مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1340|ئىنكاس: 7

ئەڭ پۇختا ئىشىك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

人生最重要的不是所站的位置,而是

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23806
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6202
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2010-12-25
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 02:38:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەڭ پۇختا ئىشىك


مەكتەپ زالىنىڭ ئىشىكىنى بىرسى تېپىپ سۇندۇرىۋېتىپتۇ.

بۇ بىچارە ئىشىك ئورنىتىلغاندىن بۇيان تېپىلمىگەن بىر كۈنىمۇ يوق. 15 - 16 ياشلىق بالىلارنىڭ دەل شۇنداق كەپسىز ۋاقتى بولغاچقا، ئىشىكنى پۇتى بىلەن تېپىپ ئېچىپ-كىرىشكە ئادەتلىنىپ قالغانىدى. مەكتەپ ئىلمىي مۇدىرىنىڭ بېشى قېتىپ كەتتى. ئۇ ئىشىك ئۈستىگە «پۇتىڭىز رەھىمدىلرەك بولسۇن»، «پۇتىڭىزنى ئاۋايلاڭ»، «مەن بىر ئىشىك، مەنمۇ ئاغرىقتىن قورقىمەن» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى چاپلاپ باققان بولسىمۇ، ھېچقانداق كار قىلمىدى. ئىشىك يەنە داۋاملىق سۇنىۋەردى.

باشقا مۇئەللىملەر مۇدىرغا :«ئىشىكنى تۆمۈر ئىشىككە ئالماشتۇرىۋېتەيلى، قېنى بالىلار بىر تېپىپ باقسۇن، پۇتى ئاغرىمدۇ ياكى ئىشىك سۇنامدۇ» دىيىشتى.

ئەمما مەكتەپ مۇدىرى كۈلۈپ تۇرۇپ: «سىلەر خاتىرجەم بولۇڭلار، مەن ئەڭ مۇستەھكەم ئىشىكتىن بىرنى بۇيرىتىپ قويدۇم» دېدى.

ناھايىتى تېزلا يېڭى ئىشىك ئورنىتىلدى. بۇ ئىشىك ئورنىتىلغاندىن كېيىن دەرۋەقە ھېچكىم ئۇنى تېپىپ باقمىدى. بالىلار ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە ئىختىيارسىز قەدەملىرىنى ئاستىلىتاتتى، قۇياش نۇرى ئىشىكنىڭ ئېچىلىپ - يېپىلىشىغا ئەگىشىپ كۆزنى چاقنىتاتتى...

بۇ ئىشىك قانداقمۇ مۇستەھكەم بولمىسۇن؟ ئۇنىڭغا ھەممەيلەننىڭ ئىشەنچى مۇجەسسەملەشكەن، ئاسانلا  بەربات بولىدىغان چۈش كەبى نازۇك بىر نەرسە بالىلارغا قاپ يۈرەكلىك بىلەن تاپشۇرۇلغانىدى. ئۇلار بۇ ئارقىلىق قەدىرلەش ۋە ئاسراشنى ئۆگىنىۋاتاتتى.

قۇياش نۇرىنىڭ يورۇتۇشى بىلەن كۆز قاماشتۇرۇپ نۇر چاقنىتىپ تۇرغان بۇ ئىشىك ئەينەك ئىشىك ئىدى.


پەرزەنت تەربىيىسىدىكى پاراسەت:

كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىشەنچكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، كىچىك بالىلارمۇ ئوخشاش. ئەگەر بالىلارغا يېتەرلىك ئىشەنچ ئاتا قىلسىڭىز ئۇلارمۇ ئىشەنچىڭىزنى يەردە قويمايدۇ.

نۇرغۇن ئائىلىلەردە ئاتا-ئانىلار بالىلارنى زىيادە قاتتىق باشقۇرۇۋېتىدۇ. بىز ھەر بىر بالىنىڭ بىر مۇستەقىل گەۋدە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش پائالىيەت ئېڭى بارلىقىنى، ئەگەر بىز چېكىدىن ئاشقان تەدبىرلەرنى قوللانساق، ئۇلاردا قارشىلىشىش كەيپىياتى پەيدا بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق تەربىيىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك.

ئىشەنچ كەم بولغان شارائىتتا، بالىغا ھە دېسە قاتتىق تەربىيە بېرىش ئارقىلىق نورمال پىسخىكىغا ئىگە بالا تەربىيىلەپ چىققىلى بولمايدۇ. ئەگەر سىز تەربىيە ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى تەسىرلەندۈرسىڭىز، ئۇنى ئۆزىڭىزگە ئىشەندۈرسىڭىز، ئاندىن ئۇ ئاستا-ئاستا سىزنىڭ تەربىيە ئۇسۇلىڭىزنى قوبۇل قىلىدۇ ھەم بۇ تەربىيىدىن سۆيۈلۈش بەختىنى ھېس قىلالايدۇ.


« ئاتا-ئانىلار بىلىشكە تېگىشلىك 101 ھېكمەت » دېگەن كىتاپتىن.



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 55 !isil tema!bolsa yana yollisigizkan

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 55   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 636 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 04:29:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك چوڭقۇر مەناغا ئىگىكەن مەن ئۇيلۇنۇپ قالدىم ..

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 05:02:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن ، رەھمەت قېرىندىشىم .
ئاتا -ئانىلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىغا تېگىشلىك مەسىلە يۇرۇتۇلۇپ بېرىپتۇ .

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102693
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 236
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 05:35:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل   تىمىكەن    رەھمەت   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13689
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8926
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 957 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2015-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 06:09:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيەۋى ئەھمىيىتى چوڭقۇر يوللانما ئىكەن ، بالا تەربىيەسىدە ئاتا - ئانىنىڭ رولى بەكمۇ چوڭ .

ئاتا - ئانامنى بىر ئۆمۈر خوشال قىلىشقا تىرىشىمەن ،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1900
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3193 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 09:01:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ يىڭىچە تىمىكىنا، بەك ياخشىكەن.

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4666
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 803 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 09:33:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ئۆزگىچە پىكىر....بۇتېما يىقىنقى نەچچە ھەپتە ئىچىدە مۇنبەردە يوللانغان ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110096
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1918
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 410 سائەت
تىزىم: 2014-9-22
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-18 05:57:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش