پالۋان مەڭگۈ قەلبىمدە
 
(ئاسىيا بوكس چىمپىيونى مەرھۇم ئابدۇراخمان ئابلېكىمگە مەرسىيە )
ئاپتورى : مۇستاپا ئابدۇلھەق
بىر زەپەردەست پالۋان بار ئىدى 
ئاسىيادا زەپەرلەر  قۇچقان ، 
ئاتەش كەبى يۈرەك بار ئىدى 
ئۇيغۇر ئۈچۈن توختىماي سوققان ...
ئالتاي يايلىقىدىن يۈكسەلگەن ،
ئوغۇز سۈتى ئەمگەن كۆك بۆرە .
ئۇيغۇرۇمغا ھەسرەت قالدۇرۇپ ،
كېتىپ قاپتۇ بۈگۈن جىممىدە ...
ئانا دىيار ماتەمدە بۈگۈن ،
شۇم خەۋەردىن ئېزىلدى باغرىم ،
تەڭرىتاغنىڭ پالۋان يىگىتى 
ئابدۇراخمان قەيەرگە كەتتىڭ !
سادىر پالۋان جىسمىڭدا ئايان ،
غېنى باتۇر سەندە نامايان .
سەھنىلەردە ئۇيغۇر مۇشتىنى ،
سەن ئەمەسمۇ ئەلگە  تونۇتقان ...
سېغىنىدۇ سېنى ۋەتىنىڭ ،
خەلقىڭ سېنى ئۇنتۇيالمايدۇ .
ئىشىنىمىز ئىزىڭدىن چوقۇم ،
ئۇيغۇر مۇشتى يەنە كۆكلەيدۇ ...
نېمە دەيمىز قازايى قەدەر
ئېلىپ كەتتى سېنى بالدۇرلا ،
تەڭرى بىزگە بەرسۇن سېنىڭدەك 
پالۋانلارنى قىلايلى دۇئا !...
2015 . 1 . 22.   غۇلجا شەھەر
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-22 03:13 PM