ئابدۇشۈكۈر قاسىم
ھوقۇق سودىسى
ھېكايە
چۈشلۈك تاماققا چۈشكەن تۆت نەپەر مۇئەللىم ئىشخانا دەپ ئاتالغان كاتەكتەك بىر ئۆيدە، چاي قايىنىچە قۇرۇق نانلىرىنى غاجىلىغىنىچە ئۇيەر-بۇيەرنىڭ پاراڭلىرىنى سېلىشىۋاتاتتى، تۇيۇقسىز:
-ھەي، ئاڭلىدىڭلارمۇ؟! بىزنىڭ ئىلمىي مۇدىر شوجاڭ بولغۇدەك! دېدى، ئۇزۇن بويۇن، شادا پاچاق ئەخمەت مۇئەللىم. باشقا ئوقۇتقۇچىلار يېڭلىق ھېس قىلىشىپ قىزىقسىنىپ ئەخمەت مۇئەللىمگە قاراشتى. مەشنىڭ ئوتىنى كوچلىغاچ نېنىنى تەسلىكتە يۇتقان قاسىم مۇئەللىم:
-ماڭەۋاي، ئۇنىڭدا شوجاڭ بولغۇدەك ئىقتىدار نېمە قىلسۇن! ئۇ باغۇ، بىزگە ئىلمىي مۇدىر بولغىنىغا خوش بولسۇنا! دېۋىدى، ئەخمەت ئۆز گېپىنىڭ راستلىقنى ئىسپاتلىماقچى بولۇپ ئاغزىغا سېلىۋالغان نېنىنى يۈتىۋىتىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي:
-نېمە... ئىشەنمەمسىز؟! دېدى ھەم ئاغزىدىكى ناننى مىڭ تەسلىكتە يۈتىۋىتىپ يەنە :
-بىزنىڭ ئىلمىي مۇدىر باغۇ، ئادەم باشقۇرۇشتا ئىقتىدارسىز بولغىنى بىلەن ئۆزنىڭ «خىزمەت» ئىشىدا ئاجايىپ ئىقتىدارى بار. سىلەرمۇ بىلىسىلەر، ئۇ موشۇ ئىلمىي مۇدىرلىقنىمۇ نەچچە مەكىت قويىنىڭ پۇلىنى خەجلەپ قولغا كەلتۈرگەن. ھازىر دېگەن باغۇ، ئىقتىدار دېگەن ھوقۇق بولسىلا ئۆزى پەيدا بولىدىكەن. مەن سىلەرگە دېسەم: پۇل بولسا ھوقۇق دېگەننى سېىۋالغىلى، ھوقۇپ بولسىلا پۇل دېگەننى تېپىۋالغىلى بولىدۇ، دېدى. باشقا ئوقۇتقۇچىلار ئەخمەتنىڭ سۆزنى ئاڭلاپ جىمىپ قېلىشتى.
چاي قاينىدى. ئوقۇتقۇچىلار چاي ئىچىشكەچ ئەخمەتتىن سوئال سوراشقا باشلىدى.
-ھەي، ئەخمەت بۇ گەپ راستما؟! سەن بۇ گەپنى كاسساڭغا ئۇرۇپلا تاپمىغانسەن؟! دېدى، ئورۇق، ئېگىز بوي سەمەت مۇئەللىم.
-تېخىچە ئىشەنمىدىڭلارمۇ؟ دېدى ئەخمەت ۋە ئۇلارنى گېپىگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆزى يېقىندا ئىلمىي مۇدىرنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان گەپلەرنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بېرىشكە باشلىدى.
ئىككى ھەپتە ئىلگىرى مائارىپ ئىشخانىسىغا بالامنى داۋالىتىپ كېلىش ئۈچۈن رۇخسەت سوراپ كىرسەم، ئىشخانىدا بىزنىڭ ئىلمىي مۇدىرىمىز ئولتۇرىدۇ. قارىسام، چىرايى ئاپتاپتەك ئېچىلىپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ بۇ بىزنىڭ ئىلمىي مۇدىرمۇ-ئەمەسمۇ؟ دەپ ھەيرانلا قالدىم. مەن ئەھۋالىمدىن ئىشخانا مۇدىرىغا خېلىغىچە ھال ئېيتتىم، بىراق ئىشخانا مۇدىرى ھالىمغا يېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەسنەپ ئولتۇرىدۇ. شۇ تاپتا ئۇنىڭ چىرايىدىن سۆزۈمنى خالىمغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. مەن بىر كەمدە توختاپ، يېنىمغا قارىسام ئىلمىي مۇدىرىىمز يوق، شۇ ئەسنادا ئىشخانا مۇدىرى:
- ئەھۋالىڭىزدىن خەۋەر تاپتىم، سىز ھازىرچە قايتىپ تۇرۇڭ. بۇ ئىشنى بىز ئىشخانىدىكىلەر مۇزاكىرە قىلىپ باقايلى، دېدى. دېمەك ھازىرچە رۇخسەت ئالالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يېتىپ ئىشخانىدىن سالپىيىپ يېنىپ چىقتىم.
تۈرلۈك خىياللار بىلەن ئىشخانىدىن چىقىپ تۆت كوچا دوقمۇشىغا كېلىشىمگە بىزنىڭ ئىلىمي مۇدىرىمىز يېنىمدا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ:
-قانداق؟ رۇخسەت ئالالىدىڭمۇ؟ دەپ سورىدى. مەن جاۋاب ئورنىغا ياق دېگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئۇ مېنىڭ سۇلغۇن ھالىتىمگە قاراپ:
-ھەي! بالا كىچىكتە، بالا كىچىك! بوپتۇ. مەن بۈگۈن سېنى بىر مېھمان قىلىپ كۆڭلۈڭنى كۆتۈرۈپ قوياي دەپ، ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي قولۇمدىن يېتىلەپ دېگۈدەك بىر ھاراق دۇككىنىغا باشلاپ كىردى. بىز بىر نەچچە رومكىدىن ئىچىشكەندىن كېيىن ئىلمىي مۇدىرىمىز:
-ھەي ئۇكا، سەن تېخى جىق گۈدەك ئىكەنسەن. ھازىر باغۇ، بىر ئىشنى قۇرۇق ۋەز ئېيتىش بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. سېنىڭ خەۋىرىڭ بار، مەن ئەسلىدە سەن بىلەن ئاشۇ چەت كەنىت مەكتىپىدە بىللە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كېيىن مەن ئىلمىي مۇدىر بولدۇم، سەن بولساڭ يەنىلا ئاشۇ يەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىسەن. مېنىڭ بىلىمىمنىڭ بارلىقى ساڭا ئايان، بۇنى تەن ئالىمەن. بىراق، بەزى ئىشلارغىچۇ پەم كېرەك. بەزىدە ئازراق «قۇربان» لىق بەرمەيمۇ بولمايدۇ، دېدى. مەن ئىلمىي مۇدىرنىڭ ئاغزىدىن كۆپرەك گەپ ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۇنى پات-پات ماختاپ تۇردۇم. دۇنيادا ماختاشنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. بىزئارلىقتا بىر بوتۇلكا ھاراقنى تۈگىتىپ يەنە ئىككىنجى بوتۇلكا ھاراقنىمۇ بىر يەرگە ئاپارغىلى تۇردۇق. ئىلمىي مۇدىرىمىزھاراق ئىچكەنسىرى تېخىمۇ ئېچىلغىلى تۇردى ھەم بوينۇمدىن تۇتۇپ، ئۆزىگە تارتىپ تۇرۇپ:
-ئەخمەت، ساڭا بىر مەخپىيەتلىكنى دەيمەن ھازىرچە سىر ساقلىغىن، ۋاقتى كەلگەندە دېسەڭمۇ مەيلى. مەن باغۇ ئەمدى ئۇ چەت جاڭگالدا ئىشلەۋەرمەيمەن، پات ئارىدا مەركىزى مەكتەپكە يۆتكىلىپ شوجاڭلىق قىلىمەن. مېنىڭ ئۇ يەرگە يۆتكىلىشىمگە بىر توقماق كەتتى ، قانداق مەن قالتىسمىكەنمەن دەپ كۆزۈمگە قارىدى. بىز شۇ تەرىقىدە ئىككىنجى بوتۇلكىنىمۇ بىكارلاپ ئاندىن قايىتتۇق.
ئەخمەت سۆزىنى تۈگىتىپ سوۋۇپ قالغان چېينى ئىچىشكە باشلىدى. ئاڭغىچە چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىمۇ توشۇپ دەرسكە كىرىشكە داڭ چېلىندى. ئوقۇتقۇچىلار ماتىرىياللىرىنى ئېلىشىپ باشلىرنى چايقىغىنىچە سىنىپقا ماڭدى. شۇتاپتا ئۇلارنىڭ تۇرقىدىن ”ئىلمىي مۇدىرنىڭ يەنە نەچچە قوينىڭ بېشىغا سۇ قۇيغانلىقنى ئويلاۋاتامدۇ ياكى كۆز ئالدىدا بۇنىڭدىن كېيىن يەنە قانداق ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقنى ئويلاۋاتامدۇ“ بۇنى بىلگىلى بولمايتتى.
ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.قاسىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-14 11:41 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, z% D/ ~; C- |( ]بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, O* p. p) w! v) G- T( p+ U( r