مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: tasawwur138

ئايروپىلان ھادىسىسىدە جاننى قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 11:31:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىلا بولسۇن بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك  ياخشى مەزمۇنلار ئىكەن . ئامال قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ دەپتىكەن . ئەمدى ئۆلىدىغان بولدۇم دەپلا ئولتۇرماي ، بۇ ئاماللارنىمۇ قىلىپ ئۆزىنى قوغداپ باققىلۇق ، ئەجىلىمىز توشمىغان ، كۆرىدىغان كۈنىمىز بولسا ئاللا ئېگەمگە يارىمىغان بولساق ھاياتمۇ قالامىز . پىشانىمىزگە ئايرۇپىلاندا ئۆلۈش پۈتۈلگەن بولسا بۇنىڭدىنمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايمىز ، ئەمما بەزىدە جىددى ئىشلار چىقىپ قالسا ئايرۇپىلان ئەڭ تېز ، ياخشى قاتناش قۇرالى .

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2427
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 1240 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 11:41:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ بىر ئۇرۇق توققان ئۈرۈمچىگە ئايرۇپىلان بىلەن بارماقچى ئىدى. ماڭىدىغان چاغدا ئالاھىدە خوشلىشىپ كىرىپتۇ. ئاللىمادىس بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ئۆيدىكىلەرگە قاراپ قويارسىلەر دەيدۇ. نېمىشقا ئەمدى دېسەم ، ئايرۇپىلان دېگەنگە ئىشەنچ قالمىدى بىردەم يوقاپ كىتىۋاتقان ،بىردەم چۈشۈپ كىتىۋاتقان دەيدۇ. قورققان بولساڭ ، پويىز بىلەن بار دېسەم، مېنىڭمۇ يوقاپ كەتكۇم بار دەيدۇ.

ھايات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21373
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7722
تۆھپە نۇمۇرى: 602
توردا: 1041 سائەت
تىزىم: 2010-12-8
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 11:15:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى(3)
يولوچى توشۇيدىغان ئايروپىلانلاردا پاراشوت يوق !
چۈنكى:
1. مەخسۇس پاراشوتتىن سەكرەش مەشقى بىلەن تەربىيىلەنمىگەنلەر پاراشوتتىن سەكرىسە ئۆلۈش نىسبىتى %100.
2. پاراشوتتىن سەكرەش ئۈچۈن ئايروپىلان 600 مېتىر ئىگىزلىكتە ئۇچۇشى، ئاستا ئۇچۇشى كېرەك. لېكىن خەلق ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلانلىرى مەيلى ئۇچۇش ئىگىزلىكى بولسۇن، مەيلى سۈرئىتى جەھەتتىن بولسۇن بۇ چەكتىن خېلىلا يۇقىرى، ئەگەر ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلانلىرى 600 مېتىر ئىگىزلىكتە ئاستا سۈرئەتتە ئۇچسا يەرگە باشچىلاپ چۈشۈپ كېتىدۇ.
3.پاراشوتتىن سەكرىمەي ئايروپىلان بۆلۈمچىسىدە ئولتۇرسا يولۇچىلارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى %30 بولىدۇ. يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا ھاۋا بىسىمى ۋە ھاۋا تىمپۇراتۇرىسى ئىنتايىن تۆۋەن، (تەخمىنەن نۆلدىن تۆۋەن 40 گىرادۇس) بۇنداق ئەھۋالدا پاراشوتتىن سەكرىگەنلەر بىر مىنۇتقا بارمايلا مۇزلاپ قېتىپ قېلىپ يەرگە چۈشكەندە چېقىلىپ پارە پارە بولۇپ كېتىدۇ.
4. يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقى، تېز سۈرئەت، تۆۋەن ھاۋا بسىمى ۋە تۆۋەن تىمپۇراتۇرا تەسىرىدىن پاراشوتتىن سەكرىگەن ئادەم شۇ ھامان شوك بولۇپ قالىدۇ، بۇ ئالتە قەۋەتلىك بىنادىن بىر ئادەمنى سىمونت يەر ئۈستىگە باشچىلاپ تاشلىۋەتكەن زەربە بىلەن باراۋەر.
داۋامى بار.

ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزمىغان ئادەم ھامان بىر كۈنى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21373
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7722
تۆھپە نۇمۇرى: 602
توردا: 1041 سائەت
تىزىم: 2010-12-8
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 11:38:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى (4)
ئايروپىلاندىكى قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى قەيەردە ؟
خەلق ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلان ھادىسىلىرى ئادەتتە ئايروپىلان كۆتۈرۈلگەن ياكى قونۇۋاتقان پەيتتە يۈز بېرىدۇ، قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى ئادەتتە ئايروپىلان جىددىي قونۇشقا مەجبۇر بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئىشلىتىلىدۇ. كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى جىددىي چىقىش ئىشىكى، جىددىي سىرىلما يەل پەلەمپەي، قۇتقۇزۇش كىمىسى، قۇتقۇزۇش كېيىمى، ئوكسىگىن بىلەن تەمىنلىگۈچ ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىدىن ئىبارەت.
يۇقارقى ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئورنىنى كۆرۈۋېلىش ۋە ئىشلىتىشنى چوقۇم بىلىۋېلىش كېرەك.
جىددىي چىقىش ئىشىكى:


بۇ ئىشىك ئادەتتە ئايروپىلان بۆلۈمىنىڭ باش، ئوتتۇرا ۋە ئاياغ قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ، جىددىي چىقىش ئىشىكىگە يەللىك سېرىلما پەلەمپەي ۋە ئارغامچا سەپلەنگەن بولىدۇ.
2. يەللىك سېرىلما پەلەمپەي

خەلق ئاۋىئاتسيە ئايروپىلان گەۋدىسى بىلەن يەر يۈزىنىڭ ئارىلىقى 3-4 مېتىر كېلىدۇ، يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلاندىن ئوڭۇشلۇق چېكىنىشى ئۈچۈن ھەر بىر جىددىي چىقىش ئېغىزىغا بىردىن يەللىك سېرىلما پەلەمپەي سەپلەنگەن. بۇ پەلەمپەي ئادەتتە مەخسۇس ئىشكاپتا ساقلىنىدۇ، ئىشلەتكەندە قاتلاقلىق پەلەمپەينى ئېلىپ پولدىكى مەخسۇس ئىلمەككە ئىلىپ، جىددىي چىقىش ئىشىكىنى ئاچسىلا پەلەمپەيگە ئۆزلۈكىدىن يەل تولۇپ تەييار بولىدۇ.
داۋامى بار.

ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزمىغان ئادەم ھامان بىر كۈنى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21373
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7722
تۆھپە نۇمۇرى: 602
توردا: 1041 سائەت
تىزىم: 2010-12-8
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 11:57:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى (5)
جىددىي قۇتقۇزۇش كېمىسى
http://img.iknow.bdimg.com/zhidaoribao2014/2015year/0208/16.jpg
ئايروپىلان سۇ ئۈستىگە جىددىي قونۇشقا مەجبۇر بولغاندا بۇ نەرسە بەك ئەسقاتىدۇ، جىددىي قۇتقۇزۇش كىمىسى ئادەتتە ئايروپىلان بۆلۈمچىسىنىڭ تورۇسىدا ساقلىنىدۇ، بۇنىڭغا يەل بېرىپ ئىشلىتىلىدۇ، يەللىك سېرىلما پەلەمپەينىمۇ جىددىي قۇتقۇزۇش كىمىسى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
جىددىي قۇتقۇزۇش كىيىمى
http://img.iknow.bdimg.com/zhidaoribao2014/2015year/0208/17.jpg

ئايروپىلان سۈ ئۈستىگە جىددىي قونۇشقا مەجبۇر بولغاندا جىددىي قۇتقۇزۇش كىيىمىنى كېيىۋېلىش كېرەك، بۇ كېيىمنى كەيگەندە سۇغا چۆكۈپ كەتمەيدۇ، جىددىي قۇتقۇزۇش كىيىمى ئادەتتە يولۇچىلار ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇق ئاستىدا ساقلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشى بار، ئايروپىلان خادىملىرى يولۇچىلارغا قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىتىدۇ.

ئوكسىگىن ماسكىسى:
ئوكسىگىن ماسكىسى يولۇچىلار ئولتۇرغان ئورۇننىڭ ئۈستى قىسىمىدا بولۇپ جىددىي ئەھۋالدا ئۆزلۈكىدىن ساڭگىلايدۇ، ئېلىپ تاقىۋالسىلا بولىدۇ.
بۇلاردىن سىرت ئوت ئۆچۈرگۈچ، قۇتقۇزۇش سېگنالى تارقاتقۇچ، يورۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى، دورا ساندۇقى، دورا، يېمەك-ئىچمەكلەرمۇ ئايروپىلاندا زاپاس ساقلىنىدۇ.
ئايروپىلان ھادىسىلىرىدە يولۇچىلار ئاسان سادىر قىلىدىغان خاتالىقلار:
1. ئوكسىگىن ماسكىسىنى توغرا ئىشلەتمەسلىك، ئايروپىلان خادىملىرى ئايروپىلان قوزغىلىشتىن بۇرۇن ئوكسىگىن ماسكىسىنى قانداق ئىشلىتىشنى يولۇچىلارغا ئۆگىتىدۇ، چوقۇم ئەستايىدىل كۆرۈۋېلىش كېرەك.
2. دەرىزىنى چېقىپ قېچىشقا ئۇرۇنۇش.
بەزى يولۇچىلار ئايروپىلان ھادىسىگە يولۇققاندا خۇددى ماشىنىنىڭ دەرىزىسىنى چاققانغا ئوخشاش يانفون ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن ئايروپىلان دەرىزىسىنى چېقىشقا ئۇرۇنىدۇ، بۇ بىھۇدە ئاۋارىچىلىق، ئايروپىلان دەرىزىسىگە ھەتتا ئوقمۇ ئۆتمەيدۇ. يولۇچىلار ھەر قانچە قىلىپمۇ چاقالمايدۇ.
3. ئايروپىلان يېرىلغان يوچۇقتىن سەكرەش.
يۇقىرى ئېگىزلىكتىن بىۋاستە سەكرىسە ئۆلمىگەن ھالەتتىمۇ ئادەم مىيىپ بولۇپ قالىدۇ.
4. يۈك تاقىلىرىنى كۆتۈرۈپ قېچىش.
بەزى يولۇچىلار ئايروپىلان ھادىسىسىگە يولۇققاندا يۈك تاقلىرىنى يۇغۇشتۇرۇپ ھەتتا يوغان چامادانلىرىنى بىللە ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇنىدۇ، بۇ قىممەتلىك ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىق بولۇپلا قالماي يەنە قىستاڭچىلىق پەيدا قىلىپ، باشقىلارنىڭ چىكىنىش يولىنى توسۇپ قويىدۇ.
شۇڭا ئەڭ ياخشى جاننى ئېلىپلا قاچقان تۈزۈك.
داۋامى بار.

ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزمىغان ئادەم ھامان بىر كۈنى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1900
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2349
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3188 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 12:19:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazigul8 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 06:13 PM
دىمىسىمۇ شۇ بۇ ۋەقەلەر كۆپىيىپ كەتتى.
ئايرۇپىلانغا چىق ...

ئايرۇپىلانغا چىقىشتىن ئىلگىرى پاراشوت بار-يوقلىقىغا قاراپ باقسا بۇلارمىكىن...

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113558
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 611
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2015-1-25
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 01:00:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئۇچمايدىغان ئايرۇپىلاننىڭ گېپى ئوخشىمامدۇ بۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108878
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2014-8-2
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 01:22:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوسمان يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 08:44 PM
سىزگە بوپ بەمىدىما  .

ماڭا بوپ بېرىپ بەزەنلەرگە ئوخشاش ياخشىلىق ياراشمىغاندەك،تىمىدىن قۇسۇر تاپقان ئوخشىمامدىم؟
ھەرقانچە خاتا بولسىمۇ ھېچ بولمىسا تېما يوللىغۇچىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ قويسا خۇددى بىرى بىرنىمە بوپ كىتىدىغاندەك.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75119
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3497
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 436 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 02:25:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzum-tal يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 01:21 AM
بۇنىڭ ئامالى بار . ئايرۇپىلان ھاۋادىن شىددەت بىلەن پ ...

سىز دېگەندەك قىلسا ماتورغىلا كىرىپ كەتكىدەك ئادەم~~

قورقۇش پەقەت نېرۋىنىڭ ئەڭ زىل ئىنكاسى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12658
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 02:59:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 12:19 PM
ئايرۇپىلانغا چىقىشتىن ئىلگىرى پاراشوت بار-يوقلىقىغا  ...

ئادەتتە ئايرۇپىلانلاردا پاراشوت بار، شۇ ئورۇندۇقنىڭ ئاستىدىلا،
گەپ شۇ پاراشوتتا سەكرەپ باقمىغانلار سەكرىسىمۇ ھايات قېلىشى تەستۇ.
ئىگىز ھاۋا بوشلۇقىدا نەپەسلىنىشمۇ ھاياتىغا بىر خەۋپلىكتۇ.
پاراشوتنى تاقاپ، ئۇ ئىشىكنى تالىشىپ چىقىپ، سەكرەپ بولغىچە ۋاقىت يار بەرسىمۇ، لېكىن يۇقۇرىدىكى ئىككى سەۋەپ سەۋەپلىك ھايات قېلىشى مۈمكىنمىدۇ

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش