مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1389|ئىنكاس: 25

ئەسەر سودىگىرى(ھەجۋى ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111591
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 58
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2014-12-9
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 08:52:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرىمبېك قاسېن ( قازاق )

ئەسەر سودىگىرى
(ھەجۋى ھىكايە)
يېقىندا، چوڭ شەھەردىكى مەلۇم نەشىرىيات ئورنىدا خىزمەت قىلىدىغان كونا تونۇشۇم بىلەن ئۇچۇرىشىپ قالدىم. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ بىلەن مەكتەپداش بولغانىدىم. ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەنلەردىن ئىدى. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا گېزىت- ژورناللاردا شىئېر- ھېكايە، تەتقىقتات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلدۇرۇپ، خېلى تونۇلغان ياش قەلەمكەشلەردىن بولۇپ قالغانىدى. نىمە ئىش بولدىكىن بىلمىدىم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نەشىر ئەپكارلىرىدا ئۇنىڭ ئىسمى خۇددى ( سۇغا چۈشكەن تاش) تەك بىردىنلا  غايىپ بولۇپ كەتتى. پاراڭ ئارىلىقىدا بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ باقاي دېگەن ئوي بىلەن :
- خېلىدىن بېرى نەشىر ئەپكارلىدار مۇبارەك نامىڭىز كۆرۈنمەيلا قالدى، ئىجادىيەت قىزغىنلىڭىز سۇسلىشىپ كەتتىمۇ نېمە؟ ياكى ئۇشاق- چۈشەك ئىشلارغا ئۆزۈمنى ئاۋارە قىلماي دەپ چوڭراق ئىشلارغا تۇتۇش قىلىۋاتامسىز – دەپ سورىدىم.
- شۇنداق دېسەممۇ بولىدۇ، بازىرى يوق نەرسىگە ئېسىلىۋىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن، ئەمما ئىجادىيەتتىن بىراقلا قول ئۈزۈپمۇ قويمىدىم ، يازغانلىرىمنى ھاجەتمەنلەرگە سېتىپ، ئاز- تولا پۇل تېپىۋاتىمەن.
- قانداقلارچە ؟ - سورىدىم مەن ھەيران بولۇپ.
- بۇنىڭ ئەجەپلەنگۈدەك نەرى بار، يازغان ئەسەرلىرىڭنى  ژورناللارغا ئۆز نامىڭ بىلەن بەرسەڭ، ئېلان قىلىنغان تەغدىردىمۇ بېرىدىغان قەلەپ ھەققى چاغلىقلا، ساقالدىكى ئاشقا قورساق تويامدۇ دەيسەن. توپلام چىقارماقچى بولساڭ، نەشىرىيات قەلەم ھەققى بەرگەننىڭ ئورنىغا، قەلەم ھەققىنى سېنىڭدىن ئالىدۇ، شۇڭا يازغانلىرىمنى ھېچ ئىككىلىنىپ تۇرمايلا باشقىلارغا سېتىۋەتتىم.
- ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ باھاسى قانداق بولىۋاتىدۇ؟
- ياخشىراق يېزىلغان، كۆلۈمى بىر قەدەر چوڭىراق پوۋېستلىرىمنىڭ باھاسى 2000 يۈەنگە يېتىدۇ. قىسقاراق يېزىلغانلىرى 1000 يۈەن ئەتىراپىدا بولىدۇ. ھېكايىلىرىمنىڭ ئالدى 500 يۈەن، كەينى ئىككى يۈز يۈەنلا.  
- ئەسەرلىرىڭىزنى كىملەر سېتىۋالىدۇ؟
- كىملەر دېدىڭما ؟ سېتىۋالىدىغانلار كۆپ. خېلى نامى بار ، ھالىنى ئات تارتالمايدىغان مەنمەنچىلەر، بەزىدە تېخى كەسپىي يازغۇچىلارمۇ ئېزدەپ كېلىپ سېتىۋالىدۇ.
- قويىڭا بۇ چاقچىقىڭىزنى _ دېۋىدىم. ئۇ
- ئىشىنىش- ئىشەنمەسلىك ئۆز ئىختىيارىڭ. بىراق بۇ سودىنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۈق مەخپىيەتلىكى بولىدۇ. ئەگەر راسلىقىنى بىلمەكچى بولساڭ، توختاپ تۇر- دېگىنىچە سومكىسىدىن بىر تۇتام قول يازمىنى چىقىرىپ، ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئاندىن ماڭا قاراپ – ماۋۇ يېقىندا يېزىپ پۈتتۈرگەن ئەسىرىم، مەيلىڭ بولسا ساڭا مۇۋاپىقراق باھادا سېتىپ بېرەي، ئەمما پۇلى نەق بولىدۇ – دېگىنچە ماڭا تەلمۈرۈپ قارىدى.
- ھاجىتى يوق ئاكا – دېدىم مەن سەل ئەيمىنىپ – مەن بۇنداق ياسالمىلىقنى ياقتۇرمايمەن – دەپ رەت قىلدىم.
- ھە... قېرىندىشىم، ئەمدى ئىشەنگەنسەن – ئۇ ھېجايغىنىچە ماڭا قاراپ قويدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى – ئىلگىرى بىر شائىر ئاكىمىزنىڭ مۇنداق بىر شېئىرى بار ئىدى، قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا  دېدى-دە شېئىرنى باشلاپ كەتتى :
كىشىنىڭ بېشىغا كېلىدۇ تۈرلۈك قىسمەت،
ھايات تۇرۇپ تەر تۆكمىسەك نە لەززەت.
يوتامنى يۇرتقا ئاتايمەن خۇددى رېلەستەك،
مېڭە زاۋۇت ، ئەقىل ئېمپورت ، تىل ئېكىسپورت.
- ئاڭلىدىڭمۇ؟ كارامەت – ھە. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ بۇ كەسپىمىز قىممەت يارىتىپ، پايدىغا ئېرىشتۈرىۋاتسا، بۇنىڭ نەرى يامان ؟ _ دېدى ئۇ شېئىرنى ئوقۇپ بولۇپ.
- ئادەتتە ، بىر پارچە ئەسەر يېزىشقا قانچىلىك ۋاقىت سەرىپ قىلىسىز؟ - مەن سوئالىمنى يەنە داۋاملاشتۇردۇم.
- ئوخشىمايدۇ ، ھېكايە يازسام كۆپ بولسا ئىككى كۈن، پوۋېستقا 10 كۈندە ئاخىرقى چېكىتىنى قويۇپ ئۈلگۈرىمەن.
- دېمەكچى بولغىنىم، ئۇلار يازغانلىرىڭىزنى ئۆزگەرتمەي، ئۆز ئەينى بويىچە ئېلان قىلامدۇ؟
- ئوخشىمايدۇ، بەزىلىرى ئېرىنمەي قوشىدىغىنىنى قوشۇپ، ئالدىغىنىنى ئېلىپ، قانات- قۇيرىقىنى ئوڭشاپ چىقىرىدۇ. يەنە بەزىلىرى چېكىت- پەشلىرىنىمۇ ئۆزگەرتمەي ئەينەن ئېلان قىلىدۇ.  
- « ئەدەبىيات_ ۋېژدانغا تاقىلىدۇ  » دېگەن گەپ بارغۇ؟ تەڭرى ئاتا قىلغان تالانتىڭىزنى تېجارەتكە ئايلاندۇرىۋالغىنىڭىز تازا قاملاشماپتۇ – دەپ ئۇتتۇرلا دېۋىدىم، ئۇنىڭ قۇيقا چېچى تىك تۇرۇپ كەتتى :
- ئۇنداق ئەقلىيە سۆزلىرىڭ ماڭا كار قىلمايدۇ. ھەممىدىن تۇرمۇش ئۈستۈن تۇرىدۇ بىلىپ قوي. مېنىڭ قانچىلىك ئېسىل ئەسەرلەرنى يېزىشىم بەرىبىر. تۆر ئىگىلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا ئورۇن بەرمەيدۇ. « كاتتىلىمىز » توغرا باھا بەرمەيدۇ. ھازىر ماڭا ئەڭ موھىمى پۇل، شۇڭا بىكار يۈرگىچە ئاز بولسىمۇ ئىككى- تۆت تەڭگە تېپىشىم كېرەك – ئۇ چالۋاقىغىنىچە سۆزىنى تۈگەتتى .
خەنزۋچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:  پولات ئامانيار
‹‹ ئىلى كەچلىك گېزىتى ›› 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 2- كۇنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huljabay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 08:55 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2031
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 12:30:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى ھى ھى  يەنە شۇ پۇل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 758
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6716
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1078 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 01:14:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەنى ئەلكۈيى تورىدا ئوقۇغان ئدىىم. بۇ توردا كۆرگەنلكىمدىن خۇرسەنمەن.

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1521
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 01:29:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداقمۇ ئادەم بارمىدۇ

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1521
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 01:30:01 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرچىنى خېلى بىلىدىكەنسىز جۇمۇ تۇرىمبېك

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105067
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1008
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2014-3-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 04:29:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا خۇدايىم مۇنداقمۇ ئادەملەر باركەن ھە

ئىت قاۋاۋىرىدۇ، كارۋان يولىغا كىتىۋىرىدۇ.....

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12410
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32471
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4469 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 04:38:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرەك قېنى سىڭگەن ئەسەرلرىنى باشقىلارغا سېتىپ بېرىدىغانلارمۇ بارمىدۇ؟


تەرجىمىسى ياخشى چىقىپتۇ....

تەشەككۈر سىزگە...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 04:39 PM  


مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90061
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1595
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 891 سائەت
تىزىم: 2013-1-14
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 05:05:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازغۇچۇلۇق جاپىسى يامان ئەمما ھالەۋېتى يوق كەسىپلەرنىڭ ئالدىدا تۇرۇدۇ..شۇڭا مال دۇنيانى ئەمەس مەنىۋىيلىكنى دوست تۇتىدىغان ،مېھنەتسىز ئەجىر قىلىدىغانلار  شۇغۇللانسا ياخشى، بولمىسا مۇشۇنداق نام ئاتاققا قۇربان قىلىۋېتىدىغان گەپ .
بەك ياخشى چىقىپتۇ بۇ ئەسەر. مۇشۇنداق ئېسىل يازمىللىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز  

دىل بېرىپ بىر دىلنى قۇل قىلالىساڭ ،ئەۋزەلدۇر يۈز قۇلنى قىلغاندىن ئازاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 230
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9532
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 376 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 09:38:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مۇشۇ كۈندە يازغۇچىلارنىڭ ھالى خاراب بولغاچقا ئامالسىز مۇشۇ يولغا مېڭىپ قېلىۋاتىدۇ،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر كەمىنەمۇ بۇرۇن تاس قالغان بىرقانچە ئەسەرنى سېتىۋەتكىلى .....ئويلىساملا ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ  

تاۋارىم سودا تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاۋات سودا تورى
http://tawarim.com/
تاۋارىم تورسودا سۇپىسدىن مال سېتىۋېلىشتا قىينالسڭىز 497499634 نومۇرلۇق ئۈندىدار ياكى كيۇكيۇنى قوشۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111591
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 58
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2014-12-9
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 10:30:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
feruq يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 01:30 PM
ئۇيغۇرچىنى خېلى بىلىدىكەنسىز جۇمۇ تۇرىمبېك

خاتا ئويلاپ قاپسىز. بۇ پولات ئاكىمىزدىڭ تەرجىمىسى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش