبلىرىمىز يېزىپقالدۇرغان شۇ تارىخ بەتلىرىگە نەزەر سالساق ئاڭلاپ بىلىۋالغاندىن ئۈنۈمى كۆپ دېگەن قاراشتامەن. ئەمدى «جاھاندىن ئاز-تولا خەۋەردار بولۇپ قويايلى» دېگەن تېمىغاكىلەي، تېمىنىڭ ئاخىرقى بىرئابزاستا مۇنداق بىرقانچە جۈملە بار «بىزگە ھەركۈنى ھەرخىل يېڭى ئىشلار ئۇچراپ تۇرىدۇ، كىتاب-ژۇرنال، گېزىتلەرنى كۆرۈپ تۇرىمىز.نېرۋىلىرىمىز ئۇچۇرلارنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. پەقەت ئەقىللىك كىشىلەرلائۆزى ئۇچرىغان نەرسىلەردىن ئۆزىگە پايدىلىق نەرسىلەرنى پەرقلەندۈرۈپ،زىيانلىقلاردىن ساقلىنالايدۇ. شۇلارلا مەڭگۈ ھاياتىي كۈچكە ئىگە». بۇجۈملىلەرنى كىتابنى ئوقۇۋېتىپمۇ خېلى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم، مانا ئەمدى ئەمەلىي تۇرمۇشۇمداقانداق ئىشلىتىشنىمۇ بىلىۋالدىم، مەسىلەن:2015-يىلىغا «ئەلى قۇربان مۇئەللىم بىلەن زىۋىدە خانىم مۇسابىقىسى» بىلەن كىرگەندەك قىلغان ئىدىم، ھازىر ئەمدى «ئۈمىدپاراڭلىرى بىلەن ئارتۇچ پاراڭلىرى» بولۇپ قالىدىغاندەك تۇيغۇغا چۆمدۈم، بۇيەردەھېچقاچان بىرىنىڭ مۇتلەق خاتا ياكى توغرا دەپ كېسىپ ئېيتماقچى ۋەياكى بىرىنىڭ قىلغانلىرى توغرا ۋەياكى بىرلىرىنىڭ قىلغانلىرى خاتا دېيىش ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ گۈللىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىۋاتقان شۇ ياش ئېستىدات ئىگىلىرىنى تەنقىدلىمەكچى ئەمەسمەن ھەم ئۇنداق قىلىش ھوقۇقۇممۇ يوق، پەقەت ئوقۇغان مۇشۇ كىتابىمدىكى بىلىملەر ئارقىلىق ھەممەيلەنگە شۇنى يەتكۈزگۈم كېلىدۇ: شاكىلىنى تاشلاپ مېغىزىنى يىسەك تەن سالامەتلىكىمىزگە پايدىلىقتۇر. مانا مانا، پىكرىم يەنە قالايمىقانلىشىپ كەتتى، مەقسىتىمنى يىغىپ ئېيتسام يا مەن بەك ھاياجان ئىچىدە بۇكىتابنى ئوقۇپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ دەپ تەۋسىيە قىلغاندىمەن، ياكى راستلا بۇكىتاب ھەقىقەتەن ئوقۇپ بېقىشقا ئەرزىگۈدەك پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇشى مۇمكىن، ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى،بۇ كىتابنىڭ باھاسى ئاران 18.7 يۈەن شۇڭا دوستلار بولسا بىركۆرۈپ باققان بولسادەيمەن (پىلانىمدا ھەربىر تېما يەنى ھەربىر ماۋزۇ ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزمەكچى ئىدىم، چوڭ يەردىن چۈشىۋالغان ئوخشايمەن، يەنىلا ئۆزۈڭلار ئوقۇپ باھا بەرگەيسىلەر،مەن يېزىپ بولالماي قالدىم).

ئىككىنچى كىتاب

كىتاب ئىسمى: «ئەسىرگە تەڭ ھايات-كونا ئەسكەرنىڭ كەچمىشى»

كىتاب ئاپتورى:مۇھەممەد رەھىم

كىتاب تىلى: ئۇيغۇرچە

نەشرقىلىنغان ئورۇن:  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى

نەشرى ۋە بېسىلىشى: 2014-يىلى9-ئاي1-نەشرى 11-ئاي1-بېسىلىشى

كىتاب نومۇرى:ISBN 978-7-5631-2765-8

كىتاب مەزمۇنى ھەققىدە: ئەسەردە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا كاتىباتلىق خىزمىتىنى ئۆتەش شۇنداقلائەسكەرلىك ۋەزىپىسى بىلەن شۇغۇللانغان ئوت يۈرەك ئىنقىلابچى شائىرىمىز مۇھەممەدرەھىم ئاكىمىزنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچمىشلىرى بايان قىلىنغان، دەسلەپ كىتابنى ئوقۇپ باش قىسمىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىقا ئائىت باشقاماتىرىياللاردىكىدەك تارىخى ۋەقەلەر بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، مەيلى شۇ تارىخنى كىم يېزىشىدىن قەتئىينەزەر ئەلۋەتتە راست بولغان كەچمىشلەر بولغاچ شۇڭاتارىخ سەھنىسىدىكى ئوخشاشلىقلار كۆپ بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم. كىتابنىڭ كىيىنكى قىسىملىرىدىكى مەزمۇنلاردىن ئاپتورنىڭ يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى مەندەئاپتورغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسىنى (ئىلگىرىمۇ مۇھەممەدرەھىمنىڭ شېئىرلىرىغابولغان ئىشتىياقىم بىلەن ھۆرمەت قىلاتتىم) ھەسسىلەپ ئاشۇردى دېسەم ئارتۇق كەتمەس.چۈنكى ئاپتور بۇ كىتابنى 88 يېشىدا يېزىپ تاماملىغان ئىكەن. دەسلەپ كىتابنى ئوقۇپ بولۇپ بىر دوستۇمغا سۆزلەپ بەردىم، دوستۇم «ئەمىسە بۇ كىتابنى كۆرمىسىمۇبولغۇدەكقۇ» دېگەن ئىنكاسنى بىلدۈردى، ئويلاپ قالدىم، ماڭا ھازىر مۇشۇ يېشىڭداباشلانغۇچ ۋاقتىڭدىكى ئىشلارنى كىچىككىنە بىر بايان قىلىپ باققىن دېسە، بەلكىم بېشىمنى قاشلاپ ، «ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم ناچار» دېگەن يوغان باھانە بىلەن ئولتۇرىۋىلىشىم مۇمكىن، ئاپتورنىڭ مۇشۇ يېشىدا تارىخىي كەچمىشلىرىنى بايان قىلىپ،ئەۋلادلارغا تارىختىن كىچىككىنە مەلۇمات بېرىش مەقسىتىدە كىتاب تۈزىشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس دەپ ئويلايمەن. كىتابنىڭ ئاخىرىدا شېئىر ۋەزىنلىرى توغرىسىدا ئازراق توختالغان ئىكەن، شېئىر يېزىشقا قىززىققۇچىلارنىڭ يامان ئەمەس ماتېرىيالى بولۇپقالغۇسى ئىنشائاللاھ.

ئاخىرىداكىتابتىكى مۇنۇ جۈملىلەرنى دوستلار ھۇزۇرىغا سۇناي:شىنجاڭدا بولۇپ ئۆتكەن قوزغىلاڭلار، ئويغۇنۇش ھەرىكەتلىرى تارىخىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ ئىنقىلابنىڭ شانلىق تارىخنى يېزىش ۋە ئۇنى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ۋە تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى ئەۋلادلارغا مىراسقالدۇرۇش يولىدا نۇرغۇن ئەدەبىي ۋە بەدىئىي ئەسەرلەر يېزىلدى. مېنىڭ بۇ ئەسلىمەم ئاشۇ شانلىق تارىخنىڭ بىرەر ھاجتىگە ياراپ قالار دېگەن ئۈمىد بىلەن كۆڭلۈم ئەمىن تېپىۋاتىدۇ.

خۇلاسەمدە: مەن ئويلايمەن ھەربىرىمىزدە مۇشۇنداق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بولسا ھە!!!


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' J2 T' G$ T2 I" e3 d

                                                                    2015-يىلى 4-فېۋرال   

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, l  s3 p* Y* _2 j0 g1 u

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 ~9 |& a1 ~$ K, B( m3 xبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 v* C7 L$ I1 l, r' b" ]% D
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AriFe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-15 10:42 AM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# G# M4 ^" h5 T/ z3 Z$ v+ L, Z
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ P8 h! r  |- g3 J9 H

يىراقنى كۆرگۈم ب

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68
يازما سانى: 970
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 21840
تۆھپە نۇمۇرى: 582
توردا: 3617 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 11:43:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ كىتاپ ئوقۇش يىلىدا بۇ تەسىراتىڭىز باشقا يىللارغا قارىغاندا بەكرەك تەسىر قىلدى، ئەسلى بىزگە يىل ، ئاي ،كۈننىڭ پەرقى يوق ئوقۇشىمىز كىرەك.

يىللارنى ئۆتكۈزدۈم لىۋىمنى تامچىپ، ئايلارنى سانىماق تەس ئىكەن ئاندىن. ھەپتىلەر كەلگەندە خىيالچان بولۇپ، مىنۇتلار كەلگەندە ئۇيقۇدىن قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111234
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 427
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2014-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 11:59:32 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەنغۇ، …

باشقىلارنى ئۆزگەرتىشتىن ئ‍اۋال ئۆزۈڭنى ئۆزگەرت

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1885
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5048
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1236 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 12:04:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ ئەسىردىن ھالقىغان بىركۈن ناملىق رومانى بىلەن سوپاخون سوۋۇروفنىڭ مەن كەچكەن كېچىكلەر ناملىق رومانىنى ئوقۇپ تاماملىدىم

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1885
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5048
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1236 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 12:04:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەكرار ئىنكاس   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurjahan0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-15 12:10 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 }' E4 j9 d1 |! M: h) h: b
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" G5 z7 r% Y) @6 Z

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 568 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 12:04:47 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاب ئوقۇش ھەممەيلەننىڭ ئادىتىگە ئايلانسۇن

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 568 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 12:05:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 12:04 PMبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# Z' Y' V6 x& G
مەن چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ ئەسىردىن ھالقىغان بىركۈن نامل ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# C8 c, Q3 X; x8 X, L# T5 Yبەك ياخشى بوپتۇ

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2812
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16466
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2518 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 12:09:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاپنى تاللاپ ئوقۇپسىز ،تەسىراتمۇ جايىدا بولۇپتۇ،دىمەك بۇ يىللىق كىتاپ ئوقۇش سەپرىگە ئاتلىنىشنىڭ ھوزۇرىنى كۆرۈش بىلەن بىرگە بىزگىمۇ بىر ئىشتىياق ئوت تۇتاشتۇرۇپسىز،زېھنىڭىز ،ئىلمىڭىز زىيادە بولسۇن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74547
يازما سانى: 720
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5148
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 611 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 12:14:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى قىپسىز،مەنمۇ«قۇتادغۇبىلىك» نى تۈگۈتەي دەپ قالدىم،ئۇ كىتاپنى ئېلىپ قويغۇنىمغا خېلى يىللار بولۇپ قالغان ئىدى،ئۆيدىكى كىتاپ ئىشكابىدا ئۇ يەردىن-بۇيەرگە تولا يۆتكۈلۈپ بۇ تەۋەرۈك كىتاپ سەل كونۇراپمۇ قاپتىكەن،بۇيىل كىرىشى بىلەنلا بۇ بىباھا گۆھەرنى قولۇمغا ئېلىش نېسىپ بولۇپ،كۆرۈشنى باشلىغان ئىدىم،بارغانسىرى قىزىقىپ قالدىم ھەمدە بالدۇرراق قولۇمغا ئالمىغىنىمغا پۇشايمانمۇ قىلىپ قالدىم،ھېلىمۇ ئاللاھقا شۈكرى،ھازىر بولسىمۇ قولۇمغا ئېلىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم ھەم تۈگىتەي دەپ قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112514
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 93
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2015-1-9
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 12:14:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاستىدىكىسى  كىتاپقا قىزقىپ قالدىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش