 |
 |
 |
 |
- مەن ماڭدىم ئەمسە رىشات ، رەئىسە تاپشۇرىقىنى ئىشلەپ بولىشى بىلەنلا ئۇخلۇتۇڭ ، بولمىسا ئەتە ئورنىدىن تۇرالمايدۇ ،مەربىيە سەن قاچا - قۇچىلارنى يۇغۇشتۇرۇپ بولۇپ ئىمتاھاناڭغا تەييارلىق قىل -كەچلىك نۆۋەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن مەكتەپكە ماڭغان مەرزىيە ئايىقىنى كەيگەچ يۇقارقى ئىشلارنى تاپىلاشنى ئۇنتۇمىدى .
- ۋاي -ۋۇي ، بولىدۇ باشلىق خوتۇن ، بۇيرۇقىڭىزنى بىجاندىل ئورۇندايمىز ، خاتىرجەم بولۇپ مېڭىۋېرىڭە ، بىز يا كىچىك بالا بولمىساق - دېدى رىشات ۋە مەرزىيەنىڭ مۆرىسىدىن تۇتۇپ ئىشىك تەرەپكە يېنىككىنە ئىتتىردى .
- ئىتتىرىپ يۈرىيسىز ، مەندىن زېرىككەن ئوخشىمامسىز ؟ - دېدى مەرزىيە .
- ۋاي ، نېمىلەرنى دەيدىغانسىز ، سىزنى كېچىكىپ قالمىسۇن دېدىم شۇ ،سىزدىن بىر ئۆمۈر زېرىكمەيمەن ئاپپاق خوتۇن - رىشات شۇنداق دېگىنىچە مەرزىيەنىڭ ئېڭىكىنى تۇتۇپ ئەركىلەتتى .
- سەتلىكىنى -دېدى مەرزىيە رىشاتقا قاراپ تاتلىققىنا ئەركىلەپ ، شۇ ئارىلىقتا رىشاتنىڭ كۆزى ئاشخانا ئۆي ئالدىدا ئۆزلىرىگە قاراپ تۇرغان مەدىنەنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچرۇشۇپ قالدى ،مەدىنە ئۇنىڭغا بىرنى ئالىيىۋېتىپ كەينىگە ئۆرۈلۈپلا ئۆزىنىڭ ھوجرا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى ،مەرزىيە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن رىشات ئالدى بىلەن قىزىنىڭ قېشىغا بېرىپ ، تاپشۇرۇق ئىشلىگىنىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ بولۇپ ، ئاستاغىنە مەدىنەنىڭ ھوجرىسىغا كىردى ،ئۇ كىرگەندە مەدىنە ئىشىككە ئارقىسىنى قىلىپ كىتابقا قاراپ ئولتۇرغىنىچە خىيالغا چۈشكەن ئىدى ، رىشات پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ مەدىنەنىڭ قېشىغا كەلدى - دە ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يېنىككىنە قۇچاقلىدى .
- ۋىييەي ،- مەدىنە كەينىگە قاراپ رىشاتنى كۆردى ۋە قولىنى سىلكىپ چۈشىرىۋېتىپ ، تەتۈر قاراپ ئولتۇرىۋالدى .
- ماڭا قارىڭا جېنىم ، مەندىن خاپا بولۇپ قالدىڭىزما ؟ - دېدى رىشات مەدىنەنىڭ ئېڭىكىدىن تۇتۇپ ئۆزىگە قارىتىپ .
- كىم سىزنىڭ جېنىڭىزكەن ، جېنىڭىز باياملا چىقىپ كېتىپ بولدى - دېدى مەدىنە ئۇنىڭغا قاراپ ئالىيىپ .
- خاپا بولمىڭە ،‹‹جېنىم›› دېمەي‹‹ تاتلىقىم ، شېكىرىم ،گۈلۈم ››دەي ،سىز دېگەن مەن باش ئۇرۇپ تاۋاپ قىلىدىغان مەدىنەرىم ، ماڭا قاراڭ، مەن سىزدىن گۇناھىمنى تىلەپ تاۋاپ قىلغىلى كىردىم مانا - رىشات شۇنداق دېگەچ راستىنلا يۈكۈنىدىغاندەك قىياپەتتە تىزىنى ئەگدى .
- ساراڭ ، قىپ كەتكەن قىلىقلىرىنى، خوشەمەت قىلىپ - مەدىنە شۇنداق دېگەچ رىشاتقا قاراپ پىسسىڭدە كۈلدى .
- جېنىم مەدىنە،سىزگە كۈلكىدىن باشقىسى ياراشمايدىكەن ، بايام خاپا بولغان ۋاقتىڭىزدا سەتلىشىپ كەتكەن ئىدىڭىز، ئەمدى كۈلىۋېدىڭىز، پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلگە ئوخشىدىڭىز ، ئۇھ ، مۇشۇ كۈلگەن ھالىتىڭىز يۈرىكىمنى ئېرىتىۋەتتىغۇ - رىشات شۇنداق دېگەچ مەدىنەنى ئۆزىگە تارتىپ ئاغزىنى يېقىن ئەكەلدى .
- ئۇنداق قىلماڭ رىشات ئاكا ، ھېلى رەئىسە كىرىپ قالمىسۇن ، مەن چىقىپ چىنە -قاچىلارنى يۇيىۋېتەي ،- مەدىنە شۇنداق دېگەچ رىشاتنى ئۆزىدىن نېرى ئىتتىرىپ ئورنىدىن تۇردى .
- بولدى ،سىز دەرسىڭىزنى تەكرارلاۋېرىڭ ، قاچىلارنى ئۆزەم يۇيىمەن ، سىزنى قاچا يۇيغۇزۇشقا قانداقمۇ يۈرىكىم چىدايدۇ مېنىڭ - دېدى .
- نەچچە ۋاقىتتىن مەن قاچا يۇيغاندا ئەجەپ چىدىغانتىلە ، ئەمدى چىدىماس بولۇپ قاپتىغۇ بۇ يۈرەكلىرى - دېدى مەدىنە قەستەنگە .
- ھەي دۆت ، يۈرىكىم چېدىمىدى دەپ ئاچىڭىز بار يەردە سىز ئولتۇرۇڭ ، قاچىنى مەن يۇياي دېسەم بولامتى ؟- دېدى رىشات .
- چاخچاق قىلىپ قويدۇم- دېدى مەدىنە ئۇنىڭغا قاراپ ئەركىلەپ .
- مۇشۇ يەرلىرىڭىز يۈرۈىكىمنى كۆيدۈرىدۇ جۇمۇ سىزنىڭ ، ئاچىڭىزدا سىزچىلىك خۇلق پەقەتلا يوق - دېدى رىشات مەدىنەنى يەنە ئۆزىگە تارتىپ ، ‹‹ئاچىڭىز ›› دېگەن گەپنى ئاڭلاپلا ،مەدىنەنىڭ چىرايى يەنە ئۆزگەردى .
- ئاچىڭىز دېگەن گەپنى ئاڭلاپ يەنە خاپا بولغىلى تۇردىڭىز مانا ، بولدى مۇشۇ ئاغزىمنى ،ئەمدى سىزنىڭ قېشىڭىزدا ھەرگىز ئۇنداق دېمەيمەن ، يەنە شۇنداق دەپ سالىدىغان بولسام مۇشۇ تىلىمنىلا كېسىۋېتەرمەن ، ئاپپاق تاتلىقىم ، مېنى كەچۈرۈڭ - دېدى رىشات ۋە مەدىنەنىڭ مەڭزىگە بىرنى سۆيىۋالدى .
- قېلىن ، ساراڭ ، ھېلى رەئىسە كۆرۈپ قالىدۇ ، بولدى چىقىڭ - مەدىنە شۇنداق دېگەچ رىشاتنى ئىتتەردى .
- خوپ مەدىنە مەلىكەم، مەن چىقىپ كەتتىم ئەمسە داۋامىنى ھېلى - ھە - رىشات شۇنداق دېگەچ ئۇنىڭغا سۆيۈش بەلگىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ چىقىپ كەتتى ، رىشات مېھمانخانىدىن ئۆتىۋاتقاندا قىزى دەپتىرىنى كۆتۈرۈپ چىقتى ۋە - دادا ، تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلەپ بولدۇم ، كۆرۈپ باقامسىز ؟ - دېدى .
- ماقۇل ، ئەكىلىڭ كۆرۈپ باقاي - دېدى رىشات ۋە رەئىسەنىڭ قولىدىكى تاپشۇرۇق دەپتەرنى ئېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ بولۇپ - توغرا ئىشلەپسىز قىزىم ، ئەمدى كىرىپ ئۇخلاڭ - دېدى قىزىغا .
- ئوبدان دادا ،سائەت 8:40 مىنۇت ئۆتۈپتۇ ، 20 مىنۇت تېلىۋوزور كۆرۈۋېلىپ ئاندىن ئۇخلاي ماقۇلمۇ ؟- دېدى رەئىسە دادىسىغا يېلىنىپ .
- ماقۇل قىزىم ،تاپشۇرۇق ئىشلەپ چارچاپمۇ كەتكەنسىز ، بىردەم تېلىۋوزور كۆرسىڭىزمۇ كۆرۈڭ - دېدى رىشات قىزىغا قاراپ .
- مېنىڭ دادام دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى دادا جۇمۇ - رەئىسە شۇنداق دېگەچ دادىسىنىڭ بوينىدىن قۇچاقلاپ ، مەڭزىگە سۆيۈپ قويدى .
قىزى خەنزۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىدا ئوقۇيتتى ، خەنزۇ مەكتەپلەرنىڭ بېرىدىغان ئائىلە تاپشۇرىقى كۆپ ،تۈزۈمىمۇ بەك چىڭ بولغاچقا ، ئادەتتە مەرزىيە بولسا ،رەئىسە تاپشۇرۇق ئىشلەپ بولىشى بىلەنلا ،تېلىۋوزور كۆرىشىگىمۇ يول قويماي مەجبۇرى ئۇخلىتاتتى ،رىشات رەئىسەنى تاپشۇرۇق ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن ،مۇۋاپىق ھالدا تېلىۋوزور كۆرگىلى قويۇش توغرۇلۇق مەرزىيە بىلەن نەچچە قېتىم قىزىرىشىپمۇ قالغان ئىدى ، قىزى رىشاتقا بەكلا ئامراق ئىدى ، رىشاتمۇ قىزىغا قەۋەتلا ئامراق ئىدى ، ھەرقانداق يەرگە بېرىپ قالسا قىزىغا سوۋغات ئالماي كەلمەيتتى ، بۈگۈن كەچتە مەرزىيە يوق بولغاچقا ، رىشات رەئىسەنىڭ بىردەم تېلىۋېزور كۆرىۋېلىشىغا يول قويدى ، ئۇنىڭ نەزىرىچە كىچىك بالىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەپ قويۇش ئۇلانىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە توسقۇن بولاتتى ، شۇڭا ئۇ قىزىنى ئانچە - مۇنچە ئىختىيارى پائالىيەتكە قويۇپ بېرىشنىڭ ئۆزىنى قىزىنىڭ جىمغۇر بولۇپ قالماسلىققا ، ئەركىن ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسى بار دەپ قارايتتى . رىشات ئىشخانىدا قاچا يۇيىۋاتقان ،قىزى تېلىۋىزور كۆرگىلى تۇرغاندا ، مەدىنە ھوجرىسىدا رىشات بىلەن ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئويلاپ بىر تەرەپتىن ئۆزىنى ئەيىپلەيتتى ، بىر تەرەپتىن ئاچىسىغا ئىچ ئاغرىتاتتى ،رىشاتتىن ئۆزىنى تارتىش توغرىسىدا ئۆزىنى - ئۆزى ھەيدەيتتى .
