قارتىدىكى تارىخ ۋە مەدەنىيەت
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
قارتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيتىگە قاچان،كىم تەرىپىدىن ئېلىپ كىرىلگەنلىكى نامەلۇم. لېكىن،بىزگە خېلى ئۇمۇملاشقان ۋەئويناش ئۇسۇلى يەرلىكلەشكەن بىرخىل كۆڭۈل ئېچىش تۈرى.90-يىللاردىن بۇرۇن تۇغۇلغانلارغا بەلكىم تەسىرى چۇڭقۇر بولۇشى مۇمكىن. ھازىرقىدەك كومپيۇتېر ۋە باشقائۇيۇنچۇقلار يوق مەزگىللەردە قارتا ئويناش بىزدە خېلى ئۇمۇملاشقان بىرخىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيتى ئىدى. چوڭلاردىن تارتىپ بالىلارغىچە يۇرتىمىزنىڭ شەھەرلىرىدە،يېزا-قىشلاقلارنىڭ دوقمۇشلىرىدا قارتا ئوينايدىغانلارنى كۆرگىلى بولاتتى.ھازىر بۇ ئۇيۇن تۈرى زامانىۋىيلىشىپ كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ تۈرتكىسىدە كومپيۇتېر دېتالى بىلەن يېڭىچە ئويناش ئۇسۇللىرى ۋە قىزىقارلىق،كۆرۈنمىلىك ئىكران ئۈنۈمى بىلەن بىز بىلەن ئۇچراشتى ھەتتا ئاشۇ قارتىغا (دۇدىجۇغا) زىيادە بېرىلىپ كېتىپ،جەمئىيەتتە نۇرغۇن ئىجتىمائى بۆھرانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋاللارنىمۇ ئۇچراتتۇق.
بىزدە ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان ھېكمەتلەر نۇرغۇن.شۇنىڭ ئىچىدە « ئويلاپ ئوينا»دېگەن سۆزمۇ ئۇچرايدۇ.لېكىن،ئويلاپ ئوينىدۇقمۇ،نېمىنى ئويلاپ نېمىنى ئويلىمىدۇق،بۇنىسى ھەركىمنىڭ ئۆزىگە ئايان.
بىز قارتىنى ئوينايمىزۇ،مەنىسىنى بىلمەيمىز.ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن بىلىملەردىن،مەدەنىيەت ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشلەردىن بىخەۋەرمىز.بۇ ئەھۋالدىن ئاز-تولا ئۇچۇر بېرىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى تەييارلىدۇق . كەمتۈك تەرەپلىرىنىڭ كەڭ تورداشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بىلەن تۇلۇقلىنىپ كېتىدىغانلىقىغائىشىنىمىز. ئۇنداقتا بۇ ھەقتىكى بايانلىرىمىزنى باشلاپ كەتتۇق.بايانلىرىمىزدىن ئاز-تولا نەپكە ئىگە بولغاندا،يازما ئاپتۇرىنىڭ كېچىلەپ ئۇيقۇنى قۇيۇپ ماتېرىيال ئىزدەپ بۇ تېمىنى تەييارلىغىنىنى ئەسكە ئېلىشقايسىلەر.
بىر قول قارتتا 52تال قەغەزبولىدۇ. بۇ بىريىلدا52ھەپتە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ئىككىسى قوشۇمچە قارت بولۇپ،قىزىل ۋاڭ(چوڭ ۋاڭ) قۇياشنى،قارا ۋاڭ(كىچىك ۋاڭ) ئاينى بىلدۈرىدۇ. بىريىلداباھار،ياز،كۈز،قىشتىن ئىبارەت تۆت پەسىل بولغاچقا،ئۇلار ئايرىم-ئايرىم قاغا،تاپان،چىتتىر،غىچ دەپ تۆتكە ئايرىلغان.بۇلاردىن تاپان بىلەن غىچ كۈندۈزنى بىلدۈرىدۇ؛قاغا بىلەن چىتتىر(ياكى چىللىك) قاراڭغۇنى(كېچىنى)بىلدۈرىدۇ.
ھەربىر پەسىلدە 13ھەپتەبولىدۇ،شۇڭا ھەربىر رەڭدە 13خىل قەغەز بولىدۇ.ھەربىر پەسىل تەخمىنەن91كۈن،13تالقە غەزنىڭ نۇمۇرسانىنى جەملىسە 91غا تەڭ.قارتتا K،Q،Jلار جەمئىي 12تال،بۇ 12ئايغا ۋەكىللىك قىلىپلا قالماي،بىر يىلداقۇياشتىن ئۆتىدىغان12 يۇلتۇز تۈركۈمىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەڭ دەسلەپكى قارت پال سېلىش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن.ئەينى ۋاقىتتا قارتتىكى تۆت رەڭنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەنىسى بولغان.قاغا ــزەيتۇن يۇپۇرمىقىنىڭ رەڭگىگە ۋەكىللىك قىلىپ،تىنچلىق مەنىسىدە. تاپان ـــ يۈرەك شەكلىدە بولۇپ،ئەقىل-پاراسەتكە،مۇھەببەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.چىتتىر(چىللىك)ــ ئۈچقۇلاق،بۇخىل ئۈچقۇلاقنىڭ تۆتقۇلاقلىقىنى تېپىش ناھايىتى تەس،ياۋرۇپا-ئامېرىكا ئۆرپ-ئادىتىدە كىم تۆت قۇلاق تېپىۋالسا تەلىيى كېلىدۇ،دەپ قارىلىدۇ(بىزدىمۇ شۇنداق قاراشلار ۋە«مەن بەختىمنى سورايمەن،تېپىۋالسام تۆتقۇلاق»دېگەندەك ناخشىلار بار،كىمدىن كىمگە كۆچكەنلىكى ئايرىم مەسىلە).چىتتىرنىڭ مەنىسى بەخىت.غىچ ــ ئالماس شەكلىدە بولۇپ،بايلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ.كېيىنچە بۇپالچىلىق قوراللىرى ئويۇنچۇققا ئايلانغان.ئۇنىڭ پالچىلىقتىكى رولىمۇ ئاستا-ئاستا كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتىرىلىپ كەتتى.
قاغا كارول:ھەزرىتى داۋۇت(يەنىبىز بىلىدىغان داۋۇت ئەلەيھىسسالام،ئىسرائىليە قەدىم پادىشاھلىقىدا ئەڭ ئادىل پادىشاھ دەپ تەرىپلىنىدۇ)،مىلادىدىن بۇرۇنقى ئىسرائىلىينىڭ تۇنجى پادىشاھىنىڭ باش سۆرىتى.ئۇ پەيغەمبەر، پادىشاھ،ھەربىي،مۇزىكانت ۋە شائىر ئىدى.
چىتتىر كارول:ئالېكساندىرماكىدونىسكى ــ ماكىدونىيەدە ئىمپىرىيە قۇرۇپ،پېرىيسەنى مەغلۇپ قىلىپ،غەربتىكى نۇرغۇن بەگلىكلەرنى بويسۇندۇرۇپ،غەربتە مىسىرغا،شەرقتە ھىندىستاننىڭ غەربى شىمالىغىچە كېڭەيگەن.كۈچلۈك ھەم تەسىرى زور بولغان قۇدرەتلىك ئالېكساندىر ئىمپرىيسىنىڭ قۇرغۇچىسى.
غىچ كارول:تۆت كارولنىڭ ئىچىدەبىردىنبىر يانغا قاراپ تۇرىدۇ.بۇ ئىمپراتۇر قەيسەر.قەدىمقى رىمنىڭمەشھۇر،سىياسىئونى،ھەربىي مۇتەخەسسىسى.
كارلوس ئىمپىرىيسى: ئۇ قارتتىكى بىردىنبىر بۇرۇت قويمىغىنى.غەربىي ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇراياۋرۇپانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى بويسۇندۇرغان.ئۇ دىنى ھوقۇق بىلەن پادىشاھلىق ھوقۇقنى بىرلەشتۈرگەن.پۈتۈن مەملىكەتكە خىرىستىئان دىنىگە ئىشىنىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ۋە خىرىستىئان دىنىنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن،غەربىي رىم ئىمپرىيسىنى قايتا قۇرغان.
چىتتىر ماتكا: ئارگىنە.بۇ لاتىنچە ئايال پادىشاھReginaدېگەن سۆزنىڭ قايتا بىرىكىشىدىن ياسالغان.قولىدا ئەتىرگۈلنى تۇتۇۋالغان بولۇپ،ئەنگىلىيە قىزىل ئەتىرگۈلنى بەلگە قىلغان لەنكاستىر پادىشاھلىقى بىلەن ئاق ئەتىرگۈلنى بەلگە قىلغان يورك پادىشاھلىقىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن يارىشىپ بىرلىكتە تەڭ ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
غىچ ماتكا: لەيكىر خانىش. ئىنجىل «كونا ئەھد»تە ياقۇپئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى،يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ سىڭلىسى دەپ ئېلىنغان.
تاپان ماتكا: يۇدىس.بەزىلەر ئۇنى چارس1(گېرمان)نىڭ خانىشى دەپقارايدۇ.يەنە بەزىلەر ئۇنى ئىنجىلدىكى ئايال قەھرىمان يۇدىس دەپ قارايدۇ.
قاغا ماتكا:ئافىنا ـــ گىرىك ئەپسانىلىرىدىكى ئايال ئۇرۇش ئىلاھى ياكى ئەقىل-پاراسەت ئىلاھى. يۇنان پايتەختى دەل ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان.ئۇ تۆت خانىشنىڭ (ماتكا)نىڭ ئىچىدىكى بىردىنبىر قورال تۇتۇپ تۇرغىنى.
چىتتىر سالدات ـــ ئوگىر.چارلىز1نىڭ مۇھاپىزەتچىسى.
قاغا سالدات: لانسىلوت.رىۋايەتلەردىكى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەنگىليەپادىشاھى ئارتورنىڭ رېتسارى(چەۋەندىزى).
تاپان سالدات ـــ لاھىرە.چارلىز7نىڭ مۇھاپىزەتچىسى.
غىچ سالدات ـــ ھىكتور. چارلىز 1 نىڭ مۇھاپىزەتچىسى.
سەۋىيمىز ۋە ماتېرىيالىمىز چەكلىك بولغاچقا شۇنچىلىك تەييارلىدۇق . تەكلىپ-پىكىرلەر ۋە تۇلۇقلاشلار قارشى ئېلىنىدۇ.
قوشۇمچە:
قارت قەيەردە پەيدا بولغان؟
جاۋابىمىز:
شەرقتىن غەربكە بارغانلىقى،ئاندىن يەنە غەربتە تەرەققىي قىلىپ شەرققە ئۇمۇملاشقانلىقى مەلۇم. ئەينى چاغدا ماركوپولونىڭ جۇڭگودىن ئېلىپ بارغانلىقى قەيت قىلىنغان. بەزىلەر قەدىمكى ھىندىستان ۋە ھىندى دىنىدىكى ئايال ئىلاھنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈپ،ئەڭ دەسلەپكى قارتا ھىندىستاندا بارلىققا كەلگەن،دەيدۇ. بۇ ھەقتە چۇڭقۇرلاپ ئىزدىنىپ كۆرۈشنىڭ ئەھمىيتى بولۇشى مۇمكىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-14 06:16 PM