مىليۇنىر خىيالغا مىلەندى كۆڭلۈم 
بىر قاچا پۇشايمان سورايدۇ شېكەر ،
ساۋادسىز تۇيغۇلار قارىدى تۇزغا .
پەپىلەش روھىمنى قىلدى چاڭ-توزاڭ ،
زەمزەملىك ئېتىقاد ئايلاندى تۇزغا .
ئاق قالغان قۇرىغا قويۇپ كۆپ چېكىت ،
رەتلىنىپ قايتماقتا ئۆيىگە بۈگۈن  .
ئۈمۈدنىڭ تۇيغۇسى قېقىلار ئۇزاق ،
بەك ئۇششاق ئەنسىرەش يەشمەكتە تۈگۈن .
ياماققا ئېسىلدى ئۈمۈدۋار ئادەت ،
پۇرسەتنىڭ كۆزىگە كىرمەكتە يىڭنە .
ئورنىدىن تۇرسا دەس بىر يېڭى قامەت ،
بىر رەڭلىك ھاياجان سالماقتا گىرە .
بىھۇدە پىلاننىڭ قاچماقتا سۈيى ،
تاناسىپ تەۋرىنىش سەزمەكتە ئاغرىق .
تۆت قۇلاق بولمايلا سولاشتى ئارزۇ ،
ئەتلەنگەن غەملىرىم بولدى بالىلىق .
ۋاقىتنى تەشتەككە قىلدىم قەلەمچە ،
ئالدىراپ چىڭقىلىش بەرمىدى ئۈنۈم .
بىپەرۋا كېچىلەر چېكەر مۇخۇركا ،
مىليۇنىر خىيالغا مىلەندى كۆڭلۈم .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن 
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-7 03:28 PM