مەدىنە بىلەن مەرزىيە ئەسلى بۇ شەھەرگە قاراشلىق بىر ناھىيىنىڭ ،مەلۇم بىر يېزىسىدىن بولۇپ ، بىر قورساق ئاچا - سىڭىللاردىن ئىدى ، ئىككىسىنى ئارىسىدا بىر ئوغۇل قىزىل بىلەن ئاغرىپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى ، مەدىنە تۆت ياشقا كىرگەن يىلى دادىسىمۇ كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى ، بىچارە ئانىسى ئاچا - سىڭىل ئىككىسىنى دادىسىنىڭ يوقلىقىنى بىلىندۈرمەي ئۆزى ھەم دادا ، ھەم ئانا بولۇپ جاپا - مۇشەققەتلەر ئىچىدە باقتى ، مىڭبىر جاپالار بىلەن مەرزىيەنى شىنجاڭ تىببى ئۇنۋېرستتا ئوقۇتتى .مەرزىيە تىببى ئۇنۋېرستىتتا ئوقۇۋاتقاندا، ئانىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن چەككەن رىيازەتلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ تۇردى ، ئۇنىڭ كۆڭلىدە‹‹چوقۇم ياخشى ئوقۇپ ئانامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايمەن›› دېگەن بىرلا ئوي بار ئىدى ،دېگەندەك ئوقۇش جەريانىدا ،ئۇ باشقا ئوقۇغۇچىلاغا ئوخشاش ياشلىق، مۇھاببەت ، ئويۇن - تاماشا دېگەنلەرگە بېرىلمىدى ،پۈتۈن ۋۇجۇدىنى، زېھنىنى ئوقۇشقىلا قاراتتى ،شۇنىڭغا يارىشا ناھايتى ياخشى ئوقۇدى ، تەقدىرنىڭ كاج قىسمىتى شۇنداقمۇ ،ئۇ ئوقۇشقا بېرىپ 5- يىلى ، مەدىنە باشلانغۇچنىڭ 5- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا ، رەھىمسىز تەقدىر ،بىر ئومۈر مەرزىيە بىلەن مەدىنە ئۈچۈن جان پىدا قىلىپ، جاھاننىڭ خوۋلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان ئاقكۆڭۈل ، جاپاكەش ئانىنى نىجىس بالىياتقۇ راكى بىلەن ئۇ دۇنياغا ئەكەتتى ، بۇ خەۋەر مەرزىيەگە يەتكۈزۈلگەندە ھۇشىنى يوقاتتى، چاچلىرىنى يۇلۇپ ئۆزىنى ئۆزى كاچاتلاپ يىغلىدى ، بىر قانچە كۆيۈمچان ساۋاقداشلىرىنىڭ تەسەللىسى ، مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ئېيتىپ رۇخسەت ئېلىپ بېرىشى ۋە پويىز بېلىتىنى ئېلىپ بېرىپ يولغا سېلىپ قويۇشى بىلەن يۇرتىغا كېلىپ ئۇرۇق - تۇققان ، قۇلۇم - قوشنىلىرى، يېزا كادىرلىرىنىڭ غەمخورلىقىدا ئاپىسىنىڭ مېيىتىنى ئۇزاتتى ،نەزىرنىڭ ئالدى -كەينىدىكى ئىشلار تۈگەپ بولغاندىن كېيىن يىغا -زارە ئىچىدە سىڭلىسى مەدىنەنى بىر تۇققىنىنىڭ ھامىيسىگە تاپشۇرۇپ قويۇپ مەكتىپىگە كەتتى ، ئۇ مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن بىرقانچە ۋاقىتلارغىچە ئاپىسىنى ئويلاپ كۆڭلى بەسەرامجان يۈردى ، كېيىن ئۆزىگە - ئۆزى مەدەت بېرىپ ، ئىلگىركىدىنمۇ تىرىشىپ ئوقۇدى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىكى نەتىجىسى مەكتەپ بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى ، ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ئاتا –ئانىسى يوق بىچارە قىزغا اللاھنىڭ رەھمى كەلدىمۇ ياكى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئوقۇش نەتىجىسى سەۋەپ بولدىمۇ ، باشقا ساۋاقداشلىرىغا ئوخشاش ئارقا ئىشىكنىڭ ‹‹ئىشىكى›› نى كۆرمەيلا ، ۋىلايەتلىك تىببى تېخنىكومنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا قوبۇل قىلىندى ، مەرزىيەنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى خوشاللىقلىرىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش تەس ئىدى ، مەدىنە ئاچىسىنى مەھكەم قۇچاقلاپ كۆز يېشى قىلىش بىلەن بۇ خوشاللىققا جۆر بولدى.مەدىنە خىزمەتكە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن ، مەكتەپ رەھبەرلىرى بىر مەزگىل كۈزۈتۈپ بېقىپ ، مەدىنەنىڭ نەزىرىيە ۋە ئەمىلىيەتتىكى قابىلىيىتىگە قول قويدى ۋە تىببى تېخنىكومنىڭ بىر كىشىلىك ياتاق ئۆيىدىن بىرنى تەقسىم قىلدى ،ياتاق ئۆي تەقسىم بولغاندىن كېيىن مەرزىيە مەدىنەنى ئۆز يېنىغا قايتۇرۇپ كەلدى ، مەدىنە ئاپىسىنىڭ ئىچ ئاغرىقىنى تارتىپ قالدىمۇ ياكى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرمىغاچقا ،كۆڭۈل يېرىمچىلىقىدا شۇنداق بولۇپ قالدىمۇ نامەلۇم ، دەرستە بەكلا چېكىنىپ كەتكەن ئىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەر بىلەن يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇشىدا پەرق زور بولغاچقا، مەرزىيە شۇ تەرەپلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ ، مەدىنەنى تەكرار ئوقۇتۇش ئۈچۈن شەھەر مەكتىبىگە ئالدۇردى ۋە ئۆگىنىشىگە ئۆزى بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلدى ، مەدىنە ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ماتىماتىكا ،خەنزۇچە قاتارلىق بىر قىسىم پەنلەرگە يېتىشەلمەي قالدى ، شۇنىڭ بىلەن مەرزىيە شۇ مەكتەپتىكى بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن كۆرۈشۈپ ،ئايدا 250 يۈئەن ئوقۇش ھەققى بېرىش ھېسابىغا دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ، مەدىنگە دەرس تولۇقلاپ بېرىش توغرۇلۇق توختاملاشتى .شۇنداق قىلىپ مەدىنەنىڭ ئۆگىنىشىمۇ بارا -بارا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى . مەرزىيە بىلەن رىشات مەرزىيەنىڭ بىر خىزمەتدىشىنىڭ توي مەرىكىسىدە تونۇشقان بولۇپ ، رىشات دەل تويى بولغان يىگىتنىڭ يېقىن ئاغىنىسى ئىدى ، مەرزىيەنىڭ يېقىملىق ، ئېغىر - بېسىق ، ئاددى -ساددا تۇرقى ( مەرزىيە ياڭزىمۇ - ياڭزا گىرىم قىلىپ ، مودا يۈرۈۋېلىشنى پەقەتلا ياقتۇرمايتتى ) رىشاتقا يېقىپ قالدى ، كېيىن رىشات مەرزىيەنىڭ ئەھۋالىنى مەرزىيەنىڭ ھېلىقى تويى بولغان خىزمەتدىشىدىن سۈرۈشتۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى تېخىمۇ ئاشتى ، ئۇنىڭ نەزىرىە ھازىرقى ۋاقىتتا مەرزىيەگە ئوخشاش خىزمەتكە چۈشۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا كۆزگە كۆرۈنگەن بىلىملىك ، ئەخلاقلىق ، ئاددى -ساددا قىز ئاز ئىدى ، شۇڭا ئۇ مەرزىيەنى قوغلۇشۇپ ، مەرزىيەنىڭ ھېلىقى خىزمەتدىشىغا مەرزىيە بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويۇشنى ئۆتۈندى ،
مەرزىيەنىڭ خىزمەتدىشىنىڭ تونۇشتۇرۇپ قويۇشى بىلەن ئىككىسى بىر -بىرىنىڭ مىجەزىنى ياقتۇرۇپ قېلىشتى ۋە بىر مەزگىل ئارىلىشىش ئارقىلىق بىر -بىرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇشۇپ ئۆزئارا چىقىشىپ كېتىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەندىن كېيىن توي قىلىشقا پۈتۈشتى ، رىشات ۋىلايەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومېتېتىدا ئىشلەيتتى ، ئۇنىڭ بوي -بەستى قاملاشقان ، ئەڭ مۇھىمى مىجەزى ئوچۇق ،چىقىشقاق بولغاچقا مەرزىيەگە رىشاتنىڭ مۇشۇ تەرەپلىرى يېقىپ قالدى ، ئۇلار توي قىلغاندىن كېيىن رىشاتنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئادەتتىكى كورپۇس ئۆيىدە ئولتۇرۇپ تۇرۇشتى ،( رىشاتنىڭ ئاتا - ئانىسى بىنا ئۆي ئېلىپ كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن ، ئۆيىنى ئىجارىگە بەرگەن ئىدى، ئىككىسى توي قىلغاندا مەدىنە باشلانغۇچنىڭ 6-يىللىقىدا ئوقۇاتاتتى ، ھازىر ئۇلارنىڭ توي قىلغىنىنىغا سەككىز يىل بولۇپ قالدى ،بىنادىن بىر يۈرۈش ئولتۇراق ئۆيمۇ سېتىۋالدى ، تۇمۇش ئەھۋالى شۇنداق ياخشى ، بانكىدا قويغان ئېشىنچى پۇللىرىمۇ بار ، بۇ ئەلۋەتتە كۆپرەكى مەرزىيەنىڭ ئىقتىزادچانلىقى ئاستىدا بارلىققا كەلگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ )ئۇلار توي قىلغاندىن باشلاپ مەدىنە ئۇلار بىلەن بىر ئۆيدە تۇردى ، رىشاتمۇ مەدىنەنى ئۆزىنىڭ سىڭلىسىدەكلا كۆرۈپ ئۇنىڭغا كۆيىنەتتى ،رىشاتنىڭ قوشۇلىشى بىلەن مەدىنەگە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىشنى توختۇتۇپ قويماي داۋاملاشتۇرىۋەردى،مەدىنە تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈچەيلەننىڭ باش قوشۇپ مەسلەھەتلىشىشى بىلەن تېخنىكوم ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇپ ، مەرزىيە ئۆزى ئىشلەيدىغان تىببى تېخنىكومغا قوبۇل قىلدۇردى ،مەدىنە تىببى تېخنىكومدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە رىشات بىلەن مەرزىيەنىڭ ئىقتىزادى ئۇنچە كۆپ ئەمەس ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزى كىچىك ، بالا باققۇچىغا بېرىلىدىغان ئىش ھەققى، بىنا ئۆي سېتىۋېلىش ئىشى .... قاتارلىق قىيىنچىلىقلار بولسىمۇ رىشاتنىڭ ئاكتىپ پوزىتسىيىسى بىلەن تىببى تېخنىكومغا تۆلەيدىغان ئوقۇش ھەققى ، ئوقۇش ماتېريال پۇلى ، تاماق ، ياتاق ھەققىلىرى ۋاقتىدا ، تولۇق تاپشۇرۇلدى ،( مەدىنە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆيگە كېلىپ تۇراتتى ) شۇنداق قىلىپ ئاچىسى ۋە رىشاتنىڭ غەمخورلىقى ئاستىدا تىببى تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن مەدىنە ھازىر شەھەرلىك دوختۇرخانىدا ۋاقىتلىق سېستىرا بولۇپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ ، بىر تەرەپتىن ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى ،ئىمتىھان ۋاقتىمۇ يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى
مەنبە :ئۆز قەلىمىم
ئەسكەرتىش:تور ئۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى(2009-يىللاردىن ئىلگىرى )يازغان ھېكايەم ئىدى،تور ئۈزۈلگەندە يازغانلىرىمنىڭ ھەممىسى يوقاپ كەتتى دەپ يۈرسەم،ئۆزۈم يوللىغان ئىككى ھېكايەمنى مەلۇم بىر مۇنبەردە ئۇچرۇتۇپ قالدىم،شۇڭا بۇ مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم. تەكلىپ –پىكىرىڭلار بولسا ئايىمىغايسىلەر...
داۋامى بار....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-21 07:35 PM
|
 |
 |
 |
 |
|