داۋامى يوللاندى بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( t [: c5 k4 r8 M: d
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 G9 r% U9 l* E9 b) m# B1 jئەمدى ئۇنىڭ ئاچىسىنىڭ ئېرى بولمىش رىشات ئاكىسى بىلەن بولغان دەرجىدىن تاشقىرى مۇناسىۋىتىگە كەلسەك ، بۇ خىل غەيرى مۇناسىۋەت مەدىنە تىببى تېخنىكومنى پۈتتۈرىدىغان يىلى پاراكتىكا قىلىش ۋاقتى توشاي دېگەندە باشلاپ باشلانغان ئىدى ،ئۇ ۋاقىتلاردا مەدىنە كەچلىك سىمىنىلاردا ئىشلىگەن بولسا رىشات موتوتسېكىلىت بىلەن بېرىپ ئەكىلەتتى ، مەدىنە ئاچىسىغا قارىغاندا ئوچۇق ، شوخ ، گەبدان قىز ئىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياراشتۇرۇپ گىرىم قىلىپ خېلى مودا يۈرەتتى ،شۇ تەرەپلىرى رىشاتنىڭ كۆزىگە باشقىچە كۆرۈنۈپ كەتكەن بولسا كېرەك ، دەسلەپتە رىشات ئۆزىنىڭ مەدىنەگە نىسپەتەن باشقىچە ئويدا بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندا :
-مەن نېمە بولدۇم ؟ ئۇ دېگەن ئايالىمنىڭ سىڭلىسى ، ئۇنىڭغا قارىتا نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم ، بۇ خىياللىرىمنى ئاستا يۇغۇشتۇرىۋالاي ،- دەپ ئۆزىنى جىملىگەن ئىدى ،مەدىنەمۇ رىشاتنىڭ ئوچۇق مىجەزىنى ، يۇمۇرلۇق گەپلىرىنى ، مۇھىمى ئاچىسىغا بولغان كۆيۈمچانلىقىنى ياقتۇراتتى ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئاكىسىدەك كۆرەتتى ،كېيىن پاراكتىكا قىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ رىشاتنى ئاكىسىدەك ياخشى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدى ، ئاچىسى بىلەن ئىككىسىنىڭ چاخچاق قىلىشقىنى ياكى يېقىن تۇرغىنىنى كۆرسىلا خۇيى تۇتۇپ قالاتتى ، ئاچىسىغا ئاچچىقى كېلەتتى ، ئۇ بۇ خىيالللارنى ئۆزىدىن نېرى قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقسىمۇ ئامال بولمىدى ،كېچىلىرى ئۇيقۇسى قاچقان چاغلاردا رىشاتنى خىيال قىلاتتى ، خىيال قىلىپ بولۇپ :
- مەن نېمە دېگەن ۋىجدانسىز ! ئۇ دېگەن ئاچامنىڭ ئېرى تۇرسا ، نېمىشقا قالايمىقان ئويلاردا بولىمەن ،- دەپ ئۆزىگە ئاچچىقلايتتى ، لېكىن ئۆزىنى ئەپقاچقانسېرى كاللىسىنىڭ ھەممە يېرىدە بىر رىشاتلا چۆرگىلەپ تۇرغاندەك بىلىنەتتى ،شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككىسىنىڭ سۆيگۈ پىلتىسىگە ئوت تۇتاشقان كۈنى باشلاندى، بىر كۈنى كەچ سائەت 10:00 ئەتراپىدا رىشات كەچلىك سىمىنىدىن چۈشكەن مەدىنەنى ئالغىلى باردى ، ئۇلار يولدا كېلىۋاتقاندا رىشات موتوتسېكىلىتنىڭ سۈرئىتىنى بىردىنلا تېزلەتتى ، بۇ تۇيۇقسىز تېزلىكتىكى سۈرئەتتىن مەدىنە قورقۇپ كەتتى ، ئۇ رىشاتقا چىڭ چاپلىشىپ
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ W) D) k) X) u6 }6 V- رىشات ئاكا ئۆتۈنۈپ قالاي ، ئاستا ھەيدەڭ ، مەن قورقىدىكەنمەن !- دېدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' o5 u5 t) S- O9 J& _; p+ _
- مېنى چىڭ تۇتىۋالسىڭىز قورقمايسىز ، چىڭراق تۇتۇڭ - دېدى رىشات سۈرئەتنى ئاستىلاتماي ، قورقۇپ كەتكەن مەدىنە كۆزىنى يۇمۇپ ،رىشاتنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇتىۋالغان ئىدى ،بىرئازدىن كېيىن رىشات‹‹ غاچ›› لا قىلىپ ، موتوتسېكىلىتنى توختاتتى ، تېخىچە ئەسلىگە كېلەلمىگەن مەدىنە ئۇنىڭغا چاپلىشىپ قۇچاقلىغىنىچە ئولتۇراتتى ،رىشاتنىڭ بەدىنىدە باشقىچە بىر سېزىم پەيدا بولدى ، ئۇ بېشىنى بۇراپ مەدىنگە قارىدى ، ئۆزىنىڭ تېخىچە رىشاتنى قۇچاقلاپ ئولتۇرغىنى ئېسىگە يەتكەن مەدىنە بىردىنلا خىجىل بولۇپ قولىنى ئىتتىكلا قويۇۋەتتى .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' L' K5 k4 F5 W% V
- مېنى ئۆز ئاكىڭىزدەك ياخشى كۆرەمسىز مەدىنە ؟- دېدى رىشات .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 U& B8 w& U9 v9 Z: T
-ھە ، ئاكامدەك ياخشى كۆرىمەن - دەپ جاۋاپ بەردى مەدىنە .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' l" q5 f4 ]( S* Q: _
- لېكىن مەن سىزنىڭ ئۆز ئاكىڭىز ئەمەس ، مەنمۇ سىزنى ئۆز سىڭلىمدەك ياخشى كۆرەلمەيمەن ،سىزمۇ مېنى ئۆز ئاكىڭىزدەك ياخشى كۆرمەيسىز ، مەن بۇنى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ھېس قىلدىم ، ئاچىڭىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ يېقىن تۇرغىنىمىزنى كۆرسىڭىزلا خاپا بولۇپ قالىسىز ، بۇنىڭدىن سىزنىڭ مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىڭىزنى بىلدىم ، راستىنى ئېيتسام ، مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، قاچانلاردىن تارتىپ شۇنداق بولۇپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن ، مەن ‹‹مەدىنە دېگەن مېنىڭ ئايالىمنىڭ سىڭلىسى›› دەپ بۇ ھەقتە ئويلىماسلىققا تىرىشتىم ، لېكىن ئويلىماي دېسەممۇ يەنىلا كاللامغا كىرىۋالدىڭىز مەدىنە ، كۆڭۈلنىڭ ئىشىغا بىر نەرسە دەپ بولغىلى بولمايدىكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېسيات دېگەن ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس ، بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش گۇناھ ئەمەس ھەم ياخشى كۆرۈدىغان كىشىنى‹‹ سەن پالانىنى ياخشى كۆرۈشۈڭ كېرەك ››دەپ بەلگىلەپ بەرگىلىمۇ بولمايدۇ ، ياخشى كۆرۈش دېگەن كۆڭۈلنىڭ ئىشى ، ھەر ئىككىلىمىز ئۆزىمىزنى ئۇنداق قىيناپ ئۆتمەيلى ، بىز ئاكا -سىڭىل ئەمەس ، ياخشى كۆرگەن كىشىلەردەك ئۆتسەك بولىدۇ ، بولمىسا مەن بەرداشلىق بېرەلمىگۈدەكمەن ، بىز ئاچىڭىزغا ئۇقتۇرماي تۇرۇپ بىر -بىرىمىزنى ياخشى كۆرسەك بولىۋېرىدۇ ، مېنىڭ ئاچىڭىزدىن ئاجرىشىپ كېتىش ، قىزىمىزنى يېتىم قىلىش مەقسىدىم يوق ، ھەم سىزگە باشقىچە نىيەتتىمۇ بولمايمەن ، پەقەت سىزنىڭ ئۆز ئاغزىڭىزدىن‹‹مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن ›› دېگەن گەپنى ئاڭلىغۇم بار، - دېدى رىشات مەدىنەنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ ،مەدىنە كۆزىنى ئېپقېچىپ باشقا ياققا قارىۋالدى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 w0 g+ m+ C B- C# j5 |8 _* c4 r- مېنى ياخشى كۆرمەمسىز ، كۆرمەمسىز مەدىنە ،گەپ قىلىڭە ! بولمىسا مەن بەك قىىينىلىپ كېتىدىكەنمەن ،ئەگەر ياخشى كۆرمىسىڭىز باشقا ياققا قارىۋالماي كۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپ ‹‹سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن ›› دەڭە قېنى ؟- دېدى رىشات مەدىنەنى مۆرىسىدىن تۇتۇپ ئۆزىگە قارىتىپ تۇرۇپ، رىشاتنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرى مەدىنەگە تىكىلگەندە ، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى تاتلىق بىر خىل سېزىمدىن غۇژۇلداپ كەتتى ۋە خۇددى جېنى يوق ئادەمدەك ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا رىشاتنىڭ قۇچىقىغا كىرىپ قالدى ، تەشنا لەۋلەر جۈپلەشتى ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كوچىدا تۇرىۋاتقانلىقىنىمۇ ئۇنتىغان ئىدى ، شۇ تاپتا ھەر ئىككى نومۇسسىزنىڭ كاللىسىدا‹‹ئاچامنىڭ ئېرى ››‹‹ ئايالىمنىڭ سىڭلىسى ››دېگەن ئوي يوق ئىدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 X1 W% \: y+ b: j8 m( ~- سىزنى ياخشى كۆرىمەن رىشات ئاكا ، چىن يۈرىكىمدىن ياخشى كۆرىمەن - دەيتتى مەدىنە بوشقىنە شىۋىرلاپ ، تۇيۇقسىز بېرىلگەن ماشىنا سىگنالىدىن ھەر ئىككىسى چۆچۈپ ئەسلىگە كېلىشتى ،چالا مەس شوپۇردىن بىرسى مەسخىرە قىلغاندەك ئۇلارنىڭ يېنىغىلا كېلىپ قاتتىق سىگنال بەرگەن ئىدى ، ھەر ھالدا ھەر ئىككىسى مەلۇم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولغاچقا ئۆزلىرىنىڭ چوڭ كوچىدىلا بۇنداق تۇرۇشقىنىدىن سەل خىجىل بولۇپ قېلىشتى ،مەدىنە قولى بىلەن يۈزىنى توسىۋالدى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 H. r( g3 ~6 {! x-جۈرۈڭ ،ئۆيگە كېتەيلى - دېدى رىشات مەدىنەنىڭ قولىنى پەسكە چۈشۈرۈپ ، ئۇلار موتوتسېكىلىتقا مىنىشىپ مېڭىشتى ،ئەمدى سۈرئەت تېز بولمىسىمۇ، مەدىنە رىشاتنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇتىۋالغان ئىدى ، شۇ تاپتا ھەر ئىككىسى بايىقى لەززەتنىڭ ھوزۇرىنى ئويلاۋاتاتتى ، ئەنە شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ‹‹ئېرى ئايالى››غا ‹‹ سىڭلىسى ئاچىسى››غا تۇيدۇرماي يوشۇرۇن مۇھاببەتلىشىش داۋاملىشىپ ، باشتا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك نەتىجىگە كەلگەن ئىدى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 C( s, x4 j* m7 k3 V& j/ @مەدىنە يۇقارقى خىياللارنى قىلىپ بولغۇچە ،رىشات قاچا -قۇچىلارنى يۇغۇشتۇرۇپ بولۇپ ، قىزىنى ئۆزىنىڭ ھوجرىسىغا ئەكىرىپ ئۇخلۇتۇپ قويۇپ چىقتى ،ئۇ مەدىنەنىڭ قېشىغا كىرگەندە ئۇ يەنە چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ ئولتۇراتتى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" [( f8 y- ^) V9 A' B- يەنە نېمە بولدىڭىز گۈلۈم ، خاپا چىراي تۇرىسىزغۇ ؟ئۇنداق قىلماي بىر كۈلۈپ بېرىڭە ، مەن خوش بولۇپ كېتەي ، مەن سىزنىڭ كۈلۈپ تۇرغان تۇرقىڭىزنى كۆرۈشكە بەك ئامراق - دېدى رىشات مەدىنەنى ئۆزىگە تارتىپ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! v8 ?9 H: Q v1 f- ئۇنداق قىلماڭ ، ھېلى رەئىسە كىرىپ قالمىسۇن - دېدى مەدىنە ئۆزىنى سەل ئەپقېچىپ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 H2 h% f1 W. s- G& H. n- خاتىرجەم بولۇڭ ، مەن رەئىسەنى ئۇخلۇتۇپ قويدۇم ، مەنمۇ ئۇنچىۋالا گالۋاڭ ئەمەس جۇمۇ - دېدى رىشات مەدىنەنىڭ ئېڭىكىنى ئۈستۈن كۆتۈرۈپ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 l6 |) F. ?5 r0 ?' x- U7 b( a3 P6 w6 O- ۋاي ، سىلە دېگەن ، دۇنيادا بىر دانىشمەن ، چېچەن - دېدى مەدىنە ئۇنىڭغا ئەركىلەپ .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% n3 H) k3 X# z9 Q: I8 f
- راست ، مەن دانىشمەن ، چېچەن بولغاچقا مەدىنەرىم مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغان - دېدى رىشات ئۇنى باغرىغا چىڭ بېسىپ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. A: ^, r! a4 v9 @+ A) B- سەتلىكىنى ، سىزچۇ ؟ مېنى دەيسىز ، ئۆزىڭىز ئۇنداق ئەمەسما ؟- دېدى مەدىنە رىشاتنىڭ يۈزىنى چىمداپ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; O7 X8 c6 s) b0 q- مەنمۇ شۇ ، شۇنداق بولغاچقا مەدىنەرىمنى باغرىمغا مەھكەم تېڭىۋاتىمەن جېنىم مەدىنە ، مەن سىزنى جېنىمدىن ئەزىز كۆرىمەن -رىشات شۇنداق دېگەچ مەدىنەنى نەپەس ئالالمۇغىدەك دەرجىدە سۆيدى ، ئۇلار شۇنداق مەستخۇشلۇق ئىچىدە بىر -بىرىنىڭ باغرىدا ئېرىپ كەتكەن ئىدى ،مانا مۇشۇنداق ھاياجانلىق نازۇك تۇيغۇ ئىچىدە مەدىنە ئۆزىنىڭ پاك قىزلىق ھاياتى بىلەن خوشلاشتى ، ئۇ بارلىقىنى ئاچىسىنىڭ ئېرىگە ئاتىۋەتكەن شۇ دەقىقىلەردە ئۇنىڭ خىيالىغا نە ئاچىسى ،نە ئاچىسىنىڭ قىزى ، نە ۋىجدان ، نە يۈز كېلەلمەسلىك، نە ئاچىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن چەككەن رىيازەتلىرى دېگەندەك بارلىق تۇيغۇلار ئۇنىڭدىن غايىپ بولغان ئىدى ، ئۇنىڭ كاللىسىدا پەقەت رىشاتنىڭ ئوتتەك نەپىسى ،تاتلىق سۆزلىرى ، ئاجايىپ شېرىن ھېسلار ھۆكىمىران ئىدى ،تاڭ ئاتارغا يېقىن مەدىنە ئاستا ئورنىدىن تۇردى ۋە يېنىدا يېتىپ يېنىك پۇشۇلدىغىنىچە ئۇيقۇغا كەتكەن رىشاتقا قارىدى ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسى ھەر خىل زىددىيەتلىك خىياللارغا تولغان ئىدى ،بىر تۇرۇپ بىچارە ئاچىسىنى ئويلايتتى ، بىر تۇرۇپ ئۆزىنى تۇتالماي ، ھېسياتنىڭ كەينىگە كىرىپ يوقۇتۇپ قويغان قىزلىقىغا ئېچىناتتى ، بىر تۇرۇپ ئۆزى ياخشى كۆرگەن رىشاتقا قاراپ‹‹ مەن ئۇنى چىن دىلىمدىن سۆيىمەن ، ئۇمۇ مېنى يۈرىكىدىن ياخشى كۆرىدۇ ، ماڭا مۇشۇ كۇپايە ›› دەپ ئۆزىنى -ئۆزى بەزلەيتتى ،ئۇ شۇ خىياللار بىلەن يوتقاندىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ، كارۋاتتىن ئاستاغىنە چۈشەي دېيىشىگە رىشات ئويغۇنۇپ قالدى .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' w2 R- _2 I6 a3 v1 e
- نەگە ماڭدىڭىز جېنىم ؟ تېخى بالدۇركەنغۇ ، نېمانچىلا ئەتىگەن تۇرىۋالدىڭىز ؟ كېلىڭە بىردەم ياتايلى - دېدى ۋە مەدىنەنىڭ قولىنى تارتىپ يېنىدا ياتقۇزدى ،ئۇنىڭ باغرى ئاستىدا قايتىدىن ئېرىپ كەتكەن مەدىنە بايامقى پۇشايمىنىنى تېزلا ئۇنتۇدى .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" ?2 F p5 v6 e. p! [0 E V0 h
ئارىدىن ئون نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن مەدىنە ئاشكارا سېستىرا قوبۇل كەسپى ئىمتىھەنغا قاتناشتى ، بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسى چىقتى ، شۇ ئارىلىقتا رىشاتنىڭ بەكرەك كۈچىشى ۋە خېلى نۇرغۇن پۇل خەجلىشى بىلەن مەدىنە تاللاش ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ، يېزىدىكى بىر دوختۇرخانىغا سېستىرالىققا تەقسىم قىلىندى ، خىزمەت ئورنى تېپىشنىڭ تەسلىكىدە بۇ ئاچىسى ۋە ئۆزى ئۈچۈن بەك مۇھىم ئىدى ، ئۇلار شۇ خوشاللىق ئىچىدە مەدىنە ئىشقا چۈشۈشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان كۈنلەردە ،ئۇنىڭدا باشقىچە سېزىم پەيدا بولۇپ تاماق ئالدىغا كەلسىلا قەي قىلىدىغان ،ھېچنەرسە يىگۈسى كەلمەيدىغان ... بىر خىل ئالامەتلەر پەيدا بولدى ، دەسلەپتە ئۆزى‹‹ مىجەزىم يوق بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ ››دەپ ئانچە كۆڭۈلۈشمىگەن ئىدى ، كېيىن سېستىرالىقتا ئوقۇش جەريانىدا ئۆگەنگەن ھامىلدار ئاياللاردا بولىدىغان ئۆزگۈرۈشلەرنى ئېسىگە ئېلىپ بىردىنلا قورقۇنۇچ باستى ، شۇ ئارىلىقتا ئۇنىڭدىكى بۇ ئۆزگۈرۈشلەر مەرزىيەنىڭ كۆزىدىنمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىدى ، ئۇمۇ دەسلەپتە تازا دىققەت قىلمىغان ئىدى ،كېيىن بېرىپ سىڭلىسىدىكى ئالامەتلەردىن باشقىچە بىر ئىشنى چۈشەندى ، ئۇمۇ مۇشۇ يېقىننىڭياقى مەدىنە بىلەن رىشاتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باشقىچە غەيرى ئەھۋاللارنى ئازىراق سېزىپ قالغان ئىدى ، لېكىن سىڭلىسىنىڭ ئۇنداق قىلىشىنىغا ئىشەنمىگەن ئىدى ، ئۇ ئاخىرى ئۆزى ئارام ئالغان ،رىشات ئىشقا كەتكەن بىر كۈنى مەدىنەنى ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ نېمە بولغانلىقىنى كوچىلاپ سورىدى ، دەسلەپتە مەدىنە ھېچنىمە دېگىلى ئۇنىمىدى ،كېيىن ئاچىسىنىڭ قىستىشى بىلەن يىغلاپ تۇرۇپ ھەممىنى ئېيتتى ،بۇ ۋاقىتتىكى بىچارە مەرزىيەنىڭ ئەھۋالىنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ ئىچى سېرىلەتتى ، ئۇ چاچلىرىنى يۇلۇپ ، تامغا ئۈسۈپ ئۆزىنى -ئۆزى كاچاتلاپ ئۇردى ، قوللىرىنى چىشلەپ ئېچىنىشلىق بوزلاپ تۇرۇپ يىغلىدى ،يىغلاپ تۇرۇپ قولىنى تۇتىۋالماقچى بولغان مەدىنەنى جېنىنىڭ بېرىچە ئىتتىرىۋەتتى ،مەرزىيە بىر ھازاغىچە يۈرەكنى ئەزگۈدەك يىغلاپ بولغاندىن كېيىن ، بۇلۇڭدا تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتقان مەدىنەگە قارىدى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 k6 ~) Y# D( q, n-جېنىم ئاچا ، ئەقىلسىز سىڭلىڭنى كەچۈر ، مەن نادانلىق قىپتىمەن ، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىپتىمەن ،مېنى ئۇرۇپ دەردىڭنى چىقار ئاچا ، ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەت - ئەمدى مەرزىيەنىڭ بايامقى ھالىتى مەدىنەگە كۆچكەن ئىدى ، ئۇنىڭ بۇ بىچارە تۇرقىغا قاراپ مەرزىيەنىڭ سىڭلىسىغا ئىچى ئاغرىپ قالدى ،ئۇ سىڭلىسىنى كىچىكىدىنلا ئۆزىنىڭ قىزىدەك باققان ئىدى ، ئۇنىڭ سىڭلىسىغا بولغان مېھرى بەك چوڭقۇر ئىدى ، ئۇ سىڭلىسى بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنى ئەسكە ئالدى ، ئۇ قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ بىر قورساق سىڭلىسى ئىدى ، مەرزىيە شۇلارنى ئويلاپ مەدىنەنىڭ قولىنى تۇتىۋالدى ، مەدىنە ئاچىسىغا ئۆزىنى ئېتىپ تېخىمۇ بەك يىغلاپ كەتتى ،ئۇلار بىر -بىرىگە ئېسىلىشىپ بىر ھازاغىچە يىغا -زارە قىلىشقاندىن كېيىن ، مەرزىيە مەدىنەنى يۈزىنى يۇيۇپ چىقىشقا بۇيرىدى ،مەدىنە يۈز -كۆزلىرىنى يۇيۇپ چىققاندىن كېيىن ،مەرزىيەمۇ يۈز - كۆزلىرىنى يۇيۇپ ،چاچلىرىنى تاراپ ، مەدىنەنى باشلاپ ئۆيدىن چىقتى ،ئۇلار يولغا چىققاندىن كېيىن مەرزىيە بىر تاكسىنى توسۇپ ،مەدىنەنى چىقىرىپ ، ئۆزىمۇ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى، مەدىنە ‹‹ ئاچام مېنى نەگە ئاپىرار ›› دېگەن دەككە -دۈككىدە ئولتۇرالماي ئارامسىزلاندى ،مەرزىيە مەدىنەنى ئۆزى بىلىدىغان بىر شەخسى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدى ،يولدا كېلىپ بولغىچە مەدىنەگە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى ، ئۇلار تاكسىدىن چۈشكەندىن كېيىن مەرزىيە مەدىنەگە ‹‹ سېنى دوختۇر تەكشۈرۈپ كۆرسۇن ›› دېدى ، ئاچىسىنىڭ مەقسىدىنى ئەمدى چۈشەنگەن مەدىنەنى بىر خىل خىجىللىق چىرمىۋالدى ، دوختۇر تەكشۈرۈپ ‹‹ بويىدا باركەن›› دېگەن خۇلاسىنى چىقاردى ، مۇشۇنداق بولىشىنى ئالدىن مۆلچەرلىگەن ئاچا -سىڭىل بىر -بىرىگە ئارتۇق گەپمۇ قىلىشماي ئۆيگە قايتىپ كەلدى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ K u7 f$ ]$ K- تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سەنمۇ ئۇقتۇڭ ،ئەقىلسىزلىقىڭ بېشىڭغا ئەمەس قورسۇقۇڭغا چىقىپتۇ ئەنە ، ئويلاپ باقە مەدىنە ، ئىككىمىز دېگەن بىر قورساق ئاچا -سىڭىللار ئەمەسمۇ ؟ سەن ياخشى كۆرۈپ قالغۇدەك رىشاتتىن باشقا ئادەم چىقمامتى ؟ ئۇ دېگەن ئاچاڭنىڭ ئېرى ئەمەسمۇ ؟ سەن مەندەك بىر ئاچاڭنىڭ ئۆيىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنى خالايدىكەنسەن شۇنداقمۇ ؟ سەن مېنى ئويلاپ باقتىڭمۇ ؟ رەئىسەنى ئويلاپ باقتىڭمۇ ؟ .. سەن ھېچنىمىنى ئويلىيالمىدىڭ ، بۇ قاپاق كاللاڭ رىشاتنى‹‹ئاچاڭنىڭ ئېرى›› نى ياخشى كۆرۈشتىن باشقىغا ئىشلىمىدى ، مۇھاببەت سېنىڭ كۆزۈڭنى قارغۇ قىلىپ قويغاچقا، شۇ مۇھاببەتكە بالدۇر ئېرىشكەن ئاچاڭنى كۆرمىدىڭ ، سەن ياخشى كۆرۈپ قالغان ئەرنى ئاچاڭنىڭمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا ئاچاڭنىڭ ئېرى ئىكەنلىكىنى كۆرەلمىدىڭ ، ئەمدى قانداقلا قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ ،مەن رىشات ئۈستىدىن داۋا قىلىپ ،ئۇنى سولىتىۋەتسەم ساڭىمۇ ، ماڭىمۇ پايدىسىز ، بولۇپمۇ ساڭا بەكراق پايدىسىز ، چۈنكى سەن دېگەن تېخى توي قىلمىغان قىز ،مەن ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىدىن گۇمانلانغان ، لېكىن مەدىنە دېگەن مېنىڭ سىڭلىم ، رىشات دېگەن ئۇنىڭ ئاچىسىنىڭ ئېرى دەپ ئويلاپ سېنىڭ بۇنداق قىلىشىڭغا پەقەتلا ئىشىنمىگەن ئىدىم ، مەن نېمە دېگەن دۆت ، نېمە دېگەن ساددا -ھە ،ئىككىڭلار بۇرنۇمنىڭ ئاستىدىن ئۆمىلەپ يۈرۈپ ئويۇن ئوينىساڭلارمۇ ، مەن يەنىلا ساڭا ، ئۇنىڭغا ‹‹ئۇلار ئۇنداق قىلمايدۇ ›› دەپ ئىشىنىپ ئۆزەمنى بەزلەپ يۈرۈپتىمەن ، خەير ، ئۆتكەن ئىشقا سالىۋات ، مىڭ قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ ، سەن يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن يېڭى خىزمەت ئورنىغا بارىسەن ،ئۇ يەرگە بېرىپ ئىشنىڭ ئالدى -كەينىنى ئىگىلەپ بولغىچە مەن رىشاتتىن ئاجرىشىپ بولىمەن ، ئۇ كەچتە ئۆيگە كەلسە ئۇنىڭغا ئاجرىشىش توغرۇلۇق ئۆزەم ئېغىز ئاچىمەن ، مەن ئاجراشمىسام ، سەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلالمايسەن ، ئۇ ۋاقىتتا قورسۇقۇڭدىكى بالا دادىسىز تۇغۇلۇپ قالىدۇ -دېدى مەرزىيە،ئاچىسىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغان مەدىنە ئۆزىنىڭ ئەقىلسىزلىكىگە يەنە بىر قېتىم پۇشايمان قىلىپ ياش ئاققۇزۇپ تۇرۇپ ئاچىسىدىن كەچۈرۈم سورىدى ،لېكىن ئۇ مەيلى قانداقلا قىلمىسۇن بەرىبىر بولار ئىش بولغان ئىدى ،كەچتە مەرزىيە رىشاتقا ئاجرىشىش توغرۇلۇق يىغلاپ تۇرۇپ ناھايتى تەستە ئېغىز ئاچتى ،رىشات دەسلەپتە مەرزىيە ‹‹ ئاجرىشىپ كېتەيلى ›› دېگەندە ئۆزلىرىنىڭ ئىشىنى ئۇقمايدۇ دەپ قاراپ ئازىراق چىچاڭشىپ باقتى ، كېيىن مەرزىيە يىغلاپ تۇرۇپ، مەدىنە بىلەن ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا كۈندۈزى يۈز بەرگەن سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى دېگەندىن كېيىن، مەرزىيەنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولغانلىقىنى ئۇقۇپ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى ،ئۇمۇ مەرزىيەدىن قايتا -قايتا كەچۈرۈم سورىدى ، لېكىن مەرزىيە ئاجرىشىپ كېتىش توغرىلىق چىڭ تۇردى ، شۇ كۈنى كېچە بۇ بىر ئۆيلۈك ئۈچەيلەننىڭ ئۆتكۈزگەن ئەڭ ئازابلىق كېچىسى بولۇپ قالدى ،ئەتىسى مەرزىيە مەكتىپىدىن رۇخسەت سوراپ كەلدى ۋە ئاجرىشىش ئىلتىماسىدىن بىر پارچە يېزىپ تەييارلىدى ،رىشاتمۇ ئىدارىسىدىن رۇخسەت سوراپ كەلدى ، ئۇلار بىر -بىرنىڭ ئالدى -كەينىدە ئۈن -تۈنسىز مېڭىپ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشتى ، شۇنداق قىلىپ،ئاچىسىنىڭ ئېرى ئەمدىلىكتى سىڭلىسىنىڭ ئېرى بولماقچى ئىدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" ?, M" M% }/ ^" L
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& C' R5 x( L* x2 w! L" Bتۈگىدى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; B4 x/ F, x/ s5 a; Xبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& Q3 O8 J, `. h" n. K5 N8 d" f6 H. [
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: K. i. q+ j& b$ m7 @
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-21 08:15 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% E3 M6 G. A4 v8 @
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ a n8 Z' j5 E7 W! v, S. x