پالۋان مەڭگۈ قەلبىمدە
(ئاسىيا بوكس چىمپىيونى مەرھۇم ئابدۇراخمان ئابلېكىمگە مەرسىيە )
ئاپتورى : مۇستاپا ئابدۇلھەق
بىر زەپەردەست پالۋان بار ئىدى
ئاسىيادا زەپەرلەر قۇچقان ،
ئاتەش كەبى يۈرەك بار ئىدى
ئۇيغۇر ئۈچۈن توختىماي سوققان ...
ئالتاي يايلىقىدىن يۈكسەلگەن ،
ئوغۇز سۈتى ئەمگەن كۆك بۆرە .
ئۇيغۇرۇمغا ھەسرەت قالدۇرۇپ ،
كېتىپ قاپتۇ بۈگۈن جىممىدە ...
ئانا دىيار ماتەمدە بۈگۈن ،
شۇم خەۋەردىن ئېزىلدى باغرىم ،
تەڭرىتاغنىڭ پالۋان يىگىتى
ئابدۇراخمان قەيەرگە كەتتىڭ !
سادىر پالۋان جىسمىڭدا ئايان ،
غېنى باتۇر سەندە نامايان .
سەھنىلەردە ئۇيغۇر مۇشتىنى ،
سەن ئەمەسمۇ ئەلگە تونۇتقان ...
سېغىنىدۇ سېنى ۋەتىنىڭ ،
خەلقىڭ سېنى ئۇنتۇيالمايدۇ .
ئىشىنىمىز ئىزىڭدىن چوقۇم ،
ئۇيغۇر مۇشتى يەنە كۆكلەيدۇ ...
نېمە دەيمىز قازايى قەدەر
ئېلىپ كەتتى سېنى بالدۇرلا ،
تەڭرى بىزگە بەرسۇن سېنىڭدەك
پالۋانلارنى قىلايلى دۇئا !...
2015 . 1 . 22. غۇلجا شەھەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-22 03:13 PM