babur-7 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 01:33 AM 
راست دەيسىز ، ئىچەرمەن- چىكەرمەنگە يۆزى ئىچىلمىغان مۇ ...
ئاللاھ ئالىمدۇر ! ئاللاھ ھەلىمدۇر ! ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش كۆرگىچىدۇر .
ئىنسان رەببىنىڭ ئەقلى قوبۇل قىلىشقا ئاجىز كەلگەن ئورۇنلاشتۇرلىىشىنى كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان ۋاقىتتا تولىمۇ تەئەجۇپلىنىدۇ . بىراق ئۇ ئىشلارنىڭ شۇنداق ئورۇنلاشتۇرلىشىدا ئاللاھ قانداق ھېكىمەت بىلەن ياراىتىشنى ئىرادە قىلغانلىقىنى ئىنسان ئاجىز ئەقلى بىلەن بىلىپ يىتىپ بولالمايدۇ .
ئەينى ۋاقتىدا مىسىردا داڭ قازانغان ( قوزۇق ئىگىسى ) بولغان فىرئەۋىن ئۇچىغا چىققان زالىم ۋە دىنسىز پادىشاھ ئىدى . بىراق بۇ پادىشاھنىڭ ئايالى تولىمۇ تەقۋادار ۋە مىھرىبان ئايال ئىدى .
يەر شارى تارىخىدا ئىككىنجى ئادەم ئاتا دەپ ئاتالغان ھەرزىتى نوھ پەيغەمبەر ئاللاھقا تولىمۇ سادىق ۋە ياخشى پەيغەمبەرلەردىن ئىدى . ئايالى بولسا سۇخەنچى ۋە تولىمۇ قۇۋ ناچار ئايال ئىدى .
ھەزىرتى لۇتمۇ ئاللاھنىڭ تولىمۇ سادىق ۋە تولىمۇ تەقۋادار پەيغەمبەرلىرىدىن ئىدى . ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىسى بولسا تولىمۇ ئىشەنچىسىز . دىلى قاساۋەتلىشىپ كەتكەن ۋە يامان تىپتىكى كىشىلەرنىڭ ئايغاقچىسى ئىدى .
ئاللاھنىڭ شەرىئەت بارىسىدا چوڭقۇر ئىزدىنىپ باقمىغان بەزى كىىشلەر بار. ئۇلار ئۆزلىرىچە بىز دىننىڭ ئاساسىنى بىلگۈچىلەرمىز دىيشىدۇ. ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. ئۇلار يولدىشى ھاراق ئىچىدىغان . قىمار ئوينايدىغان . بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان ....ئاياللارغا قارىتا ئۆزىنىڭ ئازغىنە بىلىمىگە ئاساسلىنىپ سىلەر بۇ خىلدىكى ئەرلەرگە ماس كەلمەيسىلەر. سىلەرنىڭ خىلىڭلار بۇ خىلدىكى ئەرلەر ئەمەس دەپ ئەر-بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىنى بۇزۇشقا ھەركەت قىلىدۇ . بۇلارغا سىلەرنىڭ بۇنداق پەتۋانى بىرىشتىكى ئاساسىڭلار نىمە دەپ سورالسا. بۇلار - مۇئمىن ئەرلەر مۇئمىن ئاياللارغا مەنسۇپ . ياخشى ئەرلەر ياخشى ئاياللارغا مەنسۇپ. .....دىگەن ئايەتنى دەللىل قىلىدۇ . بۇلار ئويلاپ باقمامدۇ . ئاللاھ مۇشۇ ئايەتنى ئۆزى نازىل قىلىپ تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن يامان ئەرلەرگە ياخشى ئاياللارنى . ياخشى ئەرلەرگە يامان ئاياللارنى چىتىپ قويدۇ . ئۆزىنىڭ دىننىڭ ئاساسىنى تۇتۇپ تۇرغۇچىلارمىز دىگەن كىشلەرنىڭ دىن توغۇرسىدىكى ئىلاھى ئورۇنلاشتۇرۇشدىكى پەلسەپىۋىي ھېكىمىتنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ھىسسى ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا ئاساسلىنىپ ئىش كۆرگۈچىلەردۇر .
ئى ئىمان ئىيتقان مۇئمىنلەر ! سىلەر دىن بارىسىدا سىنالماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر ؟! ئىش سىلەرنىڭ ئويلىغنىڭلاردەك ئەمەس. سىللەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن مۇسۇلمانلارمۇ سىنالغان ئىدى. سىناقنىڭ قاتتىقلىدىن ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى قورقۇنچىدىن تىتىرەپ كەتكەن ئىدى . سىلەر شۇلارغا ئوخشاش چوقۇم سىنىسلەر !
سىز تىلغا ئالغان مۇسلىمەلەر ھەر كۈنى ئېسىل بىزەلگەن تۇرالغۇلاردا پەزىلەتلىك ۋە تەقۋادار يىگىتكە ياتلىق بولۇپ ھىچقانداق بىر ئەرزىيەتلەرنى بىشىدىن ئۆتكۈزمەي جەننەتكە كىرىشنى ئويلاۋاتامدۇ ؟ ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. ئۇلارنىڭ بىشىدىن تارتىپ پۇتنىڭ ئۈچىغىىچە يۆگىگەن ھىجابى . كۈنۈم-كۈنۈم جاپا تارتماي تەييارنى يەپ، ئون نەچچە سۈرىدىن باشقا ھىچنىمە بىلمەيدىغان ۋە ئەڭ ئاددىيسى ئۆزى كۈندە ئىلىۋاتقان تاھارەتنىڭ قايسى ئەھكاملىرى پەرىز ؟ قايسى ئەھكاملىرى سۈننەت ؟قايسى ئەھكاملىرى مۇستەھەب ؟ مۇشنى تولۇق بىلمەي كۆمۇر خاڭدا ئىشلەيدىغان كۆمۈرچى يۈز-كۆزلىرىنى يۇيغاندەكلا يۇيۇپ نامازنى باشلاپ كىتىدىغانلارنىڭ ئىڭىدىكى تەقۋادارلىق ئۆلچىمى ئىنتايىن ئاددىي . ئۇلار پەقەت ۋە پەقەت جەڭدىلا قەيسەرلىك كۆرسۈتۈشنى . باھادىرلىق قىلىشنى شۇ ئارقىلىق سىناقتىن ئۆتۈشنى ئويلايدۇ . دەر ھەقىقەت ئىش ھەرگىزمۇ بۇلارنىڭ ئويلىنىغدەك ئەمەس. تۇرمۇشتا دۈچ كەلگەن ھەر بىر مۇشاقەت . ھەر بىر پىشكەلچىلىك ...بۇلارغا بىرىلگەن سىناقتۇر. بۇلار شۇ يامان ئەرلەر قولىدا بەلكىم تېخىمۇ تاۋلىنىپ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىرىشىدىغان مۇئمىنلەردىن بولۇشى مۈمكىن ۋە ياكى شۇ تۇرمۇشتا چۈشكىنلىشىپ ئۆزىنى يوقۇتۇپ خۇددى لۇت، نوھ ...نىڭ ئايالىغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ نەپرىتىگە قالدىغان زىيانكار ئاياللاردىن بولۇشى مۈمكىن. ناۋادا ئۇلار چىن ئەھدىگە . يەنى تۇرمۇشنى قايتا باشلىسا ھەقىقەتەن بەختلىك بولۇشقا ئىشەنچ بولسا ياكى شۇلارغا شۇنداق ۋەھىي كەلگەن بولسا بۇنىڭ يولى باشقا . لىكىن ئىشنچمۇ ئەڭ ئاۋال ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىپ قارشى تەرەپكە ماسلاشقۇدەك تەييارلىقنى قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ .
...سىز تىلغا ئالغان شۇ مۇسلىمەلەر . ئۆزلىرىنى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەڭ سادىق بەندىللىرنىڭ بىرى دەپ قارىغان بولسا ئۇلار ئۆزلىرىىڭ ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتنى چۈشەنسۇن . سادىقلىق قانداقتۇر ئىگىسىنىڭ كەينىدىن ئىتقا ئوخشاش سوكۇلداپ مىڭىش بولماستىن بەلكى ئىگىسى تەلەپ قىلغان خىزمەتلەرنى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى يەتكۈچە ياخشى ئىشلەشنى كۆرسىتىدۇ . ھەر بىر مۇسلىم ئايال ھەقىقەتنىڭ بىر چىرىغىدۇر. ئىسلام مۇھىيتى ئىچىدە قايەردە چىراق نۇرى ئاجىز بولسا شۇ يەردە چىراغ ياندۇرماق پەرىزدۇر . سىز تىلغا ئالغان مۇسلىمەلەرنىڭ خاھىشىغا قويۇپ بەرسە ئۇلار ئاللاھ رىزاسىنى ئەمەس بەلىك ئەڭ ئاۋال ئۆزىنىڭ شەخسى نەپسى خاھىشىنى چىقىش قىلىدۇ . توڭدىن تولىسى ھەقىقەتنىڭ نۇرى ئاجىزلاشقان يەرنى ئاساس قىلماستىن بەلىكى ئاللاھنى ئۆزلىرىگە خىزمەت قىلدۈرۈشنى ئارزۇقىلىدۇ . بۇ خىل خىيال ئۇلارنىڭ ئىغىزىدا بىۋاستە ئىتىلمىسمۇ ئەمەلىي ھەركەتلىرى ئىسپلاتلاپ تۇرىدۇ .
.............بۇ توپ-توپ بۇۋىلەر ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيتىنى چۈشۈنۈپ يەتمىگەن ئۇلار ئوبىكتىغا ئاللاقانداقتۇر قەلىپ يانجۇقىغا سىلىۋالغان ئىسلام ماركىسى چاپلانغان بىراق ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق ئەخلەت كەمپۈتى يەمچۇك قىلىدۇ ياكى بۇ خىل مەھسۇلاتنى ئىنتايىن ساددا ،ئاڭ كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بازار قىلىدۇ . بۇ شەكىلۋازلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. كۆپ سانلىق كىشىلەر ئۇلارنىڭ چىرايىنىڭ مومىدەك ئاق تۇرشى ئىمان نۇرىنىڭ سەۋەبىدىن دەپ خاتا ئويلىۋالىدۇ . ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس . ئەگەر شۇنداق بولسا ئىدى تىرىسى قۇپقارا نېگىرلار قاپ-قارا كاپىر ھىساپلىنىشقا توغرا كىلىدۇ . ئىمان تىرىنىڭ ئاقلىقىدا ئەمەس بەلىكى يۈزىدىن -كۆزىدىن چاقناپ تۇرغان يىقىشلىق نۇرنىڭ پارلاپ تۇرشى ياكى پارلىماسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ . ........
.......................................
ئىنسانلار ئىچىدە ئەلمىساقتىن ياخشى بىلەن يامان ئارلاشتۇۋىتىلگەن. بەزى پەيغەمبەرلەر دەۋىرىدە ئاللاھ ئىنسانلارنى ياماندىن ياخشى ئايرىشقا بۇيرىغان بولسا بەزى زاماندا ياخشىنىڭ ئىچىدىكى ياماننى ئىسلاھ قىلىپ ياخشىلاشقا بۇيرىغان . ھازىرقى دەۋىردە زامان. ماكان . رايۇن . مۇھىيىت ....قاتارلىقلارنى چىقىش قىلىش ئاساسىدا بەزى رايۇندا ياماننىڭ ئىچىدىكى ياخشىنى ئايرىشقا بۇيرۇلساق ، بەزى رايۇندا ياخشىنىڭ ئىچىدىكى ياماننى ئىسلاھ قىلىشقا بۇيرۇلغانمىز . بۇ يەردىكى خاسلىقىنى دەل قەلبى ئىلمىي ھېكىمەتكە تولغان پازىل دىن ئۆلمالىرى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ . شۇنداق بولغانكەن ئۇلارنىڭ دىننىڭ ھەر بىر ھۆكۈمى ھەر بىر ئورنۇلاشتۇرشىغا شۇ بىلمنىڭ ئەھلى بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئۆزى نەپسى- خاھىشىغا ئاساسلىنىپ قارار چىقىرىش زىمىندىن پازىل ئەھلى ئالىملار يوقاپ كەتمىگەنلار دەۋىر بولدىكەن ھەرگىزمۇ بولمايدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-15 08:36 AM