مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Kiqik-sabiri

ئۈمىد غەنى زادى نېمە دېمەكچى؟!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96638
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 346
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2013-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 11:12:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
feruq يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 05:48 PM
ئۇلۇغ بوۋىمىز ئەلىشىر ناۋائىي ياشىغان دەۋر يەنى 15-ۋە 1 ...

ئۇ دىگەن چاغاتاي خانلىقى دەۋرى قېرىندىشىم،ئوتتۇرا ئەسىر 10-ئەسىردىن 13-ئەسرگىچە يىللارنى كۆرسىتىدۇ.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 11:26:37 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئ‍ۈمۈد غەنىنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى، بىز بىلىپ بولدۇق. ئ‍ۇ «ئ‍ۇيغۇرچە كىتاب ئ‍وقىماڭلار…يەرشارى ئ‍ادىمى بولۇڭلار!……» دىگەندەك زەھەرنى بەردى بىزگە. لىكىن ئۇنىڭ سۆزىدىن خەلقىمىزگە دورا بولىدىغان سۆزلەرنى ⚽ئ‍ۇچراتمىدىم.…ئ‍ۇنى نىمە دەپ ئ‍اقلىساڭلارمۇ ماڭا بەرىبىر.…

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98362
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 495
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2013-9-1
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 11:31:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاشكارى يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 10:02 PM
ئەخماتجان سابىرى ئەپەندىم سىز ياخشى تەرجىمان ئەمەسكەن ...

     كەچۈرۈڭ تورداش كاشكارى، بۇ تېمنى مەن يازمىغان . قارسام سىز خاتا چۈشۈنۈپ قالغاندەك تۇرۇسىز . ئەگەر مەن يازغان بولسام، ئۆزۈمنىڭ تەخەللۇسى كىچىك سابىرىنى ماۋزۇنىڭ ئاستىغا يېزىپ قويغان بولاتتىم . مەن بۇ تېمىنى پەقەت تورداش ئويكارنىڭ ھاۋالىسى بويىچە مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللاپ قويدۇم ... ئەلچىگە ئۆلۈم يوق دەپتىكەن كونىلار، شۇڭا مېنى توغرا چۈشىنەرسىز ... لېكىن سىزنىڭ بۇ قىممەتلىك تەكلىپ - پىكىرلىرىىڭىزنى ئۈمىدكام ۋە ئويكار ئەپەندىگە چوقۇم يەتكۈزۈپ قويىمەن ... رەھمەت ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98362
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 495
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2013-9-1
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 11:33:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاشكارى يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 10:10 PM
ئەلى مۇئەللىم بىلەن ئۈمىدنىڭكى ئوخشىمايدۇ .بىراۋ سىز ...

      ھە راست بىر گەپنى دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، مېنىڭ تولۇق ئىسىم فامىلەم، ئەكبەر ئەخمەتجان سابىرى . كىچىك سابىرى دەپ ئاتىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ ... رەھمەت ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113714
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2015-1-28
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 11:48:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما ياخشى يوللۇنۇپتۇ،مەن ئۇمۇد غىنىنىڭ 5 قىسىم لىكسىيەسىنى تولۇق كوردۇم،ئۇمۇد غىنى بۇ لىكسىيەنى باشتىن ئاخىر مەنمەنچىلىك،ھاكاۋۇرلۇق،شوھرەتپەرەسلىك تونىنى كىيىپتۇرۇپ سوزلەپتۇ،نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەميىتىدە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم نىگىزلىك مەسلىلەرنى ئولتۇرغا قويۇپتۇ،بىراق پاكىت تولۇق ئەمەس،كىشىنى قايىل قىلىش كۇچى يوق،بەكلا تومتاق.دىمەك ئۇمۇد غىنى ئۇيغۇر جەميىتىگە چوڭقۇر چوكمەپتۇ،ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان،جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىغا بىرىپ،ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان بوۋايلار بىلەن،يىل بويى ئىتىزدىن كىرمەي قارا يەرگە تەر توكىۋاتقان ئاق كوڭۇل دېھقانلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقسا بولغۇدەك،مەركىزى شەھەر ئۇرۇمچىدە قانچىلىك ئۇيغۇر بار؟،ئۇ بىر يىل ئىچىدە تۆۋەنگە قانچە كۈن چۇشىدۇ؟ چوڭ شەھەرلەردە تۇرۋىلىپلا ئۇيغۇرلار توغرىسدا گەپ سىتىشقا كىم قويۇپتۇ ئۇنۇڭغا،ئۇ پەيلاسۇپمۇ ئەمەس،نامى چىققان ئەدىپمۇ ئەمەس،جەميەتشۇناسمۇ ئەمەس ،ئۇ پەقەت مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرسستىتىنىڭ تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىسى،شىنجاڭ تىلۋۇزىرىيە ئىسستانسنىڭ رىياسەتچىسى خالاس،توغرا،ئۇ كوڭۇلدىكى سوز پىروگىرامىسدا جەميىتىمىزدىكى بەلگىلىك نوپۇسقا ئىگە ئىلىم ئەھلىرى جامائەت ئەرپاپلىرى ،يازغۇچى-ئەدىپلىرىمىز بىلەن كوپ قىتىم ھەم سوھبەتتە بولدى،بۇنداق پۇرسەت ھەممە كىشىگە نىسىپ بولۇۋەرمەيدۇ،ئۇلارنىڭ بىلىمى ئۇمۇد غىنىغا ئازتولا تەسىر قىلغاندۇ بەلكىم.
دىمەكچى بولغۇنۇم ،ئۇمۇد غىنى ئەپەندىمنىڭ ئولتۇرغا قويغان مەزمۇنلىرىنى كۆپلىگەن تورداشلار چۇشەنمەپتۇق،بىراق سىز چۇشەنگەن بولسىڭىز،تورداشلار ئولتۇرغا قويغان نۇرغۇن تۇتۇق مەسلىلەرگە ئەملىي پاكىت بىلەن چۇشەندۇرۇپ قويمامسىز؟90-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر جەميىتىدە تۇتۇق شىئىر دەپ يىڭى بىر تۇرلۇك شىئىر بارلىققا كەلگەن،مانا ئەمدى ئۇمۇد پاراڭلىرىمۇ تۇتۇق پاراڭ كەشىپ قىلدىمۇ قانداق؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2427
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 1197 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 11:57:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
azat888 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 05:29 PM
ئ‍وتتۇرا ئ‍ەسىر  دىگىنمىز ،قايسى دەۋىرنى كۆرستدۇ؟ بىل ...

ئوتتۇرا ئەسىر 10ئەسىردىن 13ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. بۇ توغۇرسىدا شىۋىتسىيىلىك تۈركىلۇگ گۇننار ياررىڭنىڭ «ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى قەشقەر»ناملىق ئەسىرى بار. شۇنىڭدىمۇ بۇ ۋاقىت ئېنىق مۇشۇ نوقتىغا مەركەزلەشكەن.

ھايات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113278
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 389
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2015-1-17
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 12:03:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kudiratjan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 07:03 PM
يەنە بىر ۋاكالەتچى ئالى تەرجىمان...      ئۈمۈد غەنى زادى ن ...

داغدۇغۇلۇق ئەخلەت ئىنكاس.

جالاقلاپ يىغلاشنى خالىمىساڭ،قاقاقلاپمۇ كۈلەلمەيسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2427
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 1197 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 12:06:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ يىقىندىن بۇيان چىقىۋاتقان بىرقىسىم ئاتاقلىقلارنىڭ لىكسىيە ، تېمىلىرىغا يانداشقان مۇشۇنداق «تەرجىمانلىق»خاراكتىرىنى ئالغان تېمىلىرى سەل كۆپىيىپ قالدى. سۆزلىگۈچى ئېنىق قىلىپ سۆزلىمەيۋاتامدۇ  ياكى ھازىر بىرەيلەننىڭ سۆزىنى مۇشۇنداق ئۇيغۇرچىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بەرمىسە چۈشەنمەمدۇق ۋە ياكى بىزنىڭ چۈشۈنۈش ئىقدىدارىمىز شۇنچىلىك تۆۋەنلەپ كەتتىمۇ بىلمىدىم. دېمىسىمۇ شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىدا كىتاپ ئوقۇمىغان بىر ئادەمنىڭ سۆزىنى ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى ئوقۇپ چوڭ بولغان بىزنىڭ چۈشۈنۈپ يېتىشىمىز ھەقىقەتەن تەس ئوخشايدۇ. ئەپسۇس، «ئۆلگەندىن كىيىن ياسىن ئوقۇغاندەك » مۇنداق تىمىلار پەقەتلا ئۆز ئورنىنى تاپالمايۋاتىدۇ. شۇنداق كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ، بۇ تېمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بۇ توغۇرىسدىكى سەلبى ئىنكاسلارنىڭ تەسىرىنىڭ باش پىرسۇناژىمىزغا كەلتۈرگەن بېسىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بىزدە «ئاقىلغا ئىشارەت ،يامانغا جۇۋاندۇرۇز»دېگەن سۆز بار. دەسلەپتە ئىككى قىسىم چىققان چاغدىلا بولۇنغان پىكىرلەرگە ئاساسەن كىيىنكى سۆھبەتلەردىكى تېما شۇ يۇسۇندا مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئاڭقىرالمىغان تەرەپلىرىنى تۇتقا قىلىپ سۆزلەنگەن بولسا ئارىمىزدا مۇنداق تەرجىمانمۇ كەتمىگەن بولاتتى. خۇددىي ئەلى قۇرباننىڭ بىيجىڭدا سۆزلىگەن ئالتە قىسىملىق تېتىملىق لىكسىيەسىنىڭ تەسىرىنى ئۇنى زىيارەت قىلغان چاغدىكى ئۈچ قىسىم زىيارەت سىن لىنتىسى تارقىتىلغاندىن كىيىن ناچار تەسىر بىرىپ،ئەسلىدىكى ياخشى تەسىرنى  تۇمان ئارىسىغا ئېلىۋالغاندەكلا بىر ئىش. سىزنىڭ بۇ تېمىڭىزمۇ دەل شۇنداق بولۇپتۇ. شۇڭا ئارتۇقچە گەپنىڭ پايدىسى يوق سىزگە پەقەت بىرلا سۆزنى قالدۇراي:« ئۈمىد سۆزلىمىسۇن ئەمەس ،سۆزلىسۇن ،لېكىن ئالدى ئارقىسىنى ئويلاپ ئۆزى سۆزلىسىۇن» بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hayat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-11 12:08 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
asma0996 + 13 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 13   باھا خاتىرىسى

ھايات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20924
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4777
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 12:09:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ تورداشلارغا بىرىدىغان تەكلىپىم : مۇشۇنداق تىمىلار ئارقىلىق سىزمۇ ئۆز پىكرىڭىزنى ياكى نوقتىنەزىرىڭىزنى پاكىت-دەلىل ئاساسىدا ئىلمىي مۇنازىرە قائىدىسىگە ئۇيغۇن ھالدا ئوتتۇرىغا قويسىڭىز تېخىمۇ ياخشى مۇنازىرە مۇھىتىنى ياراتقىلى بولىدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىلمىي مۇنازىرە ئەخلاقىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىق، يەنە بىر تەرەپتىن «مۇنبەر مۇنازىرە سەۋىيەسى»نى يوقىرى كۆتۇرۇشكە پايدىلىق.
مىنىڭ تورداشلارغا قىلىدىغان تەۋسىيەرىم : مەن ۋە سىز بۇ مۇنبەرلەردە مۇنازىرىگە قاتنىشىۋاتقان بىر شەخىس خالاس، ئاتالمىش باھالىغۇچى ۋە ياكى ھەق-ناھەقنى ئايرىغۇچى قازىي ئەمەسمىز. شۇڭا تورداشلارنىڭ ئۆز پىكىرلىرىنى ئىلمىې يۇسۇندا بايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە توغرا-خاتانى ئايرىغۇچى بولۇشتەك خاتا يولدا ماڭماسلىقىنى ئەسكەرتىمەن، چۈنكى ھەقىقەت بىرلا، ئۇ ئېگىلىدۇ سۇنمايدۇ !

تەتۇر ئېقىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8695
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2001 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 12:17:29 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىنىڭ ماۋزۇسىنى كۆرۈپ ،  بىرەسى  بىتەرەپ نۇقتىدا تۇرۇپ  ئۈمىد غەنىنىڭ قاراشلىرى ئۈستىدە چۈشەنچىسىنى سۆزلىگەن ئوخشايدۇ  دەپ ئويلىسام  ،  نەدىكى  بىر  كاللا  دىسە پاچىقىغا قارايدىغان ئۇكاشنىڭ بىتەرەپلىمە قەسىدىسى ئىكەنغۇ ؟
ئارتۇق گەپ ئىشەككە  يۈك . كىچىك سابىرى  ئەپەندى ،  مۇشۇنىمۇ  تىما  سۈپىتىدە  كۆتۈرۈپ كەلدىڭىزما ؟  

ئەسلى گەپكە  كەلسەك ،  ئۈمىد  غەنى  ۋە  ئەلى  قۇربان  قاتارلىق  زىيالىلار  مىكروفون  ئالدىدا  ئاز  ھاياجانلىنىپ  كۆپ  ئاڭلىغاي ، كۆپ ئوقۇغاي . باشقا  ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىلارنىڭ سەمىمىي  تەكلىپ  بىكىرلىرى  ۋە  كەسكىن  تەنقىدلىرى  ئۈستىدە  ئويلىنىپ كۆرگەي .  مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىدىن  جىقراق ئىزدىگەي .  زامان ئۇقۇمۇشلۇقلىرى بىزدە  كەم ئەمەس ،  شۇلارنىڭ  ئالدىغا  بىرىپ  كەمتەرلىك  بىلەن  پىكىر  ئالماشتۇرغاي ،  ئىزدەنگەي  ۋە  مۇھاكىمە  قىلغاي .  تەكەببۇرلۇق  ياخشى  خىسلەتقۇ  ئەمەس  ، لىكىن ئۇلاردا  تەكەببۇرلۇق  قىلىشقا  يارىغۇدەك  دەسمىيىنىڭمۇ  تىخى  تايىنى يوق .

مىنىڭچە ، بىز  ئۇيغۇرلارنىڭ  مىللىي ئەنئەنىسى  ،  تارىخى ،  مىللىي  كىتابلىرى ، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ ئادەتلىرى ، كىملىك  قارىشى  ئەھمىيەتسىز  نەرسىلەر ئەمەس .  زامانغا لايىق  يەرشارى ئادىمى  بولۇش  ئۈچۈن  ئۇ  نەرسىلەردىن  ۋاز  كېچىش ھەم  مۇمكىن بولمايدىغان  ھەم  تەنتەكلەرچە  قىلىنغان  خىيالدىن بۆلەك نەرسە  ئەمەس .

         بىلىم يوق يەردە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش