مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: AriFe

تۆۋەندىكى ئىككى پارچە كىتابنى ئوقۇپ تاماملىدىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 114194
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 216
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2015-2-10
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 04:54:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«پادىچى بالىنىڭ ئاجايىپ سەپىرى»دىن

2-ئايلىق كىتاب ئوقۇش تەسىراتىم

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىركىتابخۇمار قېرىنداشلار،ھازىرقى ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن،كەمىنە كىتابخۇمار چېچىلاڭغۇدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!!!

شۇنداق قىلىپ يەنە كېچىكىپ قېلىشىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،دەرھال كومپىيوتىرىمغا چىڭ ئېسىلىپ،گۈرجەك تۇتۇپ قاپىرىپ قالغان بىچارە قوللىرىمنى كونا كونۇپكا تاختىسىدا ئاستاھەرىكەتلەندۈرۈپ،ئەركىن خياللىرىمنى قاناتلاندۇرۇپ ئولتۇرۇپتىمەن. مەقسەت پەقەت2015-يىللىق كىتاب ئوقۇش يىلىدىكى نىشانىم بويىچە ئوقۇغان كىتابلىرىمنى ۋە شۇكىتابلاردىن ئالغان قىسقىچە تەسىراتىمنى دوستلار ھوزۇرىغا سۇنۇش ئارقىلىق ئۆزۈم ۋەئۆزگىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش خالاس. چېچىلاڭغۇ پىكىرلىرىم دوستلارنى بىئارام قىلىپ قويغۇدەك بولسا،كونا قائىدەم بويىچە يەنە ئالدىن كەچۈرۈم سورايمەن،يەنە دىسەم يەنەشۇ،يازغۇچىلىق ماقامىغا يەتمىگەچكە خاتالىقتىن مۇستەستا ئەمەسمەن،مانا مۇشۇ سورۇندا ئورتاقلىشىش ئارقىلىق كەمچىلىكلىرىم ئۈستىدە كۆپرەك باش قاتتۇرغۇم بار،كەڭ ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ تەنقىد-تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.ئەمىسە 2-ئايلىق دوكلاتىمنى باشلاي،نەزىرىڭلار تۆۋەندە بولسۇن.

مەن2-ئاينىڭ3-كۈنىدىن2-ئاينىڭ10-كۈنىگىچەيەنە بىر پارچە كىتاب ئوقۇپ چىقتىم.قىسقىغىچە ۋاقىت ئىچىدە بۇبىر پارچە كىتابنى تولۇق تاماملاش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىپ بەرگەن رەببىمگە كۆپ شۈكۈرلەر بولسۇن...

(ئادەتتە بىرئىشلارغاخېلى ئەستايىدىل پوزىتسىيە مۇئامىلە قىلىش ئادىتىم بولغاچ قىسقا ۋاقىت ئىچىدەبۇكىتابنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىدىم دەپ ئويلايمەن،كىتاب مېنى ئەمەس،مەن كىتابنى ئوقۇپ پۈتتۈرگىنىمگە ئىشىنىمەن،ئەلھەمدۇلىللاھ!)

كىتاب


كىتاب ئىسمى: «پادىچى بالىنىڭ ئاجايىپ سەپىرى-牧羊少年的奇幻之旅»

كىتاب ئاپتورى: پاۋلو كوئېلو(Paulo Coelho)

كىتاب تىلى:80دىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان (ئوقۇغىنىم ئۇيغۇرچە)

نەشرقىلىنغان ئورۇن: قولۇمدىكى خەنزۇتىلى نەشىرى(نەنخەي باسما زاۋۇتى)

ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان ئورۇن:مىسرانىم تورى

تەرجىمە قىلغۇچى:ئابدۇكېرىم ئىسمائىل بوزتېكىن(ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش«ئاسىياكىندىكى»گېزىتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدە)؛

تەكلىپلىك مۇھەررىر: ئەلى مۆمىن(بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇرئاسپىرانتى)

نەشرى ۋەبېسىلىشى: 2009-يىلى3-ئاي 1-نەشرى 1-بېسىلىشى

كىتاب نومۇرى:ISBN:9787544244190

كىتاب مەزمۇنى ھەققىدە: تەرجماننىڭ تەمىنلىشىچە،«پادىچى بالىنىڭ ئاجايىپ سەپىرى»ناملىق بۇكىتاب ھازىرغىچە 80 دىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە 165 مىليون پارچىدىن ئارتۇق سېتىلغان بولۇپ،پۈتۈن يەرشارىدا ئەڭ كۆپ ئوقۇرمەنگە ئېرىشكەن كىتابلارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدىكەن،ئەسەرنىڭ ئامېرىكىدا نەشىر قىلىنغان ئىنگىلىزچە نۇسخىسىنىڭ مۇقاۋىسىغا«قولىڭىزدىكىسى ئادەمنىڭ ھاياتىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىۋىتىدىغان ياكى ئون يىلدا ئاران بىرەرسى چىقىدىغان كىتاب»دەپ يېزىلغان ئىكەن،ئامېرىكا كۇتۇبخانا بىرلەشمىسى ئەسەرگە«ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئوقۇشلىقى»دەپ باھا بەرگەن ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ بىرىكەن.

ھىكايە ۋەقەلىكىنىڭ راۋاجى بولسا،سانتىياگوئىسىملىك ئىسپانىيەلىك پادىچى بالىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتا ئىككى قېتىم كۆرگەن ئوخشاش بىر چۈشىنىنىڭ تەبىرىنى ئېلىش ئۈچۈن،بىرپالچى موماينىڭ ئالدىغا بارغانلىقىدىن باشلانغان. (شۇنى ئويلاپ قالدىم، قارىغاندا«پالغائىشەنمە،پالسىز يۈرمە»دىگەن قاراش چەتئەللىكلەردىمۇ بار ئوخشىمامدۇ؟ھې ھې ھې)

ئەسەردە سېگان پالچى موماينىڭ ئۆزىنىڭ چۈشىگە بەرگەن تەبىرىگە ئاساسەن، سانتىياگو چۈشىدىكى ئەلئېھرام ئارىسىغايوشۇرۇنغان غايىۋى بايلىقنى ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ شۇنداقلا مۇشۇ سەپەرجەريانىدا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. كىتابنى ئوقۇۋېتىپ«سەپەر جەريانىدا ئۇ يولۇققان قىيىنچىلىقلاغا مەن يولۇقۇپ قالسام قانداق قىلار بولغىيدىم؟» دەپ ئويلاپ قالدىم.مەن كۆپ ھاللارداكىچىككىنە بىر قىيىنچىلىقلارغا  يولۇقسام«بۇنچىلىك ئىشلارغا زېھنىمنى سەرپ قىلمايچۇ،كىيىنچە بوش ۋاقتىم چىققاندا ئالدىرىماي قىلىۋالامەن»دىگەندەك يالغان تەسەللىلىيلەر بىلەن شۇ ئىشنى قىلىشتىن ئۆزۈمنى قاچۇرىمەن،نەتىجىدە مەن قىلماقچى بولغان كۆپ ئىشلار ئاغزىمدىلا بىرتەرەپ قىلىنىپ،ئوي-خىياللىرىمدا نەتىجىسى چىقىپ بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا نۇرغۇن-نۇرغۇن باھانىلەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالىدۇ.مۇشۇكىتابنى ئوقۇش ئارقىلىق سانتىياگونىڭ روھىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى: ئارزۇلىرىمنىڭ قانچە يىراقتا بولىشىدىن قەتئي نەزەر،نىشانلىرىمغا يېتىش سەپىرىمدە قانچىلىغان قىيىنچىلىق ياكى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىشىمدىن قەتئىينەزەر پەقەت شۇنداق بىر غايىۋى روھنى ئۆزۈمدە تىكلەپ تىرىشساملا ھامان بىر نەتىجىنى كۆرەلەيدىكەنمەن.

«سەۋر-تاقەت بولسىلا،خالىغان نەرسىنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرغىلى بولىدىكەن،» دەپ ئويلىدى سانتىياگو.ئۇ مۇنۇلارنى ئويلاپ قالدى«ھەركىمنىڭ دۇنيانى ئۈگىنىدىغان ئۆزىگە خاس ئۇسۇلى بار.ئۇنىڭ  ماڭا،مېنىڭ ئۇنىڭغا ماس كەلمەسلىكى تۇرغان گەپ،شۇنداق بولغاچقا ئىنگىلىزنىڭ قاراشلىرىنى ھۆرمەت قىلمىغانلىقىم پەزىلەت ئەمەس.» مۇشۇ قۇرلاردىن شۇنى ھېس قىلدىم: مەن گەرچە ئالىي مەكتەپ تەربىيىسىدەبولغان بىر زىيالىي بولغىنىم بىلەن كۆپ ئىشلاردا باشقىلارنى تەلىۋىم بويىچەئۆزگىرىشكە مەجبۇرلاپ قويىدىكەنمەن، پەقەت قىسمەن ھاللاردا،ئاندىن ئۆزۈمنى باشقىلارئورنىدا قويۇپ مەسلىنى تەھلىل قىلىدىكەنمەن، ئەسەردىكى سانتىياگو گەرچەبىر پادىچى بالا بولسىمۇ ئۇنىڭدىكى باشقىلارنى ھۆرمەتلەش،مەسىلەرنى ئەتراپلىق كۈزىتىپ، ئېغىر- بېسىقلىق بىلەن بىرقارارغا كېلىشى ھەقىقەتەن قايىللىقىمنى كەلتۈردى. ئىنسان نەفسىگە شەخسانىيەتچىلىك،ئىچى تارلىق، كۆرەلمەسلىكتەك بىرقاتار پارازىتلار يوشۇرۇنغان بولىدىكەن،بۇھەقتە مۇقەددەس كىتابىمىزدا مۇنۇ قۇرلارنى كۆرگەن ئىدىم «ئىنسان كۆپ دەتالاش قىلىدۇ(يەنى كۆپ جېدەللىشىش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدۇر) سۈرە كەھف 54-ئايەت». ئەمما بىزئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا«ئەگەر مەن قارشى تەرەپنىڭ ئورنىدا بولغان بولسام ئىدىم..» دىگەن بىرئۇقۇمنى كۆپرەپ ئويلىساق،يەنەكۆپلىگەن دە-تالاش،كۆڭۈل ئازارچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتىكەن دەپ قارايمەن.

تۆگىچىنىڭ سانتىياگوغا دىگەنلىرى:«مەن ئۆتمۈش ھەققىدىكى ئەسلىمىلەر ياكى كەلگۈسى ئارزۇلار بىلەن ياشايمەن،بۈگۈنۈم بىلەن ھاياتىم قىممەتلىك،دېمەك مېنى ئەڭ قىززىقتۇرىدىغىنى ھازىر،خالاس.ئەگەر سەنمۇ بۈگۈنكى كۈننىڭ ئىشتىياقى بىلەن ياشىغىنىڭدا ئىدى،تەڭرىنىڭ ئەڭ بەختلىك بەندىسى بولغان بولاتتىڭ،شۇچاغدا بىزنى ئوراپ تۇرغان جەزىرىنىڭ ئۆلۈك ئەمەسلىكىنى چۈشىنەتتىڭ»

بىزدە «بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما»دىگەن ھېكمەت بار، ئاسمانلاردىكى قۇچقاچلارنىڭ رىسقىنى يەردىن بېرىۋاتقان رەببىمىز ھەرئىنساننىڭ كەلگۈسىنىمۇ پارلاق قىلىدىكەن،ئىنشائاللاھ.بۇيەردە ئانچە مۇۋاپىق بولمىسىمۇ بۇ بىرجۈملىنى قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى «يارىتىشنى مەن ياراتتىم،يارالمىشىڭ ئۆزۈڭدىن». «ئۈزۈم پىش ئاغزىمغا چۈش»دەپ يانپاشلاپ ياتماي،تىرىشساقلا ھامان نەتىجىسىنى كۆرەركەنمىز،ئەمما شۇ قىلغانلىرىمىز بۈكۈنكى كۈننى قولدىن بەرمەي،ئەتىكى كۈنگە ئۈمۈدلەنگەن ئاساستا بولسا تامامەن بولىدۇ دەپ قارايمەن.

ئاخىرىدا كىتابتىكى ماۋۇ ئىككى جۈملە سۆز بىلەن تەسىراتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى  لايىق كۆردۈم،بولمىسا چېچىلاڭغۇ خىياللىم ئۆكسۈپ،پىكرىمنى تىخىمۇ قالايمىقانلاشتۇرۇپ،بارماقلىرىمنى كونۇپكا تاختىسىدا ئۇدۇل كەلگەن كونۇپكىغا ئۈسسەشكە ئۈندىگۈدەك...

«ئىنسان قەلبى ئالەم روھىدىن يارالغان ۋە بىركۈنى ئۇنىڭغا قايتىدۇ. ئەڭ بەختلىك ئادەم دىلىدا ئاللاھ بىلەن بولغان ئادەم!»

ۋۇي،ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن، مۇشۇ ئەسەرنى ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ،ھەقسىز ھالدائوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغان ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم ئەپەندىگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن،ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن!!!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AriFe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-15 05:05 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5105
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1358 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 06:27:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرچە نەشىرى كىتاپخانىلاردا بامىكەن

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 689
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1836
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 701 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 06:51:46 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 06:27 PM
ئۇيغۇرچە نەشىرى كىتاپخانىلاردا بامىكەن

يوق، ئەگەر بار بولۇپ قالسا مىسرانىمدىكىلەر يەنە تەرجىمە قىلىپ ئولتۇرماس

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 689
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1836
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 701 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 06:54:43 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىغاندا بۇ كىتاپ تولۇقتەرجىمە قىلىنىپ بولغان ئوخشىمامدۇ؟

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 07:15:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109839
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 701
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2014-9-10
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 07:16:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىمىزگە بىر ئوت ياقتىڭىز ياخشى كىتاپ ئوقۇپسىز تەسىراتىڭىزمۇ ئۇبدان چىقىپتۇ، مۇنبەردە تالىشىپ يۈرگىچە ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرساق ياخشى بۇلاتتىكەن ئەسلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109839
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 701
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2014-9-10
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 07:18:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
AriFe يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 04:17 PM
ئىنكاسلارنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم، نۇرغۇن تەۋسىيەلىك ك ...

ئۆزلىك ۋە كىملىك دىگەن كىتابنى ئۇقۇساڭلار دىمەكچىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109839
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 701
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2014-9-10
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 08:11:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىراتىڭىز ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدىكەن ئەسەرنى قايتا ئوقۇغاندەك بولدۇم،رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 08:13:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتابنى ئەمدى ئاڭلىشىم، بىر ئوقۇپ باقسام بولغۇدەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104545
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8759
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 556 سائەت
تىزىم: 2014-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 08:36:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تولۇق ئوقۇپ چىققان ھەممىنى

بۇ دۇنيادا ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدا ھەقىقىي مۇھەببەت بار دىيىلسە، ئۇ مۇھەببەت، دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش