مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2124|ئىنكاس: 15

قارتىدىكى تارىخ ۋە مەدەنىيەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99369
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 87
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 05:00:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قارتىدىكى تارىخ ۋە مەدەنىيەت


مەقسۇت ئەمىن ئەركيار


قارتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيتىگە قاچان،كىم تەرىپىدىن ئېلىپ كىرىلگەنلىكى نامەلۇم. لېكىن،بىزگە خېلى ئۇمۇملاشقان ۋەئويناش ئۇسۇلى يەرلىكلەشكەن بىرخىل كۆڭۈل ئېچىش تۈرى.90-يىللاردىن بۇرۇن تۇغۇلغانلارغا بەلكىم تەسىرى چۇڭقۇر بولۇشى مۇمكىن. ھازىرقىدەك كومپيۇتېر ۋە باشقائۇيۇنچۇقلار يوق مەزگىللەردە قارتا ئويناش بىزدە خېلى ئۇمۇملاشقان بىرخىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيتى ئىدى. چوڭلاردىن تارتىپ بالىلارغىچە يۇرتىمىزنىڭ شەھەرلىرىدە،يېزا-قىشلاقلارنىڭ دوقمۇشلىرىدا قارتا ئوينايدىغانلارنى كۆرگىلى بولاتتى.ھازىر بۇ ئۇيۇن تۈرى زامانىۋىيلىشىپ كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ تۈرتكىسىدە كومپيۇتېر دېتالى بىلەن يېڭىچە ئويناش ئۇسۇللىرى ۋە قىزىقارلىق،كۆرۈنمىلىك ئىكران ئۈنۈمى بىلەن بىز بىلەن ئۇچراشتى ھەتتا ئاشۇ قارتىغا (دۇدىجۇغا) زىيادە بېرىلىپ كېتىپ،جەمئىيەتتە نۇرغۇن ئىجتىمائى بۆھرانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋاللارنىمۇ ئۇچراتتۇق.

بىزدە ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان ھېكمەتلەر نۇرغۇن.شۇنىڭ ئىچىدە « ئويلاپ ئوينا»دېگەن سۆزمۇ ئۇچرايدۇ.لېكىن،ئويلاپ ئوينىدۇقمۇ،نېمىنى ئويلاپ نېمىنى ئويلىمىدۇق،بۇنىسى ھەركىمنىڭ ئۆزىگە ئايان.

بىز قارتىنى ئوينايمىزۇ،مەنىسىنى بىلمەيمىز.ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن بىلىملەردىن،مەدەنىيەت ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشلەردىن بىخەۋەرمىز.بۇ ئەھۋالدىن ئاز-تولا ئۇچۇر بېرىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى تەييارلىدۇق . كەمتۈك تەرەپلىرىنىڭ كەڭ تورداشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بىلەن تۇلۇقلىنىپ كېتىدىغانلىقىغائىشىنىمىز. ئۇنداقتا بۇ ھەقتىكى بايانلىرىمىزنى باشلاپ كەتتۇق.بايانلىرىمىزدىن ئاز-تولا نەپكە ئىگە بولغاندا،يازما ئاپتۇرىنىڭ كېچىلەپ ئۇيقۇنى قۇيۇپ ماتېرىيال ئىزدەپ بۇ تېمىنى تەييارلىغىنىنى ئەسكە ئېلىشقايسىلەر.

بىر قول قارتتا 52تال قەغەزبولىدۇ. بۇ بىريىلدا52ھەپتە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ئىككىسى قوشۇمچە قارت بولۇپ،قىزىل ۋاڭ(چوڭ ۋاڭ) قۇياشنى،قارا ۋاڭ(كىچىك ۋاڭ) ئاينى بىلدۈرىدۇ. بىريىلداباھار،ياز،كۈز،قىشتىن ئىبارەت تۆت پەسىل بولغاچقا،ئۇلار ئايرىم-ئايرىم قاغا،تاپان،چىتتىر،غىچ دەپ تۆتكە ئايرىلغان.بۇلاردىن تاپان بىلەن غىچ كۈندۈزنى بىلدۈرىدۇ؛قاغا بىلەن چىتتىر(ياكى چىللىك) قاراڭغۇنى(كېچىنى)بىلدۈرىدۇ.

ھەربىر پەسىلدە 13ھەپتەبولىدۇ،شۇڭا ھەربىر رەڭدە 13خىل قەغەز بولىدۇ.ھەربىر پەسىل تەخمىنەن91كۈن،13تالقە غەزنىڭ نۇمۇرسانىنى جەملىسە 91غا تەڭ.قارتتا K،Q،Jلار جەمئىي 12تال،بۇ 12ئايغا ۋەكىللىك قىلىپلا قالماي،بىر يىلداقۇياشتىن ئۆتىدىغان12 يۇلتۇز تۈركۈمىنى بىلدۈرىدۇ.

ئەڭ دەسلەپكى قارت پال سېلىش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن.ئەينى ۋاقىتتا قارتتىكى تۆت رەڭنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەنىسى بولغان.قاغا ــزەيتۇن يۇپۇرمىقىنىڭ رەڭگىگە ۋەكىللىك قىلىپ،تىنچلىق مەنىسىدە. تاپان ـــ يۈرەك شەكلىدە بولۇپ،ئەقىل-پاراسەتكە،مۇھەببەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.چىتتىر(چىللىك)ــ ئۈچقۇلاق،بۇخىل ئۈچقۇلاقنىڭ تۆتقۇلاقلىقىنى تېپىش ناھايىتى تەس،ياۋرۇپا-ئامېرىكا ئۆرپ-ئادىتىدە كىم تۆت قۇلاق تېپىۋالسا تەلىيى كېلىدۇ،دەپ قارىلىدۇ(بىزدىمۇ شۇنداق قاراشلار ۋە«مەن بەختىمنى سورايمەن،تېپىۋالسام تۆتقۇلاق»دېگەندەك ناخشىلار بار،كىمدىن كىمگە كۆچكەنلىكى ئايرىم مەسىلە).چىتتىرنىڭ مەنىسى بەخىت.غىچ ــ ئالماس شەكلىدە بولۇپ،بايلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ.كېيىنچە بۇپالچىلىق قوراللىرى ئويۇنچۇققا ئايلانغان.ئۇنىڭ پالچىلىقتىكى رولىمۇ ئاستا-ئاستا كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتىرىلىپ كەتتى.

قاغا كارول:ھەزرىتى داۋۇت(يەنىبىز بىلىدىغان داۋۇت ئەلەيھىسسالام،ئىسرائىليە قەدىم پادىشاھلىقىدا ئەڭ ئادىل پادىشاھ دەپ تەرىپلىنىدۇ)،مىلادىدىن بۇرۇنقى ئىسرائىلىينىڭ تۇنجى پادىشاھىنىڭ باش سۆرىتى.ئۇ پەيغەمبەر، پادىشاھ،ھەربىي،مۇزىكانت ۋە شائىر ئىدى.

چىتتىر كارول:ئالېكساندىرماكىدونىسكى ــ ماكىدونىيەدە ئىمپىرىيە قۇرۇپ،پېرىيسەنى مەغلۇپ قىلىپ،غەربتىكى نۇرغۇن بەگلىكلەرنى بويسۇندۇرۇپ،غەربتە مىسىرغا،شەرقتە ھىندىستاننىڭ غەربى شىمالىغىچە كېڭەيگەن.كۈچلۈك ھەم تەسىرى زور بولغان قۇدرەتلىك ئالېكساندىر ئىمپرىيسىنىڭ قۇرغۇچىسى.

غىچ كارول:تۆت كارولنىڭ ئىچىدەبىردىنبىر يانغا قاراپ تۇرىدۇ.بۇ ئىمپراتۇر قەيسەر.قەدىمقى رىمنىڭمەشھۇر،سىياسىئونى،ھەربىي مۇتەخەسسىسى.

كارلوس ئىمپىرىيسى: ئۇ قارتتىكى بىردىنبىر بۇرۇت قويمىغىنى.غەربىي ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇراياۋرۇپانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى بويسۇندۇرغان.ئۇ دىنى ھوقۇق بىلەن پادىشاھلىق ھوقۇقنى بىرلەشتۈرگەن.پۈتۈن مەملىكەتكە خىرىستىئان دىنىگە ئىشىنىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ۋە خىرىستىئان دىنىنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن،غەربىي رىم ئىمپرىيسىنى قايتا قۇرغان.

چىتتىر ماتكا: ئارگىنە.بۇ لاتىنچە ئايال پادىشاھReginaدېگەن سۆزنىڭ قايتا بىرىكىشىدىن ياسالغان.قولىدا ئەتىرگۈلنى تۇتۇۋالغان بولۇپ،ئەنگىلىيە قىزىل ئەتىرگۈلنى بەلگە قىلغان لەنكاستىر پادىشاھلىقى بىلەن ئاق ئەتىرگۈلنى بەلگە قىلغان يورك پادىشاھلىقىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن يارىشىپ بىرلىكتە تەڭ ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

غىچ ماتكا: لەيكىر خانىش. ئىنجىل «كونا ئەھد»تە ياقۇپئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى،يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ سىڭلىسى دەپ ئېلىنغان.

تاپان ماتكا: يۇدىس.بەزىلەر ئۇنى چارس1(گېرمان)نىڭ خانىشى دەپقارايدۇ.يەنە بەزىلەر ئۇنى ئىنجىلدىكى ئايال قەھرىمان يۇدىس دەپ قارايدۇ.

قاغا ماتكا:ئافىنا ـــ گىرىك ئەپسانىلىرىدىكى ئايال ئۇرۇش ئىلاھى ياكى ئەقىل-پاراسەت ئىلاھى. يۇنان پايتەختى دەل ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان.ئۇ تۆت خانىشنىڭ (ماتكا)نىڭ ئىچىدىكى بىردىنبىر قورال تۇتۇپ تۇرغىنى.

چىتتىر سالدات ـــ ئوگىر.چارلىز1نىڭ مۇھاپىزەتچىسى.

قاغا سالدات: لانسىلوت.رىۋايەتلەردىكى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەنگىليەپادىشاھى ئارتورنىڭ رېتسارى(چەۋەندىزى).

تاپان سالدات ـــ لاھىرە.چارلىز7نىڭ مۇھاپىزەتچىسى.

غىچ سالدات ـــ ھىكتور. چارلىز 1 نىڭ مۇھاپىزەتچىسى.

سەۋىيمىز ۋە ماتېرىيالىمىز چەكلىك بولغاچقا شۇنچىلىك تەييارلىدۇق . تەكلىپ-پىكىرلەر ۋە  تۇلۇقلاشلار قارشى ئېلىنىدۇ.


قوشۇمچە:

قارت قەيەردە پەيدا بولغان؟

جاۋابىمىز:

شەرقتىن غەربكە بارغانلىقى،ئاندىن يەنە غەربتە تەرەققىي قىلىپ شەرققە ئۇمۇملاشقانلىقى مەلۇم. ئەينى چاغدا ماركوپولونىڭ جۇڭگودىن ئېلىپ بارغانلىقى قەيت قىلىنغان. بەزىلەر قەدىمكى ھىندىستان ۋە ھىندى دىنىدىكى ئايال ئىلاھنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈپ،ئەڭ دەسلەپكى قارتا ھىندىستاندا بارلىققا كەلگەن،دەيدۇ. بۇ ھەقتە چۇڭقۇرلاپ ئىزدىنىپ كۆرۈشنىڭ ئەھمىيتى بولۇشى مۇمكىن.








بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-14 06:16 PM  


تۈمەن مەن ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 1290
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 23036
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 1276 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 07:01:41 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىر قول قاتتا بۇنداق كۆپ سىرلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن، خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3067
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5907
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2626 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 07:19:17 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاساسى باركەن جۇمۇ

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10490
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 07:25:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  بۇ توغۇرلۇ ق  بىلمەيدىكەنمە

شاھزاد

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10932
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2221 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 09:02:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارت ئوينايدىغانلار  بۇ يېرىنى قەتتى ئويلىمايدۇ.......  ئاددىسى مەنمۇ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن...  كىچىك ۋاقتىمىزدا ئوينايتۇق......  مانا ھازىر  7، 8 يىلچە بوپتۇ  قارتنى كۆرۈپمۇ باقماپتىمەن


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100568
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 356 سائەت
تىزىم: 2013-12-7
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 09:06:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارول ماتكا سالدات نىمىشقا ئادەملەرنىڭ باش سۈرىتى بادۇ دەپ ئويلىغان لىكىن بۇنداق مەنەلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكنمە رەھمەت سىزگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 09:19:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارتتا بۇنچىلا مەنالارنىڭ بارلىقىنى ھىچ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90741
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 594
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 09:20:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەپتىلەر توغرىسىدىكى بايانلار ئادەمنى خىلىلا قايىل قىلىدۇ،بىراق «داۋۇت» توغرۇلۇق بۇ ئۇچۇرلارنىڭ راستلىغىدىن گۇمانلىنىمەن............بولوپمۇ «داۋۇت»ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوبرازىغا قىلىنغان تۆھمەت بولوپ قالمىسىلا بولاتتى..............

دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنداقلا ئىبرەت ئامىغۇچىلارنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6992
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1963 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 09:31:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ  ئاجايىب  بىر مەنالار باركىنا....    بۇ قارت قانداق  قىلىپ جوڭگۇدىن تارقالغان بولسۇن...  ئەگەر  شەرىقتىن تارقالغان بولسا ،   ھېلىقى تۆت  كارول،سالدات ، ماتكىغا   ئۆز  كىشىللىرنىڭ رەسىملىرنى  كىرگۈزەر بولغىيتى ...  

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14417
يازما سانى: 437
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11268
تۆھپە نۇمۇرى: 654
توردا: 2485 سائەت
تىزىم: 2010-10-18
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 12:31:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا........ بىر قول قارتتا مۇنچە كۆپ بىلىمنىڭ بارلىقىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىكەنمەن ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم. مۇشۇنداق بىلىم خاراكتىردىكى تىمىلار كۆپرەك يوللانسا نىمىدىگەن ياخشى ھە !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش