مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئا.قاسىم

ھوقۇق سودىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103249
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2014-2-7
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 10:14:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭ ئاخىرىنى مۇنداق چۈشۈرگەن بولساق ئىلمىي مۇدىرنىڭ ئۆسكەنلىكىنى بىلگىلى بۇلاتتى.
      چۈشتىن كېيىنكى دەرسكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق قۇڭغۇرىقى چېلىندى، ئوقۇتقۇچىلار دەرھال دەرس تەييارلىقى ۋە كىتابلارنى ئېلىپ، سىنىپقا قاراپ مېڭىشقا تەرەددۈتلەندى. قۇڭغۇراقنىڭ ئاۋازى توختىشىغا ماشىنىنىڭ ھەيۋەتلىك سىگنال ئاۋازى ئاڭلاندى. ئوقۇتقۇچىلار بىردەك مەكتەپ دەرۋازىسىدىن تۇپا-چاڭ چىقىرىپ كىرگەن مائارىپ ئىدارىسىنىڭ (ياكى تەشكىلات بۆلۈمنىڭ ) ماشىنىسىنى كۆردى. بۇ ماشىنىلار ئادەتتە خىزمەت تەكشۈرۈشكە ياكى بىرەر تەلەيلىكنىڭ بېشىغا ئەمەل تاجىنى كەيدۈرىدىغان چاغدىلا قەدەم تەشرىپ قىلاتتى. ماشىنا يىغىن زالىنىڭ ئالدىدىلا توختاپ، مۇھتەرەملەر يوغان قۇرساقلىرىنى تەستە چىقىرىپ، يىغىن زالىغا قاراپ ماڭدى. شۇ ئان مەكتەپ رادىئۇ ئۇزىلىدىن جىددىي يىغىن بارلىقى ھەققىدە ئۇختۇرۇش ئاڭلاندى. مەكتەپ پورمىسىنى قاتۇرۇپ كېيگەن، ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقىغا باقماي گالىستۇكىنى چىڭ چەگكەن ئىلمىي مۇدىر ئىلدام قەدەملەر بىلەن يىغىن زالىغا قاراپ ماڭدى، ئۇنىڭ كۆزىگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيتتى، ئۇ شۇ تەرىقىدە يىغىن زالىغا كىرىپلا باشلىقنىڭ قولىنى چۇڭقۇر مېھرى-مۇھەببىتىنى بىلەن تۇتتى، ئۇ ئۈمرىدە تۇنجى سۈيگىنىنىڭ قولىنىمۇ بۇنداق تۇتۇپ باقمىغان ئىدى. پەقەت باشلىق قولىنى قۇپاللىق ئارىلاش تارتىۋالغاندىلا ئاندىن ئۇ ئىلاجسىز قۇيۇۋەتتى. يىغىن باشلاندى، باشلىق ئىلمىي مۇدىرنىڭ بۇۋاقلىقىدىن باشلاپلا قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ دۇنياغا شوجاڭ بولۇش ئۈچۈنلا توغۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىلمىي مۇدىر بولۇپ قېلىشى مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۆگۈندىن باشلاپ مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە شوجاڭ بولغانلىقىنى تەنتەنە بىلەن جاكارلىدى. بۇ چاغدا ئىلمىي مۇدىرنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولغان بولۇپ، باشلىقنىڭ سۆزدىن تەسىرلىنىپ ھۆڭرەپ يىغلاشتىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ تۇراتتى. باشلىقنىڭ ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان تەرپ-تەشرىقلىرىدىن ئۆزىنىڭ ئىقتىدارلىقىلىقىغا ئىشىنىپمۇ قالدى. چۈنكى باشلىق ھەممىنى بىلىدۇ، ئۇلار بىلگەچكە بىر كۈنى ئۇنى ماختاپ ئەمەل -مەنسەپ بېرىدۇ، يەنە بىر كۈنى ئەيىپلەپ بەرگىنىنى ئالىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار باشلىقنىڭ ئولۇغ نۇتىقىغا بولغان قايىللىقى بىلەن ئۇزاقتىن-ئۇزاق چاۋاك چالدى. ھەممە توختاپ قالسىمۇ ئىلمىي مۇدىر توختىماستىن چېلىۋەردى. چۈنكى ئۇ چۈشىدىمۇ ئارزۇلايدىغان شوجاڭ بولغان ئىدى............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2048
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 380 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 04:19:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ..

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 11:47:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111447
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 913
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 04:49:56 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مائارىپ ساھەسىدىمۇ شۇنداق ئىشلار بولسا ،بۇ بىر ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلەبولىدۇ. ئوقوتقۇچى دېگەن نام يەنە بىر بالداق قەلبتىن چۈشىدۇ.

ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئىيتىشنى ئۇنۇتمايمەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111447
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 913
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 04:53:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈمۈد2 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 10:14 PM
بۇنىڭ ئاخىرىنى مۇنداق چۈشۈرگەن بولساق ئىلمىي مۇدىرنىڭ ...

ماۋۇ تىخىمۇ قاملاشقىدەك ،

ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئىيتىشنى ئۇنۇتمايمەن !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش