مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 683|ئىنكاس: 5

خاتا قەدەم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57840
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5580
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1004 سائەت
تىزىم: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 02:19:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىر قەدەم


ئىستىقبال


بىر قەدەمدە خاتالىق بولسا،

ئۇلىناركەن يەنە بىر قەدەم

قېيىپ كېتەركەن بارچە نىشانىڭ

بىر قەدەم ئۈچۈن

سەرىپ قىلساڭ بىر سائەت ۋاقىت

كەينىڭگە يانساڭ

تۈزۈلۈپ كېتەتتى ئىزىڭ، نىشانىڭ

ئەمما،

ۋىجدانىڭ ئۈچۈن

نەفسىڭ ئۈچۈن

غورۇرۇڭ، ئابرويۇڭ ئۈچۈن

خاتالىقىڭنى يوشۇرماق ئۈچۈن

ھەقتىن كېچىپ، باستىڭ يەنە بىر قەدەم

،مېڭىپ مېڭىپ خاتا يول بىلەن،

توغرا يولۇڭ يىراق قالغاندا

قايتاي دىدىڭ قانچە قانچە رەت،

خىجىللىق،

پۇشايمان،

ئۆكۈنۈش،

ئۆز قوينىغا سېنى ئالغاندا،

ئەمما،

تەمتىرەيسەن يولنى تاپالماي،

ماڭغان ئىزىڭنى،

كۆمۈۋەتكەن خاتا بولغاچقا

ھەمراھلىرىڭ تونۇماس يولنى،

چۈنكى،

باشقىلارمۇ سېنىڭدەك ئازغان،

ياكى

ئازغۇنلارنى ھەمراھلىققا ئۆزۈڭ تاللىغان،

ھەتتا،

ئۇلار ئازغۇنلۇق مەھەللىسدە ئولتۇراقلاشقان،

قايتىش دىگەن كەلمەس يادىغا،

ياق!

قايتقۇچىلار بار،

ھىچبولمىسا سەن ئۆزۈڭ بار،

بۇ دىياردا مەڭگۈ قالمايسەن،

جەسۇر بول،

ئەسكەردەك،

گېنرالدەك،

قاچقىن!

يۈسۈف زۇلەيخادىن قاچقىنىدەك

ئازغۇنلۇقلار بولمىسۇن ھەمراھ،

سەپەردىشىڭ يول تاپقۇچىلار،

ئازاب بولسىمۇ،

تۈز يولىغا قايىتقۇچىلار،

خاتا قەدەم ئۈچۈن سېلىنغان باشلىرىنى

كۆتۈرۈپ قايتا،

يول تاپقۇچىلار، خاتادىن يانغۇچىلار!



2015-01-03-ئۈرۈمچى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-3 06:30 PM  


ئۆزۈمنىڭ شورى ..........................................................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 07:21:42 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىكاللا!.. بەك ياخشى يېزىپسىز قېرىندىشىم!..
ياقتۇردۇم، بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن!..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 525
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 11:37:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنىسى ئادەم نى ئويغا سالغۇدەك چوڭقۇر چىققان شېئىركەن....

خاتا بېسىلغان بىر قەدەم ئادەمنى بىر ئۆمۈر پۇشايمانغا قالدۇرىدۇ...

‹‹دۇنيا مېھر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل››دېگەن سۆزنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىگەنلەر ئەڭ گۈزەلۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 11:36:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ، شۇنداق ياخشى يېزىپسىز . كىشىنى ئويلاندۇرغىدەك تېمىدىن بىرنى ئېلىپ كەپسىز .

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1090
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3930
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 977 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 12:15:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111179
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 931
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2014-11-24
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 06:30:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنىسى چوڭقۇر ، ياخشى يېزىپسىز .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش